تور ئەھلىگە يۈكسەلدىن يېتىپ مەلۇم بولغايكى، تور دۇنياسىدىكى مېھىر – شەپقەت ئەلچىسى، ‹‹ بىر سوم پىلانى ›› نىڭ مەسئۇلى،بىر مەزگىل ‹‹ ئەبجەش چۈش ›› كۆرۈپ داڭقى چىققان ‹‹ مەجنۇن ››، تورداشلارغا تونۇلغان ساتېرىك شائىر  ۋاپادارىم ( ئەيساجان نىزامىدىن )  بۇ يىل يەنە شەرەپ بىلەن (توغرىسى خېجىل بولماي، ئۆتكەن يىلىمۇ بىر نۆۋەت كۆرسىتىلگەن ) 11 – نۆۋەتلىك ‹‹ شىنجاڭ 4 – ماي مېدالى ›› مۇكاپاتىغا نامزاتلىققا كۆرسىتىلدى. مەزكۇر مۇكاپات شىنجاڭ ياشلىرى ئۈچۈن ھۆكۈمەت تەرەپتىن بېرىلىدىغان ئەڭ ئالىي شەرەپ بولۇپ،  ھەر ساھەدىن خىللانغان دەۋر روھىغا ئىگە مۇنەۋۋەر ياشلارغا بېرىلىدۇ. نۆۋەتتە، مەزكۇر باھالاش بېلەت تاشلاش باسقۇچىغا كىرگەن بولۇپ، ۋاپادارىم بىلەن بىرگە جەمئىي 30 نەپەر ياش نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن. شۇ تاپتا، بېلەت تاشلاش ناھايىتى كەسكىن داۋام قىلماقتا. يۈكسەل بلوگى كەڭ تورداشلارنى تور دۇنيايىمىزدىن بالقىغان بۇ چولپان توردىشىمىزغا قىزغىنلىق بىلەن بېلەت تاشلاشنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

بېلەت تاشلاش مەنزىلى:

بۇ جاينى بېسىپ بېلەت تاشلايسىز، بېسىڭ!

تاشلاش ئوبيېكتى: 8 – نومۇرلۇق ئەيساجان نىزامىدىن ۋە ئۆزىڭىز خالىغان باشقا ياشلار.

تەپسىلات: شىنجاڭ ئىتتىپاق كومىتېتى تورىدا

تورداشلارنىڭ مەزكۇر تېمىنى باشقا مۇنبەر، بلوگ، مىكرو بلوگلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىشىنى قارشى ئالىمىز!

يوللانغان ۋاقتى: 2012-يىل 04-ئاينىڭ 10-كۈنى pm 16:22
كۆرۈلۈشى: 473 قېتىم
خەتكۈش: ،
يازما مەنبەسى: ?p=2020  [كۆچۈرۈش]