نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > 2010 - يىللىق 10 چوڭ بلوگ
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog قا بېلەت تاشلاڭ!

ئۇدا 1 ئايغا سوزۇلغان << 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ >> قا نامزات كۆرسىتىش باسقۇچى ۋە تولۇق 10 كۈن سەرپ قىلىنغان كۆرسىتىلگەن بلوگلارنى ئۆلچەملەر بويىچە نومۇر قويۇپ، باھالاپ رەتكە تۇرغۇزۇشلار ئاخىرلىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا 20 بلوگ تاللىۋېلىنىپ، 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى بېلەت تاشلاپ بېكىتىشكە رەسمىي نامزات قىلىپ تۇرغۇزۇلدى. 12 – ئاينىڭ 9 – كۈنى يەنى بۈگۈندىن باشلاپ بۇ 20 بلوگقا بېلەت تاشلاپ ، 10 چوڭ بلوگنى تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ 20 نامزات بلوگنى بېلەت تاشلاش قاتارىغا تىزىشتا، بلوگلارنىڭ باھالىغۇچىلار تەرىپىدىن ئېرىشكەن نومۇرىنىڭ يۇقىرىسىدىن تۆۋەنگە قاراپ قاراپ تىزىلدى.

بېلەت تاشلاشتا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلار :

1. بېلەت تاشلاش ۋاقتى : جەمئىي 22 كۈن ( 9- دېكابىردىن 31 دېكابىرغىچە ) بولۇپ ، بېلەت تاشلاش پەقەت ۋە پەقەت يۈكسەل بلوگىدا ئېلىپ بېرىلىدۇ.
2. بىر ئادەم پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلىسىلا بولىدۇ. شۇ بىر قېتىملىق بېلەت تاشلاشتا جەمئىي 10 بلوگقا بىرلا ۋاقىتتا بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ.
3. بېلەت تاشلاشتىن ئاۋۋال تۆۋەندىكى تىزىملىك ئارقىلىق نامزات بلوگلار بىلەن تونۇشۇپ، قالدۇرۇلغان ئۇلانما مەنزىلى ئارقىلىق زىيارەت قىلىپ كۆرۈپ، بىر قەدەر ئەستايىدىل پوزىتسىيىدە بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز!
4. ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە بېلەت تاشلاش تامام بولغان ھامان خۇلاسە قىلىنىپ، يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
5. بېلەت تاشلاش ئورنى :  يۈكسەل بلوگ ئوڭ ئاسما بۆلەك << راي سىناش كۆزنىكى >> دە. ( مەشغۇلات تولىمۇ ئاددىي بولۇپ، بېلەت تاشلىماقچى بولغان بلوگ ئىسمى يېنىدىكى كاتەكچىنى يېنىككىدە بىر چېكىپ تاللاپ، ئەڭ ئاستىدىكى بېلەت تاشلاش دېگەننى بېسىپ قويساقلا كۇپايە! ) .
6. بېلەت تاشلاشتا تورداشلار سەمىمىي ، ھەققانىي ، ئادىل بولۇشى كېرەك. پەقەت بىر قېتىم بېلەت تاشلاشقا بولىدۇ . ھەرگىز تەكرار بېلەت تاشلاشقا بولمايدۇ. بىز 2008 – يىلى بېلەت تاشلاش جەريانىدىكى ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ ، بۇ قېتىم بېلەت تاشلىغۇچىنىڭ IP سى، جۇغراپيىلىك ئورنى، بېلەت تاشلىغان ۋاقتى قاتارلىق بارلىق ئۇچۇرلارنى خاتىرىلەپ قالدۇرۇشتەك ئىقتىدارى كۈچلۈك ، ساختا بېلەت تاشلاشقا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ئەڭ ياخشى بولغان بېلەت تاشلاش قورالىنى ئىشلەتتۇق.
بېلەت تاشلاش جەريانىنى تېخنىكىلىق جەھەتتىن بىلىك تورىدىكى كۆك كەپتەر، نۇرقۇت ئەترىتىدىكى نۇرقۇت، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت قاتارلىق ھەيئەتلەر نازارەت قىلىپ تۇرىدۇ. ساختىلىق بايقالغان ھامان بلوگ ئىسمىنى ئاتاپ ئەلگە سازايى قىلىپ، نامزاتلىق ھوقۇقى شۇ ھامان ئېلىپ تاشلىنىدۇ ( ئالاھىدە ئەسكەرتىش بېرىلدى ).

2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر

شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىدىن قىسمەت ئەپەندى.
شىنجاڭ ئىزباسار ئۇنىۋېرسال تور بېكىتىدىن ئىزباسار ئەپەندى.
بىلىك تورى ۋە كۆك كەپتەر بلوگىدىن كۆك كەپتەر ئەپەندى.
نۇرقۇت دۇنياسى – نۇرقۇت ئەترىتىدىن نۇرقۇت ئەپەندى.
بەكتۇر ئېنگلىز تىلى كۇلۇبىدىن بەكتۇر ئەپەندى.
يەتتە قىزلىرىم تورىدىن جۇلالىق (قىز).
يۈكسەل بلوگىدىن كەمىنە يۈكسەل.

10 چوڭ بلوگقا نامزات قىلىنغان بلوگلار

 

بلوگ ئىسمى ۋە مەنزىلى

 

ئومۇمىي ئېرىشكەن نومۇرى

1

تەدبىركار بلوگى 

www.tedbirkar.net

191.5

2

80خالتا بلوگى

www.80halta.com

189

3

تورخۇمار

www.torhumar.com

185

4

ئۇيغۇربەگ بلوگى

www.uyghurbeg.net

184

5

جېك بلوگى

www.jeckblog.com

175

6

ئابدۇرېشىت ئېلى ئەدەبىيات بلۇگى

abdurxiteli.blogbus.com

172

7

ئىلقۇت بلوگى ئادرىسى

blog.ilqut.com

171

8

ئۆركەش بلوگى

www.orkax.net

163

9

شاھ ئۇيغۇر بلوگى

shah.blogbus.com

160

10

ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى.

ilkitap.blogbus.com

160

11

تارىم بلوگى

tarim68.blogbus.com

158

12

ئىلىم-پەن بىلوگ

www.ilimpen.com

148

13

باي دادام تور خاتىرىسى

baydadam.blogbus.com

143

14

ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى 

tanhaburkut.blogbus.com

138

15

تارىمى تور خاتىرىسى

tarimi.blogbus.com

138

16

تەكلىماكان بلوگ

baliq.blogbus.com

138

17

چەۋەندازلار بلوگى

qawandazlar.blogbus.com

137

18

ئايشەم بلوگى ئادرېسى

www.ayxam.com

136

19

ھونزادە تارىخ بلوگى

honzada.blogbus.com

135

20

بىلىم-كۈچ بلوگى

bilim-kuq.blogbus.com

134

 

مەزكۇر پائالىيەتنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلار

شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
«ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى باش شىركىتى
ئۈرۈمچى ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
XJCFAN شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى
قەشقەر 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي ، ھەسەل دۇكىنى
890 ئېلان بىرلەشمىسى 

يۇقارقى ئورۇنلارنىڭ ئۈزۈپ چىققان 10 چوڭ Blog نى زادى قانداق مۇكاپاتلايدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ، ماۋۇ ‹‹2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار ›› تېمىسىغا نەزەر سېلىڭ! 

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا كۈچ قوشۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىملىرى 

 

 

 

رەسىملەرگە ئۇلايدىغان مەنزىل: category/top10blog/top10blog2010

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog قا بېلەت تاشلاڭ!

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!72 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    باھالاش پائالىيىتىگە دائىر تورداشلارغا ئۇقتۇرۇشقا تېگىشلىك يېڭى ئىشلار مۇشۇ جايدا ئېلان قىلىنىدۇ.

  2. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    كەڭ باھالاش ھەيئەتلىرى ۋە يۈكسەل ئەپەندىم باشچىلىقىدىكى 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئارقا سەپ خادىملىرىنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى ئارقىسىدا، ئالدىنقى 20 نامزات بلوگنىڭ تەرتىۋىمۇ ئېلان قىلىنىپتۇ، ئالدى بىلەن مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە تەشكىللىگەن يۈكسەل ئەپەندىمگە رەھمىتىمنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، كەڭ باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ سىڭدۈرگەن ئەجرى ئۈچۈنمۇ ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن.
    ئاخىرىدا كۆپچىلىكنىڭ بېلەت تاشلاشتا سەمىمىي بولۇشىنى ئەسكەرتىش بىرگە، كەمىنە باشقۇرىۋاتقان تەدبىركار(1-نامزات) ۋە تورخۇمار(3-نامزات) بلوگلىرىغا كۆپچىلىكنىڭ دادىل ھالدا تەكلىپ-پىكىر بېرىشىنى ھەمدە نەزەردىن كەچۈرۈپ چىقىپ، مۇۋاپىق كۆرگەن ئاساستا بىردىن ئاۋاز بىلەن قوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  3. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    كەمىنە شاھ ئۇيغۇر بلوگى (9-نامزات) مەزكۈر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان بارلىق دوستلارغا ئەڭ ئالىي سالام يوللايدۇ، شاھ ئۇيغۇر بلوگى مەيلى 10 چوڭ نامزاتلىققا ئېرىشسۇن ياكى ئېرىشەلمىسۇن كەمىنە يەنىلا بۇ يولدا داۋاملىق ئىزدىنىدۇ ھەم تىرىشىدۇ، ئەلۋەتتە دوستلارنىڭمۇ مەزكۈر بلوگنى ياقتۇرسا ئۆزىنىڭ قىممەتلىك بىر بېلىتىنى تاشلاپ قويىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، باشقا بارلىق نامزات دوستلارغىمۇ ئۇتۇقلار يار بولغاي

  4. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    چەۋەندازلار بلوگى مەزكۇر پائالىيەتكە ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ ۋە ئۆزىنىڭ بىر كىشلىك ھەسسىنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. مەزكۇر پائالىيەتنى تەشكىللەشكە يۈكسەل ئەپەندى باشلىق نۇرغۇنلىغان تورداشلار ئۆزىنىڭ يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلدى. شۇ مۇناسىۋەت بىلەن چەۋەندازلار بلوگى بارلىق پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەرگە ۋە ھەيئەتلەرگە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈرىدۇ!
    چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ 3 يىللىق مۇساپىسىدا نۇرغۇنلىغان ئىسسق-سوغۇقلارنى بېسىپ ئۆتتى بۇ جەرياندا چەۋەندازلار بلوگى ئىزچىل ھالدا تاشلىنىپ قالماي بۈگۈنگە قەدەر ئۆزىنىڭ بلوگباس سۇپىسىدىكى كۈرىشىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى ۋە بۇ جەرياندا كۆپ تاۋلاندى. تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشى ۋە مەدىتىگە ئىزچىل ئېرىشىپ كەلدى. ئىشىنىمىزكى چەۋەندازلار بلوگىمۇ ھەم سىزنىڭ ئەڭ ياخشى ۋە ئالدىنقى تاللىشىڭىز بولغۇسى! تورداشلارنىڭ چەۋەندازلار بلوگىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.

  5. بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىگە بۈگۈن بۇ يەردە شۇنى دىگۈم كىلىۋاتىدۇ بۇ قىتىمقى بۇ 20 بلوگنى تاللاشتا نىمىنى ئاسا قىلدىڭىز بۇرۇنقى يوغان داڭلىق ئاتالغان قالپىقىنىمۇ بۇرۇن داڭ چىقىرىپ ھازىر تاشلىۋىتىلگەن ھەتتا ئايلاپ بىر قىتىممۇ تىما يىزىپ قويمىغان بلوگلارنىمۇ بۇنداق تاشلاپ قويۇلغان بلوگلار تاللىنىپ چىقسا ئۇ كىيىن تورداشلارغا نىمە قىلىپ بىرىدۇ 20 بلوگنىڭ ئارىسىدىكى خىلى 4 5 بىكەتگە قاراپ باقسام تىما يىزىلمىغىلى 2 ئايچە بولغان بلوگلارمۇ باركەن مۇشۇنداق بلوگلارنى باھالاشقا كىرگۈزگىنىڭىزنى نىمە دەپ چۈشىنىمز بۇ قىتىمقى باھالاشقا مەن كىرگۈزۈلمەپتىمەن مەيلى بۇنىڭغا مەيۈسلىنىپ كەتمەيمەن مەن 10 داڭلىق بلوگ ئارىسىغا كىرىپ داڭلىق بلوگ بولۇش ئۈچۈن بلوگ يازمىغان بەلكى قىزىقىشىم تۈپەيلى يازغان مۇشۇ سۇئالىمغا بىر جاۋاب بەرسىڭىز

    • مەن مۇنداق يازغان:

      سۈكۈت، بەيگىدە چېپىۋاتقان ئاتنى ئەمەس ، بەلكى چاپالايدىغان ئاتنى تاللاش كېرەك، تامام!

      • بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

        چىپىپ ھىرىپ قالغان ئاتنىمۇ تاللاش كىرەكما

        • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

          باھالاشقا پىكرىڭىز بولسا بۇنى توغرا چۈشىنىمىز. ئەمما گەپنى ئەگىتمەي ئۇدۇل دېگۈلۈك. ساقلانغان مەسىلىلەرنى تۈز يول كۆرسەتكۈلۇق. چېپىپ ھېرىپ قالغان ئاتنى بىر كۆرسىتىڭە بىزگە قېنى ؟!

        • شەخىس مۇنداق يازغان:

          شەخسي مەنپەئەت كۆز-قارىشىڭىز يامان كۈچلۈككەن جۇمۇ ، باشقىلارمۇ ئەينى ۋاقىتلاردا ھەم ھازىر كەڭ دوستلار ئۈچۈن ئاز بولمىغان تۆھپىلەرنى قوشقان ، ۋاقىتلىق بىلوگ يازمىغانلىق بىلەن ئۇلار ھېرىپ قالغان ئات قاتارىغا كىرمەيدۇ، شەخسىي پىكىرىم شۇكى سىز ۋە سىزگە ئوخشاش شەخسىي مەنپەئەت چوقانچىلىرىنىڭ يۈكسەل بىلوگىغا مۇشۇ باھالاش سەۋەبلىك كىرمەسلىكى مۇھىم ئىش ئەمەس ، بىزگە مەيلى قايسى بىلوگ ياخىشى سايلىنىپ چىقسۇن دېمەك ئۇ بىزنىڭ ئانا تىلىمىزدا يېزىلغان بىلوگ، شەخسەن مەن شۇنداق قارايمەن .مەن يەنىلا مۇشۇ پىكىرىمنى تەكىتلەيمەن.سۈكۈت، بەيگىدە چېپىۋاتقان ئاتنى ئەمەس ، بەلكى چاپالايدىغان ئاتنى تاللاش كېرەك،

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، سىزنىڭ مەزكۇر تېما ۋە مېنىڭ QQ رىمغا يوللىغان ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆردۈم. نامزات تۇرغۇزۇشنىڭ باش – ئاخىرىنى بىلىشكە بولغان تەقەززالىقىڭىزنى كۆرۈپ يەتتۇق ھەمدە چۈشەندۇق. جاۋابەن ، مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە ‹‹ 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ نامزاتلىرىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنىڭ باش – ئاخىرى ›› دېگەن ماۋزۇدا تېما ئېلان قىلىنىدۇ. دىققىتىڭىز يۈكسەل بلوگىدا بولغاي ! ھەممەيلەنگە ئاللاھنىڭ رەھمەتلىرى نىسىپ بولسۇن …

      • بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

        بولدى كۆرمەي تاللاش مۇشۇنداقلام بولىدىغان بولسا ئىشلىرىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن بۇ يۈكسەل بلوگىغا ئەڭ ئاخىرقى كىرىشىم شۇنداقلا ئەڭ ئاخىرقى ئىنكاسىم بوپ قالغاي خەيىر-ئامان بولۇڭ يۈكسەل ئەپەندى سىزگە خىلى ھۆرمىتىم بار ئىدى مەن كۆرۈپ تۇرغان 2 خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويدىڭىز بولدى دىمەي بۇنداق دىگىنىم ھەرگىزمۇ مىنى نامزاتلىققا كىرگۈزمىگىنىڭىز ئەمەس ئۆزىڭىز بايقىۋالىسىز بىر كۈنى

        • 4تادۇ مۇنداق يازغان:

          ئۇنداقمۇ دەپ كەتمەڭ بايلىق ئەپەندى، ھەممىسى ئادەم قىلىۋاتقان ئىش بولغاندىكىن نۇقسانسىز بولىدۇ دەپ كىممۇ ئېيتالىسۇن؟ يۈكسەل ئەپەندىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باھالىغۇچىلارمۇ قارا – قۇيۇقلا ياكى ھېسسىياتىغا تايىنىپ نامزات كۆرسىتىدىغان ئىشنى قىلمايدۇ، يۈكسەل ئەپەندى ئېيتقان ‹‹ 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ نامزاتلىرىنىڭ تۇرغۇزۇلىشىنىڭ باش – ئاخىرى ›› نى ئوقۇغاندىن كېيىن ئارىدىكى چۈشىنىشسىزلىكلەر يېشىلىپ كىتىشى مۇمكىن.
          ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دېگىنىكەن كونىلار.

        • ۋېرۇس مۇنداق يازغان:

          سوغۇققان بولايلى !
          بۇ ئەسلىدىنلا بىر ياخشى ۋە موھېم پائالىيەت ، ئازارچىلىق بولمىسۇن . يۈكسەل ئەپەندى باشلىق بۇ پائالىيەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرغۇچىلىرىمۇ باشتىن ئاخىر مىننەتسىز تىرىشىۋاتىدۇ .. بىز بىرلىك روھېمىز بىلەن ئۇيغۇر بىلوگ ساھەسىگە تۆھپە قوشايلى . باشقىلار بىزلەرگە ھەۋەس قىلسۇن .. شۇندىلا ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى ياخشى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئىگە بولىدۇ .

    • شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

      ياخشىمۇسىز بايلىق دوستۇم، رۇخسەت قىلسىڭىز ئىككى ئېغىز گەپ قىلسام، سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزدا بۇ نامزاتلارنى يۈكسەل تاللىدى دېگەن مەزمۇن چىقىپتۇ، ئەمما بۇ سۆزنى دېيىشتىن باھالاش تەرتىپى ھەم باھالاش جەريانىدىكى تەشۋىق قىلىنغان ھەر قايسى تور بەت ھەم مۇنبەرلەرگە چىقىپ قاراپ باقسىڭىز بىلىسىز، ئۇلار پەقەت نازارەتچىلىك ھەم تەشۋى رولىنى، ئاخىرىدا بارلىق تور يۈزىدىكى باھالارنى رەتلەپ تۈرگە ئايرىش رولىنىلا ئوينىدى خالاس، باھالىغۇچىلار سىز ۋە بىزگە ئوخشاش كومپىيۇتېر ھەۋەسكارلىرى، بلوگ ھەۋەسكارلىرى، ھەممە تورداشلار ئۆزى ياقتۇرغان بلوگنى كۆرسىتىدۇ ئەلۋەتتە، ئاددى مىسال: ئەللىك ئادەم يېزىلمىغىنىغا ئىككى ئاي بولغان ئەمما ھەقىقەتەن ئىسىل يازمىلار بار بىر بلوگنى تاللىدى پەقەت ئون ئادەم ئىزچىل يېزىلىپ كېلىۋاتقان باشقا بىر بلوگنى تاللىدى دەيلى، ئۇنداقتا سىز كۆرسىتىپ بېقىڭە، باھالىغۇچىلار قايسى بلوگنى تاللىشى كېرەك؟ دېمەك بۇ ئىشلاردا مەيلى قايسىلا بلوگ نامزاتلىققا سايلانسۇن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچىلاردىن رەنجىشىمىزگە مېنىڭچە بولماس… بولمىسا ياخشى كۆڭلۈمگە ئىشەك تەپتى دېگەندەكلا ئىش بولىدۇ، ئەگەر سىز دېگەندەك بۇرۇنقى يوغان داڭلىق ئاتالغان قالپىقى بىلەن بۇرۇن داڭ چىقىرىپ ھازىر تاشلىۋېتىلگەن ھەتتا ئايلاپ بىر قېتىممۇ تېما يېزىپ قويمىغان بلوگلارنىمۇ چىقىرىپ قويدى دېسەك ئۇنداقتا ئۆتكەن يىلى نادىر بلوگ بولۇپ باھالانغان ئەمما نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى توختاپ قالغان ئۇيغۇر بلوگچىلىق تارىخىغا كۆز يۇمغۇسىز تۆھپە قوشۇپ كەلگەن دۇنيا قارا بلوگى ھەم نادىر يازمىلىرى بىلەن تۇنۇلغان ئۇيغۇر تېكىن بلوگىمۇ قاتنىشالمىدى (ئۇيغۇر تېكىنغۇ ۋاقىتلىق تاقىلىپتۇ، ئەمما دۇنيا قارا بلوگىنىڭ يازمىلىرىدىن پايدىلىنىپ كېلۋاتقانلارمۇ ھازىرمۇ ئاز ئەمەس)
      يەنە بىرسى بۇ پائالىيەت تېخى ئاخىرلاشمىدى، ئەمدى تېخى 10 بلوگنى باھالاش باسقۇچىغا ئۆتتى، سىز يان تەرەپتىكى نەتىجىنى كۆرۈش دېگەن كۇنۇپكىنى باسسىڭىز كۈندە بۇ بلوگلارنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز، مانا بۇ بلوگنى تورداشلار باھالايدۇ دېگەن سۆزنىڭ ئەمىلى پاكىتى ئەمەسمۇ؟
      ئەسلى نامزات سۈپىتىم بىلەن بۇنداق سۆزلەرنى قىلمىسام بولاتتى، ئەمما ھەر بىر تورداشلارنىڭ ئىشلارنى ئېنىق قىلىۋالغاندىن كېيىن ئاندىن ئىنكاس يېزىشنى ئۈمىد قىلىمەن

  6. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    باھالاشدا تاللاپ چىقىلغان 20 بلوگلارنى بىرقۇر كۆزدىن كەچۈرۈپ چىقتىم،باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ ناھايىتى ئادىل ھەمدە ئەستايىدىل بولغانلىقىغا شەكسىز ئىشىنىمەن.كەمىنە ئۇيغۇربەگ،ھەمدە ئىتتىپاقدىشىم پرېستان ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى(4-ئورۇن)نىڭ مەزكۇر نامزاتلىققا كىرەلىگەنلىكىدىن ناھايىتى مەمنۇن.
    بىلگىنىمىزدەك تۇرايىمىز يېقىندا تۇنجى يىللىق خاتىرە كۈنىنى كۈتۈۋالدى،بۇنىڭدىن كېيىن،ھېلىھەم ئۇيغۇر توربەتچىلىكى،جۈملىدىن ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا سەركىلەردىن بولۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ،تورداشلارنىڭ تۇرايىمىزغا نىسبەتەن رازىمەنلىك تۇيغۇسى بولسا،تۇرايىمىزدىن نەپ تەگكەن بولسا بېلەت تاشلاپ قوللاپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.رەھمەت!…

  7. كۆكيال(4تادۇ) مۇنداق يازغان:

    كەمىنە كۆكيال(4تادۇ) يۈكسەل باشلىق بۇ پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغان ۋە ئۇنىڭغا كۈچ چىقارغان بارلىق دوستلارغا چوڭقۇر سالىمىمنى يوللايمەن، ئىشلار خەيرلىك بولسۇن.ئۇيغۇر بلوگ سەركىلىرى سىلەرگە قۇت تىلەيمەن.
    ئەمىسە مەن ئۆزۈم مۇۋاپىق دەپ قارىغان ئالتە بلوگقا بېراقلا بېلەت تاشلىۋەتتىم، قالغان تۆت نامزاتنى كېيىنگە ئېلىپ قويدۇم.

  8. ۋېرۇس مۇنداق يازغان:

    بۇ پائالىيەت سەل كېچىككەت بولسىمۇ ئاخىرى بىز بىلەن يۈز كۆرۈشتى …. مۇبارەكلەيمەن …
    يامان يېرى زە بىزدەك يىڭى بىلوگگېرلارغا مەدەت بېرىش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ھېلىقىدەك رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى تەسسى قىلماپسىلەر ( ئىقتىسادى مۇكاپاتنى كۆزدە تۇتمىدم ) . ھې ھې شۇندىمۇ قوللايمەن مەن ،…. ئويلۇشۇپ ئويلۇشۇپ ئەڭ ئاخىرقى كۈنى بېلەت تاشلايمىكى دەيمەن ….

    ھە راس ئا داڭلىق ئەپەندىنىڭ دىگەنلىرىنىمۇ ئويلۇشۇپ بېقىڭلار … تاللانغان بىلوگلارنى بىرمۇ بىر كۆرۈپ باقتىم . راسلا شۇنداق ئىش مەۋجۈدكەن . ( مېنىڭ بىلوگۇمغا يەتمەيدىغانلىرىمۇ خېلى باركەن دىدىممەن ئىچىمدە )

    • ئوبۇلقاسىم مۇنداق يازغان:

      ۋىروس ئەپەندىنىڭ دىگەنلىرگە قوشۇلمەن http://bayliq.blogbus.com/ۋە http://eqilliq.blogbus.com/ نۇرغۇنلىغان بلوگگىرلار ئۇچۇن ۋە ئۇيغۇر بىلوگ ساھاسى ئۇچۇن ھارماي-تالماي ئىزدىنىۋاتقان ئىجاتچانلىق روھىغا باي بىلوگگىرلاردىن ئىدى ئەپسۇس….تولمۇ ئەپسۇس ھەتتا ئالدىنقى 20نىڭ ئىچىگىمۇ كىرەلمەپتۇ ، مەن بۇنىڭدىن تولمۇ خۇرسىندىم ۋە بۇنىڭدا باھالىغۇچىلارنىڭ نىمىنى كوزدە تۇتقىننىمۇ ھىچ بىلمىدىم .
      مەن تەكلىپ-پىكىر قوبۇل قىلىش باشلانغاندا ( 10چوڭ بلىلوگ ، 10ئىستىقباللىق بىلوگ، ۋە 10كەسپى بلوگ ) دەپ تۇرلەرگە ئايرىلسا ، 10ئىستىقباللىق بىلوگ، ۋە 10كەسپى بلوگلارغا ماددى بۇيۇملارنىڭ لازىمى يوق پەقەت يىڭى ئۇگەنگۇچىلەرنى رىغبەتلەندۇرۇلسە شۇنىڭ ئوزى كۇپايە دىگەن ئدىم، بىراق يۇكسەل ئەپەندىگە بۇ پىكىر ئورۇنسىز تۇيۇلدى بولغاي …ھە راس يۇكسەل ئەپەندى http://obulkasim.blogbus.com/ نى 3 قىتىم ئۇلىنىشقا قوشىۋىلشىڭىزنى دىگىنىمدە ‹‹ يىقىندا ئۇلىنىش بىتى ئاچىمەن شۇنىڭغا قوشۇپ قوياي›› دىگەن ئىدىڭىز بىزدەك يىڭى ئۇگەنگۇچىلەرنىڭ ئۇلىنىشى بىلوگىڭىزنىڭ سۇرىتىنى ئىغىرلاشتۇرۇپ قويامدىكەن ؟ ئانچە-مۇنچە bayliq چچ توپىغا قاراپ بىقىڭ bayliq ئەپەندىنىڭ زىرىكمەستىن نۇرغۇنلىغان بىلوگ ھەۋەسكارلىرنى يىتەكلەۋاتقەنلىقىنى كورسىز
      كەچۇرۇڭ سەل ھاياجانلىنىپ قالدىم ،دىمىسمۇ ھاياجانلىنىشقا تىگىشلىك بۇ ئىشلار………..

  9. بىرزات مۇنداق يازغان:

    بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىلىشى ئۈچۈن تورداشلارنىڭ سەمىمى بولۇپ بىلەت تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ بىر كاتتا ئەمەلدار سايلايدىغان بىلەت تاشلاش بولمىغاندىكىن ئۆزىمىزنى سەتلەشتۈرمىسەك دەيمەن. بىلەت تاشلاشتا ساختىلىق ئىشلىتىلسىمۇ يۈكسەل بۇرادەرنىڭ تەكلىۋى بىلەن نازارەتچىلىكنى ئۈستىگە ئالغان پىروگگىراممىر ئۇستاملار ھەر قاچان نازارەت قىلىپ تۇرۇپ بايقىۋالالايدىكەن. ئادىل مەيداندا تۇرۇپ ئۆزىمىزنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلىپ باقايلى، بەخىت – ئامەت ھەممىمىزگە يار بولسۇن!

  10. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    بىلوگىمنىڭ بۇ قېتىملىق باھالاشقا كىرەلىگىنىنىڭ ئۆزىلا مەن ئۈچۈن زور شەرەپ،كەڭ بىلوگىرچى قېرىنداشلارغا رەھمەت.ئەمما مەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىن چىكىنىپ چىقسام سەۋەپ بىلوگىم قۇرۇلغىلى نەچچە ئاي بولدى،بىلوگ بىلىمىم كەمچىل،سىتاژىم تۆۋەن،ھازىرىقى مۇشۇ نەتىنجىمۇ مەن ئۈچۈن زور مۇۋاپىقىيەت.مەن شۇ تاپتا دوستۇم چەۋەندازلار بىلوگىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن.چۈنكى ئۇنىڭ بىلوگ ساھەسىدە سىز ۋە بىز ئۈچۈن سىڭدۈرۋاتقان ئەجرى ئاز ئەمەس،ئۆزى تۈرلۈك قىيىنچىلىق ئالدىدا ھارماي ئىزلەندى،بىلگىنىنى قېرىنداشلىرىدىن ئايىمىدى ئاخىرىدا تىرىشىپ يۈرۈپ مۇئەييەن نەتىجىلەرگە ئىرىشتى،قىزىققۇچىلارنىڭ ئۇنىڭ بىلوگىغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ بېقىشىنى ئىستەيمەن. ئاخىرىدا بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغۇچى يۈكسەل ئەپەندىمگە ۋە بۇ پائالىيەتكە ئىزچىل كۆڭۈل بۈلۈپ تۇرۋاتقان كەڭ بىلوگىرچى قېرىنداشلارغا كەمىنە ھونزادىدىن چوڭقۇر سالام ۋە تەشەككۇر يوللايمەن،رەھمەت.

    • سەيياھ مۇنداق يازغان:

      ھونزادە ، مىنىڭچە چىكىنىپ چىقسىڭىز سىزنى قوللىغان بىلوگگىرلارغا بولغان ھۆرمەتسىزلىك بۇلىدۇ .
      مەن بۇ قېتىمقى 10 چوڭ بىلوگنىسايلاشنىڭ ئادىل بۇلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن . گەرچە دۇنيا قارا بىلوگىنىڭ بۇ قاتاردا بولمىغانلىقىدىن ئەپسۇسلانساممۇ ، ئەمما نامزات بىلوگلار ھەقىقەتەنمۇ چوڭ بىلوگلار قاتارىغا كىرگۈچىلىكى بار بىلوگلار ئىكەن .

    • چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

      چەۋەندازلار بلوگى ھونزادە ئەپەندىنىڭ بۇ قارارىدىن ئەپسۇسلىنىدۇ ۋە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.
      پائالىيەتكە تەسىر كۆرسەتمەسلىكى ئۈچۈن ھونزادە ئەپەندىنىڭ چەۋەندازلار بلوگىدىكى ئىنكاسىغا بېرىلگەن جاۋابىغا قارىغايسىز.
      http://qawandazlar.blogbus.com/logs/87982607.html

  11. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    10دانە بلوگقا بلەت تاشلىۋەتتىم،ئاللاھ خالىسا كىلەر يىلقى باھالاشقا چوقۇم كىرىمەن.ھونزادە ئەپەندىم، بەك كەمتەرلىك قىلماڭ…سىزنىڭ قانچىلىك ئەجىر قىلغىنىڭىزنى ھەممىمىز كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز.

  12. ئىلىم-پەن مۇنداق يازغان:

    بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان يۈكسەل بىلوگىغا ۋە «10 چوڭ بىلوگنى باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر» گە سەمىمىي سالىمىمنى يوللايمەن.
    بىلوگىمنىڭ نامزاتلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىنى ئويلىمىغان ئىدىم . چۈنكى، بۇ بىر نەچچە ئايدا بەك ئالدىراشچىلىق بىلەن تەتقىقات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولغاچقا بىلوگىمغىمۇ تۈزۈك يازما يوللىيالماي قالدىم. بىلوگىمنى خېلىلا چۆلدەرەپ قالغان ئىدى.
    مەن بۇ قېتىم ئون چوڭ بىلوگ بولۇپ تاللانغان بىلوگلارغا ئۆزەم قول تۇتۇپ ئىشلەۋاتقان 15000 مىڭ ئاتالغۇنى ئۆزئىچىگە ئالغان ، بىلىم دائىرىسى ئىنتايىن مول بولغان «ماتېماتىكا قامۇسى» ئېلېكتىرونلۇق نۇسخىسىنى بىردىن سوۋغات قىلسامكەن دەپ ئويلاۋاتىمەن. بىلوگىر دوستلار ۋە ھەيئەت ئەزالىرى سىلەرچە بۇلارمۇ ؟
    بۇ «ماتېماتىكا قامۇسى» ئېلېمېنتار ئالگېبرا ۋە ئېلېمېنتار فۇنىكسىيە، پىلانىمېترىيە (تەكشىلىكتىكى گېئومېترىيە)، سىترىئومېترىيە (بوشلۇقتىكى گېئومېترىيە)، ئانالىتىك گېئومېترىيە، تىرىگونومېترىيە، سېفرىك تېرىگونومېترىيە، ئېھتىماللىق ۋە سىتاتىستىكا، دىففېرېنسىئال ئىلمى، ئىنتېگرال ئىلمى، دېففېرېنسىئال تەڭلىمىلەر، كومپلېكىس ئۆزگەرگۈچىلەر ئانالىزى، ئالىي ئالگېبرا، سىزىقلىق ئالگېبرا، دېففېرېنسىئاللىق گېئومېترىيە، مەيدان نەزەرىيسى، ئوپېراتسىيە نەزەرىيسى، ئېلېمېنتار سانلار نەزەرىيىسى قاتارلىق 17 قىسىمدىن تەركىپ تاپقان .
    ھازىر بۇ «ماتېماتىكا قامۇسى» نىڭ %75 تى پۈتۈن بولدى، قامۇسنى بۇ ئاينىڭ ئاخىرىغا ئۈلگۈرتەلمىسەممۇ ، 2011-يىلى 3- ئايغىچە پۈتتۈرۈپ بولىمەن. قامۇسنى پۈتتۈرۈپ بولۇپلا، « 10 چوڭ بىلوگ» نىڭ قۇرغۇچىلىرىغا بىردىن سوۋغات قىلىپ بېرىمەن.
    ئىشىنىمەنكى بۇ قامۇسنى سىلەر چوقۇم ياقتۇرۇپ قالىسىلەر.
    ————————————–
    ئاخىردا بارلىق بىلوگىر دوستلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى، سەرخىل بىلوگ يارىتىشىڭلارغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئىلىم – پەن بلوگىنىڭ بلوگگىرلارغا تۇتماقچى بولغان كۆڭۈل سوۋغىسىنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالىمىز! قىممەتلىك ئەمگىكىڭىزنىڭ تېزراق روياپقا چىقىشىغا تىلەكداشمىز!

    • سەھرالىق مۇنداق يازغان:

      بىزگە يوقما ؟ كەسىپ باشقا بولغان بىلەن ماتىماتكىنى شالدام قىلىۋىتىمىز جۇما

  13. ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

    ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگىدىن كۆپچىلىككە سالام:
    ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنى تەشكىلىگۈچىلەرگە شۇنداقلا بىلوگىمنىڭ تاللاش دائىرسىگە كىرگىنىگە تەشەككۇر ئېيتىمەن. بىراق بۇ مىنىڭ بىلوگ قۇرۇشتىكى ئاخىرقى مەقسىدىم ئەمەس.
    ئۆز گىپىمگە كەلسەم مەن ئۆزەم ئەمگەك كاپالەت خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان بولغاچقا، ئۆز ئىشلىرىنى جايىدا پۈتتۈرەلمەي ئورۇنسىز داۋا- دەستۇر قىلىپ يۇرۇدىغان ئۇيغۇرلار ناھايىتى نۇرغۇن، بۇلارنىڭ داۋاسى ئۆتىمىگەننىڭ ئۈستىگە بۇجەرياندا نۇرغۇن ئىقدىسادى چىقىم تارتىپ « مېلىمنى ئوغىرى ئالدى قالغىنىنى رەمبال» دىگەندەك ئىشلارنى كۈرۈپ ئىچىم ئاچچىق بولدى، قىسمەن مەسىللەرگە شەخسىي كۆز قاراش ئارلىشىپ قالغاندىن سىرىت، كۆپ قىسىم ھەل بولمىغان مەسىللەرگە بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ قانۇن- سىياسەتنى جايىدا ئىشلىتەلمىگەنكى سەۋەب بولماقتا. شۇسەۋەبتىن كۆپ قېتىم ئادەم كۈچى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۇيغۇرچە ماتىرياللارنى ئەكەلدۈرۈپ تارقاتقان بولساقمۇ ئۈنىمى تازا ياخشى بولمىدى، مۇناسىۋەتلىك خادىملارغا مۇشۇ ھەقتىكى قانۇن سىياسەتلەرنى تەشۋېىق قىلىدىغان توربەت قۇرۇشنى تەكلىپ بەرگەن بولساممۇ بىراق كۈڭۈل بۈلۈنمىدى. مەن يۇقارقى مەسىللەرنى كۆزدە تۇتۇپ كەڭ بىلوگىرلارنىڭ يادىمىدە ئىشچى خىزمەتچىلەرنىڭ قانۇنىي ھۇقۇق مەنپىئەتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن سىياسەتلەر، ئىشسىزلار، ئىشتىن قالغانلار، يېڭى ئوقۇش پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش تېپىشغا مۇناسىۋەتلىك، كارخانىچىلارنىڭ ئادەم باشقۇرۇشتا دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك، پىنسىيونىرلارنىڭ مائاش تەمىناتىغا، داۋالىنىشغا، ئىشتا يارلانغان، ۋاپات بولغانلارغا مۇناسىۋەتلىك پايدىلىق بولغان قانۇن- سىياسەتلەرنى تەشۋىق قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇبىلوگنى قۇرۇپ چىقىپ، مۇناسىۋەتلىك مەز مۇنلارنى ئامىۋى تور بەتلەردە ئېلان قىلىپ كىلىۋاتىمەن.
    خەنزچە توربەتلەر ئىچىدىن ئەمگەك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا ئائىت مەزمۇنلارنى خالىغانچە تاپقىلى بولسىمۇ بىراق ئۇيغۇرچە توربەتتىن بىرسى تېخى يوق.
    بۇنىڭدىن كىيىنمۇ خىزمەتتىن بوشىغان ۋاقىتلاردا داۋاملىق تىرىشىپ بىلوگ مەز مۇنىنى يېڭىلاپ تۇرىمەن، ئاخىرقى مەقسەت مۇشۇنداق قىلىش ئارقىلىق مەزمۇن ۋە كۈرۈش قېتىم سانى مۇئەييەن دەرىجىگە يەتكەندە نازارەتكە قايتا تەكلىپ سۇنۇش ئارقىلىق مۇشۇنداق بىر تور بەتنىڭ ۋۇجۇتقا كىلىشىگە تۈرۈتكە بولماچقى، شۇ ئارقىلىق ئاشۇ كىشىلەرگە ئازغىنە ياردەم قىلالىسام بولدى بۇ مىنىڭ ئارزۇيۇم، كۆپچىلىك مەزمۇن تېخنىكا جەھەتتە ياردەم قىلىشنى خالىسا قىزغىن قارشى ئالىمەن.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ۋولقان بلوگىغا سەمىمىي تەكلىپ: باھالاش ھەيئىتى يۇقىرىدا سىز شەرھىيلەپ ئۆتكەن تىرىشچانلىقىڭىز ۋە شۇ تىرىشچانلىقنىڭ قىممىتىنى كۆزدە تۇتۇپ ، بلوگىڭىزنى 2010 – يىللىق 10 – چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتىنىڭ رەسمىي نامزاتى قىلىپ تاللاپ چىققان ئىدى. ئەمما، يىراقنى كۆزلىگەندە ، سىزنىڭ بلوگىڭىزدا مۇنداق بىر ئەجەللىك نۇقسان بار. يەنى بلوگ ئىسمى بىلەن تور ئادرېس ماس كەلمەسلىك . يەنى بلوگ ئىشمى ‹‹ ۋولقان ئەمگەك سۇغۇرتا بلوگى ›› ، تور ئادرېس ‹‹ tanhaburkut.blogbus.com ›› بۇ ئىككى ئىسىم ئارىسىدىكى پەرق ناھايىتى چوڭ بولۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بلوگىڭىزنى ئەستە ساقلىشىغا ناھايىتى زور توسالغۇ بولغان. شۇ ۋەجىدىن بلوگىڭىزنىڭ زىيارەت ئېقىمى دېگەندەك يۇقىرى ئەمەس ئىكەن. شۇڭا، بىز سىزگە مۇشۇ نۇقساننى تېزراق تۈزەش تەكلىۋىنى بېرىمىز. بلوگ نامى بىلەن تور ئادرېسى چوقۇم ئوخشاش بولسۇن. ئىمكانبار ئاددىي – قىسقا، ئەستە تۇتۇشقا قولاي بولسۇن. مەسىلەن : سۇغۇرتا بلوگى – Sughurta.blobbus.com ، ئەمگەك بلوگى – emgek.blogbus.com … دېگەندەك.
      سىزگە يەنە يۈكسەل بلوگى ۋە تەدبىركار بلوگىدىكى بلوگچىلىققا ئائىت يازمىلارنى بىرەر قۇر ئوقۇپ چىقىش، تەجرىبە – ساۋاق توپلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. ئىشىنىمىزكى، بۇ سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رول ئوينىغۇسى. شۇنداق بولغاندا، بلوگىڭىزنىڭ ۋە سىزنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىڭىزنىڭ قىممىتى تېخىمۇ ياخشى ئىشقا ئاشقۇسى.

      • ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

        تەكلىپىڭىزگە كۆرپ رەخمەت ، مەن دەسلىپىدە ئويلاشمايلا مۇشۇنداق بىر ئىسىمنى تىزىملىتىپ قويۇپتىمەن، كىيىنچە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ بۇمەسىلىنى ھېس قىلغان بولساممۇ ئامال بولمىدى، مەنمۇ قانداق قىلىشنى بىلەلمەيۋاتىمەن.
        مىنىڭ كومپىيوتىردىن ئانچە خەۋىرىم يوق ، بىراق قانۇن مەسىللىرىگە پۇختاراق. بولسا ئۇستازلار ياردەم قىلغان بولساڭلار مىننەتدار بولغان بۇلاتتىم.

        • كۆك كەپتەر مۇنداق يازغان:

          يۈكسەل ئەپەندىم سىزگە تەۋسىيە ھەر ئىككىلا ئىسىم بىكاركەن، خالىغان بىرسىنى تىزىملىتىپ، بۇرۇنقى بىلوگتىكى يازمىلارنى يۆتكىۋالسىڭىز بولغۇدەك. ئاندىن كونىسىغا بىر بەت ئالمىشىش كودى قىستۇرۇپ، كونىسى ئېچىلسا، يىڭىسىغا ئالمىشىدىغان قىلىپ قويسىڭىزلا مەسىلە ھەل بولىدۇ.

          • ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

            سىزگە كۆپ رەخمەت، مەن مۇشۇ مەسىلىنى ئىزچىل ھەل قىلالماي كىلىۋاتاتىم، بۇلۇپمۇ مۇشۇنداق بىر كودنى تاپالمىغان، بولمىسا ؛ http://wulkan.blogbus.com/ مۇشۇ بەتنىىمۇ مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئالغان ئىدىم، مىنىڭچە بىلوگباستا كەمچىلىك خېلى جېق ئىكەن، شۇڭا قاراپ بېقىپ باشقىچە بىر توردىن بەت ئالسام ياخشى بولامدىكىن دەيمەن، كۆپچىلىكنىڭ قىممەتلىك پىكىرىگە رەخمەت.

  14. Qismet مۇنداق يازغان:

    كەمىنە قىسمەت «2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى» دىكى باھالاش ھەيئىتىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، بۇ پائالىيەت ھەققىدىكى يازما، ئىنكاسلارغا يېقىندىن دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن. بۈگۈن تورداشلارنىڭ ئىنكاس، پىكىرلىرىنى كۆرۈپ، بەزى مەسىلىلەرگە شەخسىي نامىمدا چۈشەنچە بېرىشنى لايىق تاپتىم. بۇ بايانلار ناھايىتى ئالدىراشچىلىق ئىچىدە يېزىلدى. نۇقسانلارغا يول قويغان بولسام، ئەپۇ نەزىرىڭلار بىلەن قارىغايسىلەر.
    1. 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئىشىنى يالغۇز يۈكسەل قىلغىنى يوق، 10 چوڭ بلوگ نامزاتىغا ھەم كىرگىنى يوق. پەقەت سورۇن ھازىرلاپ بەردى، خالاس.
    2. باھالاش ئۈچۈن ھەيئەتلەرگە 50 بلوگ نامى يوللاپ بېرىلگەن. مەن بلوگلارنى تەپسىلىي كۆزەتتىم. ئالدى بىلەن بلوگلارنىڭ پايدىلىق قىممىتىنى، ئاندىن يېڭىلىنىش سۈرئىتىنى چىقىش قىلدىم. تېخنىكىلىق ئۆلچىمى ۋە باشقىلار كەينىگە تىزىلدى.
    3. كەمىنە قىسمەت ئاددىي ئىنسان، باشقا باھالىغۇچىلارمۇ ھەم. شۇنداق بولغانىكەن، بۇ بلوگلارغا بەرگەن باھالاش پىكرىمنى %100 توغرا دېيەلمەيمەن. %100 ئادىل باھالىدىم دەپ تېخىمۇ ئېيتالمايمەن. لېكىن شەخسىي غەرەز ئارىلاشتۇرمىدىم، قۇربىمنىڭ يېتىشىچە ئادىل باھالىدىم دەپ كاپالەت بېرەلەيمەن.
    4. باھالاش پائالىيىتى ھەيئەتلىرىنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇشىغا قۇلايلىق بولۇشى ئۈچۈن، مەخسۇس QQ توپى قۇرۇلغان. بۇ توپ ئاللىقانداق قاملاشمىغان شەخسىي مەقسەتلەر ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى يولۇققان مەسىلىلەرنى ئورتاقلىشىش، تېخىمۇ توغرىسى 10 چوڭ بلوگنى ئادىل باھالاپ چىقىش ئۈچۈن پىكىر ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغان.
    كەمىنە قىسمەت QQ نى كۆپ ئاچمايدىغانلىقىم سەۋەبىدىن، توپتىكى پىكىرلىشىشكە نەق ۋاقتىدا ئىشتىراك قىلالمىدىم. ئەمما تورغا چىققانلىرىمدا توپتىكى پىكىرلەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن كۆرۈپ، لايىقىدا جاۋاب قايتۇرۇپ تۇردۇم.
    5. باھالاش گۇرۇپپىسى يەتتە نەپەر ھەيئەتنىڭ ھېچقايسىسى مەلۇم بىر بلوگنىڭ ئۇتۇپ چىقىشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتەلمەيدۇ، پەقەت ھەممە ھەيئەتنىڭ پىكىرى بىر نۇقتىدا ئۇچرىشىپ قالسا شۇنداق بولۇشى مۇمكىن. لېكىن بۇ يەردە تورداشلارنىڭ باھالاش پىكىرى تېخىمۇ نەزەرگە ئېلىندى.
    6. ئاخىرىدا بلوگگېرلارنىڭ ھەيئەتلەرنى ئىنسان سۈپىتىدە چۈشىنىشىنى، ئىنسان قىلغان ئىشنىڭ %100 توغرا بولمايدىغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    سىلەرگە غەلىبە يار بولغاي !

  15. FinalDream مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئالدى بىلەن ھەممىڭلارغا سالام. ساق-سالامەت تۇرغانسىلەر.
    مەن بۇ ھەقتە باھالاش ھەيئەتلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغان. باشقىلار ئاساسلاندىمۇ-يوق بىلمىدىم. مەن نومۇر قۇيۇشتا پايدىلانغان ئۆلچەم تۆۋەندىكىدەك:
    ئۆلچەم:
    تور ئەسلىگە كەلگەندىن كىيىن 6،7،8،9،10،11-ئاي مانا نەق يېرىم يىل ۋاقت ئاساس قىلىندى.(
    بۇ 2010-يىللىق 10 بلوگ بولغاندىكىن، مۇشۇ پۈتۈن بىر يىلدىكى ئىپادىسىگىلا قارىشىمىز كېرەك ئىدى. ئادىل بولۇشى ئۈچۈن پەقەت تور ئەسلىگە كەلگەن مەزگىلگە بۇ شەرت قويۇلدى.) شۇڭا مەن مۇنداق ئويلىدىم.
    1. بۇ يىل 10-ئايدىن كىيىن يېزىلىشقا باشلىغان بلوگلارنىڭ سالاھىيىتى ئۇدۇللا بىكار قىلىنسا. بولمىسا ئادىل بولمايدۇ. پائالىيەت باشلىنىش ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن، يېزىلىشقا باشلىغان بىلوگلار سايلانسا ئادىل بولمايدۇ. چۈنكى سايلايدىغىنىمىز 2010-يىللىق بلوگ، يەنى كىلىپ ئۈن-تىنسىز يېزىلىۋاتقان بلوگلار.

    2. بۇ يىل 6،7،8،9،10،11 بۇ 6 ئاي ئىچىدە سەۋەبسىزلا ئۈزلۈكسىز 3 ئاي ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق يېڭىلانمىغان بلوگلارنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا.

    3. بۇ بىر يىل ئىچىدە 12 پارچە تېما يېزىلمىغان بلوگلارنىڭ سالاھىيىتى بىكار قىلىنسا.30 كۇندە بىرەر پارچىدىن توغرا كەلمىگەننى 10 چوڭ قىلىپ قويساق قاملاشماس؟

    يۇقارقىلار سەۋەبلىك تۈپەيلىدىن قېپقالغان بلوگلارنىڭ ياخشى يېزىپ كېيىنكى يىلغا تەييارلىق قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.
    ========================
    نورمۇر قۇيۇش ئۆلچەملىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم بېكىتىلگەن چەكلىمىسى بولغاچقا، مەلۇم تۈردە ياخشى نومۇر قويۇلسىمۇ، ئايرىم تۈردە تۈۋەن ئېلىپ قېلىشى سەۋەبلىك نەتىجىگە تەسىر يىتىدىغىنى ئىنىق. مەزمۇن، يېڭىلىق، ئىجادىيلىق، خاسلىق ئاساسىي ئورۇنغا قويۇلدى. تېخنىكا ۋە باشقا مەسىلىلەر ناھايىتى ئاز بىر قىسىمنى ئىگەللىدى.
    ========================
    ئىلاۋە: بەزى بلوگلارنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن بولمىغاچقا نومۇر قۇيۇش مۇمكىن بولمىدى.

    سەۋەنلىكلەردىن خالىي بولالمىغىنىم تەبىئىي، كەچۈرگەيسىلەر.

  16. يىگانە ياپراق مۇنداق يازغان:

    ئەسسالام ئەلەيكۇم،ھەممىڭزلارغا سالامەتلىك يار بولسۇن.مەن بۇيەردە ۋولقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگىنى نامىزاتلىققا كۆرسىتىمەن.يۇقىرىدا دېيىلگەندەك گەرچە ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى بىلەن تور ئادىرىسىدكى ئسمى بىردەك بولمىغان بولسىمۇ،لېكىن بۇنىڭلىق بىلەن ۋولقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگىنىڭ باشقا جەھەتتىكى نەتىجىلىرىگە كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇ.

    • ئىلىم-پەن مۇنداق يازغان:

      نامزاتلىققا كۆرسەتسىڭىز ، ئوڭ تەرەپ يۇقىرى بۈرجەكتىكى نامزات كۆرسىتىش رايۇنىدىن سىز نامزات كۆرسەتمەكچى بولغان بىلوگنىڭ ئىسمىنى بېسىپ نامزات كۆرسەتسىڭىز بۇلىدۇ.

  17. قۇتدىيار مۇنداق يازغان:

    مەن blog.ilqut.comبىلەن http://www.jeckblog.comغا بىردىن بىلەت تاشلايمەن~!~

  18. بەكتۇر مۇنداق يازغان:

    باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەت بولۇش سۈپىتىم بىلەن بەزى ئىشلاردا تورداشلار بىلەن ئورتاقلاشقۇم كەلدى .
    بۇ قېتىمقى 20 بلوگ مۇنداق تاللاپ چىقىلغان . ئالدى بىلەن بىرىنچى باسقۇچتا تورداشلار ياقتۇرىدىغان بلوگنى نامزاتلىققا كۆرسەتتى . يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر شۇ كۆرسىتىلگەن بلوگلاردىن ئالدىنقى 50 نى تاللاپ «باھالاش ئۆلچىمى» بويىچە ئايرىم-ئايرىم نومۇر قويۇپ چىقتۇق . باھالاش ئۆلچىمى بۇرۇنقى تېمىدا ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان . مەنزىل : 997.html . نومۇر قويۇشتا ھەيئەتلەر بىر-بىرىمىز بىلەن مەسلىھەتلەشمەي ، مەخپىي ئېلىپ باردۇق . نومۇر قويۇشقا قاتناشمىغان بىر قىسىم ھەيئەتلەر نومۇرلارنى جەملەپ ، ئوتتۇرىچە نەتىجىسىنى چىقاردى . ئوتتۇرىچە نەتىجىدىن يۇقىرىدىن تۆۋەنگە 20 بلوگ بىلەت تاشلاشقا تاللاندى .
    يەنە ئەسكەرتىپ ئۆتسەم باھالاش، نومۇر قويۇش ئۆلچىمى ئېنىق ، ئېقى قەغەز ، قارىسى خەت .
    مەنزىل : 997.html
    1. بلوگنىڭ مەزمۇنى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %30 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ )
    بۇ چوڭ تۈردە ، بلوگ يازمىلىرىنىڭ ئىجادىيلىقى ( %10 ) ، يازمىلىرىنىڭ سۈپىتى ( %10 ) ، تەسىرى ، ئىنكاس ئاۋاتلىقى ۋە ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلار ( %5 ) ، ئىملاسى ( %5 ) قاتارلىق كىچىك تۈرلەر بار.
    2. بلوگنىڭ قۇرۇلمىسى – كۆركەملىكى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %10 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ )
    بۇ چوڭ تۈردە ، بلوگنىڭ ئۇسلۇب كۆركەملىكى ، رەڭلىرىنىڭ ماس، رايونلارنىڭ رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى %5 ، باشقا تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى، مەسىلەن زىيارەت قۇلايلىقى ، ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارى قاتارلىقلار (%5)
    دىيارىمىزدا ئارىلىقتا تور ئۈزۈلۈپ كۆپىنچە بلوگلار بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ قايتا نەشىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بلوگلارنىڭ Google PR قىممىتى ، بلوگلارنىڭ زىيارەت ئېقىمى بۇ قېتىملىق باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى.

    مەلۇم ۋاقىت يېڭىلانمىغان بلوگلارنى نەزەردىن ساقىت قىلىشنى مۇۋاپىق كۆرمىدۇق ، نېمە ئۈچۈن ؟ چۈنكى مەلۇم ۋاقىت يېڭىلانمىغانلىقىنى كۆرۈپلا ئۇنىڭ قىممىتى يوق ، بۇنىڭدىن كىيىن تورداشلارغا ھېچ ئىش قىلىپ بېرەلمەيدۇ دېيىشكە ئاساسىمىز يوق . ئەنە شۇ ئاتلار ئاستا بولسىمۇ توختاپ قالماي مېڭىۋاتىدۇ . ئاشۇ ئاتلارنىڭ كەينىدە نۇرغۇن تايچاقلار يېتىشىپ چىقتى ، ئاشۇ ئاتلارنىڭ يەلكىسىدە نۇرغۇن« يۈكلەر» بولىشى مومكىن ،ئاشۇ ھېرىپ قالغان ئاتلار باشقا تايچاقلارنى يىتەكلەپ ماڭاي دەۋاتقانلىقى ئۈچۈن سۈرئىتى ئاستىلاپ قالغان بولىشى مومىكن . بىز ئۇلارغا مەدەت بېرىپ ياردەم قىلماقتا يوق ، ئۇلارنى «ھېرىپ قالدىڭ» دەپ ئەيىپلىسەك توغرا بولامدۇ ؟ شۇڭا باھالاشتا بلوگنىڭ يېڭىلىنىش سۈرئىتىگە قارىغاندا سۈپىتىگە ، ئىجادىيلىقىغا ، ئەمىلي قىممىتىگە بەكرەك ئەھمىيەت بەردۇق .
    بۇنى بىز باھالاش ھەيئەتلىرىلا ئەمەس ، كەڭ تورداشلار كۆرسەتكەن ،خەلق تاللىغان . ئاتلار گەرچە ھېرىپ قالغان ، سۈرئىتى سەل ئاستىلاپ قالغان بولسىمۇ ئوقۇرمەنلەرگە ئوزۇق بېرەلىگەن . شۇڭا ئوقۇرمەنلەر ئۇلارغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە ، بۇندىن كېيىن توختاپ قالماي ، تېخىمۇ غەيرەت قىلىپ ئۆزلۈكسىز « تايچاقلارنى يىتەكلەپ مېڭىشنى » ئۈمىد قىلىپ نامزاتلىققا كۆرسەتكەن ، قوللىغان ، مەدەت بەرگەن . دېمەك ئۇلار گەرچە ھېرىپ قالغان بولسىمۇ خەلق قەلبىدە يەنىلا يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ . «2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ» ماۋۇ ئۇقۇمنىڭ ۋەزنى ئۇنچىۋالا يىنىك ئەمەس . تاللانغان بلوگ تورداشلارغا ، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى 20 مىليۇن ئۇيغۇرلارغا ، شۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دىگەن گەپ . ماۋۇ نۇقتىلارنىمۇ ئويلاشماي بولمايدۇ.

    شۇڭا بۇ مەسىلىدە تورداشلاردا ئۇقۇشماسلىق بولمىغاي . بۇ ئەسلىدىلا ياخشى باشلانغان ئىش ، ئاخىرىنىڭمۇ ياخشى ئاخىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز .

  19. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    ئالدى بىلەن بۇ پائالىيەتنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچقا ئۇلاشقانلىقىنى تەبرىكلەيمەن ،شۇنداقلا بۇ خىلدىكى يىللىق باھالاش پائالىيەتلىرىنىڭ تېخىمۇ مۇكەممەللىشىنى ،ھەريىلى ئۈزۈلۈپ قالماي داۋام قىلىشىنى ،شۇنىڭ تۈرتكىسىدە ھەقىقىبىر ئۇيغۇر بلوگ يېزىش مەدەنىيتىنىڭ شەكىللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن !
    ئاللاھ خالىسا ،«مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى»ئاساسىدا قۇرۇلغان «ۋەتەن» بلوگىنى كىلەريىللىق باھالاش پائالىيىتىگىچە تورداشلار ياقتۇرىدىغان بلوگلار قاتارىغا ئېلىپ كىرىشكە تېرىشىمەن .

    مەزكۇر پائالىيەت تېخمۇ ئوڭۇشلۇق داۋام قىلسۇن ،نەتىجىگە نائىل بولغۇچىلارغا مۇبارەكلەر ياغسۇن !

  20. 4تاۇ مۇنداق يازغان:

    مەن تاللاشنىڭ ئاساسەن ئادىل بولغىنىغا ئىشىنىمەن، ئۆزۈم بىلگەن بلوگلارنى بىر باشتىن مۇشۇ يىلغا تەۋە ھەممە تېمىسىنى ۋاراقلاپ چىققانمۇ بوپتىمەن. بەزى بلوگلارنىڭ نامزاتلار قاتارىغا كىرگىنىگە ئەجەبلەنگەن بولسا ، بەزى بلوگلارنىڭ كىرەلمىگىنىگە ھەم ئەجەبلەندىم. يۇقىرىدا بەكتۇر ئەپەندى ئېيتقاندەك‹‹«2010-يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ» ماۋۇ ئۇقۇمنىڭ ۋەزنى ئۇنچىۋالا يىنىك ئەمەس . تاللانغان بلوگ تورداشلارغا ، جۈملىدىن دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىكى 20 مىليۇن ئۇيغۇرلارغا ، شۇلارنىڭ مەدەنىيىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ دىگەن گەپ .›› بۇ ۋەزنى خېلىلا ئېغىر ئىش. باھالىغۇچىلارنى خېلىلا تەمتىرەتكەن بولۇشى مۇمكىن. مەن مۇنداق بىر نۇقتىنى ئويلاپ قېلىۋاتىمەن؛
    بلوگنىڭ مەزمۇنى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %30 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ )
    بۇ چوڭ تۈردە ، بلوگ يازمىلىرىنىڭ ئىجادىيلىقى ( %10 ) ، يازمىلىرىنىڭ سۈپىتى ( %10 ) ، تەسىرى ، ئىنكاس ئاۋاتلىقى ۋە ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلار ( %5 ) ، ئىملاسى ( %5 ) قاتارلىق كىچىك تۈرلەر بار.
    2. بلوگنىڭ قۇرۇلمىسى – كۆركەملىكى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %10 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ )
    بۇ چوڭ تۈردە ، بلوگنىڭ ئۇسلۇب كۆركەملىكى ، رەڭلىرىنىڭ ماس، رايونلارنىڭ رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى %5 ، باشقا تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى، مەسىلەن زىيارەت قۇلايلىقى ، ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارى قاتارلىقلار (%5).
    يۇقىرىقى باھالاش ئۆلچىمىنىڭ %40 نى تەشكىل قىلىدىغان قىسمى ، ئويلىغىنىم كېيىنكى يىللاردىكى باھالاشتا مۇشۇ نىسبەت سەل كۆپەيتىلىپ ئاۋاز بېرىش نىسبىتى سەل تەڭشەلسە.
    مەن ئويلايمەن بلوگ باشقىلارغا قانداق مەنپەئەتلەرنى ئېلىپ كېلەلىدى؟ شۇنىڭ ئۈچۈن ئالتە بلوگقا قاراپلا بېلەت تاشلىۋەتتىم، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ، ئەمما قالغان 14 بلوگدىن تۆت نامزاتنى تاللاپ بولالمايۋاتىمەن.

  21. كۆك كەپتەر مۇنداق يازغان:

    ھازىرغىچە بولغان بىلەت تاشلاش ئەھۋالى ۋە بىلەت تاشلىغۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئانالىز قىلىشىمىزچە ئايان بولدىكى، بەزى بىلەت تاشلىغۇچىلاردا ۋاكالەتچى مۇلازىمىتېر ۋە IPيوشۇرۇش قوراللىرىنى ئىشلىتىش ئەھۋالى كۆرۈلگەن! بۇنىڭ نىمىدىن دىرەك بىرىدىغانلىقى كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىگە ئايان. بىلەت تاشلاش باشلانغانغا ئۇزۇن بولمىغانلىقى ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ قىلمىشنىڭ ھازىرچە ئانچە ئىغىر بولمىغانلىقى، ھەمدە ئەمدىلا بىخلاۋاتقاتقان بىلوگلارنىڭ بىر نام ئاتاقنى دەپلا، خەلقنىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ كىتىشىنى خالىمىغانلىقىمىز سەۋەبلىك، ھازىرچە بۇ قىلمىشقا گۇماندار بولغانلارنى ئاشكارە ئەيىپلىمەسلىكنى قارار قىلدۇق. كۆپچىلىكنىڭ توردىن ئىبارەت بۇ مەۋھۇم دۇنيادىمۇ ئوخشاشلا ئىززەت- ئابروينى قەدىرلىشىنى، ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بىرىشىنى، پائالىيەتنىڭ قائىدە- تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

    ھۆرمەت بىلەن:
    2010-يىللىق ئون چوڭ بىلوگنى باھالاش ھەيئېتى
    تېخنىكا گۇرۇپپېسى

    • بىرزات مۇنداق يازغان:

      بىرقانچە كۈن بولا-بولمايلا شۇنداق سەمىمىيەتسىز قىلمىش بايقالدىما؟!! ئىنساپ قىلايلى ئادەملەر، نەپسىمىزگە ھاي بىرەيلى!!!
      يېقىنىم ، دوستۇم ئىدى دەپ ساختىلىق ئىشلىتىپ كۆپ بىلەت تاشلاپ شۇ دوستىڭىزغا زىيانكەشلىك قىلىپ قويماڭ!

  22. خاقان مۇنداق يازغان:

    قانداق بىلەت تاشلاشنى بىلەلمەي قالدىم ،شاھ ئۇيغۇ تەرجىمە گۇرۇپىسىغا بىر بىلەت كەتتى .

  23. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بلوگگىرلار!
    يۈكسەل ئەپەندى، بلوگلارغا بېلەت تاشلاش تېمىسىنى يوللىغاندىن تارتىپ، تورداشلارنىڭ بۇ تېمىغا يازغان ئىنكاسلىرىغا دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن.
    يۇقۇرىدا باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر بىر قاتار چۈشەنچە بېرىپ ئۆتۈپتۇ. مەن «جۇلالىق» مۇ باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى بىر ھەيئەت بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئازراق چۈشەنچە بېرەي.
    يۈكسەل بلوگىدا «2010-يىللىق بلوگلارغا نامزات كۆرسۈتۈڭ» تېمىسى يوللانغاندىن كېيىن 50 بلوگ نامزاتلىققا كۆرسۈتۈلگەن.
    بلوگلارغا نومۇر قويۇش ئۆلچەملىرىنى باشقا ھەيئەتلەر چۈشەندۈرۈپ بوپتۇ، مەن چۈشەندۈرمىسەممۇ بولار.
    نامزاتلىققا كۆرسۈتۈلگەن 50 بلوگقا نومۇر قويۇشتا ھەر بىر بلوگنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن شۇ بلوگنىڭ ئىجادىي تېمىلىرى، تېمىلارنىڭ سۈپىتى، ئىملا خاتالىقى قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەرنى كۈزەتكەندىن كېيىن بلوگلارغا نومۇر قويۇلدى.
    بلوگلارغا مۇنداقلا قاراپ قويۇپ، نومۇر قويىدىغان مەسئۇلىيەتسىزلىك مەۋجۇت ئەمەس.تورداشلارغا بۇ نۇقتا ئېنىق بولغاي!

    شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتىمەنكى: بلوگلارغا نومۇر قويۇشتا ئادىل بولۇشنى بىرىنجى ئورۇنغا قويۇپ باھالاپ چىقتۇق. باھالىغۇچىلاردا قانداقتۇر دوستلىرىنىڭ ياكى يېقىنلىرىنىڭ بلوگلىرىغا يۇقىرى نومۇر قويۇشتەك سەۋەنلىكلەر كۆرۈلمىدى.

    مەن بلوگلارغا نومۇر قويۇشتا ئاساس قىلغان ئۆلچەملەر.
    1.شۇ بلوگنىڭ ئىجادىي تېمىلرىغا كۆپرەك نومۇر قويدۇم، تېمىلارنىڭ سۈپىتىگىمۇ خېلى كۆپ نومۇر بېرىلدى.
    2.ئىملا خاتالىقى بار بلوگلاردىن كۆپرەك نومۇر تارتىلدى.
    3.بلوگنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرى ۋە كۆركەملىكى قاتارلىق تۈرلەرگىمۇ ئايرىم-ئايرىم نومۇر قويۇلدى.
    مۇشۇ ئاساستا نومۇر قويۇش ئارقىلىق 50 بلوگقا نومۇر قويۇپ چىقتىم.
    قىسمەت ئەپەندى، ئېيىتپ ئۆتكىنىدەك باھالىغۇچىلارمۇ سىلەر بىلەن ئوخشاش ئىنسان، بىزلەرمۇ خاتالىقتىن خالىي بولالمايمىز. قىلغان ئىشلىرىمىزنىڭ ھەممىسىنى مۇكەممەل بولۇپ كېتەلمەيدۇ. ياخشى قىلالمىغان بولساق توغرا چۈشەنگەيسىلەر!
    «ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك»

    ھۆرمەت بىلەن:
    __ جۇلالىق.

  24. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    كەمىنە كۆپچىلىكنىڭ پەقەت يۇقىرىدا بلوگ باھالىغۇچىلار ئېيتقاندا 10 چوڭ بلوگ دېگەن بۇ ئاتالغۇنىڭ ۋەزنىنىڭ ئېغىرلىقىنى تۇلۇق يىتىپ چىقىپ، ھەقىقىي 10 چوڭ بلوگنى تاللاپ چىقىشىغا، نەتىجىنىڭ ئادىل، ھەققانىي بولۇشىغا تىلەكداشمەن……

  25. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    قارىسام يۈكسەل بلوگى ئېلىپ بارغان 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ سايلاش پائالىيتىدە بلوگىم نامزات 20 بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە قاتنىشىش سالايىتىگە ئېگە بوپتۇ . بۇ نەتىجە ماڭا قايتىدىن ئۈمۈد ۋە ئىلھام ئاتاقىلدى . “ يازىمەن ، يازغاندىمۇ چۇقۇم ياخشى يازىمەن !“
    نىشانسىز سەپەر جۇۋازچىنىڭ ئېشىكىگە ئوخشاش ئىشكەن . شۇڭا مەن ئۆزۈمدىكى يىتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلىكنى تۇلۇقلاپ يېڭى نىشانلىرىمنى بېكىتىپ يېڭىچە قىياپاتتە ئوتۇرغا چىقىمەن .
    يېقىنقى مەزگىللىك پىلان :
    1.كۈچلۈك بلوگ سۇپىسى WordPressقا كۆچۈپ چىقىش .
    سىناق سېستىما قاچىلنىپ بولۇندى . ئۇسلۇپ تەڭشلىپ بۇلۇندى .
    2.بلوگنى قايتىدىن رەتلەش .
    يازما ، خەتكۈش ، تۈرلەر قايتىدىن قۇرۇلدۇ . (ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ …..)
    3.بلوگنىڭ ئاساسلىق يۆلىنىشىنى بەلگىلەش .
    ئېلىپ بېرىلۋاتىدۇ…….

    ئاخىرىدا مېنى قوللايدىغان دوست دۈشمەنلەرنىڭ بىرلىكتە“ 2010-يىلدىكى 10 چوڭ بلوگ“پائالىيتىنىڭ بېلەت تاشلاش ئورنىغا بېرىپ كۆڭلۈڭدىكى بلوگقا بلەت تاشلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن . ئەمما ئۇشۇرۇش قالماڭلار جۇمۇ . مەن ئىگە ئەمەس ھې ھې ھې.
    مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن مېنى قوللاپ كەلگەن ئۇستازىم ، دوستلىرىم ، ۋە بلوگچى ھەمشىرىلىرىمگە رەھمەت ئېيتىمەن . رەھمەت سىلەرگە !

  26. بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

    تورداشلارنىڭ ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ سۆزىگە قارىغاندا يۈكسەل ئەپەندىدىن ئارتۇقچە خاپا بولغاندەك قىلىمەن يۈكسەل ئەپەندىدىن چىن كۆڭلۈمدىن كەچۈرۈم سورايمەن يەنە بىر ئىشقا دىققەت قىلدىم بۇ قىتىمقى باھالاشقا دۇنيا قارا بلوگى كىرگۈزۈلمەپتۇ قارىغاندا بۇ يىل بلوگ بىلىملىرى ئۈگىتىدىغان باشقىلارنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىدىغان بلوگلار بۇنداق شەرەپگە ماس كەلمىسە كىرەك

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئەمەلىيەتتە ئۆز – ئارا دىل ئازارى قىلىشقۇدەك، كەچۈرۈم سوراشقۇدەك ھېچ ئىش يوق. بايلىق ئەپەندىنىڭ سەمىمىيىتىدىن سۈيۈندىم. ئۆز – ئارا چۈشىنىش ياشىسۇن!

  27. ئىلتەرىش مۇنداق يازغان:

    blog.ilqut.com نىڭ يېڭىلىنىشى خېلى تىز!~!مەن بۇ بلوگدىن نۇرغۇن يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىپ كىلىۋاتىمەن!@!~!

  28. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    دۇنيا قارا بلوگىنىڭ كىرگۈزۈلمىگەنلىكى مېنىمۇ ئەجەبلەندۈردى.

  29. ئىلقۇت بلوگى مۇنداق يازغان:

    [...] قالدىم دېسە. ئالدىنقى مەزگىللەردە يۈكسەل بلوگىدا 2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى باشلانغاندىن كىيىن كەمىنىنىڭ خىزمەتتىكى [...]

  30. مېرىشاد بىلوگى مۇنداق يازغان:

    ئەجەپ ياخشى ئىش قىلىۋىتىپسىز يۇكسەل ئەپەندى! سىز قوللايمەن! ھەم كەڭ بىلوگ ھەۋاسكارلىرىنىڭ سىزنى قوللاپ قۇۋەتلەۋاتقىنىغا ئىشىنىمەن !

    ئۆتكەن قېتىمقى بىلوگ بېلەت تاشلاش پائالىيىتيدە تەكلىماكان بىلوگى، دۇنيا قارا بىلوگى ، ئارامگاھ بىلوگى قاتارلىق ئۇيغۇر تورچىلىقىغا باشلامچى بولغان ئۇيغۇر بىلوگلىرى ھىچبىر نامزاتلىققا كىرگۈزۈلمەپتۇ …. بۇ ئەلۋەتتە تورداشلارنىڭ تاللىغان نامزات بىلوگلىرى لېكىن يۇقۇرقى بىلوگداشلار ئۇيغۇر تورچىلىقىغا ھەقىقەتەن چوڭ تۆھپە قوشقانلار ئىدى! تورداشلارنىڭ ئۇلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە ئۇلارغا رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن(شەخسى پىكىرىم خالاس)

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      تەكلىماكان، ئارامگاھ ، دۇنيا قارا بلوگلىرىنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا قوشقان يول ئېچىش خاراكتېرلىك تۆھپىسى ھېچقاچان ئۇنتۇلمايدۇ. بەلكى ئۇلارنىڭ 2008 – يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگلارنىڭ بىرى بولۇش شەرىپىگە نائىل بولغانلىقى سەۋەبلىك تارىخ بەتلىرىدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالىدۇ.

  31. مېرىشاد بىلوگى مۇنداق يازغان:

    ھە راسىت بۇ قېتىملىق پائالىيەتكە ھەجەپ يۇكسەل ئەپەندى نامزاتلىققا كۆرسىتىلمەپتىغۇ ؟؟؟؟ :oops:

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئالدىنقى تېمىلاردا كۆپ قېتىم ئىزاھات بېرىپ ئۆتكىنىمىزدەك، يۈكسەل بلوگى ئۇيغۇرلاردىكى يىللىق 10 چوڭ بلوگنى تەشكىللىگۈچى بلوگ بولۇش سۈپىتى بىلەن، باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئادىل ، ھەققانىي ، نوپۇزلۇق بولۇشى ئۈچۈن ئۆزى باش بولۇپ تەشكىللىگەن بۇ پائالىيەتكە نامزات سۈپىتىدە قاتناشمايدۇ ھەم شۇنداق قىلىشى كېرەك.

  32. تەكلىماكان مۇنداق يازغان:

    بۇ يەردە ياخشى گەپلەر بولىۋېتىپتۇ.
    شۇنداق. يۈكسەل بلوگ، ئارامگاھ بلوگ، دۇنيا قارا، تەكلىماكان بلوگ…. ۋە بىر قاتار بلوگلار … ئۇيغۇرلاردا بلوگ دەيدىغان نەرسىنى پەيدا قىلغان بولىشى مۇمكىن. بۇندىن بۇرۇن بلوگ بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە سېستىمىدىكى بلوگلار يوق ئىدى. ئەمما ئەپسۇس… بلوگلىرىمىز يەنىلا شۇ بۇرۇنقى كونا تېمىلاردا يېزىلىۋاتىدۇ. شۇڭلاشقا يېڭى يېڭى بلوگلار سەرخىل مەزمۇنلار بىلەن ئىلگىرلەپ كەتتى. بۇ ياخشى ئىش. !
    پەقەت 10 نى تاللايدىغان ئىش بولغاچقا،،، نۇرغۇن سۈپەتلىك تورتۇرالارنىڭ بۇ سان ئىچىگە كىرەلمەسلىكى تەبئى ئەھۋال .
    تورداشلارنىڭ ئۇنتۇپ قالمىغانلىقىغا رەھمەت !

  33. ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

    بۇ پائالىيەتنىڭ ئەھۋالى چوڭ توربەتلەردە ئېلان قىلىنسا ئۈنىمى تېخىمۇ ياخشى بۇلار ئىكەندۇق.

  34. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    پائالىيەتنىڭ داۋاملاشقىنىغا بىر قانچە كۈنلەر بولۇپ قالغان بولسىمۇ لېكىن پائالىيەتكە قاتناشقانلارنىڭ بولۇپمۇ بىلەت تاشلاشقا قاتناشقانلارنىڭ سانىنى ئىنتايىن ئاز دەپ تامامەن ئېيتىشقا بولىدۇ. نەچچە يۈزمىڭ تور ئابونتى بار ئۇيغۇرلارغا نىسبەتەن بۇنى يوق دىيەرلىكلا سان دەپ ئېيتىشقىمۇ ھەم بولىدۇ. مېنىڭ بايقىشىمچە پائالىيەتنىڭ بىرقانچە تەرەپلىرىدە يىتەرسىزلىكلەر مەۋجۈت.

    1. ئالدىنقى قېتىمدىكىدەكلا تەشۋىق قىلىشنىڭ تەشۋىق رەسىمى تاكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاشنىڭ پىكىرىنى ئالغاندىن تارتىپ، نامزات كۆرسىتىش ۋە نامزاتلارغا بىلەت تاشلاشقىچە بولغان بارلىق جەرياندا ھەممىسىگە بىر خىل تەشۋىق رەسىمى ئىشلىتىلگەن. بۇنىڭ بىلەن تەشۋىق رەسىمى بىلەنلا 10مىڭ خەتلىك يازمىنىڭ ئىشىنى رەسىمدىكى بىر-ئىككى قۇر خەت ئارقىلىقلا تامامەن ئىپادە قىلغىلى بولىدىغانلىقىغا سەل قارىغان ياكى ئېتىبار بېرىلمىگەن. ھەر بىر باسقۇچنىڭ تەشۋىق رەسىمىگە تەشۋىق رەسىمىدىكى خەتلەرنى مۇۋاپىق ئالماشتۇرۇپ پائالىيەت باسقۇچىنى ئەسكەرتىپ تۇرۇلمىغان. بۇنىڭ بىلەن تورداشلاردا بۇ پائالىيەتتە قىلچە ئۆزگىرىش بولمىغاندەك تۇيغۇ بېرىپ قويغان بولىشى مۇمكىن.

    2. پائالىيەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك باسقۇچى چوڭ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىماي يۈكسەل بلوگىدىلا چەكلىنىپ قالغان. (ئىزدىنىش مۇنبىرىگە نامزات تاللاش باسقۇچى توغرىسىدىكى تېما يوللىنىلغاندىن كېيىن تەلەپلەر ئارقىلىق ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ ئاقما تېما رايونىدىن ئورۇن ئالغان) ئالدى بىلەن چوڭ ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىدە ئېلان قىلىنىشى كېرەك ئىدى. مەسىلەن:ئىزدىنىش(مۇلازىمىتىر ئالماشتۇرۇش سەۋەبىدىن ھازىرچە نورمال زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ، ئەسلىگە كەلگەندە پائالىيەت ئۈلگۈرسە يوللانسا تامامەن بولىدۇ)، بىلىك، ئەلكۈيى، مىسرانىم، باس-باس، ئىنتىل، كومپىيوتېر ھەۋەسكارلىرى تورى، كەڭساي تورى، قاشتېشى ھەمدە تېزلا قەد كۆتىرىۋاتقان نۇر، ئۇچۇر، ئۇچۇرلار تورى… دىگەندەك توربەتلەردە ئېلان قىلىنغان بولسا تېخىمۇ ياخشى تەشۋىق قىلىنغان ۋە پائالىيەتنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرغىلى شۇ ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان تورداشلارنى بلوگلارنىڭ ھازىرقى تەرەققىياتىدىن خەۋەردار قىلغىلى بولاتتى. ھەمدە بلوگ ئاتالغۇسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە تورداشلارغا تونۇشتۇرغىلى بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تورداشلارنىڭ بلوگ قىزغىنلىقىنى قوزغىغىلى بولاتتى. لېكىن تا ھازىرغىچە بۇ مەسىلە ھەل قىلىنمىدى. ئەڭ مۇھىمى ئۇلىنىش (cn) ۋە ئۇلىنىش(com) تورلىرىنىڭ قىززىق نوقتا سەھىپىسىدىن مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن 10 كۈنلۈك ياكى بىر ھەپتىلىك ئورۇن ئالغىلى بولىدىغان بولسا بۇ ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇل بولغان بولار ئىدى.

    چەۋەندازلار بلوگى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باشلانغانلىقىدىن باشلاپ ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتتا تەييارلىق قىلىپ تەشۋىق پائالىيتىنى بىلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرگەن ۋاقىتتا باشلىماقچى بولغان. ھازىر تەشۋىق قىلىنىۋاتىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ ھەم ئۈزلۈكسىز تەشۋىق پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.

    بۇ رەسىم چەۋەندازلار بلوگىنىڭ مەخسۇس بىلەت تاشلاش باسقۇچىنى تەشۋىق قىلىش ئۈچۈن ئىشلىگەن تەشۋىق رەسىمى. رەسىم ماتېرىياللىرى ئىنچىكىلىك بىلەن ئۇزاق ۋاقىت تاللانغان بولۇپ ھازىرقى ئېقىمغا ماسلاشقان يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىپادىلەش ئۇسۇلى قوللىنىپ پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ ئۆزگىچە ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىلگەن.
    رەسىم ئۇلىنىش مەنزىلى: بۇ جاينى بېسىڭ!ئەگەر باھالاش ھەيئىتى تەشۋىق رەسىمىنى ياقتۇرغان بولسا چەۋەندازلار بلوگى ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئىپادىلەش ئۈچۈن مۇناسىۋەتلىك تەشۋىق رەسىمىنى قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئەسلىدىكى تەشۋىق رەسىمى بىلەن ئوخشاش چوڭ-كىچىكلىكتە مۇشۇ رەسىمنى ئاساس قىلغان بويىچە گۈزەللەشتۈرۈپ چىقىرىلىدۇ.

    ئاخىرىدا چەۋەندازلار بلوگى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تىلەكداشلىق بىلدۈرىدۇ ۋە جاپاكەش 7 ھەيئەت ئەزاسىغا ئالىي سالاملىرىنى بىلدۈرىدۇ!

    • بايلىق بلوگى مۇنداق يازغان:

      چەۋەندازلار بلوگىنىڭ بۇ دىگەنلىرى ناھايتى ئورۇنلۇق راستىنلا مۇشۇ ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش كىرەك

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      چەۋەندازلارنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرى ئۈچۈن تەشەككۈر ئېيتىمىز. ۋاقىت ۋە زېھنىمىزنىڭ چەكلىك بولۇشى سەۋەبلىك مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقات ئىشىغا كۆپچىلىك تەسەۋۋۇر قىلغاندىكىدەك كۈچەپ بولالمىغىنىمىز راست. باشقا پىداكار تورداشلارنىڭ مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدىكى ئۇچۇر – خەۋەرلەرنى باشقا چوڭ تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىپ ، تەشۋىقات ئىشلىرىغا ھە – ھۇ دېيىشىپ بېرىشىنى ئەلۋەتتە قىزغىن قارشى ئالىمىز. خۇسۇسەن، چەۋەندازلارنى ھەم !

    • ۋېرۇس مۇنداق يازغان:

      بۇ دىگەنلىرىڭىز ناھايتى ئورۇنلۇق بوپتۇ … راس دىمەكچى رەسىم مەسىلىسى بار .. بىراق گەپ يۈزدە ياخشىغۇ . سىزنىڭ لايىھە رەسىمىڭىزدە نۇقسان بار . مېنىڭچە ئەسلى تەشۋېق رەسىمنىڭ رەڭ ۋە خەتلىرىنى ئۆزگەرتىپ ئېلىپ بارسىمۇ بولىدۇ .

  35. ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

    بۇ پائالىيەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئەلكۈيى مۇنبىرىگە يوللاپ قويدۇم، قالغىنى باشقۇرغۇچىلارنىڭ تەستىقلىشىغا باغلىق بۇلۇپ قالدى.

  36. ۋۇلقان مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ تەستىقلانماپتۇ، يەنىلا يۇكسەل ئەپەندىنىڭ تەستىقلىنىپتۇ، بۇ ناھايىتى ياخشى بوپتۇ، مۇشۇ باھانىدە نۇرغۇنلىغان ئادەمگە بىلوگنىڭ نىمىلىكىنى تۇنۇشتۇرغىدەكمىز.

  37. ئابرال مۇنداق يازغان:

    ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگىمىزنىڭ نامزاتلار قاتارىغا كىرگەنلىكى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇرسەن بولدۇم.تورداشلارنىڭ قوللىغىنىغا كۆپ رەھمەت.
    يۇكسەل ئەپەندى بىلەت تاشلاش سىستىمىسىدا چاتاق يوقتۇر. ئاخشام قارىسام ئابرال ئىلكىتاپ بىلوگىغا تاشلانغان بىلەت 61 تۇراتتى. ھازىر قارىسام 58 تۇرىدۇ. بۇ سىسىتىمىدىكى مەسىلەمۇ ياكى ماڭا بىر ip دىن بىر نەچچە بىلەت تاشلىۋەتكەنلەر بولسا، بىر نەچچە ئىناۋەتسىز قىلىۋەتتىڭلارمۇ؟ مۇشۇ ھەقتە بولسا چۈشەنچە بېرىپ باققان بولسىڭىز.ئاۋارە قىلىدىغان بولدۇم.

  38. خاككىر مۇنداق يازغان:

    ياخشى ئىكەن…… :smile:

  39. گېنېرال مۇنداق يازغان:

    قانداق نومۇر تاشلايمىز؟
    گېنېرال بىلوگىنىمۇ كېيىنكى قېتىملىق باھالاشتا كۆزدىن كەچۈرۈپ بېقىشىڭلارنى ئۈمىت قىلىمەن.

  40. باي دادام مۇنداق يازغان:

    باي دادام تور خاتىرىسىنىڭ نامزاتلار قاتارىغا كىرىشى مىنى خۇشال قىلدى ھەم ئۈنسىز قىلىۋاتقان ئىشلىرىمغا بىر مەدەت بولدى . مەيلى نەتىجە قانداق بۇلىشىدىن قەتئى نەزەر تۇتقان يۇلىمنى داۋاملاشتۇرۇشقا نىسبەتەن بىر ئىلھام تاپتىم .
    بۇنىڭ ئۈچۈن توردىكى ھەرقايسى دوسلارغا رەھمەت ئېيتىمەن .
    دوسلارنى باي دادام تور خاتىرىسىگە تەكلىپ قىلىمەن . ئەگەر ياقتۇرساڭلار سەمىمىي بىر بېلەت تاشلىشىڭىزنى ، ياقتۇرمىسىڭىز تەكلىپ پىكرىڭىزنى بىرىشىڭىزنى سورايمەن .

  41. ئەزىزنىسا مۇنداق يازغان:

    جېك بلوگى ئېچىلمايدىكەن

  42. بىلىم-كۈچ مۇنداق يازغان:

    بىلىم-كۈچ بلوگىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە تورداشلارنىڭ ۋە باھالىغۇچىلارنىڭ نەزىرىگە ئېلىنغىنىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم.كونىلار ‹‹ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك›› دەپ توغرا دەپتىكەن.ھاردۇقۇم چىققاندەك بولدى.مەن مۇشۇ پۇرسەتتە بىلىم-كۈچ بلوگىنى قوللىغان تورداشلارغا ۋە باھالاش گۇرۇپىسىدىكىلەرگە رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن…كۆپچىلىككە رەھمەت…

  43. روھلان مۇنداق يازغان:

    بۇ بەكلا ياخشى پالىيەت بوپتۇ . بۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھەمدە تور تەرەەقىياتىدا بەلگىلىك رول ئوينايدۇ .بۇ پالىيەتنى قوللاش نەتىجىسىدىن پات پات كەپ تۇرىۋاتىمەن . بۇندىن كىيىنمۇ چوڭ- چوڭ ياخشى پالىيەتلەرنى يولغا قويۇشقا تىلەكداشمەن .

  44. دېھقان ئوغلى مۇنداق يازغان:

    بىلىم-كۈچ بىلوگدا ھەققىتەن مول بىلىملەر باركەن مەن ھەر كۈنى مۇشۇ بىلوگدىن ھەر خىل يېڭى بىلملەرگە ئىگە بۇلمەن
    ھەمدە بۇ بىلوگنىڭ بىز تورداشلانى تېخمۇ يېڭى تېخىمۇكۆپ تېخىمۇ نادىر بىلىملەر بىلەن تەمىنلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    شۇنداقلا بۇ بىلوگدا تىنىم تاپماي ئىزدىنۋاتقان دوسلارنىڭ ئەجىرىگە كۆپتىن كۆپ سەمىيمى رەھمىتىمنى بىلدۈرىمەن .

  45. بىلىم-كۈچ مۇنداق يازغان:

    رەھمەت سىزگە … مەن تېخىمۇ تىرىشىپ بىلىم-كۈچ بلوگىنى ئۇيغۇرچە نادىر ماقالىلار ئامبىرىغا ئايلاندۇرۇپ بىلىم خۇمار دوسلارنىڭ مەنىۋى ئىھتىياجىنى قاندۇرۇشقا تىرىشىمەن…

بىلىم-كۈچ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟