torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

AIDS نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك 3 يول

ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) ئاساسلىقى ئادەم بەدىنىدىكى قان ، ئىسپىرما ۋە جىنسىي يول ئاجرالمىسى، سۈت ۋە جاراھەت ئېغىزىدىن چىققان سۇيۇقلۇق قاتارلىقلاردا بولىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، نۆۋەتتە ئەيدىز ( AIDS ) نىڭ شىپاسى تېخى بايقالمىغان. ئەمما، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ 3 چوڭ تارقىلىش يولىنى توسۇش ئارقىلىق ، ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملىنىشنىڭ ئالدىنى ئۈنۈملۈك ئالغىلى بولىدۇ.

بىرىنچى، ئەيدىز ( AIDS ) نىڭ قان ئارقىلىق يۇقىشىدىن ساقلىنىش

( 1 ) زەھەردىن نېرى تۇرۇش، زەھەر چەكلەش، زەھەر ئوكۇل قىلغاندا باشقىلار بىلەن ئورتاق شىپىرىس ئىشلىتىش ئارقىلىق ئەيدىز ( AIDS ) دىن يۇقۇملىنىشتىن ساقلىنىش؛ زەھەر تاشلاشقا ئامال بولمىغانلار مېتادون ( Methadone ، 美沙酮 ) بىلەن داۋالانسا ۋەياكى شىپىرىسنى ئالماشتۇرۇپ ياكى دېزىفېكسىيىلەپ ئىشلەتسە بولىدۇ.
( 2 ) بۇلغانغان قان ۋە قان ياسالمىلىرىنى ، ئەزا ۋە تۇقۇلمىلارنى قوبۇل قىلىشتىن ساقلىنىش ئارقىلىق قان سېلىشتىن كېلىپ چىقىدىغان ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش؛ زۆرۈر بولمىغان قان سېلىشتىن ساقلىنىش ياكى كېمەيتىش؛ زۆرۈر بولغاندا پەقەت ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بار – يوقلۇقى تەكشۈرۈلۈپ، يوقلىقى ئېنىق بېكىتىلگەن قان، ئەزا ۋە توقۇلمىلارنى ئىشلىتىش ؛ داۋالاش ئۈسكىنىلىرىنى دېزىفېكسىيىلەش، داۋالاشتا ئىشلىتىدىغان ئوكۇل يىڭنىسى ۋە شىپىرىسلارنى تەكرار ئىشلەتمەسلىك ۋە باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك.
( 3 ) تېرە ياكى توقۇلمىلارنى ئوڭاي زەخىملەندۈرۈپ قويىدىغان شەخسىي تازىلىق بۇيۇملىرىنى مەسىلەن، چىش چوتكىسى، ساقالئالغۇ قاتارلىقلارنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك.

ئىككىنچى، ئەيدىز ( AIDS ) نىڭ جىنسىي يول ئارقىلىق يۇقىشىدىن ساقلىنىش.

ئىمان – ئىتىقادلىق ، ئەخلاق – پەزىلەتلىك ، پاك بولۇش، ئائىلىگە ۋە جۆرىسىگە سادىق بولۇش. پاھىشىۋازلىق – زىناخورلۇق قىلماسلىق. بۇنىڭغا رېئايە قىلالمىغانلار بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى توغرا ئىشلىتىپ، جىنسىي مۇناسىۋەتنىڭ بىخەتەر بولۇشىغا دىققەت قىلىش. جىنسىي كېسەللىكلەرگە گىرىپدار بولۇپ قالغاندا، دەل ۋاقتىدا ئىشەنچىلىك دوختۇرخانىلارغا كۆرۈنۈپ ، ۋاقتىدا داۋالىنىش.

ئۈچىنچى، ئەيدىز ( AIDS ) نىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقىشىدىن ساقلىنىش.

ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) دىن يۇقۇملانغان ئاياللار ھامىلىدار بولماسلىق لازىم( قەتئىي زۆرۈر ). ئەگەر ھامىلىدار بولۇپ قالغان بولسا، دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ۋىرۇسقا قارشى داۋالىنىش ۋە قورساقنى يېرىپ تۇغدۇرۇش يولى ئارقىلىق ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ ئانىدىن بالىغا يۇقۇش يولىنى ئۈزۈش كېرەك ( مۇتەخەسسىلەر دوختۇرنىڭ يېتەكچىلىكىدە ھامىلىدارلىقنى ئاخىرلاشتۇرۇشنى كۈچلۈك تەۋسىيە قىلغان بولسىمۇ ، يۈكسەل بلوگى ئىنسانپەرۋەرلىك ، دىنىي ئەقىدە ۋە مىللىي ئەنئەنە نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ بۇ خىل يولنى تەۋسىيە قىلمايدۇ ) . تۇغۇتتىن كېيىن بوۋاقنى ئانىنىڭ سۈتى بىلەن قەتئىي ئىمىتمەسلىك لازىم. بوۋاقنى باشقا سۈنئىي ياسالما سۈت پاراشۇكلىرى ياكى باشقا يوللار بىلەن بېقىش كېرەك.
يۇقىرىدا، AIDS نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك 3 يولنى كۆرسىتىپ ئۆتتۇق. بۇندىن باشقا يۈكسەل بلوگىدا بۇرۇن ئېلان قىلىنغان ‹‹ ئەيدىزنىڭ سىز بىلمەيدىغان 9 تۈرلۈك يۇقۇش يولى ›› نى سەمىڭىزگە سالىمىز. چۈنكى ئۆزىنىمۇ ، ئۆزگىنىمۇ چۈشەنگەن جەڭدە يېڭىلمەس دېگەن سۆز بار ئەمەسمۇ؟!

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بىر خىل ئىنتايىن ئاجىز ۋىرۇس بولۇپ، تاشقى مۇھىتقا بولغان قارشىلىق كۈچى نىسبەتەن ئاجىز بولىدىكەن. ئادەم تېنىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن ئادەتتىكى تېمپېراتورىدا ھايات كەچۈرۈش ۋاقتى ئىنتايىن قىسقا، قۇرغاق مۇھىتتا، قىزدۇرۇپ دېزىفېكسىيىلىگەندە ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نى ئۈنۈملۈك يوقاتقىلى بولىدىكەن. ئادەتتىكى تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئاممىۋىي ئەسلىھەلىرى ئارقىلىق تارقالمايدىكەن. مەسىلەن  تۆۋەندىكى يوللار ئارقىلىقمۇ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) يۇقمايدىكەن، قول ئېلىشىش، قۇچاقلىشىش، ئېغىز جاراھىتىدە قاناش بولمىغان ئەھۋال ئاستىدىكى سۆيۈشۈش، چۈشكۈرۈش، يۆتىلىش، ئاممىۋىي تېلېفونلارنى ئىشلىتىش، دوختۇرخانىغا بېرىپ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش، قاچا – قۇچىلارنى ئورتاق ئىشلىتىش، ھاجەتخانا ( ئوبۇرنى، خالىجاي ) نى ئورتاق ئىشلىتىش، مۇنچىنى ئورتاق ئىشلىتىش، سۇ ئۈزۈش كۆلچەكلىرىدە بىرگە سۇ چۈمۈلۈش، قۇرت – قوڭغۇز، پاشىلار چېقىۋېلىش قاتارلىق.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، نۆۋەتتە ئەيدىز ( AIDS ) شىپاسى تېخى تېپىلمىغان. ھازىر جايلاردا قوللىنىلىۋاتقان ۋىرۇسقا قارشى دورىلار ۋە داۋالاشلار گەرچە ئەيدىز ( AIDS ) نى داۋالاپ ساقايتالمىسىمۇ، ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) نىڭ كۆپىيىشىنى ئۈنۈملۈك تېزگىنلەپ، تارقىلىش خەتىرىنى تۆۋەنلىتىپ، كېسەللىك كۆرلۈش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ، يۇقۇمدارلارنىڭ ھاياتلىق سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن. ھازىر بار بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرىن ئاساسلىق قىلىپ، ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش، بىرلەشمە دورا ئىشلىتىپ داۋالاش ، پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشقا قارشى داۋالاش، ئىممۇنىتېتتنى تەڭشەش ۋە پسخىكىلىق داۋالاش قاتارلىقلار بار ئىكەن.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: AIDS نىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك 3 يول

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. داۋان ئاشقۇچى مۇنداق يازغان:

    ئەسسلامۇ ئەلەيكۇم مەن بىر ئەيدىز ۋىروسى بىلەن يۇقۇملانغۇچى بۇلۇش سۇپىتىم بىلەن داۋاسى توغۇرلۇق توختىماي ئىزدىنىۋاتقان بىر بىتەلەي
    يېقىندا مەن يەمەندىكى ئابدۇلمەجىد زىندانى ئىسىملىك بىر كىشىنىڭ بۇ كىسەلنى يىلدىزىدىن ساقايتقانلىقى توغۇرلۇق تور بەتنى كۆردۈم ھەم چەتئەلدىكى تۇنۇش بىلىشلەر ئارقىلىق ئالاقىلاشتىم
    http://y.artzxy.com/watch.php?id=1tOo3YLVfbU
    مانا بۇ ئىشەنچىلىك ئادىرسى ، شۇ دورىنى ئەكەلتۇرۇش ئۇچۇن ئۇ ئادەمنىڭ ئالدىغا ئادەم ئەۋەتتىم ئەڭ يامان بولغىنى ئۇ ئادەم دورىنى قەتتى سىرتقا بەرمەيدىكەن ئەمما داۋالانغىلى بارسا ھەقسىز داۋالايدىكەن
    ئامىركىدىن گىرمانىيەدىن پاتنىتىنى سېتىۋېلىش توغۇرلۇق نۇرغۇن پۇل بىرەيلى دىسىمۇ ئۇ ئادەم پەقەت ئۇنمايدىكەن ھەتتا داۋالىنىشقا كەلگەنلەرنى بىر يەرگە يىغىپ كۈندە ئۈچ ۋاق ئۆزى كىرىپ دورىنى ئاغزىغا سېلىپ قۇيىدىكەن ،
    داۋالانغۇچىلار دورىنىڭ رەڭگى قانداق ، قانداق دورا ھىچكىم بىلمەيدىكەن . دورىنى قۇلىغا بەرمەيدىكەن .
    ئەمما ئەيدىز بىمارىغا ئايلىنىپ بولغانلارمۇ شۇ ئادەمنىڭ دورىسىنى يەپ پۈتۈنلەت ساقىيىپتۇ ، بۇ ئىشەنچىلىك خەۋەر ،
    شۇڭا مەن يەمەنگە بېرىپ داۋالىنىپ كىلەي دىگەن ئەمما پاسپورتنىڭ ئىشىدا بەك قىينىلىۋاتىمەن مەن ئاقسۇدىن . ئەگەر مۇمكىن بولسا پۇل تاپشۇرساق ھۇكۇمەت تەشكىللەمدۇ ياكى باشقا ئامالى بۇلامدۇ ، داۋالىنىپ كىرسەك دىگەن ئۈمىدتىمەن ،
    http://asar.kaxtexi.cn/mazmun.asp?id=2664
    بۇ مىنىڭ تارىخىم ،

داۋان ئاشقۇچى 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟