torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

2011–يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

بىز  ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2011 – يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› رەسمىي باشلانغانلىقىنى جاكار ئەيلىگەندىن كېيىن، مەزكۇر جاكارغا ئەھلى بلوگگىر، تورداشلار ناھايىتى يۈكسەك  ئېتىبار بېرىشتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدىلا مەزكۇر پائالىيەتنى ياخشى تەشكىللەش ھەققىدىكى قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىنى مەيدانغا تاشلاشتى ۋە مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ ئاۋاز قاتىدىغانلىقىنى، ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى يېقىندىن قوللىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. كېڭەشلىك ئىش بۇزۇلماس، دېگەن ئاتىلار سۆزىنىڭ ھېكمەتلىرى بىلەن بۇ يىللىق پائالىيىتىمىزمۇ ئۇتۇقلۇق تەشكىللەنگۈسى، ئەلۋەتتە!
بىز بۇ تېما ئېتىبارىدا بۇ يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى) ۋە مۇشۇ پائالىيەتكە ئالاقىدار بەزى ئۇچۇرلاردىن تورداشلارنى ۋاقىپلاندۇرۇشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.

10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى


تورداشلارنىڭ پىكرى بويىچە، 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ھەيئىتى تەشكىل قىلىندۇ. مەزكۇر ھەيئەت تور دۇنياسىدا بەلگىلىك تەسىرى بار، بلوگلارنى ئارىلاپ تۇرىدىغان ۋە بلوگنى چۈشىنىدىغان ياكى بلوگ نەشىر قىلىپ باققان 10 نەپەر تورداشتىن تەشكىل قىلىندۇ. باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئادىل – ھەققانىي رەۋىشتە بولۇشى ئۈچۈن ، ھەيئەت تىزىملىكىنى ھازىرچە ئېلان قىلماسلىقنى توغرا تاپتۇق.
مەزكۇر ھەيئەت بۇ يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ تەشكىللىنىش جەريانىنى باشتىن-ئاخىرى نازارەت قىلىدۇ، تورداشلار كۆرسەتكەن نامزات بلوگلار ئىچىدىن، ئادىل باھالاپ نومۇر قويۇش ئارقىلىق ئالدىنقى 20 بلوگنى تاللاپ چىقىدۇ.

باھالاش ئۆلچىمى

1. بلوگنىڭ مەزمۇنى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %60 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ )
بۇ چوڭ تۈردە ، بلوگ يازمىلىرىنىڭ ئىجادىيلىقى ( %20 ) ، يازمىلىرىنىڭ سۈپىتى ( %10 )، يازمىلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ياكى ئەھمىيىتى ( %10 )، تەسىرى ، ئىنكاس ئاۋاتلىقى ۋە ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلار ( %10 ) ، ئىملاسى ( %10 ) قاتارلىق كىچىك تۈرلەر بار.
2. بلوگنىڭ قۇرۇلمىسى – كۆركەملىكى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %20 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ )
3. Google PR قىممىتى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %10 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ. 3 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولسا 10، 2 بولسا 5 نومۇر، 1 بولسا 3 نومۇر، 0 بولسا 0 نومۇر )
4. باھالىغۇچى ھەيئەتنىڭ ئومۇمىي باھاسى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %10 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ. )

مەزكۇر پائالىيەتنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان ئورۇن

 


ئەلداۋا ساغلاملىق تورى

ئۈرۈمچى ئەلداۋا ساغلاملىق ئۇچۇر مۇلازىمەت شىركىتى

10 چوڭ بلوگقا بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار

بۇ يىل ئۈزۈپ چىققان 10 چوڭ بلوگقا ئالدى بىلەن تورداشلارنىڭ يۈكسەك باھاسى، ئالقىش سادالىرى مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.
ئاندىن، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى بۇ 10 چوڭ بلوگنىڭ مەسئۇللىرىنى ئوخشىمىغان سوممىلىق نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلايدۇ.
مۇكاپات سوممىسى مۇنداق: مەزكۇر پائالىيەتتە بىرىنچى بولغان بلوگقا 500 يۈەن نەق پۇل، ئىككىنچى بولغان بلوگقا 300 يۈەن نەق پۇل، ئۈچىنچى بولغان بلوگقا 200 يۈەن نەق پۇل بېرىلىدۇ؛  قالغان 7 بلوگنىڭ ھەربىرىگە 100 يۈەندىن نەق پۇل مۇكاپات سۈپىتىدە بېرىلىدۇ.

نامزات بلوگلارنى قوبۇل قىلىش

بىرىنچى، ۋاقتى ۋە ئورنى

12 – ئاينىڭ 11 – كۈنى يۈكسەل بلوگىدا مەزكۇر باھالاشقا قاتنىشىدىغان بلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش رەسمىي باشلىنىدۇ. 12 – ئاينىڭ 21 – كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. بلوگگېرلار ئۆز بلوگىنى ياكى تورداشلار ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى نامزاتلىققا كۆرسەتسە بولىدۇ. نامزاتلىققا كۆرسىتىلمىگەن بلوگلار بىردەك نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.

ئىككىنچى، نامزاتلىققا كۆرسىتىش ئۆلچىمى

نامزاتلىققا تۆۋەندىكى 2 شەرتنى ھازىرلىغان بارلىق ئۇيغۇر بلوگلىرى كۆرستىلىسە بولىدۇ.
(1) چوقۇم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرلۈك قانۇن – نىزاملىرىغا ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – تۈزۈملىرىگە ئاڭلىق رىئايە قىلغان ئاساستا تور پائالىيىتى قىلىدىغان بولۇشى كېرەك. مەزمۇنى چوقۇم ساغلام، قانۇنغا ئۇيغۇن بولۇشى كېرەك.
(2) چوقۇم ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، ئۇيغۇر ئەخلاق يوسۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىدىغان بولۇشى ، بلوگ مەزمۇنىدا ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئەخلاق يوسۇنلىرىغا مۇغالىپ مەزمۇنلار بولمىغان بولۇشى كېرەك.

ئاخىرىدا ، تورداشلارنىڭ يۇقىرىدا بايان قىلىنغان مەزمۇنلار ھەققىدە ئىجادىي تەكلىپ – پىكىر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ھەرقايسى Blog ، تور بەتلەرنى مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا ئاكتىپ كۈچ قوشۇشىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمىز!

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 2011–يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ئۆلچىمى ۋە باشقىلار

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!30 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    قالتىس چىقىپتۇ!

  2. نۇرقۇت مۇنداق يازغان:

    ئاتىكاچىلىق بولسىمۇ تەكلىپ بىرىشنى لايىق تاپتىم:
    PR قىممىتىگە 10% بىرىش ئارتۇقچىمۇ قانداق؟ مېنىڭچە بۇ تۈرنى چىقىرىۋىتىش كېرەك، بىزنىڭ يېزىقىمىزنى تەھلىل قىلالمايدىغان ماشىنا قويغان نومۇرنى بۇ يەرگە سۆرەپ كىلىشنى توغرا كۆرمىدىم.
    مەزمۇننىڭ سۈپىتىگە بىرىلگەن نومۇر بەك ئاز، بۇ 10% بەكلا ئاز. ئىجادىيلىق تەكىتلىنىشى كېرەك، ئەمما ئىجادىي بولۇپ قىممىتى بولمىغان سۈپەتسىز مەزمۇننىڭ بىزگە نېمە كېرىكى؟
    شۇڭا ئىجادىيلىققا بىرىلگەن 20% نى 15%گە ئۆزگەرتىشنى، PR غا بىرىلگەن 10% نى بېكار قىلىپ، يۇقارقى ئىككى ئورۇندىن قايتۇرىۋېلىنغا 15% نى يازمىنىڭ سۈپىتىدىكى 10%گە قوشۇپ، جەمئىي 25% نى سۈپەتكە بىرىشنى تەكلىپ قىلىمەن.

    بلوگ نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشتە، سەۋەبسىز 3 ئاي سەۋەبسىز ھېچقانداق يېڭىلىنىش بولمىغان بلوگلارنى نامزاتلىققا كىرگۈزمەسلىكنى تەكلىپ قىلىمەن.

    • ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

      نۇرقۇتنىڭ پىكىرىنى قوللايمەن…

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      سەمىمىي ھالدا تەكلىپ پىكىر بېرىش ئاتىكاچىلىق ھېسابلانمايدۇ، نۇرقۇت بۇرادەر. تەكلىپ-پىكىر بەرگەنلىك مۇشۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلگەنلىكنىڭ ئىپادىسى، كۆڭۈل بۆلۈنمىسە، كىمگە گەپ قىلىش خوش ياقىدۇ، دەيسىز!
      سىز بەرگەن تەكلىپلەرنى چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىشىمىز، ھەيئەتلەر ئوبدان كېڭىشىپ، تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرىمىز.

  3. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    بۇرۇن چاۋاك بىلەن مۇكاپاتلانغان بولسا، ھازىر نەق پۇلغا ئۆتۈپتۇ!
    مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئادىل ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن!

  4. ئەلشات مۇنداق يازغان:

    مەن يەنىلا ‹‹ئۇيغۇربەگ›› نى نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن

  5. [...] نامزات قوبۇل قىلىش باشلىنىپتۇ، قىنى نامزات كۆرسىتىڭ.    مەرھەمەت! [...]

  6. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ يەردىلا نامزات بىلوگلارنى كۆرستسەك بولامدۇ؟

  7. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    مەن ئىككى مۇنبەرگە(ئەلۋەتتە لايىھە مۇنبەرلىرى) بلوگ تەشۋىقات رەسىمى توغىرلىق تېما يوللىغان، قارىغاندا بۇ گۇيلار بېشىنى ئىچىگە تىقىۋىلىپ يۈرىدىغان ئوخشايدۇ… بوپتۇ. مېنىڭمو قولۇمنىڭ پەنجى بەش بولغاندىن كىيىن ئۆزەم بىر ياساپ باقاي… ما بلوگگىر يولداشلار بۇ ئىشقا جىددىي قارايلى !!!

  8. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    نۇرقۇتنىڭ پىكىرى ناھايتى ياخشى بوپتۇ! ھازىرچە كۈچۈمىزنىڭ يىتىشىچە تەشۋىق ئىشلىرىنى قىلايلى . قولىمىزدىن كېلىدىغانلار تەشۋىق رەسىملىرىنى لايىھەلەپ ھەرقايسى مىكرو بلوگلاردا تارقىتايلى!

  9. بىرلام مۇنداق يازغان:

    پاھ بەك ياخشى ئىش بوپتىفۇ بۇ، ئەمما ئىملاغا بىرىلگەن نومور مىنىڭچە سەل تۆۋەن بولوپ قاپتۇ،

  10. ئەجرىم مۇنداق يازغان:

    مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ئادىل ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن!

  11. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    مەن تېخى بۇ يىل ئۆتكۈزمەيدىغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن. تېخى يىللاردىكىگە قارىغاندا داغدۇغىلىق بولامدۇ نېمە؟ مەنمۇ بلوگىمغا يوللاپ قوياي.

  12. [...] نامزات قوبۇل قىلىش باشلىنىپتۇ، قىنى نامزات كۆرسىتىڭ. مەرھەمەت! [...]

  13. ئۆزقان مۇنداق يازغان:

    پائالىيەتنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك بولۇشى ئۈچۈن تېگىشلىك كۈچ چىقىرىمىز!

  14. چەۋەندازلار مۇنداق يازغان:

    بىلوگگىرلارنىڭ قىزغىنلىقى ئىنتايىن يۇقىرى بولىۋاتىدۇ. ئەمدى بىلوگگىر بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن بىلوگىمىز تونۇلغان بولسۇن، تونۇلۇۋاتقان بولسۇن ياكى يېڭى قۇرۇلغان بولسۇن بۇ ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بىلوگنى باھالاش توغرىسىدىكى تېمىنى ئۆزلىرىنىڭ بىلوگلىرىدا ئېلان قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    ھالقىلىق كۈنلەرگە كەلگەندە ئۇلىنىش تورلىرى قاتارلىق بىكەتلەرنىڭ ئاۋات تېمىلار تىزىملىكىدىن ئورۇن ھەل قىلىش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن. يۈكسەلمۇ ئىلگىرىكى پائالىيەتلەرگە بەزى توربەتلەرگە پۇل بېرىپ تەشۋىقات رەسىمىنى چىقارغان ئىدى. ئەمدى ھەممەيلەن بىر كۈچىمىسەك ھەممىنى يۈكسەل ۋە ئەلداۋاغا يۈكلىسەك بېسىم بولۇپ قالىدۇ دەپ قارايمەن. بىلىك، ئىزدىنىش، ئەلكۈيى، ئوكيان، مىسرانىم، كەڭ ساي… كەبى توربىكەتلەرنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم دەپ قارايمەن.
    تەشۋىق رەسىمى ئىلگىرىكىدەك بىر قانچە خىل شەكىلدە بولسا دېگەن تەكلىپنى بېرىمەن. ھەمدە تەشۋىق رەسىمىنى ئىشلىمەكچى بولغان بىر قانچە قېرىنداشلىرىمىزنىڭ لايىھەلەش جەريانىدا ئورتاقلىققا كېلىپ تەشۋىق رەسىمىنىڭ ئىجادىيلىقى ۋە مەزمۇنى توغرىسىدا بىرلىككە كېلىۋېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    تەشۋىق رەسىمى ئۈچۈن 2010-يىللىق 10 چوڭ بىلوگ تەشۋىق رەسىمى نىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە قاراپ توربەت، بىلوگلارغا ۋە مىكرو بىلوگلاردا تارقىتىشقا ئەپلىك بولغان چوڭراق رەسىم (تىك تۆت بۇلۇڭ شەكىلدە دېمەكچى) ئىشلەنسە ياكى بولمىسا ۋاقىت قىس بولسا بۇ تۇرنى قالدۇرىۋەتسىمۇ بولىدۇ. يەنە بىرگە بۇ يىللىق تەشۋىق رەسىمىنىڭ ئۆزگىچە بولىشى ئۈچۈن بەزى تور بەتلەر ئۈچۈن ئاسما ئېلان رەسىمى ئىشلەنسە تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ دەپ قارايمەن(گۈدۈكتەك مىكرو بىلوگلاردا تەشۋىق قىلىنىشى ئۈچۈن).
    ئۇنداق بولسا پائالىيەت توغرىسىدىكى تېمىنى چەۋەندازلارغا يوللىۋەتتىم. ھەممىمىز كۈچەيلى!

  15. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق بۇلىشىغا كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن تەييارمەن !

  16. ئەلشات مۇنداق يازغان:

    بۇ تىما ئەتىگەن نامزات كۆرسىتىش توغىرسىدا ئىدى، ئەمدى باشقىچە تۇردىيا

  17. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    2011-يىللىق بلوگلارنى باھالاش ئۆلچەملىرى ھەقىقەتەن ئەتراپلىق بوپتۇ.
    بىر مەزگىل جىمجىت بولۇپ قالغان يۈكسەل بلوگىمۇ يەنە قايتىدىن جانلىنىپ كېتىپتۇ.
    تورداشلارنىڭ ھەممىسى ئورۇنلۇق تەكلىپ پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان تورداشلىرىمىز خېلى بار ئىكەن. ئۇلارنىڭ قىزغىنلىقىغا ئاپرىن ئېيىتقۇم كەلدى.
    10 چوڭ مۇنەۋۋەر بلوگنى باھالاشقا قاتناشقان ھەيئەتلەرنىڭ بلوگلىرى ئالدىنقى يىلدىكى قائىدە بويىچە نامزاتلىققا كىرگۈزۈلمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمەن. باھالاش ھەيئەتلىرىنىڭ بلوگلىرى نامزاتلىققا كىرگۈزۈلمىسە بۇ پائالىيەتنىڭ ئادىل ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ.
    2011-يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش خىزمىتى ئۇتۇقلۇق بولغاي!

  18. كارۋان مۇنداق يازغان:

    بۇ پائالىيەتنىڭ كىچىكىپ بولسىمۇ باشلانغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، شۇ باھانىدا يۈكسەلكامغا رەھمەت ئېيتىمەن.
    مەن بىلوگ يېزىپ باقمىدىم، لېكىن بىلوگلەرنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى. ئوقۇتمەن بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ پائالىيەتكە تۆۋەندىكى بىر نەچچە تەكلىپنى بىرىمەن.
    1. Google PR قىممىتى: بۇنى نەزەرگە ئېلىش توغرا ئەمەس. چۈنكى google نىڭ بۇ دەرىجىسى ئۇيغۇر بىكەتلىرىنىڭ تىل جەھەتتىكى ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن توغرا نەتىجە چىقىرالمايدۇ.
    2. ھەر بىر بىلوگ ئىگىسى ئۆزىنى كۆرسەتسۇن دىيىلىپتۇ. رايونىمىزدا بىلوگ يېزىۋاتقان، باشقىلارغا تەسىر كۆرىسىتىۋاتقان داڭلىق كىشىلەرمۇ بار. ئۇلار ھەرگىز ئۆز بىلوگىنى تەۋسىيە قىلىپ، نامزاتلىققا كۆرسەتمەيدۇ. يەنە كېلىپ بىزدە ئۆز نەتىجىلىرىنى ئۆزى سۆزلەيدىغان ئىش ئاساسەن تەرغىپ قىلىنمايدۇ. بۇ ئەھۋالدا باشقىلارنىڭ ئۇلارنى تەۋسىيە قىلىشىنى چەكلەش توغرا ئىش ئەمەس.
    3. بلوگنىڭ مەزمۇنى ( ئومۇمىي نەتىجىنىڭ %60 ى بويىچە نومۇر قويۇلىدۇ )
    بۇ چوڭ تۈردە ، بلوگ يازمىلىرىنىڭ ئىجادىيلىقى ( %20 ) ، يازمىلىرىنىڭ سۈپىتى ( %10 )، يازمىلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ياكى ئەھمىيىتى ( %10 )، تەسىرى ، ئىنكاس ئاۋاتلىقى ۋە ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتى قاتارلىقلار ( %10 ) ، ئىملاسى ( %10 ) قاتارلىق كىچىك تۈرلەر بار.

    بۇنىڭدىكى ئىنكاس ئاۋاتلىقى ۋە ئىنكاسلارنىڭ سۈپىتىگە قانداقچە بىلوگ يازغۇچى مەسئۇل بولىدۇ؟ بىلوگ سەۋىيىسى يۇقىرىراق بولسا، ئىنكاس يازغۇچى ئۇنىڭغا ئىنكااس يازالماسلىقى ياكى يازسىمۇ مەزىسى يوق ئىنكاسنى يېزىشى مۇمكىن. بۇ مەسئۇلىيەتنى بىلوگ يازغۇچىغا ئارتىپ قويساق ئادىل بولمايدۇ.

    يازمىلىرىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقى ياكى ئەھمىيىتى ( %10 ) . بۇ ماددا بىرلەمچى، ئاڭ ئىككىلەمچى دىگەن ئىدىيىنىڭ تۈرتكىسىدە يېزىلىپ قالدىمۇ قانداق؟

    قېنى، يۈكسەلكام قاتارلىق چوڭلار ئويلىنىپ بېقىڭلار.

  19. تەجەللى مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ پائالىيەتنى بەكلا ياقتۇردۇم،ئىسىت ئۇرۇمچىدە بولغان بولسام مەنمۇ چاممامنىڭ يىتىشىچە ئەلداۋادىكىلەرگە ھەمدەم بولۇپ ،ئۆزەم ئەجىر قىلىپ ياساپ چىققان ساغلاملىق كۇمۇلاچلىرىمنى شۇ 10 چوڭ بىلوگگىر دوستلىرىمغا مۇكاپات قىلىپ ،ئۇلارنىڭ يىڭى يىلىنى تەبرىكلەركەنمەن…….ئىسىت…ئىسىت….http://www.tejelli.com/

  20. كۆزنەك مۇنداق يازغان:

    پائالىيەتنىڭ ئادىل ۋە مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلۈشىگە تىلەكداشمەن!

  21. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بىرىلىشىغا تىلەكداشمەن

  22. تۇيغۇ مۇنداق يازغان:

    ئالە شەرىىڭنى Google PR بىللەن بىلوگلارنىڭ نىمە مۇناسىۋىتى .بىلوگدا مەزمۇن ياخشى بولسىلا بولمىدىمۇ؟ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر توربەتلىرىنىڭ Google PR 4دىن ئاشقانلىرى يوققۇ دەيمەن..
    ئاخىردا مەن مەن يەنىلا ‹‹تورخۇمار›› نى نامزاتلىققا كۆرسىتىمەن تورخۇمارغا كۇندا بىر كىرمىسەم ئىچىم پۇشۇپ قالدۇمېنىڭ ..

  23. ھەسرەت مۇنداق يازغان:

    بۇلتۇرقى بىر قىسىم بىلۇگلار نىڭ مەزمۇنى يەنىلا بۇرۇنقى پىتىدە قالغان ئەھۋاللارمۇ بار.
    بەلكىم بىلۇگلار ئىچىدىن بىزنىڭ قىزىقارلىق ياكى ئۆزىگىلا كىرەكلىك بولغان نەرسىلەرنى ئىزدەپ يۈرگەن كىشىلىرىمىز ئاسانلىقچە ھېس قىلىپ كىتەلمەيدىغان نادىر يازمىلارغا ئىگەبولغانلىرىمۇ بولۇشى مومكىن. شۇڭا نامزات كۆرسەتكەندە ئۇنىڭغا كىرگەن ئادەم سانى موھىم ئەمەس بەلكى ئۇنىڭدىكى يازما سۈپىتى ئەڭ موھىم. ئەگەر مەن مۇشۇ تاپتا پالانچى كىسەلگە داۋا تىپىلدى ياكى پالانى يەردە بىر ئايال….دېگەندەك مەزمۇندا بىر نەرسە يازايچۇ ؟ نەچچە سائەتتىلا ئۇلىنىشنىڭ باش بىتىگە چىقمىسا ھېسا پ ئەمەس.

ھەسرەت 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟