نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > AIDS ئەدەبىياتى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

قۇياشنى قايتا كۆرگۈم بار

ھېكايە

ئابدۇللا مۇھەممىدى

تەن ئۆز مەجبۇرىيىتى ئۈستىدە ئويلانمىغاندا روھ ھەمىشە ئۇيقۇغا كېتىپ قالىدۇ.
- ئەنۋەر قۇتلۇق نەزەرى

ــ سىز ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بىلەن يۇقۇملىنىپ قاپسىز.
كۆزلىرىدىن مېھرىبانلىق تېمىپ تۇرغان دوختۇرنىڭ بىر خىل ئىچ ئاغىرتىش، ئېچىنىش بىلەن ئېيتقان سۆزى ئۇنىڭغا جىنايەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈم قىلغان سوتچىنىڭ ھەيۋەتلىك ئاۋازىدەك بىلىنىپ كەتتى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى لاسسىدە بوشاپ، ئاغرىقتىن ئىڭراۋاتقان ئاجىز تېنى ھېچ نېمىنى سەزمىگەندەك بولۇپ قالدى. خۇددى بۇلۇتسىز ئاسماندا چاقماق چېقىپ ھاۋا گۈلدۈرلىگەندەك دەھشەتلىك بىر ئاۋاز ئۇنىڭ قۇلىقىنى زىڭىلدىتىۋەتتى. سىز ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بىلەن يۇقۇملىنىپسىز. ئەيدىز ( AIDS )… ئەيدىز…
ــ ئانا! جېنىم ئانا. مېنى قۇتقۇزىۋال!
ئۇنىڭ چىقىراق، زەئىپ ئاۋازى بەش قەۋەتلىك دوختۇرخانا ( Hospital ) بىناسىنى يەڭگىل تىترىتىپ ئۆتتى. ئاكاتسىيەنىڭ قۇيۇق شاخلىرى ئارىسىدا ئۈگدىشىپ ئولتۇرغان قۇشلار ئۇنىڭ بىچارە ئاۋازىدىن قاتتىق چۆچۈگەندەك گۈررىدە ئۇچۇپ كېتىشتى. تېخى سارغىيىشقا ئۈلگۈر-مىگەن يوپۇرماقلار ئاستا-ئاستا يەرگە تۆكۈلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ئاققان ئەلەملىك ياشلار ئۆكۈنۈش ۋە نەپرەتكە تولغان ۋۇجۇدىنى پاكلىماقچى بولغاندەك يۈزلىرىگە، بويۇنلىرىغا، ئۇرۇق بارماقلىرىغا تامماقتا ئىدى. ئېھ خۇدا، سەن بەرگەن بۇ جان نېمە دېگەن تاتلىق – ھە!
ئۇ ئاخىرقى قېتىم «ئانا» دەپ ئىڭراپ تولغاندى-دە، ھوشىدىن كەتتى. دوختۇرلار ( Doctor ) بىرىنلا جىددىيلىشىپ قالدى. قۇياش تۈن باغرىنى يېرىپ، سۈبھى ئاستا-ئاستا يۈز ئاچقان دەمدە بىچارە ئاجىز، مەجروھ تەن ئۆز سېزىمىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ئۇنى ھوشىغا كەلتۈردى.
ــ گۈلنار، گۈلنار…
_ئۆزى بىلەن تەڭ دىمەتلىك سېستىرانىڭ مۇلايىم چاقىرىشىنى ئاڭلىماسقا سېلىپ، كۆزلىرىنى چىڭ يۇمۇپ يېتىۋالغان بولسىمۇ، سېستىرانىڭ ــ قاراڭ! قۇياش كۆتۈرۈلىۋاتىدۇ، نېمە دېگەن چىرايلىق – دېگەن سۆزى بىلەن ئاستا كۆزىنى ئاچتى. ئۇنىڭ خۇنۈك ئەمما چىرايلىق كۆزلىرى شەرققە قارىتىپ ئېچىلغان دەرىزىگە ئاغدۇرۇلغان ھامان نۇرلىنىپ كەتتى. ئۇ كۈچسىز گەۋدىسىنى ئاستا كۆتىرىپ، ماغدۇرسىز ئاياقلىرىنى تەستە يۆتكەپ قۇياشقا يېقىنلاپ ماڭدى. ھالرەڭ شەپەق ئارىسىدىن نۇر دەس-تىلىرىنى زۇلپىقاردەك شىلتىپ كۆتۈرۈلۈۋاتقان قۇياشقا تىكىلگەن كۆزلىرى بىرخىل ھاياجان ئىلكىدە كېرىلدى. دولىسىغا يېيىلغان سارغۇچ چاچلىرى دېڭىز دۇلقۇنىدەك بىر ئىگىز- بىر پەس كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان كۆكسى ئۈستىدە سۇس يەلپۈنەتتى. ئۇ شۇ تەرىقىدە دېرىزە تۈۋىدە خېلى ئۇزۇن تۇردى. سېستىرامۇ ئۇنىڭ ئارقىسىدا قۇياشقا قاراپ تۇراتتى. ئۇ مۇشۇ ئۆمرىگە كەلگۈچە قۇياشقا بۇنچىلىك زەن قويۇپ قاراپ باقمىغانلىقىغا پۇشايمان قىلدى.!
ــ سىز كۈندە قۇياشنىڭ كۆتۈرىلىشىنى كۆرەمسىز؟ ــ ئاستا پىچىرلاپ سورىدى ئۇ سېستىرادىن.
ــ شۇنداق، مەن يېزىدا چوڭ بولغان، ئاپام كۈن قىزىلىدا ئۇخلىسا يامان بولىدۇ. كۈن قىزىلىدا ئۇخلىغان ئادەم قان يىرىڭ ئىچىدە ياتقانغا ئوخشاش، ــ دەپ تەربىيە قىلاتتى بىز-گە.
ــ مەنمۇ يېزىدىن، مېنىڭ ئاپاممۇ شۇنداق تەربىيە بېرەتتى. ئۇ بامداتقا تاھارەت ئېلىپ بولۇپلا بىزنى ئويغىتاتتى. بىز ئېرىنچەكلىك قىلساق، بىزنى سۆيۈپ تۇرۇپ ئەتىگەن تۇرمىساڭلا ئۆيگە پەرىشتە كىرمەيدۇ، دەيتتى. بىز شۇ ھامان ئورنىمىزدىن تۇراتتۇق-دە، يۈزلىرىمىزنى يۇيۇپ، ئاشقان سۇدا ئىشىكنىڭ تاپسىسىنى يۇيۇپ پەرىشتىنى كۈتىۋالماقچى بولاتتۇق.
گۈلنارمۇ، سېستىرامۇ تەڭلا ئۇھ تارتتى. شەھەر يوللىرىدا سىگناللىرىنى بولۇشىچە ياڭرىتىپ ۋىژىلداپ ئۆتۈشۈۋاتقان ماشىنىلار، كانايلاردىن ياڭراۋاتقان قىيا-چىيا ناخشىلار، ئاندا-ساندا ئاڭلىنىپ تۇرغان ھۆپىگەرلەرنىڭ خېرىدار چاقىرىشلىرى يېڭى بىر كۈننىڭ باشلانغانلى-قىنى نامايىش قىلغاندەك غۇۋا ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ــ مەن ھازىر ئىشتىن چۈشىمەن، سىزگە باشقا سېستىرا ( Nurse ) قارايدۇ، بىز كەچتە كۆرۈشەيلى. كۆڭلىڭىز نېمىنى تارتىدۇ، ئۆيۈمدە تاماق ئەتكەچ كېلەي. تارتىنماي دەڭ، ــ دېدى گۈلنارغا ئاسما ئوكۇل سېلىۋاتقان سېستىرا قىز.
ــ رەھمەت، سىز كېتىۋىرىڭ. كەچتە كۆرىشەيلى، ــ دېدى گۈلنار روھسىز ھالدا.
ــ پەقەت ھاياتنى سۆيگەندىلا دۇنيا گۈزەل كۆرۈنىدۇ، خۇددى ئەتىگەندىكى ئىككىمىز كۆرگەن قۇياشقا ئوخشاش، خوش، كەچتە كۆرۈشەيلى. سېستىرا چىقىپ كەتتى.
ــ پەقەت ھاياتنى سۆيگەندىلا دۇنيا گۈزەل كۆرۈنىدۇ ــ پىچىرلىدى گۈلنار ئۆز-ئۆزىگە، بۇنى ئەجەپ بۇرۇنراق بىلمەپتىكەنمەن. ياق، بۇرۇن بىلگەن. ئەشۇ ۋاقىتتا توپا-توزان كۆتۈرۈلۈپ تۇرىدىغان شورتاڭغۇ يېزام ماڭا شۇنچىلىك چىرايلىق، ئادەملىرى شۇنچىلىك ئاق كۆڭۈل، ئاياللار شۇنچىلىك مېھرىبان، باغ-ۋارانلىرى شۇنچىلىك گۈزەل،قۇشلارنىڭ سايراش-لىرى، قوي-كالىلارنىڭ مۆرەشلىرى، ھەتتا ئىشەكلەرنىڭ قۇلاقنى يارغۇدەك ھاڭراشلىرىمۇ ماڭا شۇنچىلىك يېقىملىق تۇيۇلاتتى. شۇ ۋاقىت ھاياتنى سۆيگەن ۋاقتىم ئىكەن. شۇ گۈزەل چاغلار… يەنە بىر نېسىپ بولسىدى، لېكىن ئەمدى مۇمكىن ئەمەس، مۇمكىن ئەمەس… ئۇ تورۇسقا تىكىلگىنىچە خىيالغا كەتتى…
تۇداخۇن شەھەرگە كىرىپ مېنى ئۇچرىتىپ قېلىپ « گۈلنار مەھەللىمىزگە قايتايلى، بىچارە ئاپاڭغا، خۇدانىڭ مۆمىنى ئاتاڭغا ئىچىڭ ئاغرىسۇن. مەن سېنى ئېلىپ كېتىمەن» دېگەندە ئەجەپ ماقۇل دېمەپتىكەنمەن. ئىسىت، ئەقىلسىزلىكىم. ئۇمۇ يا ئۇرغاندىن كېيىن بىر شاپىلاق ئۇرۇپلا توختاپ قالماي راسا دۇمبالاپ ئېلىپ كەتمەپتىكەن، يا ھېلىقى «تۇرمۇش ئۆگەنگىلى كەلگەن» شائىرنىڭ بىر كېچە قىلغان تەربىيەسىگە كۆنۈپ كەتمەپتىكەنمەن، ياخشى ئادەملەر ئىكەندۇق ھەر ئىككىلىسى. ئۇ نەس باسقان يەرگە كېلىپ قالغاندىن بۇيانقى باغلىنىپ قالغان شۇنچە ئەرلەر ئىچىدە پەقەت ئېسىمدە قالغىنى تۇداخۇننىڭ بىر شاپىلىقى بىلەن شۇ شائىرنىڭ سۆزى بوپتۇ. بەلكىم ئۇ كېيىنكى پەسكەشلىك ئىچىدە ئۆتكەن ئۆم-رۈمدىكى ئەڭ گۈزەل خاتىرىلەردۇر. مەن ئۆيۈمدىن تىغدەك قاڭقىپ چىققان شۇ چاغلار… ئۇ بۇنىڭدىن تۆت يىل بۇرۇن بولغان ئىش ئىدى. گۈلنار تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپلا تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇماسلىق قارارىغا كەلدى. ئاتا-ئانىسى، مۇئەللىملىرىنىڭ قىلغان نەسىھەتلىرى ئۇنىڭ قۇلىقىغا كىرمىدى چۈنكى ئۇ ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئېچىلغان «شىنجاڭ سىنىپى» غا ئىمتىھان بىرىپ ئۆتەلمىگەنلىكىگە قاتتىق نۇمۇس قىلدى. تۇلۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇپ ئالىي مەكتەپكە ئىمتاھان بەرسەممۇ ئۆتەلىشىم ناتايىن، ئۇنىڭدىن كۆرە ئاتا-ئانامغا ئېغىرىمنى سالماي ئۇلارنىڭ تېرىقچىلىقىغا ياردەملىشىپ، دۇئاسىنى ئالغىنىم ياخشى دەپ قارىغان ئىدى. ئۇنىڭ جاھىللىقىغا قاراپ ئاتا-ئانىسىمۇ قايتا زورلىمىدى. ئۇ ئۆيىگە قايتقاندىن كېيىن سەھەر تۇرۇپ، قوي- كالىلارنى ھەيدەپ ئوتلىتىپ، ئېتىز –ئېرىق ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ ئۇلارنىڭ قولىغا قول، پۇتىغا پۇت بولدى. شۇ يىلى كۈزدە پاختىلارنى تېرىپ، خالتا-باداڭلارغا قاچىلا پاختا زاۋۇتىغا ساتقىلى ئېلىپ بارغاندا پاختا باھاسى ئالدىنقى يىلدىكىدىن يېرىم باھا چۈشۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم بولدى. بۇنىڭدىن ئاتا-ئانىسىدىن كۆرە گۈلنارنىڭ بەكرەك دېمى ئىچىگە چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. كەنت ئەمەلدارلىرى سۇ ھەققى، خېمىيىۋى ئوغۇت پۇلى، يۇپۇق پۇلى،دېھقانچىلىق دورىسى پۇلى ۋە باشقا ھەرخىل سېلىق پۇللىرىنى يىغقىلى كەلگەندە 10 مو يەردىن چىققان ھوسۇل پۇلىدىن ئۇلارنىڭ قولىغا 2000 كوي ئاشقان ئىدى. گۈلنارغا ئاتىسىنىڭ ئاق ئارىلىغان چېچى تېخىمۇ ئاقىرىپ كەتكەندەك، يۈزىدىكى قورۇقلار بىردىنلا كۆپىيىپ قالغاندەك كۆرۈنۈپ كەتتى. گۈلنار كاڭنىڭ بۇلۇڭىدا ئولتۇرىۋېلىپ بارماقلىرىنى پۈ-كۈپ توختىماي ھېساب قىلاتتى
ــ ئەتىيازدىن ھازىرغىچە بىز ئۈچىمىز كۈنلىكىمىزگە ئىككى كوي ئەتراپىدا ساپ ئەمگەك ھەق-قىگە ئېرىشىپتىمىز، ــ دېدى ئۇ ئەلەم بىلەن..
ــ خۇداغا شۈكرى دە قىزىم، ــ دېدى ئاپىسى قازاننى تاراقلىتىپ.
ــ ماۋۇ قوشنىمىز باۋۇدۇن ئاخوننىڭ يېرىمۇ بىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش 10 مو. لېكىن ئۇنىڭ ھوسۇلى قەرزگە چىقىش قىلماپتۇ. ئالە بۇ يىرىڭنى دەپ يۇرتنى تاشلاپ ئىلى تەرەپكە چىقىپ كېتىمەن دەپ ئۆيىدىكىلەرگە تاپا قىلىپ يۈرگۈدەك بىچارە.
ئۆي ئىچى جىمىپ كەتتى. شۇ كۈنى كېچە گۈلنار كىرپىك قاقمىدى. ئۇنى-بۇنى ئويلاپ زادى ئۇخلىيالمىدى. كەنت باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا لەڭپۇڭ ساتسام پۇل تاپقىلى بولارمۇ؟يا بىر بوتكا دۇكان ئاچسام چۇ؟ ھەي بۇ كەنتتە ئادەم كۆپ بولغىنى بىلەن ھەممىسى دىگۈ-دەك كەمبەغەل، يەر كەڭ بولغىنى بىلەن شورتاڭ، ئۈنۈمسىز. زادى دېھقانچىلىق قىلىپ بېيىغىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ. باغۋەنچىلىكنىڭمۇ تاينى قالمىدى. بىر يىلى قارا ئۈرۈك قويىسەن دېگەن، قارا ئۈرۈك ئەمدى مېۋىگە كىرگەندە ئۇنى يۇلدۇرۇپ ئامىرىكىنىڭ قىزىل يەرشارى ئۈزۈمىنى تىكىسەن دېگەن. زادى نېمە ئىش قىلسام بولار، نېمىلا بولمىسۇن شەھەرگە كىرىپ ئىشلەپ باقسام قانداق بولار؟ بىرەر ئاشخانا، رېستۇراندا قاچا يۇيساممۇ ھېساب، ياخشىراق ئىش تاپالىسام تېخى ياخشى. بىر نەچچە ئاي ئوبدانلا ئىشلىسەم ئاتا-ئاناممۇ خېلى يەڭگىللەپ قالاتتى. ھەي… لېكىن شەھەردە يا ئۇرۇق-تۇغقان، تۇنۇش-بىلىش بولمىسا …
بىركۈنى بۇ چەت-ياقا كەنتكە قىزىل سىرلىرى توپىغا مىلەنگەن سانتانا ماركىلىق تاكسى كىرىپ كەلدى. ئۇششاق بالىلار ماشىنىغا ئەگىشىپ چۇرقىرىشاتتى. كىشىلەر بۇ ماشىنىدىن قايسى مېھمان كىمنىڭ ئۆيىگە كەلگەندۇ دېگەندەك دەرۋازىلىرىدىن چىقىپ يول بويىدا قارىشىپ تۇرۇشتى. ماشىنا زەي تېپىپ ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشىدىغاندەك دۈمچىيىپ قالغان تۇرسۇنئاخۇننىڭ ئۆيىنىڭ شاخشا ئىشىكى ئالدىدا توختىدى. ماشىنىدىن چاچلىرىنى كېرەم قوغۇنچىنىڭ يوغانباش سېرىق ئالا ئىتىنىڭ تۈكىدەك ئالا بولىماچ بويىۋالغان، پۇزۇر كېيىنگەن بىر ئايال چۈشتى.بۇ پوخور مېھمانغا قارىشىپ تۇرغانلار غۇلغۇلا قىلىشتى.
ــ مۇخبىر ئوخشايدۇ، چۇقۇم چوڭ شەھەردىن كەلگەن.
ــ ماڭاۋا، ئۆتكەندە كەلگەن مۇخبىر ئايالنىڭ بوينىدا ئاپرات، قولىدا سومكا، بېشىدا ياغلىق، چوڭ-كىچىكلەرنى كۆرسە «ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ياخشى تۇرلىمۇ»دەپ ئادەمنىڭ تۇغقىنىدەك ئەھۋال سورايدىغان ئايالكەنتۇق. بۇ خوتۇن مۇخبىر ئەمەستەك قىلىدۇ.
ــ مۇخبىر بولمىسا كىم كېلىدۇ بۇ بەش كېپىللىكنىڭ ئۆيىگە.
ــ بولدى قىلىڭلار تالاشماي. تۇرسۇنئاخۇننىڭ قايسى يىلى قېچىپ كەتكەن قىزى زىيادەم ئىكەن.
ــ ۋاي توۋا.
ــ ۋاي خۇدايىمەي، ئۇ تېخى ھاياتمىكەن؟ بىچارە قېرى ئاتىسىنى تاشلاپ قويۇپ شۇنچە يىلدىن ياقى خەت-خەۋىرى يوق يوقاپ كەتسە مەن تېخى ئاتىسىنىڭ قارغىشى تۇتۇپ ئۆلگەنمىكىن دېگەن.
ــ بولدى قىلىڭلار، قانداقلا بولمىسۇن بۈگۈن قايتىپ كەپتىغۇ. ئايال خەق دېگەننىزە.
ــ ھە ئەرخەقنىمۇ كۆرەرمىز.
گۈلنار كىشىلەرنىڭ تالاش-تارتىشىغا ئەمەس، سېرىق چاچلىق زىيادەمنىڭ ماشىنىدىن ئېلىپ چۈشۈرۈۋاتقان يوغان-يوغان ئىككى چامادانىغا قارىغىنىچە خىيال سۈرۈپ تۇرۇپ قالدى. زىيادە گۈلناردىن بىر قانچە ياش چوڭ بولۇپ مۇشۇ كەنتتىكى باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوقۇمىغان. ئانىسى ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن تۆت-بەش يىل ئاتىسىنىڭ ئاش-تامىقىنى ئېتىپ بېرىپ يۈرۈپ، بىر كۈنى يېزا بازىرىغا ئاتىسى بىلەن ھارۋىدا بېرىپ يوقاپ كەتكەنچە ھازىرغىچە نەدە ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمەيتتى.
ئەتىسى مەھەللىدە مىش-مىش پاراڭلار كۆپىيىشكە باشلىدى.
ــ زىيادەم كەنت سېكرىتارىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ بىر كاللەك پۇلنى تۇتقۇزۇپ مەن ئالدىراش، بىر قانچە كۈندىن كېيىن قايتىمەن. شۇڭا ئۆزلىرى باش بولۇپ ئاتامغا پىششىق خىشتىن ئىككى ئېغىزلىق خىش ئۆي سېلىپ بەرگەن بولسلا، پۇل ( Money ) يەتمىگىدەك بولسا يەنە ئەكىلىپ بېرىمەن دەپتۇمىش.
-نەدىكىنى، بىر كاللەك پۇلنى سېكرىتارغا بىرىپ تۆۋەنكى مەھەللىدىكى قۇۋانەم ساراڭغا قاراپ قويغان بولساڭلار دەپتىمىشقۇ.
ــ ماڭاۋا ئاداش، قۇۋانەم ساراڭغا بەرگەن پۇل بىر كاللەك ئەمەس يۈز سوم پۇلكەن، يۈزسوم.
ــ قانداق تاپقاندۇ ئۇ پۇلنى؟
ــ شەھەردە پۇل تاپماق ئاسان.“
ــ ھەممە يەردە قازاننىڭ قۇلىقى تۆت.
ـ…
گۈلنار تۇرۇپلا زىيادەمگە قىزىقىپ قالدى. ئۇ گۇگۇم چۈشكەندە، بىر بېسىپ، ئىككى بېسىپ زىيادەمنىڭ زەي تىپىپ ھازىرلا ئۆرۈلۈپ چۈشدىغاندەك كۆرۈنۈدىغان ئۆيىگە قاراپ ماڭدى. ئۇنىڭ ۋۇجۇدى يېنىك تىترەيتتى.

گۈلنار كىرا ماشىنىسىدىن چۈشكەندە چىڭقى چۈش بولغان ئىدى. شەھەر كوچىلىرى ئۇياقتىن- بۇياققا ئالدىراش چېپىپ يۈرگەن ئادەملەر بىلەن لىق تولغان ئىدى. ئۇ باشقىلارغا يۈزىنى كۆرسەتمەسلىك ئۈچۈن باش ياغلىقىنى ئىڭىكىدىن ئارتىلدۇرۇپ چىڭ چېگىپ، بېشىنى تۆۋەن سېلىپ، بوغچىسىنى قۇچاقلىغىنىچە يولنى كېسىپ ئۆتۈپ، تېلېفۇن بوتكىسى ئىزدەشكە باشلىدى. ئۇ بېشىنى كۆتەرسىلا بىرسى كېلىپ تۇتۇۋالىدىغاندەك ئەندىكەتتى. ئۇ بۈگۈن سەھەر قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ چىقىپ ئوتقا قويۇپ بەرگەندىن كېيىن جاڭگاللىققا تىقىپ قويغان بوغچىسىنى ئالغىنىچە ئېتىز يولى بىلەن مېڭىپ ھېچكىمگە كۆرۈنمەي يولغا چىققان ئىدى. زىيادەمنىڭ تاپشۇرۇقى بويىچە ئەگەر ئۆزىنىڭ شەھەرگە كىرىپ كەتكەنلىكىنى بىرسىگە تىنىپ قويسا، شەھەردە ئۇنىڭغا خىزمەت يوقلۇقىنى، بۇ قېتىم ئۇنىڭغا تۇنۇشتۇرۇپ قويماقچى بولغان جاپا تارتماي ئاسانلا كۆپ پۇل تاپقىلى بولۇدىغان ئىشنىڭ يوق بولۇدىغانلىقىنى ئېسىدە چىڭ تۇتۇۋالغاچقا، ئۇ ھەتتا ئۆزىنىڭ نەگە بارىدىغانلىقىنى ئۆيىدىكىلەرگە ئېنىق دېمەي ئۆيدىن چىققان ئىدى. لېكىن ئۆيدىن چىقىپ بولۇپ يەنىلا خاتىرجەم بولالمىدى. ئاپام نېمەبولۇپ كېتەر مۇشۇنداقلا يوقاپ كەتسەم، ئاتامچۇ؟ ئۇ بىردەم دىلغول بولۇپ تۇرغاندىن كېيىن ئۆيىگە قايتىپ كىردى ھەمدە بىر ۋاراق قەغەز تېپىپ قىسقىلا خەت يېزىپ، كىگىزنىڭ قېتىغا قىستۇردى.
ئاپا-ئاتا، سىلەر مەندىن غەم يېمەڭلار، مېنى ئىزدەپمۇ يۈرمەڭلار. مەن كۆپ پۇل تاپقان كۈنى يېنىڭلارغا ئۆزۈم كېلىمەن.
سىلەرنى سۆيۈپ:
گۈلنار
گۈلنار زىيادەم بەرگەن تېلېفۇن نۇمۇرىغا تېلېفۇن ئۇردى.
ــ كىمنى ئىزدەيسىز؟- غاراڭ-غۇرۇڭ ئاۋازلىق ئەركىشىنىڭ ئاۋازى ئۇنى ئەندىكتۈرىۋەتتى. ئۇ تېلىفۇن نۇمۇرىنى خاتا ئۇرغان ئوخشايمەن دەپ ئويلاپ قولىدا سىقىملىۋالغان قەغەزگە قايتا قارىدى. نۇمۇر توغرا ئىدى.
ــ زىيادەم ئاچامنى ئىزدەيتتىم.
ــ بۇ يەردە زىيادەم دەپ ئاچىڭىز يوق، ــ سوغۇق، قوپال جاۋابتىن ئۇ تېخىمۇ تۈگۈلۈپ كەتتى. ئۇنى بىر خىل ۋەھىمە باسقاندەك بولدى. ئەگەر بۇ تېلېفۇن خاتا بولۇپ قالسا، ئۇنىڭ بۇ شەھەردە باشقا تونۇشى يوق. نەگىمۇ بارار، نەلەردە تەمتىرەپ يۈرەر… ناتونۇش شەھەر كوچىلىرى ھە دېگەندىلا ئۇنىڭغا بىرخىل قورۇنۇش، يىتىمسىراش ئاتا قىلماقتا ئىدى. ئۇ زور غەيرەتكە كېلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ ئەتراپقا قورقۇمسىراپ قاراپ قويدى. ھەممە ئادەم ئۆز ئىشى بىلەن ئالدىراش چېپىشىپ يۈرەتتى. ئۇ ئاخىرقى قېتىم غەيرەتكە كېلىپ تېلېفۇن نومۇرىنى يەنە باستى. بۇ قېتىم بىر ئايالنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى.
ــ ۋەي كىمنى ئىزدەيسىز؟
ــ مەن، مەن …زىيادەم ئاچامنى…
ــ سىز كىم؟
ــ مەن گۈلنار. زىيادەم ئاچام مۇشۇ تېلېفۇنغا تېلېفۇن ئۇرسىڭىز مېنى تاپىسىز دېگەن.
ــ ھە،ھە… بىلدىم،تۇرۇپ تۇرۇڭ. تېلېفۇن تۇرۇپكىسىدىن ئەر-ئاياللارنىڭ قىيا-چىيا ئاۋازى قانداقتۇر بىرخىل گۈلدۈر-غالاپ مۇزىكىنىڭ ئاۋازىنى بېسىپ كېلەتتى.
ــ ۋەي گۈلنار قىزما؟ مەن، مەن، مېنىچۇ شەھەردە زىيادەم ئەمەس زىبىبىگۈل دەپ ئاتايدۇ. قاچان كەلگەن؟ نەدە سىز؟
ــ بىلمەيمەن.
ــ ماڭا قاراڭ، ئەتراپتىكى ۋىۋىسكىدىن بىرنى ئوقۇڭە ،سىز تۇرغان جاينى بىلىۋالىمەن.
ــ تۆت ئوكيان ئاياق شەھەرچىسى.
ــ ھە بىلدىم. مەن ھازىر بەك ئالدىراش، ئۆزۈم ئالدىڭىزغا چىقاتتىم بولمىسا. مۇنداق بولسۇن مېنىڭ بىريېقىن دوستۇم بار، شۇ ھازىرلا قېشىڭىزغا تاكسىدا بارىدۇ. قانداق كىيىم كىيگەن؟ ھە،ھە…بىلدىم. تېلېفۇن بوتكىسىدىن نېرى كەتمەي ئون مىنۇت ساقلاڭ-ھە. دوستۇم ھازىر بارىدۇ.
ــ ھە ماقۇل.
گۈلنار تېلېفوننىڭ ئۇلانغانلىقىدىن خۇش بولدى. خۇددى تېلىېفون بوتكىسىدىن ئىككى قەدەم يىراقلاپ كەتسە بولمايدىغاندەك، تېلېفون بوتكىسىغا يۆلەنگىنىچە زىبىبىگۈلنىڭ دوستىنىڭ كېلىشىنى كۈتتى.
گۈلنار بۇ يەرگە كەلگىلى مانا ئۈچ كۈن بولدى. لېكىن زىيادەمنىڭ قارىسىنىمۇ كۆرمىدى. پەقەت كەلگەن كۈنى ئۇنى ئالغىلى كەلگەن خالىدەم ئاتلىق ئوتتۇز ياشلاردىكى خام سىمىز چوكان ئۇنىڭغا بۆلەكچە يېقىنچىلىق قىلاتتى. ئۇ كېلىپ ئەتىسى:!

ــ سىڭلىم، بۇ شەھەر ھەم بىز بۇ يەردە مېھمانلارنى قىزغىن كۈتىۋالمىساق بولمايدۇ. شۇڭا ئۈستىڭىزدىكى نىمكەش كىيىمنى ماۋۇ يېڭى كىيىمگە ئالماشتۇرىۋېلىڭ. سىزگە ئاتاپ ئاتايىن سېتىۋالدىم، ــ دېدى.
گۈلنار ياندىكى ئۆيگە كىرىپ كىيىملەرنى ئالماشتۇرۇپ چىقىۋىدى، دۇكاندىكى باشقا قىزلار چۇرقىرىشىپ كەتتى. تار پادىچىلار ئىشتىنى ئۇنىڭ تۈپتۈز بىرجۈپ پاچىقىنى خۇددى مودىللاردەك كۆرسەتسە، زىلۋا بويىغا خويمۇ ياراشقان قارا كوپتىسى ئۇنىڭ ئاق ئالمىدەك سۈزۈك چىرايىنى تېخىمۇ ئاق كۆرسىتىپ، تال-تال قارا كىرپىكلىرىنى، ھىلال ئايدەك ئەگمە قاشلىرىنى باشقىچە جۇلالاندۇرىۋەتتى. خالىدەم ئەرلەرگە قارىغاندا خۇمالىشىپ كېتىدىغان چوڭ-چوڭ كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ تۇرۇپ كەتكەندىن كېيىن، قايسى بايقۇشنىڭ بولۇپ كېتەرسەن جېنىم، دېگىنىچە گۈلنارنى چىڭ قۇچاقلىغاچ:
ــ ئوھوش… چۇۋۇۋەت ماۋۇ بىر نېمەڭنى، دېگىنىچە گۈلنارنىڭ ئىنچىكە بىلىگە چۈشۈپ تۇرغان قاپقارا بىر جۇپ ئۆرۈمە چېچىنى چۇۋۇشقا باشلىدى. چۇۋۇلغان قارا چاچ گۈلنارنىڭ گەۋدىسىگە خۇددى تاغ شاقىراتمىسىدەك دولقۇنلىىپ يېيىلدى.“
ــ پاھ، نېمە دېگەن چىرايلىق.
ــ ھېلىقى ناخشا چولپىنىنىڭ ئۆزىغۇ بۇ قىز.
ــ نەدىكىنى، تېلىۋىزىيە رىياسەتچىسىگە ئوخشايدىكەن
ــ پەرىغۇ ئۆزى، دەل پەرىزات.
ــ ئوھوش، قوۋۇرغامنى ئەگمىگىنە پاسكىنىلار. بىزمىچۇ، يېڭى كەلگەندە بۇنىڭدىن ئۆتە پەرى ئىدۇق، ئەمدىچۇ؟
بۇ دۇكاندا ئىشلەيدىغان تۆت قىز تەرەپ-تەرەپتىن چۇرقىرىشىۋاتقاندا،خالىدە زەردە بىلەن ۋارقىرىدى:
ــ ھوي خانلار! بۇ يەردە ئويۇن كۆرگەندەك تۇرۇشماي ئاۋۇ ئايرىم خانىلارنى تۈزەشتۈرۈپ، تۇنۇش-بىلىش ئەرلىرىڭگە تېلېفۇن قىلىش. كۈن چۈش بولاي دېدى، تېخىچە بىر تىيىنلىق سودا يوق.
قىزلار قورغۇي كۆرگەن ئاق قۇشقاچتەك جىمىپ قېلىشتى. خالىدە گۈلنارنى ئېلىپ ياندىكى ئۆيگە كىردى-دە، يالغان كۈلۈمسىرەپ:
ــ گۈلنار قىز، مەن سىزگە دېسەم، بىز بۇيەردە بوش تۇرساق جاننى جان ئەتمىكىمىز تەس، دۇكان ئىجارىسى پالانى پۇل، شۇڭا…
ــ خالىدەم ئاچا تارتىنماي دەۋىرىڭ، مېنى نېمە ئىش بولسا بۇيرۇۋېرىڭ، ھەرقانچە جاپالىق، مەينەت ئىش بولسىمۇ قىلىۋېرىمەن.
ــ بۇ دۇكاندا جاپا تارتقۇدەك ئېغىر ئىشقۇ يوق،ــ دېدى خالىدە گۈلنارنىڭ قولىنى ئالىقانلىرىغا ئېلىپ سىلاپ تۇرۇپ، شۇ پەقەت دۇكىنىمىزغا كەلگەن ھاراقكەش ئەرلەرنى كۈتۈپ، ئۇلارغا ھەمرا بولۇپ، ئانچىكى راست-يالغاندىن ماختاپ، پۇل خەجلەشكە ئۈندەپ قويسىڭىزلا بولدى ئۇلارغا يالغاندىن يېقىنچىلىق قىلىپ، ئەرخەق دېگەنچۇ ئەزەلدىن شاللاق نېمىلەر.
ــ مەن، مەن… خالىدە ئاچا، مۇشۇ دۇكاننى تازىلايدىغان، قاچا يۇيۇدىغان ئىشلارنى قىلىپ بېرەي. مەن مەھەللىدىكى مەشرەپتىن باشقا سورۇنغا بېرىپ باقمىغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈنۈگۈن كەلگەن مېھمانلار ئاۋۇ قىزلارنى قۇچىقىغا ئېلىۋاپتۇ. ئۇلارغۇ مەسكەن، قىزلار بولسىمۇ ئۆزىنى تارتسا بولمامدۇ؟ ئالدىدا ئاش-تائام تۇرسا، شۇنىڭ يۈزىمۇ يوقمۇ؟
ــ ھەي ساددا قىز، ئۇ مەسلەرچۇ بۇ قىزلارنى پەقەت ئۆزىنىڭ سىڭلىسىدەك يېقىن كۆرۈپ ئەركىلىتىپ قويغان ئىش، باشقا چوڭ ئىش يوق. مۇنداق بولسۇن، بۈگۈن بىر يۈزلۈك مېھمان كەلمەكچى. ئۆزى ناھايىتى مەرت، پۇل دېگەننى سۇدەك خەجلەيدۇ. بىر يېزىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى. سىز شۇنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇڭ، مەنمۇ بىللە بولىمەن. پەقەت ھە-ھۇ دېيىشىپ، چاقچاقلىشىپ ئولتۇرۇشۇپ بەرسىڭىزلا بولدى. قاراڭ، ماۋۇ بانكىنىڭ دەپتەر چېكى. سىزنىڭ نامىڭىزدا ھېساب ئاچتۇرۇپ قويدۇم. ئەگەر ياخشى ئىشلىسىڭىز تۆت-بەش يىلدا نەچچە ئون مىڭ يۈەن پۇل تاپالايسىز.’
گۈلنار ئۈنچىقماي ئولتۇردى.
ئۇنىڭ شەھەرگە كىرگىنىگە ئىككى ئايچە بولۇپ قالغان ۋاقىت ئىدى. مەھەللىدىشى تۇداخون دۇكان ئالدىغا ئاسماندىن چۈشكەندەك پەيدا بولۇپ قالدى. گۈلنار تۇداخۇننى كۆرۈپ دەسلەپ مۆكۈۋالماقچى بولدى، تۇرۇپلا يەنە ئۆز تۇغقىنىنى كۆرگەندەك، ئاكىسى يوقلاپ كەل-گەندەك بىرخىل خۇشاللىق ئۇنى سۆرەپ تۇداخۇننىڭ قېشىغا كېلىشكە ئۈندىدى
ــ سەن مۇشۇ قاۋاقتا تۇرۇۋاتامسەن گۈلنار،ــ دەپ گەپ باشلىدى تۇداخون سەھرا يىگىتلىرىگە خاس قوپال ئەمما كەسكىن بىرخىل تەرزدە، ــ مۇشۇ بىزنىڭ مەھەللىنىڭ قىز-چوكانلىرى تۇرۇدىغان جايمىدى. شۇنچە چىرايلىق مەھەللىمىزدىن قېچىپ چىقىپ مۇشۇ يەردە تۇرۇشنى خالىدىڭما؟! ئۇقۇپ قوي! بۇ يەردە ئادەم ئەمەس، بىزنىڭ مەھەللىنىڭ لالما قانجۇقىمۇ تۇرۇشقاومۇس قىلىدۇ. بىزنىڭ مەھەللىدىن سەندەك ئىمانسىز ئادەمنىڭ چىققانلىقىنى بۇچاغقا ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن.
گۈلنار تۇداخۇننى بۇنداق دەيدۇ دەپ ئويلىمىغان ئىدى. ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ يىغلاپ ئۆزىنىڭ ئالدام خالتىغا چۈشۈپ چوڭقۇر پاتقاققا پاتقانلىقىنى، قىزلىق ئىپپىتىدىن ئايرىلىپ نومۇسقا قالغانلىقىنى ئېيتىپ بىر يىغلىۋالغۇسى، ئىچىنى تازا بىر بوشىتىۋالغۇسى بار ئىدى. ئاتا-ئانىسى، مەھەللە-كوينىڭ ئەھۋالىنى بىلمەكچى، سورىماقچى ئىدى. تۇداخوننىڭ دەسلەپتىلا قوپال تېگىشى ئۇنىڭ بېشىنى پىرقىرىتىۋەتتى. ئۇ قاپقارا كۆزلىرىگە لىق تولغان ياشلىرىنى ئاران تۇتۇپ تۇرۇپ:
ــ سەن نېمەمتىڭ مېنى بۇنچە سەتلەيدىغانغا، ئاق تۇماق سەھرالىق، ــ دەۋەتتى ئۆزىمۇ تۇيمىغان ھالدا.
ــ نېمە،نېمە دېدىڭ؟ سەن ئادەم بالىسى بولساڭ ئاشۇ بىچارە يۇۋاش مۆمىن بەندە ئاتاڭنى، سېنىڭ دەردىڭدە تولا يىغلاپ ساراڭ بولاي دېگەن ئاپاڭنى ئويلاپ كۆرسەڭ بولماسمىدى!؟ تولا سەن نېمە، مەن نېمە دەيدىغان گەپنى قىلماي مەن بىلەن يۈر! مەھەللىگە قايتىمىز. سېنى بۇيەردىن ئېلىپ كەلگىنىمنى ھېچ كىشىگە ئېيتمايمەن. بىرسىگە تىنىپ قويسام ئوغۇل بالا،ئەركەك بولماي كېتەي، يۈر! ــ تۇداخۇن گۈلنارنىڭ بىلىكىدىن تارتقۇشلىدى.
ــ ئۆتەپ بارەۋا ئۇماچ تۇماق! گەپ قىلمىسام نېمە ئۆزىنى بىلمەيدۇ ماۋۇ ماز، بېرىپ سىڭلىڭنى باشقۇرىۋال…
«چاڭ»قىلىپ تەگكەن شاپىلاقتىن گۈلنارنىڭ كۆزلىرىدىن ئوت چىقىپ كەتتى. ئۇ يۈزىنى تۇتقانچە تۇڭگۇز چىرقىرىغاندەك سەت چىرقىرىۋىدى. خېلىدىن بېرى دۇكان ئىچىدە قاراپ تۇرغان خالىدەنىڭ چاقىرىشى بىلەن دۇكاندىن 5-6 ھاراقكەش قولىغا پىۋا بوتۇلكىسىنى ئالغانچە چىقىپ تۇداخوننىڭ ئۇدۇل كەلگەن يەرلىرىگە ئۇرۇپ، دۇمبالاپ، يۈز-كۆزلىرىنى قانىتىۋەتتى. بەستلىك كەلگەن تەتۈر ئۇستىخان دېھقان يىگىت ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇلاردىن قۇتۇلالمىدى. شۇ ئارىدا ھۇيقىتىپ كەلگەن ساقچى ماشىنىسىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن جېدەل بېسىقتى.

ۋاقىت تىز ئۆتتى. ئۈچ يىل بولدى دېگەن بىر كۈنى قىلىقسىز ھاراقكەشلەرگە ئوخشىمايدىغان تۆت يىگىت قاۋاقخانىغا كىرىپ كەلدى ۋە بىزگە ئەڭ ناچار ئايرىمخاناڭلارنى بېرىڭلار دېيىشتى. بۇنى ئاڭلىغان خالىدە بۇلارنى تەنە قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلاپ، پايپېتەك بولۇپ يۈرۈپ، ئۇلارنى ئەڭ ئېسىل بېزەلگەن ئايرىمخانىغا باشلىدى. ئۇلار ئۇنىمىدى. ئۆزلىرى تاللاپ، زابوي، ھاراقكەشلەر ئولتۇرۇش قىلىدىغان قاۋاقنى تاللىدى ھەم ئادەتتە مېھماننى قانداق كۈتسەڭلار بىزنى شۇنداق كۈتۈڭلار دېدى. خالىدە دەرھال تۆت قىزنى ياساپ جابدۇپ ئۇلارغا ھەمراھ بولۇشقا بۇيرۇدى. بۇ تۆت قىز ئىچىدە گۈلنارمۇ بار ئىدى. تۆت مېھمان چېچىنى سەل پەل ئۆستۈرۈۋالغان، كۆزلىرىدىن خىيالچانلىقى چىقىپ تۇرغان يىگىتنى تۇرمۇش ئۆگەنگىلى كەلگەن شائىر دەپ تونۇشتۇردى. گۈلنار بۇ شائىرغا پات-پات قاراپ قوياتتى. يازغۇچى، شائىرمۇ مۇشۇنداق يەردە يۈرسە، بىزنىڭ ئەرلىرىمىز ئىچىدە تۈزۈك يىگىت قالمىغانمۇ نېمە؟ -دەپ ئويلىدى ئۇ ئىچىدە.

لېكىن بۇلار گۈلنار ئۇچراتقان خېرىدارلار ئىچىدىكى ئەڭ ئەدەپلىك يىگىتلەر ئىدى. ئۇلار قىزلارغا ھاراق زورلىمايتتى، ئۇلارنىڭ قوللىرىنى سىلىمايتتى،سەت يۇمۇر سۆزلىمەيتتى. سۆزلىرى ناھايىتى سىلىق ئىدى. ئۇلار قاۋاقتىن قايتقاندا خېلى بىرۋاق بولغان ئىدى. گۈلنار شائىر يىگىتكە تىكىلىپ قاراپ تۇردى. ئۇنى خۇددى ئۆز ئاكىسىدەك، ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلىشىپ ئىچى بوشاپ قالغاندەك ھىس قىلدى-دە، ئۇنى چاقىرىپ توختىتىۋېلىپ ئۆزىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن مۇڭداشقۇسى بارلىقىنى ئېيتتى. ئۇلار بىر كېچە مۇڭداشتى. شائىر توختىماي تاماكا چېكەتتى، گۈلنار بېشىدىن ئۆتكەن ئىشلارنى سۆزلەيتتى.,
ــ سىز ھېلىھەم مەھللىڭىزگە قايتىپ كېتىڭ. ئەگەر خوجايىنغا قەرزدار بولسىڭىز قەرزىڭىزنى مەن تۆلىۋىتەي. مەھەللىڭىزدە بىر مەزگىل تۇرۇپ يەنە شەھەردە ھالال بىر كەسپ بىلەن شۇغۇللانماقچى بولسىڭىز بۇ مېنىڭ ئادرىسىم ۋە تېلېفۇن نومۇرۇم، مېنىڭ بىلەن ئالاقىلىشىڭ دېدى سەمىمىيلىك بىلەن.
ــ ياق ئاكا،ــ دېدى گۈلنار ياش يۇقى كۆزلىرىنى سۈرتكەچ،ــ مەندە ھازىر پۇل ( Money ) بار. مانا چەك دەپتىرىم. يەنە بىريىل ئىشلىسەم ئاندىن بىزنىڭ توختامىمىز توشىدۇ. شۇ ۋاقىتتا بۇ پۇلنى بانكىدىن ئالالايمەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ پۇللارنى ئالالمايمەن. شۇڭا يەنە بىر يىل بۇ ئازابقا بەرداشلىق بىرىشىم كېرەك.
ــ لېكىن بۇ ئاياللىرىمىز تۇرۇدىغان ھەم قىلىدىغان كەسپ ئەمەس. بولسا بىركۈن بولسىمۇ بالدۇرراق ھالال ياشاڭ! بۇ مېنىڭلا ئەمەس پۈتكۈل جەمىيەتنىڭ ئۈمىدى.
ــ مەن تىرىشىمەن ئاكا. سىزگە، سەمىمىيىتىڭىزگە رەھمەت!
شائىر يىگىت كەتتى، لېكىن ئۇ گۈلنارغا ئۆزىنىڭ ئىنسانىيلىقى، سەمىمىيىتىنى قالدۇرۇپ كەتكەن ئىدى. شۇندىن كېيىن گۈلنار خېلى بىر مەزگىلگىچە تولىمۇ خامۇش، پەرىشان يۈردى. ھەر قېتىم شائىر يىگىت ئېسىگە كەلسىلا بۇ يەرگە كېلىپ مېھمان كۈتكەن تۇنجى كۈنىلا خالىدەم « يۈزلۈك مېھمان، پۇل دېگەننى ئايىماي خجلەيدۇ، بىر يېزىنىڭ سېكىرتارى» دەپ تونۇشتۇرغان ھېلىقى ئادەمنى نەپرەت بىلەن ئەسكە ئالاتتى. «مەن سىزنىڭ يېزىڭىزدىن، بۇ يەرگە بىلمەي كېلىپ قالغان… دېسەممۇ ئۇنىماي مېنى نابۇت قىلدى، مېنى ھاڭغا ئىتتىرىۋەتتى. ئاللاھ ئۇنىڭغا شائىر يىگىتكە بەرگەن ئىنساپنىڭ يۈزدىن بىرىنى بەرگەن بولسىمۇ، ئۇ نائىنساپ سەن ئوقۇشقا تېگىشلىك بالا بۇ يەردە نېمە قىلىسەن؟ دېيەلىگەن بولسىمۇ، مەن بەلكىم ھوشۇمنى تېپىپ بۇ يەردىن كېتەر ئىدىم. ئىپلاس، ھايۋان، ئىپلاس…» گۇلنارنىڭ گاراڭ ئادەمدەك يۈرۈشى خالىدەمگە ياقمىدى.
ــ ھۇيت خېنىم،ــ دېدى ئۇ بىر كۈنى تەئەددى بىلەن ــ بىكار يۈرگەنگە مۈشۈك ئاپتاپقا چىقمايدۇ،نەدە تۇرۇۋاتقانلىرىنى ئۇنتۇپ قالمىسىلا…
گۇلنار شۇندىن بۇيان شائىر يىگىتنى ئۇچرىتىپ باقمىدى .

ــ ئوكۇل تۈگەپتۇ، دورىڭىزنى ئىچىۋېلىڭ. سېستىرا ( Nurse ) قىزنىڭ مۇلايىم ئاۋازى ئۇنى خىيالدىن ئويغاتتى.
ئۇ ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ دورىنى ئىچتى. سېستىرا دەپتەرگە بىر نېمىلەرنى يېزىۋاتقاندا، پەتنۇستىكى قايچىنى ئېلىپ كۆرپە ئاستىغا تىقىۋالدى. سېستىرا بۇنى تۇيماي چىقىپ كەتتى. گۈلنار ئورنىدىن تۇرۇپ دېرىزە ئالدىغا كەلدى. قۇياش بىنانىڭ ئارقا تەرىپىگە ئۆتۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇ قوياشنى ئاخىرقى قېتىم كۆرۈۋالماقچى بولۇپ، ئۇرۇق گەۋدىسىنى سوزۇپ ئاسماننىڭ بىر تەرىپىدە مۇڭلۇق ئېسىلىپ تۇرغان قۇياشقا قارىدى. كۆپكۆك ئاسماندا كېگىزدەك بىر پارچە ئاق بولۇت لەيلەپ يۈرەتتى، كۈن ئولتۇرۇپ كەتمىگەن بولسىمۇ، قۇياشنى بىنا توسۇۋالغان ئىدى. ئۇنىڭ قۇياشقا قېنىپ-قېنىپ قارىۋالغۇسى كەلدى. ئۇنىڭ كۆزلىرى قۇياشنى ئاختۇرۇپ تاپالمىغاندىن كېيىن ئاق بولۇتقا تىكىلدى. بۇلۇت بىردە يىغلامسىراپ تۇرغان ئانىسىغا ئوخشىسا بىردە ئاپئاق رومالغا ئوخشايتتى. «ئانا ! سېنى قانچىلىك سېغىنغانلىقىمنى بىلەمدىغانسەن. » شۇ تاپتا ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا ، تۇغۇلۇپ ئۆسكەن مەھەللىسىگە قۇشتە ئۇچۇپ بارغۇسى، توپا ئۆرلەپ تۇرغان مەھەللىسىنى قايتا كۆرۈۋالغۇسى، ئانىسىنىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ، ئانىسى دەسسەپ تۇرغان تۇپراقنى، ئانىسىنىڭ باغرىنى ھىدلىۋالغۇسى، دادىسىنىڭ يىرىك ئالىقانلىرىنى يۈزلىرىگە ئاخىرقى قېتىم سۈركىۋالغۇسى، ئاچام دەپ يېنىدىن نېرى كەتمەيدىغان تاتلىق ئۇكىلىرىنىڭ يۈرىكىگە ئۆزىنىڭ ھەسرەتلىك ، ئىبرەتلىك كەچمىشلىرىنى تۆكۈپ بەرگۈسى بار ئىدى. ئۇنىڭ يەنە ئۆزى ئۈچۈن تاياق يىگەن تۇداخوننىڭ ئايىقىغا يىقىلىپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىغۇسى بار ئىدى…يەنە… ئۇنىڭ ئۇرۇق گەۋدىسى كەچكۈزدىكى يوپۇرماقتەك تىترەپ كەتتى. ئۇ زەئىپ ئاۋازدا بوش ئىڭرىدى:
ــ ئەي خۇدا ! مېنى قايسى شەيتان ئازدۇرۇپ مۇشۇ يولغا كىرىپ قالغاندىمەن. ئاتا-ئانام مېنى كەچۈرەرمۇ؟ مەھەللە-كوي مېنى كەچۈرەرمۇ؟ ئۆلۈكۈم مۇشۇ يات شەھەردە قالارمۇ؟…
ئۇ دېرىزە تۈۋىدە ئۇزۇندىن-ئۇزۇنغا تۇردى، كۆزلىرىنى جىمىرلاپ تۇرغان سانسىز يۇلتۇزلارغا تىكتى، ئاجىز كۆز نۇرى ئاستا ئېقىپ چۈشۈپ كېتىۋاتقان بىر يۇلتۇزغا تىكىلگىنىدە يەنە ئانىسىنىڭ كىچىك ۋاقتىدا ئېيتىپ بەرگەن « ئاسماندىن بىر يۇلتۇز ئېقىپ چۈشۈپ كەتسە،يەر يۈزىدە بىر ئادەمنىڭ ھاياتى ئاخىرلىشىدۇ» دىگەن سۆزىنى ئەسكە ئالدى. ئۇ ئۇزۇندىن بۇيان ئىچىدە تىنىپ كەتكەن ھەسرەتلىرىنى كۆز ياشلىرى بىلەنلا چىقىرىۋەتمەكچى بولغاندەك، تاراملاپ ياش تۆكتى. راست، ئۇ مەھەللىسىدىن پۇل تېپىپ ئاتا-ئانىسىنىڭ يۈكىنى يەڭگىللىتىش، ئۇكىلىرىنى ياخشىراق ئوقۇتۇش، ئۈچۈن چىققان ئەمەسمىدى؟ پۇلنىمۇ تاپتى، ئازاپ-ئوقۇبەتنىمۇ يەتكىچە تارتتى. لېكىن تۇرسۇناخوننىڭ قىزى زىيادەمدەك تۇتام –تۇتام پۇلنى سېكرىتارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىنى يېڭىلاپ بېرەلمىدى. قىزىل ماشىنىغا ئولتۇرۇپ بېرىپ، مەھەللىدىكىلەرنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىرىپ ئاتا-ئانىسىنى يوقلىيالمىدى، ئۆز تېنىنى دەسمايە قىلىپ تاپقان پۇلىنى ئۆز تېنى يالماپ يۇتۇپ بولدى.ئىسىت،ئىسىت ! ئەقىلسىز قىزىڭنى كەچۈرەرسەنمۇ ئانا! شۇ چاغدا قىزىڭنىڭ ئەقىلسىزلىكىدىن مەھەللىدىكىلەرنىڭ ئالدىدا يۈزۈڭنى قويارغا يەر تاپالماي، يۈرىكىڭ قانچىلىك پۇچىلانغاندۇ؟ مەندىن ئەنسىرەپ قانچىلىك تۈنلىرىڭ ئۇيقۇسىز ئۆتكەندۇ؟ گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، ماڭا بەرگەن ئاپپاق سۈتۈڭ ئالدىدا گۇناھ ئۆتكۈزدۈم، بۇ ماڭا خۇدانىڭ بەرگەن جازاسى. جىسمىم بۇلغاندى، نىجاسەتكە پاتتى،ئۆلسەم جەسىدىمنى تۇپراقمۇ ئۆز قوينىغا ئالماس!…
ئۆلۈم ( Death ) ! ئۆلۈملا ئۇنىڭ گۇناھىنى يەڭگىللىتەلەيتتى، ئۆلۈملا ئۇنى بۇ دۇنيادىكى ئازاپتىن قۇتۇلدۇرالايتتى. پەقەت ئۆلۈم ئارقىلىقلا بۇلغانغان جىسمىدىكى ناپاكلىقنى دوزاق ئوتىدا كۆيدۈرۈپ پاكلىيالايتتى. ئۇ دەرىزە تۈۋىدىن ئاستا كەينىگە ياندى-دە سۇخانىغا كىرىپ تاھارەت ئالدى. ئاندىن يەنە كارىۋىتىغا چىقىپ ئوڭدىچە يېتىپ، تۈن پەردىسى تارتىلغان دېرىزىگە ئاخىرقى قېتىم تەلمۈرۈپ قارىدى. ئۇپۇقنىڭ ئاقىرىپ قۇياشنىڭ قىزىل نۇرغا چۆمۈلۈپ كۆتۈرۈلۈشىنى كۆرۈشنى ئارزۇ قىلدى. پۈتۈن ۋۇجۇدى قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەندەك ئىللىق بىر سېزىم بىلەن تىترەپ كەتتى. ئۇ قولىغا كۆرپە ئاستىغا تىقىۋالغان قايچىنى ئالدى. قوللىرى يېنىك تىترەيتتى.كۆزلىرىدە ھاياتقا بولغان تەشنالىق، قىيالماسلىق، سېغىنىش ئەكس ئېتەتتى. ئۇ سەللا دىلغۇل بولسا ئۆزىنىڭ چىقارغان قارارىدىن يالتىيىپ قېلىشتىن قورقۇپ، تومۇرىغا قايچا ئۇردى. ئۇ شۇ ياتقانچە ئورنىدىن تۇرمىدى.
دەسلەپ دوختۇرلار، كېيىن ساقچىلار يېتىپ كەلگەندە، گۈلنارنىڭ ئۈزۈلگەن گۈرەن تومۇرىدىن ئوخچۇپ چىققان قان ئاللىبۇرۇن قېتىپ قالغان ئىدى.دوختۇرلار تارتما ئىچىدىن بىر پارچە خەتنى تاپتى. بۇ ۋەسىيەتنامە بولماستىن بىر قاتار ئەرلەرنىڭ تىزىملىگى بولۇپ ئاخىرىغا مۇنداق يېزىلغان ئىدى.
يۇقارقىلار مەندەك ئەخلاقسىز قىز بىلەن مۇناسىۋەت قىلغان ئەخلاقسىز ئەرلەرنىڭ تىزىملىگى. ئۇلارنىڭ ئەخلاقلىق ئاياللىرىغا ئەيدىز ( AIDS ) دىن ئىبارەت نىجىس كېسەلنى يۇقتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن، ھۈكۈمەت ئادەم تەشكىللەپ،تىزىملىك بۇيىچە دوختۇرخانىدا قان تەكشۈرتۈپ ئەيدىز ۋىرۇسى ( HIV ) بار-يوقلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىشىنى قاتتىق تەلەپ قىلىمەن.

ئەلۋىدا…

گۈلنار.

2009-يىل 24-يانۋار كۇچاردا يېزىلدى.

مەزكۇر ھېكايە بەرقى مۇنبىرىدىن ئېلىندى، تورغا يوللىغۇچى جاللات ئاكىمىزغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: قۇياشنى قايتا كۆرگۈم بار

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. PARHAT مۇنداق يازغان:

    خەيسەر خز ېكەن

  2. biparwa مۇنداق يازغان:

    ياخشى ھىكايە ئىككەن ئەمما بۇ قىز ھەقىقەتەن ئەقلاقسىز ئىكەن.

biparwa 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟