نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ساپا مائارىپىمۇ ياكى ساپاسىزلاشتۇرۇش مائارىپىمۇ ؟

ئابدۇكېرىم راخمان ئالىپ
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

ھەممە ئادەم ئۆز  پەرزەنتىنىڭ ياراملىق، قابىليەتلىك ( كاتتا ئەرباپ ، ئۇلۇغ شەخىس…دىگەندەك ) ئادەم بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ھەمدە كىچىكىدىن باشلاپ تەربىيەلەشتە مىسلىسىز ئەجىر قىلىدۇ ھەتتا بارىنى پەرزەنت ئۈچۈن بېغىشلىشىدۇ. پەرزەنتىنىڭ ئەۋزەل مائارىپلىنىش شارائىتىدىن بەھرىمان بولۇشى، ئوقۇتقۇچى – ئۇستازلىرى، ساۋاقداش- تەڭتۇشلىرى ئارىسىدا بويۇن قىسماسلىقى ئۈچۈن ھەر ئىمكانلارنى ئويلاپ تاپىدۇ. بولۇپمۇ ھازىرقى دەۋرىمىزدە پەقەت بىر ياكى ئىككى پەرزەنىتلىك بۇلۇش سەۋەبلىك ئاتا-ئانىلار بۇ ‹‹ تۇتىيا پەرزەنت ›› لىرى ئۈچۈن قىلمايدىغانلىرى قالمايدىغان بولۇپ كەتتى …

بۇرۇنلاردا ئارقا ئىشىكتىن مېڭىش ، پارا بېرىپ-پارا ئېلىش، ھەتتا ياخشىچاق بولۇش ئۈچۈن قىلىنغان كىچىككىنە ياغلىما گەپ -سۆز ، ئىش- ھەرىكەتلەرنىمۇ بوش قۇيىۋەتمەي ھەممە ئادەم بۇنداق ناچار خاھىش، رەزگى قىلمىشنى مەسخىرە ئاستىغا ئالاتتى ، نۇرغۇن كىشلەرنىڭ بۇنداق قىلىشقا غورۇرى كۆتۈرمەيىتتى ياكى شۇخىل قىلمىشتىن قاتتىق ھەزەر قىلاتتى . لېكىن ھازىرقى كەسكىن رىقابەت دەۋرىمىزدە ئۇ خىل ھالال نىيەتلىك كىشىلەرنى ‹‹ ئىشنى ئېپىنى ئۇقمايدىغان نادان ›› قاتارىغا ساناپ،  يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغاندەك ئەگرى يول بىلەن ئىش كۆرۈشنى باشقىلار بىلەن ئەپ ئۈتۈش ، كىشىلىك مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ، «ياخشىلققا -ياخشىلىق »  قىلىش، ئىشنىڭ يولىنى بىلگەنلىك … دېگەندەك چىرايلىق ناملار بىلەن ئاتايدىغان بولدۇق . بۇخىل يېڭىچە جاھاندارچىلىق دەستۇرى جەمئىيتىمىزدىكى ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلارنىڭ ئىدىيە – ھەرىكەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىن ھالقىپ، پەرزەنت تەربىيەسىدىمۇ كام بولسا بولمايدىغان مۇھىم مىزان بۇلۇپ قالدى .  قۇپالراق قىلىپ ئېيىتقاندا ، ئالىي مائارىپنى قويۇپ تۇرايلى ھەتتا يەسلىي مائارىپىمىزغىمۇ سىڭىپ بولدى ، يۇشۇرمىساقمۇ بۇلىدۇكى ، مەدەنىيەت سۈپتىدە ئىدىيە سىستېمىمىزدىن مۇستەھكەم ئۇرۇنمۇ ئېلىپ ئۈلگۈردى . چۈنكى ھەممە ئادەم قابىليەتلىك بۇلۇپ كەتكەن بۇ جاھاندا بۇنداق كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ماھىر بۇلۇش بىر ئارتۇقچىلىق ھېسابلىنىپ ، شۇ كىشىنىڭ قابىليىتىنى جارى قىلدۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بېرىدۇ، ئەمەسمۇ ؟!…

چوڭ ئوغلۇم يەسلىگە كىرگەن يىلى ئوقۇتقۇچىلار بايرىمى ھارپىسىدا :« نۇرغۇن بالىلار مۇئەللىمگە سوۋغا بەردى ، مۇئەللىم ئۇلارنى بەكلا ماختاپ كەتتى ، سەنمۇ ماڭا سوۋغا تەييارلاپ بەرسەڭ بولمامدۇ ؟ » دىگەنىدى ، مەن بۇنداق قىلىشنى بۇرۇنلا بىلسەممۇ لېكىن ، ئوغلۇمغا يامان تەسىر بېرىپ قۇيۇشتىن ساقلىنىپ قەستەن سوۋغا تەييارلىمىغان ئىدىم . ئۇنىڭغا : « تىرىشىپ ئۈگەنسەڭلا ، ئاشۇ مۇئەللىمىڭگە ئەڭ ياخشى سوۋغا سۇنغان بولىسەن » دەپ قايىل قىلغان ئىدىم .
باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن ئوقۇشقا ياردىمى بولۇشى ئۈچۈن بەزى پايدىلىنىش ماتېرىياللرىنى ئېلىپ بەرگەن ئىدىم ، بىر مەزگىل بۇ ماتېرياللار ئۆيدىن يوقاپ كەتتى ، ئوغلۇمدىن سورىۋېدىم ، مۇنداق كۈتمىگەن جاۋابلارغا ئېرىشتىم : سىنىپىدىكى بالىلار سىنىپ باشلىقى ، ئۈگىنىش باشلىقلرىغا ئوقۇش قۇراللىرى ( دەپتەر ، قەلەم …)، ئۇششاق -چۈششەك يىمەكلىكلەرنى بېرىش شەكلى ئارقىلىق ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىپ -بىلمەي قىلىپ قويغان تەنتەكلىكىنى مۇئەللىمگە دوكلات قىلىپ قويۇشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىكەن ، ئوغلۇمنىڭ بېرىۋىتىدىغان ئارتۇق دەپتەر، قەلىمى ياكى خەجلەپ بېرىدىغان پارچە خىراجىتى بولمىغاندىكىن شۇ ماتېرياللارنى بېرىپ تۇرۇش شەكلى ئارقىلىق سىنىپ ئەمەلدارلىرى بىلەن بولغان « كىشىلىك مۇناسىۋەت » نى ياخشىلاپتۇدەك . شۇنىڭدىن كېيىن بىر قانچە قېتىم ئاتا-ئانىلار سۆھبەت يىغىنىغا باردىم ، كۆپىنچە ئاتا -ئانىلارنىڭ ئاقساقاللىقلىرى ، ساختا مەرتلىكلىرى ۋە ئۇلارنى ھاي دېمەيۋاتقان مۇئەللىملىرىمىزنىڭ چاكىنا قىلمىشلىرىغا قاراپ ، زامانىۋى ساپا مائارىپىمىز ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم ، كۆپ نەرسىلەرنى ھېس قىلغان بولساممۇ يەنىلا ئوغلۇمدىن گەپ ئېلىپ باقتىم . ئوغلۇمنىڭ دېيشچە ، دەل ئاشۇ ئاقساقال ، مۇئەللىملەرگە ھارماي سوۋغا يوللايدىغان ساختا مەرت ئاتا -ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى سىنىپتا ھەيئەتلەركەن ، ياكى ئالاھىدە (تەربىيە ) ئىمتىيازدىن بەھرىمان بولىدىكەن ، تاللىنىش -باھالىنىش پۇرسىتىمۇ كۆپ ئىكەن . مەن ئوغلۇمنى شۇنچە تارتقان بولساممۇ ، ئۇ بۇخىل جاھاندارچىلىق دەستۇرىنىڭ تەسىرىگە ئاللا بۇرۇنلا ئۇچراپ بولغان ئىكەن ، ئەمدى شۇ خىل ئىدىيەنىڭ قۇلى بولۇپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن !

ساپا مائارىپىنى تەرغىپ قىلىپ ، ساپاسىزلارچە ساپاسىزلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىۋاتقان ئاشۇ مۇئەللىملىرىمىزگە لەنەت ! بۇ گېپىمنىڭ ھەقىقىي ئىنسان روھىنىڭ ئېنژېنېرلىرىگە تەگمەسلىكىنى ئارزۇ قىلىمەن . بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ تىگىمسىزلىكى ، مۇئەللىملىرىمىزنىڭ بۇنداق ئاتا- ئانىلارغا كەسكىن بولماسلىقى ياكى بىر قىسىم مۇئەللىملىرىمىزنىڭ تاماخورلۇقى بىزنىڭ زامانىۋىي قوش تىللىق ساپا مائارىپىمىزغا يېڭى بىر خىل مەدەنىيەت ئېڭىنى سىڭدۈرۋەتتى ، ئۇ بولسىمۇ كىشىلىك مۇناسىۋەتنى قەتئي ياخشىلاپ، ئالاھىدە ئىمتىيازنى قولغا كەلتۈرۈپ ، مۇتلەق يۇقىرى نەتىجە بىلەن شان-شەرەپ قۇچۇشتىن ئىبارەت .

ھەممە ئائىلىنىڭ پەرزەنتى ئوخشاش بىر سىنىپتا ئوقۇۋاتقان بولغاندىكىن ، ئەلۋەتتە ئۆز كۈچىگە تاينىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك ، لېكىن ياخشىلارنىڭ ئىچىدىكى سەرخىللىرىدىن بۇلۇش ئۈچۈن يەنىلا يۇقارقىدەك يېڭى مەبلەغ سېلىش تۈرى بولغان كىشىلىك مۇناسىۋەتنىڭ مۇتلەق ئۈستۈنلىكىگە ئىشتىراك قىلشقا توغرا كىلىدۇ . بۇ نوقتىنى ئاتا- ئانىلارلا ئەمەس ، يەسلى بالىلىرىمۇ تونۇپ يىتىپ بولدى ، بەزى مۇئەللىملىرىمىز بۇ خىل ناچار ئايلىنىشقا يېشىل چىراق يېقىپ بەرسە ، بەزى مۇئەللىملىرىمىز كۆزىنى يۇمۇپ تۇرىۋالدى، قىسقىسى ئۆزىنىڭ مۇئەللىملىك بورچىدىن – شەرىپىدىن تاندى . ياشاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش رىقابىتى كەسكىن بولىدىغان بىزنىڭ بۇ دۆلىتىمىزدە ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسى ئۈچۈن بۇخىل كىشىلىك مۇناسىۋەت ئېڭىنى كىچىكىدىن باشلاپ ئىديىسىگە سىڭدۈرۋەتسە ، پەرزەنتلەردە ئۆزىگە ئىشىنىش ئەمەس بەلكى بارغانسېرى ئاتا-ئانىسىغا ، كىشىلىك مۇناسىۋەتكە ئىشىنىش ۋە ئۇنىڭغا قارىغۇلارچە ئەگىشىش ئىستكى كۈچىيىپ بارىدۇ ، ئۇنداقتا بۇ نېمىدىن دىرەك بېرىدۇ ؟!…

بۇ يەردە چەتئەل مائارىپى توغرۇلۇق ياخشى ياكى يامان دەپ سۆزلەشكە بالدۇرلۇق قىلىدۇ ، چۈنكى دۆلەت تۈزۈلمىسىنىڭ ، مائارىپ تۈزۈلمىسىنىڭ ، مىللىي ئاڭ ۋە ئۇزۇن يىللىق ئۆرپ- ئادەت سىڭگەن تەربىيە ئۇسۇلىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ، بىزنىڭ مېغىزىنى ئايرىپ شاكىلىنى تاشلىشىمىزغا يىتەرلىك ئىمكانىيەت بەرمەيۋاتىدۇ ، ياخشى نەرسىلەر بىلەن بىللە باشقىلار ئۆزلىرىمۇ خالىمايدىغان پۈچەك نەرسىلەرنىڭ تەڭلا ئارىلىشىپ قۇبۇل قىلىنىشى بىزگە نۇرغۇن ئۇڭايسىزلىقلارنى تۇغدۇرۇپ كەلمەكتە …

يۈكسەل ‹‹ ئوقۇپ ئالىم بولغىنىڭدىن، داداڭنىڭ ھاكىم بولغىنى ياخشىمۇ؟ ›› دېگەن يازمىسىدا: ‹‹ ئاتىلارنىڭ مائارىپ ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان تەسىرى ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن ئەكسىلمائارىپتۇر ( مائارىپقا قارشى مائارىپ ) . يەنى، ئوقۇغۇچىلار بۇ خىل تەسىردىن شۇنداق بىر مائارىپنى قوبۇل قىلىدۇكى، ئۇلار جەمئىيەتنى ئادىل ئەمەس، دەپ قارايدۇ. ئۆز جەمەتىدىن بىرەيلەن ھوقۇق ياكى تىجارەتتە ئۈزۈپ چىقسا، قالغان ئەزالارغىمۇ چىقىش يولى تەييار بولىدۇ، دەپ تونۇيدۇ. مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا شەخسنىڭ رىقابەت كۈچى، ئۇنىۋېرسال ساپاسى بىرىنچى ئامىل بولماستىن، بەلكى مۇناسىۋەت تورى، ھوقۇق، پۇل – مال ئىشلاردا ئۇتۇق قازىنىشنىڭ يادرولۇق ئامىللىرى دەپ چۈشىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ، كۈنىمىزدىكى ياش – ئۆسمۈرلەرگە قارايدىغان بولساق ئۇلاردا ھوقۇقپەرەسلىك، تەبىقىۋازلىق ئېڭىنىڭ ناھايىتى كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. بۇ خىل ئەھۋال ئائىلىسى نامرات ۋە قىيىنچىلىقتا بولغان بالىلاردا تېخىمۇ ئېغىر بولۇپ، ئۇلار ھوقۇق ۋە پۇل ئارقىلىق ئۆز سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىشكە تېخىمۇ ھېرىسمەن كېلىدۇ – دە ، ھە دېگەندە ئەگرى يوللارغا كىرىپ قالىدۇ.
ئادىللىق مەسىلىسى گوياكى پىلە قۇرتىدەك مائارىپتىن ئىبارەت بۇ ‹‹ ئۈجمە يوپۇرمىقى ›› نى غاجىلاپ يېمەكتە. ئىشقا ئورۇنلىشىشتىكى ئادىللىقنى كۈچەيتىش ( يەنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشتىكى ئەمەل – مەنسەپ، پۇلغا باغلانغان ناتوغرا ئاينىشنى تۈزەش )، مائارىپ بايلىقلىرىنى تەكشى تەقسىملەش پەقەت شوئار ھالىتىدە توۋلانسىلا، دوكلات شەكلىدە يىغىنلاردا ئوقۇلسىلا بولمايدۇ. ھەممىدىن مۇھىمى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تۈزۈمى ۋە مائارىپ تۈزۈمىنى ياخشىلاش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. ›› دەپ ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى. نېمە دېگەن ئورۇنلۇق ۋە دەل جايىدا ئېيتىلغان سۆزلەر! تەكرار ئوقۇشقا، چوڭقۇر ئويلىنىشقا تېگىشلىك  ، ئەلۋەتتە.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ساپا مائارىپىمۇ ياكى ساپاسىزلاشتۇرۇش مائارىپىمۇ ؟

خەتكۈچ: ، ، ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!31 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    مائارىپ قۇرۇق شۇئار ۋە ماتېرىيال دۆۋىسىنى ئەمەس، ئادەمنى ئاساس قىلىشى كېرەك، شۇندىلا ئۇ مائارىپقا ئوخشايدۇ. ئاتا-ئانىلار ئەڭ مۇھىمى بالىلارغا ياخشى تەربىيە بېرىشى كېرەك. ئۇلار ھەدىسىە بالىلىرىدىن، جەمئىيەتتىن، مەكتەپتىن ئاغرىنسا بولمايدۇ. ئائىلە مائارىپىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئائىلە مائارىپ ئۇلى چىڭ بالىلارنىڭ مەكتەپ مائارىپى ۋە جەمئىيەت مائارىپىدا زور ئىلگىرىلىشىگە گەپ كەتمەيدۇ. كۆڭلى ئۆيدىن سۇ ئچمىگەن، تاپا-تەنە، داكا-دەشنەمگە قالغان بالىنىڭ، مەكتەپتىمۇ ياخشى ئوقۇپ كېتىشى، جەمئىيەتتىمۇ ياخشى كۈن كۆرۈشى تەس. يەنىلا ئۇل مائارىپنى چىڭ تۇتۇش مۇھىم.

  2. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    ئابدۇكېرىم ئەپەندى،
    بالىڭىزنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىپ ئۇنچىۋالا قىينىغۇچە، ئۇيغۇرچە مەكتەپكىلا يۆتكىۋەتسىڭىز بولماسمۇ؟
    يۈرتىمىزدا خەنزۇلار 70-%80 ئىگىلىسىمۇ، لېكىن بالىسىنى خەنزۇ مەكتەپكە بېرىدىغان ئۇيغۇرلار بەكلا ئاز. ئاساسەن ئۇيغۇرچە مەكتەپكە بېرىدۇ، بەزى قازاقلارمۇ ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ.
    لېكىن، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەپلەردە باللىرىنى خەنزۇچە مەكتەپكە بېرىش بىر قەدەر ئېغىر ئىكەن، بەزى خەنزۇ سىنىپلىرىدا، بالىلارنىڭ يېرىمىنى دىگۈدەك ئۇيغۇر بالىلار ئىگىلەپ كېتىدىكەن، بىچارە بالىلارغا سىنىپتا ئۇيغۇرچە سۆزلىگىلى قويمايدىكەن، لېكىن ئېنگلىزچە سۆزلىسىڭىز مۇئەللىم گەپ قىلمايدىكەن. يەنە كېلىپ ئابدۇكېرىم ئەپەندى ئېيتقاندەك، جۇڭگوچە خوشامەتچىلىكنىمۇ ئۆگىنىۋالىدىغان گەپكەن.
    ئۇيغۇر بالىلارنىڭ خەنزۇچە مەكتەپلەردە ئوقۇشى، مۇقەررەر ھالدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ كاساتلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ئۇيغۇرچە گېزىت-ژورنال، مەتبۇئات، ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش ۋە تېلېۋىزيە پروگراممىرلىرى ئازلايدۇ ياكى يوقايدۇ. بۇنىڭلىق بىلەن بىر قىسىم، ھەتتاكى پۈتۈن ئۇيغۇر تەھرىر، تەرجىمانلار، دېكتور- رىياسەتچىلەر ئىشسىز قالىدۇ، ھەمدە بۇندىن كېيىن شۇخىل كەسىپلەرمۇ يوقىلىدۇ، نەتىجىدە، ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ «ئىشسىزلىقى»نى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
    تېما مەزمۇنىغا سەل مۇناسىۋەتسىزرەك ئىنكاس يېزىپ قويدۇم، كەچۈرگەيسىزلەر!

    • يىگانە مۇنداق يازغان:

      مەن ئۇنچە بىلىمدار ئەمەس ،لكىن مەن ئۈزۈمنى ئۇنچە كەمسىىپمۇ كەتمەيمەن ، يۇقۇردا دوستىمىز دىگەندەك مەنمۇ ئۇيغۇر مەكتەپتە ئۇقۇغان ، لېكىن ئىدارىدا خەنزۇچە ماتىرياللارنى مەن ئۈزۈم تەييارلايمەن(رەھبەرلەرگە نەچچە دىدىىم ئىدارىىمىزدا خەنزۇ يولداشلار بولغاندىكىن شۇلار يازسا بولمامدۇ، دىسەم باشلىق‹ئۇكام شۇلار سىزچىلىك يازالسا مەن يەنە سىزنى ئاۋارە قىلامدىم› دەپ ئاغىزىمنى تۇۋاقلاپ قويدى) بۇ گەپلەر ئارقىلىق ئۈزەمنى كورسەتمەكچى ئەمەسمەن، لېكىن ھازىر ۋەزىيەت بىزدىن شۇنى كۈتىۋاتىدۇ. مەن بىر كەسپى تېخنىك خادىم ، نۇرغۇن تېخنىكىلىق ئۆلچەملەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بولغۇچە، بىكار قىلىنىپ يېڭىسى چىقىۋاتىدۇ. ئەگەر بىز خەنزۇچىنى ئۈگەنمىسەك خەقنىڭ كەينىدە قالغىنىمىز قالغان. ئەمدى پەرزەنىت تەربىيەسىگە كەلسەك، سىلەرنىڭ يۇرۇتتا ئۇيغۇر مەكتەپ ھازىرمۇ بارما؟ بىزنىڭ بۇيەردە ئاللاقاچان قوش تىل ئۇمۇملىشىپ بولدى، نىمە ئامال ….. ئۇيغۇر مەكتەپكە بەرسەك ئۇيغۇر تىلى ئەدەبىياتىنىلا ئۇيغۇرچە ئۈگۈنىدۇ،قالغىنى يەنىلا خەنزۇچە! شۇڭا مەن يەنىلا بالامنى خەنزۇ مەكتەپكە بىرىشنى تاللىدىم،ئۇيغۇرچىنى ھەم ئۇيغۇر تارىخىنى ئۇقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىپ ئۆيدە ئۈزۈم ئۈگۈتىۋاتىمەن. ئەڭ ئاخىردا يەنىلا بالىمىزغا ئاللادىن ئىنساپ تىلەيلى ، شۇلار ئۆز ئەسلىنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا بىزدە يەنە ئۈمۈت بار
      تۈنجى ئىنكاس يېزىشىم قاملاشمىغان يەرلىرنى توغرا چۈشۈنشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن

  3. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    ئەسلىدىنلا مائارىپنى ساپا مائارىپى ، ئىمتىھان مائارىپى …يەنە بىرنېمە مائارىپى دەپ ئايرىشنىڭ ئۆزى چاكىنىلىق .مائارىپ ئەسلىدىنلا ئىنساننىڭ ساپاسىنى يۈكسەكلىككە يىتەكلەيدىغان كۈچ. لېكىن نۆۋەتتە بالىلىمىزنىڭ بىشىدا ئىككى خەۋپ ئەگىپلا يۈرمەكتە بىرى ئەخلەت يېمەكلىك يەنە بىرى دەل ئەخلەت مائارىپ .

    • ئايچىۋەر مۇنداق يازغان:

      مائارىپنىڭ ئالدىغا «ساپا» نى قوشۇۋالغىنىنىڭ ئۆزىمۇ كىشىنى ھەر ئويغا سېلىپ قويىدۇ .

      • تەمكىن مۇنداق يازغان:

        ئەمەلىيەتتە،مەقسەد توغرا،لىكىن ئەمەلىيلەشتۈرۈلمىدى خالاس!

  4. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    سۇنىڭ بېشى لاي بولغاندىكىن ئامال يوق. ئوقۇش پۈتتۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلىق خىزمىتىگە چۈشكەن ساۋاقداشلىرىم بار، يېڭى خىزمەتكە چۈشكەندە ئۆزىنىڭ ئاجايىپ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ۋە پلانلىرىنى ھاياجان بىلەن سۆزلەپ بېرەتتى، ھازىر قارىسام ھەممىسى ۋەزىيەتكە ياخشى ماسلىشىپ مېڭىۋېتىپتۇ.

  5. چاغرىتېكىن مۇنداق يازغان:

    ھازىر جەنۇپ تەرەپلەردە بولۇپمۇ مەن ياشاۋاتقان قەشقەر رايۇنىدا بالىلىرىنى خەنزۇچە مەكتەپلەرگە بېرىش ئەھۋالى ھەقىقەتەن ئېغىر. بىزنىڭ مەكتەپتىلا 70-80% ئوقۇتقۇچىنىڭ بالىسى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدۇ .
    ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەھۋالى مۇشۇ تۇرسا ، باشقىلاردىن رەنجىشكە ئادەمنىڭ تىلى تۇتۇلۇپ قالىدىكەن.

  6. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    مەكتەپلەرنى قۇشىۋىتىش ، قوش تىللىق مائارىپنى يەسلىدىن باشلاش ، ئانا تىل دەرىسىدىن باشقا دەرسلەرنى خەنزۇ تىلىدا سۆزلەش …بۇلارغا ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن مۇئەللىملىرىمىزنى ھارماي خەنزۇ تىلى ئۈگىنىش داۋاملىق تەربىيەسىگە ئەۋەتىش ، ئورتاق تىلدا(پۇتۇڭخۇا) سۆزلىيەلمىسىمۇ ، مۇئەللىملىرىمىزنى بىكار قويماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنىڭ دەرسىنى ئۆزىگە ئۆتكۈزۈش …بۇ ئۇيغۇرچە مائارىپىمىزنىڭ مەھسۇلاتى بولغان پەرزەنتلىرىمىزگە قاراپ باقساق ،ئادەتتە ئائىلەردە كىشىلىك تۇرمۇش ئادەت سۆزلىرىنى شۇنداق ئوبدان سۆزلىيەلەيدۇ -يۇ ، باشلانغۇچ مەكتەبنى پۈتتۈرۈپمۇ ئوڭشاپ بىرەر ئابزاس ماقالىنى يېزىشى ، مۇرەككەپرەك قوشما جۈملىلەرنى تۈزۈشى ، ناتىقلىق جەھەتتە تۆت-بەش ئادەمنىڭ ئالدىدا تۇلۇق بىرەر ئابزاس ئۈزۈندىلەرنى ھۇدۇقماي سۆزلىيەلىشى ، نۇرغۇن ئاتالغۇلارنى ئۇيغۇرچە ئاتاپ بىرەلىشى ياكى چۈشىنەلىشى …بارغانسېرى ناھايىتى يىراقتىكى مەنزىل بۇلۇپ قېلىۋاتىدۇ .نەتىجە چىقىرىش سەۋەبلىك كىلىپ چىقىدىغان پايدا -مەنپەئەت تۇقۇنىشى مۇئەللىملىرىمىزنىڭ پۈتكۈل زېھنى -قۇۋۋىتىنى تۈزۈملەشكەن ، قېلىپلاشقان مائارىپ ئەندىزىسىدىن باشقىسىغا سەرپ قىلىشقا ئەتئىي ئىمكانىيەت قالدۇرمايۋاتىدۇ ، ئۇلارنىڭ نەدىمۇ ئۇقۇغۇچىلارغا مىللىي ئادەت تەربىيەسى ، ئىنسانىي ئەخلاق تەربىيەسىنى ئىزىپ ئىچىرۋىتىشكە چولىسى تەگسۇن ، ئۇيغۇر تىلىمىزدا بار بولغان ياكى يېڭىدىن پەيدا بۇلىۋاتقان سۆزلۈكلەرنى (كەسپىي ،پەن -تېخنىكا ناملىرى…)ۋايىغا يەتكۈزۈپ چۈشەندۈرۈپ بىرشكە ھەپسىلىسى بولسۇن ،راسىت گەپنى قىلغاندا بەزى مۇئەللىملىرىمىزنىڭ ئۆزىدىمۇ ئۇنچىلىك قابىليەت يوق !
    خەنزۇ تىلى مائارىپىدا ئۇقۇغانلارنى ئەبجەش( تىلنى ئارىلاشتۇرۇپ )سۆزلەيدۇ دەپ مەسخىرە قىلمىز ، قوش تىللىق ئائارىپدا ئۇقۇپ گاچىلىشىپ كىتىۋاتقان پەرزەنتلىرىمىزگە نىمە دىگۈلۈك ؟
    قوش تىللىق ياكى كۆپ تىللىق بۇلۇش ناھايىتى ياخشى بولغان ئىلغارلىق ، لېكىن قوش تىللىق مائارىپ ئەندىزىسى تازا مۇكەممەللىشىپ بۇلالمىدىمۇ ياكى باشقا سەۋەبلەر بارمۇ ، بۇ بىر ئەۋلاد پەرزەنىتلەرگە كۆپ قىيىنچىلىق تۇغدۇردى ، مىللىي مائارىپ سىپىمىزدىكى مۇئەللىملىرىمىزنى پاسسىپ ھالەتكە چۈشۈرۈپ قويدى . مەكتەپلەرنى قۇشىۋىتىش بولسا مۇئەللىملىرىمىزنى ئشسىز قويمىغان بولسىمۇ لېكىن،گەرچە قابىليەتلىك بولسىمۇ ، ئالىي ئۇقۇلنىڭ تۇلۇق كۇرسىنى پۈتتۈرسىمۇ ، ئارقا سەپكە(كىتاپخانا ،تەجرىبەخانا ، دەرۋازىۋەن ، تازىلىق ، چاي قاينىتىش ، ئاشخانا …) پالانغانلارمۇ ئاز ئەمەس ،يۇقىرىدىكى ئەمەلدارلىرىمىز قۇلىقىنى يۇپۇرىۋېلىپ بىلمەسكە سېلىپ يۈرىدىلا خالاس .مۇئەللىملىرىمىزنىڭ ھالى بۇ تۇرسا باشقا كەسىپتىكىلەرنى (ئاساسەن ئۇيغۇر تىلى مائارىپىدا تەربىيەلەنگەنلەر) تىلغا ئالمىساقمۇ بۇلار .
    مەسلە قايسى خىل تىلدا ئۇقۇشتا ئەمەس ،ھەرجەھەتتىن ھەممىنى بېسىپ چۈشكۈدەك قابىليەتنى يىتىلدۈرۈشتە. جوڭگودا ئەلۋەتتە دۆلەت تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگەنمەي تۇرۇپ بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ . مانا بۇ كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇ تىلى مائارىپىغا بېرىشدىكى سەۋەب . قوش تىللىق مائارىپ ئەمىليەتتە بىر ئۆتكۈنچە قەدەم ، ياپۇنلار ، كورالار ئىنگىلىز تىلى مائارىپى قوللىنىدۇ-يۇ لېكىن ئۆزتىلى، مەدەنىيتىگە ناھايىتى پىششىق . بىزگەكەلسەك ، تىلىمىزغا ، مەدەنىيتىمىزگە پىششىق بۇلىشىمىز يەنىلا ئاتا-ئانىلارنىڭ باش تارتىپ بۇلالمايدىغان ئېغىر مەسئۇلىيتىگە باغلىق .
    تىل ئۇمۇمىيلىقى ، مەدەنىيەت ئۇمۇمىيلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ،بۇنىڭ بىلەن مىللىي ئادەتكە يات بولغان قاراشلار بارغانسېرى شۇ مىللەتنىڭ ئاڭ سېستىمىسىغا سىڭىپ كىرىدۇ ، تاكى يەنە يېڭى بىر خىل مەدەنىيەت ئېڭى ئالدىنقىسىنىڭ ئورنىنى ئالمىغىچە ، ئۇ ئۆز خىسلىتىنى يۇقاتمايدۇ .

    • شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

      ئالىپ ئەپەندىم ھەقىقەتەن مەن ئويلىغانلارنى قويماي يېزىپتۇ، ھەقىقەتەن قوش تىللىق مائارىپ بىزگە نىسبەتەن تازا توغرا بولمىغان بىر تاللاش يولىدۇر، ھەر قانچە كۆزىنى يۇمىۋالسىمۇ ئەمما بۇ قوش تىللىق مائارىپ
      ى مەكتەپ بالىلىرىدەك جيا (加)نى بىلىپ پىلۇسنى بىلمەيدىغان يا ئۇنىڭغا تەۋە ئەمەس يا بۇنىڭغا تەۋە ئەمەس بىر تۈركۈم يېڭى ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقماقتا، ئۇقمۇدۇم بۇنداق مائارىپتا تەربىيەلەنگەن بالىلاردىن قانچىلىك ئىختىساسلىقلار يېتىشىپ چىقىدىكىن؟؟؟؟؟

    • كۆكتاش مۇنداق يازغان:

      ئالىپ ئەپەندىنىڭ تەھلىلى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق بوپتۇ. كۆڭلىمدىكى گەپلەرنىمۇ ھەقىقەتەن ياخشى يورۇتۇپ بېرىپتۇ.
      لېكىن، بايانلىرىڭىز ھەققىدىكى ئىككى نۇقتىغا لوقما سالغۇم كېلىپ قالدى.
      1. «جوڭگودا ئەلۋەتتە دۆلەت تىلىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۈگەنمەي تۇرۇپ بۇ مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ . مانا بۇ كۆپلىگەن ئاتا-ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى خەنزۇ تىلى مائارىپىغا بېرىشدىكى سەۋەب .»
      دىگىنىڭىز بەرھەق. شۇنىسى، ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇپ تۇرۇپمۇ، خەنزۇ تىلىنى راۋۇرۇس ئىگىلىگىلى، ھەم مەقسەتلەرگە يەتكىلى بولىدۇ. مىسال، بەزى خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغانلارمۇ بىرەر ئىلتىماسنى قاملاشتۇرۇپ يازالماي، مېنى ئىزدىگەن يەرلىرىمۇ بار. ئىدارىنىڭ دوكلاتلىرىنى مەن يازىمەن. مېنىڭ بىر ساۋاغدىشىم خەنزۇچە مەكتەپكە ئىككى يىل فىزىكا دەرسى بەرگەن، كېيىن ئۇيغۇرچە مەكتەپكە يۆتكەلگەن. بۇ ئىككىمىز ئۇيغۇرچە مەكتەپتە ئوقۇغانلاردۇرمىز.
      شۇڭا، خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇش بىردىنبىر چىقىش يولى ئەمەس. يات تىلنى بۇنداق زىيادە كۆپۈرۈش، ئۇيغۇرلارنى ئەينى ۋاقىتتىكى پارس تىلى قىزغىنلىقىغا مۇپتىلا بولغاندەك ۋەزىيەتكە باشلاپ قويمىسا بولاتتىغۇ دەيمەن.

      2. «ياپۇنلار ، كورالار ئىنگىلىز تىلى مائارىپى قوللىنىدۇ-يۇ لېكىن ئۆزتىلى، مەدەنىيتىگە ناھايىتى پىششىق.»
      ئۆزەمنىڭ تىل ھەققىدىكى ماتېرىياللارنى كۆرگنلرىم، ۋە كورىيە- ياپونىيەنىڭ فىلىملىرىدىن ھېس قىلىشىمغا قارىغاندا، ئۇلار ئېنگلىز مائارىپىدا ئەمەس، بەلكى خەنزۇلاردەك ئېنگلىز تىلىنى بىر دەرس قاتارىدا ئۆتىدۇ، لېكىن ئۇلارغا ئېنگلىز تىلى ئىمتىھانى ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ھازىرقى خەنزۇ مائارىپىدا ئوقۇغانلارنىڭ بېشى قاتقاندەك، ئۇلارنىڭمۇ «ئېنگلىز تىلى» دىسە بېشى قاتىدىكەن.
      بىز بۇرۇن بېشىمىزدىن كەچۈرۈپ ئۆتكەن خەنزۇ تىلىنى بىر دەرس سۈپىتىدە ئۆگىنىش ئەسلىدە ھەقىقىي «قوش تىللىق» مائارىپ ئىدى، لېكىن ھازىر ئاساسەن خەنزۇ تىلىدا دەرس ئۆتۈشنى «قوش تىللىق» دەپ ئاتىۋالدى.
      خەنزۇ تىلى مۇھىم، نۇرغۇن ئىشلىرىمىز خەنزۇ تىلى ئارقىلىق رويقاپقا چىقىدۇ. لېكىن مائارىپ جەھەتتە يات تىلنى ئۆز تىلنىڭ ئورنىغا دەسسىتىش ئىنتايىن خەتەرلىك!

  7. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    مائارىپ ھەربىر شەخس، ئائىلە ، مىللەت ۋە دۆلەتنىڭ كېلەچىكىگە چېتىلىدىغان ئۇلۇغۋار ئىش. دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ياكى مۇنقەرز بولۇشى مائارىپقا باغلىق، مىللەتنىڭ روناق تېپىشى بالىلارغا باغلىق. مائارىپسىز بالىلارنىڭ ، ئائىلىنىڭ، دۆلەتنىڭ ئەتىسىدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس. شۇ نۇقتىدىن مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش دۆلەتنىڭ، جەمئىيەتنىڭ، ئائىلىنىڭ ، ھەر بىر شەخسنىڭ مۇقەددەس بۇرچى، مائارىپقا كۆڭۈل بۆلۈش مىللەتپەرۋەرلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك جۈملىسىدىن ھېسابلىنىدۇ.

    ئۇيغۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپى ئېلىمىز مائارىپىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. شۇنداقلا، دۆلەتنىڭ روناق تېپىشى، مىللەتلەرنىڭ راۋاجلىنىشى، جەمئىيەتنىڭ يۈكسىلىشىگە ئالاقىدار ئۇلۇغۋار قۇرۇلۇش بولۇپ، ئۇنىڭ تەرەققىياتىغا ئاز سانلىق مىللەت خەلق – ئاممىسىنىڭ پارلاق كېلەچەككە بولغان گۈزەل ئارزۇ – ئارمانلىرى يۈكلەنگەن. مەركەز ۋە ئاپتونوم رايون ئەزەلدىن رايونىمىز مائارىپىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلگەن. 2004 – يىلىدىن بېرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، خەلق ھۆكۈمىتى ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ ‹‹ قوش تىل مائارىپىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش قارارى، 关于大力推进“双语”教学工作的决定 ›› ، ‹‹ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يەسلى قوش تىل مائارىپىنى كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر، 关于加强少数民族学前“双语”教育的意见 ›› ، ‹‹ ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يەسىلى ۋە باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپلەردىكى قوش مائارىپى خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدىكى پىكىر ، 关于进一步加强少数民族学前和中小学“双语”教学工作的意见 ›› قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى ئېلان قىلىپ، رايونىمىزدا قوش تىل مائارىپىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈردى. 2010 – يىلى 5 – ئايدا مەركەزدە چاقىرىلغان تۇنجى نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى ›› دا ، رەئىس خۇجىنتاۋ ۋە زۇڭلى ۋېن جىياباۋلار سۆزىدە قوش تىل مائارىپىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، شىنجاڭدا قوش تىل مائارىپىنى چىڭ تۇتۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تەكىتلىگەن ھەمدە قوش تىل مائارىپىنى دۆلەت سىتراتىگىيىسى يۈكسەكلىگە كۆتۈرۈپ تۇرۇپ مۇھىم ئورۇنلاشتۇرۇش قىلغان ئىدى. ئارقىدىنلا ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ‹‹ شىنجاڭ قوش تىل مائارىپى خىزمىتىنىڭ يولغا قويۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەققىدىكى پىكىر ، 关于推进新疆双语教育工作的实施意见 ›› نى ئېلان قىلىپ، شىنجاڭ قوش تىل مائارىپ خىزمىتىنىڭ نىشانى ۋە ۋەزىپىسىنى يەنىمۇ ئېنىق كۆرسىتىپ بەرگەن ئىدى.

    ئاپتونوم رايون يېقىندا، يېڭى ۋەزىيەت ئاستىدىكى قوش تىل مائارىپ خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ماسلىشىش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ تەلىپى بويىچە، زور كۈلەملىك ، ئىنچىكە ، رايونىمىز قوش تىل مائارىپ ئەھۋالى ئۈستىدە ئەمەلىي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئېلىپ بېرىلىپ، 100 قېتىمدىن ئارتۇق ئوخشىمىغان قاتلامدىكىلەردىن پىكىر ئېلىش يىغىنى ئېچىلىپ، رايونىمىزدىكى قوش تىل مائارىپ ئەمەلىي ئەھۋالىنى پۇختا ئىگىلىگەن ئاساستا، ‹‹ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ يەسلى ۋە باشلانغۇچ – ئوتتۇرا مەكتەپ قوش تىل مائارىپ تەرەققىيات يىرىك پىلانى ، 新疆维吾尔自治区少数民族学前和中小学双语教育发展规划 ›› نى ئېلان قىلدى.

    ‹‹ يىرىك پىلان ›› دا مۇنۇلار تەكىتلەندى:
    يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى باسقۇچىدا، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى يېتەكچى قىلىشى، مەركەزنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى، ‹‹دۆلەتنىڭ ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك مائارىپ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات پىلان تېزىسى (2010 – 2020)›› ۋە ج ك پ ئاپتونوم رايونلۇق 7 – نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 9 –، 10 – ئومۇمىي(كېڭەيتىلگەن) يىغىنلىرىنىڭ روھىنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، مەملىكەتنىڭ شىنجاڭغا ساھەلەر بويىچە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت تارىخىي پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشى، ئاز سانلىق مىللەتلەر مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ۋە دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىنى ئومۇملاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرىشىشى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل – يېزىقىدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەخلاقلىق ۋە قابىلىيەتلىك، ئۆز ئانا تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش كېرەك؛ شىنجاڭنىڭ ئۇزاق ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى نەزەردە تۇتۇپ، ‹‹تۆتنى تونۇش›› تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ ئالاقە قىلىش، ئالماشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭىچە سانائەتلەشتۈرۈش، يېڭىچە شەھەرلەشتۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش يۈزلىنىشىنى نەزەردە تۇتۇپ، ئامما ئارزۇ قىلىۋاتقان ئۆز ئانا تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىدا تەڭ تەربىيەلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئەقلىي ۋە ئىختىساسلىقلار تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
    ‹‹يىرىك پىلان›› ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، ئەخلاقلىق ھەم قابىلىيەتلىك، ئۆز ئانا تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەشنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مائارىپ خىزمىتىنىڭ ئىستراتېگىيە باش تېمىسى قىلغان. ‹‹يىرىك پىلان››نى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە ئومۇمىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئىگىلەشتىن ئىبارەت.

    ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ نىشان – ۋەزىپىلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق يولغا قويۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھازىرقى ‹‹قوش تىل›› مائارىپ خىزمىتىدە ساقلىنىۋاتقان ئاساسلىق زىددىيەت ۋە گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قارىتا، ‹‹يىرىك پىلان›› دا ‹‹قوش تىل›› مائارىپ خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ تۆۋەندىكىدەك ئاساسىي پىرىنسىپى ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

    بىرىنچى، ئاكتىپ، مۇۋاپىق، ئۈنۈملۈك بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش، ھەم پائال ئالغا ئىلگىرىلەش، ساقلاپ تۇرماسلىق، سۆرەلمىلىك قىلماسلىق؛ ھەم ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كەتمەسلىك، رىتىمنى ياخشى ئىگىلەپ، ياخشى باغلاشتۇرۇش كېرەك.
    ئىككىنچى، ئۆز جايىنىڭ شەرت – شارائىتىغا قاراپ ئىش كۆرۈش، بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش، بۆلۈپ پىلانلاش، قەدەم – باسقۇچلار بويىچە يولغا قويۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ھەم بىر تۇتاش پىلانلاش، ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش، ھەم بۆلۈپ يېتەكچىلىك قىلىش، قەدەم – باسقۇچلار بويىچە يولغا قويۇش كېرەك؛ ھەم ھازىرقى خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەۋقە قىلىش، ھەم كەلگۈسى نىشانلارغا يېتىش، تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
    ئۈچىنچى، مائارىپ قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىش، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك.
    ئىلمىي مائارىپ تەرەققىيات قارىشىنى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتىگە يېتەكچى قىلىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىلمىي ئىلگىرى سۈرۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.
    تۆتىنچى، ئۆز ئانا تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىغا پىششىق بولۇش جەھەتتە تەربىيەلەش، ئۆز ئانا تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىدا ئوقۇتۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقىدا ئوقۇتۇشنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىللە، ئاز سانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدا ئوقۇتۇش خىزمىتىنىمۇ ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئىلمىي لايىھەلەپ، دەرسلىك لايىھەسىنى مۇۋاپىق تۈزۈپ، ئۆز ئانا تىلى بىلەن خەنزۇ تىلىنى پىششىق بىلىدىغان ئىختىساسلىقلارنى تەربىيەلەش نىشانىغا يېتىشكە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
    بەشىنچى، يەسلىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش، ئوقۇتقۇچىدىن باشلاپ چىڭ تۇتۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك. ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ ئەمەلىيىتىنى چىقىش قىلىپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى بايلىقىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، يەسلى ۋە تۆۋەن باسقۇچتىن باشلاپ چىڭ تۇتۇپ، تەدرىجىي ئىلگىرىلەش كېرەك. سان ۋە سۈپەت جەھەتتە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرالايدىغان ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

    ‹‹يىرىك پىلان›› دا ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىك ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش نەزەردە تۇتۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتى ئاساس قىلىنىپ، ئەستايىدىل مۇزاكىرە قىلىش، تولۇق دەلىللەش، كەڭ پىكىر ئېلىش ئاساسىدا، ئاپتونوم رايونىمىز ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى ئون يىلدىكى ۋەزىپىسى مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى:

    ھەرقايسى ئوقۇتۇش باسقۇچلىرى ئۆزئارا جىپسىلاشقان، ھەرقايسى پەنلەر ئۆزئارا سىڭىشكەن، شىنجاڭچە ‹‹قوش تىل›› مائارىپى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتكۈزگەن ئاز سانلىق مىللەت ئوقۇغۈچىلىرى دۆلەتنىڭ ئورتاق تىل – يېزىقى ۋە ئۆز تىل – يېزىقىنى پۇختا ئىگىلىگەن ۋە ئىشلىتەلەيدىغان بولۇش، شارائىتى بارلىرى بىرەر چەت ئەل تىلىنى ئىگىلىگەن بولۇش. 2012 – يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئىككى يىللىق ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت بالىلىرىنى %85 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش؛ 2015 – يىلىغىچە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ‹‹قوش تىل›› مائارىپىنى ئاساسەن ئومۇملاشتۇرۇپ، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى %75 ئەتراپىغا يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئىچىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكىلەرنى %80 ئەتراپىغا يەتكۈزۈش؛ 2020 – يىلىغىچە، ‹‹قوش تىل›› مائارىپى تەربىيەسىنى قوبۇل قىلىدىغان ئاز سانلىق مىللەت ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى %90 تىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش، بۇنىڭ ئىچىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكىلەرنى %95 ئەتراپىغا يەتكۈزۈش.

    ‹‹قوش تىل›› مائارىپى خىزمىتى ئۇيغۇر، قازاق، موڭغۇل، قىرغىز قاتارلىق كۆپلىگەن ئاز سانلىق مىللەتلەرگە، شۇنداقلا ئازسانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ ئىسلاھاتىغا چېتىلىدىغان بولۇپ، سىياسىيلىقى، قانۇنىيلىقى ۋە ئىلمىيلىكى ئىنتايىن كۈچلۈك. شۇنداقلا مەلۇم ئۇزاق مۇددەتلىككە ۋە مۈشكۈللۈككە ئىگە. ‹‹يىرىك پىلان››دا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئىسلاھاتى، تەرەققىياتى ئومۇميۈزلۈك لايىھەلىنىپ ۋە ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، 8 تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات، ۋەزىپە ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

    بىرىنچىدىن، ھەرقايسى باسقۇچتىكى ‹‹قوش تىل›› مائارىپى نىشانلىرىغا ئېنىق يېتىش ئەمەلىيەتتە كۆپ خىل ئوقۇتۇش ئەندىزىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ‹‹قوش تىل›› مائارىپى.
    ئىككىنچىدىن، مەكتەپلەرنىڭ ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى ئەندىزىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش رىتىمى كۆزدە تۇتۇلۇپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەمەلىيىتى ئاساس قىلىنىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدىگەن ھالدا ‹‹قوش تىل›› مائارىپى ئەندىزىسىنى تاللاپ يولغا قويۇشى بەلگىلەندى.
    ئۈچىنچىدىن، ئېھتىياجقا ئاساسەن ئۆز مىللىتىنىڭ تىل – يېزىقى ئاساس قىلىنغان ئوقۇتۇش سىنىپلىرى ساقلاپ قېلىنىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا – ئانىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تاللىشىغا قويۇلدى. خەنزۇ تىلى دەرسلىكى مۇھىم ئاساسىي دەرسلىك قىلىنىپ، خەنزۇ تىلى دەرسلىك ۋاقتى كۆپەيتىلدى.
    تۆتىنچىدىن، مىللىي ئەدەبىيات دەرسلىكى ئوقۇتۇشى كۈچەيتىلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇش ئەندىزىسىدىكى مىللىي ئەدەبىيات دەرسلىك ۋاقتى كۆپەيتىلدى، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئەندىزىسى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشىدىكى مىللىي ئەدەبىيات دەرسلىكى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ تەڭشەلدى. خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇغۇچىلارغا مىللىي ئەدەبىيات دەرسلىكى تەسىس قىلىش سىناق قىلىندى. مىللىي ئەدەبىيات ‹‹قوش تىل›› سىنىپىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئوتتۇرا مەكتەپ ئىمتىھانى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئىمتىھان بېرىدىغان پەن قىلىندى.
    بەشىنچىدىن، ھەقسىز ئوقۇتۇلىدىغان پېداگوگىكا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى قوبۇل قىلىش كۆلىمى كېڭەيتىلىپ، ھەقسىز تەربىيەلەش، نىشانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق يېزىلاردىكى ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ مەنبەسىنى تولۇقلاش كېڭەيتىلدى.
    ئالتىنچىدىن، ئازسانلىق مىللەت ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە تەربىيەلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى. مىللىيچە ئوقۇغان مىللىي ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىش بىلەن بىللە، خەنزۇچە ئوقۇغان مىللىيلار، ئانا تىلى خەنزۇ تىلى بولغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇتۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، ئازسانلىق مىللەت تىل – يېزىقىدا تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.
    يەتتىنچىدىن، ئېھتىياجقا ئاساسەن ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرى تولۇقلىنىپ، ئىشتات چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. يېڭىدىن تولۇقلانغان ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاش، تەكلىپ قىلىشتا ئىش ئورنى نىسبىتىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىشكە، شەرتكە ئۇيغۇن كەلگەنلەر بىردەك باھالاشقا قاتناشسا بولىدۇ.
    سەككىزىنچىدىن، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، ھازىر بار ئوقۇتقۇچىلارنىڭ رولى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئۇلارنىڭ ئاكتىپلىقى تولۇق سەپەرۋەر قىلىنىپ، ‹‹قوش تىل›› ئوقۇتۇشى خىزمىتىدىكى توسالغۇلارنى تۈگىتىش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

    ئاخرىدا، يۈكسەل تورداشلارغا ‹‹ قوش تىل مائارىپى ›› نى ئاددىي ھالدىكى مائارىپ ئەندىزىسى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى دۆلەتنىڭ مۇھىم ستراتىگىيسى يۈكسەكلىكىدە تونۇشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. بىز بۇ مائارىپقا پاسسىپ پوزىتسىيىدە ئەمەس ئاكتىپ ھالدا پائال ئىشتراك قىلىشىمىز كېرەك.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئالىپ ئەپەندى قەلىمىدىكى بۇ يازمىنىڭ باش تېمىسى مەكتەپلەردىكى چىرىۋاتقان روھ، بارغانسېرى ئەدەپ قېلىۋاتقان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى ۋە مەزكۇر تورنىڭ ‹‹ مىسلىسىز رولى ›› ھەققىدىكى خاتا چۈشەنچىلەرنىڭ گۈدەك بالىلىرىمىزنىڭ قەلبىنى چۇلغاپ ئېلىشى، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە بولغان تەسىرى ھەققىدىكى ئىزتراپلىق ئويلار بولۇپ، ئەسلى رايونىمىزدا يولغا قويۇلىۋاتقان قوش تىل مائارىپى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىدى. ئەمما، تورداشلار پىكىر قاتناشتۇرۇش داۋامىدا قوش تىل مائارىپى ۋە ئۇنى يولغا قويۇش داۋامىدىكى بەزى ئايرىم مەسىلىلەرنى تىلغا ئالغانلىقى تۈپەيلى، تورداشلارنىڭ قوش تىل مائارىپى ھەققىدىكى قاراشلىرىنى مەركەز ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ شۇ ھەقتىكى يېتەكچى ئىدىيىسى بويىچە رۇسلىۋېلىشى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى ئىنكاس يوللاندى.
      تۆۋەندە پىكىر قاتناشتۇرماقچى بولغان تورداشلارنىڭ باش تېمىنى چۆرىدىگەن ئاساستا پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

  8. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    ئەسلى باش يازما مائارىپ ساھەسىدىكى پۇل، مۇناسىۋەت، مەنسەپ ئاساسىدىكى ناچار ئاينىشلارنى قامچىلاش ۋە تورداشلارنى يېتەكلەش مەقسىتىدە يىزىلىپتىكەن، ئەمما تورداشلار ئاساسىي مەۋقەدىن چەتنەپ قوش تىل توغرىسىدا بەزى بىر تەرەپلىمە ئىنكاسلارنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتۇ.
    ياخشى ئويلانساق، جۇڭگو پۇقراسى بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن دۆلەت تىلىنى ياخشى بىلىش ئەقەللىي ئىش.ھازىر دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، چەتئەللەردە خەنزۇتىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مەركەزدىكى داڭلىق ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ھەر يىلى دۇنيانىڭ ھەر يەرلىرىدىن چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار كېلىپ، خەنزۇتىلىنى كەسىپ قىلىپ ئۆگىنىدۇ. روسىيە يېقىنقى بىر يىلنى « خەنزۇتىلى ئۆگىنىش يىلى» قىلىپ بېكىتىپ، كەڭ كۆلەمدە ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدى. بۇ نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ ئاشۇلار چېغىدا ھازىرقى دۇنيا ۋەزىيىتىدە خەنزۇتىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھېس قىلىپ ئۆگىنىۋاتقان يەردە، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت مائارىپ يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، خەنزۇتىلىنى يەسلى مائارىپىدىن باشلاپ يولغا قۇيۇپ، خەنزۇچە ئاساسىي ئاجىز ئوقۇتقۇچىلارنى مەخسۇس تەربىيەلەش كۇرسلىرىغا ئەۋەتىشى ياكى يۇقىرى تەلەپ قۇيۇشى ئەمەلىيەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مائارىپ سەۋىيىسىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى مەقسەت قىلغان. بۇ ئۆز ئانا تىلىنى پىششىق بىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئەمەلىيەتتە ئىشلىتىشنى چەتكە قاقمايدۇ.

    ئەمدى، يۇقىرى ماقالىدە تىلغا ئىلىنغان ئىجتىمائىي مەسىلىگە كەلسەك، بۇ خىل پۇل، مۇناسىۋەت، مەنسەپ تورىغا باغلانغان ناچار مائارىپ ئاتموسفىراسىنى پاكىزلاش ئۈچۈن، مەسئۇلىيەتنى مائارىپچىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئائىلە مائارىپىغا زور ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. چۈنكى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپكە بېرىپ قويسىلا، ھەممىنى ئۆگىنىپ چىقىدىغان بىلىملىك ۋە ئەخلاقلىق ئىختىساس ئىگىسى بۇلۇپ يىتىشىپ چىقىشى كېرەك، دەپ ئويلىۋالماسلىقى كېرەك. ئەلىۋەتتە، مائارىپنىڭ ئالدىنقى مەقسىتى ئادەم بۇلۇشنى ئۆگىتىش، ئاندىن قالسا بىلىم، تېخنىكا، كەسىپ ئۆگىتىش. ئەمما، دۆلىتىمىز مائارىپىدا بۇ خىل مەقسەتكە سەل قارىلىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئىشقا ئېشىشىغا يەنە ئۇزاق بىر مەزگىل كېتىشى مۇمكىن. شۇڭا، پەرزەنتلەرنىڭ 1- ئۇستازى بولمىش ئاتا-ئانىلار ئائىلىدىن ئىبارەت مۇقەددەس مەكتەپتە پەرزەنتلىرىگە ئادىمىيلىك تەربىيەسى بېرىشتىن ئىبارەت بۈيۈك ۋەزىپىنى ئورۇنداشقا تىرىشىشى لازىم. ئەلىۋەتتە، پۇل، مال-دۇنيا، مەنسەپكە باغلانغان چىرىكلىك مەسىلىسى مەۋجۇت ھەمدە بارغانسىېرى ئەدەپ كېتىۋاتىدۇ. بۇنى تۈزەش زور بىر قۇرۇلۇش. بۇ كىشلىرىمىزنىڭ بىلىم-ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ياخشىلىنىپ بارغۇسى. بىر قىسىم چەتئەللىكلەر ئۆز دۆلىتىنىڭ، ئۆز مىللىتىنىڭ ئىشلىرىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلغاندىن سىرت، باشقا دۆلەتلەردىكى ھەل قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانلىق بۇرچىنى، قىممىتىنى ئىپادە قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. تاراتقۇلىرىمىزىدىن دائىم قايسى بىر دۆلەت تارىم دەرياسىنى ئىكولوگىيەسىنى ياخشىلاشقا مۇنچە مىليون دوللار مەبلەغ سالدى، قايسى بىر دۆلەت جۇڭگودا ئەيدىز كېسىلىنى كونتىرول قىلىشقا فوند جەمئىيەت قۇرۇپ، مۇنچىلىك مەغلەغ سالدى… دىگەندەك ئىشلارنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. ئەمما، يۇقارقى ئەمەلىي ئىجتىمائىي مەسىلە بىلەن ئاۋۇ چەتئەللىكلەرنىڭ ئىدىيىسى، مەقسىتىنى ئويلاپ باقساق، زور سېلىشتۇرما چىقىشى مۇمكىن…
    ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ياراملىق ئادەم بۇلۇپ چىقىشىدا ئۈمىدنىڭ ھەممىسىنى مەكتەپكە، ئوقۇتقۇچىلارغا باغلىۋالماي، ئۆزىنىڭ ئەمەلىيىتى ئارقىلىق، پەرزەنتلەرگە تەسىر كۆرسىتىشى، ئاڭسىز تەربىيە بېرىشى كېرەك.
    ھازىرقى « ئوقۇتقۇچى» دىگەن شەرەپلىك ۋەزنى ئېغىر نامنى بۇلغاۋاتقان بىر قىسىم كىشلىرىمىزمۇ، يۈرىكىنى تۇتۇپ بېقىپ، ئېلىۋاتقان مائاشىغا، قىلىۋاتقان ئىشىغا تۇشلۇق ئىش قىلىشى، يۇقىرىدىكى رەھبەرلەر، مائارىپ تەتقىقات ئورۇنلىرىدىكى خادىملارمۇ ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشى كېرەك. چۈنكى بۇ «ئۆتنە ئالەم» ئەمەسمۇ…

  9. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    周立波 دەپ قىززىقچى ئاداشىتىن بىرسى بار ما خەنلەرنىڭ تىلۋىزىيسىدە ، بىر قىتىم ئۇ مائارىپ توغۇرلۇق قاقشاپ مۇنداق دېگەن ئىدى : كۇڭزى نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن بىر ئادەمگە ئىلىم بىرىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭغا قانداق ياشاشنى ، ۋاپادارلىق ، ئادىمەتچىلىك ، قاتارلىقلارنى ئۇگىتىپ ئاندىن ئىلىم ئۇەىتىش كېرەك دېگەن ئدى ، لېكىن بىزنىڭ ھازىرقى مائارىپىمىز بىۋاستە ئىلىم بىرىمىەن دەپ ، تەلىم تەربىيە ، ئادەم بولۇش ، ۋاپادارلىق دېگەنلەرنى بىر ياققا قايرىپ قويدى ، شۇڭا ھازىرقى بالىلارنىڭ ئچىدە ئىلمى بار ئادىمىيلىكى يوقلار كۆپىيىپ كېتىۋاتىدۇ …

    ئادەم بولماق ئالىم بولماقىتىن تەس دېگەن گەپنى ئەمدى چۇشىنىۋاتىمەن

  10. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    مائارىپمىزدىكى بۇنداق چاكىنىلىقنى ھەممەيلەن تۈپ يىلتىزىدىن يوقىتىشقا قۇربىتىمىز يەتمىسىمۇ چوقۇم ئۆزىمىز بىر مائارىپچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ھەققانىي، ئادىل مەيداندا تۇرۇشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. بىزنىڭ بۇ يەردىمۇ مۇشۇنداق مائارىپتىكى چاكىنا قىلىقلار ھەر يىلى مەۋجۇت. مەسىلەن: ھەر يىلى تولۇقسىز 1- يىللىق ۋە تولۇق 1- يىللىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىپ يېڭى سىنىپقا تەقسىملىگەندە، ھەر قانچە ئادىل بولۇش تەشەببۇس قىلىنىپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىلدىغان بولسىمۇ، قانداقتۇر مەۋسۈم ئاخىرىدا ئاتالمىش «تېز سىنىپ»، «ئەلاچىلار سىنىپى» شەكىللىنىپ قالىدۇ. بىزمۇ ھەيران قالىمىز. قارىغاندا سىنپقا تەقسىملەشنىڭ ئالدى كەينىدە «يولى بار» ئاتا ئانىلار تەرەپ تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ «ئىشنى ئوڭشايدىغان» ئوخشايدۇ. ئارىمىزدىكى بىر قىسىم ساپاسى تۆۋەن ئوقۇتقۇچىلار ئۆزى بىللە ئىشلەۋاتقان خىزمەتداشلىرىنى سىنىپنى ئۇنداق باشقۇرىدۇ، مۇنداق باشقۇرىدۇ دەپ جەمئىيەتتە پىتنە ئېغۋا تارقىتىپ، ئۆزىنىڭ چاۋىسىنى ئۆزى چىتقا يېيىپ يۈرۈشىمۇ بۇنداق ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغان بولۇشى مۇمكىن. بۇنداق ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلغاندا مېنىڭچە ئاشۇ ھەممە ئادەم مۇدىر دەپ سايلاپ « پالانى شوجاڭ» دەپ ئاتىلىدىغانلار ئۆزىنىڭ شەخسى مەنپەئەتىدىن كېچىپ، بۇ جەھەتتىكى باشقۇرۇشنى، نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، «پالانى جۈرۈن» لەرنىڭ ئۆز ئالدىغا ئوقۇغۇچىلارنى خالىغانچە تەقسىم قىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بۇ جەھەتتە چوقۇم ئادىل، لىللا مەيداندا تۇرۇش، زۆرۈر تېپىلسا ئەمەل مەنسەپتىن كېچىپ بولسىمۇ، مۇشۇنداق ئۇششۇق ئاتا ئانىلارغا ئۆزىنى تونۇتۇپ قويۇشى كېرەك دەپ قارايمەن.
    قوش تىل مەسىلىسىگە كەلسەك، بۇ توغىرىسىدا ھەممەيلەن چوقۇم يۇقىردا يۈكسەل ئەپەندىم ئېيتقاندەك، بۇنى بىر دۆلەتنىڭ بىر تۈرلۈك سىتىراتىگىيىسى دەپ چۈشىنىشىمىز كېرەك. ھۆججەتتە گەپ ئىنتايىن ئېنىق. گەپ بۇنى قانداق قىلىپ ئۆز رايونىمىزغا ماس ھالدا توغرا ئېلىپ بېرىشىمىزدا. تىل ئۆگىنىش مەسىلىسى ھازىرغا كەلگەندە تالاش تارتىش قىلىدىغان مەسىلە ئەمەس. بۇنى چوقۇم ئۆگىنىشىمىز كېرەك. تارىخمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، بىزنىڭ ئالىمىلىرىمىزنىڭ ھەممىسى ئاساسەن دىگۈدەك ئۆز ئانا تىلى بىلەن قوشۇپ بىر قانچە چەت تىلىنى ئۆگەنگەن ۋە شۇنىڭ بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بارغان ئەمەسمۇ!

  11. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى ئىنتايىن مۇھىم بىر ئىشنى تىلغا ئاپتۇ، بۇ ئىش مەكتەپلەردە ئومۇملۇشۇپ قالغاندەك قىلىدۇ ، ئالدىنقى ھەپتىلا ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغان سىڭلىممۇ (ئوقۇتقۇچىسىنىڭ پۇرۇتۇشى بىلەن ) سىنىپ مەسئۇلىنىڭ ئۆيىنى يوقلاپ چىقتى . بۇنىڭدىن باشقا كىچىك ئوغلۇمنى ئۇيغۇرچە قوش تىللىق مەكتەپكە بەرگەن ئىدىم، 3يىل بوپتۇ ئوقۇغۇچىلار دەرس ئارىلىغىدىكى دەم ئېلىشقا (تەنەپۇسقا) چىقىرىلمايدىكەن، ھاجەتكە بارماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ رۇخسىتى بىلەن بارىدىكەن،بىچارە ئوقۇتقۇچىلارمۇ دەم ئالماي دەرس سائېتى توشقىچە سىنىپتا تۇرۇپ ۋاقىت توشقاندىن كىيىن باشقا سىنىپقا دەرسكە كىرىدىكەن،مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇنداق تۈزۈمنى چىقىرىشىدىكى مەخسىتى مەكتەپ مۇھىتىنى ئاسراش بولۇپ مەكتەپتىكى دەل-دەرەخ، چىم ۋە گۈل-گىيالارنىڭ دەسسىلىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىكەن. ئالدىنىقى ھەپتە ئوغلۇمنىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتقۇچىسى بىر ئوقۇغۇچى دوپپا كىيىپ مەكتەپكە بېرىپتىكەن ئۇرۇپتۇ سەۋەۋى مەكتەپكە دوپپا كىيىپ كىلىشكە بولمايدىكەن، مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئەسلىھەلىرى يىپ- يېڭى تۇرىدىكەن ئاساسەن ئىشلىتىلمەيدىكەن، ئۇپۇراپ كېتىشكە بولمايدىكەن مۇدىرنىڭ ئستىلىمۇ دۇرۇس بولماي قىلىپ نۇرغۇن ھىكايە كوچىدا ئېقىپ يۈرمەكتە،بۇ ئىشلاردىن مائارىپتىكى بەزى رەھبەرلەر ۋە ناھىيىدىكى مائارىپقا مەسئۇل رەھبەرلەر خەۋەر تاپقان بولسىمۇ بۇ ئىش ئۆزگەرمىگەن، ئاخىر بالامنى 9-ئايدا باشقا مەكتەپكە يۆتكىمەكچى بولىۋاتىمەن، دىمەك بىزنىڭ بالىلىرىمىزنىڭ سادالىرىغا قۇلاق سالىدىغان ساپالىق مەكتەپ مۇدىرلىرى كۆپلەپ يېتىشىپ چىقمىسا ئەقىللىق بالىلىرىمىز بوغۇلۇپ قالغىدەك…………..

  12. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى ئوقۇغۇچىلارنىڭ موشۇنداق بۇلغانغان مۇھىتتا ئوقۇشى ئۇلارنىڭ تەن-سالامەتلىگىگە زىيان قىلار-ھە؟؟؟

  13. ۋەيرانى مۇنداق يازغان:

    بىزنىڭ ئۇقۇتۇش ئۇسۇلىمىز بەكلا بىر تەرەپلىمە ئىكەن.باشقىلارنى قۇيۇپ تۇرايلى،ئالي مەكتەپتىكى باللارمۇ شۇنداققۇ.مەن ئالى مەكتەپتە ئۇقۇغاندا كوپ ھاللاردا نۇمۇر ئۈچۈنلا ئۇقۇغاندەك ھېس قىلىمەن.ھەممە ئىشنى قىلىپ بېرىدىغان ئادەم بار.لىكىن ماۋۇ دولەتكە كىلىپ راسلا تەمتىرەپ قالدىم.ھەممە ئىشنى ئوزىڭىز قىلىسىز.ھەتتا تۇلۇق كۇرۇسنىڭ باللىرىمۇ شۇنداق.مۇقىم سىنىپى يوق.ھەممە ئىشىنى ئۆزى قىلىدۇ.بىنالىرىغا قارىسىڭىز ئۇنچە ھەيۋەت ئەمەس.لىكىن ئىچىگە كىرسىڭىز ھەممە نەرسە بار.پايدىلانسىڭىز بىكارلىق.بىزدە مائارىپتا مەبلەغ يوق ئەمەس،لىكىن ئىشلىتىلىشى ياخشى ئەمەس.تەكشۇردىغان ئورگان يوق.مەن ھازىرغىچە بىزنىڭ ئىنىستوتنىڭ باشلىقىنى بىلمەيمەن.كۇرۇپمۇ باقمىدىم.بىزدە قۇرۇق ئەملىلەشمەيدىغان يىغىن تولا.

  14. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    ئىشقىلىپ سىز نىمە يازسىڭىز ،بىز ئۈچۈن شۇنداق يېڭىلىق تۇيۇلىدۇ. شۇنداق ياختۇرۇپ ئوقۇيمىز.مەن بولسام ئۈرۈمچى شەھىرى تەڭرىتاغ رايۇنىدا ئىشلەيدىغان، ئۇيغۇر خەنسۇ ئارلاش باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ، ماتىماتېكا ئوقۇتقۇچىسى.مەن دەرس بەرگەن 6-يىللىق سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى ئالدىمزىدىكى 11-ئىيۇل ئوقۇش پۈتتۈرۈش ئىمتىھانى بېرىدۇ. شۇڭا بىز يېقىندا23-24-ماي ئوقۇغۇچىلاردىن تىل-ئەدەبىيات ،خەنسۇچە ماتىماتېكا( ساپ خەنسۇچە) ئۈچ ئاساسلىق پەندىن مانۋېر ئىمتىھان ئالغان، سىنىپمدا بىرمۇ ئۇقۇغۇچى دەرسىمدىن 60 نومۇر ئالالماپتۇ.باشقا ئىككى پەن نەتىجىسىمۇ ئانچەياخشى ئەمەسكەن. مەن رايۇنىمىزدىكى باشقا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىغا تېلفۇن قىلىپ ئەھۋال ئىگەللىسەم ئۇلارنىڭمۇ ئەھۋالى بىزنىڭ مەكتەپ بىلەن ئوخشاشكەن.30-ماي رايۇنىمىزدا سۈپەت تەھلىلى ئىلىپ بېرىلىدۇ. بىز ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدىن كەلگەنلەرگە ،ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرىنى ۋە ئىمتىھان قەغىزىدىكى مەسىللەرنى دۇكىلات قىلىمىز.ئوقۇغۇچىلانىڭ نەتىجىسى تۆۋەن ئىشنى رايۇندىن بىلىدۇ.رايۇندىن مەكتەپلەرنى دەرىجىگە تىزغاچقا نەتىجىنى خاتا مەلۇم قىلىپ ئوقۇغۇچلارنىڭ مۇستەققىل ئىمتىھان بېرىشىگە ئىمكان يارتىلمىدى.ئوقۇتقۇچىلارمۇ شۇنداق ئىزدىنىدۇ.بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتى نىمە ئۈچۈن ئارقىدا ؟

  15. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    ھازىر مەكتەپلەردە بالىلىرىمىزغا سېڭدۈرلىۋاتقان پەن-تېخنىكا ئىدىيىسى قانچىلىك؟ بۇ ھەقتىكى تۈزۈلۈپ بېرىلگەن دەرسلىكلەر ئۆتۈلىۋاتامدۇ؟ ھەر يىللىق ياش-ئۆسمۈرلەرنىڭ« پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش» مۇسابىقىسىغا قانچىلىك ئۇيغۇر بالىلار قاتنىشىۋاتىدۇ؟بۇ ھەقتىكى خىزمەتلەر ،تەشۋىقاتلار قانچىلىك ئىشلىنىۋاتىدۇ؟ ئاساسى قاتلاملاردا ياش-ئۆسمۈرلەرگە بولغان پەننى ئومۇمۇلاشتۇرۇش خىزمەتلىرى قانچىلىك تۇتۇلىۋاتىدۇ؟ئاپتونۇم رايون رەھبەرلىرى ياش-ئۆسمۈرلەرگە قانچىلىك كۆڭۈل بۆلەلىدى؟ ئۇلارنىڭ تاشلىنىپ قالغان مۇھىم دەرسلىكلەردىن خەۋىرى بارمۇدۇ؟

  16. يالغۇرمەن مۇنداق يازغان:

    قوش تىللق مائارىپ بۇلسىمۇ ئاز سانلىق مىللەت تىلى بولسىمۇ چۇقۇم ئەۋلاتلارغا ياخشى بولغان ئۈگەنگەنلىرنى تەتقىق قىلدىغان تەتقىقات ئۇرۇنلىرى ۋە يىتەكچىلەر بازىنى قۇرۇپ بىرىش ئىنتايىن مۇھىم

  17. يالغۇرمەن مۇنداق يازغان:

    ئەخلاق تەربىيەسى چۇقۇم قانداقتۇر مەجبۇرلاش ئەمەس كۇينىش ئاساسىدا بۇلشى،
    ئۇقۇتۇش ئەسلىھەلىرى ئىشىتىلىشىتىن توختاپ قالماسىقى ۋە ئۇقۇغۇچىلارنىڭ بىلىش دائىرسىنىڭ ئالدىدا مىڭشى كىرەك،
    ئۇتۇلگەن ھەربىر دەرىس بالىلارنىڭ كەلگۈسگە باشلىيالشى كىرەك.نەزىريە ئاساس تەتقىقات قۇشۇمچە بولماسىلقى كىرەك،
    ئۇقۇغۇچىلارنى باھالاشتا يالغۇز ئۈگنۈش نەتىسىگلام ئېسلۋالماي،شۇ بالىلارنىڭ تەتقىقات ئۇبىكتىغا ۋە ئۇتۇق قازنىش دەرجسىگىمۇ قاراش.
    بالىلارنى ياخشى- يامان دەپ ئايرىماسلىقى ،بالىلارنىڭ كۆز قاراشىلىرغا ھۆرمەت قىلشىمىز،خاتالىق كۈرۈلسە تۈزتىۋىلشىغا پۇرسەت بىرشىمىز ،سەۋىرچانلىق بىلەن تەتقىق قىلىپ خاتالىق ئۈستىگە خاتالىق ئۆتكۈزۇپ قۇيشىدىن ساقلىنشى كىرەك.
    قۇش تىللىق ئۇقۇتۇشتا باراۋەرلىك بۇلشى كىرەك،ھەر ئىككى تىللنىڭ ئىناۋىتى بۇلشى كىرەك ھەرگىزمۇ خەنزۇ تىلدا سۆزلەشنى تەكىتلەپ ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلنى چەكلىمەسلىكى كىرەك.
    بالىلارنىڭ پىكىر بايان قىلىش ھۇقۇقىنى چەكلىمەسلىك كىرەك .
    بالىلارغا ئەركىن ئازادە نوقسانلاردىن خالى ،چۈشنۈش چوڭقۇرلاشقان مائارىپ مۇيتىنى يارتىپ بىرشىمز كىرەك

  18. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    بىز مىللەتكە يۈز كىلەلىگىدەك ئىش قىلساق دىلىمىز يۇرۇق بۇلىدۇ. ئانا تىلدا بولسىمۇ بىر نەرسە بىلدۈرەيلى .ھازىر قوش تىلىنى خەنزۇچە تىل بىلەن ئوقۇتۇش ئىلىپ بېرىش دەپ خاتا چۈشىنىۋالغانلار كۆپ سالماقنى ئىگەللەيدىكەن .بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدا.بالىلارنىڭ ئاساسىنىڭ ئاجىزلىقى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلار تېخى بالىمىزنى ئۇيغۇرچىغا بەرسەك كەلگۈسىدە مەدىكارلىققىمۇ يارىمايدۇ دەيدىغان قاراش شەكىللىنىپتۇ.بۇ قىسمەنلىك بولسىمۇ ئاتا-ئانىلار نىمە ئۈچۈن بىزنىڭ ئوقۇتۇشىمىزدىن نارازى.مەن ئۈرۈمچىدە باشلانغۇچ مەكتەپتە ماتىماتىكا ئوقۇتۇشى بىلەن شوغۇللىنمەن. بالىلارنىڭ ئۆگىنىشى ھەرھالدا چىڭ تۇتىلىدۇ.بىزمۇ كۈچەيمىز. يۇقىردىن قوش تىل ئوقۇتۇشنىڭ تەلەپلىرىنى بىزگە يەتكۈزۈلۈپلا تۇرىدۇ. لىكىن سۈپەت يوق. سۈپەت تەكشۈرۈش دەيدۇ. ساختىلىق ،شەكىلۋازلىق كۆپ . نىمە ئۈچۈن ؟مەكتەپلەرنى رەتكە تېزىدۇ ،شۇڭلاشقا .بۇ يەردە ئاتا-ئانىلار بىزنىڭ خىزمەتلىرىمىزگە ھەر ھالدا ئازراق بولسىمۇ ماسلىشىدۇ.بىز شۇنىڭغا خۇش. مەركىزىمىز بولغان ئۈرۈمچى شەھىردە بولۇپمۇ ئۇيغۇر مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇتۇشىدا يېڭىلىق ،ئىسلاھات ، ئادىل سۆزلەيدىغان تەتقىقاتچىلار كەمچىل بۇلۇشى نىمىدىن دىرەك بىرىدۇ؟ بۇنىڭ ئۈچۈن ئەملىي ئىشلەيدىغان ،ھەق سۆزلەيدىغان كىشىلەر زادى چىقماسمۇ؟ مەركەزدە ئىشلار بۇنداق تۇرسا تۆۋەندە قانداق بۇلاتتى…..

  19. بۇلاك مۇنداق يازغان:

    مەن بىر مائارىپچى ،ھازىر يېزىلاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان قوش تىللق مائارىپ سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ.يەسلى مائارىپى ياخشى بولمىغاچقا خەنزۇچىنىمۇ بىلمەيدىقان،.ئۇيغۇرچىنىمۇ بىلمەيدىغان يېڭى ئەسىرنىڭ ساۋتسىزلىرى چىقىدۇشۇ……

  20. مەمەتجان مۇنداق يازغان:

    خەنزۇ مەكتەپتە ئوقۇيۋاتقان ئۇيغۇر بالىلىرىنىڭ كۆپ ساندىكىلىرى دىگۈدەك سىنىپ بويىچە 2-رەتتىن تىزىلىپ ئالدىدا ماڭىدىكەن يەنى باشلنغۇچ 3-يىللىقتىن تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپكىچە. بۇنىڭدىن قارىغاندا بىزنىڭ پەرزەنتىلىرىمىزنىڭ باشقا مىللەت بالىلىرىدىن قىلىشقۇچىلىكى يوق. بىزنىڭ مىللى مائارىپىمىزدا بولۇپمۇ يىزا مەكتەپلىرىدە شەكىلۋازلىق بەك ئېغىر پئوقۇتقۇچىلرنى كەسىپ بويىچە ئىشقا قويۇش كەمچىل .كۆپلىگەن مەكتەپ مۇدىرلىرىنىڭ ئىدىيىسى كونىچە ئوقۇتۇشنى تاشلاپ قويۇپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۈندۈلىك تازىلىق ۋە ئەمگەك پائالىيەتلىرىنى ئۇزارتىۋىتىش ،ئوقۇتقۇچىلارنىڭ يىغىن ۋاختى كۆپ بولۇش،ئۇلرنى يىلدا بىر قىتىم قاليمىقان يۆتكەپ ئالماشتۇرۇش ،قىسقىسى رۇكۇلدىتىش……..

  21. قارلاق مۇنداق يازغان:

    بالىلىرىمىزنىڭ ئەقىللىقلىغىدىن ھىلىمۇ مۇشۇ قىيىن دەرىسلىكلەرنى ئۆزلەشتۇرۇپ مېڭىۋاتىدۇ.ئامال بار ئۇلارغا ئازادە مۇھىت يارىتىپ بېرەيلى.

  22. جەۋلان مۇنداق يازغان:

    تورداشلارنىڭ قىزغىنلىق بىلەن يوللىغان ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ مېنىڭمۇ ئىككى كەلىمە لوقما سالغۇم كېلۋاتىدۇ. ھازىر ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىمۇ ئانا تىلنىڭ ئىشىلتىش قىممىتى قالمىدى دەيدىغانلار خېلى كۆپىيىپ قالدى. لېكىن شۇلار ئانا تىلنى قىممىتى يوق دەپ قاراپ، باشقا تىلنى ئۆگىنىپ قانچىلىك بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىدى؟ ئاددىسى ئۆزىنىڭ ئىككى ئېغىز مەقسىتىنىمۇ ئوڭلاپ چۈشەندۈرەلمەيدۇ. ئۆزىنىڭ ئانا تىلىنى بىلمىگەن ئادەم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى، ئۆزىنىڭ تارىخىنى قانداقمۇ بىلەلىسۇن؟ بەزىلەرنىڭ سۆزلىشىشىگە قارىسا ئادەمنىڭ قۇسقۇسى كېلىدۇ. يا ئۇيغۇرچە ئەمەس يا خەنزۇچە؟ باشقىلار قانداق قارايدىكىن بىلمىدىم، لېكىن مېنىڭ قارىشىم: ئانا تىل ئادەمگە ئۆزىنى ھەقىقى تونۇتىدىغان بىردىنبىر قورال. ئۇ مەڭگۈ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ. ئانا تىلدىن ئايرىلغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي.

  23. تارام مۇنداق يازغان:

    مىللى مەدەنىيەتنى تونۇتۇش،مىللى تىل-يېزىقىمىزدىكى نەشىر ئەپكارلىرىنى قوللاش ،قىسقىسى بىر بوتۇلكا ھاراق ئورنىغا بىر پارچە كىتاپ سېتىۋىلىشنى ئاتا -ئانىلار ئۆزىمىزگە ئادەت قىلساق،شەنبە-يەكشەنبىلىك دەم ئېلىشلارنى بالىلار بىلەن كىتاپخانە ئارىلاشقا ئۆزگەرتسەك ،ئائىلىدە ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئېسىل ئادەتلىرىنى ئۇدۇم ئورنىدا داۋاملاشتۇرۇشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرساق باشقا ئىشلاردىن ئەنسىرەشنىڭ ھاجىتى يوق دوستلار !!! ئاتا-ئانىلار ئۆزىمىز ئاينىپ كەتمىسەك بالىلىرىمىز ئاينىپ كەتمەيدۇ.بىر توپ ئارىسلانغا ئىت باش بولسا،ئارىسلاننىڭنىڭ ھەممىسى ئىت بولىدۇ.بىر توپ ئىتقا ئارىسلان باش بولسا،ئىتنىڭ ھەممىسى ئارىسلان بولىدۇ ئەمەسمۇ؟؟؟!!!!

  24. يارقىن مۇنداق يازغان:

    ئاتا-ئانىلارنىڭ مائارىپقا بولغان چۇشھنچىسى توغرا ئەمەس، مەن ئۇزۇم ئوقۇتقۇچى، ئاتا-ئانىلار ئوقۇتقۇچىلارنى ھۆرمەت قىلمايدۇ، بالىلارنى چىڭرھق تۇتۇپ ياخشى ئوقۇتاي دىسە تېخى بولمىغان، بوش قۇيىۋەتسە تېخخ بولمىغان، بىزلەر ئوقۇغاندا ھەممىسىدە ئوقۇتقۇچىنىڭ دىگىنى ھېساب ئىدى، ئوقۇتۇشمۇ ياخشى ئىدى. ھازىرقى مائارىپ سىياسىتى ۋە ئاتا-ئانىلاردىكى پەرزەنتىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئەزىزلەشلەر ئىنتايىن چوڭ تۇسالغۇ. ئوقۇتقۇچى پەقەت يىتەكلەيدۇ، ھەممىنى ئۈگىتىپ بۇلالمايدۇ، بۇنى دىمىسەممۇ چۇشىنىدىغانسىلەر

  25. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    ئاتا -ئانىلارنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى چۈشىنىشى يىتەرلىك ئەمەس. مائارىپ -تەربىيەلەشكە بولغان چۈشەنچىسىمۇ توغرا ئەمەس. بولۇپمۇ بىر قىسىم ئاڭ سەۋيىسى تۆۋەن كىشىلەرگە نىسپەتەن ئېيتقاندا ، ھازىرقى مائارىپنىڭ ئاتا ئانىلار ئۈستىگە ئىلىشقا تىگىشلىك مەسئۇليىتىنى بىلمەيدۇ.

تورباجىن 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟