يۈكسەل بلوگىنىڭ تەشكىللىشى بىلەن ئىلگىرى 2 نۆۋەت ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. بۇنىڭ ئىجتىمائىي ئەھمىيىتىمۇ ياخشى بولغان ئىدى. بۇ يىل مەزكۇر پائالىيەت 3-قېتىمغا قەدەم قويدى. بىز بۇ پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق ھەم ئۈنۈملۈك ئېلىپ بېرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. شۇنداقلا ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز بىلەن قوللاش يۈزىسىدىن مۇنەۋۋەر باھالانغان ئالدىنقى 2 بلوگنى شىركىتىمىزنىڭ مەھسۇلاتى بىلەن تۆۋەندىكىچە مۇكاپاتلاشنى لايىق كۆردۇق.
بىلكان شىركىتى تەمىنلەيدىغان مۇكاپات بۇيۇملىرى
بىرىنچى باھالانغان بلوگ ئۈچۈن:
8 دىيۇملۇق بىلكان پەد ( WiFi نەشرى). باھاسى: 2398 يۈەن.
ئىككىنچى باھالانغان بىلوگ ئۈچۈن:
7 دىيۇملۇق بىلكان پەد ( WiFi نەشرى). باھاسى: 1360 يۈەن.
مۇكاپات نەقلەشتۈرۈش
باھالاش نەتىجىسى ئېلان قىلىنغان كۈنى شىركىتىمىز مۇكاپات بۇيۇمىنى باھالاش ھەيئىتىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ.
ناۋادا مۇكاپات بۇيۇمىنى تاپشۇرۇۋالغۇچى ئۈرۈمچىدىن باشقا جايدا بولۇپ، مۇكاپاتنى ئىگىسىگە يەتكۈزۈپ بېرىش باھالاش ھەيئىتىگە قىيىنچىلىق يەتكۈزگەن بولسا دۆلەت ئىچىگە مۇكاپاتنى تېز يوللانما ئارقىلىق يەتكۈزۈپ بېرىش ۋەزىپىسىنى شىركىتىمىز ئۈستىگە ئالسىمۇ بولىدۇ.
شىركىتىمىزنىڭ باھالاش ھەيئىتىدىن كۈتىدىغان ئۈمىدى
ئەڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ باھالاشنىڭ ئادىللىقىغا كاپالەتلىك قىلسا.
شىركىتىمىزنى باھالاش جەريانىنى سىرتتىن نازارەت قىلىشقا تەكلىپ قىلسا.
شىركىتىمىز تەمىنلىگەن مۇكاپات بۇيۇمى باھالاش پائالىيىتىدە مۇكاپات بۇيۇمى تىزىملىكىدە ئاتالسا.
مۇكاپات نەقلەشتۈرۈلگەندىن كىيىن نەقلەشتۈرۈلگەنلىكى توردا ئېلان قىلىنسا.
ئۇنىڭدىن باشقا شىركىتىمىز ھېچقانداق ئالاھىدە تەشۋىقات، ئېلان بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. نامزات كۆرسەتمەيدۇ، باھالاشقا ئارىلاشمايدۇ.
شىركىتىمىز باھالاشنىڭ ئادىللىقى ياكى باشقا سەۋەبلەرنى باھانە قىلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرۈشتىن باش تارتمايدۇ. ھەرقانداق ئەھۋالدا مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرىدۇ.
بىلكان ئېلېكترون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
2011-يىلى 12-ئاينىڭ13-كۈنى
بۇ ئىنتايىن ياخشى ئىش بوپتۇ بىلىكيارنىڭ كۆلبىسى بۇ يىلقى 10 چوڭ بلوگباشلىرىنى باھالاش پائالىيىتىنى قىزغىن قوللايدۇ.bilikyar.net
بۇ ناھايىتى ياخشى قوللاش بۇلۇپتۇ…..بۇنىڭدىمۇ ياخشى مۇكاپات بولماس.
ئەمدى ،مۇكاپات قانداق تەقسىملەش توغۇرلۇق ،قايتىدىن ئويلاشسا بولغۇدەك.
مىنىڭچە بۇ بىلكان شىركىتى تەمىنلەيدىغان مۇكاپات بۇيۇملىرنى ئالغانلار ،شۇ شىركەت مەھسۇلاتنى ،ئۆزبىلوگلىرىدا ئىلان قىلىپ بەرسە ،بۇ شۇ شىركەتكە بولغان ئەڭ ياخشى مىننەتتارلىقى بولغۇسى!
ئەمەلىي ھەركەتلىرى بىلەن خەلقىمىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان بىلكان ئېلېكترون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قوللىغانلىقىدىن ئالەمچە سۆيۇندۇق ھەم خۇش بولدۇق، بىلكان ئېلېكترون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز
بىلكان شىركىتىنى باشتىن-ئاخىر كۈزۈتۈپ كەلدىم، گەرچە يېنىمدىن پۇل چىقىرىپ بىرەر مەھسۇلاتىنى سېتىۋېلىشقا ئىمكانىيىتىم بولمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇرچە تىل-يىزىقتىكى ئىلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپ چىقىرىشقا شۇنچە كۈچ چىقىرىپ، زور بەدەللەرنى تارتىپ كېلىۋاتقانلىقىغا شاھىد بولۇپ تۇرۇۋاتىمەن.
مەزكۇر شىركەتنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى ئاكتىپ قوللىغانلىقىغا بارلىق بلوگگېرلار ناھايىتى خۇرسەن بولدۇق، بىلكان ئېلېكترون پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز!
ئۇيغۇربەگنىڭ ئايپەدگە ئېرىشىشىگە ئۈمىد بار
بەك ياخشى بۇپتۇ، مىنىڭمۇ ئەيپاد ئىشلەتكۇم بارئىدى……… مەن دىگەن ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىنى تەسسى قىلىپ ماڭا ئەيپاد نىلا بەرمەمسىلە(چاقچاق)
ئەمەلىي ھەركەت ئەڭ ياخشى قوللاش دەپ قارايمەن. بىلكان ئېلىكتورون پەن_تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ دادىللىق بىلەن ئەمەلىي ھەركىتى بىلەن قوللىغىنى بىلوگگىرلارغا قىلىنغان ھۆرمەت دەپ قارايمەن. بىلكان مەھسۇلاتلىرىنىڭ تېخىمۇ زور تەرەققىياتلارغا ئېرىشىشىنى ۋە خەلقىمىزنىڭ ئالدىنقى تاللىشى بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنمۇ بۇ پەدنى بىرەر سائەتچە ئىشلىتىپ كۆردۈم. ئېنىقكى، بۇنىڭغا ئۇلار قاتتىق كۈچەپتۇ. ئۇيغۇرچە ئېلىكترون مەھسۇلاتلىرىنى كۆرسە كىشى بۆلەكچە بولۇپ قالىدىكەن. بۇ قېتىملىق ئەمەلىي ھەرىكىتىڭلار بىلەن بۇ پائالىيەتنى قوللىغىنىدىن تېخىمۇ مەمنۇن بولدۇم. ئىشلىرىڭلارغا بەرىكەت ياغسۇن.
مەنمۇ سىناپ باققان، ھەقىقەتەن ياخشى ئىشلەپتۇ!
بىلكانغا بارىكاللاھ!
ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيىتىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن قوللايدىغان مۇشۇنداق ئورگانلارنىڭ كۆپىرەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!
پاھ! ئالامەت نوچى سوۋغات بوپتىغۇ بۇ، بىلكان پەد نى توردا كۆرۈپ شۇنداق ئىچىم كۆيگەن ئىدى. بلوگگىرلارنى قوللىغىنىدىن ناھايتى خۇرسەن بولدۇق. بىلكان شىركىتىنىڭ كىيىنكى ئىشلىرىغا زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمىز، تىرىشىڭلار جەسۇر ئوغلانلار
بۇ بلوگگېرلارغا نىسبەتەن ناھايىتى ياخشى ئىلھام بوپتۇ. بولسا IT ساھەسىدىمۇ مەخسۇس بلوگلار قۇرۇلسا، بىلكان پەدكە ئوخشاش يېڭى تېخنىكىلارنى كۆپچىلىككە تونۇشتۇرۇپ تۇرسا تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر مىللىي مەھسۇلاتلىرىمىزنى تونۇشى مۇمكىن ئىدى. بىلكان شىركىتىگە ۋە مەزكۇر پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان يۈكسەل بلوگىغا كۆپ رەھمەت!
بولسا IT ساھەسسىدىكى بلوگلار قۇرۇلسا ما گىڭىزنى قوللايمەن
بىلكان شىركىتىگە كۆپ تەشەككۈر!
ئەمدى گەپ قېرىنداشلىرىمىزنىڭ بۇ پائالىيەتكە ئاكتىپچانلىق بىلەن ئادىل ئىشتراك قىلىشىدا قالدى
بىلكان شېركىتى «ئۇنىڭدىن باشقا شىركىتىمىز ھېچقانداق ئالاھىدە تەشۋىقات، ئېلان بېرىشنى تەلەپ قىلمايدۇ. نامزات كۆرسەتمەيدۇ، باھالاشقا ئارىلاشمايدۇ» دەپ ئەركەكتەك گەپ قىلىپ قويۇپتۇ مانا! كۆپتىن كۆپ تەشەككۈر!
ماۋۇ كارامەتنى كۆرۈڭ. ۋاھ، نېمانداق سېخىي!!!!
مېنىڭ تەشەببۇسۇم، بىلكان شىركىتىنىڭ بۇنچىلىك سېخىيلىك قىلغانلىقىغا يارىشا، بۇ يىلقى باھالاپ چىقىلغان 10 بلوگلار مۇمكىن بولسا بىلكاننىڭ ئېلانىنى ئۆز بلوگىدا مەخسۇس ئېلان ئورنى ئاجرىتىپ تەشۋىق قىلىپ بەرسە دەپ ئويلايمەن. بۇنداق بولغاندا كېلەر يىللىق بلوگ باھالىشىدىمۇ بىلكان شىركىتىنىڭ قاراپ تۇرمايدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئەڭ مۇھىمى بۇ يەردە مۇشۇنداق ئانا تىلدىكى مەھسۇلاتلارنى كۆپرەك تەشۋىق قىلىش ھەر بىرىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچى دەپ قارايمەن. مىللىي كارخانىلار كۈچلەنسە، مىللەتنىڭ ئورنى يۇقىرى بولىدۇ ئەمەسمۇ؟؟؟؟؟؟؟
مەن باشقىسىنى قويۇپ تۇراي، بىلكاننىڭ سەمىمىي سۆزلىرىلا مېنى قاتتىق تەسىرلەندۈردى. گەرچە بۇ مۇكاپاتنىڭ ماڭا تېگىل بوپ قېلىشى يوقنىڭ ئورنىدىكى گەپ بولسىمۇ، مەن بىلكان شىركىتىنىڭ ئاشۇ سەمىمىيلىكى بىلەن ئۆزخىېرىدارلىرىنىڭ،مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۆز خەلقىنىڭ مەنپەئەتىگە مەسئۇل بولىدىغان مەردانىلىقىغا ئاپىرىن ئېيتىش يۈزسىدىن بولسىمۇ، بۇ يېڭى مەھسۇلاتتىن سېتىۋېلىپ ئىشلىتىمەن.
مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەرنى ئالدىن تەبرىكلەيمەن
بىلكان شىركىتى ھەقىقەتەن ئوغۇل بالىلار قۇرغان شىركەتكەن، ئوغۇل بالا دېگەن بىر – بىرىگە قولداش، يولداش بولىدۇ! ئەگەر مېنىڭ پەد ئېلىشقا قۇربۇم يېتىپ ئالىدىغان بولۇپ قالسام تۇنجى بولۇپ بىلكاننىڭكىنى ئالىمەن. ئەلنى يۆلىگەننى ئەلمۇ يۆلەيدۇ!
بىلكان شېركىتىنىڭ روناق تىپىشىنى تىلەيمەن!
بىلكان شىركىتىنىڭ مۇشۇ بۇ ئىشقا كۆڭۈل بۆلۈپ ، بىزنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئىيتىمەن ، گەرچە بىلكان پەدنى ئىشلىتىپ باقمىغان بولساممۇ ، لىكىن شۇنىسى ئىنىقكى سىلەر كۈچەۋاتىسىلەر ، مىللى ئىلىكتىرون سانائىتىمىز ئۈچۈن ھەقىقى كۈچەۋاتىسىلەر ،ئىشلىرىڭلارنىڭ بۇندىن كىيىن تىخىمۇ يۈكسىلىشىنى تىلەيمەن ، قىلغىنىڭلارنى خەلىق چۈشىنىدۇ ھەم قوللايدۇ …
[...] ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ [...]
[...] ساغلاملىق تورى ۋە بىلكان شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2011-يىللىق 10 چوڭ [...]
بىلكان شىركىتىنىڭ يەنىمۇ روناق تىپشىنى ئۇمىد قىلمە ن