تادۇ ئۇيغۇر تېبابەت بىلوگى

پەرۋاز ئۇنۋىرسال سودا شەھەرچىسى


تونۇش: بۇ كېسەلدە بالىياتقۇ ئېغىزىدىكى قورۇغۇچى مۇسكۇللار بوشىشىپ كېڭىيىپ كېتىدۇ.
كېسەللىك سەۋەبى: سوغۇقلۇق ۋە بەلغەم ماددىسى غالىب بولۇش، كۆپ تۇغۇش، تولا جىنسى ئالاقە قىلىش، قان ئازلىق،ئۇمۇمى بەدەن ئاجىزلىقى، ئۇرۇقلۇق، قېرىلىق، بالا چۈشۈپ كېتىش ،تۇغۇت چەكلىگۈچى دورىلارنى كۆپ ئىشلىتىش قاتارلىقلار سەۋەب بولىدۇ.
كېسەللىك ئاقىۋىتى: ھامىلىدار بولمايدۇ، بالىياتقۇدىن بۇزۇق ھۆللۈك چىقىشقا باشلايدۇ.
داۋالاش: ھۆل سۇغۇق ، بەلغەم ماددىسىنى كۆپەيتكۈچى دورىلاردىن پەرھىز قىلىش، سۇغۇق سۇ، سۈت ، قېتىق قاتارلىقلاردىن پەرھىز قىلىش كېرەك.
ئەگەر بەلغەم ماددىسى غالىب بولسا ، ئاۋال بەلغەمنىڭ مۇنزىچى ۋە مۇسھىلىنى بېرىپ بولغاندىن كېيىن، داۋائىلمىشكى، جاۋارىش ئەنبەر، جاۋارىش بالادۇر، مەجۈنى سوم قاتارلىقلارنى ئىستىمال قىلدۇرۇش. بۇنىڭدىن باشقا ئاياللار جىنسى ئەزاسى كەڭەيگەنلىكىنى داۋالاش چارىسى بويىچە داۋالاش ناھايىتى ياخشى تەسىر كۆرسىتىدۇ.
بۇ كېسەلنى مەخسۇس داۋالاشتا سىناقتىن ئۆتكەن نۇسخىلار:
سۇنبۇل ، قىزىلگۈل 12گرامدىن، ئىپاردىن بىر گرام؛ دورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ داكا خالتىغا سېلىپ، ئۇخلاش ئالدىدا بالىياتقۇ ئېغىزىغا يېقىن قويىلىدۇ.
پىلپىل، خولىنجان، موزا ، ئاقىرقەرھا قاتارلىقدورىلارنى يۇمشاق سوقۇپ، داكىغا ئوراپ بالىياتقۇ ئېغىزىغا قۇيۇش كېرەك
كىندىك ئاستىغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش پايدىلىق.
تۇرسۇنوختى ھاجىنىڭ ئۇيغۇر تېبابىتىدە ئاياللار كېسەللىكلىرىنى داۋالاش قوللانمىسىدىن



قىنى ئىنكاسلىرىڭىز بولسا ئايىماي يىزىڭ.....