torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئەيدىز بىمارلىرىغا قارىتا يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى

بۇ يىل 6- ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن قان سۈزۈپ داۋالاش مەركىزىنى قۇردى.بۇ حىل داۋالاشنىڭ گەرچە باھاسى يۇقىرراق بولسىمۇ ئەمما ئۈنۈمى ئىنتاين روشەن بولۇپ، بىر-ئىككى قېتىملىق قان سۈزۈش ئارقىلىقلا بىمارنىڭ جىسمانى ھالىتى ۋە سالامەتلىكىدە روشەن ياخشىلىنىش كۆرۈلىدىكەن، بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ زەھەر خۇمارىنى تۈگىتىشكە بولىدىكەن.
ئاپتونوم رايونىمىز دۆلىتىمىزدىكى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغۇچىلار كۆپ رايوننىڭ بىرسى بولۇپ، 2009-يىلى 3-ئايغىچە دوكلات قىلىنغان يۇقۇملانغۇچىنىڭ سانى 28000دىن ئاشتى. بۇلۇپمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان رايونىمىزدىكى ئەيدىزدىن يۇقۇملانغۇچىلار كېسەللىك قوزغىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. دۆلىتىمىزنىڭ ئەيدىزنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونترول قىلىش نىزامنامىسىدا بەلگىلەنگەن تۆت ھەقسىز بىر غەمخورلۇق سىياسىتىنىڭ ياردىمىدە نۇرغۇن ئەيدىز بىمارلىرى ھەقسىز بولغان ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش پۇرسىتىگە ئېرىشىپ، ئۆز ھاياتىنى ئۇزارتماقتا، يەنە مۇشۇ ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن ئىنتايىن ئۈنۈملۈك بولغان قان سۈزۈپ داۋالاش ئۇسۇلى رايونىمىزدا ھازىرغىچە بىر بوشلۇق بۇلۇپ، ئىلگىرى  بۇ خىل داۋالاشقا  ئېھتىياجلىق بولغان بىمارلار خېنەنگە بېرىپ داۋالىنىشقا توغرا كېلەتتى، بۇ يىل 6- ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز ئۈچ مىليون يۈەن مەبلەغ ئاجىرىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا ئەيدىز بىمارلىرى ئۈچۈن قان سۈزۈپ داۋالاش مەركىزىنى قۇردى.

بۇ مەركەزدە ھازىر قان سۈزۈش ئاپپاراتىدىن بەشى بار بولۇپ، بىمارلارنىڭ قايچىسىمان يۇقۇملىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئايرىلغان. يەنى بىرسى  پەقەتلا ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمارلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ، يەنە بىرسى ئېغىربىمارلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان( كېسەل كارىۋىتى يېنىغا) يۆتكىگىلى بولىدىغان ئاپپارات، قالغان ئۈچى ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملىنىش بىلەن تەڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا  ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى  ۋىرۇسى، س تىپلىق جىگەر ياللۇغى ۋىرۇسى ۋە سىفلىس ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان بىمارلار ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.

ئىلگىېى قان سۈزۈپ داۋالاش كۆپىنچە بۆرەك كېسىلى بىمارلىرى، سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش قاتارلىق كېسەللەر ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى، ھازىر بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ قوللىنىلىش دائىرىسى كېڭىيىپ ئەيدىزنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىۋاتىدۇ، ئېيتىلىشىچە بۇ حىل داۋالاشنىڭ گەرچە باھاسى يۇقىرراق بولسىمۇ ئەمما ئۈنۈمى ئىنتاين روشەن بولۇپ، بىر-ئىككى قېتىملىق قان سۈزۈش ئارقىلىقلا بىمارنىڭ جىسمانى ھالىتى ۋە سالامەتلىكىدە روشەن ياخشىلىنىش كۆرۈلىدىكەن، بۇ خىل داۋالاش ئارقىلىق يەنە زەھەرلىك چېكىملىك چېكىدىغان ئەيدىز بىمارلىرىنىڭ زەھەر خۇمارىنى تۈگىتىشكە بولىدىكەن.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: ئەيدىز بىمارلىرىغا قارىتا يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى يولغا قويۇلدى

خەتكۈچ: ، ، ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۆركەش مۇنداق يازغان:

    قان سۈزۈش ئارقىلىق داۋالاشنىڭ بىر قېتىملىقى قانچە پۇلدۇ.
    مەنغۇ ئۇنداق ئەمەس لېكىن شۇنداق بىر تونىشىم بار ئىدى.

ئۆركەش 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟