نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نادىر تەرمىلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئارزۇ قىرغاقلىرىنى بويلاپ…

مۇھەرىرنىڭ سۆزى: بوۋاق تۇنجى قەدەملىرىنى مۇستەقىل باسقاندا، ھەممە كۈلگەنىدى. چۈنكى ئۇ بۈگۈن بىر-ئىككى قەدەمنى مۇستەقىل باستى. ئەتە مېڭىشنى، ئۆگۈن يۈگرەشنى ئۆگىنىدۇ…
ئۆز ئارزۇ-ئارمانلىرى ئۈچۈن يېڭىچە يول ئېچىپ، ھالال مېھنەت قىلىش دەۋرىمىز ياشلىرى يېتىلدۈرۈشكە تېگىشلىك ئېسىل پەزىلەت. ئەنە شۇ ئارزۇ-ھەۋەسلەر تۈرتكىسىدە دۆلەتنى روناق تاپقۇزۇش، مىللەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتىن ئىبارەت ئېغىر ۋەزىپىنى زىممىسىگە يۈكلىگەن بەزى ئىستۇدېنتلىرىمىز دەرسلەرنى ۋاقتىدا ياخشى ئۆزلەشتۈرۈپ ماڭغاندىن سىرت، ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەپ ، بىر تەرەپتىن ئائىلە ئىقتىسادىنى يېنىكلەتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنى ھەر تەرەپتىن چېنىقتۇرۇپ، ئۆز قىممىتىنى ياراتماقتا، شۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇخبىرلىرىمىز دەرستىن سىرت ئىشلەۋاتقان ئىستۇدېنتلىرىمىزنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى، ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى كۆز-قاراشلىرىغا قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى تەپسىلاتلاردا بولسۇن.

گېزىتىمىزمۇخبىرى: چوغلۇق ھەدە ياخشىمۇسىز؟ سىزنىڭ ئائىلە شارائىتىڭىز ياخشى بولسىمۇ بىلىشىمىزچە سىز تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىڭىزدىن باشلاپلا ئوقۇشتىن سىرت ۋاقتىڭىزدىن پايدىلىنىپ ئىشلەپ كېلىۋىتىپسىز، بۇنىڭ سەۋەبىنى ئىيتىپ بېرەلەمسىز؟
چوغلۇق باتۇر: توغرا، مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان چاغلىرىمدىن باشلاپلا ئوقۇشتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئىشلەشكە باشلىغان، مەن كىچىكىمدىن باشلاپ خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان، ئىنگىلىزتىلىغا قىزىقىمەن، مەن تۇنجى قېتىم بىر قېتىملىق دورا يەرمەنكىسىدە ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە، ئىنگىلىز تىلىدا تەرجىمانلىق قىلىش بىلەن باشلىغان ئىدىم، كېيىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بولدۇم، بۇ جەرياندا بالىلارغا ئىنگىلىز تىلىدا دەرس ئۆتتۇم، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا دەرس ئۆتتۇم، ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش جەريانىدىمۇ ۋاقىتلىرىمنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەۋاتىمەن. ھازىر ئاتلان تىل تەربىيىەلەش مەركىزىدە ئىنگىلىز تىل دەرىسى ئۆتىۋاتىمەن، مېنىڭ دەرسىتىن سىرتقى ئىشلەشتىكى مەقسىتىم، ئۈگەنگەنلىرىمىنى تەكرارلاش، چۈنكى تىلنى تەكرارلاپ ئۆگىنىپ تۇرمىسا ئۇنتۇپ قالىدۇ، كۆپ سۆزلەش ئارقىلىق تىلنى تېخىمۇ پىششىقلىغىلى بولىدۇ.
گېزىتىمىزمۇخبىرى: ئىشلەش جەريانىدا ئۆگىنىشىڭىزگە تەسىرمۇ بولدىمۇ-يوق؟ ۋاقتىڭىزنى قانداق ئورۇنلاشتۇرۇدىڭىز؟ بۇ جەرياندا نېمىلەرنى ھېس قىلدىڭىز؟
چوغلۇق باتۇر: مېنىڭچە تەسىرى بولمىدى دەپ ئويلايمەن. چۈنكى مەن ھەرقانداق ئەھۋالدا ئۈگىنىشنى ئاساسىي ئورۇنغا قويىمەن. ھەپتىنىڭ بىرىدىن بەشىگىچە ھەركۈنلۈك ئۆتكەن دەرسلەرنى ۋاقتىدا ئۆزلەشتۇرۇشكە كاپالەتلىك قىلىمەن ھەمدە خاتىرە قالدۇرىمەن، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىدە بولسا ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەيمەن، راستىنى ئېيتسام بۇ جەرياندا ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا يولۇقتۇم، كىچىكىمدىن خەنزۇچە مەكتەپتە ئوقۇغان بولغاچقا ئۇيغۇرچىنى راۋان سۆزلىيەلمەيمەن، بۇ جەھەتتە كۆپ تىرىشتىم، ئاتا-ئانامدىن، ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمدىن ياردەم سورىدىم ھەمدە مۇنۇلارنى ھېس قىلىپ يەتتىم. بىرىنچىدىن، ئادەمدە مەسئۇلىيەتچانلىق تۇيغۇسى بولۇشى كېرەك ، بولۇپمۇ دوختۇرلاردا تېخىمۇ شۇنداق، ئىككىنچىدىن، ئەستايىدىل بولۇشى كېرەك، چۈنكى ئادەم ئەستايىدىل بولغاندىلا مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشىش ئېھتىماللىقى چوڭ بولىدۇ. ئۇچىنچىدىن، قانداق پۇل تېپىش ۋە پۇلنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلىۋالدىم. قىسقىسى ، پىلانلىق ئىش كۆرۇشنى ئۈگەندىم دىسەممۇ بولىدۇ.
گېزىتىمىزمۇخبىرى: شاھىدە، سىز دەسلەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيگە بىرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىىپتكەنسىز، ھازىر بولسا ئوقۇغۇچىلارنى بىر يەرگە يىغىپ ماتىماتىكىدىن تەكرار سىنىپى ئىچىپسىز. مۇشۇ سىنىپىڭىز توغرسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز؟
ئېغىز بوشلۇقى 2008-1 سىنىپتىن شاھىدە: مەن تولۇق ئوتتۇرىدا ماتىماتىكا، خىميە، فىزىكا پەنلىرىدە ئالاھىدە ياخشى ئىدىم. يەنە بىر جەھەتتىن ئۆز كۈچۈمگە تايىنىپ يول تىپىشنى ياخشى كۆرىمەن. شۇڭلاشقا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تۈگىتىپلا يۇقارىقى ئۈچ پەندىكى ئالىي مەكتەپ سۇئالىدا كۆپ كۆرىلىدىغان فورمۇلالارنى، قائىدە-قانۇنىيەتلەرنى يىغىپ بىر ماتىرىيال تۈزۈپ ئوقۇغۇچىلارغا ساتتىم. بۇ ئىشلارنى قىلىش جەريانىدا يەنە دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا ئائىلە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىش ئويىغا كەلدىم، بۇرۇنقى ئوقۇتقۇچىلىرىمنىڭ رىغبەتلاندۈرشى ئارقىلىق، بۇ پىلانىمنى ئەمەلگە ئاشۇردۇم. دەسلەپتە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆيىگە بىرىپ دەرس ئۆتتۈم، كىيىنچە مەن ئويلىنىش ئارقىلىق بىر سىنىپ ئىجارە ئىلىپ بالىلارنى شۇ يەرگە يىغىپ دەرس ئۆتتۈم ھەم ھازىرغىچە شۇ يەردە ئۆتىۋاتىمەن. دەرس ئۆتۈش جەھەتتىن، ئۇقۇتۇش مىتوتىم ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇلارنىڭ پىسخىكىسنى ئوبدان چۈشنىمەن. يەنە بىر جەھەتتىن، سىنىپتا ئوقۇغۇچى سانىغا چەك قۇيۇپ، دەرس ئۈنۈمىگە كاپالەتلىك قىلىمەن. ئۆزۈم دەرس ماتىريالى تەييارلاپ بېرىمەن. ئايدا بىر ئىمتىھان ئىلىپ، نەتجىگە ئاساسەن ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىمەن. گەرچە مۇكاپات سوممىسى ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ لىكىن بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش قىزغىنلىقىغا ئاكتىپ تەسىر كۆرسەتتى.
گېزىتىمىزمۇخبىرى:تەربىيلەش سىنپىڭىز ھازىر خىلى مۇستەھكەم ئاساسقا ئىگە ئىكەن. تېببىي ئۇنۋىرسىتتىكى نەتىجىلىرىڭزمۇ ياخشى ئىكەن. ئۇنداقتا سىزنىڭ ئۆز كەسپىڭىز ۋە تەربىيلەش سىنپىڭىز توغىرسىدا قانداق پىلانىڭىز بار؟
شاھىدە: مەن ئوقۇش پۈتتۈرۈپ چەتئەلگە چىقىپ بىلىم ئاشۇرۇش، قايتىپ كەلگەندە ئۆزۈمنىڭ بىر ئىغىز بوشلۇقى ئامبۇلاتۇرىيسى قۇرۇش پىلانىم بار. ئەلۋەتتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشنى توختاتمايمەن. سىنىپنى كىڭەيتىپ ئېنگىلىزتىلى، خەنزۇتىلى، ماتىماتىكا تەكرار سىنىپىلىرىنى ئىچىش پىلانىممۇ بار. كىلەر يىلى بىر خەنزۇتىلى ئوقۇتقۇچىسى بىلەن بىرلىشپ تولۇقسىز ئۈچىنچى يىللىقنىڭ تەكرار سىنىپى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.
گېزىتىمىزمۇخبىرى: ھەسەنجان سىز ھازىر قەيەردە ئىشلەۋاتىسىز؟ ئوقۇشتىىن سىرت ئىشلىشىگىزگە نىمە سەۋەب بولدى؟
تەييارلىق 14-سىنىپتىن ھەسەنجان توختى: مەن ھازىر بىر قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتىمەن. ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ياخشى بولمىغاچقا تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ چاقىرىق قەغىزىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندىن كېيىنمۇ ئوقۇش–ئوقۇماسلىقىم ئېنىق ئەمەس ئىدى، ئەمما دادام مال-چارۋىلارنى سىتىپ، قەرىز ئىلىپ دېگەندەك قىلىپ مېنىڭ ئوقۇش پۇلۇمنى جەملەپ مېنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ كەلدى، مەكتەپكە ئورۇنلىشىپ بولغاندىن كېيىن دادام قايتارىدا:« بالام ، قۇلۇم قىسقا بولۇپ قالدى، سېنى قىيناپ قويىدىغان بولدۇم ، تېجەپرەك ئىشلىتەرسەن!»،- دەپ 560 يۇەن پۇلنى قولۇمغا تۇتقۇزۇپ قويۇپ، بىر كۆزى ئالدىدا، بىر كۆزى كەينىدە يۇرتغا قايىتتى. كۈنلەر ئۆتكەنسىېرى دادام قالدۇرۇپ كەتكەن پۇل ئازلاپ، تۇرمۇش خىراجىتىدىن قىينىلىشقا باشلىدىم. لىكىن دادامنىڭ مەن بىلەن خۇشلاشقاندا ئىيتقان سۆزلىرى يادىمغا يېتىپ، ئۆيىدىكىلەرنى يەنە قىيناشنى خالىمىدىم، ئاخىرى تۇرمۇشمنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ۋە ئۆزۈمنى چىنقتۇرۇش مەقسىتىدە ھازىرقى قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەۋاتىمەن.
گېزىتىمىز مۇخبىرى: مېنىڭچە بۇ ئىش چوقۇم جاپالىققۇ دەيمەن؟ جىسمانىي ئەمگەك قىلىش ئۆگىنىشڭىزگە تەسىر كۆرسەتتىمۇ؟
ھەسەنجان توختى: قۇرۇلۇشتا ئىشلەش ھەقىقەتەن جاپالىق، بەزىدە پۇت-قۇللىرىم سېقىراپ ئاغرىيدۇ، لېكىن ئاتا-ئانام تارتقان جاپالىرى ئالدىدا بۇلار ھېچقانچە گەپ ئەمەس، ھەرقېتىم ئىش ھەققىنى قولۇمغا ئالغىنىمدا ھارغىنلىقىم يوقاپ كېتىدۇ،دەم ئېلىش كۈنلىرى ھەممە بالا تاتلىق ئوخلاۋاتقاندا مەن ئىسسىق ئورنىمدىن ئاستا سوغىرىلىپ ئىش ئورنىمغا ماڭىمەن، كەچتە ئىشتىن چۇشۇپ بىكەتكىچە بولغان 3~2 كېلومىتېرلىق يولنى يۇگرەپ ماڭىمەن، بولمىسا كەچ كىرىپ كېتىپ ئاپتۇبۇسقا ئۈلگۈرەلمەيمەن، ئاپتۇبۇسقا چىققاندا كىشلەر مېنىڭ لاي چاچراپ كەتكەن ئۈستى-بېشىمغا غەلىتە نەزەردە قارىشىدۇ، بەزىلىرى ھەتتا ماڭا تېگىپ كېتىشىتىن قورقۇپ، ئۆزلىرىنى ئەپقاچماقچى بولىشىدۇ، لىكىن مەن ئۇلارنى پەرۋايىمغا ئالمايمەن، ئادەم ھامان ئۆز ئەمگىكىنىڭ نەتجىسىنى كۆرىدۇ، مەن قىلىۋاتقان ھالال ئەمگىكىمدىن پەخىرلىنىمەن.
گېزىتىمىز مۇخبىرى: جەمىلە سىز ھازىر قەيەردە، قانداق ۋاقىتلاردا ئىشلەۋاتىسىز ؟ سىز قانداق بولۇپ ئوقۇشتىن سىرت ئىشلەش ئويىغا كېلىپ قالدىڭىز ؟
تەييارلىق 14ـ سىنىپتىن جەمىلە ئىسمايىل: مەن ھەر كۈنى چۈشتە ھەم شەنبە ، يەكشەنبە كۈنلىرى مەلۇم بىر ئاشخانىدا ئىشلەۋاتىمەن . ئائىلىمىزنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس، شۇنداق بولسىمۇ شۇنچە كۆپ ئوقۇش پۇلۇمنى ئاتا ـ ئانام غەملەپ بەردى . مەن ئاتا ـ ئانامنىڭ يۈكىنى ئازراق بولسىمۇ يەڭگىللىتىپ ، ئۆز خىراجىتىمدىن ئۆزۈم چىقاي دەپ ئويلاپ دەم ئېلىش كۈنلىرى ئىشلەش ئويىغا كەلدىم .
گېزىتىمىز مۇخبىرى: سىز ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ سىزنى ئىشلەۋاتقان ۋاقتىڭىزدا كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ باققانمۇ ؟ ساۋاقداشلىرىڭىز ئىشلىشىڭىزگە قانداق قارايدۇ ؟
جەمىلە ئىسمايىل: ياق، مەن ئىشلىيەلىگەنلىكىمدىن، ئۆز ئىھتىياجىمنى ئۆزۈم قامدىيالىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىمەن. چۈنكى مەن باشقىلار قىلالمىغان ئىشنى قىلىشقا جۈرئەت قىلالىدىم . ئۆز كۈچۈمگە تاياندىم . ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىشلەش، ئەمگەك قىلىش نومۇس قىلىدىغان ئىش ئەمەس. ساۋاقداشلىرىممۇ مېنى بەك قوللايدۇ، ماڭا كۆڭۈل بۆلىدۇ. ھەتتا بەزىلىرى ئىشلەيدىغان جايغا تونۇشتۇرۇپ قويۇشۇمنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.
گېزىتىمىز مۇخبىرى: سىز ئىشلەش جەريانىدا قانداق قىيىنچىلىقلارغا ئۇچرىدىڭىز ؟ بۇ چاغلاردا ئىشلەش ـ ئىشلىمەسلىك توغرىسىدا ئىككىلىنىپ باقتىڭىزمۇ ؟ بۇنى قانداق ھەل قىلدىڭىز ؟
جەمىلە ئىسمايىل:ئاشخانىدا ئىش ھەقىقەتەن كۆپ. ھېرىپ ـ چارچاش تۈگۈل ، ھەتتا بەزىدە تاماقمۇ يىيەلمەيمىز. باشقىلارنىڭ قوپال مۇئامىلىسىگە ئۇچرايمىز . شۇنداق چاغلاردا كۆڭلۇم بەكمۇ يېرىم بولىدۇ . مەنمۇ باشقا ساۋاقداشلارغا ئوخشاش ئوقۇشۇمنى ياخشى ئوقۇپ ، كۈنلىرىمنى ئازادە ئۆتكۈزسەم بولمامدۇ ؟ دەپ ئويلاپ قالىمەن. بىراق جاپاكەش ئاتا ئانامنى ئويلىسام بۇ ئويدىن يالتىيىمەن . ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر قانداق قېيىنچىلىققا ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرسە ھەمان غەلبە قازانغىلى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .

ئاخىرقى سۆز

نەتىجە ھامان ئۆز ئەمگەكلىرىمىزدىن كېلىدۇ. ھېچبىر ئىنسان ئىنتىلىش بىلەنلا بەخىتكە ئېرىشەلمەيدۇ. غەم-قايغۇ بىلەن بەختسىزلىكنى كەتكۈزەلمەيدۇ. ئۆز بەختى ئۈچۈن پىشانىسىدىن تامچىلىدىغان ئاچچىق تەر باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقى ۋە ئۆزىنىڭ ئاتالمىش تەتۈر پىشانىسى ئۈچۈن قايغۇرۇپ تۆككەن ياشتىن تاتلىق ئەلۋەتتە. ئەنە ئاشۇ ھالال تەردىن سۇغۇرۇلغان تۇرمۇش دەرەخلىرىمىز بەرگەن مېۋە ھەر قانداق مېۋىدىن شېرىن ۋە بەرىكەتلىك. زىيارىتىمىزنىڭ ئاخىرىقى قۇرلىرىدا ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىشلەپ، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئوقۇۋاتقان ھارماس تۇلپارلارغا ئاپرىن ئوقۇش بىلەن بىرگە ئۇلارنىڭ بۇندىن كىيىنكى ئۆگىنىش، تۇرمۇشىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز.

‹‹ شىنجاڭ تېببىي ئۇنىۋېرسىتېتى گېزىتى ›› 164 – سانىدىن ئېلىندى.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئارزۇ قىرغاقلىرىنى بويلاپ…

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!8 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى مانا بلوگبۇسمۇ ئوڭشالدى ئەمدى بانامۇ قالمىغاندۇ پائالىيەتنى يوللىماسلىققا ھى ھى ھى

  2. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    ھەربىر ستودىنتلىرىمىزدا مۇشۇنداق روھ بولغان بولسا نېمە دىگەن ياخشى ھە

  3. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    ھەر بىر ئوقۇغۇچىدىن تەلەپ قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ مەلۇم ئوقۇغۇچىلاردا ئەنە شۇ خىل روھ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىدۇ.

  4. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    يۇقىرىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ سۆزلىرىنى كۆردۈم، ھەمدە مەنمۇ ئىككى ئېغىز سۆز قىستۇرۇپ قويۇشنى مۇۋاپىق كۆردۈم (يۈكسەل ئەپەندى سىز بۇ تېمىغا ئىنكاس يازمىسىڭىز بولمايدۇ دەپ ئادەمنى تەتۈر قىيناپ شۇ :roll: چاقچاق)
    ئۆز پىكىرىمگە كەلسەك:
    جاپانىڭ تېگى ئالتۇن — مانا بۇ بىزنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئۇزۇن يىللىق تۇرمۇش مۇساپىسى جەريانىدا يەكۈنلەپ بىزگە قالدۇرۇپ كەتكەن ھەقىقەت.
    مەنمۇ ئۆز كەچۈرمىشىم توغرىسىدا ئازراق توختىلىپ ئۆتەي، مېنىڭچە تېخىمۇ كۆپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىلھام ئېلىشى ئۈچۈن ئاز تۇلا پايدىسى بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايمەن.
    مەن ئەقلىمگە كەلسەم، ئائىلىمىز نامرات بىر ئائىلە ئىكەنتۇق، ئادەمگە بەختسىزلىك كەلسە قوش كېلەر دېگەندەك، ئەقلىمگە كېلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي رەھمەت دادام بىز بىلەن خوشلىشىپ كەتتى….. مانا ھەش پەش دېگۈچە دادامنىڭ بىز بىلەن خوشلاشقىنىغا 21 يىل بولۇپ قالدى.
    ئائىلىمىزدە بالا كۆپ (ھازىر ھايات بولغىنىمىز 9 بالا) ئانام بىزنى قاتارغا قوشىمەن دەپ كۆپ جاپا تارتىپ كەتتى. دادام تۈگەپ كېتىپ ئۇزۇن ئۆتمەي مەكتەپ يېشىمغا توشۇپ قالدىم. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپكە باردىم. ئانامنىڭ يۈكى تېخىمۇ ئېغىرلاشتى. لېكىن ئامال قانچە؟ بالىلارنىڭ ھەممىسى كىچىك، ئائىلىمىزنىڭ كىرىم مەنبەسى يوق، شۇنداق بولسىمۇ ئانام بىر ئايال كىشى بولۇشىغا قارىماي بىز 9 بالىنى قاتارغا قوشىمەن دەپ كۆپ جاپا تارتتى….
    يەنە شۇ بەختسىزلىك ماڭا كەلگەن بولدى، مەن مەكتەپكە بېرىپ 1 يىل بولغاندا ئائىلىمىز مېنىڭ ئوقۇشۇمنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى قوللاشقا ئامالسىز قالدى.شۇنىڭ بىلەن مەن باشلانغۇچ 1-يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇم ئاخىرىقى مەزگىلگە كەلگەندە مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىندىم ھەمدە ئۆيدە ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم (قوي بېقىش، ئېتىز-ئارەك ئىشلىرىغا ياردەملىشىش قاتارلىقلار…)
    يەنە بىر يىل ئۆتتى، مېنىڭ ساۋاقداشلىرىم باشلانغۇچ 2-يىللىقنىڭ ئىككىنچى مەۋسۇمنى ئاخىرىقى مەزگىلىگە كەلگەندە كەنت ۋە مەكتەپ رەھبەرلىرى ئائىلىمىزگە كېلىپ مېنىڭ كىتاب پۇللىرىمنى ھەقسىز قىلىپ بېرىش شەرتى ئاستىدا مېنىڭ قايتىدىن مەكتەپ دەرۋازىسىدىن قەدەم ئاتلاش ئارزۇيۇمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ بەردى. ئەلۋەتتە، مەن ئۆز سىنىپىمغا كىرىپ ئەسلىدىكى ساۋاقداشلىرىم بىلەن بىرگە ئوقۇدۇم….
    نامراتچىلىق، يىتىملىك دەردى يامانكەن… مەكتەپتە ھەمىشە شۇ نامراتچىلىق ۋە يىتىملىكنىڭ دەردىنى كۆپ تارتتىم…. لېكىن روھىمنى چۈشۈرمىدىم…. كۆپ ئىشلارنى بېشىمنى ئۆتكۈزدۈم، قىسىقىسى مېنىڭ كەچۈرمىشىم ئۆز يېشىمغا زادىلا ماس كەلمەيتتى… شۇ مەگىللەردە تېلېۋۇزۇردا كارتۇن فىلىم «ماركونىڭ ئاپىسىنى ئىزدىشى» دېگەن فىلىمنى كۆپ بېرەتتى. ھەر قېتىم قىيىنچىلىققا ئۇچرىسام ماركونى ئەسلەيتتىم، ئاشۇ ماركو جېنىدا كىچىكلا تۇرۇپ ئاپىسىنى ئىزدەش يولىدا شۇنچە رىيازەت چەكسە ۋاي دېمىگەن يەردە ماڭ بۇ نېمە كەپتۇ دەپ ئۆزۈمگە تەسسەللىي تاپاتتىم….
    تۇلۇقسىزغىمۇ چىقىپ قالدىم، تۇلۇقسىزغا چىققاندىن كىيىن مەكتەپ ۋە كەنت رەھبەرلىرى ۋەدە قىلغان كىتاب پۇلىنى كۆتۈرۈۋېتىش سىياسىتى بىكار بولۇپ كەتتى… مەن يەنە بىر قېتىم مەكتەپتىن چىقىرىۋېلىنىش خىرىزىسىغا دۇچ كەلدىم. قانداق قىلىش كېرەك؟ مەكتەپتىن چىقىۋېلىش كېرەكمۇ؟ ياق. ھەرگىز بۇنداق ئەخمەقلىق قىلىشقا بولمايدۇ. چۈنكى بۇ قېتىم مەكتەپتىن چىقىپ كەتسەم، ماڭا يەنە بىر قېتىم پۇرسەتنىڭ كېلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس….. ئۇنداق بولسا قانداق قىلىش كېرەك؟ «پۇت-قولۇڭ ساق بولغاندىكىن ئىشلە!» دەيتتىم ئۆزۈمگە… شۇنىڭ بىلەن مېنىڭ ھەقىقىي پۇل تېپىش (ھازىرقى تىل بويىچە ئوقۇشتىن سىرتقى ئىشلەپ ئۆز خىراجىتىنى ھەل قىلىش) كەچۈرمىشىمنى باشلىۋەتتىم. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار «ھايات چاقچىقى» ئەسىرىدىكى قەدىردان ئوبرازىغا سىڭدرۈرىۋېتىلگەن… شۇڭا بۇ يەردە قايتا تەكرارلاپ ئولتۇرمايمەن.
    ئىشقىلىپ مەكتەپتە ئوقۇش ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشتىن باش تارتمىدىم….. كىم مېنى دادىسىدىن بۇرۇنلا ئايرىلىپ قالسۇن دەپتىكەن؟ ئەمما مەن تەقدىدىمنى بۇنداقلا قاراڭغۇ بولۇپ قېلىشىنى خالىمايمەن….
    مېنىڭ دەسلەپكى ئىشلىشىم ئېتىز ئوتاش بىلەن باشلانغان بولسا، تاكى ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتكۈچە بولغان ئارىلىقتا ھەممىسى يۇقىرىقى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ كەچۈرمىشى بويىچە قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلەش بىلەن ئۆتتى… ئەلۋەتتە، ئۇ مەزگىلدە بىر كۈن شىياۋگۇڭ (小工) بۇلۇپ ئىشلىسەك 15 يۈەن بەرسە ناھايىتى خوشال بولاتتۇق….. ئەمما مۇشۇ 15 يۈەننىمۇ بېرىدىغان جاي يوق ئىدى…
    تۇلۇقسىزنىمۇ پۇتتۈردۈم، ئائىلەمدىكىلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ يۈرۈپ (چۈنكى ئۇلار مېنىڭ ئىمتىھان بېرىشىمگە قارىشى ئىدى) بەرگەن ئىچكىرىدىكى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا بەرگەن ئىمتىھانىمنىڭ نەتىجىسىمۇ چىقتى. مەن ئۆتۈپتىمەن. مەكتەپ بويىچە يالغۇز مەنلا ئىچكىرى تۇلۇق ئوتتۇرا سىنىپىغا ئۆتۈپتىمەن… نېمە دېگەن خوشاللىق ھە؟
    سىز خوشال بولدىڭىزمۇ؟ ئەمما مەن خوشال بولمىدىم. چۈنكى يەنە بىر ئېغىر غەم مېنىڭ بېشىمغا چۈشتى… قانداق غەم دەمسىز؟ سالامەتلىك تەكشۈرتۈش ئۈچۈن ۋىلايەتكە بېرىش، يەنە كېلىپ ئاۋۇ يىراق شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن مەركىزى شەھەرگە كېلىش كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن مەركىزى شەھەرگە بېرىش يول كىراسى… يەنە كېلىپ ئىچكىرىدىكى نىشان شەھەرگە بېرىش ئۈچۈن يول خىراجىتى…. ئىشقىلىپ بىر تالاي خىراجەتلەر مېنى خوشال قىلىش تۈگۈل غەمگە مۇپتىلا قىلىۋەتتى…….
    قانداق قىلىش كېرەك؟ پۇلۇڭ بولمىسا ئوقۇيالمايسەن شۇ…. «كالۋا، پۇت قولۇڭ ساق بولغاندىكىن ئىشلە!» دەيتتىم ئۆزۈمگە يەنە…. يەنە ئىشلىدىم. ئىچكىرىگە ئۆتكەنلىك ئۇقتۇرۇشى چىققاندىن كىيىن دەرھال قۇرۇلۇش ئورنىغا بېرىپ ئىشلدىم، ۋاقىت قىس، كېرەكلىك خىراجەت كۆپ… قانداق قىلىش كېرەك؟ ئارام ئالماي بىر كۈن بولسىمۇ كۆپرەك پۇل تېپىش كېرەك….
    شۇنىڭ بىلەن ساق 30 كۈن ئىشلىدىم. (ئەلۋەتتە، بۇ جەرياندا چىرايلىق ئىسىمدىن بىرسىگە ئىگە بولدۇم….ئىش ئورنىدىكىلەر مېنى يىشۇ دەيدىغان بولىۋالدى، چۈنكى مەن ئۇلار ئويلاپ باقمىغان ئىشلارنى قىلاتتىم. ئاساسەن ئۇلار ماڭا ئۆگەتمىسىمۇ ئۆزۈم كۆرىۋالغىنىم بويىچە بوش قالساملا ئۇنى بۇنى قىلىپ يۈرۈپ كېسەك قويۇشنى ئۆگىنىۋالدىم. شۇنىڭ بىلەن ئىش ئورنىدا شىياۋگۇڭ كۆپىيىپ كەتسە مەن كېسەك قويۇپ، ئىش ئورنىدىكىلەرنىڭ بېسىمىنى يىنىكلىتىپ ئۇلارنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىققان بولغاچقا ئۇلار مېنى يىشۇ دەپ چاقىراتتى…. ھەي، بالىلىق…. :roll: ) 30 كۈن ئىشلەپ 587 يۈەنگە ئېرىشتىم…..ۋاقىتمۇ توشۇپ قالدى، مەكتەپكە يولغا چىقتىم……
    ئىچكىرىگىمۇ باردىم. ئوقۇدۇم… ھەر تەتىلدە قايتىپ كەلسەم يەنە كەم دېگەندە 20 كۈن ئەتراپىدا قۇرۇلۇش ئورنىدا ئىشلىدىم (ئاساسەن يۇرتقا قايتماي ئۈرۈمچىدە ئىشلەيتتىم)…. مۇشۇنداق ئىشلەپ تۇلۇق ئوتتۇرىنىمۇ پۈتتۈردۈم….
    ئالىي مەكتەپكە ماڭغان يىلى (2006-يىلى) ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايرۇدۇرۇمنىڭ ئەتراپىدا، ئىنىم بىلەن بىرلىشىپ بىر ئىككى قەۋەتلىك بىناغا توك تارتتۇق. (ئەۋەتتە، دەسلەپ ئىش ئىگىسى بىزنى كىچىك كۆرۈپ ئىش بېرىشتىن يالتايدى. چۈنكى بۇ بىناغا تارتىلىدىغان توك يولىدا ئاۋاز ۋىكلىيۇچاتىلى، يۇرۇقلۇق ۋىكلىيۇچاتىلى قاتارلىق مۇرەككەپ توك يولى بار ئىدى.) لېكىن ئۈچ كۈندە ئىش تاماملىغاندىن كىيىن ئىش ئىگىسى ئالاھىدە رازى بولۇپ، يەنە 4 بىنانىڭ توكى بارلىقىنى، مېنىڭ شۇنى تارتىپ بېرىشىمنى ئۆتۈنۈپ تۇرىۋالدى. لېكىن مېنىڭ ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ۋاقتىم (پويىز بېلىتىنىڭ ۋاقتى) توشقان ئىدى. شۇڭا ئامال بولمىدى. (ئەمدى ئويلىسام ئەخمەق ئىكەنمەن. شۇ ۋاقىتتا ئەسلى پويىز بىلىتىنى ياندۇرۇپلا، مەكتەپكە تېلېفۇن قىلىۋېتىپ، 4 بىنانىڭ توكىنى تارتىپ شۇنىڭ ئىش ھەققىنى ئېلىپ ماڭسام بەك ياخشى بولاتتىكەن، بۇ تەنتەكلىكنىڭ دەردىنى مەكتەپكە بېرىپ كۆپ تارتتىم…. )
    ئالىي مەكتەپتىمۇ ئاساسەن بىكار ۋاقتىم چىقىمىدى. دۈشەنبىدىن جۈمە كەچكىچە مەكتەپتە سىنىپ تازىلىدىم، شەنبە يەكشەنبە كۈنى سىرتلارغا چىقىپ ئىشلىدىم…..شۇڭا مېنى باشقىلار ئاساسەن مەكتەپتىن ئىزدەپ تاپالمايتتى….
    شۇنداق ئىشلەپ-ئوقۇپ مانا مەكتەپ پۈتتۈردۈم…
    دەسلەپ ئېيتقاندەك، جاپانىڭ تېگى ئالتۇن دەپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈپلا، ئۆز يېشىمغا ئۇيغۇن كەلمىگەن (مېنىڭچە ئەسلى بىر مەزگىل تۆۋەن قاتلامدا ئىشلەپ ئاندىن تەجرىبە توپلاپ بولغاندا ئاندىن مۇئاۋىن دېرىكتور نامىنى ئالغان بولسام ياخشى بولاتتى. لېكىن ھازىر بەكلا تىز بولۇپ كەتتى. تەجرىبە يىتەرسىز.. شۇڭا دائىم بەزىبىر خاتالىقلاردىن ساقلىنىش تەس بولىۋاتىدۇ…) شىركەت مۇۋىن دېرىكتورى بولۇپ قالدىم…..

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئىلقۇتنىڭ ئىنكاسىنى تەكرار نەچچە قېتىم ئوقۇپتىمەن. ئىلقۇتنىڭ كەچۈرمىشى يۇقىرىقى زىيارەت خەۋىرىدە تىلغا ئېلىنغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەچۈرمىشىدىنمۇ بەك تەسىرلىك ئىكەن. كىشىنى چوڭقۇر ئويغا سالىدىكەن. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىدا ئىشلەۋاتقان، تەتىل مەزگىلىدە ئۈرۈمچىگە كېلىپمۇ يۇرتىغا قايتماي ئىشلەۋاتقان ، بىنالارغا توك سىمى تارتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى خيالەن كۆز ئالدىمغا كېلىپ، ئۇنىڭغا بولغان قايىللىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى. يارايسەن ئەركەك، ئانا سۈتىگە لايىق بەردەم يىگىت بولۇپسەن ، دەپ ئاپىرىن ئېيتتىم. ھېس قىلالايدىغانلار ئۈچۈن ھايات ئەنە شۇنداق ئەگىرى – توقايلىقى ، جاپا – مۇشاقىتى بىلەن گۈزەل ۋە مەنىلىك بولسا كېرەك …

    • نەزەرى مۇنداق يازغان:

      يازمىڭىزنى ھاياجان ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم. ياخشى يىزىپسىز.
      مەن باشلانغۇچنىڭ 5 – يىللىقى تەتىلدە تۇنجى قىتىم دادامنىڭ ئىدارىسىدە بالا ئىشچىلىققا كىرگەن. ئەلۋەتتە، بىر تەرەپتىن جەمىئيەتكە بىر خىل قىزىقىش بولسا يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلە يۈكىنى يىنىكلىتىش ئىدى. ئەينى چاغدا دادام ئادەتتىكى ئىشچى ئىدى، يول قۇرلۇش ئىدارىسىدە ماشىنا ھەيدەيتتى. مەن قۇرلۇش قىلىدىغان يولدا تىشاڭ-جوتو لار بىلەن تاش تىرىپ بىرەتتىم. داداممۇ بەك چىداشچانلىق كۆرسىتىپ بىز 5 بالىنى ھەممىمىزنى ئالىي مەكتەپكە ئۇلاشتۇردى. مەن كىلەر يىلى پۈتتۈرىمەن.5- ئىنىم كىلەر يىلى ئالىي مەكتەپكە چىقىدۇ.5 يىل بۇرۇن ئىشتىن قالغان بولسىمۇ يەنە جاپالىق ئىشلەپ بىزنى ناھايتى ياخشى بىقىۋاتىدۇ. دادامغا كۆپ رەھمەت!
      شۇ كۈنلەر ھە !!! ھەم ئەڭ قىينالغان، ھەم ئەڭ كۆپ نەرسە ئۈگەنگەن ۋاقتىم. ئەتراپىمدا بالىلار ھەرخىل ئويۇنچۇق دۇكانلىرىغا يۈگۈرسە مەن ئىشقا يۈگرەيمەن. ھەممە ئادەم چۈشتە ئارام ئالسا مەن جابدۇق ساقلايمەن.كەچتە ھىرىپ كەلسەم يوتقانغا ئاران ئۈلگىرىمەن دە ئېينىشتىيىن قاتارلىقلارنىڭ تەرجىمىھالىنى ئوقۇشنى باشلايمەن.
      نۇرغۇن چوڭ ئاكاشلارنى، جەمىئيەتنىڭ ھەر قاتلىمىدىن كەلگەن «تىشاڭچى» لار بىلەن 56 كۈن بىللە ئىشلەپ 871 سوم پۇلنى خۇشاللىق كاسسىردىن ئىلىپ دادامغا بىرەلىگەندىن سىرىت ئەڭ مۇھىم بولغىنى كىشىلىك مۇناسىۋەت، ھاياتنىڭ ئەگرى-توقايلىقلىرى ھەققىدىكى ساۋاتلىرىغا ئىگە بولغۇنۇم بوپتۇ. خۇي-پەيلىم بۇرۇنقىدەك تەنتەك ئەمەس، كارغا كەلمەيدىغان بىر تۇتام دوستلىرىمنىمۇ تاشلاپ كىتاب دۇنياسىغا قايتا يۈزلىنىپتىمەن. ئاشۇ بىچارە«تىشاڭچى» لارنىڭ تەقدىرىگە ئىچىنىپ ياش تۆكۈپتىمەن. تىراگدىيلىك ھاياتنىڭ بىغۇبار دىلىمغا سالغىنى بەلكىم شۇلارنىڭ پاجىئەلىك كەچمىشلىرىدىن تۇغۇلغان يۈكسەكلىككە ئىنتلىش روھى بولسا كىرەك.
      بۇرۇن دەرسلەردە ئوتتۇراھال يۈرگەن ئادەم شۇ يىرىم يىلنىڭ ئىچىدىلا ماتىماتىكىدا يىللىقلار بويىچە ئەڭ ئالدىغا ئۆتۈپ، مەن ئەڭ ياقتۇرىدىغان قىز(سىنىپ باشلىقىمىز ئىدى) تەرىپىدىن«ماتىماتىكا ئالىمى» دەپ نام ئالغىنىمنى مەڭگۈ خۇشاللىق ئىلكىدە ئەسلەيمەن ھازىرمۇ. شۇ ۋەجىدىن ئۈگنىشكە شۇنداق كىرىشتىمكىن ئۆزۈممۇ ھەيران. ئۈگەنگەنسىرى ئۈگەنگىم كىلىدۇ. ھەر تەتىلدە يەنە توختىماي ئىشلەپ تۇردۇم تەدرىجىي بىر نەچچە ساۋاقداش بىر كىچىك ئىشلەمچى گۇرۇپ بولۇپمۇ قالدۇق. ئاخىرغىچە ماڭغىنى يەنە مەن.
      «بەخت گۈلى ئىچىلار___ جاپالىق ئىشلىگەن يەردىن» مۇشۇ ناخشا (بەخت ناخشىسى) ئەينى چاغدا ئەڭ كۆپ قويۇلغان، ھەم مەن ئىش قىلغاندا ئېيتىپلا يۈرىدىغان مۇڭ ئىدى.
      تولۇقسىز، تولۇقتىكى ۋېلىسپىت، ماتىريال دىن تارتىپ ھەر ھەپتە كۆرىدىغان 读者,故事会 ئىككى ژورنالنىڭ پۇلىنىمۇ ئۆزۈم ئىشلەپ تاپاتتىم. يۇقارقىدەك مەنمۇ قۇرلۇش ئورۇنلىرىدا ئوبدان بەرسە 18 سوم بولمىسا 10 سومغىچە ئىشلەپ باققان. ئەتىگەن كۆزىمىزنى تاتلاپ ئورنىمىزدىن تۇرساق، كەچتە تاماققىمۇ راي يوق يىتىپ قالاتتۇق.

  5. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    خۇداغا شۈكرى،مەنمۇ قولۇمدىن كېلىشىچە ئىشلەپ ئۆز تۇرمۇشۇمنى قامداشقا تىرىشىۋاتىمەن.

  6. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    ئېلقۇتنىڭ ئىنكاسىنى ئوقۇپ مەن ھورۇنكەنمەن دەپ قالدىم.

نەزەرى 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟