torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

جۇڭگودا AIDS دىن ئۆلگەنلەر 68 مىڭغا يەتتى ( شىنجاڭ دىققەت! )

شىنخۇا تورى ( 新华网 ) نىڭ 29 – نويابېر بېيجىڭدىن بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، سەھىيە مىنىستىرلىكى 29 – نويابېر جۇڭگو ئەيدىز يۇقۇم ئەھۋالى ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش خىزمەت ئەھۋالى ھەققىدە بەرگەن ئۇقتۇرىشىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010 – يىلى 10 – ئاينىڭ ئاخىرىغىچە بولغان ئارىلىقتا، دوكلات قىلىنغان ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 370 مىڭ نەپەرگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز ( AIDS ) بىمارى 130 مىڭ نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، ئەيدىز ( AIDS ) تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى 68 مىڭ نەپەر بولغان.
2009 – يىلى، سەھىيە مىنىستىرلىكى ، ب د ت ئەيدىز پىلان مەھكىمىسى ( UNAIDS ) ، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ( WHO ) قاتارلىقلار بىرلىكتە چىقارغان مۆلچەر دوكلاتىدا، 2009 – يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە جۇڭگودىكى ئەيدىز ( AIDS ) يۇقۇمدارى ۋە بىمارى 740 مىڭ نەپەر، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەيدىز ( AIDS ) بىمارى 105 مىڭ نەپەر؛ 2009 – يىلى يېڭىدىن يۇقۇملانغانلار 48 مىڭ نەپەر ، ئەيدىز ( AIDS ) تۈپەيلى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى 26 مىڭ نەپەر بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكى مۆلچەر قىلىنغان ئىدى.
سەھىيە مىنىستىرلىكىنىڭ ئۇقتۇرىشىدا كۆرستىلىشىچە، يېقىنقى 2 يىلدىن بېرى ئەيدىز يۇقۇم ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، مۇنداق 3 خىل ئالاھىدىلىك گەۋدىلەنگەن.

جۇڭگو AIDS يۇقۇمىدىكى 3 يېڭى ئالاھىدىلىك

(1) AIDS يۇقۇمى ئۇدا كېڭەيگەن، كېڭيىش سۈرئىتى سەل ئاستىلىغان. بۇ دۆلەتنىڭ AIDS نىڭ ئالدىنى ئېلىش، تەشۋىقات خىزمەتلىرى قاتارلىق بىر يۈرۈش تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا قولغا كەلگەن.
(2) جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقۇش AIDS نىڭ ئاساسىي يۇقۇش يولىغا ئايلانغان. ئەر ھەمجىنىسۋازلار ئارىسىدىكى يۇقۇش نىسبىتى تېز ئۆرلىگەن. دوكلات قىلىنغان يۇقۇمدارلار ئىچىدە غەيرىي جىنىسلار ( ئەر ۋە ئايال ) ئارا جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق يۇقتۇرۋالغانلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2008 – يىلىدىكى % 40.3 دىن، 2009 – يىلىدىكى %47.1 گە ئۆرلىگەن. ئەر ھەمجىنىسۋازلارنىڭ ئىگىلىگەن نىسبتى 2008 – يىلىدىكى %5.9 دىن ، 2009 – يىلىدىكى %8.6 گە ئۆرلىگەن.
(3) قىسمەن رايونلاردىكى ئالاھىدە كىشىلەر توپى ئارىسىدىكى AIDS يۇقۇمى ئېغىر. يۈننەن، گۇاڭشى، خېنەن، سېچۈەن، شىنجاڭ ۋە گۇاڭدوڭ قاتارلىق 6 ئۆلكە ، ئاپتونوم رايوندىن دوكلات قىلىنغان AIDS يۇقۇمدارى ۋە بىمارلىرىنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەت بويىچە دوكلات قىلىنغان ئومۇمى ساننىڭ %77.1 نى ئىگىلەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بېرى، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ، تارماقلار سىياسەت بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش، سېلىنمىنى ئاشۇرۇش، تەشۋىق تەربىيىنى كۈچەيتىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى توسۇش، غەمخورلۇق قىلىپ ياردەم بېرىش، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى سەپەرۋەر قىلىش، خەلقئارالىق ھەمكارلىق ۋە پەن تەتقىقات قاتارلىق جەھەتلەردە غايەت زور خىزمەتلەرنى ئىشلىگەن بولۇپ، نۆۋەتتە AIDS يۇقۇمىنىڭ يامراش ۋەزىيىتى ئاساسىي جەھەتتىن تېزگىنلەنگەن، كېسەللىك تۈپەيلى ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىتىلگەن، يۇقۇمدار ۋە بىمارلارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : جۇڭگودا AIDS دىن ئۆلگەنلەر 68 مىڭغا يەتتى ( شىنجاڭ دىققەت! )

خەتكۈچ: ، ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    شۇنداق قىلىپ بۇ كاتتا شان-شەرەپدىن دىيارىمىزمۇ ئورۇن ئاپتۇ.
    بىز زادى قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟

  2. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 29-نويابىر بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى ۋېن جياباۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 29-چېسلا گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي ئىشلار يىغىنى چاقىرىلىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش تەتقىق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇلدى، «قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈش بەلگىلىمىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش قارار قىلىندى.

      يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىقى ۋە ئىقتىسادىي جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەتنىڭ مەۋجۇدلىقىغا مۇناسىۋەتلىك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ھەر قايسى رايونلار، تارماقلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۈيۈەننىڭ سياسىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەيدىز كىسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشنىڭ ھەر تۈرلۈك چارىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىشى ئۈنۈملۈك كونترول قىلىندى، كېسەلدىن ئۆلۈش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلىدى، يۇقۇملانغۇچى ۋە بىمارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىدە پائال ئۈنۈملەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئەمما بىز سەگەكلىك بىلەن شۇنى كۆرۈشىمىز كېرەككى، نۆۋەتتە دۆلىتىمىزدە ئەيدىز كېسىلىنىڭ تارقىلىش ۋەزىيىتى يەنىلا ناھايىتى كەسكىن، ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتى ناھايىتى جاپالىق. چوقۇم ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈزەشنى بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن بويىچە ئىلمىي ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت خىل ھەقسىز تۈر ــــ كۆڭۈل بۆلۈش» سىياسىتى ئاساسىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى كۈچەيتىش كېرەك.

      يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: يېقىندا، گوۋۇيۈەن ئىستېمال باھاسىنىڭ ئومۇمىي سەۋىيەسىنى مۇقىملاشتۇرۇش، خەلقنىڭ ئاساسىي تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشقا دائىر مۇھىم سىياسەت-تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، دەسلەپكى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. نۆۋەتتىكى باھا تەرتىپى جەھەتتە كۆرۈلگەن يېڭى ئەھۋال، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىغا قانۇن بويىچە قاتتىق چارە كۆرۈپ، نورمال بازار باھاسى تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن «قانۇنغا خىلاپ باھا قىلمىشلىرىغا مەمۇرىي چارە كۆرۈش بەلگىلىمىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈشىمىز زۆرۈر. تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسىدە، تىل بېرىكتۈرۈش، يامان نىيەتتە بېسىم قىلىش، ساختا باھا ئۆسۈش ئۇچۇرلىرىنى ئويدۇرۇش ۋە تارقىتىش، ھە-ھۇ بىلەن باھانى ئۆستۈرۈۋېتىش، ھەددىدىن ئارتۇق پايدا ئېلىش قىلمىشلىرىنى چارە كۆرۈلۈدىغان مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چارە كۆرۈش سالمىقىنى زورايتىش بەلگىلەندى. يىغىندا، بۇ لايىھەنى يەنىمۇ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن، گوۋۇيۈەن نامىدىن ئېلان قىلىپ يولغا قويۇش قارار قىلىندى. (جۇڭگو مىللەتلەر تىل-يېزىق تەرجىمە مەركىزى تەرجىمىسى)

      مەنبە: خەلق تورى

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟