نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئاپەتتىكى مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتتىكى ئاپەت

تولۇق نۇسخىسى

2003 – يىلى 2 – ئاينىڭ 24 – كۈنى ئەتىگەن سائەت 8 دىن 3 مىنۇت ئۆتكەندە ، قەدىمىي دىيار بارچۇقتا 6.8 بال يەر تەۋرىدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە ئارىلىقتا يۈز بەرگەن زىل – زىلە 268 ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىپ، 4000 مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە يارىلىنىشىدەك ئېغىر تالاپەتنى پەيدا قىلىپ، شىنجاڭلىقلار جۈملىدىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قەلبىدە ئىنتايىن چوڭقۇر تاتۇق قالدۇرۇپ كەتتى. ئۆزۈم ئەنە شۇ تەكلىماكاننىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان جەننەت كەبى بوستانلىق بارچۇقتا ئۆسۈپ يېتىلگەنلىكىم ئۈچۈن، شۇ قېتىملىق يەر تەۋرەش ئاپىتى قەلبىمدە مەڭگۈ ئۆچمەس ئەلەملىك خاتىرە بولۇپ قالدى…
2004 – يىلى 100 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ بېشىغا چىققان ھىندى ئوكياندا يۈز بەرگەن دېڭىز تاشقىنى، 2005 – يىلى 2000 غا يېقىن ئادەمنى ھاياتىدىن ئايرىغان ئامېرىكىدا كۆتۈرۈلگەن كاترىينا قۇيۇنى (Hurricane Katrina) ۋە شۇ يىلى پاكىستاندا يۈز بەرگەن 73 مىڭغا يېقىن ئادەمنى يۇتۇپ كەتكەن چوڭ يەر تەۋرەش، 2008 – يىلى 5 – ئاينىڭ 12 – كۈنى يۈز بەرگەن 69225 ئادەمنىڭ بېشىنى يېگەن ۋېنچۈەندىكى چوڭ يەر تەۋرەش قاتارلىقلار ئىنسانىيەت يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە دۇچ كەلگەن زور تەبىئىي ئاپەتلەر بولۇپ، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ قەلبىدە ئەلەملىك ئىز قالدۇرۇپ، ئىنسانىيەت دۇچ كەلگەن پاجىئەلىك تارىخلارنىڭ بىر قىسمىغا ئايلىنىپ كەتتى.
ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخى ئوخشاشلا ئاپەتلىك تارىخ بولۇپ، يەر تەۋرەش، كەلكۈن، دېڭىز تاشقىنى، يانارتاغ پارتلاش، قۇرغاقچىلىق، قار ئاپىتى … دېگەندەك تەبىئىي ئاپەتلەر ئاتام زامانىسىدىن تارتىپ سانسىز قېتىملاپ يۈز بېرىپ، سانسىزلىغان ئەزىز جانلارنىڭ بېشىغا چىقتى. ئىنسانىيەتنىڭ ئاپەتلىك تارىخى ئوخشاشلا مەدەنىيەت – يۈكسىلىش تارىخى بولۇپ، تەبىئىي ئاپەتلەر نۇرغۇن قېتىملاپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە گۇمران قىلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇم قىلغان بولسىمۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيىتى ئاپەتلەردىن كېيىن سانسىز قېتىملاپ قايتا قۇرۇش ، يۈكسىلىش تارىخىنى ياراتتى. ئىنسانلار ئارىسىدىكى مېھرى – مۇھەببەت، ئاپەت ئالدىدىكى قەيسەرلىك، كۈلپەت ئالدىدىكى بەرداشلىق … ھەممىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ئەڭ يارقىن تەرەپلىرىنى جۇلالاندۇرۇپ بەردى.
ئىنسانىيەت ھەر كۈنى دېگۈدەك تۈرلۈك – تۈمەن ئاپەتلەرگە ئۇچراپ تۇرماقتا. بۇ ئاپەتلەرنىڭ ئىچىدە يەر تەۋرەش، كەلكۈنگە ئوخشاش تەبىئىي ئاپەتلەرمۇ، ئۇرۇش، تېررورلۇققا ئوخشاش ئادىمىي ئاپەتلەرمۇ، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ ناچارلىشىشىدىن كېلىپ چىققان ئېكولوگىيىلىك بوھرانلارمۇ، پەن تېخنىكىلىق ئىخترانىڭ ئېلىپ كەلگەن سەلبىي تەسىرى … قاتارلىقلارمۇ بار. ئىنسانلارنىڭ پەن – تېخنىكىدا كۈنسېرى تەرەققىي قىلىشى ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تەرەققىياتىنى مىسلىسىز زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، ئىنسانىيەت ئۈچۈن بەخت يارىتىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بۇ خىل مەدەنىيەتتىكى يۈكسىلىش تەبىئەتكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش بەدىلىگە ئۆز راۋاجىنى تاپماقتا. ئىنسانىيەتنىڭ تەبىئەتتىن ئالىدىغانلىرى چەكتىن ئاشقانسېرى، تەبىئەت تەرىپىدىن ئۇچراۋاتقان جازالىرىمۇ بىر – بىرىدىن ئېغىر ۋە پاجىئەلىك بولماقتا.
مەدەنىيەت گويا قوش بىسلىق خەنجەركى، ئىنسانىيەتنى ھەم يۈكسەلدۈرەلەيدۇ ھەم ۋەيران قىلالايدۇ. مەدەنىيەتتىكى ئاپەتنىڭ زىيىنى كۆپىنچە ھاللاردا تەبىئىي ئاپەتلەردىنمۇ ئېغىر بولىدۇ…

قوم – بوران ئاپىتى سانسىز قېتىملاپ ئۆكتەملىك بىلەن بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، سۇ مەنبەسىنىڭ يېتىشمەسلىكى مەۋجۇدلۇقىمىزغا تەسىر كۆرسەتكەندە، مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى، بوستانلىقلارنىڭ قۇملىشىشى، تۈرلەرنىڭ يۇقۇلۇشى … قاتارلىق ئېكولوگىيە مەسىلىلىرى بىزگە يۈزلەنگەندە، ئېكولوگىيىلىك بىخەتەرلىك مەسىلىسى قىيامەتنىڭ بەلگە ئۇقىغا ئوخشاش، ئىنسانىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقى ۋە راۋاجلىنىشىغا ئىنتايىن كەسكىن خىرس قىلماقتا. باشقا نۇرغۇن دۆلەتلەرگە ئوخشاش ئېلىمىز جۇڭگودىمۇ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك مەسىلىسى يەنىلا ئەپسۇسلۇق ئەھۋالدا بولۇپ، ئون نەچچە خىل يېمەكلىك تەركىبىدە زەھەر بولۇش، ساغلام ئايال تۇغما غەيرى پەرزەنت كۆرۈش، مۇھىت بۇلغىنىش ئېغىر رايونلاردا راك كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغانلار كۆپ بولۇش؛ خۇڭخېدا ئېقىن قۇرۇپ ، چاڭجىياڭدا سۇ تېشىپ كەلكۈن بولۇش؛ ئورمان ئازىيىپ، سۇلۇ يەر (نەم يەر ) ئازلاپ كېتىش، تېرىلغۇ يەر كەملەپ، چۆللۇك كېڭىيىپ كېتىش، قۇم بېسىپ ، بوستانلىقلار خاراب بولۇش … تەك ئەھۋاللار ھەرۋاقىت بىزگە ئاگاھ سېگنالى چالماقتا. ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، جۇڭگو يېقىنقى 50 يىل مابەينىدە تۈرلۈك تەبىئىي ئاپەتلەرگە 25 تىرليۇن يۈەن بەدەل تۆلىگەن. قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن، يەر تەۋرەش، بىئولوگىيىلىك ئاپەت قاتارلىقلار جۇڭگونىڭ ئۈچتىن بىر ئۈلۈشىگە تەسىر كۆرسەتكەن. يېقىندا يۈز بەرگەن كان بۇلغانما سۈيىنىڭ ئېقىپ كېتىش ۋەقەسى ۋە دالىيەندىكى نېفت ئېقىپ كېتىش ھادىسىسى شۇ جايدا ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىپ، ئولتۇرۇشلۇق ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن. خۇسۇسەن، دىيارىمىز شىنجاڭنى ئېلىپ ئېيتساق، تەبىئىي ئاپەتلەر يىلدىن يىلغا قۇرۇمايۋاتىدۇ. يەر تەۋرەش، قار ئاپىتى، قۇرغاقچىلىق، كەلكۈن، چېكەتكە ئاپىتى، قۇم بوران ئاپىتى دېگەنلەر دىيارمىز خەلقىنىڭ تۇرمۇشىغا كەسكىن تەسىرلەرنى كۆرسەتمەكتە. يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنىڭ ھەممىسى جۇڭگودىكى ئېكولوگىيىلىك بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىنىڭ ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ھالدا ئىكەنلىكىگە دالالەت بولۇپ تۇرۇپتۇ.
دېھقانچىلىقتىكى قالايمىقان كېسىش ۋە سانائەتتىكى مۇھىت بۇلغىنىش جۇڭگودا ئېكولوگىيىلىك تەبىئىي ئاپەت ئۈزۈلمەي كۆرۈلۈشنىڭ 2 ئاساسلىق سەۋەبى دەپ قارالماقتا. بۇ گەپنى تېخىمۇ ئىنچىكە ئانالىز قىلغاندا، بىرى، ئۆز مەركەزچىلىك ( ئىنسانىيەتنىلا مەركەز قىلىش، تەبىئەت ۋە باشقا جاندارلارنى نەزەرگە ئىلماسلىق ) ۋە تەبىئەتنى بويسۇندۇرۇش ئىدىيىسى يۇقارقىدەك نەتىجىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. يەنە بىرى، قارىغۇلارچە GDP قوغلىشىش، بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرۈش، نەتىجە يارىتىشقا ئالدىراشتەك خاتا سىياسىي تۆھپە يارىتىش قارىشى، تەبىئەتنى قارىغۇلارچە ئېچىشقا سەۋەبچى بولۇپ، تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك تەڭپۇڭلۇقنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، تەبىئىي ئاپەتنىڭ ئۈزۈلمەي پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تەكرار ئىشارە قىلىۋاتىدۇكى، ئىنساننىڭ قىلمىشى دەل تەبىئىي ئاپەتنىڭ پەيدا بولۇش سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر. بەزى ئىجتىمائىي ئامىللار تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۋەتتى. نۇرغۇنلىغان تەبىئىي ئاپەتلەرنىڭ يۈز بېرىشى ئىنسانلارنىڭ تەبىئەتنى زىيادە بۇلاڭ – تالاڭ قىلغانلىقى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك.
ئەي ئادەملەر ئىشتقىنكى، ئىنساننىڭ كۈچى تەبىئەت ئالدىدا ھامان چەكلىكتۇر. ئىنسان تەبىئەتنىڭ بۇيسۇندۇرغۇچىسى ، ئۇنىڭ بۇزغۇنچىسى ئەمەس. بەلكى تەبىئەتنىڭ ئەڭ يېقىن ھەمكارچىسىدۇر ( شۇنداق قىلماي باشقا ھەم ئىلاجى يوق ) . شۇڭا، ئىنسانلار تەبىئىي ئېكولوگيىلىك سىستېما بىلەن ئىناق بولغان ئېكولوگىيىلىك مەدەنىيەت بەرپا قىلىشى كېرەك.
ئاپەتتىكى مەدەنىيەت بىر خىل مۇھاسىرىدىن بۆسۈپ چىقىش، قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش بولسا، مەدەنىيەتتىكى ئاپەت ئۆز – ئۆزىنى ھالاك قىلىشتۇر. بىزدە مۇھىت ئېڭى بولغاندا، ‹‹ تەبىئەت بىلەن ئىنساننىڭ بىرلىكى ›› گە بولغان ئىتىقاد بولغاندا ۋە مۇشۇ ئىدىيە – ئىتىقادنىڭ ئەمەلىيەتتىكى ئىجراسى بولغان چاغدا بىز ئۇچرايدىغان تەبىئىي ئاپەت ئاز بولىدۇ ، بۇ يۇمىلاق شارىمىزنىڭ ئەتىسى تېخىمۇ گۈزەل – پارلاق بولىدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئاپەتتىكى مەدەنىيەت ۋە مەدەنىيەتتىكى ئاپەت

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    نىمە دەيلۇق بۇ ئىشلارنى…
    داۋامىغا تەشنامىز…

  2. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ستاتىستىكىلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭدىكى 58 ناھىيە، شەھەردە كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ، 976 مىڭ ئادەم ئاپەتكە ئۇچرىغان، بىۋاسىتە ئىقتىسادىي زىيان 1 مىليارد 800 مىليۇن يۈەنگە يەتكەن.
    kelkun1
    7 – ئاينىڭ 31 – كۈنى ، پەيزىۋات ناھىيىسى گۈللۈك يېزا يالغۇز تال كەنتىدىكى ئامما ج خ خادىملىرىنىڭ ياردىمىدە كەلكۈندىن قاچماقتا.
    kelkun2
    چەرچەن ناھىيىسىدىكى ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما قاتار بولۇپ پولۇ ئالماقتا.
    kelkun3
    ھەربىي رايون خوتەن تارماق رايون ئەسكەرلىرى ۋە خەلق ئەسكەرلىرى توسمىنى مۇستەھكەملىمەكتە

    خەۋەر تەپسىلاتى : تەڭرىتاغ تورى (خەنزۇچە)

  3. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    مارالبىشى پەيزىۋاتتا 6.8 بال يەر تەۋرەش يۇز بەرگەن ۋاقىت 2003 -يىلى 2- ئاينىڭ 24 – كۇنىغۇ دەيمەن ، 2002 – يىلى ئەمەس .
    ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئكولوگىيەلىك مۇھتنى قوغداش ئېڭى نىمانداق كۇچلۇك ھە ،باغ ۋارانلارنى ،بوستانلقلارنى ، ھويلا – ئاراملارنى بەرپا قىلىپ ، ئۆزگە خاس مەدەنىيەت يارتقان ئدى .ئەمما بىز ھازىر شۇلار تىككەن دەرەخنىڭ سايىسىدا ياتتۇق ، مىۋىسىنى يىدۇق ،لىكىن يىڭىلاپ كۆچەت تىكمىدۇق .
    ئكولوگىيلىك مۇھىتقا سەل قارىشىمىزغا بىزدىكى ناچار بولغان قىممەت قارىشى سەۋەپ بولدى ، پۇل تېپىش ئۇچۇن ھەممە ئشنى قىلىۋاتىمىز ، چۇنكى ‹‹ئاق مۇشۇك قارا مۇشۇك ، چاشقان تۇتقان ياخشى مۇشۇك ››، ياخشى مۇشۇك بولۇش ئۇچۇن ھەرخىل ئامال – چارە ، تەدبىرلەر بىلەن پۇل تېپىۋاتىمىز . پۇل ھەممە نەرسىنىڭ ئۆلچىمىگە ئايلىنىۋاتىدۇ .
    ھازىرقى قىلىۋاتقان ئشلاردىمۇ ۋەقە يۇزبەرگەندىن كىيىن تولۇقلاش تەدبىرى قوللىنىۋاتىمىز ، ئشتىن بۇرۇنقى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىىز ئاز ۋە يىتەرسىز .
    ئورمانچىلىق قانۇنىدا ھەربىر پۇقرانىڭ يىلدا بەش تۇپ كۆچەت تىكىش مەجبۇريىتى بار دېيىلگەن ، ئەگەر شۇنداق بولسا ھەر يىلى بىر مىليارد500 مىليۇن كۆپرەك نۇپۇسى بار جۇڭگۇدا 7.5 مىليار تۇپتىن كۆچەت تىكىلسە ، بۇنىڭ %75 ئەي بولسا ، بىزنىڭ يىشىللىق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتىمىز ئاران %13 گە چۇشۇپ قالامدۇ ؟.
    سوغۇققان بولايلى .چىدايلى .

رادىئو ھەۋەسكارى 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟