نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بار تەلەپ ئوقۇغۇچىلارغىلا ، ئوقۇتقۇچىلارغا تەلەپ يوقمۇ ؟

ئابدۇكېرەم راھمان ئالىپ

يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى

 

مەكتەپلىرىمىزدە ئوقۇغۇچىلىرىمىز رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بىر قاتار قائىدە -تۈزۈملىرىمىز بار، بۇ تۈزۈملىرىمىز ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ ھەر جەھەتتىن باھالىنشىغا ۋە ئۇنىڭ كىشىلىك ئەخلاقىغا باھا بېرىشكە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ . شەخسىي تازىلىقىغا دىققەت قىلىش ، يۈرۈش -تۇرۇشىغا دىققەت قىلىش ، غەيرىي ياسىنىۋالماسلىق، زىيادە ئوچۇق كىيىملەرنى كىيمەسلىك ، مەكتەپ فورمىسى كىيىپ يۈرۈش، سەت گەپلەرنى قىلماسلىق ، ئۇرۇشماسلىق ، ھاراق ئىچمەسلىك ، تاماكا چەكمەسلىك … ۋاھاكازالار.
خوش ، بۇ ئۆلچەم – تەلەپلەرنى قايتۇرۇپ ئەكىلىپ مۇئەللىملىرىمىزگە قۇيۇپ باقايلى ، قانچىلىك مۇئەللىملىرىمىز بۇ ئۆلچەمگە توشىدۇ ؟ ھەتتا بەزى مۇئەللىملىرىمىز سەھنىدە رول ئېلىۋاتقان ئارتىسلاردىنمۇ ئاشۇرىۋىتىدۇ . ئەجىبا ئوقۇغۇچىلارغا ماس كەلگەن بۇ ئۆلچەملەر مۇئەللىملىرىمىزگە ماس كەلمەسمۇ ؟
ئوقۇغۇچىلار كىيىنىشتە دىققەت قىلىشى، مەكتەپتە مەكتەپ فورمىسى كىيىپ يۈرۈشى كېرەك ، مۇئەللىملىرىمىزچۇ ؟! ئىشتىن چۈشكەندە ، تەتىل ، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە قانداق كىيىنىش ئۇ ئۆزىڭىزنىڭ ئەركىنلىكى ، لېكىن ئۆزىڭىزنى مۇئەللىم ساناپ، مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئېلىپ كىرمەكچى بولسىڭىز ئۆزىڭىزمۇ مەكتەپ فورمىسى كېيىۋېلىڭ ! مائارىپ ئىدارىسى ، ياكى مەكتەپ مالىيەسىدە پۇل يوق ، دەپ مەكتەپ فورمىسى تىكتۈرۈپ بەرمىسە ، يىلدا بىر قېتىم پەرزەنتىلىرىگە مەكتەپ فورمىسى ئېلىپ بىرىۋاتقان ئاتا-ئانىلار بالىلىرى ئۈچۈن بولسىمۇ يەنە ئازراق غەيرەت قىلىۋەتسىلا، بۇ قىيىنچىلىقنىمۇ ھەل قىلىۋىتىشى مۈمكىن ! …
مۇئەللىملىرىمىز ئۆزلىرىگە ئۆلچەم بېكىتىپ ، ئۆزلىرىنى رەتكە سالماي تۇرۇپ ، ئوقۇغۇچىلارغا بۇنداق تەلەپ قويسا ، ئوقۇغۇچىلار بۇنداق تەربىيەنى قانداقمۇ قوبۇل قىلالىسۇن ؟ ئوقۇغۇچىلىرىمىزغا 10 تۈرلۈك تەلەپ قويغان بولساق ،ئوقۇتقۇچىلار ئۆزىمىزگە 100 تۈرلۈك ھەتتا 1000 تۈرلۈك تەلەپ قۇيۇشىمىز كېرەك ، چۈنكى بىز ئوقۇتقۇچى ، مىللەتنىڭ ، دۆلەتنىڭ كەلگۈسى دەل بىزنىڭ قولىمىزدا !
مەنچە بولغاندا ، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىندىغانلارغا باشقىدىن ئۆلچەم بېكىتىش كېرەك . دارىلمۇئەللمىن خاراكتېرىدىكى ئالىي ئوقۇللارنى پۈتتۈرسىلا ، دوسكا ئالدىدا تۇرۇپ دەرس سۆزلىيەلىسىلا مۇئەللىم بولماستىن ، ئۇنىڭدا يەنە يۈكسەك ئەخلاق ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىچكى مايىللىقىنى بايقىيالايدىغان ، ئۆزىنى قاتتىق كونترول قىلالايدىغان پىسخىك ساپا ، ئوقۇتقۇچىغا خاس كەسپىي ئەخلاق ، ئەڭ يېڭى ئونىۋېرسال بىلىم قۇرۇلمىسى بۇلۇشى كېرەك . مائارىپ تارماقلىرى مۇئەللىملىرىمىزنى يېڭى دەرىسلىك ، قوش تىللىق ئوقۇتۇش بويىچە داۋاملاشما تەربىيىگە ئەۋەتىدۇ ، مېنىڭچە داۋاملاشما مائارىپ ئوقۇتۇش مەزمۇنىغا يەنە كىشىلىك ئەخلاق ، كەسپىي ئەخلاق ، پىسخىك ساپا تەربىيەسى … دىگەندەك مەزمۇنلارنىمۇ قېتىش كېرەك ! شۇنداق قىلىپمۇ ئامال بولمىغان بەزى << مۇئەللىم >> لەرنىڭ كەشىنى توغرىلاپ، ئۆز ۋاقتىدا باشقا ئىش قىلىشقا بۇيرۇش كېرەك ، ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكسىز تۈردە ھەقىقى مۇئەللىملىرىمىزنىڭ كۇرسىنى چۈشۈرىشىگە يول قويماسلىقىمىز كېرەك ، بۇنداقلارنى ئاسراش بەدىلىگە پەرزەنتلىرىمىزنىڭ ، مىللەتنىڭ كەلگۈسى بىلەن ئويناشماسلىقىمىز كېرەك !
ئېتىراپ قىلمىساق بولمايدۇ ، دەرسلىكتىكى مەزمۇنلارنى ئىگەللەپ ، پەرزەنتلەرگە سىڭدۈرۋىتىشتە كۆپىنچە ئاتا -ئانىلار ھازىرقى مۇئەللىملىرىمىزدىن يۇقىرى سەۋىيەگە ئىگە ، چۈنكى كەسكىن بازار رىقابىتى ، ئىشقا ئورۇنلىشىش رىقابىتى ئاتا-ئانىلارنى كۈندن-كۈنگە زېرەكلەشتۈرۋاتىدۇ ، بۇنداق زېرەكلىك بەزى مۇئەللىملىرىمىزنى بىلىم بەرگۈچى ئەمەس بەلكى ئاددىي تەشكىللىگۈچى ، گەپنىڭ سەتىنى قىلغاندا بالا باققۇچى كۇرسىغا چۈشۈرۈپ قويىۋاتىدۇ .
مۇئەللىملىرىمىزدىكى ئادالەتسىزلىك ، باراۋەرسىزلىك ( ئەمەلدارلار ، بايلار ياكى ياخشىچاق ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە باشقىچە ئالاھىدە مۇئامىلىدە بۇلۇش ) ئوقۇغۇچىلاردا ئۇلارغا نەپرەتلىنىش ، ئۇلاردىن ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى يېتىلدۈرپ قويىۋاتىدۇ .
ئوقۇغۇچىلارغا ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېمەسلىكنى ، مەكتەپ ئەتراپىدا ئۇنداق ماگىزىنلارنىڭ بولماسلىقىنى تەشەببۇس قىلىمىز، لېكىن مەكتەپ ئىچىدىكى ئاشخانىلاردا ئۆزىمىز ساتىمىز ، ھەتتا مەكتەپ ئىچىدىكى تەنھەركەت يىغىنلىرىدا ئوقۇغۇچىلارنى ئۆيلىرىگە كەتكۈزمەي ئەخلەت يېمەكلىك يېگۈزىمىز ، ھەم ئوقۇغۇچىلارنى تەشكىللەپ ئەخلەت يېمەكلىك ساتقىلى سالىمىز ، ئاپتاپتا قارىداپ، ئۈمچىيىپ تۇرغان بالىلارغا قاراپ ، يېگىڭىز كەلمىسىمۇ بىر -ئىككى يۈەنلىك بىر نەرسە سېتىۋېلىشقا مەجبۇر بولىسىز . مانا بۇ «ئاتا -ئانىلار چوقۇم كەلسۇن !» دېگەن بۇيرۇقنىڭ پايدىسى . بۇنداق شەكلى ئۆزگەرگەن مەكتەپ چىقىمىنى ئاتا-ئانىلارغا يۈكلەش چارىسى ئوقۇش باشلاش ياكى ئاخىرلىشىش مەزگىلىدىكى ئاتا-ئانىلار يىغىنلىرىدا بەزى ئاقساقال ئاتا-ئانىلارنىڭ ياردىمىدە ناھايىتى ئۇڭۇشلۇق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىۋاتىدۇ . سىنىپىمىزنىڭ ئەمگەك قۇراللىرى يوق ، مەكتىپىمىزنىڭ رېمۇنىتچىسى يوق ، سىرىتتىن ئادەم ياللاپ پارتا-ئورۇندۇق، ئىشىك-دېرىزە ،سىم يوللىرىنى رېمۇنت قىلماقچىدۇق ، مائارىپ ئىدارىسى پۇل بەرمەيۋاتىدۇ ، ياكى مالىيە ئاتچوت قىلمايدىكەن ، بالىلىرىمىز ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار غەيرەت قىلىۋەتكەن بولساق … دىگەندەك ھال ئېيتىدىغان ئەھۋاللار ھېلھەم تۈگىمەيۋاتىدۇ … نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى پەقەت بىلگىلى بولمايدۇ .
يىغىنچاقلىغاندا ، دەرىسلىىكنى ئسلاھ قىلغاندەك ، بەزى مائارىپ تۈزۈملىرىنىمۇ ئىسلاھ قىلغان بولسا ، مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلارغا قويۇلىدىغان ئۆلچەملەرمۇ ئسلاھ قىلىنىپ باقسا ، ئوقۇغۇچىلارغا ئۆلچەم بىكىتىشتىن بۇرۇن ئۆزىمىزگە ئۆلچەم قويۇپ باققان بولساق ، ئوقۇغۇچىلىرىمىزنىڭ بىلىم ، ئەخلاق ۋە ئونۋېرسال ساپاسىدا كۆرۈنەرلىك يۈكسىلىش بارلىققا كېلەتتى.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : بار تەلەپ ئوقۇغۇچىلارغىلا ، ئوقۇتقۇچىلارغا تەلەپ يوقمۇ ؟

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!14 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. چەۋەندازلار مۇنداق يازغان:

    پىشقەدەم ئۇستازلارنىڭ ‹‹يېڭىچە مائارىپ›› سەۋەبىدىن ئىشتىن بىردىن-بىردىن ئايرىلىشى ۋە ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ زىيادە ياشلىشىپ كېتىشى، ياشلارغا قانداق ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئۈگىتىدىغان پىشقەدەملەرنىڭ كەم بولىشى ساپاسىز ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كۆپۈيۈپ كېتىشىدىكى يەنە بىر كۆلەڭگە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى 10 يىلدا ئۇيغۇر مائارىپى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن قالايمىقانچىلىق ۋە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىدى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. دۇنيا تارىخىدىمۇ ئاز كۆرۈلسە كېرەك. يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئوقۇغانلارنىڭ دەرىسلىكى بىر-بىرىسىنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، ئالدىنقىسى ئوقىغاننى كېيىنكىسى ئوقىمىغان، كېيىنكىسى ئوقىغاننى ئالدىنقىسى دېگەندەك زىيادە ئۈزۈكچىلىك ھادىسىسى بىزنى چۆچۈتمەي قالمايدۇ. ئەسلى مائارىپقا قايتىش تەقەززاسى ھەر بىر كىشىنى تەخىرسىز ھالدا ئۈندىمەكتە.

  2. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    مائارپ ساھەسى دۆلىتىمىزدىكى ئادەم سانى بىر قەدەر كۆپ ساھە،شۇڭا دەرەخ يوغان بولسا قۇچقاچ كۆپ بولغاندەك،تۈرلۈك-تۈمەن خىل ئىنسانلارنىڭ چىقىۋاتقانلىقى راس،ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۆكۈمەت جەمىيەتتىكى ئىش كۈتۈپ تۇرغانلار مەسىلىسىنى بالدۇرراق ھەل قىلىپ،جەمىيەت مۇقىملىقىنى ياخشى ساقلاش ئۈچۈن كەسپى نىمە بۇلۇشى بىلەن كارى بولماي،قارا-قۇيۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇلارنى ئوقۇتقۇچى قىلىپ قۇيۋاتىدۇ،نەتىنجىدە بىر تۈركۈم پىداگوككىدىن خەۋەرسىز ياشلارمۇ ئوقۇتقۇچى بۇلۇپ قېلۋاتىدۇ،ساپا كۈندىن-كۈنگە تۆۋەنلەپ كىتىپ بارىدۇ،قىسقاراق سۆزلەي ئەڭ ياخشىسى ئۆزەمگە ھاي بىرىپ، باشقا تورداشلارنىڭمۇ پىكىرىنى ئاڭلاپ باقاي.

  3. رازىيە تورى مۇنداق يازغان:

    ئىنسان روھىنىڭ ئىنجىنىرى بولغان ئوقۇتقۇچىلاردا ھەقىقى ئىنجىنىرغا خاس ساپا،سالاھيەت بولۇش ئەقەللى تەلەپ،ئوقۇغۇچى ئۈچۈن ھەممىدە ئۈلگە بولۇش لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەقەللى تەلىپى،بۇ خىل تەلەپكە يىتىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.بىراق يەنە شۇنداق ئوقۇتقۇچىلارمۇ باركى ئۇنىڭدا لاياقاتلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ ئەمەس لاياقەتلىك ئادەمنىڭ شەرتىنى تېپىشمۇ قىيىن،ئەڭ خەتەرلىكى بىرقىسىم ئوقۇتقۇچىلاردىكى ھاراقكەشلىك،چېچىلاڭغۇلۇق،ئىلگىرلىمەسلىك،يىڭى بىلىملەرنى ئۈگەنمەسلىك،پاسسىپلىق…قاتارلىق ئىللەتلەرنىڭ پەرزەنتلەرگە يۇقۇشى تولدۇرغۇلى بولمايدىغان يوقۇتۇش.يىل بويى كىتاپخانىغا بارمايدىغان،ئەمما كۇن بويى قاۋاقخانىدىن نېرى بولمايدىغان،ئۆيىدە كىتاپ جازىسى تاپقىلى بولمايدۇكى باشقا جازىلارغا ئورۇن يوق…ئادەم تەربىيەلەيدىغان بۇ ئادەملەر ئۆز مەسئۇلىيتىنى بەكرەك تونىسا بولاتتى.لىكىن مۈنەۋۋەر ئوقۇتقۇچىلار .ئازلاپ كىتىپ بارىدۇ.بۇ بىزگە تەككەن ھال كىسىلى بولۇپ قالمىغىيدى

  4. تەجەللى مۇنداق يازغان:

    ئەمدى مەنمۇ ئىككى ئغىز گەپ قىلاي،بولمىسا ئۆتۈم يىرىلىپ كىتىدىغاندەك قىلىدۇ. ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئەنجۈمەن ئەھلى….مەن بىر خەلىق ئوقۇتقىچىسى،مەلىملىك بىلەن جان بىقىۋاتقىلى 5 يىل بوپتۇ،بۇ جەريادىكى ھاسىلاتىممۇ ئاز ئەمەس ئەلۋەتتە.2005-5-ئوقۇش پۇتتۇرۇش ھارپىسىدا ئۇ ستازىمىز ئا.جالالىدىن بىزگە كەچلىك لىكسىيە سۆزلىگەن بولۇپ ،مۇنداق بىر مەشھۇر سۆزى ئىسىمدە:يۇرىكىدە يۇكسەك غايىسى بولغان سىتۇدىنىتلارنى جەنۇپنىڭ يىزىلىرىغا ئاپىرىپ 3 يىل مەلىملىككە سالىدىغان بولسا ئۇ چوقۇم 4-يىلى راۋرۇس زابوي بوپ يىتىشىپ چىقىدۇ……مەن بۇ گەپنى ئڭلىغاندا خۇددى باشقا ساۋاقداشلىرىمغا ئوخشاش قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتكەندىم،چۈنكى مىنىڭ نەزىرىمدە بۇ سەل ئاشۇرۋىتىلگەن ھەم يۇمۇر تۈسىنى ئاغان گەپ ئىدى،مانا ئوقۇتقۇچى بولۇپ 2- كۈنى ئاشۇ گەپنڭ رىئاللىققا ئايلىنىپ ماڭىلا كىلىدىغانلىقىى كىم ئويلىغان دەيسىز.ئاشۇ كۈنى بىر خىزمەتتداشنىڭ تويىغا قاتناشتۇق،مۇراسىم ئەمدى باشلىنىشىغا يەرلىك مۆتىۋەر ھىساپلىنىدىغان شوجاڭلىرىمىز ھاراقنى ئايلاندۇرۇشقا باشلىدى،باشقىلارمۇ خۇددى زەم-زەم سۈيىنى ئاغاندەك ئززەت-ئىكرام بىلەن رۇمكىنى ئالاتتى -دە ھايىلىشمايلا رۇمكىنى شوجاڭغا بىرەتتى،نۆۋەت ئاخىرى ماڭا كەلدى،رۇمكىدىكى سۈزۈك سۇ ماڭا سۇنۇلدى،مەن ئورنۇمدىن تۇردۇمدە ھۆرمەت بىلەن ئگىلىپ تۇرۇپ:كەچۇرۇڭلار مەن ئەزەلدىن ھاراق ئىچمەيمەن دىيىشىم بىلەن تەڭ ھەممەيلەننڭ قاپىقى تۈرۈلدى،بولۇپمۇ شوجاڭنىڭ….ئۇ گەپمۇ قىلماستىن رۇمكىنى تىخىمۇ ئالدىمغا ئىتتەردى،مەنمۇ گىپىمنى تەكرارلىدىم…..ئىشنڭ چوڭى دەل شۇ چاغدا چىقتى … خۇددى پادىشانىڭ ئالدىدىكى ئاغۋاتلاردەك تۇرىدىغان مەلىملەرنىڭ مىنى ئيىپلەش سادالىرى كۆككە كۆتىرىلدى….شوجاڭمۇ دەل شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك زەردە بىلەن ئورنىدىن تۇردى دە ھاراقنى ئاغزىمغىلا ئەكەلدى،تاسلا قالدىم ئىچىپ سالغىلى ،ئاغزىمنى ئىتتىك تارتىۋالغان بولغاچقا بۇ نەسچىلىكتىن قۇتۇلۇپ قالدىم،لىكىن مىنىڭمۇ بەكلا ئاچچىغىم كەلگەن بولغاچقا ئورنۇمدىن دەس تۇردۇم ۋە ئۇنىڭ قولىنى ئۇرۇپلا ھارىقىنى تۆكىۋەتتىم…………شۇنىڭدىن كىن مەن ھىلى يىزىغا ھەمكارلىشىپ دىخانلارنىڭ مال-چارۋىلىرىنى سانىسام ھىلى پىلانىلق تۇغۇت كادىرلىرى بىلەن ئۆيمۇ-ئۆي كىرىپ نوپۇس ئىنىقلىدىم……نەچچە ئاي يەرمۇ ئۆلچەپ كەتتىم،قىسقىسى مۇنبەردىن ئايرىلدىم،بۇجەرياندىكى خاپىچىلىقلارنى دىمەيمەن لىكىن شۇنى ئەسكەرتكۈم بار،بۇ يەردە بۇنداق ئىشلار ساماندەك(ئىشەنمىسىڭىز تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ)….يەنە كىملەرنىڭ ياغلىق ئارتقانلىقى تۈپەيلىدىن قانچە پۇل جەرىمانە تۆلىگەنلىكى،كىمنىڭ بۇرۇت قويغانلىقى تۈپەيلىدىن يۇتكىۋىتىلگەنلىكى ياكى جەرىمانە تۆلىگەنلىكى توغۇرلۇق ئىشلار خۇددى كۈندە ئۈچ ۋاق تاماق يىگەندەكلا ئالدىمىزدىلا يۇز بىرىپ تۇرىدۇ…….سىلەر يۇقارقى ماقالىنى يازغان جاناپلار ئاشۇنداق ئىشقا سىلەر يۇلۇقۇپ باققانمۇ؟ سىلەر بىرەر كۈن ئوقۇتقۇچى بولۇپ باققانمۇ؟….بىزنى ئۈنچىلىك ئەيىپلەپ كەتمەڭلار…..

  5. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھېيتىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن،تىنىڭىزگە سالامەتچىلىك يار بولسۇن.

  6. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ئايەملىرىگە مۇبارەك بولسۇن!

  7. ئەپەندىم مۇنداق يازغان:

    يېزا مەكتەپلىرىدىكى ئايال ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئاشۇرىۋېتىدىغنى راس جۇمۇ، بىزنىڭ مەھەللىدىكى مۇئەللىمە خانىملار ئىش تىن چۈشۈپ موتسېكىلتىنى ئۇچۇرتۇپ كوچىنىڭ ئۇ بېشىدىن بۇ بېشىغا ئۆتكۈچە پۇشقاقنى تىزغىچە تۈرىۋېلىپ ئۈجمە سايىسىدە قارتا ئوناۋاتقان دېھقان يىگىتلىرىنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرۋېتەتتى…

  8. تۇردى مۇنداق يازغان:

    بىر كالىنىڭ پوقىدا ئونى پوق بوپتۇ دىگەن گەپ با بىرسىنى چۇشەرسەڭلار ھەممىسىنى قوشۇپ غاجايدىدغان ئادەتتنى تاشلىساق قانداق

  9. يولۇچى مۇنداق يازغان:

    ماۋزېدۇڭمۇ «خۇنەن دىھقانلار ھەركىتىنى تەكشۈرۈشتىن دوكلات»نى يازغۇچە پۈتۈن خۇنەن ئۆلكىسىنى بىر ئايلىنىپ چىقىپتىكەن. ئاپتورمۇ مۇشۇ ماقالىنى يازغۇچە پۈتۈن شىنجاڭنى ئايلانمىغان تەغدىردىمۇ، جەنۇپتىكى 3 ۋىلايەت، 2 ئوبلاستنى بىر ئايلىنىپ، ئوبدانراق تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلغان بولسا، ماقالىنىڭ قايىل قىلىش كۈچى ئاشقان بولاتتى. مېنىڭچە ماقالىدا ئىنتايىن ئاز سالماقنى ئىگىلەيدىغان قىسمەن ھادىسىلەر ئومۇمىيلىققا كۆتۈرۈلۈپ زىيادە مۇبالىغە قىلىۋېتىلگەن. ئالتۇنمۇ ساپ بولمىغىنىدەك، ھەرقانداق بىر كەسىپ ۋە ھەرقانداق بىر ساھەدە كەسپى ئەخلاق ۋە مۇناسىۋەتلىك قائىدە تۈزۈملەرگە خىلاپلىق قىلىش ھادىسىلىرىنىڭ ئاندا-ساندا كۆرۈلۈپ تۇرۇشى نورمال ئەھۋال. ئۇزۇن مۇددەتكىچە ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەسلىكنىڭ ئۆزى ئىنتايىن زور بىر خەۋپنىڭ يۇشۇرۇنغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. قىسمەن ھادىسىلەرنى مەلۇم بىر ساھە ياكى مىللەت، دۆلەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈۋېلىپ، ھەممىنى ئىنكار قىلىدىغان بۇنداق پوزىتسىيە ياشلارغا، بولۇپمۇ مۇقىم كۆزقارىشى يوق، كىم نىمە دىسە شۇنىڭغا ئەگىشىپ كىتىدىغان ئاز بىر قىسىم كىشىلەرگە خاتا سىگنال بىرىپ قويىدۇ. بۇ ئىنتايىن خەتەرلىك.

  10. قاپلان مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بىلوگى ئەجەپ ئاستا يېڭىلىنىدۇ جۇمۇ! يا ئىزدىنىشقا كىرمەيدۇ بۇ يۈكسەل.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      شۇنى دەڭا! بىر ئىشلارنى قىلىۋاتامدىكى دەيمەنغۇ ، بەلكىم پات ئارىدا قايتىدىن كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىغا قايتىپ كېلىشى ئېنىق.

  11. قاپلان مۇنداق يازغان:

    ئوتكەندە بىرەيلەننىڭ تۇرمۇشتىكى كىچىككىنە بىر ئوڭۇشسىزلىك سەۋەبىدىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغانلىق توغرىسىدىكى خەەۋەرنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى. بىر كۈن چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ تۈزۈكمۇ ئۇخلۇيالمىدىم. بەلكىم ئېتىقاد،ئەقىدە ۋە ئائىلە تەربىيسىنىڭ تەسىرىمۇ ئىلگىرى بۇنداق ئىشلارنى كەمدىن كەم ئاڭلايتۇق، ھازىر مانا مۇشۇنداق يەكدىللىك بىلەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالىدىغان ئىشلار كۆپۈيۈپ قاپتۇ. بۇنىڭ سەۋەبى زادى نەدە؟ قانداق قىلغاندا مۇشۇ ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ؟ ياشلار قانداق قىلغاندا تۇرمۇش، ئۆگۈنۈش، خىزمەت ۋە كىشىلىڭ مۇناسۋەتتە ساغلام بولغان پىسخىكا كۆزقارىشىنى يېتىلدۇرەلەيدۇ؟ بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر مۇلاھىزە يۈرگۈزۈلۈپ مەسلىھەت بېرىلسە بوپتىكەن.

  12. ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    مائارىپ ساھاسىدا پارىخورلوق بەك ئەۋىج ئېلىپ كەتتى.

  13. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    بىرلا خىل مائارىپ تۈزۈلمىسى بولغان ئىكەن ، مەيلى جەنۇپ مەيلى شىمال تەرەپ بولسۇن ھەممىسىلا بۇ خىل ئىسكەنجىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ ، مانا مەنمۇ 11يىل مائارىپ بىلەن شۇغۇللاندىم ، قايسى مەكتەپتە بۇ خىل ساختا ئىللەت يوق ، بەك گۈدەكلىك قىلماڭلار ھەم بەكمۇ ئۇلۇغۋار بۇلۇپ كەتمەڭلار ، مەن بۇ يەردە قىسمەن مائارىپچىلاردىكى ئىللەتلەرنى تۈزۈتۈش توغرىسىدا مۇلاھىزە يۈرگۈزدۈم . كېسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارا ،دەپ ناچار ئىللەتلەرنى ۋاقتىدا تۈزۈتۈپ ماڭمىساق ، بۇ خىل ئىللەت ئۇمۇمىيلىققا ئايلىنىپ بولغاندا قۇبۇل كۆرمەكتىن باشقا چارە قالمايدۇ ؟!

ئالىپ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟