نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > 2008 - يىللىق 10 چوڭ بلوگ
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

10 چوڭ بلوگقا بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشتى

يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >>  نى باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچى يەنى كۆرسىتىلگەن نامزات بلوگلارغا بېلەت تاشلاش باسقۇچى پىلان بويىچە بۈگۈن يەنى 12 – ئاينىڭ 20 – كۈنى سائەت 24 تە تولۇق ئاخىرلاشتى . بۇ جەرياندا ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ جەمئىي 1760 پارچە بېلەت تاشلاندى.
پۈتكۈل پائالىيەت داۋامىدا ھەرقايسى بلوگىر دوستلار، تورداشلار مەزكۇر پائالىيىتىمىزنى قىزغىن قوللاپ ، تۇشمۇ – تۇشتىن ئاۋاز قېتىشىتى. كۆپ قىسىم تورداشلار بۇ باھالىشىمىزغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، پەزىلەت ۋە ھەققانىيلىقنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، نامزات كۆرسەتتى ۋە بېلەت تاشلىدى. ئەمما، ئىنتايىن ئاز ساندىكى تورداشلىرىمىز تۈرلۈك مۇددىئايى مەقسەتلەر بىلەن ئوخشاش IP دىن بىر بلوگقا تەكرار بېلەت تاشلاش قىلمىشلىرىنىمۇ سادىر قىلدى.
ئومۇمەن، بۇ يىللىق << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >> نى باھالاش پائالىيىتىمىز باسقۇچلىرى ئېنىق، ئاشكارا، ئادىل ئېلىپ بېرىلدى ۋە باشتىن – ئاخىرى كۆپچىلىكنىڭ پىكرى – باھاسىغا قۇلاق سېلىنىپ، ئاممىۋىيلىق تەكىتلەندى.

نۆۋەتتە، مەزكۇر پائالىيتىمىزنىڭ ئاداققىي باسقۇچى << ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگ ( 2008 ) >>  ۋە << ئۇيغۇرلاردىكى ئەڭ ياخشى بلوگ ( 2008 ) >> نى ئېلان قىلىش ئۈچۈن بارلىق نامزات كۆرسىتىش نەتىجىسى ۋە بېلەت تاشلاش نەتىجىسىنى ستاتىستىكىلىۋاتىمىز.
ئەڭ ئاخىرقى نەتىجە 25 – دېكابىر خۇلاسە قىلىنىپ، جېك تور خاتىرىسى ئېلىپ بېرىۋاتقان << ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى 10 چوڭ ئىش ( 2008 ) >> پائالىيىتى بىلەن ماسقەدەملەشتۈرۈلۈپ، 2009 – يىلى 1- ئاينىڭ 1 – كۈنى يۈكسەل بلوگى ۋە مۇناسىۋەتلىك تور بېكەتلەردە ئېلان قىلىنىدۇ. دىققىتىڭىز داۋاملىق يۈكسەل بلوگىدا بولغاي!

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 10 چوڭ بلوگقا بېلەت تاشلاش ئاخىرلاشتى

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟