torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

قايسى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەيدىز [AIDS] نىڭ دەسلەپكى بىشارىتى بولىدۇ؟

ئەيدىز [AIDS] -ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] دىن يۇقۇملىنىش سەۋەبلىك ئادەم ئىممۇنىتت سېستىمىسىدا كەمچىللىك ( بۇزۇلۇش) كۆرۈلىدىغان بىر خىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك. ئەيدىزۋىرۇسى [HIV] ئادەتتە يۇقۇملانغۇچىنىڭ قان، جىنسى ئاجراتمىلىرى ۋە باشقا بەدەن سۇيۇقلۇقلىرىدا مەۋجۈت بولىدۇ، شۇڭلاشقا ھەر قانداق ئادەم باشقىلارنىڭ بەدەن سۇيۇقلۇقى بىلەن زىچ ئۇچرىشىش ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] نى يۇقتۇرىۋېلىشى مۇمكىن. ھازىر دۆلىتىمىزدە ئەيدىز [AIDS] نىڭ ئاساسلىق تارقىلىش يولى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەرنىڭ ئىشپىرىسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىشى ۋە جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش بولۇۋاتىدۇ، ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇشىنىڭ نىسبىتى يۇقىرىلاپ، يۇقۇملانغان ئاياللار ۋە يۇقۇملىنىپ توغۇلغان بوۋاقلارنىڭ سانى تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا، دېمەك بۇ كېسەللىك يەنە شۇ كۆپچىلىك كىشىلىرىمىزنىڭ ئويلىغىنىدەك مەلۇم ئادەملەر توپىنىڭ(مەسىلەن زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەر) ئارىسىدىكى كېسەللىكلا بولماستىن، ئاللىقاچان ئادەتتىكى كىشىلەر ئارىسىغا تارقىدى دىگەن گەپ. ئۇنداقتا بىز كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇچىرىشىشتا باشقىلارنىڭ يۇقۇملانغۇچى ياكى ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىمىز؟ ئەلۋەتتە، ئۆزى دېمىسە سىرتقى كۆرۈنۈشىدىن ھەرگىز بىلگىلى بولمايدۇ، لېكىن قارشى تەرەپنىڭ بەدىنىكى بەزىبىر كېسەللىك ئالامەتلىرىگە قاراپ تۇرۇپ ئانچە مۇنچە پەرق ئەتكىلى بولىدۇ.

تۆۋەندىكى ئالامەتلەر يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ، بۇنى بىلىۋالساق بەلكىم مۇۋاپىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنى كېسەللىكتىن يۇقۇملىنىشتىن قوغداپ قالالىشىمىز مۇمكىن.

1. كۆپ چارچاش، ئورۇقلاش: يۇقۇملانغۇچىلار ھەمىشە ئۆزىنى ماغدۇرسىز ھېس قىلىدۇ، ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرغاندا قىينىلىدۇ، يۇيۇنۇش تارىنىشتەك ئۇششاق ئىشلاردىنمۇ چارچاش ھېس قىلىدۇ. چىش مىلىكى ئاغرىش، تاماققا ئىشتىھاسى بولماسلىق سەۋەبلىك قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئۇرۇقلايدۇ ۋە بۇ خىل ھالەت داۋاملىشىدۇ ھەتتا ئېغىرلايدۇ.

2. ئېغىز بوشلۇقىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشلەر: ئېغىز بوشلۇقىدىكى پايدىلىق زەمبۇرۇغلار توپىنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچىرىشى سەۋەبلىك تاڭلاي، تىل، چىش مىلىكى ۋە كاناي قاتارلىقلاردا ياللۇغلىنىش يۈز بېرىپ، تاماق يېيىشى قىيىنلىشىدۇ، چايناپ يۈتۈشى تەسكە توختايدۇ.

3. تولا ئىچى سۈرۈش: يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاسانلا ئىچى سۈرۈپ كېتىدۇ، بۇنىڭ خەتىرى ئادەمدە سۇسىزلىنىش ۋە ئۇزۇقلۇق يېتىشمەسلىك كۆرۈلىدۇ، بەدەن ساپاسى تېز تۆۋەنلەپ، ئىممۇنىتېت ئىقتىدارىمۇ چۈشۈپ كېتىدۇ.

4. ھەر خىل قاپارتمىلار: يۇقۇملانغۇچىلاردا ھەر خىل قاپارتما(قوقاق)كۆپ كۆرۈلىدۇ ھەم ئادەتتىكى قاپارتمىغا قارىغاندا چوڭقۇر ھەر چوڭ بولىدۇ، قاتتىق ئاغرىيدۇ، ھەپتىلەپ ھەتتا ئايلاپ ساقايمايدۇ.

5. لىمفا ئىششىش: يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ بويۇن، قولتۇق ئاستى ۋە چاتلىرىدا ئاغىرمايدىغان قاتتىق نەرسە پەيدا بولىدۇ، بۇ ھەم يۇقۇملىنىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتلەرنىڭ بىرى، ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ ئىممۇنىتېت سېستىمىسىنى تېز سۈرئەتتە بۇزىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى.

6. ئۆپكە ياللۇغلىنىش: يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆرۈلىدىغان بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغى(卡氏肺孢子菌肺炎) باشقا ئادەملەردە كۆرۈلگەندىكىگە ئوخشىمايدۇ، بۇ خىل ئۆپكە ياللۇغى كۆپىنچە يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ جېنىنى ئالىدىغان ئاساسلىق كېسەللىكنىڭ بىرسى.بۇ خىل يۇقۇملىنىش كۆرۈلگەندە بىمارنىڭ نەپەس ئېلىشى تۇيۇقسىز قىيىنلىشىپ ئەھۋال تېز ئېغىرلىشىدۇ ھەم ئاسانلا ھاياتىدىن ئايرىلىدۇ.

7. تېرە كېسەللىكلىرى: تەخمىنەن 30 پىرسەنت يۇقۇملانغۇچىلاردا كاپوسى گۆش ئۆسمىسى(卡波氏肉瘤) دەپ ئاتىلىدىغان بىر خىل ئۆسمە كۆرۈلىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ دەسلەپكى ئالامىتى بولسا تېرىدە تۇيۇقسىز ئىنتايىن كىچىك سۆسۈن رەڭلىك داغ پەيدا بولىدۇ ۋە چوڭىيىپ كۆپىيىدۇ، ئەمما بىمار ئاغرىق ھېس قىلمايدۇ.

8. لىمفا راكى: يۇقۇملانغۇچىلاردا يامان سۈپەتلىك ئۆسمە(راك)كۆرۈلسە ھەم لىمفا سېستىمىسىغا كېڭەيسە ئاسانلا پۈتۈن بەدەننى قاپلاپ لىمفا راكىغا ئايلىنىدۇ.

9. قېرىش: يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان ئالامەتنىڭ بىرسى دېۋەڭلىك، ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەش ۋە غەلىتە مىجەزلىك بولۇپ قېلىشتۇر. بۇلار ئەمەلىيەتتە ياشانغانلاردا كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەر، لېكىن 20نەچچە ياش 30نەچچە ياشلىق يۇقۇملانغۇچىلاردىمۇ بۇ خىل كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ، بۇنداق بىمارلارنىڭ روھىي ھالىتىدە چۈشكۈنلىشىش بولىدۇ، ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدۇ، ئەقلى ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ.

يۇقارقىلار يۇقۇملانغۇچىلاردا كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى، يەنە كېلىپ نەچچە خىل ئالامەت تەڭلا كۆرۈلىشى مۇمكىن.ئەمما ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، يۇقارقى ئالامەتلەرنىڭ ھەر قانداق بىرسى ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] دىن يۇقۇملانمىغان ئادەمدىمۇ كۆرۈلۈشى مۇمكىن، شۇڭا بۇ ئالامەتلەرنىڭ مەلۇم بىرسى ياكى بىر نەچچىسى كۆرۈلگەنگە قاراپلا باشقىلارنى يۇقۇملانغۇچى دەپ ھۆكۈم قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ، زادى يۇقۇملانغانمۇ ئەمەسمۇ بۇنى بىلىش ئۈچۈن شۇ كىشىدىن قان ئېلىپ مەخسۇس ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] ئانتېتلاسى بار يوقلۇقىنى تەكشۈرۈش كېرەك، بۇ ئەڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇل. يۇقارقى ئالامەتلەر مەلۇم كىشىدە كۆپ كۆرۈلگەندە ھەم ئۇ كىشىنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى [HIV] يۇقتۇرىۋېلىش ئېھتىماللىقى بولغان خەتەرلىك ئىش ھەرىكەتلەردە بولغان تارىخى بولسا ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرى تەكشۈرتۈپ بېقىشنى ئويلاشسا بولىدۇ، بۇ يەنە تىببى خادىملارنىڭ ئالدىغا كەلگەن بىمارلارنى داۋالاش پەرۋىش قىلىش جەريانىدا يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن قارشى تەرەپنىڭ ئەھۋالىغا دەسلەپكى قەدەمدە ھۆكۈم قىلىشى ئۈچۈن پايدىلىق ئۇچۇرلاردۇر.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: قايسى كېسەللىك ئالامەتلىرى ئەيدىز [AIDS] نىڭ دەسلەپكى بىشارىتى بولىدۇ؟

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ۋىن 7 مۇنداق يازغان:

    بۇ كىسەل يۇقۇپ، بىر ئاي ئىچىدە شۇنداق ئامىللاردىن بىرەسى كۆرۈلۈپ،يانا 4~5 ئايغىچە باشقا ئامىللار كۆرۈلمىسە يۇقۇملانغان بولامدۇ؟ قان تەكشۈرسە چوقۇم بىلگىلى بولامدۇ؟ مەسلەھەت بەرسىڭىز.رەھمەت

ۋىن 7 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟