نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

خورەك تارتىشمۇ بىر خىل كېسەللىك

ئادەتتىكى كىچىك كېسەللىكلەرگە پەرۋا قىلماسلىقتەك ئادەت كۈچى كىشىلەرنىڭ ھاياتقا خەۋپى چوڭ بولغان مۇرەككەپ ۋە ئاستا خاراكتېرلىك كېسەللىكلەرگە كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسىنى ئاشۇردى، لېكىن بىز ئانچە ئېتىبارغا ئېلىپ كەتمەيدىغان بىرمۇنچە يەڭگىل كېسەللىكلەر تەرەققىي قىلىپ، ھاياتقا تەھدىت ئېلىپ كېلىدىغان دەرىجىگە بېرىپ يېتىۋاتىدۇ. خورەك تارتىش ( 鼾症 ، Snoring  ) دەل شۇلارنىڭ بىرى. خورەك تەرەققىي قىلىپ ئېغىر دەرىجىگە بارغاندا نەپەسنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، بۇنىڭ ھاياتقا كەلتۈرىدىغان خەۋپى ئالاھىدە چوڭ بولىدۇ.

ئېغىر خورەك تارتىش ئۇخلاۋاتقاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسىلى ( 睡眠呼吸暂停综合症 ، Sleep apnea syndrome )  دەپمۇ ئاتىلىدۇ، نۆۋەتتە دۆلىتىمىز ۋە چەتئەللەردە ئوپېراتسىيە قىلىش، ئۇخلىغاندا نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابىنى تاقاپ يېتىشتىن ئىبارەت  ئىككىلا خىل ئۇسۇل ئارقىلىق بۇ كېسەلنى داۋالاۋاتىدۇ، ئەمما ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ ئۈنۈمى 50% ئەتراپىدا بولۇپ، يەنە 1-2 يىلدىن كېيىن قايتا قوزغىلىش ئېھتىماللىقى بار، نەپەسلەندۈرۈش ئەسۋابىنىڭ ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولسىمۇ ئۇنى تاقاپ يېتىش ئىنتايىن ئاۋارىچىلىق.

ئۇنداقتا بۇ كېسەل قانداق پەيدا بولىدۇ؟

نۆۋەتتە مېدىتسىنا ساھەسىدە بۇ ھەقتە ئورتاقلىققا ئىگە قاراشلار تۆۋەندىكىچە:

  1. بەدەن ئېغىرلىقى نورمال ھالەتتىن ئېشىپ كەتكەندە، يەنى سەمىرىپ كەتكەندە
  2. گال ئەتراپىدىكى بويۇن مۇسكۇللىرىنىڭ بوشاپ ئېلاستىكلىقى يوقاپ كەتكەنلىكتىن
  3. نەپەس يولىدا گۆش پەيدا بولۇپ قالغانلىقتىن پەيدا بولىدۇ.

بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئۇخلىغاندا نەپەس قىيىنلىشىدۇ، ئېغىرلاشقاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، كېچىدە چۆچۈپ ئويغىنىپ كېتىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا باش ئاغرىيدۇ، چارچاش ھېس قىلىدۇ، كۈندۈزى ئاسان مۈگدەپ قالىدۇ، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ ئىنكاسى ئاستىلاپ قالىدۇ. ئېغىر خورەك تارتىش يەنە مېڭە قان-تومۇرلار توسۇلۇش، يېرىلىش، يۈرەك، ئۆپكە ۋە مېڭىگە قان يېتىشمەسلىك قاتارلىق ئەگەشمە كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەتتا تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كېتىشتەك ئېغىر ئاقىۋەتلەرمۇ كېلىپ چىقىدۇ.

ئامېرىكا دۆلەتلىك سەھىيە تەتقىقات ئورگىنى(NIH)نىڭ ستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولغۇچىلار ئامېرىكىدا 17 مىليوندىن ئاشىدىكەن، دۆلىتىمىزدە بولسا 100 مىليوندىن ئاشىدىكەن.

ئۇخلىغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قېلىش ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى( ئېغىر خورەك تارتىش) نىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئائىلىدە داۋالاش ئۇسۇللىرى تۆۋەندىكىچە: كۆپرەك بەدەن چېنىقتۇرۇپ تۇرۇش، بەدەن ئېغىرلىقىنى ئىزچىل نورمال ھالەتتە ساقلاشقا كاپالەتلىك قىلىش، ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىچمەسلىك ۋە تاماكا چەكمەسلىك كېرەك، ئۇخلىغاندا ئوڭدىسىغا يېتىشتىن ساقلىنىش، ئىمكان بار يانچە يېتىشقا ئادەتلىنىش كېرەك.

ئەمدى ئېلاننى رەسمىي باشلايمىز:

ئۈرۈمچى سالامەت بىئو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، دىرېكتورى دوختۇر دولقۇن مامۇت جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنى بىلەن ھەمكارلىشىپ، سېمىزلىكنى داۋالاش ھەققىدىكى تەتقىقاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، يەنە خەلقئارادا داۋالاش قىيىن مەسىلە دەپ قارىلىۋاتقان ئېغىر خورەك تارتىش كېسىلىنى داۋالاش ھەققىدىكى تەتقىقات ۋە تەجرىبە ئارقىلىق، بۇ كېسەلنى داۋالاشنىڭ ئىلمىي ئاساسى ۋە نەزەرىيە سخېمىسىنى سىزىپ چىقتى ھەمدە دورىلىق ئۆسۈملۈكلەرنىڭ جەۋھىرىدىن ياسالغان، تەبىئىي تەركىبلىك دورا  DLK نى روياپقا چىقاردى. شاڭخەي دورا تەتقىقات ئورنىدىكى بىر مەسئۇل خادىم ئۇنىڭ بۇ تەتقىقات نەتىجىسىگە مۇشۇ ساھەدىكى بىر بوشلۇقنى تولدۇردى دەپ باھا بەردى.

نۆۋەتتە ئىلىم-پەننىڭ چېگراسى بولمايدۇ، كىم بالدۇر بايقىسا، ئىجاد ۋە ئىختىرا قىلسا شۇ تەشەببۇسكارلىق ئورۇنغا ئۆتكەن بولىدۇ، ئېغىر خورەك تارتىدىغان، خورەك سەۋەبلىك سالامەتلىكى تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان بىمارلارنىڭ بۇ دورىنى ئىشلىتىپ، يوشۇرۇن خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ،سالامەتلىكىنى بالدۇرراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

خورەكنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئىمكان بەرمىگەنلىك ئۆزىڭىز  ۋە باشقىلارنىڭ خاتىرجەملىكىگە تۆھپە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ . چۈنكى ساغلاملىققا كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ھەممىمىزنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە ئارزۇسى.

دورا نامى:  شىپايى خورەك جەۋھىرى

1. تەركىبى: ئامېرىكا ئادەمگىياھى، قارا ئۇرۇقلۇق چۆپ ئۇرۇقى، بۇرجۈن ئۇرۇقى، نېلۇپەر، پىچەكگۈل، ئىئوۋلېۋا دىنى، دولانا.

2.ماس كېلىدىغان كىشىلەر: ئېغىر دەرىجىدە خورەك تارتىدىغانلار، سەمىرىپ كەتكەنلەر، يۇقىرى قان بېسىم، قان شېكىرى نىسبىتى يۇقىرى كىشىلەر.

3. ماس كەلمەيدىغان كىشىلەر: ئۆسمۈر يېشىدىكى بالىلار، ھامىلدار ئاياللار شۇنىڭدەك مۇشۇ مەھسۇلاتقا زىيادە سەزگۈر كىشىلەر.

4. ئىشلىتىش ئۇسۇلى: ھەر كۈنى ئەتىگەن – كەچتە بىر كىچىك خالتا (ھەربىر كىچىك خالتا 6 گرام)، تاماقتىن ئىلگىرى قايناقسۇغا دەملەپ ئىچىلىدۇ.

5. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، مەزكۇر مەھسۇلاتنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، چوڭ تەرەتنىڭ قېتىم سانى كۆپىيىدۇ، بۇ نورمال ئىنكاس، ئىنتايىن ئاز ساندىكى بەدىنى زىيادە سەزگۈر كىشىلەردە تېرىسى قېچىشىش، قىزىرىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلىتىشنى توختاتسا تېرىدىكى زىيادە سەزگۈرلۈك ئۆزلىكىدىن يوقىلىدۇ.

[سەھىيە ئىجازەت كېنىشكا نومۇرى]  (2006)-650000_000104

[ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەت نومۇرى] 652325010005

[تەستىق نومۇرى] شىنجاڭ سەھىيە ئالاھىدە يىمەكلىك (2007) 127-نومۇر

مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 0991-8566887     13609900801

ھەر قايسى جايلاردىكى  مەسلىھەت بېرىش ۋە سېتىش ئورۇنلىرى

شايار ناھىيەسىدىن خالقجان گايىت   13119974356

باي ناھىيەسىدىن  تۇرسۇنجان تۆمۈر 15109084747

قەشقەر شەھىرىدىن مۇھەممەت تۇرسۇن ( بىرزات ھەكىم)  0998-2820877   15309982787     www.80halta.com

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: خورەك تارتىشمۇ بىر خىل كېسەللىك

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!8 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    بىر ئاڭلاپلا ئېلان ئىكەنلىكىنى بىلگەن… :lol: تېلىۋىزورلىدىمۇ ئادەمنى شۇنداق قورقۇتۇپ ئاخىرىغا كەلگەندە ھاياجانغا سالاتتى بىزنى…

  2. سەركەردە مۇنداق يازغان:

    دىققەت قىلساق بولغۇدەك جۇما

  3. رىسالەت مۇنداق يازغان:

    ئامېرىكىلىق ئالىملارنىڭ تەتقىق قىلىشچە ، ھازىر كىشىلەر ئۇخلىغاندا نەپەسنىڭ ۋاقىتلىق توختاپ قىلىشى ۋە قالايمىقانلىشىشىغا بارغانسېرى كۆڭۈل بۆلىدىكەن . چۈنكى بۇنداق كېسەللىك ئالامىتى يۈرەك كېسىلى ، سەكتە ۋە باشقا يۈرەك – قان تومۇرى كېسەللىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەن . قاتتىق خورەك تارتىش كىشىنى بىزار قىلىپلا قالماستىن ، يەنە توسۇلۇش خاراكتېرلىك نەپەس ۋاقىتلىق توختاپ قېلىش يىغىندى كېسەللىك ئالامىتىدىن ئىبارەت خەتەرلىك سىگنالدۇر . خورەك تارتىش يۈرەك زەئىپلىشىش ، سەكتە بولۇشقا سەۋەب بولىدۇ
    خورەك تارتىدىغانلاردا ئۇخلىغاندا قىسقا ۋاقىتلىق نەپەس توختاپ قېلىش ئەھۋالى كۆرۈلگەندە يۈرەك زەئىپلىشىش ۋە سەكتە كۆرۈلىدۇ .
    خورەك تارتىدىغانلارنىڭ نەپەس يولى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن كىچىك بولىدۇ ، كۈندۈزى يۇتقۇنچاق قىسمىدىكى مۇسكۇللار يىغىلىپ تۇرغاچقا ، نەپەس يولى توسۇلۇپ قالمايدۇ . لېكىن كەچتە ئۇخلىغاندا نېرۋىنىڭ روھلىنىشچانلىقى تۆۋەنلەپ ، مۇسكۇللار بوشاپ ، يۇتقۇنچاق توسۇلۇپ قالىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن ئۈستى نەپەس يولى بېسىلىپ قالىدۇ دە ، ھاۋا نەپەس يولىنىڭ تار قىسمىدىن ئۆتكەندە قاينام ھاسىل بولىدۇ ھەم تىترەش پەيدا بولىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن خورەك ئاۋازى چىقىدۇ ، ئېغىر بولغاندا نەپەس ۋاقتىنچە توختاپ قالىدۇ ۋە تەندىكى ئوكسىگېن مىقدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ ، ھورمۇن بىلەن ئادرېنالىن تېز ئېشىپ كېتىدۇ . بۇ ھورمۇنلار يۇقىرى قان بېسىمى ، يۈرەك سېلىش رىتىمى تەكشى بولماسلىق ، ھەتتا يۈرەك كېسىلى قاتارلىقلارنىڭ پەيدا قىلىدۇ . (مەنبە تەڭرىتاغ تورى)

    • رىسالەت مۇنداق يازغان:

      خورەك تارتىش ۋە دىئابېت
      ئادەم ئۇخلىغاندا خورەك تارتسا بەدەننىڭ ئوكسېگىن بىلەن نورمال تەمىنلىنىشىگە توسالغۇ بولۇپ، بەدەندىكى ئىنسۇلىن ھۈجەيرىسىنىڭ ئوكسېگىن بىلەن تويۇنۇشى ۋە ئىنسۇلىننىڭ بىرىكىشىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ –دە ، دىيابىن كېسىلىنىڭ قوزغىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . ئەگەر سىز ئۆزىڭىزدە خورەك تارتىدىغان ئادەتنىڭ بارلىقىنى سەزسىڭىز ، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈڭ ۋە داۋالاشنىڭ ياخشى پۇرسىتىنى قولغا كەلتۈرۈڭ . بولۇپمۇ جەمەتىدە دىيابىت كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بولسا ياكى سەمىرىپ كەتكەنلەر چوقۇم دىققەت قىلىش لازىم .
      ياپونىيەلىكلەر كۈندىلىك تۇرمۇش ئادىتى ۋە يېمەك –ئىچمەك جەھەتتە خاس تەدبىر قوللانغان بولۇپ ، خورەك تارتىدىغانلار دىيابىت كېسىلى پەيدا قىلىدىغان يېمەكلىكلەردىن ھەزەر ئەيلەيدۇ ، يەنى يېمەك–ئىچمەكتە قەنت مىقدارى يۇقىرى ،ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى چوڭ يېمەكلىكلەرنى كۆپ يېمەيدۇ ؛ كىشىلىك ئالاقىدە ھاراقنى ئاز ئىچىدۇ ، مۇمكىن بولسا تاماكا چەكمەيدۇ ؛ ئادەتتە ھەرىكەت قىلىشنى ئۈزمەيدۇ ، بولۇپ كەچلىك تاماقتىن كېيىن مۇۋاپىق چېنىقىدۇ . )مەنبە: تەڭرىتاغ تورى(

  4. پىغان مۇنداق يازغان:

    \ئەسسالامۇئەلەيكۇم..
    مەن مەسلھەت سۇرماقىچىتىم..يۇقاردا ئۆسمۇرلەرنىڭ ئېشىلتىشى چەكلىنىپتۇ.ئەمما مىنىڭ 6ياشقا كىرگەن قىزىم بار،قىزىم تۇغلۇپ 5ئاي ئۆتكەندىن كىيىن خورەك تارتىدىغان بوپقالغانتى،،يېشنىڭ يۇغىنىشغا ئەگىشىپ ھازىر تېخىمۇ ئېغىرلاپكەتتى.داۋالىتاي دەپ ئويلىغان بولساممۇچوڭلار 7ياشقاكرمگىچە داۋالمايدۇدەپ مىنى بەكمۇ ئارام قىلدى..مەن قانداق قىلسام بۇلار..مەسلىھەت بەرگەن بولساڭلار.بۇدوردىن باشقا ئۈسۈل بىلەنمۇ داۋالاپ ساقايتقىلې بۇلارمۇ…..

  5. بوھران مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،
    مەن دوختۇر ئەمەس، ئەمما بىلگىنىمنى دەپ باقاي. مېنىڭمۇ بىر تۇغقىنىمنىڭ قىزى كىچىكىدىن خورەك تارتىدىغان چىقىپ قېلىپ تەكشۈرتسە بۇرۇندا گۆش ئۆسىۋاپتىكەن، داۋالاشتىن قورقۇپ ھازىرغىچە سۆرەپ يۈرگەن، ھازىر 10 ياشتىن ئاشقان بالا ئىدى، يېقىندا باشقا ئىش بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىپ يەنە تەكشۈرتسە بۇرۇنقىدىنمۇ يوغىناپ كېتىپتۇ، كانايدىمۇ ياللۇغلىنىش ئېغىركەن دەپ ئوپراتسىيە قىلىش تەكلىۋىنى بەردى،ئاتا-ئانىسى كۆپ ئىككىلىنىپ ئاخىرى ئوپراتسىيە قىلدۇردى، شۇ كانايدىكى ۋە بۇرۇندىكى ئۆسىۋالغان گۆشنى قىرىپ ئېلىۋەتسىلا بولىدىغان كىچىك ئوپراتسىيە ئىكەن، 4 كۈن ياتاقتا يېتىپلا چىقىپ كەتتى، ھازىر خورەك يوقمىش. سىزمۇ بالىڭىزنى تەكشۈرتۈپ مۇشۇنداق گۆش ئۆسىۋالغان بولسا دوختۇرنىڭ مەسلىھەتى بويىچە مۇۋاپىق ۋاقىتتا ئوپراتسىيە قىلدۇرۇڭ.
    يۇقارقى دورا ئاساسلىقى سەمىرىپ كېتىش سەۋەبلىك خورەك تارتىدىغان قورامىغا يەتكەنلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ماس كېلىدۇ.

  6. ئەزىزتۈرك مۇنداق يازغان:

    باھاسىنى يازماپسىلەرمۇ نېمە؟ مەنمۇ تارتىمەن ئانچە مۇنچە.

  7. بوھران مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،
    سالامەت بىئو پەن-تېخنىكا شىركىتى تېخىمۇ كۆپ بىمارلارنى نەپكە ئېرىشتۇرۇش شۇنداقلا مەھسۇلاتنى ئاممىغا تونۇتۇش ئۈچۈن ئېتىبار باھادا سېتىش پائالىيىتى يولغا قويدى. ئون كۈنلۈك دورىنىڭ ئەسلى باھاسى 190 يۈەن بولۇپ، ھازىرقى ئېتىبار باھاسى 120 يۈەن.
    شىركەت ئادرېسى: ئۈرۈمچى يەنئەن يولى جىلى سودا شەھەرچىسى 3-قەۋەت 326-ئىشخانا
    تېلېفون: 0991-8566887 13609900801

پىغان 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟