نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > AIDS ئەدەبىياتى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

AIDS بىمارى ئىليارنىڭ ھېكايىسى

ئىليارنىڭ ئۆيىدىكىلەر ھەقىقى ئەھۋالنى نېمىشقا ئۇنىڭدىن سىر تۇتىدۇ؟ بۇ ئۇنىڭغا بولغان كۆيۈنۈشمۇ ياكى ئۇنىڭغا قىلىنغان مەسئۇلىيەتسىزلىكمۇ ؟! …
زىيارەت قىلىنغۇچى: ئىليار ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) ، ئۇيغۇر، ئەر ، 32 ياش.

- ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئىليار ياخشىمۇ سىز !
- ياخشىمۇ سىز .
- ئىليار بىز قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ قويمايمىزمۇ ؟
- بولىدۇ.
- قانداق ھېسسىياتقا بولۇۋاتىسىز ؟
- بىر خىل ئىللىقلىقىنى ھېس قىلىۋاتىمەن.
- بۇ يىل قانچىگە كىردىڭىز؟
- 32 ياشقا.
- سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز كېسىلى (AIDS) بولۇپ قالغانلىقىڭىزنى قاچان ئۇققان ئىدىڭىز؟
- 2005 – يىلى ئۇققان. ئەمەلىيەتتە ماڭا 97 – يىلىلا ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) دىن يۇقۇملانغان ، دەپ دىئاگنوز قويۇلغان ئىكەن.
- 97 – يىلى ؟ ئارىدىن 10 نەچچە يىل ئۆتۈپ كېتىپتۇ ، ئەينى ۋاقىتتا سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) دىن يوقىملانغانلىقىڭىزنى بىلمىگەنمۇ ؟
- شۇنداق، ئەينى چاغدا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئورنىدىكىلەر ھەقىقىي ئەھۋالنى ماڭا ئەمەس ئانامغا ئېيتقان ئىكەن. مەن زەھەر چەككەندە شپىرىسنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلىتىش جەريانىدا ئەيدىز ۋىرۇسى (HIV) دىن يۇقۇملانغان ئىكەنمەن. 97 – يىلى مەجبۇرىي زەھەر تاشلاتقۇزۇش ئورنىغا كىرگەندە، تەكشۈرگۈچىلەر مېنىڭ يۇقۇملانغانلىقىمنى بايقىغان ئىكەن.
- 97 – يىلى زەھەر تاشلاش ئورنىدىكى چېغىڭىزدا بايقالغانمىدى؟
- ھەئە، زەھەر تاشلاش ئورنىدىكىلەر مېنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملانغانلىقىمنى بايقىغاندىن كېيىن، ئانامغا ئەھۋالنى ئۇقتۇرۇپ، ماڭا ئېيتماپتۇ. مەن 2001 – يىلى شىزاڭغا ئىشلىگىلى بارغاندا، يەنە شۇ ئوخشاش سەۋەبتىن تەكشۈرۈلگەندە، ئەيدىز (AIDS) دىن يۇقۇملانغانلىقىم بايقالغان ئىكەن. ئەمما شۇ چاغدىمۇ ماڭا ئۇقتۇرماي ، ئانامغا ئۇقتۇرۇش قىلىنغان ئىكەن. ئانام بولسا ھەقىقىي ئەھۋالنى مەندىن يوشۇرۇپ كەپتۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسىنى 2005 – يىلى ئۆزۈمنىڭ ئەيدىز كېسەللىكىگە گىرىپدار بولغانلىقىمنى ئۇققان چېغىمدا ، ئانام ماڭا ئېيتىپ بەرگەن….
- ئانا ئۈچۈن ئۆز جىگەر پارسىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپدار بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىشتىنمۇ ئارتۇق زەربە بولمىسا كېرەك. مېنىڭچە، مۇشۇ مەزگىلدە ئانىڭىز سىز ئۈچۈن ئىنتايىن زور بەرداشلىق ۋە قۇربانلىقلارنى بەرگەن بولۇشى مۇمكىن.
- ئانامنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى نېمىشقا مەندىن يوشۇرغانلىقىنى بىلىمەن. ئۇ چوقۇم بۇ ئىشنى ئۆزۈمگە روھىي بېسىم قىلىۋېلىشىمدىن ، ئەخمىقانە ئىش قىلىپ قويۇشىمدىن ئەندىشە قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ ئىشلارنى مەندىن يوشۇرغان. ئەيدىزنىڭ يوشۇرۇن مەزگىلى 7 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغاچقا، ئانام ئەگەر ھەقىقى ئەھۋالدىن مەن خەۋەر تېپىپ قالسام كېسەللىك ئەھۋالىمنىڭ ئېغىرلىشىپ 1 – 2 يىلدىلا كېسەللىك قوزغىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرىگەن. شۇڭا، ئۇ ماڭا دېگەن مەندە يوق كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزى ئويدۇرۇپ چىققان. مۇشۇ مەزگىللەردە بىچارە ئانامنىڭ مەن ئۈچۈن تارتقان دەرد – ئازابلىرى، تۆككەن كۆز ياشلىرىغا ھېچنېمە تەڭ بولمىسا كېرەك. ئانام دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ ئانا! ئانام ماڭا تۇنجى ھاياتلىقنى بەخش ئەتكەن ئىدى، ئەيدىز مېنى ئۆز چاڭگىلىغا ئېلىپ يۇتماق بولغاندا يەنە شۇ ئانام ماڭا قايتا ھاياتلىق بەخش ئەتتى…
- سۆزلىرىڭىزدىن ئانىڭىزنىڭ سىزگە ۋە سىزنىڭ ئانىڭىزغا بولغان تىل بىلەن تەسۋىرلىگۈسىز چوڭقۇر مۇھەببەتنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلدۇق. ئۆزىڭىزگە قارىساق، ئەزايى تۇرقىڭىزدىن ھېچبىر ئەيدىز (AIDS) بىمارىغا ئوخشىمايدىكەنسىز. قارىماققا باشقا ساغلام كىشىلەر بىلەن ھېچقانداق پەرقىڭىز يوقتەك. كىشىلەر سۆيگۈ – مۇھەببەت ، مېھرى – شەپقەت ئەڭ ئېسىل شىپالىق دورا دېيىشىدۇ. بىلىشىمىزچە، بۇ يىللاردا جەريانىدا ئانىڭىزنىڭ ۋە باشقا ئۇرۇق – تۇغقانلىرىڭىزنىڭ كۆيۈنۈشىگە ئېرىشىپ كەپسىز، دوستلىرىڭىزنىڭ سىزگە بولغان مۇئامىلىسى ھەققىدە ئاز – تولا سۆزلەپ بېرەمسىز؟
- ئاغىنە – ئاداشلىرىمنىڭ ئارىسىدا مېنى چۈشەنگەنلەرمۇ ، چۈشەنمىگەنلەرمۇ بولدى. چۈشەنگەنرەك كۆپرەك دەپ ئويلايمەن. بەزى دوستلىرىم داۋاملىق كېلىپ مېنى يوقلاپ، ماڭا تەسەللىي بېرىپ،ياخشى داۋالىنىشىمنى جېكىلەپ تۇردى. ئۇلارنىڭ مۇئامىلىسىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولغاندەك ئەمەس. بۇرۇنقىدەك بىر دوستخانىدا ، بىر قازاننىڭ ئېشىنى تەڭ يەپ ، بىر تال تاماكىنى تەڭ چېكىپ يۈردۇق. يەنە بەزى دوستلىرىم مېنى چۈشەنمىدى، توغرىسى بۇ ئەھۋاللارنى قوبۇل قىلالمىدى، ئەيدىز دېسە بىر خىل ۋەھىمە ھېس قىلىپ، ئاستا – ئاستا مەندىن يىراقلاشتى، ھەتتا باشقىلارنىمۇ مەندىن يىراق تۇرۇشقا ئاگاھلاندۇردى. نېمىلا بولمىسۇن بۇلار ناھايىتى ئاز ساندا …
- ئەمەلىيەتتە، سىزنى چۈشەنگەن ، سىزگە تەتۈر قارىمىغان دوستلىرىڭىز بەلكىم ئەيدىز (AIDS) بىلىملىرىنى چۈشەنسە كېرەك. شۇڭا، ئۇلار بۇ كېسەلنىڭ ئانچە قورقۇنچلىق ئەمەسلىكىنى بىلىدۇ. ئەمدى سىزدىن يىراقلاشقان دوستلىرىڭىزغا كەلسەك، ئۇلار بەلكىم ئەيدىز (AIDS) ساۋاتلىرىنى چۈشەنمەيدىغان بولغاچقا، بۇ خىل كېسەللىكتىن ۋەھىمە ھس قىلغان گەپ.ئەمەلىيەتتە ئەيدىز (AIDS) نىڭ ئېنىق بولغان 3 يول ( قان ئارقىلىق، جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ، ئانىدىن بالىغا ) ئارقىلىق يۇقىشىدىن ساقلانغاندا، ئەيدىزدىن قورقۇپ كېتىشنىڭ ھاجىتى پەقەت يوق. بەلكىم سىز بۇلارنىمۇ چۈشىنىپ يەتتىڭىز.
- توغرا، ئەگەر بۇ كېسەل ھەقىقەتەن شۇنداق خەتەرلىك كېسەل بولغان بولسا، بىزگە ئوخشاش ئەيدىز (AIDS) يۇقمدارلىرىنى ئاللىقاچان سارس يۇقۇمدارلىرىنى ئايرىپ قويغاندەك ئايرىپ قويۇشقان بولاتتى. ھازىر ھەر ھالدا ئەيدىز (AIDS) ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ياخشى بولىۋاتىدۇ. ئەينى چاغدا ھازىرقىدەك تەشۋىقات بولغان بولسا، ئورتاق شپىرىس ئىشلەتسە ئەيدىز (AIDS) يۇقىدىغانلىقىنى مەنمۇ بىلگەن بولسام ، ئەيدىز (AIDS) گە يەنە گىرىپدار بولۇپ قالارمىدىم دەڭە ؟! ئەلۋەتتە، زەھەر چەكمىگەن بولسام بېشىمغا بۇ ئىشلارمۇ كەلمىگەن بولاتتى ، ھەي …
– سىز 2005 – يىلى قانداق شارائىتتا ئۆزىڭىزنىڭ ئەيدىز (AIDS) گە گىرىپدار بولغانلىقىڭىزنى بىلگەنتىڭىز؟
- 2005 – يىلىغا كەلگەندە، مەندە كېسەللىكنىڭ ئالامەتلىرى بارا – بارا كۆرۈلۈشكە باشلىدى. شۇ چاغدا تەن سالامەتلىكىم ئىنتايىن ناچارلىشىپ كەتكەن بولۇپ، مەن ئەيدىز (AIDS) كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆكرەك پەردە تۇبېركۇليوزىغا گىرىپدار بولغان ئىكەنمەن. جىگىرىممۇ كېسەللەنگەن بولۇپ، ئىشتىھايىم ناچار، ناھايىتى تېز ئۇرۇقلاپ كەتكەن ئىدىم. كېيىن دوختۇرخانىدا بالنىتسىدا يېتىپ داۋالاندىم. ئەتراپىمدىكى نۇرغۇنلىغان كىشىلەر ئەيدىز (AIDS) كېسىلى بىلەن بالنىتىسىدا يېتىپ داۋالىنىۋاتقان ئىكەن. بالنىتىسدا ياتقان چاغدا مەن تېخى ئۆزۈمنىڭ ئەيدىز (AIDS) كېسىلىگە گىرىپدار بولغىنىمنى بىلمەيتتىم. ياتاقداش – ئاغرىقداشلىرىم بىلەن پاراڭلاشقان چاغلاردا ئۇلار ‹‹ قانداق قىلىمىز ئەمدى ، قورقۇپ كېتىشنىڭ ئورنى يوق ، باشقا كەلگەننى كۆرمەي ئىلاج يوق ، بەك ئۈمىدسىزلىنىپ كەتسەك بولمايدۇ، ھامان بىر كۈنى بۇ كېسەلنىڭمۇ دورىسى چىقىدۇ، شۇ چاغدا ساقىيىپ كېتەرمىز ، كۆڭلىڭىزنى غەش قىلماڭ، ھازىر دوختۇرنىڭ دېگىنى بويىچە ياخشى يەپ، دورىنى ۋاقتىدا ئىچىپ بەرسەكلا بولغىنى … ›› دېگەندەك پاراڭلارنى قىلاتتى.
ئەينى چاغدا، نېمىشقا ھەممىسى دائىم مۇشۇ كېسەلنىڭ پارىڭىنى قىلىدىغاندۇ؟ دەپ، غەلىتىلىك ھېس قىلاتتىم. شۇنىڭ بىلەن بىر كۈنى ئىنىمدىن سورىدىم : ‹‹ ئۇكام، مەن راستىنلا ئەيدىز (AIDS) گە گىرىپدار بولۇپتىمەنما ؟ ››. شۇ چاغدا ئىنىم كۈلۈپ كەتكەن ئىدى، ئۇمۇ يەنە يوشۇرۇشنىڭ ھاجىتى قالمىغانلىقىنى ھېس قىلغان ئىدى. تاغاردا بىگىز ياتاتتىمۇ ؟! ئۇ جاۋابەن: ‹‹ شۇنداق، سەن ئەيدىز (AIDS) بىمارىسەن. ئەجەبا سەن ئۆزۈڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى بايقىمىدىڭمۇ؟ قارىغىنە بىر تېرە – بىر ئۇستىخان بولۇپ قالغىنىڭغا … ›› دېگەن ئىدى. شۇ پەيتتە، كۆزۈمگە قاراڭغۇلۇق تىقىلىپ، بېشىم پىرقىراپ ، تۇيىقىم سىرقىراپ كەتتى. بىر ھازاغىچە ھوشۇمنى تاپالماي ئولتۇرۇپ كەتتىم. كاللام قوپقۇرۇق ، نېمە قىلىشنى ، نېمە دېيىشنى بىلمەيتتىم. ۋۇجۇدۇمنى بىرخىل ۋەھىمە  – قۇرقىنچ بېسىۋالغان بولۇپ، ئەزرائىل ھېلىلا جېنىمنى ئالىدىغاندەك ، بېشىمدا ئەگىپ يۈرگەندەك ھېس قىلىپ كەتتىم. بەدىنىم جاغىلاپ تىترەيتتى…
كېيىن ، ئۆيۈمدىكىلەر، ئاغىنىلىرىم يوقلاپ كېلىپ تولا روھىي تەسەللىي ۋە مەدەت بېرىشتى. دوختۇرلارمۇ جىق ئىدىيە خىزمەت ئىشلەشتى، داۋالاشقا ماسلىشىشىم زۆرۈرلىكىنى تاپىلاشتى. ھازىر گەرچە ئەيدىز (AIDS) نىڭ داۋالايدىغان ئۇسۇل بولمىسىمۇ، ئۇنىڭ كېسەللىك تەرەققىياتىنى كونترول قىلغىلى ۋە كېسەللىك ئازابىنى يەڭگىللەتكىلى بولىدىغانلىقىنى، نورمال ساغلام كىشىلەردە ياشاشقا تامامەن مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرۈشتى. باشقىلار چۈشەندۈرگەندە كاللامدىن ئۆتۈپ قالغاندەك قىلسىمۇ ، ئۆزۈم يالغۇز قالغاندا زىددىيەتلىك خىياللار جېنىمنى قىيىنايتتى . بۇ رېئاللىققا ئىشەنگۈم ۋە ئۇنى قوبۇل قىلغۇم كەلمەيتتى. ھاياتلىقتىن ئۈمىدىمنى ئۈزۈپ كېتەتتىم. داۋالاشنى تاشلىماقچى بولاتتىم. شۇنداق قىلىپ 1 ئاي بولماستىنلا دوختۇرخانىدىن چىقىۋالدىم. نەتىجىدە ، ئۆيدىكى چېغىمدا كېسىلىم تۇيۇقسىز قوزغىلىپ ، نەپەس ئېلىشىمغىمۇ ئىمكان بولماي قالدى. ئانام مېنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ باردى . ئىككىنچى قېتىم بالنىتىسىدا ياتقان چېغىمدا ئاندىن ئانامنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئۇزۇندىن بېرى مەندىن يوشۇرۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدىم. ئۇنىڭ شۇنچە يىللاردىن بېرى مىسلىسىز روھىي ئازاب ۋە چەكسىز بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ كەلگەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئۇ ماڭا تۇنجى ھاياتلىق بېغىشلىغان ئىدى، ھالبۇكى بۇ نۆۋەت مېھرىبان ئانام بار دەردنى ئۆزى تارتىپ ماڭا يەنە ئىككىنچى ھاياتلىق بەخش ئەتكەن ئىدى. مەن بۇلارنى ئويلاپ ، ئانامنى مۇنداقلا تاشلاپ كېتىپ قالسام بولمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتتىم. شۇنىڭ بىلەن مەن ھېلىقىدەك قاملاشمىغان خىياللاردىن ئۆزۈمنى تارتىپ، دوختۇرلارنىڭ داۋالىشىغا ياخشى ماسلىشىپ، سالامەتلىكىمنى تېزراق ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ كويىغا چۈشتۈم. تەن سالامەتلىكىممۇ شۇنىڭدىن باشلاپ تەدرىجىي ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلدى.
– ئىليار، ئەگەر سىز مۇۋاپىق كۆرسىڭىز سىز ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغان شۇ جاپاكەش ئانىڭىز بىلەن پاراڭلىشىپ باققان بولساق؟
- ئەلۋەتتە بولىدۇ.
ئىليارنىڭ ئانىسى : 97- يىلى ئوغلۇم ئىليارنىڭ ئەيدىز (AIDS) دىن يۇقۇملانغانلىقىنى ئۇقتۇم، كۆزلىرىمدىن خېلى ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ياش قۇرۇمىدى. ئۇ چاغلاردا ئەيدىز (AIDS) كېسىلىنى ئۆزۈممۇ تازا دېگەندەك چۈشىنىپ كەتمەيتتىم. نېمىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك، قانداق ئەگەشمە كېسەللىكلەر كۆرۈلىدۇ، تېخىمۇ بىلمەيتتىم. كېيىنرەك ئادەمنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدىغانلىقىنى ئۇقتۇم ۋە ئوغلۇمغا دائىم سىرتلاردا تاماقنى ئوبدان يېيىشنى، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئېلىشنى تاپىلاپ تۇردۇم. ئەينى چاغدا ئائىلمىزدىكىلەرنىڭ ھەممەيلەن پەرىشان بولۇشتۇق، ھاياتنىڭ – تۇرمۇشنىڭ مەززىسى قالمىغاندەك ھېس قىلىشتۇق. ئەمما، مەن ئوغلۇم ھاياتىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا، كۈننىڭ سېرىقىنى ئۇزاقراق كۆرەلىسىلا، مەن نېمە كۈن كۆرسەم مەيلى دەپ ئويلىدىم. بالا دەڭ جان دەڭ دەپ، بالام ئۈچۈن بارچە ئىشنى قىلىشقا تەييار ئىدىم… ھازىر جەمئىيەتنىڭ ئەيدىز (AIDS) بىمارلىرىغا بولغان مۇئامىلىسىدىمۇ ياخشىلىنىش بولىۋاتىدۇ. بۇمۇ ماڭا ئىشەنچ ئاتا قىلدى. بۇ مېنىڭ ئوغلۇم ئىليار، مەن ئۇنى جېنىمدىنمۇ چارە كۆرۈمەن . جېنىم تېنىمدىلا بولىدىكەن ، ئۇنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىش ئۈچۈن بارلىقىمنى ئاتايمەن. بالام چوقۇم ياخشى بولۇپ كېتىدۇ…
- ئانا ! …

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: AIDS بىمارى ئىليارنىڭ ھېكايىسى

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    بىرگە لەنەت،كۆپكە ئىبرەت…دىققەت قىلايلىق زادى!

  2. تەنھا ئەر مۇنداق يازغان:

    بۇنداق نىجىز كىسەلدىن ئاللاھ ئۆز پاناھىدا ساقلىسۇن!!!

تەنھا ئەر 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟