مەسلىھەت AIDS

بۇ ـــ ‹‹ يۈكسەل بلوگ AIDS دىن مەسلىھەت بېرىش مەركىزى ›› . ئەيدىز، جىنسىي كېسەللىك ۋە زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىق تېمىلاردا بىلىم ۋە ئۇچۇر بېرىش بىزنىڭ نىشانىمىز ۋە بۇرچىمىزدۇر. ئەگەر يۇقىرىقىلارغا ئائىت تەكشۈرۈش، داۋالاش، يۇقۇملانغۇچىلارغا بېرىلىدىغان ياردەم سىياسەت-بەلگىلىمىلەر قاتارلىق جەھەتلەردىن ھەر قانداق سوئال ياكى مۇلازىمەت ئۇچۇرى كېرەك بولسا، تۆۋەنگە ئىنكاس قالدۇرۇش شەكلىدە بىزگە سۇئال قالدۇرسىڭىز، كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بېرىشكە تىرىشىمىز. بىز يەنە ئۆز نۆۋىتىدە AIDS نىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان قېرىنداشلىرىمىزنى مۇشۇ مۇڭداشخانىدا بىز بىلەن كەڭ – كۇشادە پىكىرلىشىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز چوقۇم سىزنىڭ ئەڭ يېقىن مۇڭدىشىڭىز، دىلكىشىڭىز بولۇپ، كۆڭۈل چىگىشىڭىزنى يېشىش ئۈچۈن تىرىشىمىز!

بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز شەخسنىڭ تاللىشىغا ھۆرمەت قىلىش ۋە شەخسى مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش. سوئال سورىغاندا ھەقىقى ئىسىم-فامىلىڭىزنى قالدۇرۇشىڭىز ھاجەتسىز، لېكىن سۇئالىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللارنى تەپسىلى بايان قىلسىڭىز، بىز تېخىمۇ تېز ۋە توغرا جاۋاب بېرەلەيمىز.

سورالغان سۇئاللار قەرەللىك رەتلىنىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ تېما سۈپىتىدە يوللىنىدۇ.

بۇ يەردە سۇئال سوراشتىن بۇرۇن مۇناسىۋەتلىك تېمىلارنى بىر قېتىم كۆرۈپ چىققايسىز(يۈكسەل بلوگىنىڭ ئىزدەش ئىقتىدارىدىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ)، بەلكىم سۇئالىڭىزغا جاۋاب چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.

مەسلىھەت بەرگۈچى : ياسىن ئابدۇللا بوھران ( شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قىزىل كىرست جەمئىيتىدىن )

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!84 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. قاغىلىق مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم ! ئالدى بىلەن يۈكسەل بىلوگىنىڭ بىز ياشلارنى چۈشۇنۇپ باشقىلارغا ئەيتالمايدىغان ئەمما ئەندىشە قىلىدىغان يۇرەك تىۋىشلىرىمىزغا ھەمسۆبەت بولغانقا ناھايتى كۆپ تەشەككۇر . ئاللا ئەجىرىڭلارنى بەرگەي .
    مەن جەنۇب شىنجاڭدىن بىزنىڭ دىيارىمىزدا بۇرۇن بۇنداق كىسەللەر ئاساسەن يوقتى، ما يېقىنقى يىللادىن بۇيان ئانچى – مۇنچى ئاڭلاپ قېلۋاتىمىز…
    قاننى نىمگە قارتا تەكشۇرتسە بولىدۇ .ئەيدزغا قارتا تەكشۇرتىمەن دەيمىزمۇ ؟ ئەگەر يۇقۇملۇنۇپ قالغان بولساق قاندق قىلىمىز ؟ مۇشۇ ھەقتە بىر مەسلەھەت بەرگەن بولساڭلا، دەسلەپكى باسقۇچى بولغان بولسا كىيىن يامراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن نىملەرگە دىققەت قىلىشىمىز كىرەك ؟ بۇنىجىس كىسەلدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئامالى قەتئى يوقمىدۇ ؟ ھەقاسىڭلىنى ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم .

    • مەھنۇس مۇنداق يازغان:

      دزس ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم !مەن گەرچە بۇ نېجېس كېسەل مۇتەخەسېسې بولمىساممۇ بېلگنم بۇيىچە بىر قانچە ئېخىز گەپ قىلىشنى لايىق تاپتىم ! ئەيدېس قاندا HIVۋىروسىنىڭ پەيدا بۇلىدىغان كىسەللك بۇلۇپ ،بۇكىسەل يۇكۇلانخان كىشىلەدە ئاساسەن داۋاملىك ئىچى سۇرۇش ،قىززىش ،بەدەنگە ئەسۋە چىقىش.قاتارلىق ئاساسى ئەھۋاللار كۇرۇلىدۇ ، سەممى تەكلىپىم : ئۇزىڭىزدە شۇنداق ئەھۋاللار كۇرۇلسە يۇقۇملۇق كىسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلېش مەركىزىگە بىرىپ تەكشۇر تۇپ كورۇشىنى تەۋسېيە قىلىمەن،ئۇلارسىزنىڭ مەخپىيەتلىكىڭىزنى قەتتى تۇردە ساخلايدۇ ئۇلۇغ ئاللا بەندىسىنى بۇ كىسەلدىن يىراق قىلسۇن ،ئەمما يۇقۇپ قاغان بولسا بۇمۇتەخدىرنىڭ ئۇرۇنلاشتۇرشى بەردەم بۇلۇڭ ، خەيىر ئاللاغا ئامانەت !!~~~~~~~~

  2. بوھران مۇنداق يازغان:

    ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، سىزنىڭ ئەيدىزدىن مەسلىھەت سەھىپىمىزنىڭ تۇنجى خېرىدارى بولغانلىقىڭىزنى قارشى ئالىمىز ھەم بلوگىمىزغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمىز.
    شۇنداق، جەنۇبى شىنجاڭدا بۇرۇن بۇ كېسەل يوقتى، ئەمما ھازىر بار، توغىرراقى ھازىر كىشىنى چۆچۈتكۈدەكلا ئېغىر! تەشۋىقات ۋە دوكلاتلاردا ئېيتىلىپ كېلىۋاتقاندەك، شىنجاڭدىكى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ80 پىرسەنتتىن كۆپرەكى ئۈرۈمچى شەھىرى بىلەن ئىلى ئوبلاستىدا، ئەمما يېقىنقى 4-5 يىل مابەينىدە جەنۇبى شىنجاڭنىڭ ئاقسۇ، قەشقەر ۋە خوتەن ۋىلايىتىدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىش ئەھۋالى ئىنتايىن ئېغىر بولماقتا، يەنى ھەر يىلى ئالدىنقى يىلىغا قارىغاندا50-60 پىرسەنىت يۇقۇملانغۇچى كۆپەيمەكتە. دېمەك، ئەيدىز جەنۇبى شىنجاڭدىمۇ ئېغىر، بۇرۇن يوق ئەمەس بار، بەلكى تەكشۈرۈش دوكلات قىلىش خىزمىتى يېتەرلىك ئەمەس!
    تەكشۈرۈش توغىرسىدىكى سۇئالىڭىزغا كەلسەك، ئادەتتە ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى دوختۇرخانىلار ۋە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى( فاڭيىزەن) دە مەخسۇس ئەيدىز توغىرلىق مەسلىھەت بېرىدىغان ۋە قان تەكشۈرىدىغان ئورۇن-vct ئامبولاتورىيىسى تەسىس قىلىنغان بولىدۇ. بۇ ئامبولاتورىيەدە مەخسۇس دوختۇر ئەيدىز توغىرلىق مەسلىھەت بېرىدۇ ۋە سىز قوشۇلغان ئەھۋالدا سىزدىن قان ئېلىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرىدۇ.
    بۇ توغىرسىدىكى تېخىمۇ كۆپ ھەم كونكىرىت سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى« ئەيدىزنى تەكشۈرتۈشكە دائىر كۆپ سورىلىدىغان سۇئاللار» دىگەن يازمىمىزدىن كۆرگەيسىز، يەنە ئېنىق بولمىغان ياكى جاۋابقا ئېرىشەلمىگەن سۇئاللار بولسا بىز يەنە داۋاملىق سىز ئۈچۈن خىزمەتكە تەييار.

  3. ئاتېلا مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سىز!
    مەنمۇ يۇقۇملىنىپ قالغانمەنمۇ دەپ ئەندىش قىلىپلام يۈرگەن،چۈنكى مەن بۇرۇن قالايمىقان ساتىراشخانىلارغا،ساڭنالارغا ئانچە-مۇنچە كىرگەن يەرىم با….ھازىر شۇنىڭغا بەك پۇشايمان قىلىمەن.2009-يىلى 5 -ئايىنىڭ6-كۈنى بېيمېن دىكى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەيدىز كىسىلى ۋە باشقا جىنسى كىسەللەرنى تەكشۈرۈش ئالدىنى ئىلىش ئورنىغا بېرىپ تەكشۈرتتۈم،دوختۇر ساخكەنسە دېدى،بىرنەسىسى 阴性 چىختى. تەكشۈرتۈش تىن بۇرۇن ئەڭ ئاخىرقى جىنسى مۇناسىۋەتنى بىر يىل بۇرۇن قىلغان ، دىمەك بىريىلدىن كىيىنكى تەكشۈرۈشـتە نورمال چىخـتىم… لىكىن يەنىلا كۆڭلۈم جايىدا ئەمەس،راس گەپ قىلسام بەك قوقاپ كەتتىم بۇ نىجىستىن،چۈشىمگىمۇ كىردى بىر قېتىم…ئالدى-كەينى بوپ 2-دوختۇرخانىدا،بېيجىڭدا ،مەكتەپتە بوپ 5 قېتىم تەكشۈرتۈپ بولدۇم…ھەممىسىدە نورمال چىخـتم بوممىسا،لىكىن يەنىلا كاللامدىن كەتمىدى،جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدىكەن،ئەمسە نىمىشقا ماڭغا يۇقمىدى؟؟؟ مەن قانداق قىلسام كۆڭلۈم جايىغا چۈشىدۇ؟

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      ياخشىمۇ سىز ئاتېللا،
      ئالدى بىلەن سەھىيە ۋە ئەيدىز سەھىپىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك يازمىلارنى، بولۇپمۇ ئەيدىزنىڭ جىنسى مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقۇشى تېمىسىدىكى يازمىنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقىشقا تەكلىپ قىلىمەن. ئاندىن دىققىتىڭىز تۆۋەندىكى قۇرلاردا بولسۇن.
      سىزنىڭ بايانىڭىزدىن قارىغاندا كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى، سىز يۇقۇملانماپسىز، بۇنىڭدىن خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى سىزنىڭ ئەندىشىڭىزگە كەلسەك جىنسى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەنمۇ ئەيدىزنىڭ ئاساسلىق يۇقۇش يوللىرىنىڭ بىرسى، لېكىن جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشمىڭ قاندىن يۇقۇشقا قارىغاندا يۇقۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولىدۇ، بۇ مۇنداق بىر نەچچە ئامىلنىڭ تەسىرىگە ئۇچىرايدۇ. بىرىنچىدىن، جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا قاناش يۈز بەردىمۇ يوق؟ ئەگەر قاناش يۈز بەرگەن بولسا يۇقۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولىدۇ؛ ئىككىنچىدىن شۇ مەزگىلدە سىز ياكى سىز بىرگە بولغان قارشى تەرەپتە جىنسى كېسەل بار بولسا يۇقۇش نىسبىتى يەنە يۇقىرى بولىدۇ( چۈنكى قانايدۇ)، بولۇپمۇ سىزدە سۆزنەك، سىفىلىس ياكى جىنسى ئەزا قاپارتمىسى قاتارلىق جىنسى كېسەللەرنىڭ بىرسى بولسا يۇقتۇرىۋېلىش ئېھتىماللىقىڭىز ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ؛ ئۈچىنچىدىن شۇ چاغدا قارشى تەرەپ ھەيز مەزگىلىدە بولسا روشەنلا قاناش بولىدۇ، بۇنداق ئەھۋالدا يۇقۇش ئېھتىماللىقى يەنە يۇقىرى بولىدۇ؛ تۆتىنچىدىن ئەگەر قارشى تەرەپ يۇقۇملانغۇچى بولسا، بولۇپمۇ يېڭىدىن يۇقۇملانغان كۆزنەك مەزگىلىدىكى يۇقۇملانغۇچى بولسا ياكى يۇقۇملانغىلى نۇرغۇن يىللار بولغان، ئاللىقاچان كېسەللىك قوزغالغان ئەيدىز بىمارى بولسا، بۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەدىنىدە ئەيدىز ۋىرۇسى ئىنتايىن كۆپ بولىدۇ-دە، يۇقتۇرۇپ قويۇش ئېھتىماللىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىدۇ. دېمەك، جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش يۇقماسلىقى شۇ چاغدىكى يۇقارقىدەك نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق بولىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندامەلۈم بىرسى 10 قېتىم ئوخشىمىغان ئادەملەر بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت قىلىپمۇ يۇقۇملانماسلىقى مۇمكىن، يەنە مەلۈم بىرسى تۇنجى قېتىملىق جىنسى مۇناسىۋەتتىلا يۇقۇملىنىپ قېلىشى مۇمكىن، بۇنى تەلەيگە، تەقدىرگە باغلىق دېيىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ ھەر ئىككى خىل ئادەمنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن. ئەگەر بۇ خىل قىلمىشىنى ئۆزگەرتمىسە، يۇقۇملىنىش يۇقۇملانماسلىق پەقەت ۋاقىتنىڭ ئىلگىرى كېيىنلىك مەسىلىسى.

      شۇڭا سىزگە دوستانە تەكلىۋىم، قارىغاندا بۇنداق ئىشلاردىن قاتتىن پۇشايمان قىلغاندەك تۇرىسىز، بولسا تۇلۇق قول ئۈزۈڭ، جۆرىڭىزگە سادىق بولۇڭ، يەنە سىرتلاردا مۇشۇنداق ناشايان ئىش قىلىشتىن قول ئۈزەلمىسىڭىز، ئۇنداقتا بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئۇسۇلدا باشتىن ئاخىر تولۇق ئىشلىتىڭ.
      داۋاملىق سۇئالىڭىز بولسا يەنە سىزگە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىمەن.

    • دوختۇر مۇنداق يازغان:

      جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ دىگەن گەپ قىلسىلا يۇقىدۇ دىگەن گەپ ئەمەس، چۈنكى قارشى تەرەپتە يوق بولسا سىزگە يۇقۇشى ئەسلە مۈمكىن ئەمەس. بۇ يۇقۇش نىسبىتى بار، دىمەكچى مۇناسىۋەت قىتىم سانى ، ھەر قىتىم بىخەرتەرلىك تەدبىرى بار يوقلىغى دىگەندەك ئشلارمۇ تەسىر قىلىدۇ. …. ناۋادە سىز ياخشى چىققان بولسا، زىنادىن قول ئۈزۈپ، ئۆزىڭىزنى پاك تۇتسىڭىزلا، تازلىققا دېققەت قىلسىڭىز بولدى. مۇشۇ كەمگىچە ياخشى چقىققا بولسا مەنچە يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىغى يوق.

  4. تورداش مۇنداق يازغان:

    بوھران ئەپەندىمنىڭ قىلغان خالىس ئەمگىكىگە رەھمەت!

  5. گۈزەل مۇنداق يازغان:

    ئەيدىز كىسلى بىلەن يۇقۇملنىپ قانچىلىك ۋاقىتتن كېيىن ئادەم بەدىندە قانداق ئوزگىرىشلەربولدۇ؟ قان تەكشۇرمىگىەن ئەھۋال ئاستىدا ئەڭ ئاسان بىلىش ئۇسۇلى قايسى؟ رەھمەت!!

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      ياخشىمۇ سىز،
      بىر ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان دەسلەپكى بىر ئىككى ھەپتە ئىچىدە (تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا)قىزىش، ئىچى سۈرۈش، كېچىدە سوغۇق تەرلەش، تېرىگە قىزىل ئۆرلەش قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ، ئەمما ھەممىلا ئادەمدە مۇشۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلۈشى ناتايىن، ئۇنىڭدىن كېيىنكى بىر نەچچە ئايدا يۇقارقى ئالامەتلەردىن باشقا يەنە بويۇندىكى لىمفا بەزلىرى يوغىناش،بەدەن ئېغىرلىقى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەش( يەنى بىر ئىككى ئايدا بەدەن ئېغىرلىقىنىڭ 10 پىرسەنتى ئەتراپىدا يەڭگىللەش)قاتارلىق ئالامەتلەر كۆرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. بۇ پۈتۈنلەي ۋىرۇسنىڭ ئادەم تېنىدە تېز سۈرئەتتە كۆپىيۋاتقانلىقى سەۋەبلىك ئىممۇنىتېت سېستىىمىزنىڭ ۋىرۇسقا قايتۇرغان ئىنكاسىنىڭ ئىپادىسى.

      ئەمما يەنە تەكىتلەيمەن، بۇ ئالامەتلەر ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان ئادەم زۇكام بولۇپ قالغاندىمۇ ياكى باشقا كېسەلدىن يۇقۇملانغاندىمۇ ( مەسىلەن تۇبېركۇليۇزدىن) كۆرۈلۈشى مۇمكىن، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ھەر بىر بىماردا بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى كۆرۈلۈشىمۇ ناتايىن، ھەتتا بەزى يۇقۇملانغۇچىلاردا ھېچقانداق ئالامەت كۆرۈلمەيدۇ.
      قان تەكشۈرمىگەن ئەھۋال ئاسىتىدا ئەڭ ئاسان بىلىش ئۇسۇلى يۇقارقىدەك ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولسا ھەم ئۇدا داۋاملاشسا، داۋالىغان تەقدىردىمۇ ساقىيىشى بۇرۇنقىدىن ئاستا بولسا، ئەڭ مۇھىمى ئىلگىرى ياكى يېقىندا ئەيدىز يۇقتۇرىۋېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىش- ھەرىكەتلەردە بولغان بولسا ۋە شۇ جەرياندا بىخەتەرلىك تەدبىرى قوللانمىغان بولسا، ئەيدىزدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ. ئەمما جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن قاندىكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېتلاسىنى تەكشۈرۈشتىن ئۆزگە ھېچقانداق ئۇسۇل يوق.

      يەنە مەزكۇر بلوگدىكى « قايسى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى بىشارىتى بولىدۇ؟» دىگەن يازمىمىزنى كۆرۈپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

  6. شامال مۇنداق يازغان:

    مەن 2010.يىلى6.ئاينىڭ24.كۈنى بىخەتەر لىك خالتىسى ئىشلەتمەي جىنسى مۇناسىۋەت ئوتكۈزگەن.مەن ئەنسىر گىنىم دىن 11كۈن بولغاندا بىر تەش كۈرتتۈم ،54كۈن بولغاندا بىر تەكشۈرتتۈم،78كۈن بولغاندا بىر تەكشۈرتۈم .ئەممىسى ساق چىختى، لىكىن مەن يەنە ئەنسىرەپ بۇ ئۇچۇر نى يوللۇدۇم !ئارلىختا بىخەتەر لىك خالتىسى ئشلىتىپ جىنسى مۇناسىۋەت ئوتكۈزگەن بۇ نىڭ دىن يۇقامدۇ؟ يەنە تەكشۈرتۈشۈم كېرېكمۇ ؟ ياكى خاتىرجەم بولسام بولامدۇ؟

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      بۇ سۇئالىڭىزنىڭ جاۋابىنى 5-قەۋەتتىكى مەزمۇندىن( يەنى ئاتېللا ئىسىملىك تورداشنىڭ سۇئالىغا بېرىلگەن جاۋاپتىن) كۆرگەيسىز، ئەگەر يەنە قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئېرىشەلمىگەن بولسىڭىز مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز داۋاملىق جاۋاپ بېرىشكە تىرىشىمەن.

  7. كارتوس مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سىز،
    مەن 2 قىتىم باشقىلاربىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكغزدۈم. بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا بەدىنىمگە ئۇششاق قاپارىتمىلار چىقىپ قالدى .قىچىشىدۇ ھاشارەت چىقىۋالغاندەك (بۈگە) شۇ ئېشنى قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن .

  8. ئۇبۇل مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم مەن ئازراق مەسلەت سۇراي دىگەن كاپوس ئوسمىسى ئادەتتىكى ئادەملەردىمۇ كۇرلەمدۇ قانداق يەردە قىقراق كۇرلىدۇ ئۇنى ساقايتقىلى بۇلام دۇ مەسلەت بىرىلسە

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام:
      كاپوسى گۆش ئۆسمىسى ئادەتتە ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغانلاردىمۇ كۆرۈلىدۇ، بۇلار ئاساسلىقى بەدىنى ئىنتايىن ئاجىزلىشىپ كەتكەن ياكى ئۇزۇن مەزگىل كېسەل تارتىپ يېتىپ قالغان ياشانغان كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدۇ. ماتېرىياللارغا ئاساسلانغاندا، بۇ خىل ئاز ئۇچىرايدىغان كېسەللىك رايونىمىزدىكى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان مىللەتلەردىن ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل ۋە قىرغىزلارنىڭ ئارىسىدىكى ياشانغان كىشىلەردە كۆپ كۆرۈلىدىكەن.
      ئەگەر كاپوسى گۆش ئۆسمىسى ياشلاردا كۆرۈلسە، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ.

  9. رىشات مۇنداق يازغان:

    ئئەيدىس كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بىركىشىنى تونۇيتىم،ئۇ كىشى ھازىر قاسساپلىق قىلىپ گوش سىتىۋاتىدۇ،
    مەن بۇ كىشىدىن خاتىرجەم گوش سىتىۋالسام بولامدۇ؟

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      سالام،
      ئەيدىز ۋىرۇسى پەقەت يۇقۇملانغۇچىنىڭ قېنىنىڭ يەنە بىر ئادەمنىڭ بەدەن ئىچىگە( يەنى قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا ) كىرىشى ئارقىلىق يۇقىدۇ، يۇقۇملانغۇچى ساتقان خام-پىششىق يىمەكلىكلەرنى يىيىشتىن، سەي-كۆكتات، مىۋە -چېۋىلەرنى سېتىۋېلىپ يىيىشتىنمۇ يۇقمايدۇ، دىمەك يۇقۇملانغان قاسسساپتىن گۆش سېتىۋېلىپ يىگەنگە ئەيدىز يۇقمايدۇ،بۇنىڭدىن تولۇق خاتىرجەم بولسىڭىز بولىدۇ.

  10. ئەلى مۇنداق يازغان:

    ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملۇنۇپ قانچىلىك ئومۇر كۇرە لەيدۇ؟

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      سالام،سۇئالىڭىزغا بەكمۇ كېچىكىپ جاۋاپ قالدۇرغىنىمدىن خىجىلمەن.
      ئادەم ئەيدىز بىلەن يۇقۇملىنىپ مۇنچە يىل ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ دەپ كېسىپ ئېىتقىلى بولمايدۇ. نەزەرىيە جەھەتتىن 8يىلدىن 13 يىلغىچە ھايات كەچۈرەلەيدۇ دەپ قارىلىدۇ. بۇ ھەر خىل شارائىتقا باغلىق. مەسىلەن، يۇقۇملانغاندىن كېيىن ھېچقانداق داۋالىنىشقا ئېرىشەلمىسە ،تۇرمۇشى قىيىنچىلىق بولسا، قوساققا ئوبدان يىيەلمىسە، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى بىلەن دائىم جىسمانى ھەم روھىي جەھەتتىن بېسىم ئاستىدا كۈنلىرى ئۆتسە

  11. ئەلى مۇنداق يازغان:

    كاپوس ئوسمىسى ياشلاردا كۇرۇلسە چۇقۇم ئەيدىز دىيىشكە بۇلامدۇ

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      ياق.
      ھېچقانداق بىر ئادەمنى كېسەللىك ئالامىتىگە قاراپلا ئەيدىزنىڭ ئالامەتلىرىگە ئوخشىشىپ كەتسە ئەيدىز دەپ ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، چۈنكى ئەيدىز ئادەمنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى بۇزغاندىن كېيىن ھەر قانداق بىر كېسەلدىن يۇقۇملىنىشى مۇمكىن.ئەمما ياشلاردا كاپوسى گۆش ئۆسمىسى كۆرۈلسە، ئەيدىزدىن گۇمان قىلىشقا بولىدۇ، ئەمما يەنىلا تەكشۈرۈپ دەلىللەش كېرەك.

  12. كارتوس مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سىز،
    مەن 2 قىتىم باشقىلاربىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكغزدۈم. بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا بەدىنىمگە ئۇششاق قاپارىتمىلار چىقىپ قالدى .قىچىشىدۇ ھاشارەت چىقىۋالغاندەك (بۈگە) شۇ ئېشنى قىلىپ بىر ھەپتىدىن كىيىن .
    داۋامى.
    مەن ئسلى تىبىر كىلىيۇز غا قارتا دارا يەۋاتقەن ئېدىم 6 ئاي بولغان يىگەن دارىلىرىم جگەر گە تەسىر قىلدىكەن دەپ قان تەكشۈرتۈپ تۇرغان .شۇ قان تەكشۈرۈشتە يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغان لىقى چىقامدۇ چىقمامدۇ ؟ قان تەكشۈرتىشتىن بۇرۇن مۇ باشقىلار بىلەن بىرگە بولغان .
    يەنە بىر ئېش باتى شۇ قىزىل نەرسىلەرچىقىشتىن بىركۈن بۇرۇن بىر مىھماندارچىلىققا بىرىپ شۇيەردە ھەرخىل تاماقلانى يىدىم پولا، ئۆپكە ئېچەي .تاڭ جاۋزا دىگەندەك ئەتىسى بىركۈن مەيدەم بىئارام بولۇپ باشتا ئاش قازان دارىسى ئېچتىم ئاغىرقى توختىمىدى (ئاشقازان دارىسى ياپۇن نىڭكى ئېكەن ) ئاندىن يىرىم سا ئەتتىنى كىيىن بىلىق سۈرەتلىك دارا 正统片 ئېچچتىم بىردەمدىن كىيىن مەيدەمنىڭ ئاغىېرقى قويۇپ بەردى .ئەتىسى 9بىلەن ئۇخلاپ چۈشتىكىيىن2دە ئويغاندىم بەدىنىمگە قىزىل قاپراتمىلار چىقىپ كىتىپتۇ ىۇددى بۈگە چىقىۋالغاندەك قىچىشىدۇ، بىر سائاتتىن بىريىرىم سائاتكىچە تۇرۇپ يوقاپ كىتىدۇ، ئېككى كۈن مۇشۇندق بولدى كىيىن چىقمىدى دوختۇرخانىغا بىرىپ ئادەتتىكى قان تەكشۈرۈتتۈم مۇشۇنۇڭدىمۇ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغان لىقى چىقامدۇ ئۇچاغدا اوختۇر قاندا مەسلە يوقكەن دىگەن .

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      ياخشىمۇ سىز،
      ئادەتتىكى قان تەكشۈرۈشتىن ياكى جىگەر ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتىن ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەيدىز ۋىرۇسى ئانتېتىلاسىنى تەكشۈرۈش كېرەك.
      باشقىلار بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگىنىڭىزدىن ئەنسىرەۋېتىپسىز، بۇ ھەقتە ئالدىدا باشقىلارنىڭ ئوخشاش سۇئاللىرىغا جاۋاپ بېرىلىپ بولغان، شۇ جايدىن كۆرسىڭىز، بۇ يەردە يەنە تەكرارلاشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايمەن.جىنسى مۇناسىۋەت جەريانىدا( ئەگەر قاپچۇق ئىشلەتمىسە) ئەيدىزدىن باشقا يەنە سىفىلىس، سۆزنەك، قىچىشقاق قاتارلىق كېسەللىكلەردىنمۇ ئاسان يۇقۇملىنىدۇ، بۇلارنى ئويلىشىپ بېقىڭ.

  13. ئەركىن مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سىز.؟ مەن تۇنۇگۇن ئۇۋلاش ئورنىدا ئۆزۇمنى تۇتىۋالالماي بىر قىز بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن..ھازىر بەكلا پۇشايمان قىلىۋاتىمەن. مۇناسىۋەت جەريانىدا 2قات بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەن..لېكىن شۇنىڭدىمۇ بەكلا ئەنسىرەۋاتىمەن.خەنزۇچە توردىن مەسلىھەت سورىسام بەزىلىرى قاپچۇق ئىشلەتكەندە يۇقمايدۇ دېسە بەزىلىرى يۇقىشى مۇمكىن دەيدۇ..
    1. قاپچۇق ئىشلەتكەندە ئەيدىز كېسىلىنىڭ يۇقۇش نىسبىتى قانچىلىك بولىدۇ.؟
    2. ئەڭ تېز بولغاندا قانچە كۈندىن كېيىن تەكشۈرتسەم نەتىجىنى بىلگىلى بولىدۇ.؟

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      ياخشىمۇ سىز!
      1. جىنسى مۇناسىۋەتتە ئىككى قات بىخەتەرلىق قاپچۇقى ئىشلىتىشنىڭ قىلچىلىك زۆرۈرىيىتى يو، ئەكسىچە بۇ بىر ئەخمىقانىلىق! چۈنكى بىخەتەرلىك قاپچۇقى سۈپەتلىك، ۋاقتى ئۆتمىگەنلا بولسا ھەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى توغرا بولسا بىرنىلا ئىشلەتسىمۇ ھەرگىز يىرتىلىپ كەتمەيدۇ. ئىككىنى ئىشلەتكەندە ئەكسىچە ئاسان يىرتىلىپ كېتىشى مۇمكىن. خۇلاسە شۇكى، قاپچۇق يىرتىلىپ كەتمىسە يۇقمايدۇ، يىرتىلىپ كەتكەن بولسا يۇقۇش ئېھتىماللىقى بار. شۇ چاغدا يىرتىلغان يىرتىلمىغانلىقىنى ئەسلەپ بېقىڭ.
      2. يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىنى بىلىش ئۈچۈن شۇ ئىش يۈز بېرىپ ئۈچ ئاي ۋاقىتتىن كېيىن تەكشۈرتسىڭىز ئاندىن توغرا نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز.
      5-قەۋەتتىكى سۇئالغا بېرىلگەن جاۋاپتا جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشنىڭ ئېھتىماللىقى توغىرسىدا تەپسىلى توختالغانمەن، شۇ مەزمۇنلارنى بىر كۆرۈپ چىقسىڭىز.

  14. ۋىن 7 مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    مەسلەھەت سوراي دىگەن، ئادەمگە شۇ كىسسەل يۇقۇپ بىرە ئايدىن كىيىن ئالامەتلەردىن بىرەسى(مەسىلەن سۇلۇق ئىششىق) كۆرۈلۈپ يانا 5~6 ئاغىچە باشقا ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدىغان ئەھۋالمۇ بولامدۇ؟ (ئاشۇنداق 5~6 ئايغىچە يوشۇرۇن بولامدۇ دىمەكچى)
    ياكى شۇ سۇلۇق ئىششىقنى مۇھىت ئالمىشىشتىن دىيىشكە بولامدۇ؟ مەسلەھەت بەرسىڭىز.رەھمەت.

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      سالام،
      ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدە كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەردىن (تۆۋەن تېمپىراتۇرىدا)قىزىش، ئىچى سۈرۈش، بەدەنگە قىزىل ئەسۋە چىقىش، تۇيۇقسىز ئورۇقلاش قاتارلىقلار بار. يەنى بۇلاردىن بىرەرسى ياكى بىر نەچچىسى كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇلار ھەم ئەيدىزدىن يۇقۇملانمىغان ئادەملەردىمۇ كۆرۈلىدۇ، مەسىلەن زۇكام بولغاندا، يىمەكلىك ياكى دورا رېئاكسىيە قىلغاندا، بۇلغانغان يېمەكلىكنى يەۋالغاندا. ئەمما يۇقارقى ئالامەتلەر يەنە ئۆزلۈكىدىن يوقاپ كېتىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئالامەتلەر يەنە كۆرۈلۈشى مۇمكىن( ھەر قانداق بىر كېسەل مەنبەسىدىن يۇقۇملانسا شۇ كېسەلنىڭ ئالامىتى كۆرۈلىدۇ)، لېكىن ئۇدا ساقايمايدىغان ئەھۋال بولمايدۇ. پەقەت ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندە كۆرۈلگەن ئالامەتلەر كۆپرەك ھەم مۇرەككەپ بولىدۇ، ساقىيىشىمۇ سەل تەسكە توختايدۇ.

  15. ئامىنە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،ئادەم ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىپ ،كاپوس گۆش ئۆسمىسى كۆرۈلگەندە ئويغۇر تىبابىتىدە ساقايتقىلى بۇلامدۇ؟

    • بوھران مۇنداق يازغان:

      كاپوسى گۆش ئۆسمىسىمۇ بىر خىل ئۆسمە ياكى راك. ئۇيغۇر تىيابېتىدە قانداق داۋالاش ھەققىدە مەن مەسلىھەت بېرىشكە ئاجىزلىق قىلىمەن، بولسا ئۇستىراق تىۋىپلاردىن مەسلىھەت سوراپ باقسىڭىز، بۇھەقتە 80 خالتا تورى ياخشى مەسلىھەت بېرەلىشى مۇمكىن.

  16. پىنھان مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇ سىز.؟ نەچچە كۈن ئاۋال قىز دوستۇم بىلەن مۇناسەۋەت ئۈتكۈزگەن بەك ئەنسىرەۋاتىمەن ~!
    قاپچۇق ئىشلەتمەي مۇناسىۋەت ئۈتكۈزگەنتىم ..
    بۇنىڭدا ئەيدىز يۇقامدۇ ، ئەيدىزنىڭ دەسلەپكى باسقۇچىدا كېسەلنى ساقايتقىلى بولامدۇ ؟

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ئەڭ مۇھىم نۇقتا شۇكى، قىز دوستىڭىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بارمۇ؟ يەنى قىز دوستىڭىز ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانمۇ؟
      ئەگەر قىز دوستىڭىز ساق بولسا، ئۇنداقتا سىزمۇ سالامەت بولىسىز.
      ئەڭ ياخشىسى، زىنا ئىشلىرى بىلەن شوغۇللانماڭ. بۇ، قۇرئاندا ئاللاھ چەكلىگەن گۇناھ ئىشلاردىندۇر.
      ئەگەر قىز دوستىڭىز ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسا، ئاياللاردىن ئەرلەرگە يۇقۇش نىسبىتى ئىنتايىن تۆۋەن بولىدۇ، لېكىن ئەرلەردىن ئاياللارغا يۇقۇش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى، چۈنكى بۇ ئەر- ئاياللارنىڭ جىسنىي ئەزاسىنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
      ئەگەر قىز دوستىڭىزدا ئەيدىز ۋىرۇسى بار بولۇپ، ئۆزىڭىزدىن گۇمانلانسىڭىز، 3 ئايدىن كېيىن، كېسەللىكەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ، قان تەكشۈرتۈش ئارقىلىق ئەھۋالىڭىزنى بىلىپ باقسىڭىز بولىدۇ.
      ئېسىڭىزدە، چىڭ تۇتۇڭ، ئاللاھنىڭ زىنانى چەكلىگەنلىكىدە ھېكمەت كۆپ. ئەيدىزدىن ئىبارەت بۇ كېسەلمۇ دەل شۇ ھېكمەت ۋە ئىبرەتلەرنىڭ بىرسىدۇر.

  17. ئابلاجان~ مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم~~~كاپوسى گۆش ئۆسمىسى دىگەن نىمە؟ شەكلى قانداق~~ئادەمنىڭ نەرىگە چىقىدۇ~؟؟؟؟؟تەپسىلىيراق مەسلىھەت بەگەن بولسىڭىز~””

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      كاپوسى گۆش ئۆسمىسى ھەققىدە بايان:
      • كاپوسى گۆش ئۆسمىسى ئەيدىز بىمارلىرىدا كۆپ كۆرىلىدىغان راك كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى ھېساپلىنىدۇ.
      • CD4 سەۋىيىسىنىڭ خالىغان باسقۇچىدا كۆرىلىدۇ، بولۇپمۇ CD4 سانى 200 دىن تۆۋەن بولغاندا، ئۆسمە بىر قەدەر كەڭ تارقىلىدۇ.
      • قان تومۇرنىڭ راكى ھېساپلىنىدۇ.
      • بەدەندىكى بەلۋاغسىمان ۋىرۇس 8 بىلەن مۇناسىۋىتى زىچ.
      • ئەرلەردە كۆپىرەك كۆرىلىدۇ.

      كاپوسى گۆش ئۆسمىسىنىڭ ئالامەتلىرى:
      • تېرىگە ئاسان ھۇجۇم قىلىدۇ، ئاغرىمايدۇ، پۇت ۋە پاچاق، قول ياكى قۇرساق قىسىمىغا بېغىررەڭ داغلار چىقىدۇ.
      • شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېغىز، لىمفا تۈگۈنى، ئۆپكە، ئۈچەي، چاتلارغا ھۇجۇم قىلىدۇ.
      • لىمفا سۇلۇق ئىششىقى لىمفا تومۇرلىرىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ.

      كاپوسى گۆش ئۆسمىسىنى داۋالاش:
      • زەخمىلەنگەن ئورۇندىكى توقۇلمىنى بىئوپسيىلىك تەكشۈرۈش ئارقىلىق دىئاگىنوز قويۇلىدۇ.
      • كىچىك ھەم قىسمەن تېرىدىكى زەخمنى يەرلىك ئورۇنغا سۇيۇق ئازوت (توڭلىتىلغان) ئىشلىتىش ئارقىلىق داۋالايدۇ، ياكى يەرلىك ئورۇنغا خىمىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.
      • رادىئاكسىيىلىك داۋالاش ناھايىتى ئاز ئىشلىتىلىدۇ.
      • ئىچكى ئەزالىرىمۇ ھۇجۇمغا ئۇچرىغان بىمارلارغا خىمىيىلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش، بلومىسىن (博来霉素)، ۋىنبلاستىن (长春碱) ياكى ۋىنكرىستىن (长春新碱)، دونورۇبىسىن (柔毛霉素) قاتارلىقلارنى ئىشلىتىش كېرەك.

      كاپوسى گۆش ئۆسمىسىنىڭ كۈتۈلۈشى:
      • كاپوسى گۆش ئۆسمىسى بىمارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزۈپ، پىسخىكا جەھەتتىكى ئۆزگىرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
      • ئېغىزدىكى زەخمىسى كېڭىيىپ كەتسە، بىمارلارنىڭ ئوزۇقلىنىشى ۋە گەپ قىلىشىغا تەسىر قىلىدۇ.
      • شۇڭا داۋالاشتىن بۇرۇن، بىمار ۋە ئائىلە ئەزالىرىغا مەسلىھەت بېرىش كېرەك.
      • ئەگەر پۇت- قوللىرى ئىششىپ يوغىناپ كەتسە، تېرىنىڭ كېڭىيىپ زەخىمگە ئۇچرىشىدىن ساقلاش كېرەك.
      • ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ئىممۇنېت سېستىمىسىنى ياخشىلاپ، قاپارتما ۋىرۇسىغا قارشى تۇرالايدۇ.

  18. ئەكپەر مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇسىز،ئادەم ئەيدىز ۋىروسىدىن يۇقۇملىنىپ قالغاندا كاپوس گۆش ئۆسمىسىدىن ئالدىنى ئالغىلى بولامدۇ؟كاپوس گۆش ئۆسمىسى قانداق ئەيدىز بىمارلىرىغا چىقىدۇ؟قانداقلىرىغا چىقمايدۇ؟

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      بۇ سۇئالىڭىز ئەيدىزنى داۋالاش دوختۇرلىرى بېرىشكە تېگىشلىك سۇئال ئىكەن، 13109946416 غا تېلېفون قىلىپ سوراپ باقسىڭىز ياكى بەيدۇدىن ئىزدەپ كۆرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  19. دىلمۇرات مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇسىز . ئەگەر جىنسى مۇناسىۋەت قىلغاندا قاناش يۈزبەرمىسە سۈيۈقلۈق ئارقىلىقمۇ يۇقامدۇ ؟ سۆيۈشۈشتىن شۆلگەي ئارقىلىقمۇ يۇقامدۇ؟ يەنە فاڭيىزەندە تەكشۈرۈتسەك قانچىلىك ۋاقىتتىن كىيىن نەتىجىسىنى چىقىرىپ بىرىدۇ ؟ ئاۋارە قىلدىم سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز .

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدىكى سۇيۇقلۇق تەركىبىدە ئەيدىز ۋىرۇسى بولسا، ھەمدە بۇ ئەيدىز ۋىرۇسلىرى قارشى تەرەپنىڭ قان ئايلىنىش سېستىمىسىغا ئۆتۈپ كېتىش ئېھتىماللىقى بولسا، ئەيدىز يۇقۇشى مۇمكىن.
      ئادەتتە، ئەيدىزنىڭ ئەرلەردىن ئاياللارغا يۇقۇشى بىر قەدەر ئاسان، لېكىن ئاياللاردىن ئەرلەرگە يۇقۇشى بىر قەدەر تەسرەك. چۈنكى بۇ جىنسىي ئەزالارنىڭ تۈزۈلۈشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
      ئادەتتە، سۆيۈشۈشتىن ئەيدىز يۇقمايدۇ.
      نەتىجىنىڭ قانچىلىك ۋاقىتتا چىقىشى، تەكشۈرۈش ئورنى بىلەن مۇناىسۋەتلىك. بەزى فاڭيىزەنلەردە تەكشۈرۈش ئاپپاراتى تەييار، شۇڭا يېرىم سائەتتىن بىر نەچچە كۈن ئىچىدە نەتىجىنى ئالالايسىز. بەزى فاڭيىزەنلەر يۇقىرى دەرىجىلىك ئورۇنلارغا ئەۋەتىپ، ئاندىن سىزگە جاۋابىنى بېرىدۇ، بۇلارغا ئادەتتە 1 ھەپتىن 1 ئايغىچىلىك ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن.

  20. گۈلى مۇنداق يازغان:

    ئەىسالامۇئەلەيكوم، يۈكسەل بلوگىدىكى بارلىق خادىملار. ئالدى بىلەن بېشىغا كۈن چۈشكەن بارلىق تورداشلارغا يېقىندىن ھەم-نەپەس بولۇپ كېلىۋاتقىنىڭلارغا بارلىق تورداشلار قاتارىدا چىن كۆڭلۈمدىن تەشەككۈرىمنى بىلدۈرىمەن. مەقسەتكە كەلسەم، ئەيدىزنىڭ ۋەھىمىسىدە قىينىلىۋاتقان كىشىلەر قاتارىدا مېنىڭ بېشىمغىمۇ ئېغىر كۈنلەر كەلدى. تەخمىنەت 3-4ئاي بولۇپ قالدى. يولدىشىمنىڭ ئىچى سۈرۈپ، قىزىتىپ پەقەتلا ئارام بەرمىدى. دوختۇرخانىغا ئاپىرىپ تەكشۈرتۈش جەريانىدا ئۇنىڭ شۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقملانغانلىقى چىقتى. شۇ ۋاقىتتىكى ھىسىياتىمنى دەپ بېرەلمەيمەن. ئەسلى بىز بۇ كىسەلنى ئۆزىمىزدىن خېلى يېراقتا، دەپ ئويلاپتۇقكەن. يولدىشىمدىن نىمە سەۋەپتىن بۇ خىل كىسەلنى يۇقتۇرغانلىغىنى سوراپمۇ باقمىدىم. ئۆزۈمنى شۇنىڭ بىلەن تەڭ تۈگەشكەندەك ھىس قىلدىم. چۈنكى ئۇنىڭ قايسى ۋاقىتتىن باشلاپ بۇ ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرگنلىكىنىمۇ بىلمەيمەن. مەندە ئۇ خىل كىسەلدە كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر كۆرۈلمىدى. ئاخىرى غەيرەتكە كېلىپ، ئۆزۈمنى تەكشۈرتتىم. تەلىيىمگە مەنپى چىقتى. كۆڭلۈم يەنىلا بىر خىل ئەنسىرەش ئىچىدە يەنە بىر تەكشۈرتىشىم كىرەكمۇ؟ يەنە بىر ئىش ھازىر يولدىشىمىڭ قوسىقىغا سۇ چۈشتى دەپ، ھەم ئۆپىكىگە سوغ ئۆتكەن دەپ داۋالىنىۋاتىدۇ. بۇ شۇ كىسەلنىڭ قايسى باسقۇچقا بارغان مەزگىلدە كۆرىلىدىغان ئالامەتلەر. يولدىشىمغا شۇنداق ھىسداشلىق قىلغۇم كېلىدۇ. ھازىر دوختۇرخانىغا بارسام تونۇشلار ئۇچراپ قالارمۇ دەپ، جۈرئەتلىك بارالمايمەن. يولدىشىم دوختۇرخاندىدىن چىققاندىن كېيىن بالام ئۈچۈن بولسىمۇ ئاجرىشىپ كېتەيمىكىن دەيمەن. سىلەرچە مەن قايسى يولنى تاللىسام پەرزەنتىمگە ئەڭ پايدىلىق بولىدۇ. تېزدىن مەسلىھەت بېرىشىڭلارغا بەكمۇ مۇھتاجمەن. يولدىشىمنىڭ ھازىرقى ھالىتىدە ئوبدان كۈتۈنسە يەنە قانچىلىك ئۆمۈر كۆرەلەيدۇ.

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ۋەئەلەيكوم ئەسسالام گۈلى خانىم!
      سىزگە ۋە ئائىلىڭىزگە ھەقىقەتەنمۇ بەك ھېسداشلىق قىلىمەن. ئالدى بىلەن، ئەيدىز ھەققىدە ئازراق ساۋات بېرىپ، ئاندىن كېيىن تەكلىپ بېرىشنى لايىق كۆردۈم.
      ئەيدىز پەقەت قان، جىنسىي مۇناسىۋەت ۋە ئانىدىن بالىغا يۇقىدۇ. بۇلارنىڭ شەرتى ئەلۋەتتە قارشى تەرەپتە ئەيدىز ۋىرۇسى بولۇشى كېرەك.
      سىز پەقەت يولدىشڭىز بىلەن بولغان ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتە گاندوك (安全套) ئىشلىتىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنى ”قوغدىسىڭىز“ بولىدۇ، بۇنىمۇ يولدىشىڭىزغا توغرا چۈشۈندۈرۈڭ. ئىككىڭلارنىڭ تەڭ يۇقۇملنىپ، كېسەلچان بولغىنىڭلار، ئاخىرىدا بالىنى يېتىم قىلغىنىڭلار ياخشىمۇ، ياكى كېسەلنىڭ بىرىڭلار بىلەنلا كەتكىنى ياخشىمۇ؟
      ئەيدىز ۋىرۇسى ئاراڭلاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن يۇقمىسا، بىر- بىرىڭلارغا باشقا ئىشلاردىن يۇقۇشى ئاساسەن مۇمكىن ئەمەس. ئادەتتە ئەيدىز ۋىرۇسى بىللە تاماق يىگەنگە، ئادەتتىكىدەك سۆيۈشكەنگە، ئوبۇرنى، تېلېفون قاتارلىق نەرسىلەرنى ئوتاق ئىشلەتكەنگە يۇقمايدۇ. شۇڭا، ئادەتتىكى تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرىدە، يولدىشىڭىزدىكى ئەيدىزنىڭ بالىڭىز ۋە سىزگە يۇقۇپ قېلىشىدىن ئەنسىرىشىڭىز ھاجەتسىز.
      مۇھىم نۇقتا شۇكى، يولدىشىڭىزنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى باشقىلارغا قەتئىي تىنماڭ. چۈنكى، ئەتراپتىكىلەرنىڭ ئەيدىزگە بولغان چۈشەنچىسى ئېنىق بولمىغاچقا، بىلىپلا قالسا، مەھەللىدىكى پاراڭلارنىڭ تېمىسىغا ئايلىنىش بىلەن بىرگە، ئېغىر كەمسىتىلىشكە ئۇچرىشىڭلار مۇمكىن. دائىم ئىزدىشىدىغان دوستلار ئىزدىمىسە، توي- تۆكۈنگە چىللىمىسا، ھەتتا ئۇددۇل كېلىپ قالغان تونۇشلارمۇ سالامسىز ئۆتۈپ كەتسە، بۇ كۆڭۈل ئاغرىقلىرىنى سىلەر تارتىپ بولالمايسىلەر.
      قول سۇنسا، يەڭنىڭ ئىچىدە قالغىنى ئەڭ ياخشى.
      ئەگەر بالىڭىزنى ئويلىسىڭىز، يولدىشىڭىزدىن ئاجراشماڭ.
      ئاتا- ئانىلارنىڭ ئاجرىشىشى بالىغا ئىنتايىن چوڭقۇر روھىي ئازاپلارنى ئېلىپ كېلىدۇ، مەيلى ساق بولسۇن ياكى كېسەل بولسۇن، بالىغا يەنىلا دادا لازىم. سىز يولدىشىڭىز بىلەن نىكاھ مۇناسىۋتىڭلارنى ئۈزىۋەتكەن بىلەن، بالىڭىز بىلەن بولغان ئاتا-بالىلىق مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ئۈزىۋېتەلمەيسىز.
      ئاجرىشىپ كەتتىڭلارمۇ دەيلى، بالىڭىز سىزگە ئۆچ بولۇش بىلەن بىرگە، ئېغىر روھىي ئازاپقا دۈچ كېلىدۇ، بۇ ئازاپلارنى كۆرۈپ، سىزمۇ تەڭ ئازاپلىنىسىز، يولدىشىڭىز سىزنىڭ بۇنداق ”ۋاپاسىزلىقىڭىز“نى كۆرۈپ، ئىچىدىن تۈگۈشۈپ كېتىدۇ، ھەمدە ئەجىلىدىن بۇرۇن كېتىپ قېلىشى مۇمكىن. بالىڭىز بولسا، بالدۇرراق يېتىم بولىدۇ.
      ئەگەر ھازىرقى ئەھۋالنى ئوڭشايمەن دەيدىكەنسىز، ئاجراشمىغاننىڭ ئۈستىگە، تېخىمۇ خۇشال ياشاشنى، ئائىلىڭىزدىكىلەرنى خۇش قىلىشنى ئۆگىنىۋېلىڭ. ”خۇشاللىق“ بولسا، ئەيدىزنىڭ ئەڭ ياخشى دورىسى. ئەيدىز يۇقۇمدارلىرى خۇشال كەيپىياتتا بولسا، ئىممۇنتېت كۈچىمۇ ئېشىپ، تەن سالامەتلىكىمۇ بالدۇر ئەسلىگە كېلىدۇ.
      يولدىشىڭىزغا تەسەللىي بېرىڭ، ئىشىنىمەنكى يولدىشىڭىزمۇ سىزگە تەسەللىي بېرىدۇ. يولدىشىڭىزغا ئۇنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىڭىزنى، مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇنىڭغا مەڭگۈ ھەمرا بولىدىغانلىقىڭىزنى ئېيتىڭ.
      مەن تونۇيدىغان ئەيدىز ئەر-خوتۇنلار خېلى كۆپ، بەزەنلىرىنىڭ ئېرى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان بولسا، يەنە بەزەنلىرى ئىككىلىسى تەڭ يۇقۇملانغان، ھەتتا بىر-بىرىنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىق ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇپ، بەختلىك ئائىلە قۇرغانلارنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. بىزنىڭ بەختلىك تۇرمۇش قۇرۇشىمىزغا ”ئەيدىز“ دەك كېسەللەر توسالغۇ بولماسلىقى كېرەك.
      ئىشىنىمەنكى، سىزمۇ ئەيدىز ئارىلاشقان بىر ئائىلىنى چوقۇم بەختلىك قىلىپ كېتەلەيسىز. بۇ پەقەت ۋاقىت مەسىلىسى.
      ئاخرىدا، ئائىلەڭلارنىڭ بەختلىك بولۇشى، يولدىشىڭىزنىڭ سالامەتلىكىنىڭ بالدۇراق ئەسلىگە كېلىشىنى ئۇلۇغ ئاللاھدىن تىلەيمەن.

  21. ئابلاجان~ مۇنداق يازغان:

    ئەيدىس كېسىلىنىڭ بىرە داۋاسى تېپىلماسمۇ~~قايسى كۈنى مۇنبەرلەردە ئەيدىسنىڭ داۋاسى تېپىلدى دەپ كۆرگەنتىم~ بۇراسمىدۇ~~

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ئاللاھ ھەممە شەيئىنى جۈپتى بىلەن ياراتقاندەك، ئەيدىزنىمۇ داۋاسى بىلەن قوشۇپ ياراتتى، شۇنىسى ئاشۇ داۋانى ئىنسانلار ھازىرغىچە تاپالمايۋاتىدۇ، تېخىچە ئىزدىنىش باسقۇچىدا. ئاللاھ خالىسا، ئۇ داۋامۇ چىقىپ قالار.
      نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا، بىر يەمەنلىك موللامنىڭ ئەيدىزنى داۋالىغانلىقىغا ئائىت خەۋەرلەر ئۇيغۇر تورلىرىدا بىر كەلگەن ئىدى، ئۇ يەنە بۈگۈنكى كۈندىمۇ باشقىدىن كۆرۈلۈشكە باشلاۋاتىدۇ، بۇنىڭ راست – يالغانلىقى تېخى بىزگە نامەلۇم.
      ئەگەر ھەقىقەتەن ئاشۇنداق بولسا، ئەلۋەتتە ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن بايرام بولاتتى.

  22. تورداش مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم بۇ قاپراتما دىگەن . قانداق نەرسە قانداق رەڭلىك ، دانە خورەككە ئوخشامدۇ . ياكى ئوخشىشى نىمىگە ئوخشاپ قالدۇ. بىر جاۋاپ بەرسىڭىز بوپتىكەن.

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      قاپارتما دان خورەككە ئانچە ئوخشاپ كەتمەيدۇ، دەسلەپتە بەدەنگە ئەسۋەدەك ئۆرلەيدۇ، بىر مەزگىلدىن كېيىن ئىچدە سۇ كۆرىلىدۇ، كۆپۈپ سۇلۇق قاپارتمىغا ئايلىنىدۇ، ئاندىن يېرىلىپ سۈيى چىقىدۇ، بۇ سۇنىڭ تەركىبىدىمۇ قاپارتما ۋىرۇسى بار بولۇپ، بەدەننىڭ باشقا يېرىگە تەگسە، تەگكەن يەردىمۇ قاپارتما كۆرىلىدۇ. 疱疹 دىگەن خەتنى بەيدۇغا سېلىپ، رەسىم ئىزدەش تۈرىدىن ئىزدەپ باقسىڭىز، قاپارتمىنىڭ رەسىملىرىنى كۆرەلەيسىز.

  23. سۇلايمان مۇنداق يازغان:

    ئىغىز شۈلگەي سۇيۇقلۇق ئارقىلىق يۇقامدۇ؟ شۈلگەي سۇيۇقلۇقتا ئەيدىس ۋىروسى بولامدۇ. گاندۇن ئارقىلىق راس يۇقمامدۇ. ئەگەر يۇقۇش ئىھتىماللقى بولسا نەچچە پىرسەنىت ئھتىماللىقتا يۇقا؟ ئاۋارە قىلدىم . تەپسىلىي جاۋاپ بەرسىڭىز. بوپتىكەن. بىلۋالساق.

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      شۆلگەي سۇيۇقلىقىدىنمۇ ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈپ بايقىغىلى بولىدىكەن، لېكىن مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولۇپ، قارشى تەرەپنى يۇقۇملاندۇرۇشقا يەتمەيدىكەن. شۇڭا، سۆيۈشۈشتىن ئەيدىز ۋىرۇسى يۇقمايدۇ.
      گاندوكنى توغرا ئىشلىتىپ، جىما قىلغاندا، ئەيدىز ھەقىقەتەن يۇقمايدۇ، لېكىن قىچىشقاق، سىفلىس ۋە باشقا تېرە كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولمايدۇ.
      ئەگەر گاندوك ئىشلەتمەي جىما قىلسا، ئەيدىزنىڭ يۇقۇش ئېھتىماللىقى بار دەپ قارايمىز. بۇنىڭ يۇقۇش نىسبىتى ھەققىدە، ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتىتى جۇڭنەن دوختۇرخانىسىنىڭ پروففىسسورى 97 جۈپ توي قىلغىنىغا 5 يىلدىن ئاشقان جۆرىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلار ئۈستىدە تەتقىقات ئېلىپ بارغان. نەتىجىدە، ئۇلارنىڭ 9 جۈپنىڭ جۆرىسى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغان، دىمەك،يۇقۇش ئېھتىماللىقى %10 ، يىللىق يۇقۇش نىسبىتى %22 ئەتراپىدا بولغان.

      • سۇلايمان مۇنداق يازغان:

        قىرىنداش كۈكتاش 97 جۈپنىڭ ھەممىسى گاندۇن ئارقىلىق 10%
        مۇ ياكى گاندۇنسىز 10% مۇ مۇشۇنى بىرچۈشەندۈرۈپ قويسىڭىز بوپتىكەن.

        • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

          گاندوكسىز، يەنى ھېچقانداق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرىنى قوللانمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى يۇقۇش نىسبىتى %10 ئىكەن.

  24. تەخەللۇس مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ يۈكسەل ياكى بوھران دىگەنلەرنىڭ بىرەسىڭلار ئەيدىز ئوخشايسىلەر ھە ، شۇڭا بەك كۆيۈنىدىكەنسىلەر ! مېنىڭچە چوقۇم شۇنداق !

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ئەپەندى،
      ئۇ ئىككەيلەن ئەيدىز ئەمەس، بۇلار پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەيدىز ۋاباسىنىڭ ئېغىرلىقى، لېكىن مۇناىسۋەتلىك تەشىۋىقات ۋە ماتېرىياللارنىڭ كەملىكىدىن ئېچىنىپ، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش مەقسىتىدە جان كۆيدۈرىۋاتقان زىيالىي ياشلىرىمىزدۇر.
      ئەجىبا سىز ئۇيغۇرلاردىكى ئەيدىز ئەھۋالىغا ئېچىنمامسىز!؟

  25. گۈلى مۇنداق يازغان:

    ئەسىلامۇئەلەيكوم كۆكتاش ئەپەندى،تېچلىقمۇ؟ھازىر مەن سىلەرنىڭ تور بېكىتىڭلارنىڭ دائملىق مىھمىنى بولۇپ قالدىم.سىلەرنىڭ بولۇپمۇ ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان مىنەتسىز ئەمگىكىڭلاردىن بەكمۇ سۆيۈندۈم.يۇقىردىكى تەخەلۇسنىڭ بىر ئېغىز گېپىدىن بەكمۇ ئەپسۇسلاندىم.ھازىرقى شارائىتتا ئەيدىز جەمىيەتتىكى ناھايىتى ئېغىر بىر ئىجدىمائىي مەسىلىگە ئايلاندى.بولۇپمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمىيىتىگە جۈملىدىن نارسىدە ئەۋلاتلىرىغىمىزغا ، بىگۇناھ ئايالللىرىمىزغا ئېلىپ كېلىۋاتقان زىيىنىنى ئۇنداق ئاددىي چاغلىغىلى بولمايدۇ.شۇڭا ھازىر بۇ قورقۇنۇشلۇق ۋابانىڭ ئالدىنى ئېلىش پەقەت مۇشۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان كىشىلەرنىڭلا مەسئۇليىتى بولۇپلا قالماي جەمىيەتتىكى ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەجبۇريىتى.بولۇپمۇ بۇ خىل كىسەلنىڭ خەتەرلىك كىشىلەر توپىدىن ئادەتتىكى كىشىلەر توپىغا قاراپ كېڭيىشى ھەممىمىزنىڭ سەگەكلىكىنى ئاشۇرۇىشى كىرەك.شۇڭا تەخەللۇس ئەپەندىنىڭ مىللەت ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتقان خادىملارنىڭ ساق ياكى يۇقاملانغانلىغىقا باش قاتۇرماي، ئۇنىڭمۇ مۇشۇ ئۈن-تۈنسىز كۈرەش سېپىغا قېتىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.

  26. نامسىز مۇنداق يازغان:

    ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىپ دەسلەپكى مەزگىلدىكىنى ساقايتقىلى بولامدۇ ~! مەسىلەن 4~5 ئاي بولغان بولسا

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ساقايتقىلى بولمايدۇ.
      چۈنكى 4-5 ئايدىن كېيىن، ئەيدىز ۋىرۇسى پۇتۇن بەدەنگە تاراپ، ئادەمنىڭ ئىممۇنت كۈچى بىلەن رىقابەتكە چۈشۈپ بولغان ۋاقتى بولىدۇ.

  27. گۈلى مۇنداق يازغان:

    ئەسىلامۇئەلەيكوم يۈكسەل تور بېكىتىدىكى خادىملار ھارمىغايسىلەر.يېقىندىن بېرى ئەيدىزگە دائىر مەھسىلەتلىرىڭلار سەل ئازلاپ قالدىمۇ قانداق، بولسا مۇشۇ ھەقتە داۋاملىق كۈچ چىقارساڭلار، تېڭىرقاپ تورغان كىشىلەرنى تېخىمۇ خاتىرجەم قىلساڭلار.

  28. سىرداش مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم، يۈكسەل بىلوگىدىكى خادىملار ۋە كۇرۇرمەنلەر. ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئاللاھنىڭ ھەممىڭلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، خۇشاللىق ئاتا قىلىپ ئاشۇ نېجىس كىسەلدىن مەڭگۈ يىراق قىلغاي!!!

    مەقسەتكە كەلسەك:
    مەن 2009- يىلى ئائىلەمدىكىلەرنىڭ زورلىشى بىلەن ئۆزەمگە قىلچىمۇ ياقمايدىغان بىر قىز بىلەن توي قىلدىم. نىكاھتىن كىيىن ئىسسىقچىلىق ئۇتۇپ قالار دەپ ئويلىغان، ئەمما ئىش ئەكىسچە بولدى. توي كىچىسىدىن كىيىن ئۇنىڭغا تېخىمۇ ئۆچ بولدۇم. بەزى سەۋەپلەر تۇپەيلى ئۇنىڭ بىلەن ئۆي تۇتۇشقا مەجبۇر بولدۇم. ئارىدىن 2 ، 3 ئاي ئۆتمەي چاتئارلىقىمغا ( جىنسى ئەزايىمنىڭ ئەتراپىغا ) مەڭگە، سۆگەلگىمۇ ئوخشاپ قالىدىغان ئاق نەرسە چىقىپ قالدى،
    ئۇ نەرسىنى 3 ، 4 ئاي ساقلاپ يۈرۈپ ئاخىرى ئۈزۈمدىن ئەنسىرەپ دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرۈتسەم جىنسى سۆگەل دەپ دىئاگىنۇز قويدى. ئۇنىڭ نىمە ئۈچۈن چىقىدىغانلىقىنى سورىسام جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقىدۇ، داۋالاشقا 2 ، 3 ئاي كېتىدۇ دېدې. مەن ئەزەلدىن باشقىلار بىلەن جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزمەيتىم، ئويلاپ باقسام خوتۇنۇمدىن يۇققان ئىكەن، ماڭا ئۇنداق نەرسە چىقىشتىن بۇرۇن ئايالىمدا بار ئىدى، بۇ ئىش ماڭا قاتتىق ھار كەلدى، سىرىتقا چىقساممۇ ئۇنىڭغا گۇمان بىلەن قاراپ قاتتىق ئازاپلاندىم. شۇ سەۋەپلىك ئايالىمنىڭ ھامىلدارلىقىغا قارىماي ئاجىرشىپ كەتتىم. شۇنىڭدىن كىيىن ئۇزەمدە قاتتىق ئەنسىرەش پەيدا بۇلۇپ قالدى. توي خېتى بېرىدىغان چەغدا قان تەكشۈرگەن، ئاجراشقاندىمۇ قان تەكشۈردى، ئەمما باشقىچە گەپ قىلمىدى. شۇنداق بولسىمۇ يەنىلا خاتىرجەم بۇلالمايۋاتىمەن. ئەيدىز ۋەھىمىسى مىنى چىرمىۋالدى. يېقىندا ئىككى قېتىم شەيتاننىڭ ئازدۇرىشى بىلەن باشقىلار بىلەن بىرگە بۇلۇپ سالدىم، ئۇنىڭدا ئەيدىز بارلىقىدىن گۇمانىم بار، بىرگە بولغان چاغدا بىخەتەرلىق قاپچۇقى ئىشلەتكەن ئىدىم. يىرتىلىپمۇ يەتمىگەن.
    مەندىغۇ باشقا ئۆزگىرىشلەر بولمىدى، شۇنداق بولسىمۇ ئۇزەمدىن قاتتىق ئەنسىرەپ قالدىم.

    يۇقىرىدا ئېيتىلغان سوزلىرىمگە مىنىڭ ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىم بارمۇ يوق؟
    سۇئالىمغا جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز.

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ئەگەئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، ئىزچىل گاندوك ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ھەمدە گاندوك يىرتىلىپ كەتمىگەن بولسا، سىزگە ئەيدىز يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوق. لېكىن، باشقا خىل جىنسىي ياكى تېرە كېسەللىرى، مەسىلەن، سېفلىس، قىچىشقاق، جىنسىي سۆگەل قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلانماق تەس.
      مۇمكىن بولسا، ئۇنداق شەيتانلارنىڭ كەينىدىن ماڭماي، كېسىلىڭىزنى ياخشى داۋالىتىپ، باشقىدىن ئۆيلىنىۋېلىڭ!

  29. تەنھا مۇنداق يازغان:

    مەسلھەت سۇرايمەن ،مەنمۇ ھەي ھازىر ئۇيلسام پۇشايمان قىلىمەن ،شەيتاننىڭ ئازدۇرشى بىلەن ،ئاشۇنداق يەرلەرگە بىر نەچچە قىتىم كىرىپ قالدىم ،شۇنىڭدىن بىرى ،گۇمان پەيدا بۇلدى،،بىخەتەرلىك خالتىسى ئىشلەتكەن بۇلمسا ،بەدىنىمدە باشقا ئۇزگۇرۇش يۇق، بەدىنمدە ،ئازراق زەھرلنىپ قالغاندەك ،زەھەر باردەك ،ھىس قىلۋاتىمەن،بۇ نىمە ،ئىشتۇ،مۇرە،ئەتراپىم ،ئازراق گاھىدا ئازراق ئاغرىغاندىك بۇلدۇ،

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ئەگەر جىنسىي مۇناسىۋەت جەريانىدا، ئىزچىل گاندوك ئىشلەتكەن بولسىڭىز، ھەمدە گاندوك يىرتىلىپ كەتمىگەن بولسا، سىزگە ئەيدىز يۇقۇش ئېھتىماللىقى ئاساسەن يوق. لېكىن، باشقا خىل جىنسىي ياكى تېرە كېسەللىرى، مەسىلەن، سېفلىس، قىچىشقاق، جىنسىي سۆگەل قاتارلىقلارنىڭ يۇقۇپ قېلىشىدىن ساقلانماق تەس.
      مۇمكىن بولسا، ئاشۇنداق ئىشلارنى بۇندىن كېيىن قىلماڭ. زىنانىڭ ئۆزى چوڭ گۇناھتۇر.

  30. پىنھان مۇنداق يازغان:

    كاپوس گۆش ئۆسمىسى دېگەن نىمە رەسىمى بارمۇ؟ بولسا كۆرۈپ باقسام بوپتىكەن

  31. نامسىز مۇنداق يازغان:

    ئەسسلىلامۇ ئەلەيكۇم كۆكتاش ئەپەندى ”` سىزنىڭ تورداشلارنىڭ سوئاللىرىغا بىرنىمۇ قالدۇرماي تەپسىلى جاۋاپ بېرىپ كىلىۋاتقانلىقىڭىزغا بارلىق تورداشلارغا ۋاكالىتەن رەھمەت ئېيتىمەن ”` ئىزىڭىزدىن گۈللەر ئۈنسۇن ئاللا ئەجرىڭىزنى يەردە قويمىغاي ”`
    نەق گەپكە كەلسەك مەنمۇ بۈگۈن ئەيدىز توغۇرلۇق مەسلىھەت سوراش ئۈچۈن كومپىيوتىرنىڭ ئالدىدا ئولتۇرۇپتىمەن … ئازراق قىممەتلىك ۋاقتىڭىزنى چىقىرىپ مەسلىھەت بېرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن ، ئۆزۈمگە كەلسەم يېشىممۇ چوڭ ئەمەس … ئلگىرى بىر قىز دوستۇم بار ئىدى ، لېكىن ھازىر ئايرىلىپ كەتتىم چۈنكى ”` مەن يۈرگەن چاغلاردا ئۇنىڭ ھېلىقىنىڭدەك قىز ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمەن ”` ئۇنىڭ چىرايىغا يۈرۈش تۇرىشىغا قاراپ پەقەتلا بىلگىلى بولمايتتى ”` ئۇنىڭ ئۇنداق ئىشلىرىنىڭ بارلىقىنى بىلگەندىن كىيىن شۇ كۈنىلا ئايرىلىپ كەتتىم ”` ئەلۋەتتە ئۇنىڭ بىلەنمۇ بىرنەچچە قېتىم ھېچقانداق قوغدىنىش تەدبىرى بولمىغان ئاساستا جىنسى مۇناسىۋەتتىمۇ بولدۇم ”` يېقىندىن بېرى بەدىنىمدە بەزى غەيرى ئۈزگىرىشلەرنىڭ بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلدىم ”` ئەڭ كۆرىنەرلىكى بەدەن ئېغىرلىقىم ناھايىتى تېز چۈشىۋاتىدۇ ”` يەنە چىش مىلىكىممۇ دائم ئاغرىيدۇ ”` چىش مىلىكىممۇ بوشاپ ئەسلىدىكى شۇنداق رەتلىك چىشلىرىم ئەمدىلىكتى شۇنداق قالايمىغان ئىگىس پەس بولۇپ كەتتى ”` ھەتتا تاماق يىسەممۇ بەزىدە شۇنداق قاتتىق ئاغرىيدۇكى ”` باش سۆڭىكىم پارە پارە بولۇپ كەتكەندەك بولۇپ كىتىدۇ ”` ئاغرىققا چىدىماي نەچچە سائەتلەر ئاغىناپ يېتىپ كىتىمەن ”` مۇشۇ تاپتا مۇشۇ خەتلەرنى يېزىپ بولغىچىمۇ قىينىلىپ كۆزۈمدىن ياش چىققۇدەك شۇنداق ھېسياتتا بولىۋاتىمەن ”` ئەلۋەتتە چىش ئاغرىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس ”` بەلكى بىرخىل تىل بىلەن تەسۋىرلۈگۈسىز زېرىكىشلىكتەك بىې ھېسياتتا بولىۋاتىمەن ”`مۇشۇ ياز كىلىشى بېلەن تېخىمۇ ماغدۇرسىزلىشىپ ھەتتا بىر ئورۇندا ئازراق ئولتۇرغۇممۇ كەلمەيدىغان بولۇپ قالدىم ”` ھېچقانداق بىر ئىش خوشاقمايدۇ ”` مۇشۇ ئىسسىق يازدىمۇ ”` بەزىدە قىش كۆنلىرىگە ئوخشاش ئۆپكىگە سوغۇق تەگگەندەك شۇ قەدەر قاتتىق يۆتىلىپ كىتىمەنكى ”` كۆكرەك قىسمىمنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ئاغرىغانلىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرەلمەيمەن ”` ئلگىرى دائىم چېنىقاتتىم مۇسكوللىرىممۇ خېلى چىڭ ئىدى ”` ھازىر بوشاپ 50تىن ئاشقان چوڭ ياشلىك كىشىلەرنىكىدەك بوشاپ كىتتى ”` شۇنداق چېچىلغاق بولۇپ كىتىۋاتىمەن ”` سىزچە مەن ئەيدىز بولۇپ قالغاندىمەنمۇ ؟!”` ئەگەر راست شۇنداق بولۇپ قالسا ئاشۇ دوختۇرلارنىڭ بىرنەرسىلەر دىيىشىدىن ئەنسىرەپ قاننىمۇ تەكشۇرتۈشكە جۇرئەت قىلالمايۋاتىمەن ”` ئەگەر راست شۇنداق بولۇپ قالسا بۇندىن كىيىن قانداق قىلىشىم كېرەك …

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ئالدى بىلەن ئاللاھ كېسىلىڭىزگە شىپالىق بەرگەي!
      راست گەپنى دىسەم، ئەيدىزگە ئائىت قان تەكشۈرتمەي تۇرۇپ، ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان- يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلمەك بەسى مۇشكۇل. بۇنى بىلىش ئۈچۈن، چوقۇم قان تەكشۈرتۈش كېرەك.
      بەلكىم، سىزدىكى بۇ ئاغرىق باشقا سەۋەبلەردىن بولۇشىمۇ مۇمكىن، ۋەياكى روھىي جەھەتتىن ئۆزىڭىزنى ئەيدىزدىن يۇقۇملاندىم دەپ قاراپ، ئاشۇنداق ئالامەتلەر كۆرىلىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى، ئەيدىزگە گىرىپتار بولغان ئادەمدە ئۇنداق تېزلا ئېغىر ئالامەتلەر كۆرۈلمەيدۇ. ئېغىر ئالامەت كۆرۈلۈشكە كەم دىگەندىمۇ 7- 8 يىل ۋاقىت كېتىدۇ، بەك تېزلىرىمۇ 2-3 يىلدا ئاران ئېغىر ئالامەتلىرى كۆرىلىدۇ.

      كونىلارنىڭ ”كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈم ئاشكارە“ دەيدىغان سۆزى بار. سىز بۇنداق كېسەلنى يوشۇرۇپ يۈرسىڭىز، كېسىلىڭىزگە داۋا چىقىشى ناتايىن.
      ئەيدىزنىڭ ئۆزى قۇرقۇنچلۇق ئەمەس، قورقۇنچلۇقى شۇ كېسەلگە يۈزلىنەلمەسلىك!
      ئادەم ئۆزىنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى بىىپ تۇرغىنى ياخشى، ئەگەر نېمە كېسەل ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز، قانداق داۋالىتىسىز؟ ئۆزىڭىزنى قانداق ياخشى كۈتەلەيسىز؟ قالغان ئۆمۈرىڭىزدە نېمە قىلىش ۋە قانداقسىگە ياشاش ھەققىدە قانداق بىر پىكىرگە كېلىپ، پىلانلارنى تۈزەلەيسىز؟ ھەتتا تۆۋە قىلىشقىمۇ پۇرسەت يارىتالماسلىقىڭىز مۇمكىن.

      مەنچە بولسا، سىز ئالدى بىلەن دوختۇرغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ كۆرۈڭ. باشقا كېسەللىك كۆرۈلمىسە، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى(فاڭيىزەن)گە بېرىپ، ئەيدىز تەكشۈرۈشى قىلىپ بېقىڭ. ئەيدىز چىقماي قالسا، ”ئۇف“ دەيسىز، ئەگەر بولۇپ قالسا، ھېچكىمگە ئېيتماڭ، ھەمدە يۈكسەل بلوگىدىن قايتا مەسلىھەت ئالسىڭىز بولىدۇ.

      مەيلى نەتىجىڭىز قانداق چىقىشىدىن قەتئىينەزەر، يۈكسەل بلوگىغا يەنە بىر قېتىم ئىنكاس يېزىۋېتەرسىز!

  32. يىگانە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالمۇ ئەلەيكۇم كۆك تاش ئەپەندىم …سىزدىن مەسلىھەت سوراي دېگەن

  33. يىگانە مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇسىز كۆك تاش ئەپەندىم مېنىڭ بەدىنىمگە كاپوس گۆش ئۆسمىسىگە ئوخشاش قىزىل دانچە چىقىپ كەتتى . ئىككى مۈرەمدە جىقراق . بۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگىمۇ چىقامدۇ . مەن ئادەتتە كومپىيۇتېر ئالدىدا ئۇزاق ئولتۇرىمەن . ئىككى قولۇم تېلىپ ئاغرىيدۇ . ھەم ئەتتىگىنى ئورنۇمدىنمۇ بەك تەستە تۇرىمەن . مەسلىھەت بەرسىڭىز .

  34. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    يىگانە ئەپەندى
    مۇرىڭىزدىكى قىزىل دانچىلارنى ئەڭ ياخشىسى دوختۇرغا كۆرسىتىپ بېقىڭ. بۇنىڭغا كۆرمەي تۇرۇپ يازما باھا بېرىش توغرا ئەمەس.
    مەنچە بولسا، سىزدىكى قىزىل دانچىلاردىن كۆرە، «كومپىيۇتېرغا زىيادە كىرىپ كېتىش» كېسىلىڭىز ئېغىرراق ئىكەن. مەنمۇ ئۇزۇن مۇددەت كومپىيۇتېر ئالدىدا ئوتلرۇسام، قوللىرىم تېلىپ، ئۇيۇشۇپ كېتىدۇ، «تاماشا» قىزىل كەتكەندە بولسا، بۇلارغىمۇ پىسەنت قىلماي، مەشغۇلاتىمنى داۋاملاشتۇرىمەن. ئەمەلىيەتتە بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. مۇمكىن بولسا مۇۋاپىق چېنىقىپ بېرىش، قولنى كۆپىرەك ھەرىكەتلەندۈرۈپ، قولدىكى قان- ئايلىنىشنى كۈچەيتىپ بېرىش كېرەك.
    شۇڭا، كومپىيۇتېر ئالدىدا كۆپ ئولتۇرىۋالماي، ئانچە- مۇنچە ھەرىكەت قىلىپ بېرىڭ، باشقا ئىشلار بىلەنمۇ شوغۇللىنىپ بېرىڭ.

  35. غەمكىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم كۆكتاش ئەپەندىم ، مەن سىزنىڭ باشقىلارغا بەرگەن مەسلىھەتلىرىڭىزنى كۆرۈپ ، مىنىڭمۇ سىزدىن مەسلىھەت سورىغۇم كەلدى، مەن 3 ھەپتە بۇرۇن ھاراق ئىچىپ مەسچىلىكتە بىر پۇت يۇيىدىغان ئورۇنغا كىرىپ قاپتىمەن، مەسچىلىكتە دەسلەپ ئۇ ئىغىزى ئارقىلق …… ھەي ….دىيىشتىن خىجىل بولىۋاتىمەن، لىكىن مەنى ماڭمىغان، كەينىدىن مەن گاندۇن ئىشلىتىپ ئۇنىڭ بىلەن بىر قېتىم جىنسى مۇناسىۋەتتە بولدۇم، مەسلىكتىن يېشىلىپلا قاتتىق پۇشايمان قىلدىم، ئىككىنچى ئۇنداق يەرگە بارمايمەن دەپ قەسەممۇ قىلدىم. 3-4 كۈن بولدى مەن دائىم سوغۇق تەرلەۋاتىمەن، گېلىمغا بىر نەرسە كەپلىشىۋالغاندەك بولۇپ پەقەت ئۆتمەيۋاتىدۇ، تۈكۈرۈكۈمنى يۇتقىچە قىيلىنىۋاتىمەن، باشقا ئالامەت يوق، دوختۇرخانىغا باراي دېسەم بەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن، شۇ ئىش يۈز بەرگەندىن بۇيان مېنى قورقۇنچ بېسىۋالدى، بىر مېنۇتمۇ خاتىرجەم يۈرەلمىدىم، كېچىسىمۇ شۇ خىيال كاللمغا كىرىۋىلىپ تۈزۈك ئۇخلىيالمايۋاتىمەن، دوختۇر خاپا بولماي مەسلىھەت بەرسىڭىز ، مەن ئەيدىس بىلەن يۇقۇملىنىپ قالغاندىمەنمۇ، ئىھتىماللىقى يۇقىرىمۇ؟؟

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      غەمكىن ئەپەندى،
      يۇقىرىدا ۋە باشقا يازمىلاردا بايان قىلىنغاندەك، ئەيدىزنى پەقەت قان تەكشۈرتۈش، يەنى قاندىكى ئەيدىز ئانتېتىلاسىنى تەكشۈرتۈش ئارقىلىق دىئاگنوز قويغىلى بولىدۇ.
      سىزگە ئەيدىز يۇقۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن 2 شەرت ئورۇندۇلۇشى كېرەك. 1. ئاشۇ پاھىشە ئايال چوقۇم ئەيدىز بولۇشى كېرەك(بۇ خىل ئېھتىماللىقمۇ سەل تۆۋەن). 2. ئەيدىز ۋىرۇسى چوقۇم سىزنىڭ ئازراق يارىلانغان يېرىڭىزدىن قان ئايلىنىش سېستىمىڭىزغا ئۆتۈشى كېرەك (گاندوك ئىشلەتسە ياكى تېرە ساق بولسا، يەنىلا ئەيدىز يۇقماسلىقى مۇمكىن).
      مەنچە بولسا، سىزچە يۇقارقى ئېھتىماللىقلار تۆۋەنرەك. بەلكىم كاللىڭىزغا «ئەيدىز» كىرىۋېلىپ، نېرۋا خاراكتېرلىك بەزى ئالامەتلەر كۆرۈلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا سىز «پۇت يۇيغان كۈندىن» 3 ئاينى ئۆتكۈزېۋېتىپ، دوختۇرخانا ياكى كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش ئورنى (فاڭيىزەن) گە بېرىپ، ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك قان تەكشۈرتۈش ئارقىلىق، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇقۇپ، ئۆزىڭىزنى بۇ خىل روھىي ئالامەتلەردىن خالاس قىلسىڭىز بولامدىكىن دەيمەن.
      ئەگەر بۇ قېتىم ساق چىقىپ قالسىڭىز، ئاللاھقا ھەمدۇ سانالار ئېيتىپ، ھەق يولدا مېڭىپ، «پۇت يۇيدىغان» ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى توختاتسىڭىز، ئەگەر بويتاق بولسىڭىز، ۋاقتىدا ئۆيلىنىۋالسىڭىز مۇۋاپىق بولامدىكىن دەيمەن!

  36. ساداف مۇنداق يازغان:

    1. كۆپ چارچاش، ئورۇقلاش: يۇقۇملانغۇچىلار ھەمىشە ئۆزىنى ماغدۇرسىز ھېس قىلىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا قىينىلىدۇ، يۇيۇنۇش تارىنىشتەك ئۇششاق ئىشلاردىنمۇ چارچاش ھېس قىلىدۇ. چىش مىلىكى ئاغرىش، تاماققا ئىشتىھاسى بولماسلىق سەۋەبلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇرۇقلايدۇ ۋە بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىدۇ ھەتتا ئېغىرلايدۇ.

    ===========================================================================
    مۇشۇ خىل ئەخۋال كورۇلگەندە قان تەشكۇرىت سە قاندىن نەتىجە ئالغىنى بولامدۇ دوختۇر .؟

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      مۇشۇ خىل ئەخۋال كورۇلگەندە قان تەشكۇرىت سە قاندىن نەتىجە ئالغىنى بولامدۇ دوختۇر .؟
      ————
      سىز ئەيدىزگە مۇناسىۋەتلىك نەتىجىنى ئالغىلى بولامدۇ، دىمەكچىمۇ؟
      ئەيدىزنىڭ نەتجىسى سىز ئېيتقاندەك ھارغىنلىق، چىش مىلىكى ئاغرىش، ئىشتىھاسىزلىنىش قاتارلىق ئالامەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغاندىلا، سىز ئېيتقاندەك ئالامەتلەر بولۇش- بولماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، نەتىجىسى «ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملاندى»، يەنى HIV+ بولۇپ چىقىدۇ.
      قىسقىسى، كۆرۈلگەن ئالامەتلەر بىلەن ئەيدىز يۇقۇمىنىڭ مۇناسىۋېتى ھەمىشە ئوڭ تاناسىپ بولۇشى ناتايىن.

  37. ياش مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇسىز ئەپەندىم ، مەن ئىچكىردە ئوقۇيدىغان ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى ، بۇ قېتىم يازلىق تەتىل قىلىپ قايتىپ كېلىشىمدە ئىچكىردىكى يانچۇقچى بالىلار بىلەن توقۇنۇشۇپ قالدىم ، توقۇنۇشتا قارشى تەرەپنىڭ يانچۇقىدىكى ئوكۇلنىڭ يىڭنىسى بەدىنىمگە كىرىپ كەتتى ، خېلى چوڭقۇر كىردى بەدىنىمدىن مۇ قان چىقتى ، بۇ ئىش بولغىلى بىر ئايمۇ بولمىدى ، مەندە توۋەن تېمپىراتۇرا قىززىش ، ئىچى سۈرۈرش ئالامەتلىرى كۆرىلىۋاتىدۇ ، ئۆزۇمنى ئەيدىس بولۇپ قالدىممىكى دەپ گۇمان قىلىۋاتىمەن ، تەكشۇرۇتمەكچى ئىدىم ، قانداقلا دوختۇرخانا بولسا بولىۋېرەمدۇ ياكى مەخسۇس ئورۇنلار بارمۇ ؟ دوختۇرخانىغا بېرىپ قاننىڭ نىمىسىنى تەكشۇرتىمەن ؟ مەسلەن مەندىكى كېسەل يۇشۇرۇن مەزگىلى بولۇپ قالسا دوختۇرلا بۇنى تەكشۇرۇپ تاپالامدۇ ؟ ياردەم قىلغان بولسىڭىز .

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      بېشڭىزگە كەلگەن پىشكەللىكلەردىن ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن.
      ئادەتتە، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى دوختۇرخانىلاردا تەكشۈرەلەيدۇ، ياكى كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ئورنى (فاڭيىزەن) گە بارسىڭىزمۇ بولىدۇ، كۆپىنچە كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ئورۇنلىرىدا ھەقسىز تەكشۈرۈپ قويىدۇ. لېكىن نەتىجىسى سەل كېيىنرەك چىقىشى مۇمكىن. ئەگەر ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز، بىۋاستە ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزىگە بېرىپ، تەكشۈرتسىڭىز نەتىجىسى يېرىم سائەتنىڭ ئچىدە چىقىدۇ.
      سىز ئەھۋالىڭىزغا تېخى 1 ئايمۇ بولماپتۇ، بۇنى چوقۇم 3 ئايدىن كېيىن تەكشۈرتۈش كېرەك. چۈنكى بۇ يەردە ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئۆزىنى ئەمەس، بەلكى ئەيدىزنىڭ ئانتېتىلاسىنى )艾滋病抗体( تەكشۈرەيدۇ، ئەيدىز ئانتېتىلاسى ئادەتتە 15- كۈندىن 3-ئايغىچە ئارىلىقتا، تەدرىجى شەكىللىنىدۇ.
      قارىغاندا، سىز تەتىلدىن يېنىپ، ئوقۇۋاتقان مەكتىۋىڭىز بار شەھەردە تەكشۈرتسىڭىز مۇۋاپىق بولىدىغان ئوخشايدۇ. بىلمەكچى بولغان تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتلارنى خەنزۇ مەنبەلەرنى ئىزدەپ باقسىڭىز ياكى يەرلىك كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش ئورۇنلىرىدىن سۈرۈشتۈرۈپ باقسىڭىز بولىدۇ.

  38. ئۈمىد مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەپەندىم :
    مەن سىزدىن مەسلىھەت سوراي دېگەن… مەن زۇكام ۋە ھۆتەل بولۇۋاتقىلى بىر يېرىم ئاي بولدى،( ئۆپكە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا قان تەكشۈرۈتكەندە ، ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ كېتىپتۇ دېگەنىدى) بەدەن ئېغىرلىقىممۇ بىر ئاينىڭ ئىچىدە تەخمىنەن 8 كىلوگرامچە چۈشۈپ كەتتى… ئۈزۈمنى بەكلا ھارغىن ھېس قىلىمەن… يېقىنقى نەچچە كۈن ئىچىدە زەكىرىمنىڭ ئېرىقچىسىغا ئاز مىقداردا سۇلۇق قاپارتما چىقىپ قالدى، ئادەتتە سۇ تەگسىمۇ ياكى كىيىمم تەگسىمۇ بىر خىل يېقىمسىزلىنىدۇ… تۇيۇقسىز كاللامغا ئەيدىز كىرىۋالدى… مەندىكى بۇ ئالامەتلەرنى ئىممونت كۈچى تۆۋەنلەپ كەتكەنلىكتىن يۈز بەرگەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئۈزەمگە تەسەللىي بەرسەممۇ ،لىكىن خاتىرىجەم بولالمىدىم…يۇقۇرىدا باشقىلارغا بەرگەن جاۋابىڭىزدىن ئاپتۇنوم رايونلۇق كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزىدە تەكشۈرىدىغانلىقىنى ئېيتىپتىكەنسىز، مۇمكىن بولسا ئورنىنى ئېنىق دەپ بەرگەن بولسىڭىز، تەكشۈرۈتكەندە نېمنى تەكشۈرتىمەن دەيمەن دوختۇرغا؟ دوختۇرلار كېسەللىك نەتىجىىسىگە باشقىچە كۆز قاراشتا بولىشىدىن بەك ئەنسرەيمەن..
    جاۋابىڭىزنى ساقلايمەن…

    • سەۋدا مۇنداق يازغان:

      شوربۇلاق 1-كوچا (减泉一街)يەنى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق 4-دوختۇرخانىنىڭ يېنىدا .تېلفۇن نۇمۇرى :0991-2611194 2611057
      مەن بىر قېتىم بارغان .

      • سەۋدا مۇنداق يازغان:

        ئەيدىز ئانتىتىللاسى يەنى (抗体)نى تەكشۈرتىمەن دىسىڭىز بۇلىدۇ.ھەممىىس ھەقىسز .ئۆزى خالاپ تەكشۈرتۈش(自愿检查)دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بىلەلمىگەن يەرلىڭىز بولسا سۆز قالدۇرۇپ قۇيۇڭ.ئاللا ھەممىزگە خاتىرجەملىك .ئامانلىق ،ئىمان ئىنساپ ئاتا قىلسۇن.

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ھازىر ئۈرۈمچىدىكى ھەرقايسى كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركەزلىرىدە تەكشۈرەيدۇ.
      艾滋病自愿咨询检测 ئەيدىزدىن ئىختىيارىي مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. ئۈرۈمچىدە بولسىڭىز، سۈرۈشتۈرۈپ ئىزدىسىڭىزلا تەكشۈرىدىغان ئورۇننى تېپىۋالىسىز ….
      ئەيدىز پەقەت قاندىن، جىنسىي مۇناسىۋەتتىن ۋە ئانىدىن بوۋاققىلا يۇقىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا تۇرمۇشتىكى ئاددىي ئەھۋاللاردىن يۇقمايدۇ.

  39. سەۋدا مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!قېرىنداشلا ر مەن بىر سۇئال سورىماقچى ئىدىم. بىلىدىغنىڭلارنى مەندىن ئايىماسلىقىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.
    ئەيدىزنىڭ كۆزنەكلىك دەۋرى ئادەتتە قانچە ئاي بۇلىدۇ؟ مەن توغرىلىق توردىن (خەنزۇچەتور بىكەتلەردىن )كۆپ ئاختۇرۇپ كەتتىم .بەزىلەر ئۈچ ئاي ،بەزىلەر ئالتە ئاي ،بەزىلەر بىر يىل يەنە بەزىلەر بىر يېرىم يىل دەپتۇ. بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا مەلئۇن ھاراقنى ئىچىپ ،مەسىتلىكتە باشقىلارنىڭ كەينىگە كىرىپ،ھېلىقىدەك نىجىس يەرگە كىرىپتىمەن. (ئاللا گۇناھىمىنى كەچۈرگەي!كۆپچىلىك قېرىنداشلىرىم ئالدىدا ھۆرمەتسىزلىك قىلدىم).مەن بۇجەريانىدا بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەن ئىدىم.(بۇھەم تۇنجى قېتىم بۇنداق نىجىس يەرگە قەدەم بېسىشىم ئىدى)ئەتىسى بۇ ئىشلارنى ئويلاپ بەكمۇ پۇشايمان قىلدىم. شۇنىڭدىن باشلاپ كۆڭلۈمگە قورقۇنىچ چۈشۈپ قالدى.ھەپىتىدىن كىيىن مەندە زۇكام ،گال ئاغىرىش،ئىشتەي تۇتۇلۇش ،ئۇرۇقلاش قاتارلىق بىرقاتار ئالامەتلەركۆرۈلۈشكە باشلىدى. تا بۈگۈنگە قەدەر توپتوغرا 15ھەپتە بوپتۇ .بۇجەريانىدا جەمئىي 10قېتىم تەكشۈرتۈپتىمەن.(ئەڭ ئاخىرقى تەكشۈرۈش 115-كۈنى يەنى 4ئايغا ساق بىر ھەپتە قالغاندا)ھەممىسدە نورمال(ەنى مەنپى ).ئاللا ئامانلىقىنى بەرسە ،مەن ئۆزەمدىن ئەنسىرمىسەممۇ بولارمۇ؟كۆزنەكلىك دەۋرى زادى قانچىلىك ۋاقىت؟ئېغىر كۆرمەي بىر مەسلەھەت بىرىشڭىزلارنى ئۈمۈت قىلىمەن. ئاللا ھەممىمىزگەخاتىرجەملىك.ئامانلىق ،ئىنساپ ،ئىمان ئاتا قىلغاي!(بۇئىشتىن كېيىن ھاراق ئىچمىدىم. راستىنلاھاراق ھەممە گۈناھنىڭ ئانىسى ئىكەن!)

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      كۆزنەك دەۋىرى ئادەتتە 2 ھاپتىن 3ئايغىچە بولىدۇ.بۇ كۆپىنچە كىشىلەرگە قارىتىلغان. بەزىلەرنىڭ 6 ئايغا سوزۇلۇپ كېتىشى مۇمكىن، يەنە بەزىلەرنىڭ ئۇنىڭدىنمۇ ئېشىپ كېتىشى يەنە مۇمكىن.
      مەنچە بولسا، سىز گاندوك ئىشلەتكەندىكىن، ئەيدىز يۇقماسلىقى مۇمكىن.ئەگەر كۆڭلىڭىز تىنچلىمىسا، يەنە داۋاملىق تەكشۈرتۈپ باقسىڭىز بولىدۇ. سىزدىكى ئالامەتلەر پەقەت بىر خىل روھىي ئامىللىق ئۆزگىرىشلەر بولۇشى مۇمكىن.
      پۇشايمان تۆۋىنىڭ جۈملىسىدىندۇر.

  40. ساددا مۇنداق يازغان:

    بىر نەچچە قېتىم قان تەكشۇگەندىن كىيىن ساق چىققان لىكىن يەنىلا بىر خىل گۇمان با، توي خېتى ئالغاندىمۇ تەكشۇتكەن لىكىن پەقەتلا خاتىرجەم بولالمايۋاتىمەن. ئىككى يىلدىن ئوتۇپ كەتتى، پۇشايمان قىلىپلا كۇنلىرىمنى ئۆتكىزىۋاتىمەن. قاندا قىلسام بۇلا؟

  41. بۈركۈت مۇنداق يازغان:

    ياسىن ئابدۇللا بوھران ئەپەندىم مەن بىر قىز بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزگەن.. مۇناسىۋەت جەريانىدا 2قات بىخەتەرلىك قاپچۇقى ئىشلەتكەن…،قاتىتىق پۇشايمان قىلدىم ۋە قاتىتىق قورقۇپ كەتتىم،قىزبالامىنىڭ زورلىشىم بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۇپ45كۇن بولغاندا2-دوختۇرخاندا تەكشۇرەتتى阴性 چىختى ئككىنچى قىتىم 4ئاي20كۇن بولغاندا3-دوختۇرخاندا تەكشۇرەتتى阴性 چىختى.
    مەن بولسام مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۇپ 54كۇن بولغانداتەكشۇرەتتىم 阴性 چىختى، 4ئاي 10كۇن بولغانداكشۇرەتتىم 阴性 چىختى،6ئاي بولغان كۇنى يىشۆيەننىدە vct ئامبولاتورىيىسىگە كىرىپ تەكشۇرتىم 阴性 چىختى،
    人免疫缺陷病毒抗体 阴性 .مەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۇپ بەكلا بەكلا قورقۇپ كەتتىم خەتتا مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۇپ 3ئاي ئەتراپدا كىچىلىرى ئۇيقايوق قورقۇپ يىغلاپ ئاللاھ تىن ماڭابىر مەرتە ھاياتلىق يولى بىرىشنى تىلەپ چىقتىم كۇندۇزلىرى خىزمەت بىلەن تاماخنمۇ تۇزۇك يىمىدىم پەقەت كاللامدا قورقۇنۇشتىن باشقا ھىچنەرسە يوق قورقانسىرى 10كۇن ئەتراپىدائچىم سۇرۇپ قالدى بۇكۇنلەدەمەن قاتتىق چارچىغان ئىدىم ،3ئايدىن كىين ئاشقازنىم تاماق يىسەم ئاغرىدىغان گىلىم بىئرام بولدغان ئاشقازنىمنىڭ يىنى كىزىپ ئاغرىپ كەتتى بىركۇن ياخشى ئارام ئالسام ئاشقازنىمنىڭ يىنى كىزىپ ئاغرىشتىن توىتىدى دورا يىگەندىن كىيىن بۇ ئاغرىىخلا توختغان يىقىندا كەيپىياتىم بىراز ياخىشىلنىپ تاماخنى كوپ يەيدغان بوپ قاغان ئاشقازنىم ۋەئاشقازنىمنىڭ يىنى يانا سەل كىزىپ ئاغرىۈاتىدۇ.بۇ نىمە ئالامەتتۇ؟…مەن يەنە تەكشۇرتىشىم كىرەكمۇ ؟مەن بەك قورقۇپلا يۇرىما ،تەپسىلى جاۋاپ بەرگەن بولسىڭىز .

  42. گۈلى مۇنداق يازغان:

    ئەسالامۇئەلەيكوم يۈكسەل تور بېكىتىدىكى خادىملار،ھارمىغايسىلەر،مەن مۇنداق بىر ئىشنى بىلىۋالاي دىگەن،مەنپى تىپلىق، يەنى قاندا ئىپادىلىنىپ چىقمايدىغان ئەيدىز ۋىرۇسىىمۇ بارمۇ؟تۈنۈگۈن توردا شۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئۇچۇرنى كۆرۈپ قالدىم.ئۇ شۇنداق گۇمانى بار بىر تورداشنىڭ يازغان نەرسىسىكەن يەنى ئۈچ قېتىم قان تەكشۈرتسە مەنپى چىقىپتۇ.(كۆزنەك ەۋىردىن ئۆتكۈزۈپمۇ تەكشۈرتۈپتىكەن)ئەمما ئۆزىدىكى ئالامەتلەردىن شۇنداق كىسەلگە گىرىپتار بولدۇم دەپ قارايدىكەن.مۇشۇنىڭغا ئىنقراق چۈشەنچە بەرگەن بولساڭلار .يەنە بىر ئىش،مەن 45كۈندە ۋە 98كۈندە بىر قېتىم، تەكشۈرتكەن،ئىككىلىسىدە مەنپى چىققان،يەنە تەكشۈرتىشىم كىرەكمۇ؟

  43. ساداق مۇنداق يازغان:

    بۇ سۇئاللار جاۋاپسىز تۇرۇپ كىتىپتۇ يۇكسەلدىكى جاپاكەشلەر نەگە

  44. بۇركۇت مۇنداق يازغان:

    يۇكسەلدىكى جاپاكەشلەر سوئاللارغا جاۋاپ بەرگەن بولساڭللا

  45. شابان مۇنداق يازغان:

    شۇنچە كىشلە سىزلەرنىڭ جاۋاپبىرشىڭلانى كۇتۇۇپ تۇرۇپتۇ قىنى سىلەردىكى مەسسۇلىيەت تۇيغۇسى

  46. ئۇيخۇر مۇنداق يازغان:

    ئەيدىسنىڭ داۋاسى تىپىلخىنى راسمىدۇ.

  47. سەرسان مۇنداق يازغان:

    جاپاكەش دوستلار قانداق ئەخۋالىڭلار؛
    مەن مۇنداق بىر ئىشقا دۇچ كېلىپ قالدىم، ئىدارىدىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مېنىڭ قېنىم ئاجىز + چىقىپ قاپتۇ، قايتا تەكشۈرىمىز دەيدۇ، مېنىڭ ھازىرقى ھالىتىم شۇنداق ناچار، كېچە كۈندۈز دىگۈدەك ئۇيقۇ يوق، لېكىن مەن توردىن
    HIV نى تەكشۈرۈش قەغىزى سېتىۋېلىپ تەكشۈرسەم نورمال چىقتى، زادى مۇشۇ تەكشۈرۈش قەغەزلىرى ئىشەنچلىكمۇ يوق، سىلەرنىڭ مۇشۇ تەكشۈرۈش قەغىزى توغۇرلۇق چۇشەنچەڭلەر قانداق بىلسەڭلار پېقىردىن ئايىمىغايسىلەر، لېكىن خەنزۇچە تور بەتلەردە، ئىشلەتكەنلەرنىڭ كوپىنچىسى ئىشەنچلىك دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.
    يەنە بىر سوئالىم، تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرۈشتە خاتالىق ئېھتىماللىقىمۇ بولامدۇ، خاتالىق ئېھتىماللىقى بولمىسا، توغۇرلۇق نىسبىتى 100 پىرسەنت دىگەن گەپ شۇنداقمۇ

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟