torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog

يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن << ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog >> نى باھالاش پائالىيىتى كەڭ بلوگگىر دوستلار ۋە تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللاپ قۇۋۋەتلەپ بېرىشلىرى نەتىجىسىدە، ئومۇمەن ناھايىتى ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلدى. ھەرقايسى بلوگلار ، ئۇلۇغ – ئۇششاق تور بېكەتلەر مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن ئۆز چامىلىرىنىڭ يېتىشىچە مۇناسىپ جاي بېرىشتى. ئۇشبۇ مۇناسىۋەت بىلەن، مەزكۇر پائالىيەتنى قوللىغان بارلىق تورداشلار ۋە تور بېكەت – بلوگلارغا كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمىز!

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا جەمئىي 20 بلوگ نامزاتلىققا تاللىنىپ، تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاپ ئاۋاز بېرىشىگە قويۇلغان ئىدى. جەمئىي 2089 نەپەر تورداش بېلەت تاشلىغان بولۇپ، ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە ھەرقايسى بلوگلار ئېرىشكەن بېلەتنىڭ جىق – ئازلىقىغا قاراپ چىقىرىلدى. تۆۋەندە، ناھايىتى قايناق ھاياجان بىلەن << ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog >> شەرىپىگە ئېرىشكەن بلوگلارنى ئېلان قىلىمىز:

ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog

دەرىجىسى

بلوگ ئىسمى

 تور مەنزىلى

ئېرىشكەن بېلەت سانى

1

80 خالتا بلوگى

www.80halta.com

537

2

تەدبىركار بلوگى

www.tedbirkar.net

423

3

جېك بلوگى

www.jeckblog.com

345

4

تورخۇمار بلوگى

www.torhumar.com

345

5

ئۇيغۇر بەگ بلوگى

www.uyghurbeg.net

311

6

ئىلقۇت بلوگى

blog.ilqut.com

227

7

شاھ ئۇيغۇر بلوگى

http://shahblog.net/

211

8

ئابرال ئېلكىتاب بلوگى

ilkitap.blogbus.com

190

9

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam.blogbus.com

178

10

چەۋەندازلار بلوگى

qawandazlar.blogbus.com

158

 

مەزكۇر پائالىيەتنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلار

شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
«ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى باش شىركىتى
ئۈرۈمچى ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
XJCFAN شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى
قەشقەر 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي ، ھەسەل دۇكىنى
890 ئېلان بىرلەشمىسى

بېلەت تاشلاش جەريانىدا كۆرۈلگەن مەسىلىلەر

بېلەت تاشلاشتا، مۇتلەق كۆپ ساندىكى تورداشلار ئادىل ۋە ھەققانيىلىقنى ئەلا بىلىپ، پائالىيەتنىڭ تۈزۈملىرىگە ئەمەل قىلغان ئاساستا، ئاكىتىپلىق بىلەن بېلەت تاشلاپ پائالىيەتكە ئاۋاز قوشۇشتى. بىراق ئاز ساندىكى تورداشلاردا بىلەت تاشلاش پىروگراممىسىدىكى تېخنىكىلىق يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئايرىم بلوگلارغا مەقسەتلىك ئاشۇرۇپ ساختا بېلەت تاشلايدىغان ئەھۋاللار كۆرۈلدى. بولۇپمۇ، 15 – دېكابىردىن باشلاپ مەلۇم بىر تورداش بىر نەچچە بلوگقا قالايمىقان بېلەت تاشلاپ، پائالىيىتىمىزنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا ئېغىر دەرىجىدە تەسىر يەتكۈزدى. ھەتتا بىر كۈندە قالايمىقان تاشلىغان بېلەت سانى 500 پارچىدىن ئېىشىپ كەتتى. قالايمىقان بېلەت تاشلىغۇچى مۇھىم ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ IP ئادىرىسىنى نىقاپلاپ ئىشلەتكەن بولۇپ، بىز مۇلازىمىتېر تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن بۇ قالايمىقان بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ ھەقىقى IP ئادىرىسىنى ۋە قەشقەر شەھىرى ئىچىدىن تورغا چىققان IPTV ئابونىتى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتۇق. 19-دېكابىر ئىنىقلاپ چىقىلغان IP ئادېرىس بۆلىكىنى (110.154.121.0 ۋە 110.154.120.0) مۇلازىمىتېردا قارا تىزىملىككە قوشۇپ قويغاندىن كېيىن، بۇ قىلمىشقا چەك قويۇلدى. بىراق بېلەت تاشلىغۇچى 22- دېكابىرغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدە يەنىلا ئۆزىنىڭ قارا نىيىتىدىن يانماي تەكرار- تەكرار سىناق قىلىپمۇ مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بۇ مەسىلە ھەل قىلىنغان بولدى.
بېلەت تاشلاشنى نازارەت قىلىش تېخنىكا گۇرۇپپىسىدىكىلەر بۇ قىلمىشنى مەزكۇر پائالىيەتكە قىلىنغان دۈشمەنلىك دەپ قارىدۇق. بۇ يەردە ئۇشبۇ قىلمىشنى سادىر قىلغۇچىنىڭ ئەخلاقسىزلىقى ۋە نومۇسسىزلىقىدىن قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز.

ئاخىرقى سۆز

ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يۇقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ ،نۇرغۇن ئوي – دوڭغۇللارنى بېشىدىن كەچۈرۈپ ، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشتەك تەرەققىيات باسقۇچىغا قەدەم قويدى. بلوگگىرلار قوشۇنى زورايماقتا، بارغانسېرى تاۋلانماقتا، بلوگلار بارغانسېرى پىشىپ يېتىلمەكتە، سەرخىللاشماقتا. ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئوينايدىغان رولى بارغانسېرى گەۋدىلەنمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇر تور ئاممىسىنىڭ دىققەت – نەزىرى بارغانسېرى ئۇيغۇر تور ئاسمىنىدىكى بلوگدىن ئىبارەت بۇ يورۇق يۇلتۇزغا ئاغدۇرۇلماقتا. ئەل بلوگگىرلاردىن يېڭى نەتىجىلەرنى كۈتمەكتە…
ئەڭ ئاخىرىدا، << ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش >> پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىگۈچىسى بولغان يۈكسەل بلوگى ۋە باھالاش ھەيئەت گۇرۇپپىسىدىكى بارلىق ئەزالار يۇقىرىقى << ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog >> شەرىپىگە ئېرىشكەن ھەرقايسى بلوگلارنى قىزغىن قۇتلۇقلايدۇ ۋە ئۇلارغا يېڭى يىلدا يەنىمۇ زور نەتىجىلەرنى تىلەيدۇ. بۈگۈن سىلەر ئۆزۈڭلاردىن پەخىرلىنىشكە ھەقلىق! بۈگۈن ئەلنىڭ ئالقىشى پەقەت سىلەر ئۈچۈن ! ! ھارمىغايسىلەر ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى ھارماس تۇلپارلار !

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!33 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى ۋە تاللانغان 10 بلوگنى قىزغىن ئالقىش بىلەن مۇبارەكلەيمەن! يېڭى يىلدا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار كۆپچىلىككە يار بولغاي!

  2. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ ھەم بۇ يىللقى تاللىنىپ چىقىلغان 10 چوڭ بىلوگنى قۇتلۇقلايمەن ۋە ئۇلارنىڭ يېڭى يىلدا يەنىمۇ زور مۇۋاپىقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرشىگە تىلەكداشمەن.

  3. FinalFantasy مۇنداق يازغان:

    ھەرقايسى بلوگچىلارغا مۇبارەك بولسۇن!

    ئالدىنقى قاتاردا تاللانغان بلوگلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، كەڭ ئوقۇرمەنلەرنى تېخىمۇ مول، يۇقىرى سۈپەتلىك مەزمۇنلار بىلەن تەمىن ئېتىشىگە تىلەكداشمىز!

    نامزاتقا كۆرسىتىلگەن قالغان بلوگلارنىڭمۇ مۇشۇ ئون چوڭ بلوگنى ئۆرنەك قىلىپ تۇرۇپ، كېلەر يىللىق «10 چوڭ بلوگ» سايلىمىدا تېخىمۇ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

  4. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن، شۇنداقلا مەندىن باشقا بارلىق نادىر بلوگلارغا مۇبارەك بولسۇن، قالدى بلوگلارنىڭمۇ بۇندىن كېيىن داۋاملىق تىرىشىپ نادىر بلوگلار قاتارىغا كىرىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن

  5. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!
    2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن، سىلەر ئۇيغۇر بلوگگىرلار سەركىلىرى، غەلىبە تىرىشقۇچىلارغا مەنسۇپ!
    ئۇيغۇرلار تور دۇنياسىدىكى باشقا بلوگگىرلارنىڭمۇ بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، كېيىنكى قېتىملىق نادىر بلوگلار قاتارىغا كىرىشگە تىلەكداشمەن!
    بارلىق تورداشلارنىڭ يېڭى يىلدا، يېڭى نەتىجىلەرگە ئېرىشىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن!

  6. بىرزات مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. ئالدى بىلەن 2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئىلىش شەرىپىگە ئىرىشكەن نادىر بلوگلارنى قۇتلۇقلايمەن، بۇندىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشقايمىز، خەلقىمىز بىزدىن ئەمەلىي نەپ كۆرگەي! مۇبارەك بولسۇن!
    ئاندىن 80خالتا دۇكىنى 10چوڭ بلوگ شەرىپىگە نائىل بولغۇچى بلوگلار ئۈچۈن تەييارلىغان ئازغىنە كۆڭۈل سوۋغىمىزنى قوبۇل قىلغايسىلەر:
    قۇۋۋەت دورىلىق ئۆسۈملۈك چېچەكلىرىدىن ئىلىنغان ئالىي دەرىجىلىك ھەسەل- بىرقۇتا (بىر كلوگىرام)؛
    يۈرەك-مېڭىنى ئاسرىغۇچى زەپە، لاچىندانە، قىزىلگۈل، قارارەيھان، زاراڭزا چېچىگى، گۈلچاي، قىزىلچاي قاتارلىقلاردا تەڭشەلگەن خۇشپۇراق ئېسىل چايلىق – بىر بولاق (120گىرام)
    10 چوڭ بلوگ شەرىپىگە ئىرىشكەن بلوگىرلار قولايلىق تېلفۇن نۇمۇر ۋە ئىسىم-ئاتىسىنى قالدۇرۇپ قويغاي! كۆڭۈل سوۋغىمىزنى ئەۋەتىپ بەرگەيمىز!
    كومپيۇتېر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ قان تەر ئاققۇزۋاتقان بلوگىرلارنىڭ ئەزىز تېنىگە ساقلىق، تۇرمۇشىغا بەخىت، كەسىپ-تېرىكچىلىكىگە بەركەت-ئۇتۇق تىلەيمەن!

  7. Tarim68 مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بارلىق بلوگگېر دوستلار يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! «10 چوڭ بلوگ» شەرىپىگە ئېرىشكەن بلوگلارنى قىزغىن قۇتلۇقلايمەن. بۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ تىرىشىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرلەپ يېڭىلىق يارىتىپ، ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن. بلوگچىلىق ساھەسىدە تىرىشىپ تىرمىشىۋاتقان بارلىق دوستلارنىڭ قولنى قولغا تۇتۇشۇپ، بەل قويۇۋەتمەي، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ ئالتۇن دەۋرىنى يارىتىش ئۈچۈن بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاخىرىدا بارلىق بلوگگېر دوستلارنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت، ئۆگىنىش ۋە خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

  8. ئابرال مۇنداق يازغان:

    ئالدى بىلەن 10 چوڭ بىلوگ شەرىپىگە ئېرىشكەن بارلىق بىلوگىرلار دوسلارغا مۇبارەك بولسۇن.
    گەرچە بىلوگىمنى ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدىكى نادىر بىلوگ دەپ كەتمىسەممۇ ، 10 چوڭ بىلوگ ئىچىگە كىرگەنلىكى، بىلوگىمىزنىڭ ئېتراپ قىلىشقا ئېرىشكەنلىكى دەپ قارايمەن. بۇ يەردە مېنى قوللىغان بارلىق تورداشلارغا چىن قەلبىمدىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئاخىرىدا بارلىق بىلوگىر دوسلارنىڭ 2011-يىلىدا تىخىمۇ تېرىشىپ، يىڭى يىلدا تېخىمۇ يىڭى نەتىجىلەر بىلەن 2011-يىللىق 10 چوڭ بىلوگ پائالىيتىگە ھازىردىن باشلاپ تەييارلىق قىلىشىنى، ھەمدە 2011-يىلىدا تېخىمۇ نادىر بىلوگلارنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  9. ئۆزقان مۇنداق يازغان:

    ئون چوڭ بىلوگ شەرىپىگە ئېرىشكەن بارلىق بىلوگگېرلارنىڭ بۇ شەرىپىنى ۋە يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمەن، مۇبارەك بولسۇن! باشقا بىلوگلارمۇ بۇ ئون چوڭ بىلوگنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىرىنى ئۆرنەك قىلىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ خەلقىمىزگە مول مەنىۋىي ئوزۇق ئاتا قىلىش يولىدا تېخىمۇ كۆپلەپ قان–تەر ئاققۇزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  10. ئويغۇرلار بىلوگى مۇنداق يازغان:

    ئون چوڭ بىلوگ شەرىپىگە ئېرىشكەن بارلىق بىلوگگېرلارنىڭ بۇ شەرىپىنى ۋە يېڭى يىلىنى قۇتلۇقلايمەن، مۇبارەك بولسۇن!

  11. ئويغۇرلار بىلوگى مۇنداق يازغان:

    بىر نەرسىنى چۇشۇنەلمىدىم ، نىمىشقا ساھىپخان بىلوگ 10ئىچىگە كىرمەيدۇ ،ئالدىنى يىلى كىرگۇزگەنغۇ؟؟

  12. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    كۆپچىلىكنىڭ يېڭى يىلىنى ۋە تاللانغان 10 چوڭ بلوگنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن! يېڭى يىلدا تېخىمۇ كۆپ ئۇتۇقلار كۆپچىلىككە يار بولغاي!

  13. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    10 چوڭ بلوگ شەرىپىگە ئېرىشكەن بارلىق بلوگلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن. مۇبارەك بولسۇن .

  14. 8كوچا مۇنداق يازغان:

    قالتىس مۇبارەك بولسۇن جۇمۇ….
    يېڭى-يىلدا قەدىمىڭلار تېخىمۇ قۇتلۇق بولسۇن!

  15. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    قۇتلۇق بولسۇن !

  16. نۇرقۇت مۇنداق يازغان:

    چولپان بلوگچىلار! مۇبارەك بولسۇن! يېڭى يىلدا يېڭى ئۇتۇقلار سىلەرگە يار بولسۇن!

  17. جەلىپكار مۇنداق يازغان:

    2010 – يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ Blog شەرىپىگە ئېرىشكەن بارلىق بىلوگ ھەم بىلوگ ئىگىلىرىنى قۇتلۇقلايمەن،بىلوگچىلىقىمىز تېخىمۇ يۈكسەلسۇن!

  18. سابا مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن مۇكاپاتقا ئىرىشكەن بىلوگىرلار،بۇنۇڭدىن كىيىن تېخىمۇ تىرىشىڭلار!!

  19. ۋېرۇس مۇنداق يازغان:

    تەبىرىكلەيمەن ھەممىڭلارنى …. يۈكسەل بىلوگىغىمۇ رەھمەت جىق كۈچ چىقاردى …. يىڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن …

  20. نىدا مۇنداق يازغان:

    ھەممىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!

  21. تەكلىماكان مۇنداق يازغان:

    ئون چوڭ بلوگنى تەبرىكلەيمەن !
    بارغانسىرى تەرەققى قىلىۋاتقان ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا ھەم مۇبارەك بولسۇن.
    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !

  22. ياخشى بالا مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن! تېخىمۇ تېرىشىپ كىيىنكى يىللىق تاللاشتىمۇ ئالدىنقى قاتاردىن ئۇرۇن ئېلىشىڭلارنى تىلەيمەن!
    سالامەتلىك سىلەرگە يار بولسۇن!

  23. Dreamcatcher مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن!بلوگ ئىشلىرى بارغانسىرى يۈكسەلگەي!

  24. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    چەۋەندازلار بلوگى ئۇيغۇرلاردىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ بولۇپ سايلانغان بلوگگىرلارنى قۇتلۇقلايدۇ! شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان يۈكسەل بلوگى ۋە پائالىيەتنىڭ باھالاش ھەيئەتلرىگە ئالىي ئېھتىرامىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ گۈزەل ياشلىق دەۋىرىنى ئېلىپ كەلگۈسى! ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ يېڭى يىلدا تېخىمۇ تىرىشىپ ئۇيغۇر بلوگلىرىنى ئۆزگىچە مەزمۇن، يېڭىچە مۇھىت، ئالاھىدە شەكىل بىلەن گەۋدىلەندۈرۈپ ئۇيغۇر تورچىلقىدىكى يۇرۇق يۇلتۇز بولۇپ قېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى بۇ پائالىيەت نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر كارخانىلىرىنىڭ ۋە تور بىكەتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ، بۇ يىللىق پائالىيەتنىڭ داغىدۇغىسى بۇنىڭدىن چوڭ بولىدۇ دەپ مۆلچەرلەشكە ھەم بولىدۇ. شۇڭا بلوگگىرلار بۇ يىلدا ئۆزىنىڭ ئەڭ ياخشى نەتىجىلىرى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتنى كۈتىۋېلىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

    چەۋەندازلار بلوگى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي بىلەت تاشلاش سانىنى 10000دىن ئاشىدۇ دەپ پەرەز قىلغان ۋە شۇنىڭغا نىيەت قىلغان ئىدى. لېكىن ئىلگىرى ئېيتىپ ئۆتۈلگىنىدەك نۇرغۇنلىغان سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ مەقسەت ئەمەلگە ئاشماي قالدى. لېكىن مۇشۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق يىللىق باھالاشنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا ۋە مۇكەممەل سېستىمىلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا تۈرىتكە بولدى دەپ قارايمەن. چۈنىكى ‹‹يول ماڭغانسىرى ئېچىلىدۇ›› بىزنىڭ ھەربىر باسقان قەدەملىرىمىزدىن تەجىربە-ساۋاق ۋە توغرا يۆلىنىشكە بولغان ئىشەنچ تۇيغۇسى يېتىشىپ چىقىدۇ.

    ئاخىرىدا بارلىق بلوگگىرلارغا زور ئۇتۇقلارنى ۋە تەرەققىياتلارنى تىلەيمەن!

  25. ئانا يۇرىت مۇنداق يازغان:

    بۇ ئون چوڭ بلوگنىڭ يىڭى يىلدا يىڭى نەتىجىلەر بىلەن تىخىمۇ يۇكسىلىشىگە تىلەكداشمەن

  26. بۆرەيار مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن !~~ لىكىن مېنى ئەپسۇسلاندۇرغىنى ،بېلەت تاشلىغانلار تولىمۇ ئاز ئىكەن . كۈندە تورغا چىقىدىغانلار نەچچە يۈزمىڭ چىقار ،شۇلارنىڭ ئىچىدە بىلەت تاشلىغانلار ئاران 2000 بولۇپتۇ …بۇنى قوللىماسلىق دەيمىزمۇ ياكى ئېرەڭشىمەسلىكمۇ ،بىلمىدم . ئىشلىرىڭىز تېخىمۇ يۈكسەلسۇن …

  27. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ھەرقايسى بلوگگىرلارنى قۇتلۇقلايمەن! مۇبارەك بولسۇن! :smile:

  28. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    مەزكۇر پائالىيەتكە باشتىن-ئاخىر كۈزىتىپ كەلدىم.بۇ جەرياندا كۆرۈلگەن بىر قىسىم مەسىلىلەر مېنى ئازراق ئويلاندۇرغان بولسىمۇ،ئەمما،يۈكسەلجاننىڭ ئەتراپلىق ھەمدە تەپسىلىي ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن،بۇ مەسىلىلەر پائالىيەتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا بولغان تەسىرى ئانچە چوڭ بولمىدى.بولۇپمۇ،بېلەت تاشلاش داۋامىدىكى ساختىلىقلار مېنى سەل ئەنسىرىتىپ قويغانىدى(كۈلۈپ تۇرغان چىراي ئىپادىسى)،ئەمما،تېخنىكىلىق مەشخۇلاتلار بىلەن بۇ ساختىلىقلار ساقىت قىلىندى.ئەمما،قايىل بولماي تۇرالمايمەنكى،بلوگ تاشلاش كۆزنىكىگە ئىشلىتىلگەن تېخنىكا ھەقىقەتەن ئىسىلكەن،ساختا بېلەت،ساختا IP ھەممىنى سۈزۈپ چىقالايدىكەن ئەمەسمۇ،تېخنىكا ھەي تېخنىكا!…

    ئەينى چاغ،بۇ پائالىيەتكە تەكلىپ-پىكىر بېرىش باسقۇچى شۇنداق قىززىق باشلانغان ئىدىيۇ،كەينىدىكى باسقۇچ،يەنى بلوگغا نامزات بىرىش باسقۇچىدا يۈز بەرگەن بىرقىسىم كۆڭۈلسىزلىكلەر مېنى ئويلاندۇردى.بىر بلوگنىڭ <> ئىشلىتىپ،نامزاتلىقتىن ئېلىپ تاشلىنىشى،ئەمما بلوگگېرنىڭ بۇ جەرياندىكى نارازىلىقى؛يەنە بىر ياش بلوگگېرنىڭ كىچىككىنە ئىش تۈپەيلى ئاچچىقلىنىپ،باشقا بلوگگېرلارغا تەسىر كۆرسۈتۈشى-مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىشى ھەمدە تۈزۈمنىڭ تېخىمۇ كونكىرىتنىي بولۇشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىپادىسى ئىدى.

    ئۇنىڭدىن باشقا،ئۇمۇمىي تاشلانغان بېلەت سانى بىزنى بۇ پائالىيەت ھەققىدە ئويلىنىشقا يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتىدۇ.بۇ قېتىم مەزكۇر پائالىيەتتە جەمئىي 2089 نەپەر تورداش بېلەت تاشلىغان بولۇپ،80 خالتا بلوگىدىن باشقىلارنىڭ بېلەت سانى 500گە يەتمىگەن.ناۋادا،نۆۋەتتىكى تورغا چىقىش ئىمكانىيىتى بار ئۇيغۇر تورداشلارنىڭ ئۇمۇمىي سانى بىلەن بېلەت سانىنى نىسبەتلەشتۈرۈپ باقىدىغان بولساق،بۇ يەردىكى پەرقنىڭ ناھايىتى چوڭلۇقىنى ھىس قىلىمىز.بۇنى مەن بلوگ دىگەن ئۇقۇمنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى تۇتقان ئورنى بىلەن مەزكۇر پائالىيەت تەشۋىقات خىزمىتى بىلەن بىرىكتۈرۈپ چۈشەندىم.

    يەنى،ئۇيغۇرلاردا تورغا چىقىدىغانلار كۆپ،ئەمما،بلوگنى بىلىدىغانلار ھەمدە چۈشىنىدىغانلار ئاز(خۇددىي،قايسى كۈنى يۈكسەل بلوگىغا چۈشكەن بىر ئىنكاس،يەنى يۈكسەل بلوگىنى بلوگلىق ھالەتتىن،توربېكەت ھالىتىگە ئۆتۈشى ھەققىدىكى تەكلىپتىن تېخىمۇ چوڭقۇر ھىس قىلىمىز).ھەتتا،ئۆمرىدە بلوگ دىگەننىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان بىرقىسىم تورداشلارمۇ بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىپ،ساختىلىق قىلىشقا قاتناشقان.

    ئاندىن،تەشۋىقات ئانچە يېتەرلىك بولمىغان.گەرچە،بىرقىسىم بلوگلار ھەمدە توربېكەتلەر بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئىشتىراك قىلىپ،قوللىشىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ،ئەمما،نۇرغۇنلىغان نۇپۇزلۇق بېكەتلىرىمىز بۇ پائالىيەتكە نەزىرىنى ئاغدۇرمىغان.پائالىيەتمۇ تۇيۇقسىزلا باشلىنىپ(يەنى،1-ئۆكتەبىر كۈنى پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقى جاكارلانغان بولسىمۇ،كۆپ قىسىم تورداشلار بۇ پائالىيەتتىن كىچىكىپ خەۋەر تاپقان)قالغاچقا،تەشۋىقات خىزمىتىنى قىلىشقا كۆپ ۋاقىت ئاجرىتىپ چىقىرالمىغان…

    نىمىلا دىمىگەن بىلەن،يۈكسەلدىكىلەر نۇرغۇنلىغان بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارنى يېڭىپ،پائالىيەتنى ئوڭۇشلۇق داۋام ئەتكۈزدى،شۇ مۇناسىۋەت بىلەن بارلىق بلوگگېرلارغا ۋەكالەتەن پائالىيەتنى تەشكىللىگەن يۈكسەل ئەپەندىگە ھەمدە باشقا ھەيئەت ئەزالىرىغا چىن كۆڭلۈمدىن سالاملارنى يوللايمەن،ھارمىغايسىلەر ئەزىزلەر؟

    PS: ئەمما،بېلەت تاشلاشنىڭ بېشىدا،يۈكسەل بلوگى ئەسكەرتىپ،ئوخشاش IPلىق بېلەتلەرنى چەكلەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ ئۆتكەنىدى.بۇنى بىلمىگەن بىر قىسىم مەكتەپداشلىرىم مېنى قوللاش ئۈچۈن بېلەت تاشلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەنىدى،ئۇلارنى توسۇپ قويغانىدىم،شۇنداق قىلىپ،بىكاردىن بىكار 60دەك بېلەتتىن قۇرۇق قالدىم دىسە،بولمىغان بولسا تۆتىنچى ئورۇنغا تىزىلىپ قالاركەنمىز(چاقچاق،ھومۇيۇپ تۇرغان،ئاچچىقى يامان چىراي ئىپادىسى)…

  29. ئالىم مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرلارتىرشىۋاتىپتۇ،بەك قولايلىق بوپتۇ. :razz:

  30. ئويغۇرلار بىلوگى مۇنداق يازغان:

    بارلىق بلوگگىرلارغا زور ئۇتۇقلارنى ۋە تەرەققىياتلارنى تىلەيمەن!

  31. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    بارلىق بلوگلارغا قۇت بولسۇن……

  32. نامەلوم مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇئەلەيكۇم
    ئالدى بىلەن بۇ بلوگلارنىڭ تاللىنىپ چىققىنىنى تەبرىكلەيمەن ھەمدە بۇندىن كېيىن تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىگە تىلەكداشمەن،ئاللاھ خالىسا ھەممە ئىشىمىز ئۇتۇقلۇق بولسۇن(ئامىن)
    ئۇيغۇر بەگ تىلغا ئالغان مەسلىلەر ھەقىقەتەن بىزنى ئويلاندۇردۇ،توردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتسەك.مەن بۇ تەشۋىقاتنى پەقەت بىر قانچە تور بىكەتتىلا كۆردۈم .كۆپچىلىك شۇ مەسلىلەرنى ئويلىشىپ باقسا بۇندىن كېيىنكى تور تەرەققىياتىمىزغا تېخىمۇ پايدىسى بۇلامىكىن دەپ ئويلايمەن.
    ئىنكاسنى كېچىكىپ يېزىپ قالدىم،خىجىلمەن

نامەلوم 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟