نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > تارىخ - مەدەنىيەت
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

سالامنىڭ كۈچى

ئەدەبنىڭ بېشى سالامدىن باشلىنىشى بارچىمىزگە ياد بولۇپ كەتكەن. لېكىن بۈگۈنكى ياشلىرىمىز ئارىسىدا سالاملىشىشنىڭ ھەرخىل كۆرۈنىشتىكى ‹‹ زامانىۋىي ›› تۈرلىرىنىڭ ئومۇملىشىپ كېتىۋاتقانلىقى ئېنىق. كۈنىمىزدە، ياش بوغۇنلىرىمىزدا بۇ ئاجايىپ مىللىي ئادىتىمىز – سالاملىشىش تۈرلۈك شەكىللەردىكى مەزمۇنى ۋە ئىجراسى ئۆزگەرگەن رەۋىشتە ئادا قىلىنماقتا. ئېنىقراق ئېيتقاندا، ياشلار ئارىسىدا تېتىقسىز ئاھاڭدا : ‹‹ ياخشىمۇ؟ … ›› ، ‹‹ ئالو؟ … ›› ، ‹‹ ۋۇججۇ ئاداش تېنچلىقمۇ ؟ (قىزلار)… ››، ‹‹ بارمۇ سەن بالاڭزا ھېي ؟…›› ، ‹‹ سالامۇلەيكۇم …›› كەبىي تۇترۇقسىز سۆز ۋە خىتابلارنى ئىشلىتىپ سالاملىشىشقا ئوخشاش يامان ئادەتلەر ئومۇملىشىپ كېتىپ بارماقتا. شۇ قاتاردا قىزلىرىمىزنىڭ ئۆز – ئارا سۆيۈشۈپ ( مەڭزىنى يېقىشىپ ئەمەس ) كۆرۈشىشى، يىگىتلەرنىڭ باشلىرىنى بىر- بىرىگە سوقۇشلىرى، بىر – بىرىنىڭ يەلكىسى ۋە كۆكسىگە مۇشتلاشلىرى، قىز – يىگىتلەرنىڭ قول تۇتىشىشلىرى ، ئاۋۋال ئالقانلىرىنى بىرى – بىرىگە شاپلاقلاپ، ئاندىن مۇشتۇملىرىنى تەگكۈزۈپ ، ئارقىدىن ‹‹ يې ! ›› دەپ توۋلاپ كۆرۈشىشلىرىگە ئوخشاش سالاملىشىشنىڭ ‹‹ زامانىۋىي ›› تۈرلىرىنى ئۇچرىتىمىز. لېكىن بۇ كەبىي ھالەتلەرنى كۆرۈپ كۆپچىلىكنىڭ خيالىدا ، بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋىي سالاملىشىش يوسۇنى ئەسلى قانداق ؟ … دېگەندەك سۇئاللارنىڭ تۇغۇلىشى تەبىئىي.

ئۇيغۇرلاردا سالاملىشىش يوسۇنى

سالاملىشىش- كىشىلىك ھاياتتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر پەزىلەت بولۇپ، ئۆزئارا ئالاقىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئەدەبلىك، ئەخلاقلىق ۋە مەدەنىيەتلىك بولۇشنىڭ ئۆلچەملىرىدىن بىرى. ئاغۇن – ئەجدادلىرىمىز تارىختىن بۇيان سالاملىشىشقا يۈكسەك ئېتىبار بىرىپ كەلگەن . ئۇيغۇرلار ئۆز پەرزەنتلىرىگە تىلى چىققاندىن باشلاپلا سالاملىشىشنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرىنى ئۆگىتىشكە باشلايدۇ . ئۇيغۇرلاردا سالام – سەھەتنى بىلمەيدىغانلارنى ئەيىپلەيدىغان ياخشى ئادەت بار .
سالاملىشىشنىڭ قىممىتى توغرىسىدا ، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈيۈك مۇتەپەككۇر ئالىمى يۈسۈپ خاس ھاجىپ < قۇتادغۇبىلىك > دېگەن كاتتا ئەسىرىدە مۇنۇلارنى قەيت قىلغان :

5055. سالامدۇر كىشىگە ئېسەنلىك يولى ،
سالاملە قويۇلۇر ئېسەنلىك ئۇلى .

5056. سالامدۇر كىشىگە ئەمىنلىك – ئامان ،
قىلىنسا سالام ، ساق بولۇر ئۇشبۇ جان .

4111. كۆرەڭلەپ قولۇڭنى سېلىپ كىرمىگىن ،
ئىلىك ئال سالامنى ، غاپىل بولمىغىن .

4154.كېرەكتۇر كىچىكتىن ئۇلۇغقا ھۆرمەت ،
ئۇلۇغمۇ كىچىككە قىلۇر ئەينىنى .

ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادەتلىرى كۆپ قاتلاملىق بولغاچقا ، ئەر – ئاياللاردىكى سالاملىشىش يوسۇنلىرىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ . شۇڭا بۇلارنى مۇنۇ ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىپ بايان قىلىش مۇمكىن :

1. ئەرلەر ئارىسىدىكى سالاملىشىش

ھازىر بىزدە ئۆز – ئارا قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈش بىر قەدەر ئوموملىشىپ قالدى . ئەمەلىيەتتە ، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى سالاملىشىش قائىدىسىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ، سالاملىشىش ھاجىتى تۇغۇلغاندا سالام بەرگۈچى تەرەپ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە (يۈرەك ئۇدۇلىغا) ئېلىپ ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرام بىلەن باشنى ۋە بەلنى مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىگىپ < ئەسسالامۇئەلەيكۈم > دېيىشى ، سالام قوبۇل قىلغۇچى تەرەپمۇ ئوڭ قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ مۇۋاپىق دەرىجىدە ئېگىلىپ < ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام > دەپ ، سالام قوبۇل قىلغۇچى تەرەپ < ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام > دەپ سالام – سەھەت يوللىنىپ بولۇپ ، ئاندىن ئۆز – ئارا قول ئېلىشىپ كۆرۈشىدىغان ئادەت بار ئىدى.
ئۇيغۇرلار سالام – سەھەتتە ئالدى بىلەن كىچىكلەر چوڭلارغا سالام بىرىشكە ئادەتلەنگەن . ياشانغانلار بىلەن ياشلار ئوتتۇرىسىدا بولسا ، ياشلار ئولتۇرغان بولسۇن ، ماڭغان بولسۇن (ئۇلاغلىق ياكى پىيادە) ياشانغانلار ئۇچراپ قالغان ئەھۋالدا چوقۇم ياشلار ياشانغانلارغا ئاۋۋال قولىنى كۆكسىگە قويۇپ < ئەسسالامۇئەلەيكۈم > دەپ سالام بىرىدىغان ، ياشانغانلار < ۋەئەلەيكۈم ئەسسالام > دەپ سالام قايتۇرغاندىن كىيىن ياشانغانلارنىڭ قولىنى چىڭ سىقىپ ، تېنىچ – ئامانلىق سوراشتەك ئادەتلەر ساقلانغان . بۇ ، ياشانغانلارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمەتنىڭ ئىپادىسى .
بىرەر ئىش سەۋەپلىك ئۇزاق مەزگىل كۆرۈشۈش پۇرسىتى بولمىغان ئۇرۇق – تۇققانلار ، دوست – بۇرادەرلەر ئۇچراشقان چاغدا سېغىنىش ھېسياتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قول ئىلىشىپ كۆرۈشۈپ بولغاندىن كېيىن قۇچاقلىشىپ ، مەڭزىنى مەڭزىگە يېقىشىدۇ . ھەتتا ئۇرۇق – تۇققانلار ياكى دوست – بۇرادەرلەر ئوتتۇرسىدا ، بىرەرسىنى سەپەرگە ئۇزىتىش ياكى سەپەردىن كۈتۈۋىلىشقا توغرا كەلسە ، يەنىلا يۇقىرقىدەك قۇچاقلىشىپ كۆرۈشىدۇ . بۇمۇ ئۇيغۇرلاردىكى ياخشى ئەنئەنىنىڭ بىرى .

2. خوتۇن – قىزلارنىڭ سالاملىشىشى

ئۇيغۇر خوتۇن – قىزلىرىنىڭ ياخشى ئەنئەنىۋى سالاملىشىش ئادەتلىرى بار . ئومومەن ، خوتۇن – قىزلار ئۆز – ئارا ئۇچراشقاندا ئالدى بىلەن ئىككى قولنىڭ پەنجىسىنى كۆكرەك ئۈستىدىن ئالماشتۇرۇپ ، بىشىنى ۋە بىلىنى يەڭگىل ئېگىپ ئېھتىرام بىلەن < ئەسسالام > دەپ سالام بىرىشىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۆز – ئارا قۇچاقلىشىپ بىر – بىرىنىڭ سول مەڭزىگە ، كىچىك قىز بولسا پېشانىسىگە سۆيۈپ قويىدۇ . بۇمۇ سالاملىشىشنىڭ بىر ئىپادىسى ھېسابلىنىدۇ .

سالامنىڭ كۈچى

قەدىمكى زاماندا ئۆتكەن بىر پادىشاھ كۈنلەرنىڭ بىرىدە پۇقراچە كىيىنىپ، نەۋرىسىنى يېتىلەپ ئېكىنزارلارنى ئارىلاپ كېتىۋاتقىنىدا، بىر دېھقان ئۇنىڭ كىملىكىنى بىلمىسىمۇ، خۇش تەبەسسۇم بىلەن سالام بەجا كەلتۈرۈپتۇ. شاھ ئۇنىڭ سالىمىنى دەرھال ئىلىك ئېلىپ، يۈگۈرۈپ ئالدىغا بېرىپ، ئۇنىڭ يېرىلغان، قاداق ئالقانلىرىنى چىڭ سىقىپ قىزغىن ئەھۋاللىشىپتۇ. قايتاشىدا نەۋرىسى شاھ بوۋىسىدىن:
–– بوۋا، سىز بىر ئەلنىڭ شاھى تۇرۇپ، ئاشۇ ئەسكى چاپانغا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ھۆرمەت كۆرسىتىسىز؟ – دەپ سوراپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان شاھ نەۋرىسىدىكى ئىنسانىي تەربىيىنىڭ كەملىكىنى ھېس قىلىپ مۇنداق دەپتۇ:
–– ئەي، ئەزىز پۇشتۇم، باشقىلارنى ھۆرمەتلىيەلىگەن ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولالايدۇ. ئېسىڭدە تۇت، بىر ئېغىز سەمىمىي سالام جاللاتنىمۇ تەسىرلەندۈرەلەيدۇ….

ئۇيغۇر خەلق چۆچەكلىرىدە پەيلى بۇزۇق يالماۋۇز كەمپىر سالام بەرگەن قىزچاققا ‹‹ ئەگەر سالىمىڭ بولمىغاندا ئىدى، سېنى ئىككى يالماپ، بىر يۇتار ئىدىم … ›› دەپ، قىزنى ئەپۇ قىلىدۇ ۋە غەزىپىگە ھاي بېرىپ ، يامان غەرىزىدىن يانىدۇ. بىزدە بۇنىڭغا ئوخشاش سالامنىڭ پەزىلەتلىرى بايان قىلىنغان ھېكايەتلەر تولا.

دېمەك، سالامنىڭ قانداق بولۇشى بىزنىڭ قارشى تەرەپتىن ۋە ئەتراپىمىزدىكىلەردىن ئېرىشىدىغان مۇئامىلىمىزنى بەلگىلەيدۇ. قايسى رەۋىشتە سالام قىلساق شۇ رەۋىشتىكى پوزىتسىيە ۋە مۇئامىلىگە ئۇچرىشىمىز ئېنىق. ئۆز مىللىي ئۆرپ – ئادەتلىرىمىزگە ئۇيغۇن بولغان سالاملىشىش بىزنى قارشى تەرەپكە ئەدەبلىك ، ھايالىق كۆرسىتىپ، باشقىلاردا ئۆزىمىز ھەققىدە ياخشى تەسىرات، گۈزەل تۇيغۇ ھاسىل قىلىدۇ. ئىشلىرىمىزمۇ شۇنىڭغا لايىق ئىلگىرى باسىدۇ، ئەل ئىچىدە ئىززەت – ھۆرمىتىمىز ئاشىدۇ. ئەكسىچە، مىللىي يوسۇنلىرىمىزغا يات بولغان سالاملىشىش باشقىلاردا بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللەندۈرۈپ، ئۆزىمىزگە پايدىسىز مۇئامىلىگە ئۇچرىشىمىزغا سەۋەب بولىدۇ. ئىشلىرىمىز قونجىغا دەسسەپ، ئەل ئارىسىدا كۇرسىمىز چۈشىدۇ.
بىزدە‹‹ سالام بېرىش قەرز، ئىلىك ئېلىش پەرز›› دەيدىغان ھېكمەت بار. ئەجدادلىرىمىز ئەلمىساقتىن بۇيان تونۇشسۇن – تونۇشمىسۇن، ئۇچراشقاندا تەشەببۇسكارلىق بىلەن سالاملىشىپ، بىر – بىرىنىڭ كۆيۈنۈشى، ھۆرمىتى، ھېسداشلىقىغا سازاۋەر بولۇپ كەلگەن. شۇڭا قانچىلىك ئالدىراش بولۇشىمىزدىن قەتئىينەزەر، ئۆز مىللىي ئۆرپ – ئادىتىمىز، سالاملىشىش يۇسۇنىمىزغا ئۇيغۇن رەۋىشتە ئۆزئارا تەمەنناسىز، سەمىمىي سالاملىشىشتەك گۈزەل ئەخلاقىمىزدىن مەھرۇم بولمىساق! بۇ تولىمۇ ئاددىي، ئەمما بەكمۇ مەزمۇندار ئۆتۈنۈش ئىكەنلىكى ھەمىشە ھەممەيلەننىڭ يادىدا بولغاي!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: سالامنىڭ كۈچى

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. بىرزات مۇنداق يازغان:

    تونۇشمايدىغانلارغىمۇ سالام قىلىش مۇسۇلماندارچىلىقتىكى ئاجايىپ ئىسىل پەزىلەتلەرنىڭ بىرسى بولسا كېرەك.

  2. رادىئو ھەۋەسكارى مۇنداق يازغان:

    مەن تىخى كېچىك ئوخشايمەن ، يوللاردا ناتونۇش كىشىلەر سالام قىلسا ، سالام قايتۇرۇپ بولۇپ ، نەدە كۆرگەن بولغۇيدۇم دەپ قالىمەن ، ئەسلىدە مۇنداق گەپكەن دە …..

  3. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    كەمىنە دولقۇن731 دىن ئەل جامائەتكە ئوتلۇق سالام ! كەمىنە غېرىبانە كۈلبەمگە داسترخاننى كەڭ سېلىپ جاي مەشرىپى ھازىرلىدىم .قېنى مەھەللەمگە مەرھەمەت

  4. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ بىزنىڭ مەكتەپتىكى قىزلارنىڭ كۆرۈشكىننى كۆرسەم توۋا… شالاپ-شۇلۇپ …فىرانسەنىڭ كىنولىرىنى كۆرگەندەك بوپ قالىمەن…بىر قاراشقا ئوخشاش جىنىسلىقلارغا ئوخشاپمۇ قالىدۇ…

  5. مۇبارەك مۇنداق يازغان:

    تولۇق ئوتتىرا ۋاقتىمدا ماتىماتىكا تاپشۇرۇق دەپتەرنى يىغىپ، ئەتتىگەنلىك تەكرار ۋاقتىدا ماتىماتىكا ئىشخانىسىغا قاراپ ماڭاتتىم. تولۇق ئۈچىنچى يىللىقنىڭ بالىلىرى ئوقۇيدىغان تەرەپ جىمجىت، قارشى تەرىپىدە سىنىپ يوق، كەڭ مەيدان ھەم يېشىللىق كۆرىنىدىغان ئازادە كارىدورلۇق ئىدى، مەن دەل شۇ يەردىن ئۆتەتتىم. ھەر كۈنى ئەتتىگەندە 45پارچە دەپتەرنى ئاران كۆتۈرۈپ شۇ يەرگە كەلگەندە بىر سىنىپنىڭ سىنىپ مەسئۇلى (ئەدەبىيات دەرسى بېرىدىكەن) ئۇچراشماي قالمايتتى، ھەر كۈنى شۇنداقتى. مەن تەبىئىيلا دەپتەرنى مەيدەمگە تېڭىپ ‹ ياخشىمۇ ئۆزلە › دەيتتىم، ئۇ مۇئەللىممۇ تەڭلا ‹ ياخشىمۇ سىز › دەيتتى، بىر-بىرىمىزگە شۇنداق تاتلىق كۈلۈمسىرەپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشەتتۇق. كېيىن بارا-بارا ئەتتىگەنلىك مەشغۇلاتلىرىم ئىچىدىكى ئەڭ خۇشاللىق ئىشلارنىڭ بىرى شۇ مۇئەللىم بىلەن سالاملىشىش بولۇپ قالدى…

    كېيىن ئالىي مەكتەپكە كەلگەندىن كېيىن بەزىدە ‹ ياخشىمۇسىز › دېگەن گەپنى قىلسام، ‹ ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام › دېگەن جاۋابقا ئېرىشىپ سەل خىجىل بولغان چاغلىرىممۇ بولغان. ھاززىر مانا بىر چىرايلىق ‹ ئەسسىلام ›، ‹ ئەسسىلامۇئەلەيكۇم ›، ‹ ۋەئەلەيكۇم ئەسسىلام › سۆزلىرىنى ئاغزىمدىن چۈشۈرمەيمەن. بەزى دوستلىرىم ئۇزۇندىن كېيىن كۆرۈشۈپ قالساق چوك-چوك سۆيۈپ ئەھۋاللىشىپ كېتىدۇ، خېلى باشقىچە بولۇپ قالاتتىم. تېلېفۇن ئالغان چاغلاردا ‹ ئالو › ، ‹ خالو ›… دەيدىغانلارنىمۇ ئۇچىرىتىپ بېقىپتىكەنمەن، ئۇ مەدىنىيلىشىش ئەمەس، ئەبجەشلىشىشمىكىن دەپ قالدىم.

    مىللىي ئەنئەنىمىزگە تويۇنغان سالاملىشىش ئادىتى ئۆز-ئارا مېھىر-مۇھەببەت يەتكۈزىشىمىزدە بەلگىلىك رول ئويناپ قالماي، بەلكى نۆرى كەلگەندە بىر ئادەمنىڭ مەدەنىيەت ساپاسى ھەم ئائىلە تەربىيىسىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. سالام بېرەيلى ھەم تېگىشلىك سالامغا ئېرىشەيلى…

    يۈكسەل ئەپەندىمگە رەھمەت.

  6. ئىپار مۇنداق يازغان:

    ئاپتوبۇستا كىتىپ بارىمەن، تۇيۇقسىز تېلفونىم جىرىڭشىدى، قارىسام ناتۇنۇش نومۇر.

    - ۋەي… – مۇشۇ ئابتوبۇستا كېتىپ بارغان ۋاقتىمدا تېلفون كەلسە ئالمايتتىم. بۈگۈن….

    - ئاپا، ۋەي دېگەن نەنىڭ تىلى- ،يىنىمدىكى ئورۇندۇققا ئەمدى جايلىشىپ ئولتۇرغان بەش ياشلار چامىسىدىكى بۇ قىزنىڭ چۈچۈككىنە سوئالى ئانىنى ئەمەس مېنىمۇ گاڭگىرىتىپ قويدى.

    - بالام، بۇ، بۇ… – ئانا ماڭا قارىدى. مەن ئوڭايسىزلانغىنىمچە، ئۇنىڭغا باش لىڭشىتىپ قويۇپ، ئىككىمىزگە ئۈمىدلىك كۆزلىرىنى تىككىنىچە قاراپ تۇرغان قىزغا قارىدىم- دە:

    - بالام ، ئىشقىلىپ ئۇ بىزنىڭ تىلىمىز ئەمەس- بۇ گەپ ئېغىزىمدىن قانداق چىقتى بىلمەيمەن،ئۆزۈم گويا قوقاستا ئولتۇرۇپ قالغاندەك ئازابلىنىپ كەتتىم . ئانا مېنىڭ بۇ ئەپتىمنى كۆرۈپ،ئارىدىكى ئوڭايسىزلىقنى تۈگىتىش ئۈچۈنمۇ ئەيتاۋۇر تېمىنى بۇرىدى.

    - بالام، < < ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئۆرپ - ئادەت، سالام قىلىش قائىدىلىرى >> دىگەن كىتابنى سىزگە كەچتە ئوقۇپ بېرەي ھە- دىدى.

    مەن شۇئان ئۇ قىزغا قارىدىم. ئۇ بىرخىل ئۈمىدسىز ھالەتتە ئانىسىغا قاراپ قويۇپ، بېشىنى دەرىزە تەرەپكە بۇرىدى.

    كىتىۋاتىمەن. بىردە ئۇ قىزغا قارىسام بىردە ئۇ ئانىغا قارايمەن. بىردە يۈرۈكۈمدىكى ئۈنسىز < < ۋەي >>نىڭ نەنىڭ تىلى ئىكەنلىكىنى تىڭشاۋاتىمەن. تۇيۇقسىز خىيالىمغا، ئۆتكەنكى سەپىرىمدە تۇرپاندىكى تۇققانلارنىڭ بەش ياشلىق بالىسىنىڭ ئىشكتىن شۇنداقلا كىرىپ، < < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >> دېگەن سالىمىنى مەسلىگىم كەلگەن ھالەتتە ئېلىك ئېلىپ مەڭزىگە مەڭزىمنى يېقىپ پىشانىسىگە مېھرىلىك سۆيۈپ قويغانلىقىم. شۇ ۋاقىتتا ئۇلارغا سىڭىپ كەتكەن < < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >>نى مەنمۇ نەچچە كۈن تۇرا-تۇرمايلا سىڭدۈرۋالغالغىنىم ئېسىمدىن كەچتى. ئەپسۇس! قايتىپ كېلىپلا يەنە شۇ ئالدىراشچىلىقمۇ ياكى < < ۋەي >>نىڭ قولايلىقلىقىمۇ < < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >>نى ئۇنتۇپلا كېتىپتىكەنمەن، مانا بۈگۈن قاتتىق نۇمۇستا يۈزۈمنىڭ ھەقىقىي قىزىرىشىدىن < < ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم >>نى قايتا تېپىۋالدىم.

ئىپار 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟