نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

پەخىرلىك دوكتور خالمۇرات غوپۇر ‹‹ ئىلىم – پەن ۋاقىت گېزىتى ›› دە

يۈكسەل ئىلاۋىسى : جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيىسى باشقۇرۇشىدىكى «ئىلىم-پەن ۋاقىت گېزىتى» جۇڭگۇ ئىلىم – پەن ساھەسىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق تاراتقۇ بولۇپ، مەزكۇر گېزىت مۇخبىرلىرى بۇ يىل 5 – ئايدا ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلانى ــ دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنى زىيارەت قىلىپ، «جۇڭگو- ئۇيغۇر- غەرب تېبابىتى خاسلىقىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيىلىك تېببىي ئالىي مەكتەپ قۇرۇپ چىقايلى» تېمىسىدىكى زىيارەت ماقالىسىنى ئېلان قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا، 7-ئايدا «ئىلىم-پەن ۋاقىت گېزىتى» مۇخبىرلىرى دوكتۇر خالمۇرات غۇپۇر بىلەن ئېلىپ بارغان يەنە بىر قېتىملىق مەخسۇس زىيارەت ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ئىلىم ساھەسى ۋە ئالىي مائارىپ ساھەسىدە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. ‹‹ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى ›› دە ئۇشبۇ زىيارەت ماقالىسى ئۇيغۇرچە تولۇق تېكىستى بىلەن ئېلان قىلىنغان ئىدى. يۈكسەل بلوگى مەزكۇر زىيارەت ماقالىسىدىن نادىر سۆھبەتلەرنى تاللاپ، ئوقۇرمەنلەر ھوزۇرىغا سۇندۇق. 

«ئىلىم-پەن ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 2010 -يىل 7-ئاينىڭ 12- كۈنلۈك گېزىتىگە بېسىلغان زىيارەت ماقالىسى
(سۈي شۆچىن، لۇ چى، لىيۇ ۋېنشىيەن)

خالمۇرات غۇپۇر-شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى، پروفېسسور، مۇدىر ۋراچ، دوكتۇر يېتەكچىسى. جۇڭگو پەن-تېخنىكا ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ دائىمىي ئەزاسى، مەملىكەتلىك مىللىي تېبابەتچىلىك-دورىگەرلىك ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سابىق سۆۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەتلىك تېببىي پەن، ئىلىم-پەن دوكتۇرلۇق ئۇنۋانى ساھىبى. دۆلىتىمىز، ھەتتا خەلقئارا بويىچە تۇنجى بۇلۇپ، جۇڭگو- ئۇيغۇر- غەرب تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان كىشى. ئۇنىڭ يېتەكچىلىگىدىكى ئىجادچان تەتقىقات گۇرۇپپىسى ئىككى يېڭى تەتقىقات ساھەسىنى، يەنى: ئۇيغۇر تېبابىتى زامانىۋى تەتقىقاتى ۋە جۇڭگو- ئۇيغۇر- غەرب تېبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇنىۋېرسال تەتقىقات ساھەسىنى ئاچتى. ئوقۇتۇش- تەتقىقات – ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە، ئۈچ خىل ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك – دورىگەرلىك ئاپپاراتىنى قۇردى ؛ تۆت ئىلمىي تەتقىقات سەھنىسىنى بەرپا قىلدى.
شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى- قۇيۇق يەرلىك ئالاھىدىلىككە ۋە مىللىي تېببىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش خاسلىقىغا ئىگە جۇڭگو- ئۇيغۇر- غەرب تېبابىتى زىچ بىرلەشتۈرۈلگەن ئۆلكە دەرىجىلىك نۇقتىلىق تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتلارنىڭ بىرى. 2008-يىل 3-ئايدا، بۇ مەكتەپ ھازىرقى مەكتەپ مۇدىرى خالمۇرات غۇپۇرنى كۈتىۋالغانىدى، ئۇ كىشىلەرنىڭ نەزىرىدە مەكتەپ مۇدىرىلا ئەمەس بەلكى يەنە بىر ياخشى ئوقۇتقۇچى، ياخشى دوختۇر، مۇنەۋۋەر پەن-تېخنىكا خادىمى.
«تېبىي ئىلىم-بىلىمگە ۋە مېھىرىبانلىققا موھتاج بولغان ئىنسانپەرۋەرلىكنى تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ، تېببىي مائارىپنى ياخشى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ئادەمنى ئاساس، مېھىر-مۇھەببەتنى روھى تۈۋرۈك قىلىش، ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، كۆرىنەرلىك نەتىجىلەرنى يارىتىش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم». مۇدىر خالمۇرات غۇپۇر ئون نەچچە يىللىق مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى ۋە مائارىپ خىزمىتى ئىشلەش جەريانىدىكى مول تەجىرىبىلىرى ئارقىلىق، تېببىي خادىملارنىڭ مېھرىبانلىق تۇيغۇسى ۋە پەن-تېخنىكا خادىملىرىدىكى ئۆزىگە خاس سەزگۈرلۈكى بىلەن، ئۆز نەزىرىدىكى تېببىي ئىلىم ۋە تېببىي مائارىپ ئوقۇتۇشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئىلىم-پەن ۋاقىت گېزىتى: سىز شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى، مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان 12 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بېرى، تېببىي پەن ئوقۇتۇشى سىز ئىزچىل كۆڭۈل بۈلىۋاتقان ۋە سۈيۈپ كېلىۋاتقان كەسىپ، سىزنىڭچە قانداق قىلغاندا تېببىي مائارىپنى ياخشى ئېلىپ بارغىلى بۇلىدۇ؟
مۇدىر خالمۇرات غوپۇر: تېببىي پەن ئوقۇتۇشىنىڭ مۇھىم رولى جەھەتتىن قارىغاندا، تېببىي پەن ئوقۇتۇشى ئالدىنقى قاتاردا نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان مائارىپ بۇلىشى كېرەك. مائارىپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى ئۇلتاش، ساغلاملىق ئادەمنىڭ ئۇموميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىدىكى ئاساس. ياخشى بولغان مائارىپقا ئېرىشىش ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بۇلۇش خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۈلىدىغان مەسىلە شۇنداقلا ئۇموميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇش ۋە ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىشنىڭ مۇھىم مەزمونى. شۇڭا تېببىي مائارىپنىڭ مۇھىملىقى ھەممەيلەنگە مەلۇم بولغىنىدەك، دۆلەتنىڭ مائارىپ زور تەدبىرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك بۇلۇپلا قالماستىن، ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغىمۇ مۇناسىۋەتلىك، بۇلۇپمۇ كەڭ خەلق ئاممىسنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقى ۋە داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بۇلۇشقا ئىنتىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە بۇ خىل مۇھىملىق تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.
تېببىي پەن ئوقۇتۇشىنىڭ ماھىيىتىدىن قارىغاندا، تېببىي پەن ئوقۇتۇشىدا ئادەمنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادەمنىڭ ئۇموميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ئادەمنى ئاساس قىلىش- تېببىي پەن ئوقۇتىشىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ، تېببىي پەن ئىختساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈردىغان ئاساسىي قىممەت ۋە ئوبىكتىپ فۇنكىسىيەنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى تەربىيىلەشنى مەكتەپ پۈتۈن كۈچى بىلەن ئېجرا قىلىدىغان مۇھىم ۋەزىپە ۋە باش تارتىپ بولالمايدىغان ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت دەپ تۇنۇپ يېتىش لازىم، دىگەنلىكتۇر. ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى. مەكتەپنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشىدىكى مۇھىم رول ئوينىغۇچىسى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بۇلۇشى ۋە ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە پايدىلىق بولغان تەلىم-تەربىيە مۇھىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك. بىر ئالىي مەكتەپكە نىسبەتەن ئەگەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تۇتقان ئورنىغا نىسبەتەن ئېنىق تونۇش بولمىسا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق تەلىپىگە ئېتبار بەرمىسە، ئۇ ھالدا بۇ ئالىي مەكتەپ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشتىكى ئاساسنى يوقىتىپ قويىدۇ. تېببىي پەن تەبىئىي پەنگە تەۋە، بىراق تېببىي پەن ئوقۇتۇشىنى ياخشىلاشتا، تەبىئىي پەنلەر بىلەن ئىجتىمائىي پەنلەرنى چوڭقۇر بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلىم-پەن ساپاسى بىلەن ئادىمىيلىك ساپاسىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شۇڭا، تېببىي مائارىپ جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىشى بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە ئۇموميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشىغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىش كېرەك. ئالىي مەكتەپ پەقەت ئۆزىدىكى تەبئىي سالماقلىق، ئاقىلانىلىك، ئاڭلىقلىق، ئەقىل-ئېدراكىيلىق بىلەن ئادەم تەربىيىلەپلا قالماستىن، يەنە غايىۋىزىمنىڭ ھەقىقىيلىككە، گۈزەللىكە، سەمىمىيلىككە ئىنتىلىدىغان ، ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالالايدىغان روھى ئارقىلىق باشقىلارنى تەسىرلەندۈرىشى كېرەك؛ ئادەم تەربىيىلەشتە نوقۇل ھالدا بىلىم بېرىپ، كەسپىي ماھارەتلەرنى ئۆگىتىپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ياشايدىغان ۋە تەرەققىي قىلالايدىغان ھەقىقي بىلىم ۋە ئىقتىدارغا ئىگە قىلىپلا قالماستىن، ئوقۇغۇچىلاردا توغرا بولغان دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى ۋە قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرپ، ياشاشنىڭ تۈپ مەقسىتى، كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ مەنىسىنى ھېس قىلدۇرۇپ، ئۇلاردا ئالىيجاناپ ئەخلاقىي-پەزىلەت، ئۆتكۈر ئەقىل-ئىدراك، ساغلام كىشىلىك قەدىر-قىممەت شەكىللەندۈرۈپ، قەلبىدە مېھىر-مۇھەببەت، ۋۇجۇدىدا ئىرادە، زىممىسىگە مەسئۇلىيەت ئالالايدىغان ، تېببىي پەن بىلىملىرىدىن پايدىلىنىپ جەمئىيەتكە، دۆلەتكە، ئىنسانلارغا ئۆزلىگىدىن ئاكتىپ تۆھپە قۇشۇش روھىنى يېتىلدۈرىشىمىز لازىم.
تېببىي ئىلىمنىڭ روھىي ئاساسىدىن قارىغاندا، تېببىي پەن ئوقۇتۇشى ھەققانىيەت، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىك ئارقىلىق، ئىنسان تەبئىتىنىڭ گۈزەللىكىنى جۇلالاندۇرۇپ، ئىجتىمائىي ئەخلاقنىڭ يۈكسىلىشىگە تۈرتكە بۇلىدۇ. تېببىي ئىلىم مېھىرىبانلىقىنى تەلەپ قىلىدىغان ئىنسانپەرۋەر كەسىپ بۇلۇپ، بۇ خىل كەسىپنىڭ خاراكتېرى بىزنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان تېببىي مائارىپىمىزنىڭ ھەقىقانىيەت، ئاقكۈڭۈللۈك ۋە گۈزەللىككە ئىنتىلىشىنى، مېھىرىبان روھنى گەۋدىلەندۈردىغان مائارىپ بۇلىشىنى بەلگىلىگەن. شۇڭلاشقا، بىز مەكتەپ ۋە تارماق دوختۇرخانىنى مېھىرىبانلىق روھىغا ۋارسلىق قىلىدىغان ۋە جارى قىلدۇرىدىغان ئورۇن، ھەققانىيەت، ئاقكۆڭۈللۈك، گۈزەللىك ئورنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز، باشتىن-ئاخىر « ئىنسان تەبئىتىنىڭ گۈزەللىكىنى جۇلالاندۇرۇش» قا كۈچىشىمىز لازىم. ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى «ئاجايىپ مېھىر-مۇھەببەتكە ئىگە، باشقىلارغا ياردەم بېرىشىنى خۇشاللىق ھېسابلايدىغان، ئاجايىپ ئۈمىدۋار، باشقىلارنىڭ كۆڭلىنى چۈشىنىشكە ماھىر» بولغان «مۇكەممەل» ئادەم قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز كېرەك. ئوقۇغۇچىلىرىمىزنى تېببىي ئەخلاقى يۈكسەك، تېببىي ماھارىتى كامالەتكە يەتكەن كلىنىكا مۇتەخەسسىسى ۋە دوختۇرى قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىشىمىز لازىم. ئۇلارنى بىمارلارنىڭ ھاياتى، كىشىلىك قەدىر-قىممى، ئىززەت-ھۆرمىتىگە ھۆرمەت قىلىپ، جىسمانىي ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۆلۈش، پىسخىكا ساغلاملىقىغا كۆڭۈل بۈلۈش، ھاياتلىقنىڭ ئاخىرىقى ۋاقىتلىرىغا كۆڭۈل بۈلۈشنى گەۋدىلەندۈرىشىگە يېتەكلىشىمىز لازىم.
ئىلىم-پەن ۋاقىت گېزىتى: ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئاساسىي بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتى، تېببىي ئالىي مەكتەپلەرگە نىسبەتەن، سىزنىڭچە قانداق قىلغاندا مۇنەۋۋەر تېببىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەپ چىققىلى بۇلىدۇ؟
مۇدىر خالمۇرات غۇپۇر: تېببىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن تېببىي مائارىپ قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇنۇش، تېببىي پەن ئالاھىدىلىكىگە ئاساسلىنىپ لاھىيەلەش، كونكىرت ئېيتقاندا ئاساسلىقى تۆۋەندىكى بەش نۇقتىدىن تەربىيىلەش لازىم.
بىرىنچى: ئىنسانپەرۋەرلىك ۋە خەيىر-ساخاۋەت قىلىشنى تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى ئۆزلۈكسىز ئىنتىلىدىغان ئېسىل ئەخلاقىي-پەزىلەت قىلىش لازىم. ئىنسانپەرۋەرلىك – تېببىي خادىملار ئەڭ ئالدى بىلەن ھازىرلاشقا تېگىشلىك ساپا، بۇ جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى كۆز-قارىشى بۇلۇپ قالماستىن، دۇنيا خاراكتېرلىك قىممەت قارىشى ۋە پىرىنسىپ. ئىنسانپەرۋەر قەلىب دىگەن نېمە؟ مېنىڭچە تېببىي خادىملارنىڭ داۋالاش ۋە پەرۋىش خىزمىتى جەريانىدا ئىپادىلىنىدىغان ئىنسانپەرۋەر قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن، خىزمەت ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، سەمىمىي بۇلۇش، بىمارنىڭ مەخپىيەتلىكى ۋە قەدىر-قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىش، بىمارلارنىڭ ئادىمىي كېلىپ چىقىشى ۋە مەدەنىيەت قىممەت قارىشىنىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىش ؛ بىمار ۋە ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، باشقا ساغلام كەسپىي خادىملار بىلەن ئېنىق، ئۈنۈملۈك پىكىر ئالماشتۇرۇش؛ ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن بىمارغا ئەڭ ياخشى داۋالاش مۇلازىمىتى قىلىش؛ بىمارنىڭ ئېتقادى ۋە قىممەت قارىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئېتقاد، قىممەت قارىشى ئوتتۇرىسىدا زىددىيەت يۈز بەرگەندە تەنقىدلەش خاراكتېرلىك مۇنازىرىلەردىن ساقلىنىش؛ بىمارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلى، مەدەنىيىتى، يېشى، دىنى ئېتقادى، مىللىتى، ئېرقى، تېرىسى، جىنسى، بەدەن ئىقتىدارى ۋە جەمئىيەتتىكى ئورنى قاتارلىق نۇقتىلاردىن ھالقىپ تۇرۇپ ئۇلارنى چۈشىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىش؛ چىن كۆڭلىدىن بىمارلارغا كۆڭۈل بۆلۈش قاتارلىقلار. بۇ « بىر دوختۇر، بىر بىمار، بىر رىتسىپنى كېسىش، بىر ئوپراتسىيە قىلىش » تەك نوقۇل داۋالاش خاراكتېرلىك ئەندىزە بىلەن « كېسەلنىلا كۆرۈپ، بىمارنى كۆرمەسلىك، كېسەلنىلا داۋالاپ، ئادەمنى داۋالىماسلىق، كېسەلنىلا داۋالاپ، قەلىبنى داۋلىماسلىق»تەك داۋالاش تېىپىدىكى قىلمىش بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ.
ئىنسانلارنى قۇتقۇزۇش – تېببىي خادىملارنىڭ مۇھىم ساپاسى، بۇ تېببىي خادىملاردىن ئىنسانپەرۋەر قەلىبكە ئىگە بۇلۇپ، داۋالاش تېخنىكىسى بىلەن ئىنسانىيەتنى قۇتۇلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. قەدىمىي تېبابەتتە مۇنداق ھېكمەتلىك سۆز بار : « ئەڭ ياخشى دوختۇر ئالدى بىلەن دۆلەتنىڭ غېىمىنى يەيدۇ، ئۇنىڭدىن قالغىنى بىمارلارنى داۋالايدۇ». يەنى، دوختۇرلار بىمارلارنىڭ كېسىلىنى داۋالايدۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ نىشانى بىمارلارنىڭ كېسىلىنىلا داۋالاش بىلەنلا چەكلەنمەسلىكى كېرەك، بەلكى كېسەلنى داۋالاش ئارقىلىق جىسمانىي ۋە روھىي جەھەتتىن خاتىرجەملىككە ئىگە قىلىشى، خەلقى-ئاۋامنى جىسمانى ۋە روھىي جەھەتتىن خاتىرجەم قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. شۇنداق دىيىشكە بۇلىدۇكى: «دۆلەتنىڭ غېمىنى يەيدىغان دوختۇر بۇلۇش»- تېببىي خادىملارنىڭ دۇنياغا خەيىر-ساخاۋەت قىلىش بۇرچىنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئىپادىسى ھەمدە تېببىي خادىملارنىڭ دۇنياغا خەيىر-ساخاۋەت قىلىش بۇرچ تۇيغۇسىنىڭ ئەڭ يۇقىرى قوزغىتىلىشى.
ئىككىنچى: بىلىم ئىگەللەش بىلەن ئەقىل-پاراسەت ئىگەللەشنى تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم باسقۇچ قىلىش لازىم. ئالىي مەكتەپ بىلىم بېرىدىغان ۋە بىلىم ئىگەللەيدىغانلا ئورۇن ئەمەس، مائارىپنىڭ مەقسىتىمۇ دەرس ئۆتۈش ۋە دەرس ئوقۇشتەك يەككە ھالدىكى بىلىم ئىلىش ۋاستىسىلا ئەمەس، بىلىم ئۈچۈن بىلىم ئۈگىنىشتەك ئەنئەنىۋى ئوقۇتۇش ئىدىيىسىنى چوڭقۇم ئۆزگەرتىش كېرەك، ئالىي مەكتەپلەر چوقۇم مۇھىم نۇقتىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش، تەنقىد قىلىش، تەپەككۈر قىلىش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە قارىتىشى كېرەك. شۇڭا، ئىستۇدېنتلار بىلىم ئىگەللەپلا قالماستىن، ئەڭ مۇھىمى ئۆگىنىش بىلەن تەپەككۈرنى ۋە ئوقۇش بىلەن تەتقىقاتنى بىرلەشتۈرۈشنى، ئۆگەنگەننى ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىپ، ئۆگەنگەنلىرىنى ئۆز ئەقىل-پاراسىتىگە ئايلاندۇرىشى لازىم. نەزەر دائىرىسى كەڭ بۇلۇشنى تەلەپ قىلغان تېببىي ئىلىمگە، مۇرەككەپ تېببىي ھادىسە ۋە ئالامەتلەرگە قارىتا، تېببىي پەن ئىستۇدېنتلىرى كەڭ بىلىم ئىگەللەش ئاساسىدا، بىلىم بىلەن ئەقىل-پاراسەتنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈشنى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، ئاندىن گۈزەل ھاياتنىڭ رەڭدار سەھىپىلىرىنى ياراتقىلى بۇلىدۇ.
ئۈچىنچى: ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى تېببىي پەن ئىستۇدېنتلىرىنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىپ ئىختىساس ئىگىلىرىدىن بۇلۇشتىكى مۇقەررەر يولى قىلىش لازىم. كۆپ قىسىم پەنلەر ۋە كەسىپلەرگە نىسبەتەن، كەسىپىي بىلىملەرنى سېستىمىلىق ئىگىلەش-يېڭىلىق يارىتىش شارائىتى ۋە ئۇلىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلانغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما، ئەمەلىيەتچانلىقى كۈچلۈك تېببىي ئىلىمگە نىسبەتەن، تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى پەقەت كەسپىي بىلىملەرنىلا ئىگەللىشى يەنىلا يېتەرلىك بولمايدۇ، يەنە چوقۇم بۇ خىل ئاساستا تېببىي ئىلىم مەشغۇلات ماھارەت-تېخنىكىلىرىنى پىششىق ئىگەللىشى، مول كىلىنىكىلىق تەجىرىبە ۋە ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى ھەمدە بۇلارنى چوقۇم كلىنىكا ئەمەلىيەت دەرسلىرىدىن ئۆتكۈزۈشى لازىم. تېببىي ئەمەلىيەت ئوقۇتۇشى-تېببىي ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەربىيىلەش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ ۋە يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈش ۋە يېڭىلىق يارىتىش مۇھىم ھالقىسى ۋە زۆرۈر ۋاستىسى. تېببىي ئالىي مەكتەپلەر ئىجتىمائىي ئەمەلىيەت، كىلىنىكا پىراكتىكىسى، ئوقۇش پۈتتۈرۈش پىراكتىكىسى قاتارلىق شەكىللەردە تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالاش ماھارەت-تېخنىكىلىرىنى چىنىقتۇرۇش ۋە كلىنىكا ئەمەلىيەت ئىقتىدارى، كىلىنىكىلىق تەپەككۈرنى نۇقتىلىق كۈچەيتىش كېرەك.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە، مائارىپ ئىدىيىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىجادچانلىق ئېڭى ۋە ئىقتىدارىغا ئىگە ئىختساس ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش لازىم. يېڭىلىق يارىتىشنىڭ كۆپ خىل ئامىللىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە، ئىجادچان ئىختىساسلىق خادىملارنىڭ رولى بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان بۇلۇپ، مەبلەغ، ئەسىلىھە، خىزمەت شارائىتى، ئىجادچانلىق ئېڭى قاتارلىقلاردىنمۇ مۇھىم. ئىپتىدائىي خاراكتېرىدىكى ئىجادچانلىق ئىدىيىسى ۋە ئىستىراتىگىيىسى بىلەن ئۇلار ئاساسلىق ئورۇننى ئىگىلەيدۇ. يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنىڭ شەكىللىنىشى تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ تەنىقىدىي تەپەككۈرى ئاساسىغا قۇرۇلىدۇ. دوختۇر بولغۇچى چوقۇم ئالىم بۇلىشى لازىم، تېببىي بىلىم ۋە ماھارەتلەرنى ھازىرلاپلا قالماستىن، ئىلمىي تەتقىقات بىلەنمۇ شۇغۇللىنىشى، تېببىي ئىلىمدىكى مەسىلىلەرگە باشتىن-ئاخىر مۇستەقىل تەپەككۈر ۋە تەنىقىدىي پوزىتسىيەدە بۇلىشى لازىم.
تۆتىنچى، ئۆزىنى سۈيۈش، ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىنى ھۆرمەتلەش، ئۆزىنى كۈچەيتىشنى تېببىي كەسىپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئاساسلىق تەربىيەسى قىلىش لازىم. غورۇر-ساغلام قەدىر-قىممەتنىڭ ئاساسى، غورۇر-ئۆز-ئۆزىنى ئاسراش، قەدىرلەش دېمەكتۇر، بەدەن، سىىرتقى قىياپەتتىن تارتىپ قىلمىشقىچە، قەدىر-قىممەتكە زىيان سالىدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقنى، باشقىلارغا تىز پۈكۈپ خۇشامەتچىلىك قىلماسلىقنى ھەمدە باشقىلارنىڭ ئۆزىنى كەمسىتىشى ۋە خارلىشىغا يول قويماسلىقنى كۆرسىتىدۇ؛ ئۆزىنى سۈيۈش – يۈرۈش-تۇرۇشتا مەكتەپنىڭ قائىدە-تۈزۈملىرى ۋە ئىجتىمائىي ئەخلاققا رىئايە قىلىشتا كونكىرت ئىپادىلىنىدىغان بۇلۇپ، ئىستۇدېنتلارنىڭ سەۋىيە-ساپاسىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، باشقىلاردىن تېخىمۇ يۇقىرى پەللىدە تۇرۇپ ئۆزىنى مۇكەممەل قىلىپ يارىتىپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ خىل ئۆزىنى سۈيۈش يۈزەكى قاتلامدىن ئۆز شان-شەرىپىنى سۈيۈش، ئۆز سالاھيىتىنى سۈيۈش، ئۆز قەدىر-قىممىتىنى سۈيۈش، ئۆز ئۆمرىنى سۈيۈشتە ئىپادىلەنسە، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلامدىن ئېيتقاندا، ئۆز مەكتىپىنى سۈيۈش، ئۆز ۋەتىنىنى سۈيۈشتە گەۋدىلىنىدۇ؛ ئۆزىگە ئىشىنىش – ئىقتىسادىي كىرزىس پارتىلىغاندىن كىيىن، زۇڭلى ۋېن جىياباۋ «ئىشەنچ- ئالتۇندىنمۇ مۇھىم» دەپ ئەسكەرتكەن. بۇ بىزگە ئىشەنچنىڭ بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىشى ۋە تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندۈرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شەخىسكە نىسبەتەن، بىلىم ئىلىم – پەننىڭ چوققىسىغا چىقىشتىكى ئۇلتاش بولسا، ئىشەنچ – بىلىم قەسىرىنى ئاچىدىغان ئالتۇن ئاچقۇچ، ئىشلىرىمىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزنىڭ ئاساسلىق مەنبەسى؛ ئۆزىنى كۈچەيتىش- جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش روھىدا ئىپادىلىنىپ، مەغلۇبىيەتكە قەتئىي تىز پۈكمەسلىكتەك ئىگىلەس-سۇنماس ئىرادە بىلەن، قىيىنچىلىقلار ئىچىدە ئالغا بېسىپ، چىنىقىش جەريانىدا ئىختىساسلىقلاردىن بۇلۇپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ.
بەشىنچى: «ئۈچ خىل ئاڭ»، « تۆتنى ئېتراپ قىلىش»،« بەش خىل مائارىپ»نى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئاساسلىق ساپاسى قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ساغلاملىقى، خەلقنىڭ خاتىرجەملىكى ئۈچۈن قېتىرقىنىپ ئوقۇشنى تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئالىيجاناپ خىسلىتى قىلىش لازىم. ياش ئوقۇغۇچىلار ئىلغارلىق بىلەن رادىكاللىق، تەنقىد بىلەن تەنقىدكە قارشچانلىقى، ھاياتى كۈچى بىلەن بۇزغۇنچىلىق كۈچى ئورتاق مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرىدىغان كوللېكتىپ بۇلۇپ، تېخى پىشىپ يىتىلمىگەن، تەرەققىي قىلىۋاتقان كىشىلەر ھېسابلىنىدۇ.قانداق قىلىپ ياش ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەر ئۆسۈپ-يېتىلىش بوشلۇقى يارىتىپ بېرىش- بىزنىڭ ياخشى تەپەككۈر قىلىشىمىزغا ئەرزىيدىغان بىر مائارىپ مەسىلىسى.
مەكتىپىمىزنى مىسالغا ئالساق،مەكتىپىمىزنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلار ئۇزۇن ئۆتمەي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى چوڭ دوختۇرخانىلىرىدىكى غوللۇق ئەزالارغا ئايلىنىدۇ. ئۇلار شىنجاڭنىڭ داۋالاش تېخنىكا سەۋىيىسى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتقۇچىلار بۇلۇپلا قالماستىن، پارتىيە، ھۆكۈمەتنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ئىللىقلىقىنى خەلققە يەتكۈزىدىغان سىرداش ۋە مېھىر-مۇھەببەت كۆۋرۈكى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ سىياسەتلىرىنى ئىجرا قىلغۇچىلىرى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغدىشىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسەتكۈچىلىرى. بىزنىڭ مائارىپىمىز قانداق قىلغاندا ئۇلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە، ئىختىساسلىقلاردىن بۇلىشىدىكى قوغدىغۇچى يېتەكچىلىرى بۇلىشىمىز، قانداق قىلىپ ئۇلارنى سىياسىي جەھەتتىن لاياقەتلىك، ۋەتەنپەرۋەر، ھەر تەرەپتىن يىتىشكەن، چوڭقۇر مىھىر-مۇھەببەت ۋە ئالىيجاناپ تېببىي ئەخلاققا ئىگە مۇنەۋۋەر تېببي ئىختىساس ئىگىلىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقىش- ئۆزىنى ئەپقاچقىلى بولمايدىغان، چوقۇم ياخشى ھەل قىلىشىمىز مۇھىم بولغان مەسىلىدۇر.
ھازىرقى مائارىپىمىزدا : « مىللەت، ئادىمىيەت، قانون-تۈزۈم، دۆلەت، ئىنسانىيەت» ئىلمىنىتلىرى قۇشۇلغان تەربىيەنى قوشتۇق، مائارىپىمىزدىكى «ئۈچ خىل ئاڭ» (يەنى، دۆلەت ئېڭى، خەلق ئېڭى، قانون ئېڭى)؛ «تۆت تۇنۇش»نى كۈچەيتىش ( دۆلەتكە بولغان تۇنۇش، جۇڭخۇا مىللەتلىرىگە بولغان تۇنۇش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىگە بولغان تونۇش، سوتسيالىزمنىڭ ئالاھىدىلىكىنى تۇنۇش)، «بەش قاراش تەربىيىىسى» ( ماركىسىزملىق دۆلەت قارىشى، مىللەت قارىشى، تارىخ قارىشى، مەدەنىيەت قارىشى، دىن قارىشى)نى ئېگىز كۆتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداش بىلەن بۆلگۈنچىلىككە، سىڭىپ كىرىشكە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشنى تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرى چوقۇم ھازىرلاشقا تېگىشلىك ئاساسىي ساپا ۋە قاتتىق ئۆلچەم قىلىشىمىز لازىم.
مېنىڭچە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئېسىدە پەقەت «ئۈچ خىل ئاڭ»،«تۆتنى تۇنۇش»،«بەش قاراش تەربىيىسى»نىڭ ئاساسلىق قىممەت ئىدىيىسىدە چىڭ تۇرغاندا، ئاندىن ئۇلار ساغلام، خۇشال-خورام ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ۋە گۈزەل بولغان ئۆگىنىش، ئۆسۈپ-يېتىلىش، خىزمەت ۋە ئىجادچانلىققا تولغان مۇھىتتتىن بەھرىمان بولالايدۇ ھەمدە بۇ ئاساستا، ئوقۇغۇچىلار خەلققە، ۋەتەنگە،ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن نىيەت-ئېقبالى بىلەن پۈتكۈل جەمئىيەت ۋە ئىنسانىيەتنىڭ بەخت-سائادىتى ئۈچۈن تىرىشىپ ئۆگىنىدۇ. كىيىنكىسى تېببىي پەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ يۈكسەك پەزىلىتى ھەمدە تېببىي مائارىپنىڭ ئەڭ ئالىي مەنزىلى.
ئىلىم-پەن ۋاقىت گىزىتى: مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇش سۈپىتىڭىز بىلەن بىرگە سىز يەنە پەن-تېخنىكا خىزمەتچىسى، پىروفېسسور ۋە دوختۇر، بۇلار ئارىسىدا توقۇنۇش بارمۇ؟ سىز بۇلارنى قانداق ھەل قىلدىڭىز؟
مۇدىر خالمۇرات غۇپۇر: مېنىڭچە بۇ تۆت مەسىلىنىڭ ئارىسىدىكى ھېچقانداق توقۇنۇش يوق. بەلكى بۇلار بىر-بىرسىگە باغلىنىشلىق، پىروفېسسور بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مېنىڭ نۇرغۇن پىكىرلىرىم ئوقۇغۇچىلىرىمدىن كېلىدۇ. ئۇلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش جەريانىدا، مېنىڭ بىلىمىم، ئىدىيەم ۋە كۆز-قاراشلىرىمى تېخىمۇ مۇكەممەلىشىدۇ ۋە يۈكسىلىدۇ، تېخىمۇ يېڭى بولغان پىكىرلەر تۇغۇلىدۇ. مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن مەن يۇقىرى قاتلامدا تۇرۇپ پەنلەر قۇرۇلۇشى ۋە پەن-تېخنىكا تەتقىقاتنى لايىھەلەيمەن، مەلۇم بىر تەرەپتىن ئۆزۈمنى ھاياتلىقنىڭ سىرىنى ئېچىپ بېرىدىغان يۇقىرى سەۋىيىلىك بىر پەن-تېخنىكا خادىمىغا ئايلاندۇرىمەن، مەن ئۈزۈمنى بۇ خىل يۇشۇرۇن ئىقتىدارغا ئىگە، ئەڭ مۇھىمى دەپ قارايمەن، ھەم شۇنداق ئىرادەم بار.
ئىلىم-پەن ۋاقىت گېزىتى: مەكتەپ مۇدىرى بولغاندىن بۇيانقى، سىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق نېمە؟
مۇدىر خالمۇرات غۇپۇر: مەبلەغ ھازىرقى ئەڭ چوڭ قىينىچىلىق. چېگرا رايونلاردىكى ئالىي مەكتەپلەرگە نىسبەتەنمۇ بۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان مەسىلە. ھەممىزگە ئايان، تېببىي پەن مائارىپى يۇقىرى مەبلەغلىك، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئوقۇش تۈزۈمىگە ئىگە ئىقتىدارلىقلارنى يېتىشتۈرۈش مائارىپى. بىراق مەكتىپىمىز ئوقۇغۇچىلىرىغا ئاجىرىتىلغان ئوتتۇرىچە مەبلەغ ئىزچىل ھالدا مەملىكەتلىك ھەرقايسى تېببىي ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋيسىدىن تۆۋەن تۇرۇپ كەلدى، بۇ مەكتىپىمىزنىڭ تەرەققىياتىغا چوڭ تەسىرلەرنى يەتكۈزدى. مەكتىپىمىز بۇ جەھەتتە جىددىي قوللاشقا موھتاج.
ئىككىنچى چوڭ قىيىنچىلىق، ئىختىساسلىقلارنىڭ كەمچىل بولۇشى، ئېقىپ كېتىشى. ئىقتىسادى جەھەتتە نىسبەتەن ئارقىدا تۇرغان غەربي رايوندىكى بىر ئالىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىزنىڭ ئىختىساس ئىگىلىرىنى تەكلىپ قىلىشىمىز قىيىن بولۇشتەك ئەھۋال ئاسىتىدا، ئىختىساسلىقلارنى تەربىيىلەشكە ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىمىز ھەمدە نۇرغۇن مەبلەغ سەرپ قىلىپ، قان-تەر تۆكۈپ ئىختساسلىقلارنى تەربىيىلەپ چىقىمىز. بىراق، ئاخىرىدا تەربىيىلىگەن ئىختساسلىق خادىملىرىمىزنىڭ باشقا يەرلەرگە كېتىش ئەھۋالى يەنىلا ئېغىر. بۇ مەكتەپنىڭ تەرەققىياتىغا زور تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلدى. لېكىن بىز يەنە تۈرلۈك شارائىتىلارنى يارىتىپ، ئىختىساس ئىگىلىرىمىزنى ساقلاپ قالىمىز.
ئىلىم-پەن ۋاقىت گېزىتى: سىزنىڭچە مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇش ئۈچۈن ھازىرلاشقا تېگىشلىك پەزىلەت ۋە ساپالار نىمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
مۇدىر خالمۇرات غۇپۇر: بىر لاياقەتلىك مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇش ئۈچۈن، مول بىلىم جۇغلانمىسى، يۇقىرى پەن-مەدەنىيەت ساپاسى ھازىرلىشى، كۈچلۈك چەتئەل تىلى ئىقتىدارى بۇلۇشى ، ئوقۇتۇش قائىدىلىرىنى چۈشىنىشى، مەكتەپ باشقۇرۇشنى بىلىشى لازىم. مەكتەپ مۇدىرى بولغان ئىكەن كۆڭلى-كۆكسى كەڭ ، جاسارات ۋە پاراسەتلىك بۇلىشى، ئۆزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىشى لازىم.
يۇقىرى قاتلامدىكى مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇش ئۈچۈن، چۇقۇم ئىنتايىن يۇقىرى مەدەنىيەت سەۋىيەسى بۇلۇشى، سالماق بۇلۇپ، سەنئەتنى چۈشىنىشى لازىم. تىلمۇ مەكتەپ مۇدىرى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. مەكتەپ مۇدىرى بولغانىكەن، يەنە چوقۇم خەلقئارالىق نەزەر-دائىرىسى، كۈچلۈك چەتئەل تىلىدا پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىشى لازىم. تېببىي ئالىي مەكتەپ مۇدىرى بۇلۇش سۈپىتى بىلەن، ئوقۇتۇش قانونىيەتلىرىنى چۈشىنىپلا قالماستىن، تېببىي ئىلىم قانونىيەتلىرىنىمۇ چۈشىنىشى لازىم.
مەن يۇقىرىدا ئېيتىلغان ساپالارنى ھازىرلاشقا ئاكتىپ تىرىشىۋاتىمەن.

- ‹‹ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى ›› تەھرىر بۆلۈمىدىن ئوسمانجان نۇر، ئەلفىرە ئەنىۋەر، مېھراي پەيزۇللا (تەرجىمىسى)

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: پەخىرلىك دوكتور خالمۇرات غوپۇر ‹‹ ئىلىم – پەن ۋاقىت گېزىتى ›› دە

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!11 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    دىۋان… بۇنداق ئالىملىرىمىزدىن تېخىمۇ كۆپلەپ چىقسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى

  2. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    گېلەم…
    ئىشقىلىپ زامانىمىزنىڭ پەخرى خالمۇرات غۇپۇردىن ھەممىمىز ئىپتىخارلىنىمىز!

  3. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ ھەم مىللىتىمىزنىڭ پەخىرى خالمۇرات ئاكىغا يەنىمۇ زور شان-شەرەپ ۋە ئۇتۇق تىلەيمەن.

  4. xjmtv مۇنداق يازغان:

    خالمۇرات ئاكىنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى تىلەيمەن.

  5. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    پەگا، خالمۇرات غۇپۇر ۋە ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيمەن.

  6. ئويغۇرلار مۇنداق يازغان:

    بىز بىر بىرىمىزنى غاجايدىغان، كۇرەلمەيدىغان ئىنسانكەنمىز ، ئەمىلىيەتتە ، بۇ ئادەم دۇنيادا ئالدنقى قاتاردىن ئۇرۇن ئالالايدۇ ، شۆھرەت مۇتەللىپلەردىنمۇ نوچى دەپ ئويلايمەن . چۇنكى بۇ ئادەم ئەتراپىمىزدىلا .بىلمەيۋاتىمىز ، يوق ۋاقتىدە ھەققىقى ھېس قىلىپ قېلىشىمىز مۇمكىن

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      خالمۇرات غوپۇر بىلەن شۆھرەت مۇتەللىپ ئاكىمىزنى سېلىشتۇرۇپ، ئېگىز – پېسىنى ئىلغاشنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ ھەر ئىككىلىسى ئۇيغۇرلارنىڭ مۇنەۋۋەر ئوغلانلىرى !

  7. ئويغۇرلار مۇنداق يازغان:

    بىز بىر بىرىمىزنى غاجايدىغان، كۇرەلمەيدىغان ئىنسانكەنمىز ،دىمەكچى بولغۇنىم ، مەن مۇشۇ مەكتەپكە بەكمۇ تۇنۇش ، بۇ ئادەم 校长بولغاندىن بىرى ئوقۇتۇش ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ ،ئىمتىھان ھالمىقىنى قىيىنلاشتۇرۇپتىكەن ، بەزىلەر ئانچە ياقتۇرمايدۇ ، نىمىنى بىلەتتى دەيدىغانلارنىمۇ كۆرگەنمەن ، بەيدۇغا چىقىپ بىر ئىزدەپ بېقىڭە ، 国家科技进步2等奖 نىڭ نىمىلكنى ، قانچىلىك ئاسەم ئالغانلىقىنى ، جۇڭگۇ مىللىلىرىدىن كىمنىڭ ئالالىغانلىقى ، قايسى نەزىريەنى ئاساسچىسى ، نەزىرىيەدە دۇنيانىڭ ئالدىغا تۇرماق ئاسانمۇ ،ئاساس يارتىشنى كىممۇ ئاسانلا قىلالايدۇ ، 哮喘 دىگەن نىمە؟中西维医结合دىگەن نىمە ؟ 学医简单吗 ؟ يەنە نۇرغۇن گەپ بار ،每年得到的科学基金多少钱؟ بۇلاغۇ يىتەرلىك ئەمەسما ؟؟؟؟ھازىر ulinix.cnنى 2 چى ناخشىسىنى يەنى تۇمۇرخاننىڭ ناخشىسىنى بىر ئاڭلاپ بېقىڭە ؟

  8. ئويغۇرلار مۇنداق يازغان:

    ئىملا خاتالىقى باركەن كەچۇرۇڭلار ، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى يېقىن ھەرىپلەرگە ئاساسەن چۇشۇنىۋېڭلار

  9. ئويغۇرلار مۇنداق يازغان:

    مىنىڭمۇ سېلشتۇرۇش مەقسىدىم يوق ، لىكىن بۇ ئادەمنى نۇرغۇنلىغان ئادەم ئانچە بەك چوڭ تۆھپىسى يوقتەك ئويلايدىكەن . …

  10. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    قەلبىمىزنىڭ ھۆرمەت تۆرىدىن ئورۇن ئالغان خالمۇرات غۇپۇر ئاكىمىز خىزمەتتىلا زور ئۇتۇقلارنى يارىتىپلا قالماستىن، كىشىلىك مۇناسىۋەتتىكى كېچىك پېئىللىقى، زېرەكلىكى، كاللىسىنىڭ ئۆتكۈرلىكى، يۇقىرى-تۆۋەندىكى ھەممە كىشىگە ئوخشاش كۆزدە قارايدىغان ئېسىل پەزىلىتى بىلەن ھەممىزدە ھۆرمەت، پەخىرلىنىش تۇيغۇسى بېرىدۇ. بۇ ئاكىمىزنىڭ ھەممە ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي!
    شۇنداق، بۇ ئاكىمىزنىڭ قەدرىنى بىلمەيۋاتىمىز، بەلكىم، كىيىنرەك بىلىپ قىلىشىمىز مۇمكىن، بۇنداق كىشى «مىڭ يىلدا بىر تاۋلىنىپ چىقىدۇ»، شۇڭا، سەنئەتكارلىمىزنى، يازغۇچىلىرىمىزنىلا تۇنۇماي، ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى ئالىملىرىمىزنىمۇ بىلىشىمىز ھەمدە ھۆرمەت قىلىشىمىز زۆرۈردۇر….

ئىدىقۇت 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟