بىز ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ›› پائالىيىتىنى تەشكىللەشكە بەل باغلىغانلىقىمىزنى جاكار ئەيلىگەندىن بېرى، مەزكۇر جاكارغا ئەھلى بلوگگىر، تورداشلار ناھايىتى يۈكسەك دىققەت – ئېتىبارىنى بېرىشتى. مەزكۇر پائالىيەتنى ياخشى تەشكىللەش ھەققىدىكى قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىنى مەيدانغا تاشلاشتى ۋە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قېتىشتى. كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس، دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بۇ يىللىق پائالىيىتىمىزمۇ ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگۈسى، ئەلۋەتتە! بىز بۇ تېما ئېتىبارىدا 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى ( دەسلەپكى پىكىر ئېلىش نۇسخىسى ) ۋە مۇشۇ پائالىيەتكە ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلاردىن تورداشلارنى ۋاقىپلاندۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.
باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىندى
تورداشلارنىڭ پىكرى بويىچە باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكىل قىلىندى. ھازىرچە بۇ ھەيئەتتە 10 نەپەر ھەيئەت بار بولدى. بۇ گۇرۇپپا تور دۇنياسىدا بەلگىلىك تەسىرى بار، بلوگلارنى ئارىلاپ تۇرىدىغان ۋە بلوگنى چۈشىنىدىغان ياكى بلوگ نەشىر قىلىپ باققان قابىل تورداشلاردىن تەشكىل قىلىندى. باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئادىل – ھەققانىي رەۋىشتە بولۇشى ئۈچۈن ، ھەيئەتلەرنىڭ كىملىكىنى ھازىرچە ئېلان قىلماسلىقنى توغرا تاپتۇق. بەلكىم ھەيئەتلەر يەنىمۇ تولۇقلىنىشى، سەرخىللاشتۇرۇلۇشى مۇمكىن.
بۇ گۇرۇپپا ئاساسلىقى بلوگلارنى بېكىتىلگەن ئۆلچەم كۆرسەتكۈچلىرى بويىچە ئەستايىدىل باھالاپ نومۇر قويۇپ چىقىدۇ.
باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھاسى بىلەن تورداشلار ئاۋازىنىڭ نىسبىتى
تورداشلارنىڭ ئاۋازى ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %60 نى، باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ باھاسى %40 نى تەشكىل قىلىدىغان بولدى. ئاخىرىدا، باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ قويغان نومۇرى بىلەن تورداشلارنىڭ بېلەت ئاۋازى جەملىنىپ ئاخىرقى نەتىجە چىقىرىلىدۇ.
باھالاش ئۆلچىمى ( دەسلەپكى پىكىر ئېلىش نۇسخىسى )
باھالاش گۇرۇپپىسىنىڭ بلوگلارنىڭ باھالاش ئۆلچىمى مۇنداق 2 چوڭ تۈردىن تەشكىل تاپماقچى:
1. بلوگنىڭ مەزمۇنى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %30 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ )
بۇ چوڭ تۈردە ، بلوگ يازمىلىرىنىڭ ئىجادىيلىقى ( %10 ) ، يازمىلىرىنىڭ سۈپىتى ( %10 ) ، تەسىرى ، ئىنكاس ئاۋاتلىقى ۋە ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلار ( %5 ) ، ئىملاسى ( %5 ) قاتارلىق كىچىك تۈرلەر بار.
2. بلوگنىڭ قۇرۇلمىسى – كۆركەملىكى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %10 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ )
بۇ چوڭ تۈردە ، بلوگنىڭ ئۇسلۇب كۆركەملىكى ، رەڭلىرىنىڭ ماس، رايونلارنىڭ رەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى %5 ، باشقا تېخنىكىلىق كۆرسەتكۈچلىرى، مەسىلەن زىيارەت قۇلايلىقى ، ئىنكاس يوللاش ئىقتىدارى قاتارلىقلار (%5)
دىيارىمىزدا ئارىلىقتا تور ئۈزۈلۈپ كۆپىنچە بلوگلار بۇ يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ قايتا نەشىر قىلىنغانلىقى ئۈچۈن بلوگلارنىڭ Google PR قىممىتى ، بلوگلارنىڭ زىيارەت ئېقىمى بۇ قېتىملىق باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلمىدى.
مەزكۇر پائالىيەتنى ماددىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇنلار
شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
«ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى باش شىركىتى
ئۈرۈمچى ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
XJCFAN شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى
قەشقەر 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي ، ھەسەل دۇكىنى
890 ئېلان بىرلەشمىسى
10 چوڭ Blog قا بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار
تورداشلارنىڭ يۈكسەك باھاسى، ئالقىش سادالىرىدىن باشقا تۆۋەندىكى بۇيۇملار مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
1. شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 10 چوڭ بلوگ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىنى 200 يۈەن قىممىتىدىكى ‹‹ ئەلدوست ئوزۇقلۇقى ›› بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى جايلاردىكى ‹‹ ئەلدوست ئوزۇقلۇقىنى سېتىش نۇقتىلىرى ›› دىن تاپشۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ.
2.«ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى باش شىركىتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە تاللىنىپ چىقىلغان 10 چوڭ بلوگنىڭ بلوگ قۇرغۇۇچىلىرىنىڭ ھەر بىرىنى 100 يۈەن قىممىتىدىكى ئىتىبار كارتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇندىن باشقا، باھالاش ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى ئۈچۈن ھەر بىر باھالىغۇچى (10 نەپەر) ئۈچۈن 50 يۈەن قىممىتىدىكى ئىتىبار كارتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. تەشكىللىگۈچى ئورۇن يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن 50 يۈەن قىممىتىدىكى ئىتىبار كارتىسىدىن 3 تال تەمىنلەيدۇ.
3.ئۈرۈمچى ئەقلىم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن ئەقلىم ھەممىباب يۇمشاق دېتالىدىن 1 يۈرۈش.
4. XJCFAN شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسى تەمىنلىگەن كومپيۇتېر ئۆگىنىش يۇمشاق دېتالىدىن 1 يۈرۈش ( بۇ دېتال 5 تۈرلۈك بولۇپ، بلوگگىرلار ئۆزى قايسىنى ئېلىشنى بەلگىلىسە بولىدۇ ) .
5. 80 خالتا ئۇيغۇر تېبابەت چاي ، ھەسەل دۇكىنى تەمىنلىگەن قىممىتى 100 يۈەنلىك ئېسىل تەملىك ھەسەل ۋە دورىلىق چاي.
يۇقىرىقى 3 تۈرلۈك بۇيۇم ئۈزۈپ چىققان 10 بلوگنىڭ ھەربىرىگە بىر يۈرۈشتىن بېرىلىدۇ.
6. ئاندىن ئاخىرىدا، 890 ئېلان بىرلەشمىسى بۇ قېتىملىق باھالاشتا بىرىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەنلىك، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەنلىك، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 100 يۈەنلىك ئېلان ھەققى ( بۇ ھەق بىلەن 890 ئېلان سۇپىسى ئارقىلىق ئېلان بېرىشكە بولىدۇ ) مۇكاپات بەرمەكچى.
بىز بۇ يەردە نامى تىلغا ئېلىنغان ئورۇنلارغا مەزكۇر پائالىيەتنى كۈچلۈك قوللىغانلىقى بىلەن ئالىي ئىھترام بىلدۈرىمىز ۋە چوڭقۇر تەشەككۈر ئېيتىمىز.
بۇ پائالىيەتنى قوللاش ئىستىكى بار باشقا شىركەت – ئورۇنلارنىمۇ داۋاملىق قارشى ئالىمىز.
نامزات Blog لارنى قوبۇل قىلىش
ۋاقتى ۋە ئورنى
11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى يۈكسەل بلوگىدا مەزكۇر باھالاشقا قاتنىشىدىغان بلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش رەسمىي باشلىنىدۇ. 11 – ئاينىڭ 25 – كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بلوگگىرلار ئۆز بلوگىنى ياكى تورداشلار ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسەتسە بولىدۇ. نامزاتلىققا كۆرسىتىلمىگەن بلوگلار بىردەك نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.
نامزاتلىققا كۆرسىتىلىش ئۆلچىمى
نامزاتلىققا تۆۋەندىكى 2 شەرتنى ھازىرلىغان بارلىق ئۇيغۇر بلوگلىرى كۆرستىلىسە بولىدۇ.
(1) چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن – نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغان ئاساستا تور پائالىيىتى قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. مەزمۇنى چوقۇم ساغلام، قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
(2) چوقۇم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەخلاق يوسۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇشى ، بلوگ مەزمۇنىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاق يوسۇنلىرىغا مۇغالىپ مەزمۇنلار بولمىغان بولۇشى كېرەك.
ئاخىرىدا ، تورداشلارنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ھەققىدە ئىجادىي تەكلىپ – پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەرقايسى Blog ، تور بەتلەرنى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز!
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا كۈچ قوشۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىملىرى
رەسىملەرگە ئۇلايدىغان مەنزىل: category/top10blog/top10blog2010
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار
پائالىيەت ناھايىتى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، كەڭ بلوگگېر دوستلارنىڭ بلوگلىرىنى جابدۇب 3 ھەپتىدىن كېيىن باشلىنىدىغان تىزىملاش ئۈچۈن پۇختا تەييارلىق قىلىشىغا تىلەكداشمەن!
ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ، ياخشى نەتىجىلەر بىلەن يۈكسەلگەي
چوقۇم شۇنداق قىلىمىز ھى ھى ھى
يۈكسەلنىڭ تورداشلار ئۈچۈن قىلغان ئەجرىگە تەشەككۈر!
بۇ پائالىيەتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا،ھەر قايسى بىلوگلارنىڭ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئون چوڭ بلوگ قاتارىدىن ئورۇن ئېلىشىغا تىلەكداشمەن!
يۈكسەلنىڭ ئىشلارنى ئىدىتلىق ئۇرۇنلاشتۇرغانلىقىغا رەھمەت(ئەزەلدىنغۇ شۇنداق قىلىدۇ ) بۇ پائالىيەتنىڭ بلوگ ۋە بلوگىرلارغا بىر يۈكسلىش ئېلىپ كېلىشىگە ئىشىنىمەن .
بۇ بلوگ تولىمۇ ئۆزگىچە ھەم كۆركەم بېزىلىپتۇ ئادەمگە بىرخىل ھۇزۇر بېغىشلايدىكەن.
بۇ ئۆلچەملەرنى كۆرۈپ چىقتىم . مېنىڭچە شۇنداق ياخشى چىقىپتۇ .ئۇيغۇر تورچىلقىنىڭ يۈكسىلىشى ئۈچۈن ئالغا !
يۈكسەل بلوگىنىڭ بۇ پائاليەتكە قاتنىشمىغىنى بولماپتۇ .
كىڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس دىگەندەك يۇقارقى ئولچەملەر ناھايتى ئورۇنلۇق بولۇپتۇ مەن پۇتۇن كۇچىم بىلەن قوللايمەن
بولسا مەن ئالدىنقى قىتىم تەكىتلەپ ئوتكەن قوشۇمچە(10 كەسپى بىلوگ، 10ئىستىقباللىق بىلوگ ) قوشۇشنى ئويلىشىپ كورۇلسە بۇلارگا ماددى بۇيۇم ئەمەس رىغبەتلەندۇرۇلسە شۇنىڭ ئوزى كۇپايە
ۋاھ ياخشى بۇلۇپتۇ! مىنىڭ ئېلگىركى dilax613.blogbus.com بلوگۇم تاقىلىپ قالمىغان بولسا چۇقۇم ئالدىنقى 20نىڭ ئىچىگە كىرگەن بوللاتتى! ئەپسۇس ، ئۇ تاقالغاچقا بلوگ يېزىشى قىزغىنلىقىم سۇسلاپ قالدى. لىكىن شۇنداق بولسىمۇ يېقىندا ئەنئەنە بلوگى نى قايتىدىن قۇرۋالدىم! http://anana05.blogbus.com ئۇلىنش ئىلتىماس قىلغان ئىدىم ، قانداق بولدى يۇكسەل ئەپەندى؟ مەن مەزكۈر پائالىيەتكە يېقىندىن دىققەت قىلمەن!
ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى مەزكۇر پائالىيەتنى ئەشەددىي ئۇسۇلدا قوللايدۇ!
نامزاتلىققا كۆرسىتىش ، باھالاش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بوپكەتتىمۇ قانداق بىر ئايدىن ۋاقىت سەرىپ قىلىنسا بۇ بەك ئۇزۇن ۋاقىت
ياخشى لاھىيە بوپتۇ. مۇشۇ پىلان بويىچە ئىشلارنىڭ ئوڭۇشلۇق يۈرۈشۈپ كىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئۇتۇقلۇق ئۆتكۈزلىشىگە تىلەكداشمەن.
ئالدى بىلەن مەن بۇ يىللىق باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئىلگىرىكىدەكلا نورمال،ئۆزۋاقتىدا ۋە ياخشى كېتىپ بارغانلىقىغا تەشەككۈرۈمنى بىلدۈرىمەن.
بىز بۇ قېتىملىق پائالىيەت ئارقىلىق نۇرغۇنلىغان بلوگ دىسە بىلمەيدىغان كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا دۇنيادا، بىزنىڭ ئارىمىزدا مۇشۇنداقمۇ بىر شەئىي مەۋجۇد ئىكەن دىگەن كۆزقاراشنى شەكىللەندۈرىشىمىز ۋە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنى مۇشۇ پائالىيەت ئارقىلىق خەلققە تونىتىشىمىز ۋە ئىلگىرى سۈرىشىمىز كېرەك. 2008-يىللىق بلوگلارنى باھالاشتىكى نامزات كۆرسىتىش باسقۇچىدا بىر بلوگگىرنىڭ ‹‹ئۇيغۇر بلوگلىرىدىن تېخى بىرەر نەقىل كەلتۈرۈلۈپ گىزىت-ژورنال، ماقالىلەردە كۆرۈلگىنى يوق›› (ئاساسلىق مەزمۇنى مۇشۇنداق)دىگەن ئىنكاسى مېنى ئويلاندۇرۇپ قويدى. قارىساق ھېلىمۇ ھەم 2 يىل ئىچىدە مۇشۇ ‹‹رىكورت››نى بۇزالماي كېلىپتۇق. ئەمدى بولسىمۇ راۋۇرۇس تىرىشىپ بلوگنى پۈتۈن خەلق ئىتراپ قىلىدىغان ۋە تونۇيدىغان قىلىپ چىقىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. زۇلپىقار بارات ئۆزباشنىڭ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› گە يوللانغان ماقالىسىدىن ئىزدىنىش قاتارلىق بىرقانچە توربىكەتتىكى ئەھۋاللار كىرگۈزۈلۈپ ئۇيغۇر تورلىرىنى قەغەز يۈزىگە ئېلىپ چىقىشتا بەلگىلىك رول ئويندى ۋە باشقا ژورناللاردىمۇ ئۇيغۇر توربىكەتلىرىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە مەسىلىلىرى مۇھاكىمە قىلىنغان بىرقانچە ماقالىنى ئۇچراتقىلى بولىدىغان بولدى. دىمەك بۇ سەھنىگە يەنە بىر ئاۋانگارت قىسىم بولغان ‹‹ئۇيغۇر بلوگلىرى›› چىقىشىمۇ كېرەك!
بۇ پائالىيەتنىڭ تېخىمۇ زور ئۇتۇقلار بىلەن نەتىجىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
شىنجاڭ ئاياللىرى ژورنىلى 80خالتا بلوگ ماقالىلىرىنى باسقان ئىدى. ئەپسۇس دۇكان ئادرىسىنى يېزىپ بلوگ ئادرىسىنى يازماپتۇ.
بۇ ئىنتايىن خۇشاللىنارلىق ئىش. ھەم ياخشى باشلىنىش. باشقا بلوگلارنىڭمۇ بۇنداق نەتىجىگە ئېرىشىشىگە تىلەكداشمەن.
ھە مۇنداق دەڭ.
گەرچە ژورناللاردا بۇنداق ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىغان بىلەن لېكىن ياخشى ئىشلار خېلى.
ئىلقۇت بلوگىنىڭ ئىككى پارچە ماقالىسى «شىنجاڭ ئېقىن ئېلانچىلىق شىركىتى»نىڭ پۈتۈن شىنجاڭغا تارقىتىلىدىغان «ئېقىن ژورنىلى»غا بېسىلىپ كەڭ كارخانىچى (سودا ساھەسى) دىكىلەر بىلەن يۈز كۈرۈشتى جۇمۇ..
قارىغاندا ئىلقۇت بلوگى بۇ جەھەتتە رىكورت ياراتتىمۇ نېمە؟
بۇ يەردە «ئېقىن ژورنىلى» ھەققىدە چۈشەندۈرۈش بار. http://uighur114.com/eqin.php
ئىلقۇت بلوگىدىن ئىككى پارچە ماقالە بېسىلغان ئىدى بۇ ژورنالغا، تورغا بىر پارچىسىدىن كۆرۈنۈش بېرىپتۇ.
ئىلقۇت بلوگىدىن «ئېقىن ژورنىلى»غا بېسىلغان ماقالىلەر: 1. «بىزنىڭ مىللىي كارخانىلىرىمىز نېمە ئۈچۈن تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلالمايدۇ؟» http://blog.ilqut.com/?p=528
2. «مال سېتىش تاكتىكىسى» http://blog.ilqut.com/?p=478
كۆپچىلىكنىڭ پىكىر-تەكلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ھە راسىت، ئەرتۈرك بلوگىدىنمۇ بىر پارچە ماقالە بېسىلغان بۇ «ئېقىن ژورنىلى»غا كۆرۈپ باققايسىلەر….
ۋاھ، تۈنۈگۈن دەم ئېلىش مۇناسىۋىتى بىلەن تورغا چىقماپتىكەنمەن، ئەجەپ كۆپ ئىشلار يۈز بېرىپتۇ دېسە.
ھە راست يۈكسەل ئەپەندى، بۇ قېتىمقى باھالاش ھەيئىتىنىڭ ئىسىم تىزىملىكىنى كۆرۈپ بېقىشقا بۇلارمۇ؟
باھالاش ھەيئىتى مۇۋاپىق دەپ قارىغان چاغدا ئېلان قىلىمىز. ھازىر ئېلان قىلىش سەل بالدۇرلۇق قىلسا كېرەك.
ناھايتى ياخشى بوپتۇ ، باھالاش ھەيئىتى قۇرۇلغان بولسا بۇ قېتىمقى پائالىيەت تېخىمۇ ئىشەنچلىك ، ئۈنۈملۈك ، ئادىل بۇلىشىدا گەپ يوق ..
ئەسلەپ باقسام، تولۇق ئوتتۇرا تۆت يىللىق ھاياتىمدا،گەرچە مۇئەللىملەرنىڭ يېتەكلىشى ئاستىدا قاتتىق دېتال بىلىملىرىنى ئۆگۈنۈپ ماڭغان بولساممۇ،ئۇيغۇر توربەتچىلىكى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر بلوگگېرلىقى ھەققىدە ھىچقانداق چۈشەنچەم يوق ئىدى.كىيىن،ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ،تاكى مەكتەپكە كەلگۈچە قەدەر،دىيارىمىزدىكى تور ئۈزۈكچىلىكى سەۋەبلىك،يازلىق تەتىلىم ئۇيۇن ۋە قاقشاش ئىچرە ئۆتكەنىدى.ئايلار، كۈنلەر ئۆتۈۋەردى، ئىچكىرىدىكى ئۇيغۇر ستۇدېنتلار تەرىپىدىن قۇرۇلغان بىرنەچچە مۇنبەرلەردە ئىچ-پۇشۇقۇمنى چىقارغاچ ھالدا، ئۆزۈمنىڭ تور ھاياتىنى داۋام ئەتمەكتە ئىدىم. كىيىن، خاقانىيە مۇنبىرىدە باشقۇرغۇچى بولدۇم، تىما تەستىقلاش جەريانىدا نۇرغۇن ئېسىل ئەسەرلەرنىڭ ئۇ بلوگ، بۇ بلوگلاردىن كۆچۈرۈپ كېلىنىۋاتقانلىقىنى نەزىرىمنى تارتتى، شۇئان ‹‹بلوگ››دىگەن بۇ ئۇقۇمغا بولغان قىزىقىشىم كۈچەيدى، مېنىڭ ئادەتتە بىر نەرسىگە قىزىقسام ئۇ تەرىپىدىن كېرىپ، بۇ تەرىپىدىن چىقمىغۇچە بولدى قىلمايدىغان ‹‹ناچار››ئادىتىم بار ئىدى،شۇڭا،كىشىلەر ‹‹بلوگ››دەپ تەرىپلىشىۋاتقان بۇ نەرسىگە بولغان قىزىقىشىم ئاخىرى تەتقىق قىلىشقا ئۆزگەردى، مەن بلوگباسنى قېزىپ يۈرگەن چاغلىرىمدا، يازمىنىڭ بېشىدا تىلغا ئالغان دۇنياقارا، تارىم68، ئارامگاھ قاتارلىق بلوگلاردىن بلوگباس تېخنىكىسى ئۆگەنگىلى؛جەك بلوگىدىن ‹‹ئامېرىكا غايە››مگە تەسەللىي تاپقىلى؛ ئاناتىلىم بلوگىدىن ‹‹ئانا تىل غۇرۇرى››تاپقىلى؛ يۈكسەل بلوگىدىن ئۇنى-بۇنى، بولۇپمۇ قاباھەتلىك ئەيدىز ھەققىدە قورقۇنچ ئىزدىگىلى باراتتىم، شۇ جەريانلاردا، ئۆزۈمنىڭ تولۇق ئوتتۇرىدا يوقۇتۇپ قويغان بەزى قىزىقىشلىرىم يەنى تورخۇمارلىق، ئىجادچانلىقىمنى تېپىۋالغانىدىم، ئاخىرى ‹‹ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى››نامى ئاستىدا، بىر بلوگ ئېچىپ، نۇرغۇن ئىسسىق-سوغۇقلارنى باشدىن كەچۈرگەندىن كىيىن ھازىرقى ھالغا كەلدىم. بۇ جەريانلاردا كۆرگىنىم كۆپ بولدى، كۆرگىنىم بىلەن تەڭ ئۆگەنگەن نەرسەممۇ كۆپەيدى . توردا پىكىرلىشىپ، مۇڭدىشىپ، پرېستان، يۈكسەل، ئىلقۇت، تەدبىركار، جەلىبكار، تۈركىزاد، مۇئەللىم بىز، ئېلتەبىر، ئۇيغۇرتېكىن، ئوۋچى، زىرەك، سەھرالىق، پادىشاھ، چەۋەنداز، شادلىق… قاتارلىق بلوگگېر ۋە بلوگ ھەۋەسكارلىرى بىلەن تونۇشدۇم، بۇلاردىن جەلىبكار، تۈركىزاد ۋە غايە بلوگىنىڭ ئاپتورلىرى بىلەن بۇ قېتىملىق بېيجىڭ ساياھىتىدە ناھايىتى ئەھمىيەتلىك سۆھبەتتە بولدۇم. كۈنلىرىم ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەمدە خۇشال-خۇراملىقدا ئۆتۈشكە باشلىدى، ماڭا بۇ مەنىلىك تور ھاياتىنى ئاتا قىلغان ‹‹بلوگ››غا ناھايىتى تەشەككۈرۈم بار ئىدى.
بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق يۈرۈشىگە تىلەكداشمەن!…
بېيجىڭغا كېلىمەن دەپ قويغان بولسىڭىز كۆرۈشۈشكە بەلكىم نىسىپ بولار ئىدى
بۇ قېتىمقى بۇ پائالىيەتنىڭ چوقۇم ئوڭۈشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشمىز.
بولۇپمۇ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى بەزىبىر شىركەتلەرنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاپ قۇۋەتلىگەنلىكى ناھايىتى ياخشى بوپتۇ. بۇ بەلكىم تېخىمۇ كۆپ شىركەتلەرنىڭ قوللاپ بېرىشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكىلىك رول ئوينىشى مۇمكىن.
شۇ مۇناسىۋەت بىلەن «ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى باش شىركىتىنىڭ شىركەت رەھبەرلىرى مەزكۇر تېمىنى كۆرگەندىن كىيىن دەرھال بۇ پائالىيەتنى قوللاش تەدبىرلىرى ھەققىدە قايتا-قايتا مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق تۆۋەندىكىدەك قارار چىقاردى:
1. «ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى باش شىركىتى بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە تاللىنىپ چىقىلغان 10 داڭلىق بلوگنىڭ بلوگ قۇرغۇۇچىلىرىنىڭ ھەر بىرىنى 100 يۈەن قىممىتىدىكى ئىتىبار كارتىسى بىلەن تەمىنلەش
2. باھالاش ھەيئىتىدىكىلەرنىڭ مەزكۇر پائالىيەت ئۈچۈن سىڭدۈرگەن ئەجرى ئۈچۈن ھەر بىر باھالىغۇچى (10 نەپەر) ئۈچۈن 50 يۈەن قىممىتىدىكى ئىتىبار كارتىسى بىلەن تەمىنلەش.
3. مەزكۇر پائالىيەتنى ئورۇنلاشتۇرغۇچى يۈكسەل بلوگى ئۈچۈن 50 يۈەن قىممىتىدىكى ئىتىبار كارتىسىدىن 3 تال تەمىنلەش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
4. ئەگەر «ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى ۋە «ئىزچى» ماركىسىدىكى ئەرەنچە-ئايالچە خۇرۇم ئاياقلار ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرغا ئىگە بولماقچى بولسىڭىز «ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى باش شىركىتىنىڭ شىركەت تورىدىن خەۋەردار بولغايسىز. باش شىركەت تور ئادىرىسى: http://www.ayighim.com
سەمىمىي ئەسكەرتىش:
«ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرىدا سېتىلىۋاتقان تاۋارلارنىڭ ھەممىسى مۇقىم باھا بولۇپ، مال سېتىشتا باھادا چۈشۈرۈلمەيدۇ. مەيلى سىز قايسى رايۇندا بولماڭ، «ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرىدىكى ماللاردىن بىر تۇتاش باھادىن بەھرىمان بولىسىز. شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ۋە كەڭ بلوگگىرلارنىڭ بۇ ھەقتە ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
«ئىزچى» خۇرۇم ئاياقلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى باش شىركىتىنىڭ ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىمىزنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا بارلىق بلوگگىر دوستلار ۋە باھالاش گۇرۇپپىسىدىكى ھەيئەتلەر ھەم ئۆزەم (ماڭا 3 تال بېرىلىدىكەن ئەمەسما ) نامىدىن رەھمەت ئېيتىمەن!
ئىزچى خۇرۇم ئاياقلىرى زەنجىرسىمان دۇكانلىرى باش شىركىتىدىكىلەرنىڭ يۈكسەل باشچىلىقىدىكى بۇ پائالىيەتنى قوللاپ قۇۋۋەتلىگەنلىكىدىن سۆيۈندۈم. قىشلىق ئاياقنى ئىزچىدىن سېتىۋالاي دەۋاتىمەن.
مەنمۇ قاتنىشىپ باقاي قانداق بۇلىدىكىن.
ۋۇلقان ئەمگەك سۇغۇرتا بىلوگى
سالام يۈكسەل ئەپەندى .
مەنمۇ بىر بىلوگىر بۇلۇش سۈپىتىم بېلەن بۇ پائالىيەتكە يېقىندىن كۈڭۈل بۈلۈپ كىلىۋاتىمەن ، ھەم ئۈتۈقلار تىلەيمەن.
باھالارنى ئارىلاۋېتىپ شۇنى ھېس قىلىپ قالدىم ، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ باھالانغۇچىمۇ بىلوگىر ، ئاۋاز بەرگۇچىمۇ بىلوگىر بۇلۇپ قالامدۇ قانداق ؟ سەييارە تور ئارىلىغۇچىلارنىمۇ جەلىپ قىلىش ۋە ئاۋاز بىرىشكە قاتناشتۇرۇش مەسىلىسىنى ئوبدان ئويلاشساق بۇلىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ بىر ھېس قىلغانلىرىم .
ھە راس بۇ قىتىمقى پائالىيەتتىن تاللايدىغان 10 نادىر بلوگ blogbus تنلا تاللىنامدۇ ياكى نامى بلوگ دەپ ئاتالغان بارلىق بلوگلاردىن تاللىنامدۇ؟
ھېچكىم بۇ يەردە تېخى بلوگباستىنلا تاللىنىدۇ دېگەن گەپنى قىلمىدىغۇ؟
ئەگەر بلوگباستىنلا تاللىنىدۇ دېگەن قائىدە چىقسا، جېك، ئۇيغۇربەگ، ئەرتۈرك، 80 خالتا، تەدبىركار قاتارلىق بلوگلار قانداق قىلىدۇ؟
مەن بىر قانداق قىلىدۇ دىمىدىمغۇ تىخى ئىلقۇت ئەپەندىم مەن بىلمىگەچكە سورىدىم بىلمىگەنلىك گۇناھ ئەمەستۇ
‹‹بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس،سورىماسلىق ئەيىپ››
شۇنداق، «بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس، سورىماسلىق» ئەيىپ، كەچۈرۈڭ، سىزگە چۈشەندۈرۈشتە گېپىم سەل قاتتىق تىگىپ كەتكەن ئوخشايدۇ.
ھازىر Blogbus دا ئادەم ئەركىن پىكىر يازغىلى بولمايدۇ. يەنى ئادەم بىر تېمىنى ئوقۇپ پىكىر بايان قىلاي دەپ «ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم» دەپ بىر قۇر خەت يېزىپ بولغىچە ئۇنىڭ چەكلىمىسى توشۇپ قالىدۇ. شۇڭا ئادەم پىكىرىنى نەچچە پارچە قىلىپ يوللاشقا مەجبۇرى بولىدۇ. شۇڭا مەن ھازىر بلوگباسقا ئاساسەن كىرىپ قالمايمەن. چۈنكى كىرسەم بىرەر تېمىنى ئوقۇپ ئىنكاس نىرۋىلىرىم تازا قايناپ ئىنكاس يازاي دېسەم ئىنكاسنى كۆڭۈلدىكىدەك يازغىلى بولمىغاچقا كىرمەيلا قويىمەن ئادەتتە….
بۇرۇن 10 چوڭ بىلوگنى باھالىغاندا كۆپۇنچىسى blogbus تا ئىدى ھازىر كۆپۇنچە داڭلىق بىلوگ يازغۇچىللىرى بۇنىڭدىن چىكىنىپ blogbus قا بولغان قىزغىنلىق سۇسلاۋاتىدۇ، ياكى يۆتكىلىپ كەتتى يۈكسەل بلوگى، جىڭ تورخانىسى، ئويغۇربەگ يەنە بىرقانچىسى بار ، بۇرۇن ھەممىسى دىگۇدەك blogbus تا بىرمەزگىل داڭ سۇرگەنلەر ئىدى ، ئەمدى بۇ خىل ئەھۋال شارائىتىدا نىمە دىسەم بۇلا …. مەن blogbus يازغۇچىسى مىنىڭ بىلوگىمغا قىلچە ئىشەنچىم قالمىدى. blogbus تا ياخشى يازغانلارنى قوللاش يۇزىسىدىن تەخمىنەن 30% ئەتراپىدا سان بىرىشنى تەۋىسىيە قىلىمەن ، مەنغۇ ھەرگىزمۇ كىرەلمەيمەن شۇنداقتىمۇ يەنىلا ياخشىلار بار
لىكىن بىزدەك يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىلوگبۇستا ئەمەسمۇ ( ھەقسىز،ئۆگىنىشكە ماس كېلىدۇ ) ..بۇلۇپمۇ ھازىرقىدەك تور نامى ، بوشلۇق سېتىۋېلىش ، ئەنگە ئالدۇرۇش دىگەندەك رەسمىيەتلەرنىڭ چىڭىپ كېتىۋاتقان كۈنلىرىدە ، بىزنىڭ ئايرىم بوشلۇق ۋە نام بىلەن كۆچۈش ئىستىكىمىز شۇنچىكى كۈچلۈك بولسىمۇ ‹ ئارمانغا تۇشلۇق دەرمان يوق › …يازماي تاشلىۋېتەيلىلا دىسەك كۆڭلىمىز تاتىشىدۇ …چىدايلى ئەمدى ..
مەن سىزنىڭ ئىلگىرى بلوگسىپوتتىكى بلوگىڭىزنى كۆرگەن، ھەقىيقەتەنمۇ پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى ئىدى. يېقىندا قانداق بولدى تۇيۇقسىز نەچچە كۈن نورمال ئېچىلغان ئىدى.ئۇيغۇرچە ئىزدەش ماتورلىرىدا ماتېرىيال ئىزدەۋېتىپ تۇيۇقسىز سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئىسمىنىڭ ئەڭ ئۈستىدە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ خۇشاللىقىمدا تېزلا كىرگەن ئىدىم، ۋە ئىككى كۈن ماڭا لازىملىق ماتېرىياللارنىڭ ھەممىسىنى چۈشىرىۋالغان ۋە ساقلىۋالغان ئىدىم، مەن سىزگە خەۋەر قىلىپ قويارمەن دەپ ئويلىغان، بەلكىم ئېچىلىپ كەتكەن بولسا ئاللا بۇرۇن بايقىغاندۇ دەپتىمەن، كېيىن قارىسام بلوگسپوت سۇپىسى ئېچىلمىدى. سىزنىڭ بلوگقا بولغان سۇسلىقىڭىز بەلكىم مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بەزەن ئوڭۇشسىزلىقلارنىڭ بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. جۇڭگوغا نىسبەتەن چۇڭگودىكى تور بېكەتنىڭ سۇپىسىدىن بلوگ ئاچقانلىق بىر قەدەر بىخەتەر ئۇسۇل بولىشى مۇمكىن، بۇ يەردىكى بىخەتەرلىك سىزنىڭ قۇرغان بلوگىڭىز چەتنىڭ بلوگسۇپىسى بولسا دۆلەتتىن شۇ سۇپىنى ئېچىلمايدىغان قىلىۋەتسە سىز ئوخشاشلا دۆلەت ئىچىدە كۆرەلمەسلىكىڭىز مۇمكىن، لىكىن چەتنىڭ بلوگسۇپىسىدىن پايدىلانسىڭىز بەلكىم بلوگىڭىزنىڭ بلوگسۇپىسى تەرىپىدىن ئورۇنسىز ئۆچۈرىۋېتىلمەسلىكى مۇمكىن. بۇ جەھەتتە چەتنىڭ بلوگ سۇپىلىرىنى ماتېرىيال ساقلاش ئامبىرى قىلسا بولىدۇ دەپ قارايمەن. خۇددى پۇلىڭىزنى ‹‹شىۋىتسارىيە بانكىسى››دا ساقلىغاندەك. مېنىڭ تەكلىبىم چەتنىڭكىنى ئامبار، جوڭگۇنىڭكىنى دۇككان قىلغان ياخشىمىكىن دەپ قارايمەن.
رەخمەت ، مەن بۇرۇن بىلوگ سپوتقا بەكلا قىزىققان خەنزۇچە ئېنگىلىزچە ھەتتا گىرمانچە . ياپۇنچە ، فىرانسوسچە بىلوگسىپوتتىكى ماڭا ياققان يازمىلارنى تەرجىمە قىلاتتىم ، ئەپسۇس تاقىلىپ قالدى ، قايتا بىر ياكى ئىككى قېتىم ئېچىلدى ، يەنە تاقالدى ، راس گەپ قىلسام خۇشۇم قالمىدى ، يازماي دەيمەن يەنە كىرىپ كۇرۇمەن، ھازىر باشقىلارنىڭ تورىدىكى ياخشىراق باشقىلارغا ئىلھام بىرەلىەىدەك تىمىلارنى تېپىپ بىلوگىمغا كۇچۇرۇپ قۇيۋاتىمەن ، بىلوەسىپوت ئېچىلسا باشقىلارغا يوللايدىغان نۇرغۇن تىمىللىرىم بارتى ، ھازىر نۇرغۇن ياخشى تورلارنى ئۇنتۇپ كەتتىمغۇ دەيمەن
ئەمدى قارىغاندا پۇلى بارلار بلوگ يازالايدىكەندە بلوگباس مۇشۇنداقلا تاشلىنىپ كىتەرمۇ؟ بولسا خگنزۇچە بىلىدىغان دوسلىرىمىز بلوگۈاس قا مۇشۇ توغىرلىق ئىنكاس يىزىپ باقسا قانداق بولار؟
مەن تىزىپ بىرەيچۇ 1. جىڭ تورخانىسى 2.يۇكسەل بىلوگى 3.ئويغۇربەگ 4. 80خالتا 5. تەدبىركار 6.ئىلقۇت 7 .دۇنياقارا ‹تاشلىنىپ قۇيۇلدى › 8. ئويغۇر ئاكادىمى 9. بىلىملەر 10 . كۆپچىلىك تاللايدۇ ئەمدى
بولسا مەيلى بلوگبۇسنى ئىشلەتكەن بولسۇن ياكى مۇستەقىل بلوگ سۇپىسى بولسۇن ھەممىسى ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇۋاتقانلار، شۇڭلاشقا بىر بىرىنى چەتكە قاقىدىغان ئىش بولمىسا
شاھ ئۇيغۇرنىڭ سۆزلىرى ئورۇنلۇق !
كىچىك سان چوڭ ساننى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ئەمەسمۇ،بىزدەك قولىمىزدىن ئىش كەلمەيدىغانلارمۇ بۇنداق ياخشى پائالىيەتلەرنىڭ ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمىز.پائالىيەت ئۇتۇقلۇق بولغاي!
يېقىندا ئون چوڭ بىلوگنى سايلاۋاتىدۇ ، بۇنى يامان ئىش دىمەيمەن ، …،ئىشقىلىپ بۇلۇپ قالىدۇ ،.. ئون دىگەن سان ئاز ،شۇڭا ئامال بار ۋەكىللىكلىرىنى سايلىساق ،كىيىن ئون چوڭ بىلوگقا كىرىدىغانلار كۆپ بۇلۇپ كىتىپ ،بەزى بىلمەيدىغان ياخشى بىلوگلار بىلىنمەي قالمىسا ،ئادىلسىزلىق بۇلۇپ قالمىسا، سىزنىڭ بىلوگڭىزدا ئامال بار ھەممە بىلوگ يازغۇچىللىرى قاتناشسا ، ئۆزىنىڭ بىلوگ نامىنى ئارقىغا قۇشۇپ قويسا مۇشۇ ئارقىلى تېخمۇ تۇلۇق بولغان بىلوگ ئۇلىنىش بېتى ياسالسا
قىزغىن ئىشتىراك قىلىمىز ۋە يېقىندىن قوللايمىز !!!~~~~ بىزدەك بلوگگىرلارغا زور ئىلھام بولدى دە بۇ !!
http://www.2020520.com www
شىنجاڭ ئەلدوست بىئو تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى 10 چوڭ بلوگ قۇرغۇچىلىرىنىڭ ھەربىرىنى 200 يۈەن قىممىتىدىكى ‹‹ ئەلدوست ئوزۇقلۇقى ›› بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇنى جايلاردىكى ‹‹ ئەلدوست ئوزۇقلۇقىنى سېتىش نۇقتىلىرى ›› دىن تاپشۇرۇۋېلىشقا بولىدۇ.
ئەلدوست شىركىتىنىڭ مەزكۇر پائالىيىتىمىزنى قوللاپ بەرگەنلىكىگە تەشەككۈر !
نامى چىقىۋاتقان ‹‹ئەلدوست›› شىركىتىنىڭ بۇ پائالىيەتنى قوللاش سېپىگە قوشۇلغانلىقىنى تەبرىكلەيمىز.
ئىشلار تېخىمۇ كاتتا بولۇپ كېتىپ بارىدىغۇ يۈكسەلباي
ئۇلىنىش بىلوگلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالامدۇ ؟ ياكى ؟
بۇ بىر ياخشى ئىش بوپتىكەن….
ئۇلىنىش بىلوگ بۇلالماس
يۈكسەل ئەپەندىم ئۆزىمىزنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە باشقىلارنى ئۈندىسەك ئۇختۇرۇش چىقارساق بولامدۇ خۇددى زۇڭتۇڭلار ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە خەلقىنى ئۈندىگەندەك
مېنىڭچە بۇنداق قىلىش پىرىنسىپ جەھەتتىن خاتا دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ياخشى نەرسە بولسا باشقىلار ئۆزلىكىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىدۇ ئەمەسمۇ؟
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دەيدۇ، مېنىڭچىمۇ يەنىلا تورداشلار ئۆزلىرى باھالىغان ياخشى
ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دەيدۇ، ئەل سايلىسا بۇلىدۇ ، مىنىڭچە ئۇزىڭىز ئۇزىڭىزنى سايلىسىڭىزمۇ بۇلىدۇ ، ئۆزىڭىزنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشكە باشقىلارنى ئۈندەپ ئۇختۇرۇش چىقارسىڭىز بۇلىتى ، لىكىن يەنىلا باشقىلارنىڭ تاللىشىغا ئىرىشسىڭىز بۇلىدۇ ، بەزى دوسلار ئاران 10نەچچە بىلوگ بىلىدۇ ، ئەگەر سىزنىڭ بىلوگىڭىزغا كىرىپ قالسا پايدا ئالغىدەكسىز ھا ~~ھا . ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك دىگەن گەپكە ئىشىنىڭ ، 100% توغرا تاللانمىسىمۇ 51% بولسىمۇ توغرا تاللىنىدۇ . چۇنكى ھازىر بىلوگ ئوقۇيدىغاندىن بىلوگ ياسايدىغانلار كۆپ
بلوگلارنىڭ ئۆز بلوگىدا تورداشلارنى مەزكۇر پائالىيەتتىن خەۋەردار قىلىپ، ئوقۇرمەنلىرى خالىسا ئۆز بلوگىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىشنىڭ ۋە ياكى ئۆزىگە بېلەت تاشلاپ قويۇشقا تەكلىپ قىلىشىنىڭ ھېچ خاتاسى يوق . بەلكى مېنىڭچە، بلوگلار نامزات قوبۇل قىلىش باشلانغۇچە ( 11 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ) ئۆز بلوگىدىن بىر يىللىق خۇلاسە چىقىرىپ، ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ھوزۇرىغا سۇنۇپ، ئۇلاردىن ئۆزىنىڭ بلوگىنى بۇ قېتىملىق نامزاتلىققا كۆرسىتىپ قويۇشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشى كېرەك. بۇنداق بولغاندا تورداشلارمۇ، باھالىغۇچىلار شۇ بلوگ ھەققىدىكى ئەينى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولالايدۇ. بۇ باھالاش نەتىجىسىنىڭ تېخىمۇ قايىل قىلارلىق بولۇشىغا پايدىلىق.
چەۋەندازلار بلوگى 10-ئاينىڭ 29-كۈنى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى تەبرىكلەپ ئۆزى ئورىناتقان سانىغۇچتىكى سانىغۇچ ئورىناتقان ۋاقىتتىن ھازىرغىچە بولغان ۋاقىتتىكى ئىستاستىكا ئەھۋالىدىن خەۋەردار قىلدى. ئەمدى ئۆزىنىڭ بلوگىدا تەشۋىق قىلىشقا كەلسەك ئۆزىنىڭ بلوگىنى تەۋسىيە قىلىش 2008-يىلدىكى پائالىيەتتىمۇ كۆرۈلگەن. مەن تېخى چىقىرىشنى ئويىلىشىپ باقمىدىم. ئەھۋالغا قارايمەن ئەلۋەتتە.
مۇمكىن بولسا بارلىق بىلوگلارنى تۈرگە ئايرىپ، توپلام قىلىپ جەملەنسە ياخشى بۇلار ئىكەندۇق، ئۇنداق بولمىغاندا نۇرغۇنلىغان بىلوگلار تېخمۇ كۆپ جامائەتچىلىك بىلەن يۈز كۈرۈشۈش پۇرسىتى ئاز بۇلىدۇ.
شۇنداقلا 10 چوڭ بىلوگ، 10 ئۈمۈدلىك بىلوگ، 10 ناچار بىلوگ باھالاپ چىقىلغان بولسا تېخمۇ ياخشى بۇلار ئىكەندۇق.
ناچار بلوگنى قانداق تاللىغىلى بولىدۇ؟ ئۆزىڭىز ئەستايىدىل ئويلىنىپ بىقىڭە قىلغان گىپىڭىزنى،تولىمۇ كۈلكىلىك.
مەن تىخى بۇ ئىشلارغا بالدۇردەك قىلىمەن .
مۇكاپاتقا ئىرىشكەنلەرنى تەبرىكلەيمەن
يۈكسەل ئەپەندىم باھالاش تىقىنلاپ كىلىۋاتىدۇ تەييارلىق پۈتكەندۇ ھى ھى ھى !!!
يىقىنلاپ دەيتىم خاتا بوپ قاپتۇ
يۈكسەل ئەپەندىنىڭ ئەمگىكىگە ھەشقاللا، چوقۇم يېقىندىن ماسلىشىمىز.
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بلوگېر دوسلار! قارسام دوسلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ بلوگلىرىنى ئوتترىغا تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ! 2008-يىلدىكى باھالاش پائالىيىتىگە مەن ئۈزۈمنىڭ بلوگىنى يەنى دىلكەش613بلوگىنى قاتناشتۇرمىغان ئىدىم! ئۇ بلوگ بۇلتۇر تاقلىپ قالدى. كۈرلىشىمۇ يۈزمىڭدىن ئاشقان ئىدى !گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەم :
ئاشۇ تاقلىپ قالغان دىلكەش613بلوگى(http://dilax613.blogbus.com) نىڭ كىيىنكى ئىز باسارى بولغان نۆۋەتىكى ئەنئەنە ( Your text to link… ) بلوگىنى بۇ قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن!
ئەنئەنە بلوگىنىڭ تىما ئالاھىدىلىكى : 1- ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر تىمىلار 2 – ئۇيغۇر جەميىتىگە دائىر تىمىلار ئاساسىي ئۇرۇندا تۇردۇ.
بۇ جايدا كونا دىلكەش613بلوگىنىڭ زىيارەتىچللىرى بولسا مەزكۈر ئەنئەنە بلوگىنى ئاشۇ دىلكەش613بلوگىنىڭ ئۆزى دەپ بىلگەيسز ، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بۇ قېتىمقى باھالاشقا بولغان پىكرىڭىزنى ئايمىغايىسىز! رەھمەت!
يۈكسەل بلوگىغىمۇ رەھمەت!
< ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم بلوگېر دوسلار! قارسام دوسلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ بلوگلىرىنى ئوتترىغا تاشلىغىلى تۇرۇپتۇ! 2008-يىلدىكى باھالاش پائالىيىتىگە مەن ئۈزۈمنىڭ بلوگىنى يەنى دىلكەش613بلوگىنى قاتناشتۇرمىغان ئىدىم! ئۇ بلوگ بۇلتۇر تاقلىپ قالدى. كۈرلىشىمۇ يۈزمىڭدىن ئاشقان ئىدى !
گەپنىڭ پوسكاللىسىغا كەلسەم :
ئاشۇ تاقلىپ قالغان دىلكەش613بلوگى(http://dilax613.blogbus.com) نىڭ كىيىنكى ئىز باسارى بولغان نۆۋەتىكى ئەنئەنە ( Your text to link… ) بلوگىنى بۇ قېتىم نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن!
ئەنئەنە بلوگىنىڭ تىما ئالاھىدىلىكى : 1- ئۇيغۇر تارىخىغا دائىر تىمىلار 2 – ئۇيغۇر جەميىتىگە دائىر تىمىلار ئاساسىي ئۇرۇندا تۇردۇ.
بۇ جايدا كونا دىلكەش613بلوگىنىڭ زىيارەتىچللىرى بولسا مەزكۈر ئەنئەنە بلوگىنى ئاشۇ دىلكەش613بلوگىنىڭ ئۆزى دەپ بىلگەيسز ، ۋە ئۆزىڭىزنىڭ بۇ قېتىمقى باھالاشقا بولغان پىكرىڭىزنى ئايمىغايىسىز! رەھمەت!
يۈكسەل بلوگىغىمۇ رەھمەت!
ئاۋۇ جايدىكى http://anana05.blogbus.com بلوگ ئادىرسىم چىقماپتۇ!
دۇنياقارا بىلوگى،تەدبىركار بىلوگى قاتارلىقلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن.
مېنىڭ بىر پىكىرىم بار . بەزىلەر بەلكىم نامزات تەۋسىيە قىلغاندا باھا يېزىش ئورنىغا مەلۇم بىر تور بەتنىڭ نامىدا يېزىپ قويىشى مۇمكىن . مەسلەن : شەبنەم تورى دەپ شەبنەمنىڭ ئادىرىسىنى يېزىپ بىلەت تاشلىشى مۇمكىن . بۇنداق بولغاندا بەزلەر چوڭ توربەتلەر قوللاپتىغۇ بىزمۇ قوللىساق بولىدىكەنغۇ دەپ بېلەت تاشلىشى مۇمكىن شۇڭا يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بۇنىڭغا ئئەھمىيەت بېرىپ باھا يازىدىغانلارنى تىزىملىتىپ كېرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازىدىغان قىلسىڭىز . بۇ مېنىڭ شەخسى قارىشىم خالاس .