نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

كۈنىمىزدە پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلەش لازىم؟

ئوسمانجان نۇر بىلىگيار
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

پەرزەنت-ئاتا-ئانىنىڭ بەختى، ئاتا-ئانا – بالىنىڭ تەختى. بىر بالىنىڭ ياراملىق ئادەم بولۇپ قاتارغا قوشۇلۇشىدا،شۇ پەرزەنتنىڭ ئىچكى ئامىلى، ئاتا-ئانىنىڭ بىلىم ساپاسى، ئەمەلىي ھەرىكىتى، يۈرۈش-تۇرۇشى، ئائىلىنىڭ ماددىي ۋە مەنىۋى مۇھىتى ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئامىللار ئىچىدە، ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى ئەڭ چوڭ بۇلىدۇ. خوش ئۇنداقتا، ئاتا-ئانىلار پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋە مۇقەددەس بۇرچنى ئۆز زىممىسىگە ئېلىش سۈپىتى بىلەن بالىنىڭ قورسىقىنى توق، كىيمىنى پۈتۈن قىلىپ قويسىلا ئىش پۈتەمدۇ؟! كۈنىمىزدە پەززەنتلەرنى قانداق تەربىيەلىشىمىز كېرەك؟!…
كۈنىمىزدە، مەدەنىيەتلەرنىڭ تور، تېلىۋېزور، تېلېفون قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئاڭسىز رەۋىشتە ئۆز-ئارا ئۆتۈشىشى ھەمدە بۇ خىل ئۆتۈشۈش جەريانىدا مىللىي مەدەنىيەت مۇھىتىمىزدا ئۆزگە مەدەنىيەت چىقىرىندىلىرىدىن تەشكىل تېپىلغان، يا ئۆزىمىزنىڭكىگە ياكى ئۆزگىنىڭكىگە ئوخشىمايدىغان ‹‹ شالغۇت مەدەنىيەت ››نىڭ يامرىشى؛ بازار ئىگىلىكى ئېلىپ كەلگەن ‹‹ پۇل ھەممىگە قادىر ›› دەيدىغان ئىدىيىنىڭ كىشىلىرىمىزنىڭ ئېڭىغا تۈرلۈك شەكىللەردە سىڭىشى، ئائىلىلەردە يالغۇز پەرزەنت بۇلۇشى، قىسمەن ئاتا – ئانىلارنىڭ بالىلارنىڭ ئۆسۈپ- يېتىلىشىدە قورسقىنى تويغۇزۇپ، كىيمىنى پۈتۈن قىلىپ قويۇپلا، روھىي دۇنياسىنى « يالىڭاچ » قۇيىدىغان ئەھۋالنىڭ كېلىپ چىقىشى قاتارلىق ئامىللارنىڭ گىرەلەشمە تەسىرىدىن، بىر قىسىم پەرزەنتلىرىمىز يېشىغا باقماي زىيادە بالدۇر يېتىلىدىغان ( مەسىلەن، باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرمەيلا مۇھەببەتلىشىدىغان )، كەچكىچە تورخانىدىن چىقمايدىغان، چاچلىرىنى پارتىلىما شەكلىدە ياسىتىۋالىدىغان، چوخەيسىمان ئاياغ، تاغارسىمان ئىشتان كىيىپ، قوللىرى ۋە بوينىلىرىغا غەيرى زەنجىر ( ھەتتا كىرسىت، بۇت ، ھەيكەل مىداللارنى ) تاقىۋالىدىغان، ئۇيغۇر 12 مۇقامى بىلەن خەلق ناخشىسىنى ئاڭلىسا بېشى ئاغرىپ، كوچا ئۇسۇلى ۋە رەپ ( رېتىملىق گەپ ) ناخشىلىرىنى ئەزىزلەيدىغان ( خۇلاسە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدىن زوق ئالالماي، خەنزۇ ، كورىيە، ئېنگىلىز مەدەنىيەتلىرىدىن زوق ئالىدىغان ۋە شۇ خىل مەدەنىيەتلەرگە تەلپۈنىدىغان )، چوڭلارنى كۆرسە « ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم » دېيشنى ئۇقمايدىغان، ئۆيگە مېھمان كەلسە خوشىياقمايدىغان، ھەممىدە « ئۆز » ىنى مەركەز قىلىدىغان شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسى كۈچلۈك، ئەدەپ-ئەخلاق، شەرمىي – ھايادىن يىراق، تارىخ ۋە مەدەنىيەتتىن بىخەۋەر، يېڭى ئەبجەش مەدەنىيەتنى تۇتىيا بىلىدىغان، جاپادىن يىراق، ھالاۋەتكە ئامراق، غايىسىز، ئەقىدىسىز، پوچى، ئەمەلىي ئىش قولىدىن كەلمەيدىغان، شەخسىيەتچى يېڭى دەۋر بالىلىرى بۇلۇپ يېتىشىپ چىقماقتا.

كۈنىمىزدە پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلەش لازىم؟

ئۇنداقتا، بۈگۈنكىدەك پەرزەنتلەرنىڭ ساغلام ئۆسۈپ-يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تور، يانفون، تېلېۋېزور قاتارلىق ئامىللار ئاستىدا قانداق قىلغاندا بالىلاردا توغرا دۇنيا قارىشى، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، غايە-نىشاننى تۇرغۇزۇپ، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرەلەيمىز؟
بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ھەر بىر ئىشتا ئاتا-ئانىلار مۇنەۋۋەر ئۈلگە بۇلىشى، بالىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى مىجەز ئالاھىدىلىكى، پىسخىك ھالىتى، قىزىقىشى قاتارلىقلارنى ئەستايىدىل كۈزىتىشى شۇ ئاساستا ئۆز ئەمەلىي ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق يېتەكلەش ئېلىپ بېرىشى لازىم.
مەسىلەن: مېنىڭ بىر ئوقۇتقۇچۇم ئۆز بالىسىغا ئائىلىنىڭ ئىللىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، جاپا تارتسىمۇ ئامال بار ئۆيدە تاماق ئېتىپ، سىرتتا تاماق يىيىشتىن ساقلىنىدىكەن، بۇ ئارقىلىق بالىسىغا « ئائىلە » نىڭ مۇقەددەسلىكىنى، ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردىكەن.
بىر تال ئالمىنى يېمەكچى بولسا، بىر نەچچە پارچىغا بۆلۈپ، ئالدى بىلەن بالىنىڭ بوۋىسىغا، مومىسىغا، ئاتىسىغا، ئانىسىغا ۋە ئاكىلىرىغا بېرىپ بولغاندىن كىيىن، ئەڭ ئاخىرىدا بالىغا بېرىدىكەن. بۇ ئارقىلىق بالىسىدا چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان، مېھرىبان، كەڭ قورساق خاراكتېر يېتىلدۈرىدىكەن.
ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بالىسى (ئوغۇل) 4 ياشقا كىرگەندە، ئاشخانىغا ئېلىپ كىرىپ، ئورۇندۇقتا تۇرغۇزۇپ، تۇخۇم-كۈدە قورمىسى قورۇشنى ئۈگەتكەنىكەن، مۇشۇ تەرىقىدە، ئۆي تازىلاش، ئۆزىنىڭ كىيىملىرىنى ئۆزى يۇيۇش، ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىپتۇ، ھازىر ئوقۇتقۇچۇمنىڭ بالىسى ھەرخىل تاماقلارنى قىلالايدىغان، تېخى ئوقۇتقۇچۇمنىڭ تامىقىدىن قۇسۇر چىقىردىغانمۇ بوپتۇ. نەتىجىدە، بۇ بالا مۇستەقىل ياشاشنىڭ دەسلەپكى ئۇلىنى سېلىپتۇ.
بالىسى ئوقۇتقۇچۇمدىن يېڭى مودا يانفۇن ئېلىپ بېرىشىنى ئۈتۈنگەندە، ئوقۇتقۇچۇم بالىسىنىڭ يوللۇق تەلەپلىرى بولسا، قانچىلىك جاپا تارتسىمۇ ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقىنى، ئەمما، بۇنىڭغا ئوخشاش شۆھرەتپەرەسلىك، پۇلپەرەسلىك ئىدىيىسى شەكىللەندۈردىغان تەلەپلەرنى قەتئىي رەت قىلىدىغانلىقىنى، ھەتتا، ئوغلىغا : « مەن ماۋۇ يانفۇنۇمنى ئىشلىتىۋاتقىلىقى 6 يىل بولدى، بىر ئوبدان مېڭىۋاتىدۇ، سېنىڭمۇ بىر ئوبدان تۇرسا، يا بۇزۇلۇپ قالمىسا نېمە قىلىسىەن ئالماشتۇرۇپ، ئەگەر بۇ يانفۇنۇڭنى ياراتمىساڭ، ئۆزەڭ ئىشلەپ، پۇل تېپىپ ئال! » دىيىش ئارقىلىق، كۈيۈنۈش قامچىسىدا بالىسىنى سەگىتىپ، بالىسىدا شۈكرى-قانائەتنى،شۆھرەتپەرەسلىكتىن كۆرە ئەجىر-مېھنەتنى ئەلا بىلىدىغان، يول بىلىدىغان، مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنىڭ پۈتۈن ئۈمرىدە مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇتۇپتۇ.
ئوقۇتقۇچۇم تېلېۋېزوردا قۇيۇلىۋاتقان، ياشلارغا نوقۇل پاراغەتنى، ئەبجەش مەدەنىيەتنى، غەيرى پىسخىك ھالەتنى ئۆگىتىدىغان بەزى مەززىسىز پروگگراممىلارنى كۆرمەسلىككە ئۈندەشتە، نوقۇل ھالدا بالىسىغا « بۇنى كۆرسەڭ بولمايدۇ، ساڭا نان بەرمەيدۇ » دەپ كونا ئۇسۇلدا تەربىيە قىلسا ئۈنۈمىنىڭ «نۆل» بۇلىدىغانلىقىنى بايقاپ، بالىسنى قايىل قىلىش ئۈچۈن، ئۇشبۇ پىروگگراممىلارنى بىللە ئولتۇرۇپ بىر مەزگىل كۆرۈپتۇ ۋە پىروگگرامما توغرىسىدا بالىسىدىنمۇ بەكرەك چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇپ ئەستايىدىللىق بىلەن چۈشەندۈرۈپتۇ، نەتىجىدە، بالىسى ئانىسىنىڭ گېپىگە قايىل بۇلۇپتۇ،-دە ئىككىنچى قىزىقماس بۇلۇپتۇ. ئەگەر ئوقۇتقۇچۇم ئەتىدىن-كەچكىچە : بۇنى كۆرمە، پايدىسى يوق دەپ تاپا-تەنە قىلىۋەرگەن بولسا، ئوقۇتقۇچۇم مەقسىتىگە يېتەلمىگەن بولاتتى. ھالقىلىق مەسىلە، ئوقۇتقۇچۇم بالىسىنىڭ شۇ خىل قىزىقىشى، پىسخىكىسىنى چۈشىنىشكە تىرىشقان.
ئوقۇتقۇچۇم يەنە ھەپتە ئاخىرىدا، بالىسىنى قانغۇچە ئۇخلاشقا بۇيرۇپ، قوپقاندىن كىيىن، مونچىغا چۈشۈپ، ئېتىپ بەرگەن مەززىلىك تاماقنى يەپ ئارامىنى ئېلىپ، زىھنىنى يىغىپ تۇرۇپ، ئۈنۈملۈك 2 سائەت ئۈگىنىش قىلىشىنى ئېيتىدىكەن. نەتىجىدە، بالا ھەپتە ئارىلىقىدا ياخشى ئۈگىنىش قىلىدىكەن، ھەپتە ئاخىرىدا پۇخادىن چىققۇچە ئاراممۇ ئالىدىكەن، بۇ ئارقىلىق، ھازىرقى ئۆگىنىش بېسىمى ئېغىر بالىسىنىڭ ئۆگىنىش بىلەن ئارامنى مۇۋاپىق بىرلەشتۈرۈشنى، ئەركىن-ئازادىلىكنى ھەمرا قىلىشنى، بېسىم-رامكىدىن خالىي تەپەككۈر ئادىتىنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.
ئوقۇتقۇچۇم يەنە بالىسىدا ئۆگىنىشتە تىرىشىدىغان، تىرىشسىلا چۇقۇم نەتىجىگە ئېرىشكىلى بۇلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپ كۆرسىتىش ئۈچۈن، 50 نەچچىگە كىرىپ قالغان، خىزمىتى شۇنچە ئالدىراش ئوقۇتقۇچۇم بالىسى بىلەن تەڭ مەملىكەتلىك كومپىيوتېر دەرىجە ئىمتىھانىدىن ئۆتۈشتە بەسلىشىپ تىزىملىتىپتۇ. بالىسى دەسلەپتە، ئاپىسىنىڭ ئىمتىھاندىن ئۆتەلمەيدىغانلىقىنى، بىكار ئاۋارە بۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىپتۇ. ئەمما، ئوقۇتقۇچۇم بالىسى ئۈچۈن ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ، قاتتىق تىرىشىپتۇ، نەتىجىدە، ئاخىرى مەملىكەتلىك ئىمتىھاندىن ئۆتۈپ، ئوغلىنى ئۇتۇپ چىقىپتۇ. بۇ جانلىق ئەمەلىي مىسال ئارقىلىق، ئوغلىغا قاتتىق تەسىر كۆرسىتىپتۇ. شۇنىڭدىن كىيىن، بالا ئۆگىنىشتە تىرىشىدىغان، جاپادىن قورقمايدىغان ئىدىيەنى شەكىللەندۈرۈپتۇ.
ئوقۇتقۇچۇم يەنە بالىنىڭ قەلبىدە مېھىرىبانلىق ئۇرۇقىنى چېچىش، چوڭلارنى ھۆرمەتلەيدىغان خاراكتېر شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، بازارغا سەي ئالغىلى بارسا، بالىسىنى تەڭ ئېلىۋىلىپ، سەي-كۆكتاتنى كۆتەرتىپ قۇيۇش، تاللا بازارلىرىغا كىرسە، ئالدىدا يول باشلاپ ماڭغۇزۇش ئارقىلىق، بالىدا ئائىلە، ئاتا-ئانا، مېھىرىبانلىق، ئىقتىسادچانلىق قاتارلىق ئۇقۇملارنى چۈشەندۈردىكەن.
چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، ئۇلاردىن ئاز-تولا ئەيمىنىدىغان خاراكتېر شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، بالىنى ئائىلىدە تاماقنى ئالدى بىلەن چوڭلارنىڭ ئالدىغا قۇيۇش، ئۇلار چوكا تەككۈزمىگىچە قول ئۇزارتماسلىق، سىرتتىن مېھمان كىرسە سالام قىلىشقا ئادەتلەندۈرۈپتۇ. بالىنىڭ قىزىقىشىنى، خاراكتىرىنى، پىسخىكىسىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا ئىگەللەپ تۇرۇش ئۈچۈن، دائىم ئۇنىڭ بىلەن يۈز- تۇرانە ياكى توردا مۇڭدىشىپ ئۇنىڭ ئەھۋالىنى ئىگەللەپ، شۇنىڭغا ماس ھالدا « تاكتىكا » قوللىنىدىكەن.
يەنە بىر خىزمەتدىشىمنىڭ ئېيتىپ بېرىشىچە، ئۇنىڭ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بالىسىنى ھەپتە ئاخىرىدا تەمبۈر ئۆگىتىش كۇرسىغا بېرىپتۇ ھەمدە سىپتا ياسالغان تەمبۇردىن بىرنى ئېلىپ بېرىپتۇ. نەتىجىدە، خەنزۇچە ناخشىلارنى ئەلا بىلىدىغان،« ئەسسالامۇئەلەيكۇم » نى تازا ياخشى بىلمەيدىغان بالىسىنىڭ ئاستا-ئاستا ئۇيغۇرچە خەلق ناخشىلىرىنىڭ ناھايىتىمۇ يېقىملىق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرچە مۇھىتقا ئامراق بۇلىۋاتقانلىقىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ ئېيتىپ بەردى. ( ئەمما، بۇ ھۆرمەتلىك خانىم دۇتتار بىلەن تەمبۇرنىمۇ پەرقلەندۈرەلمەيدىكەن.)
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىدا بېسىلغان «تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۈر نامراتلىقى» دىگەن ماقالىدە: « بىز پەرزەنتلىرىمىزگە «چىن تۆمۈر باتۇر» ھىكايىلىرىنى سۆزلەپ بېرەلمىگەچكە ياكى ئۇنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلىگۈدەك تېخنىكا بولمىغاچقا (بولسىمۇ كاللىغا كەلمىگەچكە ) بالىلىرىمىز باشقىلارنىڭ « ئاۋتۇمەن»، «شى ياڭ ياڭ» قاتارلىق كارتونلىرىغا قىزىقىشى نورمال ئەمەسمۇ؟ » دېگەن جۈملە ماڭا ناھايىتى تەسىر قىلغان. شۇڭا، پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلەش، نېمە ئارقىلىق تەربىيىلەش دېگەننىمۇ ئويلىشىمىزنىڭ ئەھمىيىتى ناھايىتى زور.
يۇقارقى مىساللارغا قارشى ھالدا، بالىلىرىغا ياخشى تەربىيە قىلماي، بالىنىڭ مىجەز-خاراكتىرى، ئادەت-خۇيى شەكىللىنىپ بولغاندا، بالىسىدىن زارلايدىغان، گېپىگە كىرگۈزەلمەيدىغان ئاتا-ئانىلارمۇ كۈرمىڭ.
مەلۇم بىر ئاتا-ئانا بالىسى كىچىك ۋاقتىدىن تارتىپ، بالىسىغا ھەددىن ئارتۇق ئامراقلىق قىلىدىكەن، ئەمما نەگە بېرىپ، كىم بىلەن ئارىلىشىۋاتقانلىقىنى سۈرۈشتە قىلمايدىكەن، قورسىقى توق، كىيمى پۈتۈن بولسىلا قالغان ئىشى بىلەن ئانچە كارى يوقكەن. بۈگۈن قايسى چوڭ ئۆيدە تاماق يىدى، نېمە تاماق يىدى؟ بۇ ئىشلار بىلەن بەك كارى بولماپتۇ. بۇ ئاتا ئۆز بالىسىغا ئۆز ئەمەلىيىتى بىلەن تەربىيە قىلماي، دائىم مەس بۇلۇپ قالغاندا، ياكى ئاغىنلىرىنى ئۆيىگە چاقىرغاندا بالىسىنى قۇچىقىغا ئېلىۋىلىپ، ئۇنىڭغا ئامراقلىق قىلىپ تەربىىيە قىلىدىكەن ھەمدە پۇل بېرىدىكەن. بالا بارا-بارا ئۆگىنىش خوشىياقمايدىغان، ئۇيۇنغا ئامراق، جاپادىن يىراق ناچار خاراكتىر شەكىللىنىشكە باشلاپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، تۇلۇق ئوتتۇرىغا چىقىپلا مەكتەپ چورتلا خوشىياقماس بۇلۇپ، نەچچە قېتىم ھۆزىرخالىق قىلىسىمۇ، مەكتەپكە زادىلا بارماپتۇ. كۈندە تورخانا، بىليارتخانا، ماجاڭخانا قاتارلىق جايلاردا لاغايلاپ يۈرۈپتۇ. نەتىجىدە، بارا بارا جەمئىەتتىكى لايغەزەل بالىلار بىلەن ئاغىنە بۇلۇپ، پۇل ئۈچۈن، ئۆيدىكى ئېلىپ بەرگەن كومپىيوتېر، تېلېفۇن، (ھەتتا قوشنىلىرىنىڭ كەپتەرلىرىنى ئوغۇرلاپ ) قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىشىغا سېتىپ، خەجلەپ كۆڭلىنى خوش ئېتىپتۇ. كۈنلەر ئۆتۈپ، ئۆزى تۇغۇلۇپ ئۆسكەن يۇرت كىچىك كېلىپ، باشقا يۇرتقا « جاھانكەزدىلىك» قىلغۇسى كېلىپ كېتىپتۇ. پۇللىرى تۈگەپ، بىچارە بالا ئاشخانىلاردا يۇندا تۆكۈپ قورسىقىنى توقلاپ، كەچلىكلىرى تورخانىلارنى قونالغۇ قىلىپ، ئۆيگە كەتكۈسى كەلمەپتۇ. بىچارە ئاتىسى ئىزدەپ كەلسە، ئاتىسىنى كۆرۈپ قېچىپ كېتىپتۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ ئائىلە بۇ بالىنى ئالىي مەكتەپتە قىينالماي ئوقۇتقۇچىلىك ھالى بار. ئەمما، بالىدا ئىش خوشىياقماسلىق، پاراغەتكە بېرىلىش، ئۇيۇن-تاماشىنى ھەممىدىن ئۈستۈن بىلىش، ھەتتا ئوغۇرلۇق قىلىشتىن تەپتارتمايدىغان خاراكتېر بولغاچ، يارىماس، لايىغەزەل بىر كىشى بۇلۇپ چىقىپتۇ. ھازىر ئاتا-ئانىسى بۇ بالىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، يىغلاپ بېقىپتۇ، قاقشاپ بېقىپتۇ، تىللاپ-ئۇرۇپ بېقىپتۇ. ئەمما، زادىلا گېپىنى ئۆتكۈزەلمەپتۇ، بالا بۇلار ئۈچۈن بالا ئەمەس باشقا ‹‹ بالا ›› بوپتۇ. ئاتا-ئانىسى قانچە قىلسىمۇ بالىسىنى تەربىيىلەيدىغان «ئالتۇن» ۋاقىتلارنى ئۆتكۈزۋەتكەنلىكى ئۈچۈن، يەنى بالىنىڭ دۇنيا قارىشى، مىجەز قارىشى شەكىللىنىپ بولغاندا، قانچە قىلغان بىلەن نېمە پايدىسى بولسۇن!!!
بۇ ۋاقىتلاردا ئاتىسى بالىسنى تەنقىدلەپ ياكى قول تەككۈزۈپ قويغاندىن كىيىن، ئاخىرىدا بالىسىغا چىدىماي ئۆزى بالىسىدىن كەچۈرۈم سورايدىكەن، بالىسىنىڭ ئۇنداق قىلماسلىقىنى ئۆتۈنۈپمۇ بېقىپتۇ. نەتىجىدە، بۇ بالا ئاتىسىنى بارغانسېرى كۆزگە ئىلمايدىغان ھەتتا ئۇنىڭغا يانىدىغان خاراكتىرنى شەكىللەندۈرۈپتۇ. ھازىر ئۇ بالا ئوقۇشتىنمۇ چېكىنىپ، ھە دېسە ئۆيدىن قاچىدىغان، سىرتلاردا جەمئىيەتتىكى بالىلار بىلەن ئارىلىشىپ، تورخانىلاردا تۈنەپ، ئوقۇش، ئۆي، مەلۇم كەسىپ خوشىياقمايدىغان بىر يارىماس كىشى بۇلۇپ چىقىپتۇ. بۇ ئاچچىق تىراگىدىيەنى كىمدىن كۆرۈش كېرەك؟ بۇنى پۈتۈنلەي بالىدىن كۆرۈش توغرىمۇ؟ ياق، بۇ ئاساسىي جەھەتتىن ئاتا-ئانىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان ئاچچىق نەتىجە، ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئالدىدا ئۈلگە بولالمىغان يەردە، بالا ئۇلارنىڭ گېپىنى ئىلىك ئالارمۇ؟
كونىلارنىڭ پەرزەنت – بىر تۈپ يۇمران كۆچەت، ئاتا-ئانا – باغۋەن. كۆچەتنىڭ مېۋە بېرىشىنى ئىستەش ئۈچۈن، ئۇنى ياخشى پەرۋىش قىلىش ئاساسىدا، ھارام شاخلىرىنى ۋاقتى-ۋاقتىدا پۇتاپ تۇرۇش كېرەك، بولمىسا ئۇ بىر تۈپ ئوتۇن قىلىدىغان دەرەختىن باشقا نەرسە بولمايدۇ، دىگەن نەقىلىنىڭ چوڭقۇر ۋەزنى مۇشۇ يەردە بولسا كېرەك.
بالا تۇغۇلغاندىن تارتىپ، خاراكتىرى شەكىللىنىپ بولغىچە، ھەتتا بىر ئۆمۈر ئاتا-ئانىلىرىنى ئۆزلىرىگە ئۈلگە قىلىشىدۇ. ئۇلارنى ئاڭسىز ھالدا دورايدۇ، ئۇلارنىڭ ھەر بىر قىلغان ئىش-ھەرىكىتىنى ئاپئاق قەغەزدەك قەلىبلىرىدە توغرا دەپ دورايدۇ. ئەگەر بالا خاتا گەپ قىلسا ياكى خاتا ئىش قىلسا، ئۇنىڭغا قارىتا ئاتا-ئانىلارنىڭ توغرا يېتەكلىشى بولمىسا، ئۆزەمنىڭ توغرا دەپ قاراپ ئادەتكە ئايلىنىدۇ، بارا-بارا بۇ خاراكتېركە ئايلىنىشىمۇ مۇمكىن. شۇڭا، ئاتا-ئانىلار ھەر ۋاقىت بالىلىرىنىڭ ھەر بىر سۆز-ھەرىكىتىگە دېققەت قىلىشى، ھەر ۋاقىت بالىسىغا ئۈلگە بۇلىشى، باشقىلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى ئىلغار ئۇسۇللىرىنى قۇبۇل قىلىپ سىناپ بېقىشى لازىم، ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلەردە تۇغۇلغاندىن تارتىپ، ئۇلارغا ئادەم بۇلۇش يوللىرىنى ياخشى ئۆگىتىپ، توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشىنى شەكىللەندۈرۈپ، ياراملىق ئەۋلاد بۇلۇپ چىقىشىدا ئوينايدىغان رولى ئىنتايىن زۆرۈر.

خۇلاسە

بالا تەربىيىلەش – بىر يۈكسەك سەنئەتتۇر. ئۇ ئاتا-ئانا بولغۇچىدىن يۈكسەك دەرىجىدىكى «ئىنسانشۇناس» لىق بىلىمىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئاتا- ئانىلار پەرزەنتلەرگە بىلىم ئۆگىتىشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئالدى بىلەن ئادەم بۇلۇشنى ئۆگىتىشى مۇھىم. بالىغا ئادەم بولۇشنى ئۆگىتىش ئۈچۈنمۇ ئەڭ ئاۋۋال ئۆزىمىز ‹‹ ئىسمى- جىسمىغا لايىق ئادەم ›› بولۇشىمىز كېرەك، ئەلۋەتتە. كۆز ئالدىمزىدىكى مۇشۇ مۇرەككەپ دەۋردە، بىر بالىنى ھەم بىلىملىك ھەم ئەخلاقلىق قىلىپ قاتارغا قوشالىغانلارنى ئىنسانشۇناسلىق ئىلمىنىڭ ھەقىقىي « دوكتۇر » لىرى دىيىشكە ھەقلىقمىز.

تورداشلار بۇھەقتە يۇقارقى يۈزەكى پىكىرلەر ئاساسىدا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ كىرىپ، كۈنىمىزدىكى پەرزەنت تەربىيىسىدە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك رىئال مەسىلىلەر ۋە ئۇنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرى ئۈستىدە بەس-بەستە پىكىر قاتناشتۇرسا، بەلكىم يېڭى دەۋرىمىزدىكى پەرزەنت تەربىيىلەش رىسالىسى پۈتۈپ قېلىشى ئەجەپ ئەمەس، دىگەن ئۈمىدتىمەن…

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : كۈنىمىزدە پەرزەنتلەرنى قانداق تەربىيىلەش لازىم؟

خەتكۈچ: ، ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!8 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    مەيلى قانداق مىللەتتنىڭ پۇشتىدىن تۇغۇلغان بالا بولسۇن ئۇ تۇغۇلىشىدىنلا مۇسۇلمان بولۇپ تۇغۇلىدۇ. جۈمىلىدىن، بىزنىڭ باللىرىمىزمۇ شۇنداق. يەنە كېلىپ بوۋىمىز مۇسۇلمان، دادىمىز مۇسۇلمان، بىزمۇ ھەم شۇنداق… ھازىرقى ھەر قايسى غەرىپ ئەللىرى ۋە باشقا خوشنا ئەللەر ھەل قىلىپ بولالمايدىغان دەرىجىدە ئېغىر ئەخلاق كىرزىسىگە دۈچ كېلىپ ئېتىقاتسىزلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتىۋاتقان مۇشۇ ۋەزىيەتتە، باللىرىمىزغا كىچىكىدىن باشلاپ ئازدۇر كۆپتۇر ئۆرىپ ئادەت ، ئېتىقاد تەربىيىسى ئېلىپ بېرىشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر دەپ قارايمەن. ھەممىمىز ئۈنلۈك ئاۋازدا دىيەلمىگەن بىلەن ئىچىمىزدە بىزنى دادىمىز ئەزان ئاۋازى بىلەن بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغانغا ئوخشاش، يەنە شۇ ئەزان ئاۋازى بىلەن بۇ دۇنيادىن ۋىدالىشىشنى ئويلايمىز.ئەنە شۇ ۋاقىتتا ھېچ بولمىغاندا بىزنىڭ تاۋۇتىمىزنى كۆتىرىدىغانغا، بىز ئۈچۈن دۇئا قىلىپ تۇرىدىغانغا بولسىمۇ پەرزەنتلىرىمىزگە بۇ توغىرىسىدا ئازدۇر كۆپتۇر بىلىم بىرىش ئىنتايىن زۆرۈر. ئەلىۋەتتە، ھازىر بىز بۇنى قىلالمايمىز دېيىشىمىز مۇمكىن. لېكىن يۇقاردا مېنىڭ دىگەنلىرىم قانداقتۇر قانۇنغا خىلاپ ئەمەس بەلكى بۇ بىزنىڭ ئېسىل ئۆرىپ ئادەتلىرىمىز. بىز دىنغا ئېتىقاد قىلساق بولمايدۇ لېكىن ئۆرىپ ئادىتىمىزنى جان تىكىپ قوغدىساق بولىدۇ ھەم شۇنداق قىلىشىمىز زۆرۈر. دىن بىلەن ئۆرىپ ئادەت ئىككىسى ئىككى مەسىلە. خۇددى بىر چاغلاردا بىزنىڭ يۇرتلاردا «ئاياللار ياغلىق چىگسەڭ بولمايدۇ، ئەرلەر ساقال بۇرۇت قويسا بولمايدۇ» دەپ بىر شامال چىقسا،« ئاياللارنىڭ بېشىدا ياغلىق بولمىسا بەختى قاچىدۇ» دىگەن نەسىھەتنى ئېسىدە تۇتماي، ياغلىقىنى ئالالماي ئاران قالغان بىزنىڭ قىز ئاياللىرىمىز بېشىدىن ياغىلىقىنى بىر ئېلىۋەتكەن پېتى شۇ شامال ئاللىقاچان ئۆتۈپ كەتكەن ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ يەنە شۇ پېتى يۇقارقى يازمىدا دېيىلگەندەك، چاچلىرىنى پارتىلىما شەكلىدە ياسىتىۋېلىپ يۈرگەندەك، ئۇنى بۇنى بانا قىلىپ سەبىي بالىمىزنىڭ قىزغىنلىقىغا سۇ سەپسەك، كېيىن ئاشۇ ئېتىقادسىزلار يولۇقىۋاتقان كىرزىسكە بىزنىڭمۇ يولۇقۇشىمىز تەبىئىي…
    كىچىك بالىلار كىچىكىدىنلا بىر نەرسىلەرنى دوراشقا ئامىراق. مەنمۇ ئۆزەمنىڭ تەجىربىسىنى دەپ بەرسەم: بىز ئەر ئايال ئىككىلىمىز ئىشلىگەچكە ئوماق قىزىمىز يېشىغا تەگكەندىن باشلاپلا چوڭلارنىڭ قېشىدا چوڭ بولىۋاتىدۇ. مېنىڭ ھەيران قالغىنىم -قىزىم دادام تاھارەت ئالغىلى چىقسا خېلى ئېغىر ئىۋرىقنى كۆتۈرۈپ ئارقىدىن قويۇڭ دىگەنگىمۇ ئۇنىماي بىللە چىقىپ دادام نېمىنى قىلسا شۇنى قىلىپ ئەتىگەن تۇرۇپ تاھارەت ئالىدۇ. ئاندىن ئۆيگە كىرىپ دادام بىلەن بىللە ناماز ئوقۇيدۇ. گەرىچە ئىچىدە ھېچ نېمىنى بىلمىسىمۇ، ئاغزىنى ئۆمەللىتىپ بىر نېمىلەرنى دەپ دادام بىلەن ئوخشاش ئولتۇرۇپ ئوخشاش قوپىدۇ. بىز ئۇنىڭ مۇشۇ قىزىقىشىنى دەپ ئۇنىڭغا بازاردىن بىر دانە كىچىك ئىۋرىق، بىر دانە جەيناماز ئېلىپ بەردۇق. ئۇ ھازىر خۇدايىم بۇيرۇسا ئىككى ياشتىن ئازىراق ئاشتى. لېكىن بۇ جەھەتتە بىزدىن خېلى ياخشى. ئەر ئايال ئىككىمىز قىزىمىزنىڭ بۇ قىلىقىدىن بەك پەخىرلىنىپ كېتىمىز. ئاتا ئانا ئۈچۈن پەرزەنت خوشاللىقىدىن ئارتۇق خوشاللىق بولمىسا كېرەك…. بۇنىڭدىن يەنە بىر ھەقىقەتنى چۈشىنىش مۇمكىنكى، سىز ئۆزىڭىزنى قانداق تەربىيلىگەن بولسىڭىز، بالىڭىزنى شۇنداق چوڭ قىلىسىز. بالا دىگەن ھامىنى بالا. ئۇ ئىشنى بىلمەي قىلىدۇ. سىز چېغىڭىزدا ئۆزىڭىزنى كونتىرول قىلالماي زۆرۈر بولمىغان ئولتۇرۇشلاردىكى قۇرۇق پاراڭلارنى سېلىشنى بالىڭىزنى تەربىيلەشتىن ئەلا بىلىسىز يۇ، ئاشۇ سەبىي بالىڭىز قانداقسىگە سىز نېمىنى خالىسىڭىز، نېمىنى قىل دېسىڭىز شۇنى قىلالايدۇ. ئۇ يا توختىماي سىزنىڭ بۇيرۇقىڭىزنى ئورۇندايدىغان ماشىنا ئادەم بولمىسا….
    گەپنى يىغسام، قىسقىسى ياخشى بىر پەرزەنت تەربىيلەش ئۈچۈن ئاۋال سىز ئۆزىڭىزدە شۇنى تەربىيلىيەلىگۈدەك ساپا ھازىرلىشىڭىز كېرەك.

  2. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    بالا تەربىيەلەش داۋامىدا بالىغا :مۇۋاپىق رىخبەتلەندۈرۈش ،ئىلھاملاندۈرۈش ۋە ھەم لايىقىدا جازالاشنىمۇ قوللىنىش كىرەك. بەك مەيلىگە قۇيىۋەتكەندە بالىنى كىيىن باشۇرغىلى بولماي قالىدۇ.بالىنىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى كۈزىتىپ ،بالىنىڭ قىزىقىشى بۇيىچە ئەتراپلىق تەربىيەلەش ئىنتايىن مۇھىم.

  3. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بالام بولغاندا قايتا كېلىپ كۆرپ باقسام بوغۇدەك!

  4. ئايچىۋەر مۇنداق يازغان:

    ئائىلە مۇھىتنىڭ بالىلارغا بولغان تەسىرىنى سەل چاغلاشقا بولمايدىكەن . قىزىم كىچىك ۋاقتىدا ،ئەر-ئايال ئىككىمىز ئالدىراش خىزمەتتىتۇق . مەن پەقەت ھەپتىدە بىر ئۆيگە قايتىتىم . قىزىمنى ئۈچ ياشقىچە تەستە باقتۇق . بۇ جەھەتتە دادىسىنىڭ تارتقان جاپاسى مېنىڭكىدىن كۆپ بولدى . جاپالىق شارائىت قىزىمدا مۇستەقىل ياشاش ، تۇرمۇشتا رەتلىك بولۇشتەك ئادەتنى يېتىلدۈردى .قىزىم يەسلىگە بارغاندا ، مەن دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە كىيىدىغان كىيىملىرىنى رەتلىك قاتلاپ تەييارلاپ قويۇپ كېتەتتىم . بۇ ئىشىم قىزىمغا تەسىر قىلغان چېغى ، شۇندىن باشلاپلا كىيىملىرىنى رەتلىك قاتلاپ قويىدىغان ، بىر پايپىقىنى يەنە بىر پايپىقىنىڭ ئىچىگە تىقىپ ، ئايىغىنىڭ يېنىغا قويۇپ قويۇشنى ئادەت قىلىۋالدى . راستىنى دېسەم ، قىزىمغا مېنىڭ ھەممە تەرەپتىن تەربىيە قىلغۇدەك ۋاقتىممۇ ئاز ئىدى . پەقەت قىزىم ماڭا ئەگىشىپ ، مېنىڭ قىلغانلىرىم بويىچە قىلالىغۇدەك ئىشلار بولسىلا قىلدى . مانا ئەمدىلىكتە بولسا دوستلىرىم ، تۇققانلىرىم ، مەھەللىدىكىلەر قىزىمنىڭ مۇستەقىل ، رەتلىك تۇرمۇش ئادىتىگە ، ئەخلاقىغا ، تىرىشچانلىقىغا ھەۋەس قىلىشىدۇ .قىزىمنىڭ ئەتراپىدىكى ساۋاغداش ، دوستلىرىغا دىققەت قىپ تۇرىمەن . بەزىلىرىنىڭ يۈرۈش – تۇرۇش ، گەپ-سۆز ،چاچ پاسونلىرىغا قاراپ ، ئاتا – ئانىلىرىنىڭ كارى يوقمىدۇ؟ دەپمۇ قالىمەن . ئائىلە مۇھىتىنىڭ قانداق بولۇشى ، ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا كۆرسەتكەن تەسىرى — بالا چوڭ بولغاندا ئاندىن بىلىنىدىكەن بولۇپمۇ ئوتتۇرا مەكتەپكە چىققاندا .
    ھازىرقى بەزى بالىلارنىڭ خاراكتېرى بەك ئۈستۈن . ئىسراپخور ، چوڭچى . ئاتا – ئانىسى بىلەن تاكاللىشىدىغان ، ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەنقىدىنى قوبۇل قىلمايدىغان ، دەرس مۇزاكىرە قىلمايدىغان ئەھۋال سەل ئومۇملاشقان . بالىسىنىڭ نېمە تاپشۇرۇق ئىشلىشى بىلەن كارى يوق ئاتا-ئانىلارمۇ بار . ئاتا-ئانىنىڭ بوشڭلىقىدىن بالا ئوبدانلا پايدىلىنىۋالىدۇ .بالىنى باشقۇرالمىغاندا ، خاتالىقنى يەنىلا بالىدىن ئىزدەش ، بالىنى ئۆز قولىمىز بىلەن نابۇت قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەسكەن .
    بالىنىڭ تەربىيلىنىشى ھەر تەرەپتىن بولىدۇ . بەزى ئاتا- ئانىلار دەرس نەتىجىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇۋالىمىز .

    ( قالغىنىنى كېيىن يازاي-ھە ؟ بۇ ھەقتە مېنىڭ ئىنكاسىم سەل كۆپتەك قىلىدۇ )

  5. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    تۈنۈگۈن شۇنچە كۆپ گەپلەرنى قىلسام، ئىنكاس يوللاش كۇنۇپكىسىنى بىسىشىم بىلەنلا ھەممىسى يوق بولدى.
    دېمەكچى بولغانلىرىمنى يىغىنچاقلاپ دېسەم ، مەن بىر ياش دادا بولۇش سالاھىيىتىم بىلەن پەرزەنت تەربىيىسى ھەققىدە ئىزدىنىشىكە باشلىغاندىن بۇيان ھېس قىلغانلىرىمنى8يىللىق ئوقۇتۇتقۇچىلىق تەجرىبەمگە بىرلەشتۈرۈپ شۇندق يەكۈنگە ئىرىشتىم:
    1. بالىلاردىكى كۆرۇلىۋاتقان مەسىلىلەر ھەرگىزمۇ ئەخلاق مەسىلىسى ئەمەس ،بەلكى پىسخىكىلىق مەسىلىلەرئىكەن ..بۇ مەسىلىلەرنىڭ ئاساسلىق پەيدا بولۇش ماكانى ئائىلە بولۇپ ، نامۇۋاپىق ئائىلە شارائىتى ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسىنىڭ تۆۋەن بولۇشى ئەڭ تۈپ ئامىل ، ئۇندىن قالسامەكتەپلەردە زىيادە بىلىم قوغلىشش،ئادىمىيلىك تەربىيىسىنىڭ يوق دېيەرلىك بولۇشى ، جەمئىيەتتىكى نامۇۋاپىق قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئەۋج ئېلىشى بالىلىرىمىزدا غەيرى پىسخىكىلىق ھادىسىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.
    2. بىزنىڭ ئائىلىۋى بالا تەربىيە ئىدىيىمىزبالىلاردىكى فىزۇئۇلۇگىيىلىك ھەم روھىيەت دۇنياسىدىكى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىگە ئوخشىمىغان پەۋقۇلئادە تىز تەرەققىي قىلىش سۈرئىتىگە ماسلىشالمىدى،ئۇندىن باشقا مائارىپ سىستېمىسىدىكى ئالاقىدار ئىشلاردا يۈزەكىيلىك،زىيادە قىزىپ كېتىش، قارىغۇلارچە ئەگىشىش قاتارلىق ئەھۋالللار بەك ئىغىر.

  6. يۈسۈپجان سەمەت ئەفىيفىي مۇنداق يازغان:

    پەرزەنت تەربىيىسى ۋە بىز

    دۇنيا مائارىپ تارىخىدىكى شۆھرەتلىك كىتاب « پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى: كارل ۋېتېرنىڭ تالانتلىق پەرزەنت تەربىيىلىشى» دىن تەسىرات

    4504
    تۇغۇلسا ساڭا ئاي كەبىي قىز ئوغۇل،
    ئاڭا تەربىيىچى سەن ئۆزۈڭلا بول.

    - يۈسۈپ خاس ھاجىب

    قايسىدۇر بىر ژۇرنالدىن لېئوناردو داۋىنچى ھەققىدىكى بىر ماقالىنى ئوقۇغانلىقىم ئېسىمدە. ئۇنىڭدا مۇنداق ۋەقەلىك بايان قىلىنىدۇ: داۋىنچى ئۆزىنىڭ « ئەڭ ئاخىرقى كەچلىك غىزا» ناملىق مەشھۇر رەسىمىنى سىزىپ كېلىۋېتىپ، دەل ئىككى مۇھىم پېرسوناژ- ئېيسا ئەلەيھىسسالام بىلەن خائىن يەھۇدا ( يەھۇدا- ئەينى ۋاقىتتا ئېيسا ئەلەيھىسسالامنى زالىم ھۆكۈمىرانغا ساتقان) نىڭ پروتوتىپىنى سىزىشتا بىر ئاز ئويلىنىپ قالىدۇ. ئېيسانى سىزىپ چىقىش ئۈچۈن پۈتكۈل گۈزەللىك، پەزىلەت، ئادىمىيلىك ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن بىر تىپ تېپىشقا توغرا كېلىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىلەرنىڭ ئوبرازىنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشىپ كېتىپتۇ. ئۇ ئىزدەپتۇ، ئىزدەپتۇ. ھېچبىر بۇ بۈيۈك پەيغەمبەرنىڭ ئوبرازىغا تەڭداش بىرەر ئوبرازنى تاپالماپتۇ. نىھايەت قارىغۇدەك بولسا، كوچىدا بىر پاك، سەبىي ، ئوماق بالا ئويناۋاتقانىكەن. ئۇ ئويلاپتۇ: توغرا، دۇنيادا نەدىمۇ سەبىي بالىدىن پاك ئىنسان تېپىلسۇن؟! بۇ بالا ئېيسا ئوبرازىنى يارىتىشقا ئەڭ لايىق! ئۇ، بۇ بالىنى ئۆزى رەسىم سىزىۋاتقان ئىبادەتخانىغا ئەكەپتۇ ۋە ئۇنىڭ پروتوتىپىغا ئاساسەن ئېيسا ئوبرازىنى يارىتىپتۇ ( بەلكىم بۇ، چېركاۋلاردىكى رەسىملەر ئېيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئەسلى ئوبرازى ئەمەسلىكىگە ئىشارە بولسا كېرەك). بۇنىڭدىن كېيىنمۇ مەسىلە ئاسان بولماپتۇ. چۈنكى ئېيسا ئوبرازى پۈتكىنى بىلەن ئىنسانىيەت خائىنلىرىنىڭ سىمۋولى- يەھۇدانىڭ ئوبرازىنى يارىتىشمۇ ئۇنچە ئاسان ئەمەسكەن. بارچە رەزىللىك، ئىپلاسلىق، خائىنلىق، ناجىنىسلىق بىر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىغا مۇجەسسەملەنگەن ئوبرازنى تېپىش قانداقمۇ ئاسان بولسۇن؟! داۋىنچى بۇ قېتىم سەل ئاۋارىچىلىققا دۇچ كەپتۇ. شۇ ئوبرازنى ئىزدەپ بىر قانچە يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ. ئىزدەپ-ئىزدەپ ئاخىر بىر بۇلۇڭدا ئۆز قۇسۇقىغا مىلىنىپ ياتقان بىر بەتبەشىرە ھاراقكەشكە كۆزى چۈشۈپتۇ. قارىغۇدەك بولسا، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن ئىنسانىي ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسى تېپىلىدىغاندەك. ئۇ، بۇ ھاراقكەشنى ھېلىقى ئىبادەتخانىغا ئەكەپتۇ. ئەمدى يەھۇدانىڭ ئوبرازىنى سىزىشقا تۇتۇش قىلاي دەپ تۇرغىنىدا، تۇيۇقسىز ھېلىقى ھاراقكەش ھەيرانلىق بىلەن ئېغىز ئېچىپتۇ:
    - سەن مېنى بىر نەچچە يىل ئاۋۋال بۇ يەرگە رەسىم سىزىش ئۈچۈن ئەكەلگەنىدىڭغۇ؟!
    كىشىلىك ھاياتتا بىر كىشىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىككى مۇھىم ئامىل بار. ئۇ بولسىمۇ ئىچكى-سۇبيېكتىپ ئامىل ۋە تاشقى – ئوبيېكتىپ ئامىلدۇر. ئىچكى-سۇبيېكتىپ ئامىل ئالدىنقى مۇھىم ئامىل بولسىمۇ، تاشقى رېئاللىقتىن ئۆز ئوبيېكتىنى تېپىش خاراكتېرى بىلەن مەلم ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولىدۇ. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تاشقى ئامىل مەلۇم جەھەتتىن ئىنسان سۇبيېكتىنى بەلگىلەپ قويىدۇ. ئىنسان سۇبيېكتى ئۆزىنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى بىلەن ئىنسان سۇبيېكتىپچانلىقىنى جۇلالاندۇرىدۇ ياكى خىرەلەشتۈرىدۇ. دېمەك، ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىغا قاراپ بولمىغاندەكلا، ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان تاشقى ھادىساتلارغىمۇ يۈكسەك دەرىجىدە دىققەت ئېتىبارىمىزنى بېرىشىمىز كېرەك.

    ئالىملارنىڭ بىردەك قارىشىچە، ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئۈچ تاشقى مۇھىم ئامىل بار. ئۇ بولسىمۇ، ئائىلە، مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتۇر. ئەلۋەتتە، بۇلارنىڭ كونكرېت تەسىر كۆرسىتىشى شۇ ئىنساننىڭ قايسى خىل مۇھىتتا كۆپ ياشىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئومۇمىيەت نۇقتىدىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، بىر كىشىگە ھەقىقى تەسىر كۆرسىتىدىغىنى مەكتەپ ۋە جەمئىيەت بولماستىن، دەل ئائىلىدۇر. ئۇزۇن مەزگىل بىر خىل مۇھىتتا ياشاش جەريانىدا ئائىلە ئەھلىلىرىنىڭ چىراي-شەكلى، خاراكتېر-مىجەزى، گەپ-سۆزلىرىنىڭ ئوخشاپ كېتىدىغانلىقىنى بايقايمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلارنىڭ ماددىيىتىگە ئوخشاش ئېرسىي گېن يوشۇرۇنغان بولىدۇ. بىز ئۇيغۇرلار قەدىمدىن تارتىپلا ئائىلە ئېڭىمىز بەك ئۈستۈن. شۇنىڭ ئۈچۈن پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ مۇھىمدۇر. ئائىلە تەربىيىسى بالىلار تەربىيىسىدىكى ھەل قىلغۇچ تەربىيە بولۇپ، بۇ ئۇلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ ئۇتۇقلۇق ياكى مەغلۇبىيەتلىك بولۇشىغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. پەرزەنت تەربىيىسىدە ئائىلە تەربىيىسى ئەڭ ئاساسلىق رول ئوينىغانلىقى ئۈچۈن ئۇنى ئائىلە تەربىيىسى دەپ ئاتىساقمۇ بولۇۋېرىدۇ.

    ئائىلە مەۋجۇدلۇقنىڭ يىلتىزى بولۇپ، ئۇ بىر كىچىكلىتىلگەن جەمئىيەتتۇر. ھەر قانداق جەمئىيەت ئائىلىدىن ئىبارەت بىر تەشكىلىي ۋۇجۇددىن تەركىپ تاپقان بولىدۇ. مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، جەمئىيەت ئائىلەر توپىدۇر. شۇنداق بولغانىكەن، بىر مىللەت ياكى دۆلەتنىڭ گۈللىنىشىگە ئائىلە ۋە ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ساپاسى بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن باشقا ئەسلىھەلەرگە كۆڭلۈ بۆلگەندەكلا، ئائىلە ۋە ئائىلە تەربىيىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئوخشاشلا مۇھىمدۇر.
    داۋامى بار…. ئۇنداقتا بىز ئۇيغۇرلار ئائىلە تەربىيىسىگە قانچلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىمىز؟ ئاتا-ئانىلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە قانچىلىك كۆيۈنىدۇ؟
    ئەتراپىمغا قاراپ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ راستتىنلا چېكىنىش باسقۇچىغا بېرىپ قالغانلىقىنى، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز يۈرەك پارىلىرىغا كېيىم-كىچەكلىرىگە كۆڭل بۆلگەنچىلىك كۆڭۈل بۆلمەيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم (گەرچە بۇ مەسىلە مەيلى ئاز بولسۇن ياكى كۆپ بولسۇن، دىققەت ئېتىبارىمىزنى قوزغىشى كېرەك). ئۆز پەرزەنتلىرىگە قارىمىغان ئاشۇ – ئاتا ئانىلارنى قانداقمۇ ئاتا-ئانا دېگىلى بولسۇن؟!… بىزدىكى ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ھەل قىلغۇچ پەيتلەرنى تەربىيىسىز ئۆتكۈزۈۋېتىدۇدە، كېيىن پۇشايمان يەيدۇ. بۇ خىل تەتۈرلۈكنىڭ زىيىنىنى كېيىن ھېس قىلىشىپ، ئۆزلىرىنىڭ «ئۇششاق» مەسىلىلەردە كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى، ئاشۇ« ئەرزىمەس»، « توخۇ تۈكى، پىياز پوستى» ئىشلارنىڭمۇ ھەقىقەتەن مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىپ يېتىشىدۇ. بەزى ئاتا ئانىلار مەسىلىنى پەقەت ئۆزىدىن سۈرۈشتە قىلماي ، بار مەسئۇلىيەتنى بالىغا ئىتتىرىپ قويۇپ بولدى قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئۆز پەرزەنتلىرى شۇنچىلىك«دۆت» ئىدىكى، ئۇلارنى تەربىيىلەش، گەپ ئاڭلىتىش مۇمكىن ئەمەس! مەن بۇنىڭغا ئىشەنمەيمەن. تېلېۋىزۇرلاردىن كىشىلەرنى ئىت-مۈشۈك، ئېيىق-مايمۇنلارنى « تەربىيىلەپ» ئاجايىپ «ماھارەتلىك» قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمىز. ئەجىبا، ئاشۇ ئىنسان بالىلىرى ئاشۇلارنىڭ ئوندىن بىرىچىلىك تەربىيلىشىنى ئىمكانىيىتىگە ئېرىشسە، راستتىنلا تەربىيىلىنەلمەسمۇ؟! ھەر بىر ئىنساندا باشقىلارنىڭكىگە ئوخشاشلا ئىقتىدار يوشۇرۇنۇپ ياتقان بولىدۇ. ئەمما ئاشۇنى پەرۋىش قىلىدىغان ئوبيېكتىپ ۋە سۇبيېكتىپ ئامىللار بولمىغان-دە، ئۇ كۆمۈلۈپ قالغان. ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرالمىغان. ئەتراپىمىزدا بىز دائىم يولۇقۇپ تۇرىدىغان مانا بۇ خىل ئەھۋاللار راستتىنلا كىشىنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرىدۇ. بىزدە « ھەر بىر ئادەم ئاق كۆڭۈل تۇغۇلىدۇ» دېگەن گەپ بار. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن بىزنىڭ تەربىيىلەپ چىققان بەزى بالىلىرىمىز ئوغرى-يانچۇقچى، بۇلاڭچى… بولۇپ چىقىدۇ. بۇلاردا ئاتا – ئانىلارنىڭ مەسئۇلىيىتى يوقمۇ؟! ياق، ئۇلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەسئۇلىيىتى بار. مېنىڭچە، بالىلارنىڭ، ئەۋلادلارنىڭ يارامسىز، ئەخلاقسىز بوپقېلىشىغا ئەڭ ئاۋۋال ئاتا-ئانا سەۋەبچى بولىدۇ.

    بالا تۇغۇلغاندىن كېيىن بەزى ئاتا ئانىلار ئۆز بالىلىرىنى بالا باققۇچىغا، يەسلىگە، ئاندىن مەكتەپكە «تاشلاپ» قويىدۇ. ھەتتا ئۆز بالىلىرىنى ئېمىتمەي كالا سۈتى بېرىپ چوڭ قىلىدۇ. گەرچە، مەلۇم سەۋەبلەر زۆرۈرىيەت بولسىمۇ، ئەمما بالىلارغا بوش ۋاقىتلاردا تەلىم –تەربىيە ئېلىپ بارماسلىق ھەرگىزمۇ زۆرۈرىيەت ئەمەس! نۇرغۇنلىغان ئاتا-ئانىلارنىڭ ئويۇن-تاماشا، ئەيش-ئىشرەتكە ۋاقتى يەتسىمۇ، ئۆز پەرزەنتىنى تەربىيىلەشكە «ۋاقتى يەتمەيدۇ». مەن تېخى بىرەر ئاتا- ئانىنىڭ بالىلىرىغا خۇددى لوقمان ھەكىمدەك پەند-نەسىھەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇچراتمىدىم. بىزدىكى ئاتا ئانىلار دائىم تەربىيىنى كېچىكتۈرۈپ قىلىدۇ. خاتالىق، مەسىلە سادىر بولغاندىن كېيىن تۈزىتىدۇ. خاتالىق يۈز بەرگەنىكەن، ئۇنىڭ تۈزىلىش ۋە تۈزەلمەسلىكتىن ئىبارەت ئىككى تەرىپى بولىدۇ، خۇددى يىپنىڭ ئىككى ئۇچى بولغىنىدەكلا، دېمەك، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئاتا-ئانىلار تولىمۇ كېچىككەن بولىدۇ.

    بۈگۈنكى كۈندە «پەرزەنت تەربىيىسى» ئاللىبۇرۇن باشقىلاردا بىر «پەن» سۈپىتىدە تەتقىق قىلىنماقتا. مەكتەپلەردە مۇھىم بىر دەرىسلىك سۈپىتىدە ئۆتۈلمەكتە. ياپونلار پەرزەنت تەربىيىسىنى دۆلەت گۈللىنىشىنىڭ نېگىزى- يىلتىزى دەپ قارىسا، يەھۇدىيلار پەرزەنت تەربىيىسى مىللى مەۋجۇدلۇقنىڭ ئاساسى دەپ قارايدۇ. ئەرەبلەر ئاللىبۇرۇن «ئىسلام پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى» ناملىق كىتابنى تۈزۈپ، دەرس مۇنبەرلىرىدە لېكسىيە قىلسا، گېرمانلار 1818-يىلى يېزىلغانن « پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى: كارل ۋېتېرنىڭ تالانتلىق پەرزەنت تەربىيىلىشى» ناملىق كىتابىنى بۈگۈنكى كۈندىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلىشمىدى. بەلكى ھازىرمۇ بۇ كىتابقا يۈكسەك ئېتىبار بىلەن قارىماقتا. بىزدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى«پەرزەنت تەربىيىسى» توغرىسىدا كىتابلار نەشر قىلىنىۋاتىدۇ. بۇنىڭ قانچلىك ئەمەلىي ئۈنۈمى بولدى، بۇ ماڭا قاراڭغۇ. شۇندىمۇ، ئەتراپىمىزدا پەرزەنت تەربىيىسى سۇس كەيپىياتتا تۇرماقتا. گاھى پۇرسەت بولمىسا، گاھى تەربىيىلەش روھى بولمايۋاتىدۇ. ئاقىۋەت، بالىلار تەربىيىسىز قېلىپ، بىر توپ يارامسىزلار يېتىشىپ چىقىۋاتىدۇ، خالاس!

    ئۇنداقتا ئائىلە تەربىيىسىدە نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك؟
    بىزدە «ئەۋلادلارنى يىلىكىدىن باشلاپ تەربىيىلەش كېرەك» دېگەن ئۇدۇم تارىختىن بېرى يادلىنىپ كەلمەكتە. پەرزەنت تەربىيىسىدە تەربىيىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئېلىپ بارماق زۆرۈر. كېچىكىدە ئېلىپ بېرىلغان ھەرقانداق تەربىيە ئالاھىدە ئۈنۈملۈك بولىدۇ. بالىلارغا تەسىر قىلغان ھەر بىر شەيئى ئۇلارغا ئىنتايىن ئۇنتۇلغۇسىز تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئەۋەتتە، ئۇلارغا تۇنجى تەسىر قىلىدىغىنىمۇ ئاتا-ئانا بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئاتا-ئانىلار بالا تۇغۇلۇشتىن ئاۋۋال ئۆزلىرىدە بەلگىلىك ساپا ھازىرلىشى كېرەك. كىچىك بالىلارنى بىر ۋاراق ئاق قەغەز دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، ئاتا-ئانىلار شۇ قەغەزگە خەت يازغۇچىلاردۇر. بۇنى ئەۋلادلار ئۆمۈر بويى قىبلىنامە قىلىپ ھايات مۇساپىسىنى ئۆلچەيدۇ. كىچىكلىكتە ئېلىپ بېرىلغان ھەر بىر تەربىيە، ئۇنىڭغا تەسىر قىلغان ھەر بىر ئىش ئەۋلادلارنىڭ كېيىنكى ھاياتىنىڭ خېمىر تۇرۇچى بوپقالىدۇ. بىزدىكى «كىچىكلىكتىكى ئۆگىنىش تاشقا مۆھۈر باسقاندەك، چوڭ بولغاندا ئۆگىنىش قۇمغا مۆھۈر باسقاندەك» دېگەن تەمسىلمۇ دەل مۇشۇنى كۆرسىتىدۇ. دېمەك ئەڭ دەسلەپكى پەرزەنت تەربىيىسىگە سەل قاراپ بولماسكى، بۇ خىل تەربىيە بالىغا ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسىتىدۇ. «پەرزەنت تەربىيىلەش دەستۇرى» ناملىق كىتابنىڭ مۇئەللىپى ۋېتىر ئەپەندىمۇ تۆۋەندىكىدەك كۆرسىتىدۇ: « مۇۋاپىق دەسلەپكى تەربىيە بالىلارنىڭ قابىلىيىتىنى ئۆستۈرۈشتە كىشى ئىشەنگۈسىز دەرىجىدە رول ئوينايدۇ» (16-بەت).
    بىزدە پەرزەنت تەربىيىسىنى دەسلەپكى چاغدىن باشلاپلا ئېلىپ بارىدىغانلار يوق دېيەرلىك. ئاتا-ئانىلار: بالا تۇغۇلغاندىن كېيىنكى ۋەزىپە ئۇنىڭ ساغلاملىقى دەپلا قاراپ، تاماق يېيىشىگە جاننى پىدا قىلىدۇيۇ، تەربىيە قىلىشنى ئويلاشمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىزدە بالدۇر تەربىيىلەش سالامەتلىككە زىيانلىق دېگەن قاراش ھۆكۈم سۈرگەچكە، بالىلارنى يەتتە-سەككىز ياشلاردا تەربىيىلەش ئاساسى تەربىيە ئۇسۇلى بوپقالغان. بۇ بىر كېچىكىش بولۇپلا قالماستىن، ئاتا-ئانىلار بۇ سەۋەنلىكى تۈپەيلى بالىلارنىڭ ئاجايىپ تالانتى ۋە قابىلىيىتىنى نابۇت قىلىۋېتىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بالدۇر ئېلىپ بېرىلغان تەربىيە سالامەتلىككە زىيانلىق دېگەن قاراشمۇ پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. بالىنى قانچىكى بالدۇر تەربىيىلىسە، ئۇنىڭغا قانچىكى بالدۇر تەسىر كۆرسەتسە ئۈنۈمى ئەڭ ياخشىدۇر.

    مېڭىنى بىر قورۇما ئۇسۇدىغان قاچا دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، ئاتا-ئانىلار دەل قورۇما ئۇسقۇچىلاردۇر.
    دەسلەپكى تەربىيىنىڭ يەنە بىر مۇھىم ھالقىلىرىدىن بىرى دەل تىل تەربىيىسىدۇر. بالىلارنىڭ ئۈچ ياشقىچە بولغان ۋاقتى تىل ئۆگىنىش باسقۇچىدۇر. ئەگەر بۇ مەزگىلدە ئۇنىڭ تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارى جارى قىلدۇرۇلمىسا ياكى ئىمكانىيەت بولمىسا ئۇ مەڭگۈ تىل ئۆگىنىش ئىقتىدارىدىن قالىدۇ. خۇددى «تۆمۈرنى قىزىقىدا سوقۇش ياخشى»بولغىنىدەك ، تەربىيىنىڭمۇ ئۆز باسقۇچلىرى، ئۇسۇللىرى بولىدۇ. ناۋادا بۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىلمەيدىكەن، تەربىيە يەنىلا نەتىجىسىز بوپقالىدۇ. ئاتا-ئانىلار بۇ مەزگىلدە كۆپرەك ئانا تىلىنى ئۆگىتىشى، شېۋىدە ئەمەس، ئۆلچەملىك ئەدەبىي تىلدا كۆپرەك سۆزلەپ بېرىشى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تىلىنىڭ چىقىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆزلۈك بايلىقىنى ئاشۇرىشى كېرەك. خۇددى دەرەخنىڭ يىلتىزى بولغىنىدەك، تەپەككۇرنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ . بىر كىشىنىڭ تەپەككۇر يىلتىزى شۇ كىشىنىڭ تىل تۇپرىقىغا كۆمۈلگەن بولىدۇ. بىلىشنىڭ- ئىلمى تەرەققىي قىلىشنىڭ ئاچقۇچى دەل ئۆز تىلىدا پۇختا بولۇش- بولماسلىق بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. يۇقىرىقى كىتاب مۇئەللىپىمۇ:« بالىلارغا تىل تەربىيىسىنى بالدۇر ئېلىپ بېرىش ئاچقۇچ!»(56-بەت) دەپ قارايدۇ. غەززالىينىڭ قارىشىچە بولغاندا: «مەلۇم بىر ئىلىمنى ئۆگىنىپ ۋايىغا يەتكۈزۈۋېتىش كېرەك، چۈنكى ئىلىملەر ئۆزئارا ئۆتۈشۈشچانلىققا ئىگە». بوۋا-مومىلىرىمىزنىڭ كىچىك ۋاقىتلىرىمىزدا ئاجايىپ گۈزەل چۆچەك-ھېكايىلەرنى ئېيتىپ بېرىشىمۇ نوقۇل تەپەككۇر-تەسەۋۋۇرىمىزنى كېڭەيتىش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئاجايىپ تىل دەرسىدۇر. مانا بۇ دەرس بىزنىڭ كېيىنكى ھاياتىمىزدىكى نۇتۇقلىرىمىزنىڭ خېمىر تۇرۇچى بوپكەتكەن. بۈگۈنكى سۆزمەنلىكىمىز دەل ئاشۇ چۆچەكلەرنىڭ تەسىر ئىپادىسىدۇر. تىل تەربىيىسىنىڭ ياخشى ئېلىپ بېرىلىشى بالىلارنىڭ تەپەككۇر تەرەققىياتىغىمۇ ئۈنۈملۈك تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ.
    پەرزەنت تەربىيىسىدىكى يەنە بىر مۇھىم ھالقا ئەدەب-ئەخلاق تەربىيىسىدۇر. ئىنسانلار قەدىمدىن تارتىپلا ئاجايىپ بىلىملىك ۋە قابىلىيەت ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كاتتا ئەخلاق ئىگىسى بولغانلىقى ئۈچۈن ھۆرمەتلىنىپ كەلگەن. بۇنىڭدىن، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىيەت گۈزەللىكىگە نەقەدەر ئېتىبار بىلەن قارايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئەدەپ – ئەخلاق تەربىيىسى، مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئادىمىيلىك تەربىيىسىدۇر. بۇ خىل تەربىيىدە ئاتا-ئانىلار ئۆز ئەمەلىيىتى ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىشى كېرەك. بۇرۇندىن تارتىپلا ئەمەلىيەت ئەڭ ئۈنۈملۈك دەرس بولغان. بۇ خىل تەربىيە ئەۋلادلارنىڭ قەلب گۈزەللىكىنى شەكىللەندۈرۈپلا قالماي، ئۇلارغا بەختنىڭ، لەززەتنىڭ نېمىلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق ھەقىقىي بەختنىڭ مەنىۋىيەتتىن ۋە گۈزەل مەنىۋىيەت كونتروللىقىدىكى ماددىيەتتىن كېلىدىغانلىقىنى چوقۇپ ھېس قىلىشىدۇ. ئەتراپىمىزدىكى ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىدە سىرىتقى قىياپەتكە بەكرەك ئەھمىيەت بېرىپ، بالىلارنىڭ روھىيەت دۇنياسىنى قۇرۇق قالدۇرۇدىغانلىقىنى بايقايمىز. بۇ خىل ئاچارچىلىق بالىلارنى خېلى قىينىشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە، قورساقتا نېمە بولسا ئېغىزغا شۇ چىققىنىدەك، بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ ئەدەب-ئەخلاق ساپاسىنىڭ تۆۋەنلىكى كەلگۈسى ئەۋلادلارغىمۇ بەلگىلىل تەسىر كۆرسەتمەكتە. «سۇ بېشىدىن لاي» بوپقالماقتا. ئەدەب- ئەخلاق ئىنسانلارغا بىر ئۆمۈر ھەمراھ بولىدىغان ئاجايىپ خىسلەتلىك مەنىۋى قورال بولۇپ، ئۇ پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ نېگىزى ئاساسى بولۇشى كېرەك.

    ئەتراپىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئىللەتلەرنىڭ يىلتىزىنى سۈرۈشتۈرۈپ كەلگەندە ، كىشىلىرىمىزدە ئەدەب-ئەخلاق تەربىيىسىنىڭ كەم بولغانلىقىنى ھېس قىلىمىز. بەزى ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ جېنىنى باقالىغانلىقىنى مۇھىم دەپ قارىغانكى، ئۇلارنى ئەدەبتىن ئىبارەت خىسلەتلىك ئەڭگۈشتەردىن ئايرىۋەتكەن. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار ئۆزلىرى ھەقىقىي ئاتا-ئانا بولالمىغان. ئۇيغۇرلار ئاتا-ئانىلارنى خۇدادىن قالسا ئۇلۇغ بىلىدۇ. بۇ ئۇلۇغلۇق دەل ئۇلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان-قىلمىغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇشۇ ئېھتىماللىققا ئاساسەن ئائىلە تەربىيىسىمۇ، ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ئۈنۈملۈك بولىشىمۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ھەسسە قوشقانلىق ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئەخلاقلىق بالىلارنىڭ ئورنىغا بىر توپ پاك زېمىنغا نىجىس يۈك كىشىلەر توپى پەيدا بولسا، بۇ، ئائىلىگىلا ئاپەت بوپ قالماستىن، جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىكى تەڭپۇڭلىقىغا بۇزغۇنچىلىق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تۇنجى قەدەم- ئائىلە تەربىيسى ئەڭ مۇھىم.

    بىزنىڭ تەربىيىلىگەن بالىلىرىمىزنىڭ ئارىسىدا قارىماققا «ئەخلاقلىق» بالىلار بار. ئەمما ئۇلارنىڭ بۇ «ئەخلاقى» ئاتا-ئانىسىنىڭ مۇستەبىتلىكى ئاستىدا، خالاس. ئاتا – ئانىلار پەرزەنت تەربىيىسىدە ئۇلارنىڭ روھىنى ئۇتۇۋېلىشى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىدە مەلۇم سەۋىيە ھازىرلىشى، ھەر قانداق «ئۇششاق» ھالقىلارنىمۇ تاشلىۋەتمەسلىكى كېرەك. خۇددى بۈگۈنكى دۇنيانىڭ ماھىيىتى ھەزارەت ( مەدەنىيەت)لەر كۈرىشى- «روھىيەت تالىشىش كۆرىشى» بولغىنىدەكلا، كەلگۈسى ئەۋلادلارنى تالىشىش- كەلگۈسىنى تالىشىش كۈرىشىدۇر. غەربلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئامىللىرىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللانماقتا. گەرچە ئەۋلادلىرىمىز ئېيسانىڭ كىملىكىنى، كرېستنىڭ نېمىلىكىنى بىلمىسىمۇ، ئەمما گاھىلىرى بوينىغا كرېست ئېسىۋالىدۇ. تۇغۇلغان كۈن تورتىغا قاراپ غەربچە ناخشىغا غىڭشىيدۇ. «روژدېستوۋ بوۋاي» غا قاراپ زوقلىنىپ كېتىدۇ. بىر قېتىم جىيەن ئىنىلىرىمنىڭ بىرىنىڭ سىرتمىسىنى ئېتىۋېتىپ، سىرتما تۇتقۇچىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى. قاراڭ، سىرتمىنىڭ تۇتقۇچى كرېست شەكىللىك ئىكەن! ئەينى دەۋردىكى ئەھلىسەلىپچىلەرنىڭ بۈگۈنكى ئەۋلادلىرى- 1930- يىللاردا نامرات ئۇيغۇر بالىلىرىغا پۇل بېرىش بەدىلىگە «ئىنجىل»سۈرىلىرىنى يادلاتقان غەربلىكلەر بۈگۈن يەنە نېمىلەرنى قىلىۋاتىدۇ؟ كىچىك ۋاقتىمدا « ئەقىللىق يىشىيۇ» ناملىق كارتون فىلىمنى كۆرۈشكە تولىمۇ ھېرىسمەنىدىم. شۇ چاغلاردا ئۆيدىكىلەر چېچىمنى چۈشۈرىۋەتكەنىدى. مەن بارماقلىرىمنى تىلىمغا تەككۈزۈپ بېشىمغا چەمبەر سىزاتتىم-دە، «تەپەككۇر قىلاتتىم». دوستلىرىمنىڭ قايسىدۇر بىر فىلىمدىن ئۆگەنگەن « كەر كەينى ئەرزىبىرەينى ، ئى لات ، ئى مانات! ئۆزۈڭگە سېغىندىم» ( لات، مانات «جاھىلىيەت دەۋرى»دىكى ئەرەبلەرنىڭ مەشھۇر بۇتلىرى) دېگەن گەپلەرنى دەۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ ھەيران بولاتتىم. ھالا بۈگۈنگە كەلگەندە مۇشۇنچىلىك ئىشلارنىڭمۇ پەرزەنت تەربىيىسىدە قانچىلىك رول ئوينايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەكتىمەن. بەلكىم بۇ خىلدىكى مىساللار ئەتراپىمىزدا كۆپ بولسا كېرەك.

    ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ئەدەب-ئەخلاقلىق بولۇشىدىن باشقا، بىلىملىك، ياراملىق بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ئۇنداقتا ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ، تەپەككۇرىنىڭ پىشىپ يېتىلىشى ئۈچۈن قانچىلىك رول ئوينىيالىدى؟ مۇشۇ يەردە ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار ئۆزلىرىنىڭ بىلىم ساپاسىغا قاراپ چىقىشى كېرەك. مەيلى بالا باققۇچى بولسۇن، مەيلى يەسلىدىكى ياكى مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار بولسۇن، بالىغا خۇددى ئۆز ئاتا-ئانىسىدەك قارىيالمايدۇ، خۇددى باشقا بىراۋ شېرىنغا پەرھادنىڭ كۆزىدە قارىيالمىغاندەك. مانا بۇنداق شارائىتتا ئاتا-ئانىلار ئۆز بالىلىرىنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بىلىم ئىگىلىمىكى لازىم. تولا ئاتا-ئانىلاردا بىر خىل تەتۈرلۈك باركى، ئۇلار بالىلىرىنىڭ ئوقۇشىغا كۆڭۈل بۆلمەيد، ھېچ بولمىغاندا مەكتەپلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئەھۋال ئىگىلەپ كۆرمەيدۇ، دەرسلىك كىتابىدىن باشقا بىرەر پارچە كىتاب ئېلىپ بەرمەيدۇ. ناۋادا كىتاپ ئوقۇماقچى بولسا:« ماڭ! بېرىپ دەرىسلىك كىتابىڭنى ئوقۇ، شۇنى ئوقۇيالىساڭمۇ چوڭ ئىش!» دېيىشىدىغانلىرىمۇ بار. بۇ خىل ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنىڭ ھەر قايسى جەھەتتىن ساپاسىنىڭ ئۆسۈشىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ.

    بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئۇنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىنى ئۇنىۋېرسال تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا قارىتىش كېرەك. بالىلارنى ھەر تەرەپلىمە ئىقتىدار ئىگىسى قىلىپ تەربىيىلىگىنىمىزدە ئۇ ھەقىقىي ياراملىق بولغان بولىدۇ. ھالبۇكى، بىزنىڭ بەزى ئاتا-ئانىلىرىمىز كىچىك چېغىدا بالا نېمىگە قىزىققاندەك قىلسا، «ۋاي بالام پالانىغا قىزىقىدىكەن، ئۇ چوقۇم شۇ كەسىپ ئەھلى» دەپ قاراپ، شۇ كەسىپ بويىچە تەربىيىلەشنىلا چىڭ تۇتىدۇ. بالىلىرى ئازراق غىڭشىپ قويسا ناخشىچى قىلىپ تەربىيىلەيدۇ. مەن بۇ خىلدىكى تەربىيە ئۇسۇلىغا قارشى تۇرىمەن. مېنىڭچە، بالىلاردا ھەممىگە قىزىقىش، ئىنتىلىش روھى بولىدۇ. ( مەن كىچىك ۋاقتىمدا ھەممىگە قىزىقىدىكەنمەن، ھەر قايسى پەنلەرگە ئامراق ئىكەنمەن. رەسىملەرنى قاملاشتۇرۇپ سىزاتتىم، ھۆسىن خەتلەرنى چىرايلىق يازاتتىم…) بالىغا دەسلەپتە نېمە تەسىر قىلغان بولسا شۇنىڭغا قىزىققاندەك قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەقىقىي تالانتى بىلەن باغلانغان كەسىپ كېيىن ئاشكارىلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر بالىلار ھەممىدە تەڭ تەربىيىلەنمىسە، كېيىنكى ھايات پائالىيەتلىرىگە تەسىر يېتىپلا قالماي، تەبىئىي تالانتىمۇ نابۇت قىلىۋېتىلىدۇ. ناۋادا بىرەر ئۆيگە گۈزەل بەدىئىي سۈرەت ئېسىپ قويۇلسا، بالىلار رەسسام بولۇشقا قىزىقىپ قېلىشى مۇمكىن؛ چىرايلىق ھۆسىن خەتلەرنى كۆرسە خەت يازغۇلىرى كېلىشى مۇمكىن؛ ئەگەر توپ ئېلىپ بەرسىڭىز توپ تېپىشكە قىزىقىشى مۇمكىن ( قايسىبىر گېزىتتە ئېيتىلىشىچە، پۇتبۇل چولپىنى مارادونا بۆشۈكتىكى چېغىدىلا توپ تېپىشكە قىزىقارمىش، يىغلاپ كەتكەن بولسا، ئاتا –ئانىسى توپتىن بىرنى قويۇپ قويسا، تېپىچەكلەپ يىغىدىن توختاپ قالارمىش…) بالىلار گېزى كەلگەندە سۈيدۈكىدە لاي ئېتىپ ئويناشقىمۇ قىزىقىدۇ. دېمەك ئۇلارنىڭ دەسلەپكى «قىزىقىشى» بىر دىنبىر قىزىقىش ئەمەس. ئەگەر «قىزىقىشى» دەپ قارالغاندىمۇ، ئاتا-ئانىلار ئۇلارنىڭ كەلگۈسىگە كۆڭۈل بۆلىشى، يەنى ئۇلارغا نېمىنىڭ ھەقىقىي ئەسقاتىدىغانلىقىنى بىلىشى ۋە قايىل قىلىش يولى بىلەن بالىلارغا بىلدۈرىشى كېرەك. ئاتا-ئانىلار مۇستەبىت بولۇۋالماسلىقى كېرەك. پەرزەنت تەربىيىسىدە مۇستەبىتلىك ھامان ئەكىس تەسىر كۆرسىتىدۇ( باشقا ئىشلاردىمۇ شۇنداق). بالىلارغا قايسى خىل ئىلىمنى ئۆگەتمەكچى بولساق، ئۇلارنى شۇ خىل ئىلىم مۇھىتىغا ماھىرلىق بىلەن قىزىقىشىنى قوزغاپ ئەكىرىشىمىز كېرەك.

    ئىلگىرىكى زامانلاردا شاھلار پەرزەنتلىرىنى ئىقتىدارلىق قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى رەسىم سىزالايدىغان، خۇشخەت يازالايدىغان ( ھەي…ي، كومپىيوتېر ئارقىلىق يېزىق تېخىمۇ گۈزەللەشكەن دەۋردە كىشىلىرىمىزنىڭ خېتى تېخىمۇ سەتلىشىپ كەتمەكتە…)، نەزمە تۈزەلەيدىغان، چەۋەندازلىق قىلالايدىغان…. دېگەندەك كۆپ تەرەپلىمە تەربىيىلەيدىكەن. ھازىر بولسا بالىلار كۆزلىرىمىزگە ئىلگىرىكىلەرگە قارىغاندا يارىماستەك كۆرۈنىدۇ. ئىبراھىم ئەمەت ئەپەندىنىڭ تىلى بويىچە ئېيتقاندا: « ئۇيغۇر بالىلىرى بىر ئەۋلادتىن يەنە بىر ئەۋلاد يارامسىز بولۇپ چىقىۋاتاتتى. 1950-، 1960-، يىللاردا تۇغۇلغانلار قىلالىغان ئىشنى 1970- يىللاردا تۇغۇلغانلارنىڭ ئويلاشقىمۇ قۇربى يەتمەيتتى. 1980-يىللاردىكىلەرنىڭ بولسا كاللىسى قۇپقۇرۇق ئىدى»( ئىبراھىم ئەمەت: «‹شاھرۇھخان ئۆلمىسۇن›دىن تۇغۇلغان ئويلار» ش. م ژۇرنىلى، 2001-يىل، 6-سان).
    بىزنىڭ قارىشىمىزدا ، بالىلار پەنلەرنى پەقەت كىتابتىنلا ئوقۇشى كېرەك. بۇ خىل ئۇسۇل بالىلارنى «كىتاب موللىسى» قىلىدۇ، خالاس. بالىلار ئەمەلىي ئىشلاردا تېڭىرقاپ قالىدۇ. مەيلى ھەرقانداق ئىشتا بولسۇن، ئەمەل-ئەمەلىيەت جانلىق بولىدۇ، ئۈنۈملۈك بولىدۇ. كارل ۋېتىرنىڭ قارىشىچە بولغاندا:« مىڭلاپ كىتاب ئوقۇغاندىن، مىڭ چاقىرىملاپ يول ماڭغان ئەلا»(169- بەت). بەلكىم دېھقانلىرىمىزنىڭ ئېتىز بېشىدىكى ، خامانلاردىكى، ئەمگەك ئارىسىدىكى، ئايدىڭ كېچىلەردىكى، چارۋىچىلارنىڭ جاڭگاللاردىكى، تەبىئەت قوينىدىكى تەربىيىلىرى، بەزى تالاي كىتاب ئوقۇغان ۋە ئوقۇۋاتقان بىلىملىك ئاتا-ئانىلارنىڭ تەربىيىسىنى بېسىپ چۈشىشى مۇمكىن. مەن تېخى بىرەر ئاتا-ئانىنىڭ پەرزەنت تەربىيىسى مەقسىتىدە يۇرت ئاتلاپ ساياھەت قىلىپ باققىنىنى، ھېچ بولمىغاندا، بالىلىرىنى ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتنى ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ تاغ-دەريالىرىنى، يول قىرلىرىنى، ئوي-دۆڭلىرىنى كۆرسىتىپ باققىنىنى تۈزۈك كۆرۈپ باقمىدىم. (ئىلگىرىكى ئالىملارنىڭ جاھان كۆرگەنلىكىگە تولىمۇ ھەۋەس قىلىپ قالىمەن). بىزدە پەرزەنت تەربىيىسى ھامان قوشۇمچە بوپقاپتۇ. بۇ خىل خاھىش بىزنى قايەرگە ئاپىراركىن؟!…

    ئويۇن ئارقىلىق تەربىيىلەش نۆۋەتتە تەكىتلىنىۋاتقان ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنىڭ بىرىدۇر. بۇنىڭ رولى باشقا ئۇسۇللارنىڭكىنى بېسىپ چۈشىدۇ. مۇشۇ يەردە « ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرى» دىكى بىر ھېكايىنى قىستۇرۇپ قويۇش ئارتۇقچە بولمىسا كېرەك. بىر پادىشاھ ئاغرىپ قاپتۇ. تېۋىپلار ئۇنىڭغا دورا يېزىپ بېرىپتۇ. ئەمما بۇ پادىشاھ دورا يېيىشكە بەك ئۆچ ئىكەن. بۇ پادىشاھ ئويۇن –تاماشىغا بەك ئامراق ئىكەن. بىر تېۋىپ توپ شەكىللىك بىر دورىنى ياساپ چىقىپتۇ. بۇ توپ كالتەك بىلەن ئۇرۇلۇپ ئوينىلىدىكەن. ئويۇن ئويناش جەريانىدا پادىشاھ ھېرىپ، تەرلەپ ، بۇ دورىنىڭ تەسىر كۈچى تەر تۆشۈكچىلىرى ئارقىلىق بەدەنگە سىڭىپ كىرىپتۇ. ئاخىر پادىشاھ كېسەلدىن ساقىيىپتۇ…
    دېمەك، ئويۇن ئارقىلىق تەربىيىلەشنىڭ بىۋاسىتىلىقى كىشىنى ئەڭ جەلىپ قىلىدۇ. بۈگۈنكى تەپەككۇرلىرىمىز بىلەن بىز كىچىك چاغلىرىمىزدىكى ئويۇنلىرىمىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەقىل جەۋھەرلىرى ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئاشۇ ئويۇنلار ئاجايىپ ئەقىل-تەپەككۇر، تىل ۋە ئەدەب دەرسى بولۇپلا قالماي، يەنە بەدەن مەشقى-تەنتەربىيە دەرسىمۇ بولالايدۇ. يېزا بالىلىرىدا ھېلىھەم ساقلىنىۋاتقان بۇ ئويۇنلار كىشىگە ئۈمىد بەخش ئېتىدۇ. قاراڭ، يېزا بالىلىرى ئۆز ئويۇنلىرىنىڭ قوراللىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزلىرى ئىختىرا قىلىدۇ. ۋاللەي، سابۇر،، ئارقان، لەگلەك، تەپكۈچ… ھەممىسى بالىلارنىڭ ئەقىل مېۋىلىرىدۇر. ئۇلار «ھەربىي-دۈشمەن ئويۇنى » ئويناش ئارقىلىق ئىرادىسىنى چىڭىتسىمۇ، ئويۇن ئاخىرىدا بىر بىرىنى ھەرگىزمۇ «ھەربىي-دۈشمەن» دەپ قارىمايدۇ. بۇ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسىدىكى بىرلىكتە ئۆگىنىش، بىرلىكتە تىجارەت قىلىش… دېگەندەك ئىشلىرىغا ئاجايىپ ئۈنۈملۈك تەسىر كۆرسىتىدۇ. باشقىلار ياساپ بەرگەن ھەر قانداق ئىقتىدارلىق نەرسىدىن ئۆزىنىڭ كىچىككىنە ئىختىراسىمۇ سۆيۈملۈك بولىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قان-تەرى، تەپەككۇرى سىڭىدۇ. بالىلار لەگلەك ئۇچۇرۇش ئارقىلىق خىيالىي تەسەۋۋۇرىنى كېڭەيتەلەيدۇ. ئاشۇ لەگلەك بىلەن تەڭ ئۇلارنىڭ تەسەۋۋۇرى ئاللىقاياقلارغا كېتىدۇ. ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار لەگلىكىنىڭ يىپى-تېزگىنىنى ئۆزى تۇتىدۇ. ئۇلار قوي بېقىش ئارقىلىق ئادەملەر ئارىسىكى مۇئامىلە سەنئىتىنى ئۆگىنىپلا قالماي، ئادەم بىلەن ئالەم( تەبىئەت) ئوتتۇرىسىدىكى سىرلىق باغلىنىشنى چۈشىنىپ قېلىشىدۇ. ئوماق قوزىلار بىلەن پىچىرلىشىدۇ.

    مۇشۇ يەردە سەھرا بالىلىرى ئويۇنلىرى بىلەن شەھەر بالىلىرى ئويۇنلىرىنى سېلىشتۇرغىمىز كەپ قالىدۇ. قارايدىغان بولساق، شەھەرلىك بالىلارنىڭ ئوينايدىغان ئويۇنلىرى «رەڭدار، مەزمۇندار»دەك كۆرۈنسىمۇ، ئۇلارنىڭ بىرىمۇ بالىلارنىڭ ئىختىرالىرى ئەمەس( كۆپىنچىسى ئېلېكترونلۇق ئويۇنچۇق). بەلكى بۇ پروگرامما لايىھىلىگۈچىلەرنىڭ ئەقلىي تەسەۋۋۇرى. ئۇنىڭدىكى مەزمۇنلار ساپلا ئۇرۇش، جېدەك. تېررورلۇق…ھەقىقىي تەربىيىۋىي ئەھمىيەت تۈسىنى ئالغانلىرى كەم. ئۇلار خۇددى بۈگۈنكى سىياسىئونلاردەك دۆلەتلەرگە بۆلىنىدۇ دە، شەھەرلەرنى قۇرىدۇ، ئارقىدىنلا ۋەيران قىلىدۇ. قورال كەملىسە پۇل بۇلايدۇ. تەبىئەتنى ۋەيران قىلىدۇ. مۇشۇ خىل بالىلار چوڭ بولسا ئادەم ۋە ئالەمگە قانچىلىك پايدىسى تېگەر؟! مۇشۇ يەردە قىستۇرۇپ قويۇش زۆرۈركى، توغرا دېيىلگەن تەقدىردىمۇ (ھەرگىز ئۇنداق دېگىلى بولمايدۇ) چوڭلار بىلەن بالىلار ئارىسىدىكى پەردىشەپلىك نەرسىلەر جەمئىيتىمىزدە ئاشكارا بوپكەتتى. كىتاب، ژۇرنال، گېزىت، تېلېۋىزور بۇنىڭ ئىپادىلىرى بوپ قالدى. تورخانىلارغا قارايدىغان بولساق، كىرىش ئىشىكلىرىنىڭ بېشىغا «قورامىغا يەتمىگەنلەر كىرىشكە بولمايدۇ!» دەپ ئالاھىدە يېزىلغان بىلەن، بۇلارغا ئاساسلىق «كىرىم» ئەكىرىدىغانلار بالىلار بولغانلىقى ئۈچۈن كىرگۈزۈلىۋېرىدۇ. بۇلارنىڭ مەكتەپكە بېرىش-بارماسلىقى سۈرۈشتە قىلىنمايدۇ. خەقنىڭ بالىسى بىلەن كىمنىڭ كارى؟! ھازىر ئاتا ئانىلار بالىلىرىنى مەكتەپتىن ئەمەس، «تورخانا» ۋە ئاللا قانداق «….خانا» لاردىن ئىزدەشكە قاپتۇ. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، ئائىلە تەربىيىسىگە قارىغاندا جەمئىيەت تەربىيىسى بالىلارغا بەكرەك تەسىر كۆرسەتمەكتە.

    ئەمەلىيەتتە، ئۇنىۋېرسال تەربىيىنىڭ ئەسلى ماھىيىتى بالىلارنى مۇكەممەل ئادەم قىلىپ چىقىشتا. ياشاشتىن مەقسەتمۇ« ئىنسانىي كامىل بولماقتۇر» ( شەمسۇددىن تەبرىزىي) . ئۇنىۋېرسال تەربىيە بالىلارنىڭ مۇستەقىل ياشاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. ئادەم ھامان مۇستەقىل ياشاشقا دۇچ كېلىدۇ. شۇڭلاشقا، ئاتا-ئانىلار بۇ مەسىلىگە بالدۇرلا ئەھمىيەت بېرىشى، بالىلىرىنى «مائاشلىق كادىر» قىلىش ئويلىرىغا قايتا قاراپ چىقىشى كېرەك. بالىلارغا ئالدى بىلەن روھىيەت ئېلېمىنىتلىرىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، ئۇلارغا بۇ دۇنيا ھەققىدىمۇ بەلگىلىك ئۇچۇرلارنى بېرىشى زۆرۈر. بىر ئادەم 50-70 يىل ياشاپ ، مەلۇم تەجرىبىگە ئېرىشىدۇ. شۇلارنى ئۆزى بىلەن بىللە گۆرگە ئەكىرىپ كەتسۇنمۇ؟! ئاتا-ئانىلار بالىلارغا بىزچە مۇئامىلە سەنئىتى، كېيىنىش، پۇل باشقۇرۇش… قاتارلىق ماددىي مەئىشەت ۋاسىتىلىرىدىنمۇ مەلۇم ساۋاتلارنى بىلدۈرۈشى كېرەك. بالىلارنى تەربىيىلەشتە ئۇلارنى قورقماس، قەيسەر، باتۇر قىلىپ تەربىيىلەشمۇ مۇھىم بولۇپ، بۇ خىل تەربىيە بالىلارنى مەسىلىلەردىن قاچۇرماي، مەسىلىلەرگە يۈزلەندۈرىدۇ. بالىلارنىڭ پىسخىك كەيپىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئوخشاشلا مۇھىم. « خاراكتېر ئىقتىدار دېمەكتۇر» ( يۇقارقى كىتاب، 180-بەت) .

    ۋېتىر ئەپەندى: «ئائىلە بالىلارنىڭ جەننىتى بولۇشى كېرەك» ( يۇقىرقى كىتاب، 228-بەت) دەپ يازىدۇ. ئۇنداقتا بىزدىكى ئائىلىلەر بالىلارنىڭ جەننىتى بولالارمۇ؟ مېنىڭچە، ناتايىن. كۆپىنچە ئائىلىلەردە ئۇ-بۇ سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن «ئائىلە تېنچلىقى» بۇزۇلۇپ تۇرىدۇ. ئەر بىلەن ئايال، قېيىن ئانا بىلەن كېلىن، قۇدا بىلەن قۇدا، ئۆگەي ئانا بىلەن ئۆگەي بالا … ئارىسىدىكى ماجرالار ئۈزۈلمەيدۇ. بۇ خىلدىكى «توقۇنۇش» لارمۇ بالىلارنىڭ ۋاقتىنى، زېھنىنى نابۇت قىلىۋېتەلەيدۇ. ھازىر ئۇيغۇر ئائىلىلىرىدە بىرلىك-ئائىلە بىرلىكى يېمىرىلىشكە قاراپ يۈزلىنىۋېتىپتۇ. چوڭلار بىلەن ياشلار ئارىسىدا مەلۇم ئارىلىق شەكىللىنىپ قاپتۇ. ھازىرقى ئائىلىلەردىكى ئەھۋالنى «توخۇ داڭگال چۈشەيدۇ، ئۆچكە جاڭگال» دېگەن تەمسىلگە يىغىنچاقلاش مۇمكىن. جەمئىيەتتە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى قىيامەتتىن بېشارەت بولسا، ئائىلىدە ئىشەنچنىڭ يوقىلىشى قىيامەتنىڭ دەل ئۆزىدۇر. بۇ خىلدىكى ئائىلىلەرنى قانداقمۇ بالىلارنىڭ جەننىتى دېگىلى بولسۇن؟! يېقىنقى يىللاردىن بېرى يەرشارى مىقيالىق ئاجرىشىش نىسبىتى يىلسېرى كۆپەيمەكتە… ئاھ، پەرۋاردىگار! بالىلار ئاتا-ئانىلىرى تۇرۇپ سەرگەردان يېتىم بولماقتا. ئۇلارنى«دارېئتام» دېگەندەك بېقىۋېلىش ئورۇنلىرى «تەربىيىلىمەكتە»… ئېيتىلىشىچە، ئىبلىس ئۆز شايكىلىرىنى ئادەملەرنى ئازدۇرۇشقا ئەۋەتىدىكەن. بىرى: « مەن ئادەم دېگەننى پالانى گۇناھنى قىلدۇرۇۋەتتىم!» دېسە، «ھېچقانچە ئىش قىلماپسەن!» دەيدىكەن؛ يەنە بىرى :« مەن پوكونى گۇناھنى قىلدۇردۇم »دېسە، «سەنمۇ ھېچقانچە ئىش قىلماپسەن!» دەيدىكەن؛ ئۈچىنچى بىرى كېلىپ: « شۇنداق ئامراق ئەر خوتۇنلار بار ئىكەن. مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا پىتنە سېلىپ ئاجراشتۇرۇۋەتتىم» دېسە، ئىبلىس :« ھە، سەن خېلى تىلغا ئالغۇدەك ئىش قىپسەن» دەيدىكەن… ئۇنداقتا ھازىر شەيتانلار قىن – قىنىغا پاتمايۋاتسا كېرەك.

    بۈگۈنكى كۈندە ئائىلە كىرىزىسى گەۋدىلىك كۆرۈنمەكتە. بەزى نا ئەھلىلەر ئائىلىنى «يۈك» دەپ قارىماقتا. بۇ بىزنىڭ ئەخلاق ئېڭىمىزدىكى چۈشكۈنلۈكنىڭ روشەن ئىپاسىدۇر.
    يەرشارى ئىنسانلارنىڭ، دۆلەت پۇقرالارنىڭ، ئائىلە جەمەتنىڭ ۋەتىنىدۇر. ئائىلە ئەجداد ۋە ئەۋلاد بىرلىكى بىلەن چەكسىزدۇر. بۇ چەكسىزلىكى بىلەن مۇقەددەستۇر.
    پەرزەنت تەربىيىسىدە ئانا تەربىيىسى ئەڭ مۇھىمدۇر. بۇنى ئانا تەربىيىسى دېسەكمۇ بولىدۇ. ئاتا تەربىيىسى بىر ئۈلۈشنى ئىگىلىسە، ئانا تەربىيىسى توققۇز ئۈلۈشنى ئىگىلەيدۇ. شۇڭلاشقا، «ئانىنىڭ بىر قولىدا بۆشۈك تەۋرىسە، يەنە بىر قولىدا دۇنيا تەۋرەيدۇ» دەيدۇ بوۋىلار. ئانىنىڭ تەربىيىسى بالىلارغا بىۋاسىتە ھەم ئۈنۈملۈكتۇر. مانا مەن ھاياتىم ئارقىلىق پەرزەنت تەربىيىسىنىڭ، جۈملىدىن ئانا تەربىيىسىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى ئىسپاتلىغانمەن. ئانىنىڭ كىشى ھاياتىدا نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەنمەن. ئانام مەن ئالتە ياش ۋاقتىمدا ئۆلۈپ كەتكەن. چوڭلارنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ مېنى بەش ياشقىچىلىك ئېمىتكەنىكەن. بەلكىم ئۇ ئارزۇ-ئارمانلىرىنى ئەنە شۇ ئاپئاق سۈتلىرىگە سىڭدۈرۈۋەتكەن بولۇشى مۇمكىن. باشقىلار ئۇنىڭ ئىنتايىن ھۆرمەتلىك پەزىلەت ئىگىسى ئىكەنلىكىنى دېيىشىپ، مېنىڭمۇ شۇنداق بولۇشۇمنى تىلەپ دۇئا قىلىپ كۆز يېشى قىلىشىدۇ. ھاياتىمدا ئانىنىڭ قەدرى بەك ئۆتۈلگەچكىمىكىن، تاس قالىمەن بەزىدە بىر قورام تاشنى« ئانا!!!» دەپ قۇچاقلاپ سالغىلى:

    نەمەنگاندىن كېتەر بولسام مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
    غېرىبلىق شەھرىدە ئولسام مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
    مۇھەببەت شەربىتىن ئىچتىم، قااندەك قاينابان تاشتىم،
    بۇ فانىي دۇنيادىن كەچتىم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
    تۈشۈپتۇر باشىمە سەۋدا، رەمۇزى ئىشقىدىن غەۋغا،
    ئۆزىگە ئەيلىدى شەيدا مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ؟
    بۇ مىسكىن زارى مەشرەپنىڭ كىشى ھالىنى بىلمەيدۇر،
    بۇ يەردىن باش ئالىپ كەتسەم مېنى يوقلار كىشىم بارمۇ
    ( «نەۋا» مۇقامىدىن)

    شۇڭلاشقىمۇ ئانىلارغا ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. ئانا ھەققىدىكى ئەسەرلەرنى كۆپ ئوقۇيمەن. شائىر ئابدۇلباسىت ئابدۇراھماننىڭ «ئانا»، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» ناملىق داستانلار مەن ئەڭ كۆپ ئوقۇغان شېئىرلاردۇر. بولۇپمۇ «ئۇلۇغ ئانا ھەققىدە چۆچەك» نى ئالاھىدە تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدۇ. قاراڭ، مەلىكە يۈرەكنى سورىغنادا ، ئۆز ئوغلى ئۈچۈن يۈرىكىنى ھېچ ئىككىلەنمەي سۇغۇرۇپ ئېلىپ بەرمەكچى بولغان ئانا، ئوغلىنىڭ ۋەتەنگە خائىنلىق قىلىش غەرىزىنى بىلگەندىن كېيىن ئۆز قولى بىلەن چېپىپ تاشلايدۇ. سىز 100% ئالغان بالىنىڭ پىشانىسىگە سۆيۈپ بەختىگە دۇئا قىلغان ئانىنىڭ مېھرىگە سەل قارىماڭ! ئانا تەربىيىسىگە سەل قاراپ بولماسكى، گېزى كەلگەندە ئۇ بارچە نەرسىنى بېسىپ چۈشىدۇ. بەزىلەر ۋەتەننى ئانىغا ئوخشىتىدۇ.

    شۇڭلاشقا بىز ئالدى بىلەن ئانا تەربىيىلەشكە كۈچ چىقىرىشىمىز كېرەك. بىزنىڭ بەزى ئاتا- ئانىلىرىمىز نەزىرىدە قىز بالا «بەرىبىر تالانىڭ ئادىمى». ئۇلار قىز بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە ئوغۇللارغا قارىغاندا كۆپ كۈچ سەرپ قىلمايدۇ. شۇڭلاشقا بەزى قىزلىرىمىزمۇ چوڭ بولۇپ ئۆزلىرىنى ئانا دەپ ئەمەس، ئايال دەپ تونۇشقان. ئاتا- ئانىلار ئۆيلىرىگە يارامسىز كېلىننىڭ كىرىپ قېلىشىنى ھەرگىزمۇ خالىمايدۇ، ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن قىز بالىلىرىنى تەربىيىلەشكە كۈچ چىقارمايدۇ؟ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام : « كىمنىڭ بىر قىز بالىسى بولۇپ، ئۇنى ياخشى تەربىيىلىسە دوزاقتىن پەردە بولىدۇ» دېگەن. پەرزەنت تەربىيىسىدە ئانا ئەڭ مۇھىم بولغانلىقى ئۈچۈن، جورا تاللىغاندىمۇ ئۆزىنىلا نەزەرگە ئالماي، كەلگۈسى ئەۋلادلارنىڭ بەختىگىمۇ قاراش كېرەك.

    يەرشارىنىڭ سىياسى ھاۋاسى ئاشۇ نارەسىدە بالىلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئۇرۇش، زوراۋانلىق لەكمىڭ-لەكمىڭ بالىلارنى ئۆلۈم-يارىلىنىش، ئاچارچىلىق، كېسەل، سەرگەردانلىق گىردابىغا ئاپارماقتا. چوڭلار بالىلارغا ئاپەت ئەكەلمەكتە. بىر نەچچە كۈن ئاۋۋال مەلۇم بىر ئۇيغۇرچە تور بېتىدىكى« ئۇرۇشنىڭ بالىلارغا ئەكەلگەن سوۋغىسى» سەرلەۋھىلىك بىر پارچە سۈرەتنى كۆردۈم: ئاۋاق، يالىڭاچ بىر بالا ئەخلەتلەر ئارىسىىدن يېمەكلىك تېپىپ يەۋېتىپتۇ!
    ئاشۇ بالىلارغا قارايدىغان بولساق، زېمىنغا چېچىۋېتىلگەن مەرۋايىتلارمىكىن دەپ قالىمىز. ئەپسۇس، بۇ مەرۋايىتلارنىڭ بەزىلىرى تار ئۆيلەرگە سولانغان بولسا، گاھىلىرىنىڭ يۈز –كۆزلىرىگە توپا قونۇپ قالغان. نەزىرە مۇھەممەد سالىھ ئۆزىنىڭ «شەرق يۇلتۇزلىرىنى ئىزدەپ» ناملىق كىتابىنىڭ «كىرىش سۆز»ىگە :« … مەن ئاخىر … چۆمۈچنىڭ ئورنىغا قەلەم ئالدىم… ئوغلۇمنىڭ مەڭزىگە سۆيگەندە، توپىدا ئويناۋاتقان مىڭلاپ بالىلارنىمۇ سۆيەي دېدىم…» دەپ يازىدۇ. توغرا، دىيارىمىزدا تالاي بالىلار سۆيۈلۈشكە موھتاج. چۈنكى، « نەسرۇددىن ئەپەندى كالىچىنى مۇزېيغا ئەمەس، بالىلارغا قالدۇرغان» ( «ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى»، 374-بەت).
    پەرزەنت تەربىيىسىدە مەكتەپ ۋە جەمئىيەت تەربىيىسىمۇ بەلگىلىك رول ئوينايدۇ. شۇڭلاشقا مەكتەپ ۋە جەمئىيەتتىكى ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىز بالىلاردىن ئىبارەت كەلگۈسىنىڭ ئىگىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بىلەن قارىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
    لۇشۇن ئەپەندى: « بالىلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!» دەپ نىدا قىلسا، مەن :« بالىلىرىڭلارنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار!» دەپ خىتاب قىلىمەن.
    قاچانمۇ بەئەينى «جەننەتۇل مەئۋا»، «جەننەتۇن نەئىم»، «جەننەتۇل فىردەۋس»كە ئوخشاس گۈزەل ئائىلىلەر مۇھىتى بارلىققا كېلەر –ھە ؟!…

    2004-يىل، 27- ئاپرېل، شەھىرى ئاتۇش
    «شىنجاڭ مەدەنىيتى» 2004-يىللىق 4-سانىدىن ئىلىندى.

  7. نۇھ مۇنداق يازغان:

    بالا تەربىيىسىدە ئائىلە ئاساس، ھەربىر ئائىلە بىرىنچى مەكتەپلىك، ھەربىر ئاتا – ئانا بىرىنچى ئوقۇتقۇچىلىق ماھىيىتىنى تولۇق ئىدراك قىلغان، ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرغاندا، مەكتەپ مائارىپىنىڭ ئاساسىي لىنىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرغىلى بولىدىكەن. مەكتەپ مائارىپىدا مېخانىكىلىق يەتكۈزۈشنى ئەمەس، ئادەم تەربىيىلەشنى ئاساس قىلغاندا ئاندىن ئائىلە مائارىپىنىڭ نەتىجىسى مۇستەھكەملىنىدىكەن. بالا تەربىيىسى ھالقىسىدا جەمىيەتنىڭ رولى تېخىمۇ مۇھىمكەن، چۈنكى جەمىيەت بالىلارنىڭ ئائىلىدە ۋە جەمىيەتتە ئۈگەنگەنلىرىنى ئەمىلىيەتكە ئايلاندۇرىدىغان، ھەركەت ۋە بىلىمنى ھەقىقىي مەنئىۋىي سۈپەتكە( ساپاغا ) پىرىسلايدىغان مەيدان ئىكەن. لېكىن ھازىر بالىلار تەربىيىسىدىكى يۇقىرىقى ئۈچ ھالقىنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم يوچۇقلار ساقلىنىۋاتىدۇ، بولۇپمۇ ئىقتىسادىي تەرەققىيات بىلەن ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ماس قەدەملىك بولماسلىقى ياش- ئۆسمۈرلەر تەربىيىسىدە بىرمۇنچە زىددىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ يۇقىرى كۆتىرىلىشى، جىنايەت ئۆتكۈزۈش يېشىنىڭ كىچىكلىشى، ئوغرىلىق، پاھىشىۋازلىق، قىمار، زەھەرلىك چېكىملىك قاتارلىقلارنىڭ ياش – ئۆسمۈرلەر ئارىسىدا يامرىشى ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىگە چوڭقۇر سۇئاللارنى قويىدۇ…

  8. ئارزۇ مۇنداق يازغان:

    مەن ۋەتەن ئەپەندىمنىڭ پىكرىنى قۇۋۋەتلەيمەن.مېنىڭچىمۇ بالىلاردىكى مەسىلە پىسخىكىلىك مەسىلە ۋە كەم بولىۋاتقان ئادىمىلىك تەربىيىسى ،ئاتا-ئانىلاردىكى ساپا شۇنداقلا ئۇسۇل مەسىلىسى.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟