نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلى خالمۇرات غوپۇرغا بېلەت تاشلاڭ!

خالمۇرات غۇپۇر ،ئەر، ئۇيغۇر ،1960_يىلى 3_ئاينىڭ6_كۇنى تۇغۇلغان.ۋەتەنگە قايتقان دوكتور (MDphD) ،پىروفىسسور،دوكتور يىتەكچىسى ،مەملىكەت بۇيىچە ئون مۇنەۋۋەر ياشنىڭ بىرى .مەملىكەتلىك مۇنەۋۋەر پەن_تېخنىكا خادىمى ، پۈتۈن مەملىكەت بۇيىچە تۈمەنلىگەن (بىرىنجى ،ئىككىنجى قاتلام )ئىختىساس ئىگىسى ،«مەملىكەتلىك1.ماي ئەمگەك نەمونىچىسى مىدالى »غا ناىل بولغۇچى ،مەملىكەت بۇيىچە ۋەتەنگە قايتقان چەتئەلدە ئۇقىغان ئۇقۇغىچىلار ئىچىدە ،مۇۋەپپەقىيەت مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن خادىم .سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ كۆرۈنەرلىك تۆھپە قۇشقان مۇتەخەسىسى ،گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغۇچى مۇتەخەسىس ،مەركىزى كۇمىمۇت تەشكىلات بۈلىمى نۇقتىلىق ئالاقىلىشىدىغان مۇتەخەسىس ، ئاپتۇنۇم رايون بۇيىچە مۇنەۋۋەر مۇتەخەسىس  دىگەن شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن .ئۇ جۇڭگو تىبابىتى ،غەرىپ تىبابىتى ۋە ئۇيغۇر تىبابىتى بىرلەشتۈرۈلگەن تەتقىقات ساھەسىنىڭ باشلامچىسى ۋە بۇ ساھەگە ئاساس سالغۇچى .ئاپتۇنۇم رايونىمىز بۇيىچە بىردىنبىر دۆلەتلىك مۇنەۋۋەر ياشلار پەن_تېخنىكا فوندىدىكى مۇتەخەسىس ،نۆۋەتتە شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتى پارتكومىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ،مەكتەپ مۇدىرى ۋەزىپىسىنى ئۈتەۋاتىدۇ.

پىروفىسسورخالمۇرات غۇپۇر ئىلگىرى  شىنجاڭ تىببى ئۇنىۋېرسىتېتىڭ پارتكوم ھەيئېتى ،مۇئاۋىن مەكتەپ مۇدىرى مەملىكەتلىك مىللىي تىبابەتچىلىك ۋە دورىگەرلىك ئلىمى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى  دۆلەتلىك دورا قاموسى ھەيئېتىنىڭ ھەيئەت ئەزاسى ،گوۋۇيۇەن ئلمىي ئۇنۋان باھالاش كومىتېتى ئۇخشاش كەسىپ بۇيىچە باھالاپ بېكىتىش كۇمىتىتىنىڭ ھەيئېتى،دۆلەتلىك يىڭى دورىلارنى باھالاپ بېكىتىش كۇمىتىتىنىڭ باھالىغۇچىسى ،دۆلەتلىك قوغدىلىدىغان جۇڭگو تىبابىتى دورا تۈرلىرىنى باھالاپ بېكىتىش ھەيئېتىنىڭ ئەزاسى  شىنجاڭ مىللىي  تىبابىتى دورىگەرلىك ئلىمى جەمئىيىتىنىڭ باشلىقى. شىنجاڭ پەن_تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى  ئۈتىگەن.
كۆپ يىللاردىن بېرى  پىروفىسسورخالمۇرات غۇپۇر دۆلەتنىڭ تەبىئى پەن فوندى،دۆلەتلىك قوللاش پىلانى قاتارلىق 26  خىل پەن تەتقىقات تۈرىنى ئۆز ئۈستىگە  ئالغان . ئىلگىرى «خېلياڭ_خېلى پەن_تېخنىكىدا ئلگىرلەش مۇكاپاتى »،«جۇڭخۇا تىببى پەن مۇكاپاتى»،« مەملىكەتلىك ئالىي مەكتەپلەر تەبىئى پەن تەتقىقات مۇكاپاتى»،«مەملىكەتلىك جۇڭگو تىبابىتى ،دورىگەرلىكى پەن _تېخنىكىدا ئالغا ئىلگىرلەش مۇكاپاتى» ،«مەملىكەتلىك جۇڭگو تىبابىتى،دورىگەرلىك ئاساسى پەن تەتقىقاتى مۇكاپاتى» ،«ئاپتۇنۇم رايون بۇيىچەپەن _تېخنىكىدا ئالغا ئىلگىرلەش مۇكاپاتى» ،شىنجاڭ تىببى پەن مۇكاپاتى» ،قاتارلىق كاتتا مۇكاپاتلارغا ئېرىشكەن .  ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك مىدىتسىناغا ئائىت  كىتاپلاردا 150 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالە ئېلان قىلغان .كۆپ قىسىم ئىلمىي ماقالىلىرى خەلىقئارالىق نوپوزلۇق ژۇرنال SCIژۇرنىلىغا كىرگۈزۈلۈپ SCIژۇرنىلىغا تۇنجى بۇلۇپ ئۇيغۇر تىبابىتى ،دورىگەرلىكى ھەققىدىكى ماقالىلەرنى كىرگۈزگۈچى ھىساپلىنىدۇ .دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدا 9 پارچە كىتاب نەشىر قىلدۇرغان ئككى پاچە كىتابنى تۈزۈشكە قاتناشقان .دۆلەتكە ئىلتىماس قىلىپ پاتنىتقا ئېرىشكەن تۈر18خىل  بۇلۇپ 13 تۈرنى نەتىجىگە ئايلاندۇرغان .

مانا يۇقىرىقىدەك شان – شەرەپلەرنى قۇچقان، ئىلىم كۆكىدە مەغرۇر قانات قاققان ئۇيغۇر ئوغلى خالمۇرات غوپۇر يەنە بىر قېتىم شەرەپ قۇچۇش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. بۇ ئەلۋەتتە سىز بىلەن بىزگە ئوخشاش ئىلىم ۋە ئىلىم ئەھلىنى سۆيىدىغان،ئۆز  ئالىمىنى قەدىرلەپ، بېشىغا ئېلىپ كۆتۈرىدىغان ئىلىم – ئالىم شەيدالىرىنىڭ قوللاپ – قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاج ئەلۋەتتە.

<<  جۇڭگودىكى ئىلمىي خادىملار >> 2008 – يىللىق ئىلمىي خادىملارنى توردا  بېلەت تاشلاپ تاللاش پائالىيىتى رەسمىي باشلاندى. بۇ پائالىيەتنى تېڭشۈن تورى بىلەن باھالاش گۇرۇپپىسى بىرلىكتە تەشكىللىگەن بولۇپ، پائالىيەت 6 – ئاينىڭ 19 – كۈنى تولۇق ئاخىرلىشىدۇ. نۆۋەتتە دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنىڭ نەتىجىسى ئالدىنقى قاتاردا تۇرماقتا. قېنى سىزمۇ ئۆز ئاۋازىڭىز ئارقىلىق پەخىرلىك ئوغلانىمىزنى قوللاڭ!

بېلەت تاشلاش مەنزىلى: http://tech.qq.com/zt/2009/kexuerenwu/#top

دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنىڭ بېلەت تاشلاش ئورنى ئاستىدىن سانىغاندا 5 – قۇردا ، يەنى بىئو – تېببىي پەنلەر گۇرۇپپىسىدا ( 生命科学与医药组 ).

دوكتۇرنىڭ بېلەت تاشلاش ئورنىدىكى رەسىمى

بىز كۆپچىلىكنىڭ بېلەت تاشلىغان تاشلمىغانلىقىنى مۇشۇ تېمىدا ئىنكاس سۈپىتىدە قالدۇرۇپ قويۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز. بۇنداق بولغاندا ئاخىرقى نەتىجە بىلەن سېلىشتۇرۇشقا پايدىلىق. قېنى ھەرىكەتنى باشلاڭ!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئۇيغۇرلارنىڭ پەخىرلىك ئوغلى خالمۇرات غوپۇرغا بېلەت تاشلاڭ!

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!52 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. bohran مۇنداق يازغان:

    بۇنداق خەيرلىك ئىشنى ئەلۋەتتە قوللايمىز.
    خالمۇرات غۇپۇر دوكتورغا بىر بېلەت تاشلىدىم.( رەسىمنىڭ ئاستىدىكى بېلەت تاشلاش دىگەن خەت يوقكەن، پەقەت مۇشۇ خالمۇرات غوپۇرنىڭكىدىلا، ئەمما كاتەكچە ئىچىگە توغرا بەلگىسى قۇيۇپ، بەت ئاستىدىكى تاپشۇرۇش كۇنۇپكىسىنى باسسا، بېلەت تاشلاش مۇۋەپپىقىيەتلىك تاماملىنىدىكەن)
    [reply=Nursel,2009-06-12 00:38 AM]تەشەككۈر دوستۇم![/reply]

  2. 眼镜蛇 مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرلار ئىچىدىن چىققان پەخرلىك دوكتورىمىز.ئۇلۇغ ئاللا بۇ كىشىنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن![face03]

  3. AbdulQuddus مۇنداق يازغان:

    ئاجايىپ ھاياجان ، چۇڭقۇر سۆيۈنۈش بىلەن مەنمۇ بىر بىلەت تاشلىدىم .

    جەنابىي ئاللاھ بۇ مۇبارەك ئوغلانىمىزغا ئەبەدىي سالامەتلىك ، دائىمىي
    خۇشۋاخلىق ۋە ئەبەدىي بۇيۇك شان – شەرەپلەر ئاتا قىلغاي ، ئامىن !!!

    ياشا ئەلنىڭ ئەي پەخىرلىك ئوغلانى !
    ياشا ، ياشا ، ئۆرلەيۈكسەك كۆك تامان !
    ھەر قەدىمىڭ بۈك باراخسان گۈل ئاچسۇن.
    تىلەكداشتۇر جېمى خەلقىڭ ـــ دوست ، ياران !
    [reply=Nursel,2009-06-12 00:38 AM]مەرھابا ، ئابدۇلقۇددۇس ئاكا ![/reply]

  4. halisa مۇنداق يازغان:

    خالمۇرات ئەپەندىنىڭ توردىكى تاشلانغان بىلىتىنى كۆرۈپ راستىنلا ھاياجىنىمنى باسالمايقالدىم .نىمىشقا دىسەڭلار بىزنىڭ بۇ ئالىمىمىز ھازىر 1- ئىكەن خېلىلا يۇقۇرى پىرسەت بىلەن يۇقۇرى ئىكەن بىز نىمىلا دىگەن بىلەن ئۇيۇشقاق مىللەت!

  5. parhat مۇنداق يازغان:

    بەك بەلەن بوپتۇ
    [reply=Nursel,2009-06-12 00:39 AM]دۇرۇس.[/reply]

  6. مۇنداق يازغان:

    قالتىس بوبتۇ ، 70.78% ئۈستۈنلۈك . ئۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ پەخرىمىزكەن.

  7. 古海尔克孜 مۇنداق يازغان:

    قالتىس بوبتۇ ، 70.78% ئۈستۈنلۈك .

  8. wolqan مۇنداق يازغان:

    سۆيۈملۈك ئوقۇتقۇچىمغا بىر بېلەت تاشلىدىم. ئۇستازىمغا زور نەتىجە يار بوسۇن.
    يۇكسەل ئەپەندمگىمۇ رەھمەت. بلوگىڭىزنى ئەمدى داۋاملىق كۆرۈپ تۇرمەن.
    [reply=Nursel,2009-06-12 00:37 AM]سىزگىمۇ رەھمەت! يەنە كېلىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز .[/reply]

  9. uygur مۇنداق يازغان:

    ئامەت تىلەيمەن

  10. uyghurtekin مۇنداق يازغان:

    مەن 20 دىن ئارتۇق تاشلىدىمغۇ دەيمەن . يەنە تاشلايمەن . ھازىر دوكتۇرنىڭ رەت سانى يەنىلا بىرىنچى ! قېنى ھەممىزنىڭ تاشلايلى !
    [reply=Nursel,2009-06-12 00:04 AM]باھالاش پائالىيىتىنىڭ ئادىل – ھەققانىي بولۇشى ئۈچۈن تەكرار بېلەت تاشلمىساق. ياخشى نىيەتتە قىلغان ئىشىمىز ئەكس ئۈنۈم بېرىپ قالمىسۇن. تورداشلارغا رەھمەت![/reply]

  11. koktax مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بىر بېلەت تاشلىدىم ! ھازىرقى بىلەت سانى 15421 ئورنى بىرىنجى رەتتە(74.91%) ئىكەن.

  12. xirali مۇنداق يازغان:

    ھەممىمىزبىلەت تاشلاپ قۇيايلى ئاغىنىلەر

  13. ablat مۇنداق يازغان:

    ئامەت تىلەيمەن !

  14. samat مۇنداق يازغان:

    ئامەت تىلەيمەن!

  15. bardam مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بىر بىلەت تاشلىۋەتتىم ،ئەمما ئۆخشاش ipدىن تەكرار بىلەت تاشلاۋاتقانلار چوقۇم توختۇتۇڭلار ،تاشلىماقچى بولغانلار تاشلىماڭلار پەرىق بەك چوڭىيىپ كىتىپتۇ ،ياخشى كۆڭلىمىز يامانغا ئايلىنىپ قالمىسۇن بولسا ئا خەنزۇ ئالىملارغىمۇ ئازدۇر كۆپتۇر تاشلاپ قويۇپ دىققەتنى بىر ئاز بۇرايلى! دىققەت قىلىپ تۇرساق ئەگەر كەينىدە قالغۇدەك بولسا يەنە تورداشلار بار ئەمەسمۇ ،كۈچىسەك بولىدۇ.

  16. yawaqux مۇنداق يازغان:

    بىخۇدلىشىپ قالمايلى. ھازىر يەنە بىر بىلەت تاشلاپ بولۇپ قارىسام% 71.95تۇرىدۇ. ئەسلى ئاللىبۇرۇن %75تىن ئېشىپ بولغان. قارىغاندا باشقىلارمۇ ھەرىكەتكە چۈشكەن ئوخشايدۇ. ئۇلار جىق تاشلاپ قالسا ئالىمىمىزنىڭ ئېرىشكەن بىلەت نىسبىتى چۈشۈپ كېتىدۇ. ئەتراپتىكىلەرگە ئېرىنمەي تەشۋىق قىلايلى!

  17. esima مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بىر بىلەت تاشلاي ئەمسە …..

  18. azgun مۇنداق يازغان:

    پەخىرلىنىش ھىسياتى بىلەن بىەلت تاشلىدىم.

  19. yegana مۇنداق يازغان:

    مەن پەخرلىنىش ھىسياتى بىلەن بىلەت تاشلىدىم. ئەل سويگەن ئوغلانىمىز مەڭگۇ روناق تاپسۇن .ئىشلىرغا ئامەت بەخىت يار بول سۇن.

  20. palta618 مۇنداق يازغان:

    مەن تاشلاي دىگەن قانداق تاشلايمەن[face53]
    [reply=Nursel,2009-06-13 04:14 PM]باشقا تورداشلار قانداق تاشلىغان بولسا سىزمۇ شۇنداق تاشلىسىڭىز بولىدۇ.[/reply]

  21. zohra مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ تاشلىدىم ، امەت تىلەيمەن .سىز چوكۇم تاللىنالايسىز.دوكتۇر اكا .

  22. MWLANJAN مۇنداق يازغان:

    مەن سىزدىن پەخىرلىنىمەن. مەنمۇ تاشلىدىم .

  23. marhaba مۇنداق يازغان:

    سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن،بەخىت سىزگە يار بولسۇن ،سىز بىزنىڭ پەخرىمىز ،سىزدەك كىشىلەرنىڭ مىللىتىمىز ئارسىدىن كۆپلەپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .

  24. mamatjan مۇنداق يازغان:

    غەيرەت قىل قىرىندىشىم ئامەت تىلە ي مەن

  25. tiwip520 مۇنداق يازغان:

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم
    پەخىرلىك ئۇستازىمىز ،بارلىق ئىشلىرىڭىز غا بەركەت ياققاي

  26. zarapxan مۇنداق يازغان:

    خالمۇرات غوپۇر ــ تىبابەتچىلىكتە دۆلەت ئىچى ۋە سىرىتىدا شۆھرەت قازانغان ئالىم. ئۇنىڭ ئىلىمي ئەمگەكلىرى ئۆزلۈكسىز مۇئەييەنلەشتۈرىلىۋاتقان پەيىتتە، ئىلىم ۋە ئالىمغا بولغان ھۆرمىتىمنى بۇ قېتىمقى بىلەت تاشلاش پائالىيىتى ئارقىلىق بىلدۈرىمەن، شۇنداقلا بۇ ئوغلاننىڭ تەتقىقاتىنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىنى تىلەيمەن. سالام سىزگە خالمۇرات ئاكا!

  27. bayliq مۇنداق يازغان:

    مەن بۇ نى ئالدىنقى كۈنى بىرسى QQ رىمغا ئادرىسنى ئەۋەتىپتىكەن 10 نەچچە قىتىم بىلەت تاشلاپ 45% دىن 46% ئۆرلىتىۋەتگەن ئىدىم بۇگەنمۇ شۇنداق قىلىمەن ياشىسۇن ئۇيغۇرلىرىمىز زەپەر قۇچسۇن ئۇيغۇرلىرىمىز كۆكلىسۇن ئۇيغۇرلىرىمىز!!!!

  28. adukeyim مۇنداق يازغان:

    مەن ياش ئۇيغۇر ئالىمىمىز خالمۇرات غوپۇرغا بىلەت تاشلىدىم..چۇنكى ئۇ مەن پەخىرلىنىدىغان ئالىم.

  29. رېھىم مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بىر بىلەت تاشلاي

  30. kiramjan مۇنداق يازغان:

    مەن ئىنتايىن پەخىرلەنگەن ھالدا بىر بىلەت تاشلىدىم

  31. halqam مۇنداق يازغان:

    سىزگە ئامەت يار بولسۇن. ئوزىڭىزگە ئىشىنىنڭ چۇقۇم ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇتۇپ كىتىسىز….

  32. halqam مۇنداق يازغان:

    ئوزىڭىزگە ئىشىنىنڭ چۇقۇم ئۇلارنىڭ ئالدىغا ئۇتۇپ كىتىسىز….

  33. mamat مۇنداق يازغان:

    مەن پەخىرلىك ئوغلان خالمۇرات غۇپۇرغا بىر بېلەت تاشلايمەن

  34. daheyanzi مۇنداق يازغان:

    پەخرلىك ئوغلانىمىزغا مەدەت بېرەيلى ، بېلەت تاشلايلى . ئۇلار چوقۇم ئاۋامغا قانداق جاۋاپ قايتۇرۇشنى بىلىدۇ .

  35. mamat مۇنداق يازغان:

    مەن ئۇيغۇر ئوغلانى خالمۇرات غۇپۇر دوكتۇرغا بىر بېلەت تاشلايمەن

  36. ئاينۇر مۇنداق يازغان:

    بىز سىزدىن پەغرىلىمىز.[face25]

  37. ئابدىشۇكۇر مۇنداق يازغان:

    بىز سىزدىن پەخىرلىنىمىز .تېخىمۇ تىرىشىپ ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۇرۇشىڭىزگە تىلەكداشمىز.

  38. zarapxan005 مۇنداق يازغان:

    ھازىر بىلەت سانى جەھەتتە ئەڭ ئالدىدا ئىكەن، يەنىمۇ تېرشايلى دوسلار!

  39. infitar مۇنداق يازغان:

    بېلەت تاشلىدىم .

  40. Yulduzay مۇنداق يازغان:

    ئاسسالام`ئەلەيكۇم پەخىرلىك ئۇستاز ، خەلقىڭىز سىزنى قوللايسدۇ ! سىزگە مۇۋاپەقەيەت تىلەيمەن .

  41. Zulal مۇنداق يازغان:

    بۇ پائالىيەت ئەتە ئاخىرلىشىدىكەن ، مەن خالمۇراتكامغا 46895-بېلەتنى تاشلىدىم ، 40.38 پىرسەنتلىك بېلەت نىسبىتى بىلەن بىرىنچى ئورۇندا ، ئۇنىڭدىن كېيىنكىسى 3663 بېلەتكە ئېرىشىپ 3.15 پىرسەنتلىك بېلەت نىسبىتى بىلەن كۆزىنى پارقىرىتىپ قاراپ تۇرىدۇ .

  42. badang مۇنداق يازغان:

    بىلەت تاشلاش پەقەت qq تورىدىلا بولماستىن يەنە sina تورىدىمۇ يولغا قۇيۇلىۋېتىپتۇ بىراق بۇ توردا دوكتۇر خالمۇرات غوپۇرنىڭ نەتىجىسى قانائەتلىنەرلىك ئەمەس شۇڭا بۇ توردىكىگە كۆپرەك بىلەت تاشلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!مىنىڭچە بەزىلەر qq تورىدىكى نەتىجىدىن رازى بولماي بۇ تورغىمۇ ئورۇنلاشتۇرغان بۇلىشى مۇمكىن؟؟ نەتىجىسى خەتەرلىك ئادرىس مانا بۇ :
    http://tech.sina.com.cn/d/focus/2009scichi

  43. mamatturdi مۇنداق يازغان:

    مەن پەخىرلىك ئۇيغۇر ئوغلى خالمۇرات غۇپۇر دوكتۇرغا بىر بېلەت تاشلىدىم

  44. aynuri مۇنداق يازغان:

    hakikatan pahirlik oalan

  45. ruxangul مۇنداق يازغان:

    سىزگە ئامەت تىلەيمەن مەن سىزگە بەك ئامراق.باشلانغۇچتا ئوقۇۋاتقان ۋاقىتىمدا سىزنىڭ تۇنجى قېتىم سىزنىڭ ئەسىرڭىزنى ئوقۇغاندىن باشلاپ سىزگە شۇنداق بەك چۇقىنمەن:
    سىزنىڭ ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەپ مۇزات قىزدىن

  46. rukeya مۇنداق يازغان:

    بىز سىزدىن پەخىرلىنىمز ئامەت سىزگە يار بۇلسۇن

  47. kaptar مۇنداق يازغان:

    [face41][face33] ترشڭ

  48. kaptar مۇنداق يازغان:

    ئا سسا لا مۇ ئەلايكۇم سزگە باخت تلايمان

  49. zulhami مۇنداق يازغان:

    مەن ئۇيغۇر تىببىي پەنلەر ئالىمى خالمۇرات غۇپۇر دوكتۇرغا بىر بېلەت تاشلايمەن

  50. nawruz مۇنداق يازغان:

    مەنمۈ بېلەت تاشلايمەن

评论分页 1 2

nawruz 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟