نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ساخاۋەت ئۇچۇرلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇر بلوگىرلارغا جىددىي چاقىرىق

يۈكسەلنىڭ قېرىندىشىغا ياردەم قولۇڭلارنى سۇنۇپ قويۇڭلار !

ئۇيغۇر بلوگىرلار ئۇيغۇر تور ئىشلىرىدىكى كۆزنى چاقنىتىدىغان يېڭىدىن بارلىققا كەلگەن قوشۇن بولۇپ، تور تەرەققىياتىدىكى ئاساسىي كۈچ ۋە ئىلغار كۈچلەرنىڭ ۋەكىلىدۇر. چۈنكى بلوگىرلار بىرقەدەر پۇختا بولغان تور تېخنىكىسى ۋە پىشقان تور يېزىقچىلىق ئىقتىدارىغا ئىگە. ھەممىدىن مۇھىمى ئۇيغۇر بلوگىرلارنىڭ كۆپىنچىسىدە تور ئارقىلىق ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىش قىلىش ئىستىكى ئالاھىدە كۈچلۈك. گەپ شۇنداق بولسا ، ئۇيغۇر بلوگىرلار مەزكۇر تېمىغا جىددىي ئېتىبار قىلىشى ۋە مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرۇشى كېرەك.

بۇ مېنىڭ تور دۇنياسىغا ئاياغ باسقاندىن بېرى تۇنجى قېتىم ئۆز نامىمدىن تور ئەھلىگە مۇراجەتنامە چىقىرىشىم . بىلىمەن ، كۆپچىلىك بۇنداق مۇراجئەتنامىلەرنى تولا كۆرۈپ كۆزىگە كۆرۈنمەس، تولا ئاڭلاپ قۇلاقلارغا خۇش ياقماس بولۇپ قالدى. خۇسۇسەن مەنمۇ ئالىي مەكتەپنى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتا ئوقۇغانلىقىم، ئوقۇش پۈتتۈرۈپ يەنە شۇ دوختۇرخانا بىلەن مۇناسىۋىتى قويۇق بولغان تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتا ئىشلىگەنلكىم ئۈچۈن توردىلا ئەمەس كۆز ئالدىمدىكى نەق رېئاللىقتىمۇ تالايلاپ مۇراجەتنامىلەرنى ئاڭلىغان، ئۆز كۆزۈم بىلەن مۇراجەت ئىگىلىرىنىڭ ئەشۇ بىچارە ھالىتىنى ، ئۆز تەقدىرىنى نېمىلەرگىدۇ باغلاپ بوينى قىسىلغان، قەددى پۈكۈلگەن كىشىلەرنى تولا كۆرگەن ئىدىم. بەزىلىرىگە دەرھاللا يانچۇق كوچىلىيالىغىنىم بىلەن كۆپنىچىلىرىگە ئۇھسىنىپ قويغان ياكى ئىچىمدە ئاللاھدىن ئۇلارغا ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلغان چاغلىرىم بولغان….

ئەمما، بۇ قېتىم يەنىلا قۇلاق يۇپۇرۇپ، بېشىمىنى ئىچىمگە تىقىپ، ئاللاھدىن ئاسانلىق تىلەپ دۇئا قىلىپلا بولدى قىلىشقا كۆڭلۈم ئۇنمىدى. ئىچىمنى نېمىلەردۇر تاتلايتتى. يېشى مەندىن كىچىك، بېلى تېخى راۋرۇس قاتمىغان بىر يىگىتنىڭ كېسەللىكنىڭ چاڭگىلىدا قىينىلىۋاتقان قىزىنىڭ ئالدىدا داۋالىتىشقا ئىمكانسىز قېلىپ، تەرەپ – تەرەپكە تىپىرلاۋاتقان، ھېچبىر ئىلاجىنى قىلالماي ، كېچىلەردە ئۇلۇغ ئاللاغقا تىۋىنىپ يىغلاۋاتتقان ھالىتى ، مۇكەررەم سىڭلىمىزنىڭ ساقىيىشقا بولغان ئۈمىد، ھەممىدىن مۇھىمى ئۆز ئاتىسىغا بولغان ئىشەنچ چولپاندەك چاراقلاۋاتقان كۆزلىرىگە قاراپ، ئۆزۈمنى توختىتالمىدىم. يۈرەك – باغرىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدا ئۇزۇندىن بېرى سۈكۈتتە تۇرغان << يۈكسەل >> تولىمۇ ئۇرغۇلۇق بىر ئاۋازدا : – ياق ! يەنە سۈكۈت قىلىشقا بولمايدۇ. تۇرسۇنجان سېنىڭ قېرىندىشىڭغۇ ؟ تۇرسۇنجاننىڭ قىزى مۇكەررەمنىڭ ئۆز قىزىڭدىن نېمە پەرقى ؟ ئەجىبا سەن ئۇلارنىڭ ئاللاھدىن ئۆزگە يۆلىكى يوق ھالەتتە ئۈرۈمچىنىڭ كوچا – كويلىرىدا ھېلى خەلق ئىشلار ئىدارىسى ، ھېلى سەھىيە ئىدارىسى ، ھېلى قىزىل كىرسىت جەمئىيىتى دېگەندەك جايلاردا كىملەردىندۇ ياردەم كۈتۈپ ، بۇيۇن قىسىپ، قېقىلىپ – سوقۇلۇپ يۈرۈشىگە يەنە سۈكۈت قىلماقچىمۇ ؟ قېنى سەندىكى ئادىمىي ۋىجدان ؟ قېنى سەن ئىلگىرى << مىللەت >> << ۋەتەن >> دەپ، توۋلىغان چوقان ؟! ….

ئىختىيارسىز كونا توردىشىم سالام ھاياتنىڭ مۇنۇ سۆزلىرى ئېسىمدىن كەچتى : << ﺑﯩﺮ ئاﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﺷﯘ ئاﺩﻩﻡ ئۈﭼﯜﻥ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ! ﻣﻪﻥ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺗﯩﻜﻪﻥ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﭼﯩﺪﯨﻴﺎﻟﻤﺎﻱ ﯞﺍﺭﻗﯩﺮﺍﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪﻥ، ﺩﻭﺭﺍ ﭘﯘﺭﺍﭖ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭ، ﺑﺎﻏﺮﻯ قېتىپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ئاﺩﻩﻣﻠﻪﺭ.... ﺑﯚﺭﻩﻙ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ، ﺟﯩﮕﻪﺭ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﻩ ئاﺩﻩﻡ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺑﯩﺮ ئاﺩﻩﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﺎﻧﭽﯩﭗ ئاﻏﺮﯨﺴﺎ، ﺳﯩﻴﻪﻟﻤﯩﺴﻪ، ﮔﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎﻕ ئۆﺗﻤﯩﺴﻪ.... ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻴﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ئوﻳﻼﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ئۇﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ، ئاﻛﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﺴﯜﺭﯛﻙ ﺑﯩﺮ ئەﺭ ﺗﯘﺭﯗﭖ ﭘﯘﻝ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ ئۈﭼﯜﻥ ﻗﯩﻠﺪﻩﻙ ﺗﻮﻟﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭﮔﯩﺪﯗ ﺗﯩﺰﻻﻧﻐﯘﺳﻰ، ﻳﯧﻠﯩﻨﻐﯘﺳﻰ ﻛﯧﻠﻪﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ، ﺧﯘﺩﺍ.... ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯗ؟ ....
شۇنداق، مانا شۇتاپتا مەن بۇ مۇراجەتنامنى ئىسسىق ئۆيۈمدە، ئايالىم دەملەپ بەرگەن قەنت چاينى ئىچكەچ يوللىۋاتقىنىم بىلەن، مۇكەررەمگۈلنىڭ دادىسى تۇرسۇنجان بولسا مېھمان كۈتۈشكە كېتىدىغان پۇلنىمۇ ئىقتىساد قىلىپ ، قىزىنىڭ داۋالىنىش ئىشىغا ئىشلىتىش ئۈچۈن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىنىڭ ئىچىدىكى مەلۇم بىر بىنانىڭ كارىدورىدا ياكى پەشتاقخانىسىدا داق يەر ئۈستىدە ئاللاھغا نىدا ئەيلەپ ئۆتكۈزىۋاتقاندۇ ...

ئىشنىڭ جەريانى مۇنداق:

بالىنىڭ ئىسمى مۇكەررەم تۇرسۇن، 2007-يىلى 11-ئاينىڭ 28-كۈنى توغۇلغان. توغۇلغاندا ئوڭ تەرەپ كۆز قاپىقىدا كىچىك جاراھەتتەك بىر نەرسە باركەنتۇق، 50 كۈنلۈكتىن ئاشقاندىن كېيىن بۇ جاراھەت چوڭىيىپ، قۇلاققىمۇ تەسىر قىلغانمۇ، قۇلاقمۇ تېز دەرىجىدە چوڭۇشقا باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانىسى بالىنى يەكەن ناھىيىلىك دوختۇرخانا ۋە قەشقەر ۋىلايەتلىك 2-دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان، بۇ دوختۇرخانىلار بىردەك بالىنى يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىشنى بۇيرۇغان. ئۈرۈمچىدىكى چوڭ دوختۇرخانىلار بالىغا يۈز قىسىمىدىكى قان تومۇر ئۆسمىسى دەپ دىئاگىنوز قويغان. ئۇلار ئارىلىقتا بىر كېلىپ (ئىقتىساد يېتىشمىگەنلىكتىن )ئاددى داۋالاشلارنى قىلىپ قايىتقان ۋە بۇ يىل 3-ئايدا يەرلىرىنى سېتىپ ئازراق پۇل قىلىپ، يەنە يەكەن ناھىيىلىك دوختۇرخانا ۋە خەلق ئىشلار تارماقلىرىنىڭ يۆتكەپ بېرىشى ۋە قىيىنچىلىقى بار نامراتلارنىڭ چوڭ كېسەل داۋالىنىشنى قۇتقۇزۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ بېرىشى(10مىڭ يۈەن) بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسىغا كەلگەن. يېقىندا دوختۇرلار بالىنى 2 قېتىم ئوپراتسىيە قىلسا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدىغانلىقىنى( ئالدى بىلەن يۈز قىسىمىىدىكى قان تومۇرلارنى كېسىپ ئۇلاش ئوپراتسىيىسى قىلىدىكەن، 2-قېتىمدا بالىنىڭ ئوڭ تەرەپ يۈزىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىپ، گۆش ۋە تېرە كۆچۈرىدىكەن)، 1-قېتىملىق ئوپراتسىيە ئۈچۈن 40 مىڭ يۈەن تەييارلاشنى ئېيتقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ بىچارە ئاتا- ئانا پۇلنى تەييارلىيالمىغانلىقتىن، كارىۋاتنى قايتۇرىۋېتىپ،كەچلىرى بالا بىلەن 2-دوختۇرخانا ئۇنۋېرسال بىنانىڭ پەلەمپەي ئاستىلىرىدا تۈنەپ كۈن ئۆتكۈزگەچ تەرەپ-تەرەپلەپ چارە ئىزدىگەن.

شۇنداق قىلىپ بۇندىن 2 كۈن ئاۋۋال ئېنىمىز تۇرسۇنجان زور ئۈمىدلەر بىلەن قىزىل كىرست جەمئىيىتى بوسۇغىسىغا كېلىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ ياردەمگە مۇھتاجلىقىنى ئېيتىدۇ. ئەمما تەشكىلىي خاراكتېرلىك ھېچبىر ياردەمگە ئېرىشەلمەي، شۇ ئىدارىدا ئشىلەيدىغان قېرىندىشىمىز ياسىن ئابدۇللا ( بوھران بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ) باشچىلىقىدىكى ئاز قسىم ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ ئاز – تولا ياردىمنى ئېلىپ قايتىدۇ. بۇ جەرياندا ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى تۇرسۇنجادىن تەپسىلي ئەھۋاللارنى ئىگىلەپ، مەن بىلەن ئالاقىلىشىدۇ ۋە تور ساھەسىدە يەنە بىر قېتىملىق خالىسانە ئىئانە توپلا پائالىيىتىنى ئۇيۇشتۇرش ئارقلىق سىڭلىمىز مۇكەررەمنىڭ داۋالىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك كۈچىمىزنى قوشۇش تەكلىۋىنى بېرىدۇ … تۆۋەندە تۇرسۇنجان ۋە مۇكەررەم سىڭلىمىزغا مۇناسىۋەتلىك بىر قسىم ئىسپاتلار. بۇلارنىڭ ھەممىسى چىن بولۇپ، پېقىر يۈكسەل ۋە ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى ئىككىمىز كىشىلىكىمىز بىلەن بۇلارنىڭ چىنلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىمىز.

سىڭلىمىز مۇكەررەم

خىجالەتتىن كۆزلىرى يۇمۇلغان، ئىلاجسىزلىقتىن يۈرەكلىرى مۇجۇلغان تۇرسۇنجان قىزى بىلەن

مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار




تۇرسۇنجان مېنىڭ قېرىندىشىم ، مۇكەررەمگۈل بولسا مېنىڭ ئۆز قىزىم ياكى سىڭلىم . ئىشىنىمەنكى ، يۈكسەلنىڭ قېرىندىشى سىلەرنىڭمۇ قېرىندىشىڭلار ، يۈكسەلنىڭ قىزى سىلەرنىڭمۇ قىزىڭلار ! بىز ھېچقاچان بىرىمىزنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەن يەنە بىرىمىز ياندا قاراپ تۇرغان ئەمەس. ھەرقاچان قولىمىزدىن كېلىشىچە قېرىنداشلىق مېھرىمىزنى يەتكۈزۈشۈپ كېلىۋاتقان چىن قېرىنداشلارىمىز! ئاللاھ بىزگە شۇنچىلىك ئۇلۇغ بىر نېئمەت ئاتا قىلغانكى ، ئۇ بولسىمۇ بىر – بىرىمىزگە بولغان مېھرى مۇھەبەتتۇر. توغرا، بىز بىر – بىرىمىزنى تولىمۇ ياخشى كۆرىمىز. كېلىڭ قېرىندىشىم قولىڭىزنى ماڭا بېرىڭ ، سىڭلىمىز مۇكەررەمنى ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن شىپا تاپقۇزۋېلىش ئۈچۈن ئازغىنە قېرىنداشلىق مېھرىڭىزنى بېرىڭ ، ساخاۋەتلىك قولۇڭىزنى سۇنۇڭ، بىزنىڭ سۆيگۈمىزدىن ئېزىلگەن يۈرەكلەر ياشنىسۇن، پۈكۈلگەن بەللەر رۇسلانسۇن ، چۈشكەن باشلار ئېگىز بولسۇن !

مەن ئاخىرىدا ھەرقايسى بلوگىر دوستلارنىڭ بۇ ئىشقا سەل جىددىي مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. چۈنكى تۇرسۇنجان ھازىر پەقەت ۋە پەقەت بىزگە ئوخشاش قېرىنداشلىرىنىڭ ياردىمىگە قاراشلىق ! ئۇ سىز يانچۇقىڭىز بىلەن 10 يۈەن يوللايمۇ 20 يۈەنمۇ ياكى 50، 100 دەپ كېڭەش قىلىۋاتقان ئۇشبۇ دەملەردە بارارغا جايى يوق، كىرەگە ئۆيى يوق ھالەتتە ، 2 – دوختۇرخانا قورۇسى ئىچىدە كىملەرگىدۇ ئىلتىجا قىلىپ، كىملەرگىدۇ پەريادىنى تۆكۈپ يۈرمەكتە …

كېلىڭ بلوگىر دوستۇم ! قولىڭىزنى ماڭا بېرىڭ، بىز بىرلىكتە بۇ سىڭلىمىزنىڭ بالدۇرراق شىپا تېپىشى ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە ياردەم قولىمىزنى سۇنايلى! 10 يۈەن ، 20 يۈەن ، 50 يۈەن، 100 يۈەن ۋە ياكى سەمىمىي تىلەك – ئىلتىجالىرىمىز بىلەن بۇ گۈدەك سىڭلىمىزنىڭ بېشىنى سىيلايلى ! ئۇيغۇر تور جامەسىگە بلوگىرلار قوشۇنىنىڭ خەلقنىڭ ئوتىدا كۆيەلەيدىغان، سۈيىدە ئاقالايدىغان بىر قوشۇن ئىكەنلىكىنى ئىزھار ئېتەيلى ! ….

بالىنىڭ دادىسى تۇرسۇن ئوسمان(图尔荪奥斯曼)

ئۆز نامىدا يېزا ھەمكارلىق قەرز كوپراتىۋى(农村合作信用社) دىن ئاچقان ھېساۋات نومۇرى:1332 1185 0880 6210

يېزا ئىگىلىك بانكا ھېساۋات نومۇرى: 6228480890341217218

تۇرسۇن ئوسماننىڭ كىملىك نومۇرى: 653125198305152033

تۇرسۇن ئوسماننىڭ تېلېفون نومۇرى: 13079969482

تورداشلارنىڭ سىڭلىمىز مۇكەررەمگە ياردەم قولىنى سۇنىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن ، مەن ئۆزۈمنىڭ سودا – سانائەت بانكىسىدىكى كارتامنى قۇرۇقداپ مەخسۇس مۇشۇ ئىشقا ئاتىدىم.

سودا سانائەت بانكا كارتىسى :

ئىسىم – فامىلىسى : ئەلقەم ئىلھام ( 艾拉坎木.依郎江 )

كارتا نومۇرى : 3356 0006 9006 5309

كارتا بېجىرىلگەن ئورۇن ئۈرۈمچى شەھرى تېببىي ئۇنىۋېرسىتېت يولى تارماق بانكىسى

تېلېفون نومۇرىم: 15022975308

بلوگىرلار شەخسىي نامىدىن ياكى بلوگى نامىدىن ئىئانە قىلسا بولىدۇ. مەزكۇر پائالىيەت ئاخىرلاشقاندا ، بارچە ئۇيغۇر تور جامائىتىنىڭ ئالدىدا ساخاۋەت قىلغۇچى بلوگىرلارنىڭ بلوگىنىڭ ئىسمىنى ئاتاپ تۇرۇپ خۇلاسە چىقىرىلىدۇ.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش : ئەلقەم ئىلھام نامىدىكى پېقىرنىڭ سودا – سانائەت كارتىسى چەتئەلدىن يوللانغان ھەرقانداق ئىئانە پۇلىنى قوبۇل قىلالمايدۇ.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۇيغۇر بلوگىرلارغا جىددىي چاقىرىق

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!15 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. boghlan مۇنداق يازغان:

    ئاشۇ سەبىي سىڭلىمىز (قىزىمىز) نىڭ، ئىمكانسىز دادىنىڭ ئەھۋالىدىن تولىمۇ ئەپسۇسلاندىم. گەرچە ھازىرچە قولۇمدىن چوڭ ساخاۋەت كەلمىسمۇ، ئەمما ئازىراق بولسىمۇ كۆڭلۈمنى ئاتىدىم. مەن ئۈچۈن سودا-سانائەت بانكىسى ئارقىلىق پۇل يوللاش سەل ئەپلىك ئىكەن.

    ئۇلۇغ ئاللاھتىن ئاشۇ سىڭلىمىز (قىزىمىز) نىڭ تېزراق شىپالىق تېپىشىنى، دادىنىڭ كۆز ياشلىرىنىڭ شادلىق كۈلكىسىگە ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاللاھ ئاسانچىلىقىنى بەرگەي!
    [reply=Yuksel,2009-04-26 11:26 AM]بوغلان بلوگىنىڭ مەزكۇر چاقىرققا ناھايىتى جىددىي ۋە ئەمەلىي ئىنكاس قايتۇرغانلىقىغا مۇكەررەمنىڭ ئاتىسى تۇرسۇنجان ۋە ئۆز نامىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.
    بوغلان ئەپەندى يوللىغان 100 يۈەن تاپشۇرۇۋېلىندى، ۋاقىپ بولۇپ قېلىنغاي.[/reply]

  2. pengiyar مۇنداق يازغان:

    مەن بىر ئىچكىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بولغاچقا يەنە كېلىپ ئائىلە ئىقتىسادىممۇ دېگەندەك ياخشى بولمىغاچقا ئىلقۇت تورى http://www.ilqut.com نامىدىن 50 يۈەن سېلىۋەتتىم. قولۇمدىن كېلىدىغىنى مۇشۇنچىلىكلا ئىكەن.
    [reply=Yuksel,2009-04-26 03:11 PM]ئىلقۇت تورى نامىدىن يوللانغان 50 يۈەن تاپشۇرۇۋېلىندى. ئىلقۇت تورى مەسئۇلىغا كۆپ تەشەككۈر![/reply]

  3. تارىم مۇنداق يازغان:

    ئاز بولسىمۇ 100 يۈەن سېلىۋەتتىم. قىزىمىز مۇكەررەمنىڭ تىزراق شىپالىق تېپىشىنى تىلەيمەن.
    [reply=Yuksel,2009-04-27 10:45 PM]تارىم ئەپەندى يوللىغان 100 يۈەن تاپشۇرۇپ ئېلىندى. تارىم بلوگىنىڭ چاقىرقىمىزغا تەخىرسىز جاۋاب قايتۇرغانلىقىغا تەشەككۈر ئېيتىمىز![/reply]

  4. uyghurtekin مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، يۇكسەل ئەپەندى ، مەن يوللايدىغان ئىنكاسلارنى تارىم بلوگىغا يوللاپ بولغاچقا ، بۇيەرگە كۆپ ئىنكاس يوللىمىساممۇ بولار . ئەمما مەن ئەتە 50.00RM سالمەن . سىلىنىڭ بۇ ئشلىرىدىن بەك مەمنۇن بولدۇم . ئامان بولغايلا ! كەمىنە : ئۇيغۇرتېكىن

  5. bohran مۇنداق يازغان:

    يەكشەنبە كۈنى يېزا ئىگىلىك ئۇنۋېرسىتېتىدىن تۇرسۇن تۇرغۇن ئەپەندىنىڭ 30 يۈەن ئىئانىسىنى تۇرسۇنجاننىڭ قولىغا يەتكۈزۈپ بەردىم.
    بۈگۈن چۈشتە تۇرسۇنجان چەتئەلدىكى ئايبەر كامال خانىم western union ئارقىلىق ئەۋەتكەن 983.38 يۈەن ئىئانىسىنى تاپشۇرۇپ ئالدى.
    يەنە يەكەندىن بىر يىگىت تۇرسۇنجانغا تېلېفون قىلىپ دوست-بۇرادەرلىرىدىن 2000 يۈەندىن ئارتۇقراق ئىئانە يىغقانلىقىنى، چۈشتىن كېيىن يېزا ئىگىلىك بانكا كارتىسىغا سېلىۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپتۇ.
    شۇنداق قىلىپ يىغىلغان ئىئانە پۇلمۇ 20000 يۈەنگە يېتىپ قالىدىغاندەك تۇرىدۇ، ئەمدى بولسا بالىنى داۋالايدىغان مەسئۇل دوختۇر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىمكانقەدەر تېجەشلىك بىلەن، يازمىسىمۇ بولىدىغان دورىلارنى يازماي، قىلمىسىمۇ بولىدىغان ئارتۇقچە تەكشۈرۈشلەرنى قىلماي تۇرۇپ بالىنى ئوپراتسىيە قىلىشقا كۆندۈرەلىسەك،قوللىشىغا ئېرىشەلىسەك، بۇ ئىشمىزنىڭ داۋامىنى چىقارساق بولاتتى.
    غەيرەت قىلىڭ، يۈكسەلجان!!!!!!!! غەيرەت قىلايلى، تورداشلار!!!!!!!!

  6. aytikin مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ، مەن بۇ تىمىنى كىچىكىپ كۈرۈپتىمەن ،شۇنداق بولسىمۇ كارتامدىكى 50يۇەننى يوللىۋەتتىم ،ئاز كۆرمەي مۇكەرەم سىڭلىمىزغا تاپشۇرۇپ بەرسىڭىز . مۇمكىن بولسا كېسەللىك ئەھۋالىنى داۋاملىق توردا ئېلان قىلسڭىز ،داۋامنى ئاۋال ئاللاھ ،ئاندىن قالسا يەنە بىز كۆپچىلك بىرلىكتە ھەل قىلارمىز .(پۇل يوللىغاندا يىزىلغان ئىسمىم رىزۋانگۈل،ئاقسۇ كۇچاردىن )
    [reply=Yuksel,2009-04-28 09:45 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    رىزۋانگۈل نامىدا ئاقسۇ كۇچاردىن يوللانغان 50 يۈەن تاپشۇرۇۋېلىندى. يانفونۇمغىمۇ قىسقا ئۇچۇر كەلدى. رەھمەت![/reply]

  7. Ruslan مۇنداق يازغان:

    سىڭلىمىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشى ئۈچۈن ئاز بولسىمۇ tiznap.blogbus.com نامىدىن 100يۈەن ۋە ئۇنىڭ 9-يىللىق 14،15- سىنىپتىكى ئوقوغۇچىلىرى 190يۈەن (جەمى 290) سىلىندى
    [reply=Yuksel,2009-04-29 12:11 AM]تىزناپ بلوگى نامىدىن يوللانغان 100 يۈەن ، تىزناپ ئەپەندىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى نامىدىن يوللانغان 190 بولۇپ، جەمئىي 290 يۈەن تاپشۇرۇپ ئېلىندى. تىزناپ ئەپەندىگە ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن![/reply]

  8. qismet مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يۈكسەل ئەپەندى!
    ئۆزلىرىنىڭ بۇ ساخاۋەتلىك ئىشقا تەۋسىيە قىلغانلىقلىرىغا كۆپ تەشەككۈر!
    كەمىنىلىرى ئالدىنقى قېتىم «يەتتە قىزلىرىم خانىم – قىزلار تورى» دا يەنە بىر قېرىندىشىمىزغا ۋاكالىتەن مۇراجىئەت چىقىرىپ ، ئاز – تولا كۆڭۈل ئىزھارىمىزنى بايان قىلغان ئىدۇق.
    بۇ قېرىندىشىمىزغىمۇ «يەتتە قىزلىرىم خانىم – قىزلار تورى» ۋە «قىسمەت تور مەھەللىسى» نامىدىن ياردەم بېرىدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.
    ئۆزلىرىدىن پەخىرلىنىمىز، تېخىمۇ يۈكسەلگەيلا!
    [reply=Yuksel,2009-04-29 06:07 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    ئەتىگەندىن بېرى ئالدىراشلىقىم تۈپەيلى بەرگەن تېلېفونلىرىنى ئالالمىدىم ياكى جاۋاب قايتۇرالمىدىم. تولىمۇ خېجىلمەن، كەمىنىڭىزنى ئەيىپكە بۇيرىماسلىقڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.
    سەمىمىي تىلەكلىرىگە تەشەككۈرلەر بولسۇنكى، ئۆزلىرىگە ئوخشاش ئەھلى جامائەتنىڭ قوللاپ – قۇۋەتلىشى بولمىسا، بىزنىڭ چاقىرىقلىرىمىزنىڭ نېمە ئەھمىيىتى ، نېمە رولى بولسۇن دەيسىز؟! …
    قىسمەت بلوگى ۋە يەتتە قىزلىرىم تورىنىڭ سىڭلىمىز مۇكەررەمنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلگەنلىكىلىرىگە ئۆزەم ۋە قىزنىڭ ئاتىسى تۇرسۇنجان نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن.[/reply]

  9. Yuksel مۇنداق يازغان:

    مەزكۇر مۇراجەتنامە تۇنجى بولۇپ ئىزدىنىش تورىدا ئېلان قىلىنىپ دەل 7 كۈن ( 1 ھەپتە ) بولغاندا، تورداشلار كارتامغا يوللىغان مېھىرى مۇھەببەتلىك دىللارنىڭ شېرىن ئىلتىجا، تاتلىق ئۈمىدلىرى بىلەن يۇغۇرۇلغان پۇللارنى ئېلىپ 2 – دوختۇرخانىغا بېرىپ تۇرسۇنجان ۋە ئۇنىڭ قىزى مۇكەررەمگۈلنى يوقلىماقچى بولدۇم. كېلىشىۋالغىنىمىز بويىچە قىزىل كىرسىت جەمئىيىتىدىكى توردىشىمىز بوھران بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى مەندىن بالدۇرراق دوختۇرخانىغا يېتىپ بېرىپ، ئۇنىۋېرسال بىنا 5 – قەۋەتتىكى كارىدوردا تۇرسۇنجانلارنىڭ نەچچە كۈندىن بېرى ئوتتۇرۇپ قوپۇپ ، كەچلىرى قونۇپ يۈرگەن ھېلىقى جايدا بىزنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى مۇخبىرى ئالتۇن تارىم تور بېكىتىنىڭ مەسئۇلى نىياز قاھار ئەپەندى بولسا مىللەتلەر كوچىسى ئالدىدا مەن بىلەن بىرگە كىرىشنى نىيەت قىلىپ ساقلاپ تۇرغان ئىكەن. شۇنداق قىلىپ تۇرسۇنجان ۋە مۇكەررەمگۈللەر بىلەن قانداقتۇر بالنىتسا ئىچىدە ، كارىۋات تۈيىدە ئەمەس بالىنتسا كارىدورىدا كۆرۈشتۇق. تۇرسۇنجان ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنى كۆرۈپ بەكمۇ ھاياجانلانغاندەك ، بىزنى باشلارغا يەر تاپالماي قالغاندەك ئىدى. بىز دەرھاللا گەپنى ئاساسىي تېمىغا يۆتكەپ مۇكەررەمگۈلنىڭ نۆۋەتتىكى كېسەللىك ئەھۋالى ، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش ھەققىدىكى يېڭى پىكىرى، تۇرسۇنجان ئائىلىسىنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان قىيىنچىلىقى ھەققىدە ئەھۋال سورىدۇق. تۇرسۇنجان بۇ ھەقتىكى ئىشلارنى سۆزلىگەچ، تورداشلارنىڭ ، ئەھلى جامائەتنىڭ ئۆزىگە ، قىزى مۇكەررەمگۈلگە قىلغان غەمخورلۇقىغا ، ساخاۋەتلىك كۆڭۈللىرىگە نېمە دەپ رەھمەت ئېيتىشنى بىلەلمەي تۇرغانلىقىنى كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ھاياجانلىق ئاھاڭدا سۆزلەپ بەردى. بىز ئۇنى يەنىمۇ بەرداشلىق بولۇشقا ، كۆز يېشى قىلماستىن قىزىمىزنى ياخشى داۋالىتىش كويىدا بولۇشغا رىغبەتلەندۈردۇق. بۇ جەرياندا نىياز قاھار ئەپەندى مۇخبىرلارغا خاس كەسپىي پوزىتسىيە بىلەن بەزى تەپسىلاتلارنى سوراپ ئىگىلىدى ۋە تۇرۇسۇنجان ئائىلىسىنىڭ كارىدوردا يېتىپ قوپۇش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

    ئاندىن بىز ئىئانىلەرنىڭ يىغىلىش ئەھۋالىغا كۆچۈپ، مەن ئۆزۈم كارتىدىن چىقىرىپ تەييار قىلغان پۇل 6500 يۈەننى ياسىنجان ۋە نىياز ئەپەندىنىڭ گۇۋاھلىقىدا تۇرسۇنجاننىڭ ئۆز قولىغا تۇتقازدىم. كارتامدىكى قالغان 2100 يۈەننى بانكا ئارقىلىق تۇرسۇنجاننىڭ كارتىسىغا ئاغدۇرۇپ بېرىدىىغان بولدۇم. تۇرسۇنجان ئۆزىنىڭ كارتىسىغا يىغىلغان پۇللارنى بەزى ئېھتىماللىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ چىقىرۋېلىپ يېنىدا ساقلىغان ئىكەن. نىياز قاھار ئەپەندى بۇ پۇلنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئۆتكۈزىۋېتىپ تۇرۇش ، كۈتمىگەن كېلىشمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىۋىنى بەردى. شۇنىڭ بىلەن بىز تۇرسۇنجان بىلەن بىرگە يىغىلغان بارلىق پۇلنى جەمئىي 22100 يۈەن ( تۇرسۇنجاننىڭ كارتىسىدا يەنە 1000 يۈەنگە يېقىن پۇل يىغىلغان ئىكەن ئۇنى ئېلىشقا ئۈلگۈرمەپتۇ ) پۇلنى مەن ، ياسىنجان ، نىياز ئەپەندىنىڭ گۇۋاھلىقىدا دوختۇرخانىغا ئۆتكۈزدى. دوختۇرخانا ھېسابىدا تۇرسۇنجانلارنىڭ ئىلگىرى داۋالىنىشتىن ئېشىپ قالغان 10400 يۈەن پۇلى بار ئىكەندۇق. شۇنىڭ بىلەن دوختۇرخانىغا تاپشۇرۇلغان جەمئىي پۇل 32500 بولدى. بۇندىن باشقا مېنىڭ كارتامدا 2000 يۈەن ، تۇرسۇنجاننڭ كارتىسىدا يەنە 1000 يۈەن بولۇپ غەملەنگەن جەمئىي پۇل 35500 يۈەن بولۇپتۇ. ئومۇمىي داۋالىنىش خىراجىتىگە پەقەت 4000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل كەمچىل ئىكەن. دوختۇرلار يەنىلا 40 مىڭ يۈەن تەق قىلىنمسا داۋالاشنى باشلاشقا ئىمكانسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپتۇ. نىياز قاھار ئاكىمىز 40 مىڭ يۈەن تەييار بولغان ھالەتتىمۇ داۋالىنىش چىقىمىنىڭ ئۇنىڭدىن ئېشىپ كېتىش مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ، ئىئانە توپلاش ئىشىنى يەنىلا داۋاملاشتۇرۇش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئۆزى يەنە بىر قېتىم ئۈرۈمچى كەچلىك گېزى تەشكىلىگە ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ، كەچلىك گېزىتتە مۇراجەتنامە چىقىرىش ئىشىغا كۈچەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

    بىز بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنى باشلاپ دوختۇرخانا ئالدىدىكى ئاشپۇزۇلدا تاماق يېگەچ ئۇلار بىلەن بەھۇزۇر مۇڭداشتۇق. تۇرسۇنجان بىلەن قېرىنداشتەك بولۇپ كەتكەندەك ئىدۇق. مۇكەررەمگۈل بولسا شۇنچىلىك تاتلىق ، شۇنچىلىك ئۇماق قىزكەنكى ھەممىزنىڭ ئىچى كۆيۈپ كەتتى. تاماق يەۋاتقان مەزگىلىمىزدە بىر ئوتتۇرا ياشلاردىكى كىشى ئۆزىنىڭ بۇ سىڭلىمىزنىڭ رەسىمىنى توردا كۆرگەنلىكىنى ، ياردەم قىلىش نىيىتىدە يۈرگەنلىكىنى ئېيتىپ تۇرسۇنجاننىڭ قولىغا 100 يۈەن تۇتقۇزۇپ قويۇپ كېتىپ قالدى، كىملىكىنى سورىغان سۇئالىمىز ئىلگىرىكىدەكلا جاۋابسىز قالدى. ھەممەيلەن بىر – بىرىمىزگە قاراپ قالدۇق. تۇرسۇنجان ۋە ئۇنىڭ ئايالىنىڭ كۆز چاناقلىرىدا ياش تامچىلىرى لىغىرلايتتى …

    شۇنداق قىلىپ تاماقلىنىپ بولۇپ كۆزلىرىمىز قىيمىغان ھالدا خوشلاشتۇق. مۇكەررەمگۈل ئەقىللىقلىقىدىن بىزنىڭ خۇشلاشماقچى ئىكەنلىكىمىز بىلىپ ، بىز خوش دېمەستە قوللىرىنى پۇلاڭشىتىپ خوش دەپ كەتتى. ئىچىم كۆيۈپ ۋوي قىزىم ، تاتلىق قىزىم دەپ مەڭزىلىرىگە سۆيدۈم …. ئىچىمدە ئاللاھدىن ئۇنىڭ بالدۇرراق شىپا تېپىشىنى تىلىدىم.

  10. pomzak مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ سىڭلىمىزنىڭ تىزراق ئەسلىگە كىلىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.

  11. erturk مۇنداق يازغان:

    مەن (ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد) ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگى http://www.erturk.cn/ نامىدا 200.00 يۈەن سېلىۋەتتىم. ۋاختىدا تەكشۇرۇپ باققايسىز.
    [reply=Yuksel,2009-05-02 01:23 PM]ئەرتۈرك ئاكىمىز يوللىغان ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگى نامىدىكى 200 يۈەن تاپشۇرۇپ ئېلىندى. ئەرتۈرك ئاكىمىزغا كۆپ رەھمەت! ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگىنىڭ كۈنسېرى يۈكسىلىشىنى تىلەيمىز![/reply]

  12. Yuksel مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر بلوگىرلاردىن ھازىرغىچە سىڭلىمىز مۇكەررەمگە ساخاۋەتلىك قولىنى سۇنغۇچىلار تىزىملىكى :

    1. بىر زات ئەپەندىنىڭ 80 خالتا تورى 500 يۈەن
    2. بوھران بلوگى 100 يۈەن
    3. بوغلان بلوگى 100 يۈەن
    4. يۈكسەل بلوگى 100 يۈەن
    5. ئىلقۇت تورى 50 يۈەن
    6. تارىم بلوگى 100 يۈەن
    7. ئۆگىنىش بلوگى 202 يۈەن
    8. تىزناپ بلوگى 100 يۈەن
    9. ئەرتۈرك ئەسەرلىرى بلوگى 200 يۈەن

    قەرەلسىز يېڭىلىنىدۇ ….

  13. aytikin مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم يۈكسەل ئەپەندى، ھازىر مۇكەرەم سىڭلىمىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى قانداقراق؟ قارىسام 5- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن كىين ئىئانە ياكى كېسەللىك ئەھۋالى توغرىسىدا بىرەر سۆز يوق ،مۇمكىن بولسا داۋالىنىش ئەھۋالىدىن بىزنىمۇ خەۋەردار قىلىپ تۇرسىڭىز ،ئاز بولسىمۇ 100يۇەن يوللىۋەتتىم ،سىڭلىمىزغا تاپشۇرغاچ ،مەن ئۈچۈن بىرنى سۈيۈپ قويسىڭىز ، ئاز بولسىمۇ يەنە كۆڭلىمنى ئىزھار قىلىپ تۇرىمەن .ئاللاھتىن سىڭلىمىزنىڭ كېسىلىگە شىپالىق تىلەيمەن.

  14. aytikin مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم يۈكسەل ئەپەندى،تۇنۇگۇن سىزگە سۆز قالدۇرغان ئىدىم ،قارىسام ھازىرغىچە جاۋاپ يوق ،مۇمكىن بولسا ئىنكاسقا جاۋاپ قايتۇرغان بولسىڭىز ،پۇلنى تاپشۇرۇپ ئالدىڭىزمۇ ؟ خەۋەردار بۇلۇپ قالغان بولسام .(ئاقسۇ ،كۇچار ،رىزۋانگۈل)
    [reply=Nursel,2009-05-14 11:52 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، رىزۋانگۈل ھوشۇر نامىدا يوللانغان 100 يۈەن پۇل تاپشۇرۇۋېلىنىپ، مۇكەررەمگۈلنىڭ ئاتىسى تۇرسۇنجاننىڭ قولغا يەتكۈزۈلدى. سىزگە كۆپ رەھمەت. ئالدىراشلىقىمىز ۋەجىدىن ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرەلمىگىنىمىزدىن كۆپ خېجىلمىز!
    يۈكسەل[/reply]

  15. aytikin مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم يۈكسەل ئەپەندى ،مۇمكىن بولسا مۇكەرەم سىڭلىمىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلغان بولسىڭىز .
    [reply=Yuksel,2009-05-18 03:26 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، كۆپچىلىكنىڭ سىڭلىمىز مۇكەررەمنىڭ داۋالىنىش – كېسەللىك ئەھۋالىغا شۇنچىلىك ئېتىبار قىلىشقانلىقلىرىغا كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر. بۇ ھەقتە مۇشۇ ھەپتە ئىچىدە ئايرىم تېما يوللانغۇسى( خۇدا خالىسا ). دىققىتىڭىز داۋاملىق يۈكسەل بلوگىدا بولغاي![/reply]

aytikin 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟