ئىش بىرلىكتە، كۈچ ئۆملۈكتە، دېگەندەك. ھەر قېتىم مەلۇم ئىشنى باشلىغىنىمىزدا تورداشلار، بولۇپمۇ بلوگگېر دوستلار ھېچقاچان چەتتە قول قۇۋۇشتۇرۇپ تۇرغان ئەمەس. جۈملىدىن بۇ يىلىقى ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئالاھىدە قوللىغان << 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى >> دىمۇ كۆپچىلىك بەس-بەستە ئەقىل-يول كۆرسىتىشىپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشى ئۈچۈن تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشۇشماقتا. شۇ خىزمەتلەردىن بىرى دەل ھەرقايسى بلوگ ۋە توربەتلەردە تەشۋىق قىلىشقا كېتەرلىك پائالىيەت تەشىۋىقات رەسىملىرى ئىدى. مانا شۇ تاپتا ئاتەش، ئەجرىم، تەدبىركار، ھەزرەت، سەھرالىق، ئەرك… قاتارلىق تورداشلار پىداكارلىق بىلەن لايىھەلىگەن رەسىملەر 10 پارچىدىن ئېشىپ كەتتى…
مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتى ئۈچۈن خالس كۈچ قوشۇشنى خالىغۇچى بلوگ ياكى تور بېكەتلەر تۆۋەندىكى رەسىملەردىن ئېھتىياجى بويىچە تاللاپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
رەسىمگە ئۇلىنىدىغان مەنزىل: 1845.html
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 10 چوڭ بلوگنى باھالاش تەشۋىقات رەسىملىرى
ھە مانا،تەشۋىق رەسىملەرمۇ تەييار بوپتۇ! قېنى تۇغقانالار، تەشۋىقاتنى باشلامدۇق؟
http://bilikyar.net/complex/2011-yilliq-10-chong-blog.html
ئاپلا مەن «10 نادىربلوگ» دەپ ئېلىپ ساپتىمەنغۇ تەشۋىقات لايىھىسىدە ھېچقىسى يوقتۇ؟!
مەن ياسىغان ئۇزۇن لوزىنكىمۇ چىرايلىق چىققانتى، كۆرۈپ مۇۋاپىق ئورۇن بولسا قويساڭلار بولىدۇ.
مەنزىلى:http://udun.me/top10.gif
چوڭلىقى: 714×75 px
دەرۋەقە ئوبدان چىقىپتىكەن. ئەمما، ماۋۇ يازمىغا قسىتۇرۇپ قوياي دېسەم ئۇزۇن كەپ قالدى…
ھېچقىسى يوق، ئۇزۇن رەسىم قىستۇرىدىغانلار بۇنى ئۆزى قىستۇرىۋالسا بولىدۇ ئەمەسمۇ.
پېقىر تىلەك بىلوگىمۇ گەرچە قۇرۇلغانلىقىنڭ بىر ئايلىقى توشمىغان بولسىمۇ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇپ، ئۆز بىلوگىمدا تەشۋىقاتنى باشلىۋەتتىم.
مېنى نامزاتلىققا كۆرسىتىدىغانلار يوقمۇ؟(ھىجايغان چىراي ئىپادىسى)
يۈكسەل مەن شەرتكە توشىمەنمۇ يا؟
تەشۋىقات رەسىمى ئەلشاتقا قويۇلدى
مۇشۇ پائالىيەت ئۈچۈن ئازراق بولسىمۇ كۈچ قوشالىسام شۇنىڭغا رازىمەن.
پاھ-پاھ!!! كۆزدىن ئوت چىقىرىۋەتتى! بارلىق تەشۋىق رەسىمىنى ئىشلىگەن بىلوگگىرلارغا زور ئۇتۇقلار يار بولغاي! بىلوگگىرلارنىڭ كۈچىنى يەنە بىر كۆرسۈتۈپ قويدۇڭلار!
لايىھىلەر ياخشى چىقىپتۇ.
بىر بىرىدىن چىرايلىق چىقىپتۇ ئەزمەتلەرنىڭ قولىغا دەرت بەرمىسۇن
بۇ لايىھەلەرنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىنى يان سىتونغا قوياي دىسەم كىچىك قالدى ياكى چوڭ كېلىپ قالدى، شۇنىڭ بىلەن ئۆزەم ئاددىيلا بىرنى ياساپ چىقتىم. 3 خىل چوڭلۇقتا ئىشلەندى.
چوڭ- كىچىكلىكى: 290 × 281
كۆرۈش1
چوڭ- كىچىكلىكى: 260 × 252
كۆرۈش2
چوڭ- كىچىكلىكى: 240 × 233
كۆرۈش3
مېنىڭ بەك قويغۇم بارتى، لېكىن قانداق قويىدىغانلىقىنى بىلەلمەي قالدىم، دوسلار ياردەم قىلسىغۇ بەك ئوبدان ئىش بولاتتى!
ئەجرىم بلوگىدا تەييار كود بار . سىزگە ياردىمى تىگەپ قالسا ھەجەپ ئەمەس.
ئاپلا، يۈكسەل بلوگى كودلۇق ئۇلىنىش قوللىمايدىكەن ئەمەسمۇ
پاھ-پاھ!!! كۆزدىن ئوت چىقىرىۋەتتى!
بۇ پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا تېلەكداشمەن. تەلەي قاپىقى ۋە نۇرقۇت دۇنياسىنىڭ باش بېتىدە رەسىملىك تەشۋىقات ئۇلىنىشى بىرىلدى.
مەزكۇر پائالىيەتنى قىزغىن قوللاپ بەرگەن دوست-بۇرادەرلەرگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن، رەھمەت!
بەگلىككە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئۈچ ئېلانى ئوخشىمىغان ئۈچ ئورۇندا قۇيۇلدى! پائالىيىتىمىز قىزغىن داۋاملىشىۋاتىدۇ، بلوگگېرلار ئۆزىمىزنىڭ سۇرۇنىنى ئۆزىمىز قىزىتىدىغان ۋاقىت كەلدى! ھۇررا..
بىرىنچى تەشىۋىقات رەسىمى ۋە ۋەتەن بلوگى ئىشلىگەن تەشۋىقات رەسىمى بەكمۇ ئۆزگىچە ئالاھىدە چىقىپتۇ، بولۇپمۇ بىرىنچى رەسىمدىكى 2011 دېگەن رەقەمگە كىرىشتۈرۈلگەن بلوگ لوگولىرى ۋاي ۋۇي بەكمۇ كۆركەم چىقىپتۇ ،ھى ھى تەشۋىق قىلىپ ئېسىپ قويغۇدەك بلوگۇم بولمىسىمۇ ،چ چ توپلارغا ئەۋەتىپ قويدۇم
ئۆزخان ئىتوتلار قامۇسىدىكى تەشۋىقات ئىشلىرى ئىلىپ بىرىلدى!
(ۋاقتىنچە قولىمىزدىن كەلگىنى شۇ ئېكەن، باشقىلارنىڭ تەشۋىقاتنى تولۇق كۈچەيتىپ بىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز قوللايلى!)
ئاددرىسى ئۇنتۇلۇپ قاپتۇ، http://www.ozhan.cn ( ئىتوت كۆرۈش بىتىدە )