مانا ‹‹ ھاينى ھۇي ، توپاقنى ئۇي ›› دەپ بولغىچە، 2010 – يىلىمۇ ئۆتۈپ كېتەيلا دەپ قالدى. بۈگۈن ئۆتۈپ كەتسە 2010 – يىلىمۇ مەڭگۈلۈك تارىخقا ئايلىنىپ كېتىدۇ. بىز بولساق داۋاملىق يىللارنى قېرىتىشنىڭ كويىغا چۈشىمىز. ئەجەبكى، يىللارنى قېرىتقاچ بىز ئۆزىمىزمۇ تۇيۇپ – تۇيماي قېرىپ كېتىمىز، بۆشۈكتىن تېخى تۈنۈگۈنلا چۈشكەندەك قىلىۋېدۇق ، بۈگۈن مانا چوپ – چوڭ ئەر بولۇپ، ئوغۇز ( ئوغلۇم ) نىڭ ئاتىسى بولۇپ قالدۇق، يەنە 4 كۈندە ‹‹ تۆشۈك ›› مىزگە كىرىپ كېتىمىز. دەرھەقىقەت، ‹‹ ئۆمۈر نېمە، ئۆمۈر ئەسلىدە بىر يۇمىلاق تۈگمىچە يول، بۈشۈكىمنىڭ ئالدىدىن قەبرىم ئالدىغىچە يول ››، ھاياتتا ئەسلىگۈدەك ئىش ، يولدا ئىلغا قىلغۇدەك ئىز قالدۇرۇپ ياشاش يۈكسەلنىڭ شېرىن ئارمانلىرى، ئەلۋەتتە!
خوش ، 2010 – يىلىدا يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن قايسى ئەستىلىكلەر قالدىكىن ؟!

يۈكسەل بلوگ ئۈچۈن 2010 – يىلىدىكى 10 چوڭ ئىش

1. 5 – ئاينىڭ 14 – كۈنى ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا تور تولۇق ئەسلىگە كەلدى. پەقەت شۇندىلا يۈكسەل بلوگ قايتا تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىشنىڭ پەيتى يېتىپ كەلدى، دەپ قاراپ، 5 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ‹‹ سالام تورداش، سالام ئەل – يۇرت ›› دەپ، قايتىدىن نەشىر قىلىندى. قايتا نەشىر قىلىنغاندىن تاكى ھازىرغىچە، يۈكسەل بلوگىنىڭ ئومۇمىي زىيارەت مىقدارى 280 مىڭدىن ئاشتى. نۆۋەتتە كۈنلۈك زىيارەت ئېقىمى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 800 – 600 IP بولىۋاتىدۇ.

2. 6 – ئاينىڭ 30 – كۈنى، يۈكسەل بلوگى ئىلگىرىكى يالغۇز كىشىلىك بلوگ بولۇش تارىخىغا خاتىمە بېرىپ ، بىرلىشىش = يۈكسىلىش ( Unite = Victory ) دەپ قاراپ، بوھران بلوگى بىلەن بىرلەشتى. شۇنىڭ بىلەن يۈكسەل بلوگى ئىلگىرىكى پەقەت 1 كىشى ( مەن، يۈكسەل ) باشقۇرىدىغان، يازىدىغان ھالەتتىن، ھازىرقى بوھران ۋە يۈكسەل 2 كىشى باشقۇرىدىغان، يازىدىغان بلوگقا ئايلاندى.

3. 7 – ئايدا، ‹‹ كۈنسېرى سارغىيىۋاتقان ئۇيغۇر تورلىرى ›› ۋە ‹‹ ئۇيغۇر ئۇلىنىش تورلىرىغا ئوچۇق خەت ›› … قاتارلىق يازمىلار ئېلان قىلىنىپ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا بەلگىلىك غولىغۇلا قوزغالدى ۋە كۆپچىلىكنىڭ دىققىتى ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بۇرالدى.

4. 7 – ئاينىڭ 29 – كۈنى، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتى 2006 – يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىلھامجان ئەلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن ‹‹ ساخاۋەتلىك دىللارغا ئىلتىجا … ›› ئەيلىنىپ، مەكتەپ تەرەپنىڭ ئىلھامجانغا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ، جەمئىي 265 مىڭ يۈەن داۋالىنىش ياردەم پۇلى بېرىشى قولغا كەلتۈرۈلدى ھەمدە كەڭ جەمئىيەتتىن 60 مىڭ يۈەن ئەتراپىدا ياردەم پۇلى يىغىلدى ( بۇ پۇللارنى ساخاۋەت ئىگىلىرى بىۋاسىتە ئىلھامجاننىڭ كارتىسىغا ئۇرغان ياكى قولىغا تۇتقازغان ) . شۇ تاپتا ئىلھامجان كۇچادىكى ئائىلىسىدە داۋالىنىۋاتقان ( دوختۇرلار ئائىلىسىگە بېرىپ داۋالاۋاتىدۇ ) بولۇپ، ئىلھامجاننىڭ خاتىرىسى تولۇق ئەسلىگە كەلدى، تاماقلارنى نورمال چايناپ يېيەلەيدىغان، بېشىنى قاشلىيالايدىغان، خەت ئوقۇيالايدىغان … ھالەتكە يەتكەن. ئاللاھقا شۈكۈرىلەر بولسۇنكى ، تېلىگەنلىرىمىزنى تېپىلىپ، سەۋەبلىرىمىزگە چۇشلۇق سېۋەتلىرىمىزدە سۇ توختاۋاتاتتى، دىللار ‹‹ ئەل قوينى ئالتۇن بۈشۈك ›› ئىكەنلىكىگە تەكرار چىن پۈتمەكتە.

5. 7 – ئايدا، يۈكسەل بلوگى يەنە بىر قېتىم نەشىرىنى يېڭىلاپ ، كۈچلۈك ھەمكارچىمىز تەدبىركار ئەپەندىنىڭ تېخنىكىلىق يېتەكچىلىكىدە WordPress نەشىرىنى ئېلان قىلدى.

6. 8 – ئايدا، يۈكسەل بلوگى ئۆزىنىڭ نەشىر قىلىنىش تارىخىدا تۇنجى قېتىم ھەقلىق ئېلان مۇلازىمىتىنى يولغا قويدى. ھازىرغىچە، شىنجاڭ ئەلدوست بىئو – تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ، شىنجاڭ تىلسىم ئېلېكترون پەن – تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ، شىنجاڭ بېئەس خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى، ئۈرۈمچى سالامەت بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى قاتارلىق ئورۇنلار بىلەن ئېلان ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتتى. نۆۋەتتە يۈكسەل بلوگىنىڭ ھەقلىق ئېلان مۇلازىمىتىدىن قىلىدىغان ئايلىق كىرىمى 600 يۈەنگە يەتتى. Google AdSense دىن تور ئېچىلغان يېرىم يىلدىن بۇيان قىلغان كىرىم $100 دىن ئاشتى.

7. بۇ يىل ئىچىدە ، ‹‹ گەنسۇدىكى لاتقا – شېغىل ئاپىتى ›› ، ‹‹ پاكىستاندا ئېقىۋاتقىنى سەلمۇ ياكى كۆز ياش؟! ›› ، ‹‹ ئاپەتتىكى مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتتىكى ئاپەت ›› … قاتارلىق يازمىلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان تەبىئىي ئاپەتلەرگە ۋە ئۇنىڭ بىز ئىنسانلارغا ئېلىپ كېلىۋاتقان ئېچنىشلىق ئاقىۋېتىگە نەزەر تاشلاشقا ۋە كۆپچىلىكنى ئىنسان ۋە تەبىئەت مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئوي سۈرۈگۈزۈشكە تىرىشتۇق.

8. بۇ يىل يەنە، ‹‹ ھەمجىنىسۋازلىق ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتى ›› ، ‹‹ ئانا ›› دەمدۇ ، ‹‹ ئاپا ›› دەمدۇ ؟ … ، ‹‹ مەن ›› نىڭ قولىدىن نېمە كېلىدۇ ؟ ، ‹‹ ئوغرى ئادەم ئەمەسما؟! … ›› ، ‹‹ ياشلار ۋە جىنسىيەت : جىنسىي تەربىيە ھەققىدىكى مۇنازىرە ›› ، ‹‹ سالامنىڭ كۈچى ›› ، ‹‹ ئارزۇ قىرغاقلىرىنى بويلاپ… ›› … قاتارلىق ئۆز ئىجتىمائىيىتىمىزگە ئالاقىدار يازمىلارنى ئېلان قىلىپ ، ئوقۇرمەنلىرىمىزدە بەلگىلىك ئەكس تەسىر قوزغىدۇق.

9. 23 – نۆۋەتلىك ‹‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى ( World AIDS Day ) ›› كۈنىنىڭ ئالدى – كەينىدە، پۈتۈن زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ‹‹ ئىنساننى ئەزىزلەپ، ھاياتنى قەدىرلەيلى ! ›› باش تېمىىسىدىكى ئەيدىزگە ئالاقىدار بىلىم – ساۋاتلار، خەۋەر ئۇچۇرلار، ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ كەچۈرمىش – تەسىراتلىرىغا ئالاقىدار يازمىلارنى ئېلان قىلدۇق. بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىمىز باشقا ئۇلۇغ – ئۇششاق ئۇيغۇر تور بېكەتلىرىدىمۇ كەڭ يەر ئالدى. 12 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ، تور ساھەسىدە ئىسمى جىسمىغا لايىق بولغان ‹‹ دۇنيا ئەيدىز كۈنى ( World AIDS Day ) ›› كەيپىياتى بارلىققا كەلدى.

10 . بۇ يىل ، يۈكسەل بلوگى كەڭ بلوگگىر دوستلار، تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلىشى بىلەن ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› نى باھالاش پائالىيىتىنى مۇۋاپپەقىيەتلىك تەشكىللىدى. بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەت ، شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ، «ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى باش شىركىتى ، ئۈرۈمچى ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى ، XJCFAN شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى ، قەشقەر 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي ، ھەسەل دۇكىنى ، 890 ئېلان بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ماددىي جەھەتتىن كۈچلۈك قوللىشىغا ئېرىشتى.

يۇقىرىقىلار ، << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ 2010 – يىلىدا قالدۇرغان ئەستىلىكلىرى بولۇپ، بىز بۇ بىر يىل جەريانىدىكى تەجرىبە – ساۋاقلارنى ئەستايىدىل يەكۈنلەپ، 2011 – يىلىدا تېخىمۇ ياخشى بولغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن داۋاملىق تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز ( خۇدا خالىسا ! ) .
ئاخىرىدا ، << يۈكسەل بلوگى >> نى باشتىن – ئاخىرى قىزغىن قوللاپ – قۇۋۋەتلەپ كېلىۋاتقان كەڭ تورداشلارغا ، بلوگىر قېرىنداشلارغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز . سىلەرنىڭ قوللىشىڭىلار بولمىغان بولسا ، << يۈكسەل بلوگى >> نىڭ بۈگۈنى بولمىغان بولاتتى …

يۈكسەل بلوگى

2010 – يىلى 12- ئاينىڭ 31 – كۈنى

يوللانغان ۋاقتى: 2010-يىل 12-ئاينىڭ 31-كۈنى pm 17:21
كۆرۈلۈشى: 531 قېتىم
خەتكۈش: ، ،
يازما مەنبەسى: 1237.html  [كۆچۈرۈش]