نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ئۇيغۇرلاردا تەگئات
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بىلگە تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرى كورىيىدە

1334- يىلى تۈزۈلگەن يۈەن دەۋرىدىكى مەشھۇر ئەدىب ئوۋياڭشۈەن ( 欧阳玄 ) نىڭ قەلىمىدىكى << گۇي جەي مەجمۇئەسى >> دېگەن ئەسەرگە كىرگۈزۈلگەن << قوچۇدىكى شى جەمەتى شەجەرىسى >> دەل بىلگە تۇنيۇقۇقنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ شەجەرىسى ( family history ) بولۇپ، مەزكۇر شەجەرىنىڭ باش قۇرلىرىدا : << شى جەمەتى ئۇيغۇرلاردىندۇر، تۇنيۇقۇق ئۇلارنىڭ ئەجدادىدۇر … >> دەپ خاتىرىلەنگەن. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنغان كىشى، يەنى تۇنيۇقۇق ئاشىد قەبىلىسىدىن بولۇپ، تۇرالاردىن كېلىپ چىققان. ئاشنا قەبىلىسى باش بولۇپ 552- يىلى تۈرك خانلىقىنى قۇرغاندا ئاشىد قەبىلىسى ئاشنالارغا يېقىندىن ھەمدەمدە بولغان. شۇڭا، ئاشىد قەبىلىسى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە چوڭ ئىمتىيازلىق غوللۇق قەبىلىگە ئايلانغان. 744- يىلى ئۇيغۇرلار تۈرك خانلىقىنى مۇنقەرز قىلغاندا، تۇنيۇقۇق جەمەتىنى يادرو قىلغان ئاشىد قەبىلىسى ئومۇمىيلىقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن تىركەشمەي ئۇلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن.
840 – يىلى ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرىز بولۇپ، ئورخۇن ۋادىسىدىكى خەلق غەربكە كۆچۈپ قوچۇدىكى قېرىنداشلىرىنىڭ قېشىغا كۆچكەندە، تۇنيۇقۇق جەمەتىنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ تەڭ كۆچۈپ قوچۇغا كەلگەن.
مەزكۇر << قوچۇدىكى شى جەمەتى شەجەرىسى >> دە: ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا جاھان تېنچ ئىكەن. تاڭ سۇلالىسى تيەنباۋ يىللىرىدا ئۆڭلۈك – سۆيگۈن توپىلىڭى يۈز بەرگەندە، تاڭ ئوردىسىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، ئۇيغۇر خانلىقى تۇنيۇقۇقنى قوشۇن باشلاپ، توپلاڭنى تېنجىتىشقا ئېۋەرتكەن. تۇنيۇقۇق 120 يىل ياشاپ، ئالەمدىن ئۆتكەن، دەپ يېزىلغان. تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرى يەنى شى جەمەتى قوچۇ ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە ئىزچىل يۇقىرى مەرتىۋىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن. كېيىن، چىڭگىزخان ( چىڭغۇزخان ) باش كۆتۈرۈپ، مۇڭغۇل ئىمپىرىيىسى قۇرۇلغاندا، شى جەمەتى ئەزالىرىمۇ مۇڭغۇل ئوردىسىدا خىزمەتتە بولغان. يۈەن دەۋرىدە ئۇلاردىن 47 نەپەر داڭدار كىشى يېتىشىپ چىققان. يۈەن سۇلالىسى ئاخىرلىشىپ، مىڭ دەۋرىگە كەلگەندە، يۈەن ئوردىسىدا خىزمەت قىلىشىغان شى جەمەتى ئەزالىرى كورىيىگە كۆچۈپ كېتىشكەن ۋە شۇ جايدا ئولتۇراقلىشىپ قالغان. مىڭ سۇلالىسى بىلەن كورىيىنىڭ سودا ئالاقىسىنىڭ ياخشىلىنىشى ۋە كۈچىيىشىگە تېگىشلىك ھەسسە قوشۇشقان. تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىدىن شى شۈن )楔逊( ئاتلىق داڭلىق ئەدىب يېتىشىپ چىققان ۋە خەنزۇ تىلىدا << يېڭى زىكىرنامە خاتىرلىرى >> ناملىق بىر ئەسەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن. بۈگۈنكى كۈندە شى شۈن كورىيە ئەدەبىياتىدا مۇھىم ئورۇن تۇتىدىغان ئەدىب قاتارىدا سانالماقتا.
ئوۋ ياڭشۈن ئەپەندى يازغان مەزكۇر << قوچۇدىكى شى جەمەتى شەجەرىسى>> دە، بۇ جەمەتنىڭ 500 – 600 يىللىق تارىخى قىسقا، ئىخچام ، مېغىزلىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، بىز بۇ شەجەرىدىن تۆۋەندىكىدەك يەكۈنلەرگە ئېرىشەلىشىمىز مۇمكىن.

1. ئۇيغۇرلاردا نەسەبنامە ( family history ) يېزىپ قالدۇرۇش، ئەۋلادتىن – ئەۋلادقا داۋاملاشتۇرۇش ئەنئەنىسى بولغان.
2. نەسەبنامە ( family history ) بىزگە شۇ نەسەبكە تەئەللۇق جەمەت كىشىلىرنىڭ تارىخي كەچمىشلىرى ۋە قىسمەتلىرىدىن ئۇچۇر بېرىپ قالماستىن، شۇ جەمەت ئەزالىرى ياشىغان ھەرقايسى دەۋرلەرنىڭ تارىخي ۋەزىيىتى ، چوڭ ۋەقە – ھادىسىلەر ھەققىدىمۇ قىممەتلىك يىپ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئىېتىدۇ.
3. تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىنىڭ ئەۋلادمۇ – ئەۋلاد يىلتىزىنى يۈتتۈرۈپ قويماي گۈللەپ ياشنىشىدا ئۇلاردا جەمەت نەسەبنامىسى ياكى شەجەرىسى ( family history ) يېزىپ قالدۇرۇش ئېسىل ئەنئەنىسى بولغاندىن سىرىت، مۇھىمراقى ئۇلار شى دىن ئىبارەت بىر تەگئاتنىڭ ئاستىغا ئۇيۇشقان. دېمەك تەگئات ( Last name ) بىزگە ئەنە شۇنداق ئەجدادنى ئەۋلادقا ئۇلايدىغان ئۈزۈلمەس يىلتىز بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.
ئەگەر ئۇلار شى تەگئاتى ئاستىغا ئۇيۇشۇپ، شى جەمەتىنىڭ شەجەرىسىنى يېزىپ قالدۇرمىغاندا ئىدى، بۈگۈنكى زامان كىشىلىرى تۇنيۇقۇقنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۇنڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئىشلاردا قايمۇققان، خاتا ھۆكۈم قىلىشقان بولاتتى. خۇلاسە، تەگئات ( Last name ) بىزنىڭ كىملىكىمىزگە ئۇرۇلغان ئۆچمەس مۆھۈردۇر. جەمەت شەجەرىسى ( family history ) كىملىكىمىز، تارىخي قىسمەتلىرىمىز پۈتۈلگەن مۇھىم تارىخي ھۆججەتتۇر. شۇڭا، ئائىلە نەسەبنامىسى يېزىپ قالدۇرۇشقا سەل قارىماسلىق، ئۇيغۇرلارنىڭ تەگئاتلىق بولۇش يولىدا بوشاشماسلىق لازىم.

قوشۇمچە ماتېرىيال:
[align=center][color=Blue]
ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئۇيغۇر دىپلوماتلىرى كورىيىدە[/color]

غەيرەتجان ئوسمان[/align]

ئوتتۇرا ئەسىردە ئۇيغۇرلاردىن بىرقانچە مەشھۇر دىپلوماتلار يېتىشىپ چىققان، شەرق-غەرب مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا كۆرۈنەرلىك ھەسسە قوشقان.بۇنىڭ ئىچىدە كورېيە بىلەن جۇڭگونىڭ مەدەنىيەت ئالاقىسىگە ھەسسە قوشقانلاردىن شې سۈن 偰逊، شې چاڭشوۋ 偰长寿 ، شېسى偰斯 قاتارلىقلارنىڭ خىزمەتلىرى ئالاھىدە بولۇپ، ئەسلەشكە تېگىشلىك.
بۇ ئۈچ زات تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىدىن بولۇپ، بۇ يەردە ئالدى بىلەن ئۇلارنىڭ نەسەب تارىخى توغرۇلۇق توختىلىمىز.
تونيۇقۇق تۈرك خانلىقى دەرۋىدە ئۆتكەن داڭلىق ھەربىي سەركەردە، سىياسىيون بولۇپ، ئاشىد قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان. ئاشىد قەبىلىسى تۈرك خانلىقى دەۋرىدە خان جەمەتى قەبىلىسىدىن ھېسابلانغان ئاشنا قەبىلىسىدىن كېيىنلا تۇرىدىغان ئىككى يېتەكچى قەبىلىنىڭ بىرى ئىدى، شۇنداقلا بۇ قەبىلە قەدىمكى دىڭلىڭلار بىلەن بىۋاسىتە قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولغان قەبىلە ئىدى. ئۇ ئاشنا قەبىلىسى بىلەن قۇدا-باجىلىق مۇناسىۋەتتە بولغان.
تۇنيۇقۇق كىچىكىدىن زېرەك، ئەقىللىق، جەسۇر يىگىت بولۇپ ئۆسكەن، شۇنداقلا ھۆكۈمرانلار تەبىقىسىنىڭ مۇھىم بىر ئەزاسى بولۇپ، بىلگە تۇنيۇقۇق دەپ ئاتالغان. ئۆسمۈرلەر چاغلىرىدا ئۆز زامانىسىنىڭ دپلوماتىيە قائىدىسىگەئاساسەن تاڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا تۇرۇپ، تەربىيىلەنگەن ھەم ئاشنايۈەنجېن阿史那元珍 دېگەن خەنزۇچە ئىسىمنى قوللانغان. (لېكىن، بەزىلەرتۇنيۇقۇق بىلەن ئاشنا يۈەنجېننى ئايرىم-ئايرىم ئىككى ئادەم دەپمۇقارايدۇ.) تۈرك خانلىقى ئوردىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن دەسلەپتە ئاپاتارقان كېيىن بويلا باغاتارقان… دېگەن مەنسەپكە مۇشەررەپ بولغان. تۇنيۇقۇق يىراقنى كۆرەر ئەرباب بولۇپ، ياش چاغلىرىدا ھەربىي ۋە سىياسىي ئىشلارغا قىزغىن ئىشتىراك قىلغان. «تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشى»نىڭ 6- قۇرىدا بۇ توغرۇلۇق مۇنداق مەلۇمات قالدۇرۇلغان: «مەن ئۇنى (قۇتلۇقنى) خاقان بولۇشقا دەۋەت قىلدىم. مەنكى بىلگە بويلاباغان تارقان… ئېلتېرىش خاقان بىلەن بىرلىكتە جەنۇبتا تابغاچلاردىن، شەرقتە قىتانلاردىن، شىمالدا ئوغۇزلاردىن كۆپ ئۆلتۈردۇق، (شۇ چاغدىمۇ) لەشكەرلەر باشلىقى، ئەقىلدارى مەنلا ئىدىم»،51-52- قۇردا بولسا «قاپاغان قاغان 27 ياش ۋاقتىمدا مەن قاپاغان خاقانغاياردەملىشىپ، ئۇنى تەختتە ئولتۇرغۇزدۇم. تۈنلىرى خاتىرجەم ئۇخلىيالمىدىم، كۈندۈزى خاتىرجەم ئولتۇرالمىدىم، قىزىل قانلىرىمنى تۆكتۈم، قاراتەرلىرىمنى ئاقتۇردۇم، مەن دۆلەت ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچۈمنى قوشتۇم.» تونيۇقۇق غەربىي تۈرك خانلىقىنىڭ خاقانى ئېلتېرىشى (691-؟) قاغاننىڭ قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، تۈرك خانلىقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىگە ھەمدەمدە بولغان ۋەئۇنىڭ سەلتەنەت دەۋرى (683-691- يىللار) دىن تارتىپ قاپاغان قاغان (716-؟)نىڭ سەلتەنەت دەۋرى (691-716)، بىلگە قاغان (684-734) نىڭ سەلتەنەت دەۋرى(716-734) گىچە بولغان تۈركلەرنىڭ ئۈچ خاقانىغا باش ۋەزىر بولغان.
تۈرك خانلىقى مىلادىيە 552- يىلى تۈمەن خاقانىنىڭ سەلتەنەت تەختىگە چىققانلىقىنى بەلگە قىلغان ھالدا بىر مەزگىللىك بۆلۈنۈشنى ھېسابقا ئالمىغاندا 744- يىلىغىچە مەۋجۇد بولغان. مىلادىيە 741 — 742- يىللىرى مەزگىلىگە كەلگەندە، ئۇيغۇرلار باسمىل ۋە قارلۇقلار بىلەن بىرلىشىپ،ئۆزلىرىنى ئوڭ-سول يابغۇ دەپ ئاتاپ، كېيىنكى تۈرك خانلىقىنىڭ قاغانى ئۈزمىش قاغاننى ئۆلتۈرۈپ، باسمىللارنىڭ ئاقساقىلىنى «ئېلتېرىش قاغان»قىلىپ تىكىلگەن، بۇنىڭ بىلەن مىلادىيە 744- يىلى 8- ئايغا كەلگەندە،«بايانچۇر قاغان مەڭگۈ تېشى» بىلەن «تېرخىن مەڭگۈ تېشى» دا كۆرسىتىلگەندەك كۆل بويلا ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلئېتمىش (بايانچۇر) قاغانلارنىڭ تىرىشىشى ئارقىسىدا ۋۇجۇدقا كەلگەن ئۈچىنچى ئۇيغۇر ئېلى — ئورقۇن ئۇيغۇر خانلىقى ۋۇجۇدقا كەلگەن. ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن ئۇيغۇرلار تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرىنى ئۆزلىرىگە قوشۇۋالغان. بۇنىڭ ئىچىدە، تۇنيوقۇق جەمەتى مەنسۇپ بولغان ئاشىد قەبىلىسىدىكىلەر ۋەزىرلىك ئىمتىيازىغا ئىگە قەبىلە بولۇپ، ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىن، ياغلاقار قەبىلىسىدىن چىققان خانلار ئەنئەنىۋى تۈركىي مەدەنىيەتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن، ئاشىد قەبىلىسىنىڭ ۋەزىرلىك مەنسىپىگە ئولتۇغۇزۇشنى قارارلاشتۇرغان. بۇ خىل مۇھىم قائىدە ئۇلۇغ سەركەردە ۋە قابىل ۋەزىر تۇنيۇقۇقنىڭ بىر ئەسىرگە يېقىن تىللاردا داستان بولغۇدەك قەھرىمانلىقلارنى كۆرسىتىپ، تۈركىي تىللىق خەلقلەرنىڭ يۈكسەك ھۆرمىتىگە ئېرىشكەنلىكى بىلەن تېخىمۇ مۇستەھكەملەنگەن.ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىكى تۇنيوقۇقنىڭ ئۆلگەن ياكى ھايات ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ماتېرىيال يوق. خەنزۇچە تارىخنامىلەرنىڭ بىرىدە 80ياشلارغا كىرىپ ئۆلگەن دېيىلسە، يەنە بىرىدە 120 ياشلارغا كىرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن دېيىلگەن. لېكىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندىن كېيىنكى بىرقانچە ئون يىل ئىچىدە ھايات ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان ماتېرىياللارمۇ بار. ئاشۇلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا، تۇنيوقۇق تۈركلەرنىڭ پىتىراپ كەتكەن بەزى قەبىلىلىرى بىلەن شەرق ۋە غەرب تەرەپكە كەتمەي ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئارىسىدا قالغان، شۇنداقلا خانلىقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇش، قەبىلىلىرىنى تىنچلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇيغۇر خاقانى يولغا قويغان سىياسەتكە ئاساسەن تۇنيوقۇق خانلىق ئوردىسىدا مۇھىم خىزمەتكەتەيىنلەنگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن مۇئەللىپ ئوۋ ياڭشۈەن يازغان«قوچولۇق شې جەمەتىدىكىلەرنىڭ تەرجىمىھالى»高昌偰氏家传 ناملىق كىتابتا شۇنىڭدىن باشلاپ «تۇنيوقۇقنىڭ ئوغۇل نەۋرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىرلىرىبولغان» دېيىلگەن. تاڭ سۇلالىسىنىڭ تيەنباۋ يىللىرىدا (742 — 756- يىللار)مەركىزىي جۇڭگو رايونىدا «ئەنلۇشەن — شىسىمىڭ (ئۆڭلۈك-سۆيگۈن) توپىلىڭى» يۈز بېرىپ، پايتەخت لوياڭ توپىلاڭچى قوشۇنىنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتكەن.ئۇيغۇر خانلىقى تەكلىپكە بىنائەن ئاتلىق قوشۇننى ياردەمگە ئەۋەتكەن،قوشۇننىڭ قوماندانى تۇنيوقۇق بىلەن ئۇيغۇر خانىنىڭ شاھزادىسى بولغان.توپىلاڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بېسىقتۇرۇلغاندىن كېيىن تۇنيوقۇققا «ئۇستاز ۋە ئەلەمگە سادىق بەگ» (ۋاڭ)大师忠武دېگەن شەرەپلىك نام بېرىلىپ،«ئەمىرمىمار»司空 دېگەن پەخرى ئەمەل بېرىلگەن. بۇ ئىشلار 756- يىللىرى بولغان. تۇنيوقۇقنىڭ 120 ياشقا كىرىپ ئالەمدىن ئۆتكەن دېگەن بايانى ئوۋياڭشۇەننىڭ كىتابىدا ئۇچرايدۇ. بىر قاتار ئەھۋاللارغا ئاساسەن تۇنيوقۇقنىڭ ياشىغان يىللىرىنى مىلادىيە 688 — 780- يىللىرى دەپ پەرەزقىلىشقا بولىدۇ.
مىلادىيە IX ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا كەلگەندە ئۇيغۇر خانلىقى مۇنقەرزبولۇپ، قالدۇق قەبىلىلەر 3 — 4- تارماققا بۆلۈنۈپ شەرق، جەنۇب ۋە غەربكە كۆچكەن. ئەينى زاماندا ئۇيغۇرلارغا قېتىلىپ كەتكەن تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرى باشقا ئۇيغۇر قەبىلىلىرى بىلەن بىرلىكتە بىر تارماققا ئەگىشىپ، قوچورايونىغا كەلگەن، بۇلار كېيىنچە قوچو ئۇيغۇرلىرى ياكى غەربىي ئايماق ئۇيغۇرلىرى دەپ ئاتالغان. XIII ئەسىردە قوچو ئۇيغۇرلىرى غەربىي قىتانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا ئۆتكەن، شۇنداقلا تۇنيوقۇق ئەۋلادى بولغان كېجىپۇر克直普尔 بەلگىلىمىگە ئاساسەن خانلىق ۋەزىرى بولغان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە قەدەر، بۇ خىل خىزمەتنى ئىزچىل يوسۇندا تۇنيوقۇق جەمەتىنىڭ ئەزالىرى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ كەلگەن.
يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە تۇنيوقۇق جەمەتى خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزلىرىگە خەنزۇ تىلىغا خاس فامىلە ( family name ،تەگئات ) قوللانغان. ئەمما، بۇخىل فامىلە ( family name ،تەگئات ) يەنىلا تۇنيوقۇق جەمەتىنىڭ ئىجتىمائىي تارىخىي ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ئاساسىدا ئىشلىتىلگەن.
تۇنيوقۇق سەلتەنەت سۈرگەن يىللاردا تۈركلەرنىڭ ئاساسلىق قەبىلىلىرى ئۆتۈكەن تېغىنى ئاستانە، ئورقۇن، سېلىنگا دەريا ۋادىلىرىنى مەركىزىي ئۆلكەقىلغان. تۈركلەرنىڭ نەزىرىدە ئورقۇن ۋە سېلىنگا دەريالىرى ئۆتۈكەن تېغىغا ئوخشاشلا ئۇلۇغ ھەم مۇقەددەس ھېسابلانغان. خەنزۇ تىلىدا سېلىنگا دەرياسىنى«شېليەنجې خې — 偰辇杰河»دەپ ئاتىغان بولۇپ، يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرى ئۇلۇغ بوۋىسى تۇنيوقۇقنىڭ كىندىك قېنى تۆكۈلگەن ۋە ھايات پەيزىنى سۈرگەن ئورۇن سېلىنگا دەرياسى ساھىلىغا بولغان چوڭقۇرمېھىر-مۇھەببىتىنى، يەنى ئەجدادىنىڭ يۇرتىغا بولغان چەكسىز سېغىنىشىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن، خەنزۇچە دەريا نامىنىڭ بىرىنچى سۆزى «شې-偰» » نى ئۆزلىرىنىڭ تارىخىي فامىلىسى قىلىپ تاللىغان ھەم تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرى شۇنىڭدىن باشلاپ «شې جەمەتى-偰氏» » ياكى «سېلىنگالىقلار» دەپ ئاتىلىدىغان بولغان.
چىڭگىزخان باش كۆتۈرۈپ چىققان زامانلاردا قوچو ئۇيغۇر ئىدىقۇتى بارچۇقئارتتېگىن چىڭگىزخانغا بەيئەت قىلغان. چىڭگىزخان ئۇنىڭ بۇ خىل يىراقنى كۆرەر جاسارىتىدىن چەكسىز سۆيۈنۈپ، ئۆزىنىڭ بەشىنچى ئوغلى دەپ تونۇغان ھەمقىزى ئەلئالتۇننى ئۇنىڭغا ياتلىق قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرۇغان. چىڭگىزخان غەربكە يۈرۈش قىلىش ئۈچۈن تەڭرىتاغلىرىنىڭ شىمالىدىن ئۆتكەندە، بارچۇقئارتتېگىن 10 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى باشلاپ موڭغۇل قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىكتەغەربكە يۈرۈش قىلىپ، ئىران ئېگىزلىكىگىچە قەدەم باسقان. چىڭگىزخان زەپەرقۇچۇپ ئۆز ئۇلۇسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئوغۇللىرىغا ئۆزى پەتىھ قىلغان زېمىنلارنى بۆلۈپ بەرگەن. چىڭگىزخاننىڭ نەۋرىسى قۇبلايخان مەركىزىي جۇڭگو رايونىدا يۈەن سۇلالىسىنى قۇرۇپ، خانبالىق (ھازىرقى بېيجىڭ) نى پايتەخت قىلىپ بېكىتكەن.
چىڭگىزخانغا ئەگەشكەن ئۇيغۇر قوشۇنلىرى ۋە باشقا مەمۇرىي ئەمەلدارلارئىچىدە تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرىمۇ خېلى كۆپ بولغان. چىڭگىزخان موڭغۇل ئوردىسىدا مۇھىم خىزمەتلەرنى بېجىرىۋاتقان ئۇيغۇرلارنى شاھزادىلىرىنىڭ ئوردىلىرىغا تەقسىملەپ ئۇلارنىڭ ئىشلىرىغا ياردەملەشتۈرگەن. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قاتار ئاقسۆڭەك جەمەتىدىكىلەرگە ئوخشاش،تۇنيوقۇق جەمەتى سېلىنگالىقلارنىڭ نوپۇزى يۇقىرى، تۆھپىلىرى كۆرۈنەرلىك،جەمەت قۇرۇلمىسى مۇستەھكەم بولغان. ئوۋياڭشۈەن ئۇلارنىڭ كارامەت نەتىجىلىرى ۋە ئىناۋەت قۇچقان تۆھپىلىرىدىن سۆيۈنۈپ، ئۇزۇن يىل ماتېرىيالتوپلاش ئارقىلىق « قوچۇدىكى شى جەمەتى تەرجىمھالى » ناملىق كىتابنى يېزىپ چىقىپ، تۇنيوقۇق ئەۋلادلىرىنىڭ 500 يىللىق جەمەت تارىخىنى خاتىرىلىگەن.
تۇنيوقۇق ئاشىد قەبىلىسىدىن كېلىپ چىققان، بۇ قەبىلە ئۇيغۇرلارنىڭ بىۋاسىتە ئەجدادى بولغان دىڭلىڭلار بىلەن قانداشلىق مۇناسىۋىتى بولسىمۇ،لېكىن تۈرك خانلىقى دەۋرىگە كەلگەندە تۈركلەرنىڭ ھۆكۈمران قەبىلىلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە ياشاپ كەلگەن، ئۇيغۇر خانلىقى قۇرۇلغاندا تۇنيوقۇق رېئاللىقنى ئاساس قىلىپ، يىراقلاردا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ يۈرگەندىن كۆرە، زور بىر تۈركۈم تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى كاپالەتكەئىگە قىلىش ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، ئۆزىنىڭ دانىشمەنلىكىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ، تۇنيوقۇق جەمەتى ۋە ئۇيغۇرلارغا ئەل بولغان بىر قاتار تۈركىي قەبىلىلەر تەدرىجىي يوسۇندا «ئۇيغۇر» مىللىتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش مۇساپىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك يوسۇندا باسقان. يۈەن سۇلالىسى دەۋرىگىچە بولغان 500 يىللىق تارىخ ئىچىدە، سېپى ئۆزىدىن ئۇيغۇر بولۇپ كەتكەن. يۈەن دەۋرىدە ئۆتكەن مۇئەللىپ خۇاڭ جىن«ۋەي ئايمىقىلىق خانىم ئۇيغۇر جەمەتىدىكىلەرنىڭ قەبرە تېشى»魏郡局夫人韦吾氏墓志铭黄缙) ) دا «شې جەمەتى ئەسلىي تۈركلەرنىڭ ئاقسۆكەڭلىرىدىن بولۇپ،تاڭ سۇلالىسىدىن تارتىپ ئۇيغۇرلارنىڭ باش ۋەزىرى بولۇپ كەلگەن، ئۇلارنىڭ ئەجدادى تۇنيوقۇقتۇر» دەپ يازغان بولسا، ئوۋياڭشۇەن «<< قوچۇدىكى شى جەمەتى تەرجىمھالى » دا « شې جەمەتى ئۇيغۇرلاردىندۇر، ئۇلارنىڭ ئەجدادى تۇنيوقۇق دەپ ئاتىلىدۇ » دەپ يازغان.
يۈەن سۇلالىسى دەۋرى شې جەمەتى (سېلىنگالىقلار) دىكىلەرنىڭ تازا روناق تاپقان دەۋرى بولغان. بۇ جەمەتتىن كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نۇرغۇن ئەربابلار يېتىشىپ چىققان. موڭغۇللار (ياكى يۈەن سۇلالىسى) ھۆكۈمرانلىق قىلغان ھەم مۇنقەرز بولغۇچە بولغان جەرياندا شې جەمەتىنىڭ بىر تارمىقى شەرقتىكى گاۋلى(كورېيە) پادىشاھلىقىغا بېرىپ، قوچو بېگى مەنسىپىنى قوبۇل قىلغان؛ يەنەبىر تارمىقى مىڭ سۇلالىسىنىڭ ئەمەلدارلىقىغا ئۆستۈرۈلۈپ، مىڭ سۇلالىسىنىڭ تەيزۇخانى جۇيەنجاڭنىڭ دىۋان بەگلىرىدىن بولغان. 500-600 يىل ئىچىدە،شەرقتىن-غەربكە، يەنە غەربتىن سۈرۈلۈپ، مەركىزىي جۇڭگو رايونىغا كېلىپ ئولتۇراقلاشقان، بىر قىسمى كورېيە (گاۋلى) پۇقراسى بولۇپ قالغان.
قوچولۇق شې جەمەتىدىن موڭغۇل (يۈەن سۇلالىسى) لارغا قوشۇلغان بىرىنچى ئەۋلاد بولسا يۈرۈڭ تۆمۈردۇر. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى»元史) ) نىڭ تەرجىمىھاللار بابىنىڭ 124- قىسمىدا «قوچودىكى شې جەمەتىدىكىلەرنىڭ تەرجىمىھالى» دىن ئۈزۈپ ئېلىنغان پارچە بار. ئۇنىڭ مۇقەددىمىسىدە «يۈرۈڭتۆمۈر ئۇيغۇرلاردۇر، ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ۋەزىرى تۇنيوقۇقنىڭ پۇشتى»دېيىلگەن. يۈرۈڭ تۆمۈرنىڭ ئاكىسى 16 يېشىدا خانلىقنىڭ ۋەزىرلىك خىزمىتىگە ۋارىسلىق قىلغان ۋە «تارقان» لىق ۋەزىپىسىگە تەيىنلەنگەن. ئۇ ئۇيغۇر خانىغا تەدبىر كۆرسىتىپ، غەربىي قىتانلارنىڭ «مۇپەتتىش نازارەتچىسى» نى ئۆلتۈرۈپ، موڭغۇللارغا بەيئەت قىلىشقا يول ئاچقان. «ئۇيغۇر خەتتاتلىقىنىڭ ئۇستىسى» يۈرۈڭ تۆمۈر 15 يېشىدىلا چىڭگىزخانغا ئەگىشىپ جەڭ قىلغان،ئۇرۇشتا تۆھپە قوشقانسېرى تارتۇقلىنىشقا سازاۋەر بولغان. يۈرۈڭ تۆمۈر(1196 — 1262) نىڭ 10 ئوغلى بولغان. سەككىزىنچى ئوغلى قارا بۇقا ئىلىم ساھەسىدە داڭقى چىققان. «يۈەن سۇلالىسى تارىخى« نىڭ 193- جىلدىدا ئۇنىڭغامەخسۇس تەرجىمىھال تۇرغۇزۇلغان. قارا بۇقا زامانىسىدىن باشلاپ، شې جەمەتى خەنزۇ مەدەنىيىتىنىڭ كۇڭزىچىلىق دەستۇرلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.
قارا بۇقىنىڭ شې ۋىنچى، يۇلۇنچى دېگەن ئىككى ئوغلى بولغان. شې ۋىنچىدىن باشلاپ يۈرۈڭ تۆمۈرنىڭ ئەۋلادلىرى «شې» دېگەن خېتىنى ئۆز جەمەتىنىڭ فامىلىسى قىلغان. شې ۋىنچىنىڭ شې يۈلى، شې جىجيەن، شې جىدۇ، شې جاۋۋۇ، شېلىچى دېگەن بەش ئوغلى بولغان. «ھەممىسى تەشرىپدار 进士 بولغان»،«ئەدەبىيات، سىياسىي ئىشلاردا نامى چىققان» («يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، 193-جىلد). شې ۋىنچىنىڭ بۇ بەش ئوغلىدىن باشقا، يۇلۇنچىنىڭ ئوغلى شې شەنجۇ، شېشەنجۇنىڭ ئوغلى جېڭ زوڭ، ئارسلان؛ شې جىدۇنىڭ ئوغلى شې سۈن ئىلگىرى-كېيىنتەشرىپدار بولغان، «بىر ئىشىكتىن چىققان ئىككى ئەۋلادتىن جەمئىي توققۇز تەشرىپدار چىققان، ئۆز زامانسىدا شەرەپ قۇچقان » (چېن يۈەن «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى غەربىي يۇرتلۇقلارنىڭ خەنزۇلىشىشى ھەققىدە تەتقىقات»، 2- جىلد)،«بىر ئىشىكتە نەسەب تارتىپ ئىلىم-پەن گۈللەنگەن. ئەينى چاغدا بۇنداق ئىش ئاز كۆرۈلگەن» («يۈەن سۇلالىسى تارىخى»، 193- جىلد).
شې يۈلى بىلەن شې جىدۇ يۈەن سۇلالىسىنىڭ شېئىرىيەت تارىخىدا نامى بار غەربىي يۇرتلۇق شائىرلاردىن، شې جىدۇنىڭ ئوغلى شې سۈننىڭ تارىخى تولىمۇ قىزىقارلىق.
شې سۈننىڭ ئەسلى ئىسمى شې بەيلياۋسۈن (ياكى باي لياۋسۈن) بولۇپ، شېبەيلياۋ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، تەخەللۇسى گۇڭيۈەن. ئۇ 1318 — 1360- يىللىرىياشىغان. شې سۈن ئانا تەرەپتىنمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مۆتىۋەر ۋە ئوقۇمۇشلۇق جەمەتى بىلەن چېتىشلىقى بار بولۇپ، ئۇ بالىلىق چاغلىرىدىن باشلاپلا ئاتاجەمەت ۋە ئانا جەمەتنىڭ قويۇق تەسىرىگە ئۇچرىغان. 1335- يىلى شې سۈن 17ياشقا كىرگەن يىلى دادىسىدىن ئايرىلىپ، گۇاڭدۇڭدىن لياڭ ناھىيىسى (جياڭسۇئۆلكىسىنىڭ لياڭ ناھىيىسى) گە بېرىپ ئولتۇراقلاشقان، ئۇنىڭ ياشلىق مەزگىلىمۇ شۇ يەردە ئۆتكەن، شې سۈن لياڭنى مەركەز قىلىپ، جىنلىڭ، چاڭجۇ،جياڭياڭ، جياڭنىڭ قاتارلىق چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبىي رايونىدىكى نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەر بىلەن ئۇچرىشىپ، مۇشائىرىلەر ئوقۇشۇپ، بەس-مۇنازىرىلەرقىلىشىپ، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىلىم-مۇتالىئە قىلغان.
مىلادىيە 1345- يىلى شې سۈن 27 ياشقا كىرگەندە، خانبالىققا بېرىپ تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ، ئىككىنچى دەرىجىدىن ئۆتكەن.دارىلئۇلۇمىنىڭ پۈتۈكچىسى بولغان. چىڭ شىلاڭ دورغان مەھكىمىسىنىڭ يارلىقىغا ئاساسەن دۆلەت تارىخ مەھكىمىسىنىڭ مۇئەررىخى بولغان. 1349-يىلىنىڭ ئالدى-كەينىدە، پەرمان مەھكىمىسىنىڭ زالىم ھەكەملىكىگەتەيىنلەنگەن. كېيىن يەنە دۇەن بىنتاڭ مەھكىمىسىنىڭ خەت تۈزەتكۈچى ئەمەلدارى بولۇپ، مەخسۇس شاھزادىلەرگە نوم دەستۇرلىرىدىن تەلىم بەرگەن، بۇچاغدا گاۋلى (كورېيە) دىن كەلگەن گوڭ مىنۋاڭ بىلەن دوستلۇق ئورناتقان.كېيىنچە ۋەزىر خاما نىزا پەيدا قىلغانلىقى ئۈچۈن، چياڭجۇۋدا تۇتقۇن قىلىنغان. بىر مەزگىلدىن كېيىن بەشبالىققا قايتىپ كەلگەن. 1358- يىلى شېسۈن 40 ياشقا كىرگەن، بۇ چاغدا ئۇلۇغ بوۋىسى ئالەمدىن ئۆتكەچكە كۇبېيكودىن ئۆتۈپ، يىڭچىڭ شەھىرى ئارقىلىق دانىڭ (بۈگۈنكى خېبىي ئۆلكىسىنىڭ پىڭچۇەن ناھىيىسى) غا كەتكەن. شۇ يىلى 12- ئايدا قىزىل ياغلىقلار توپىلىڭى دانىڭنى قاپلاپ كەتكەن. ئۇ پەرزەنتلىرىنى ئېلىپ يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتۈپ،كورېيىگە بارغان ھەم سۇڭجىڭ شەھىرىدە تۇرغان. دۈەن بىنتاڭ مەھكىمىسىدىكى چىغىدا گوڭ مىنۋاڭ بىلەن قەدىناس بۇرادەرلەردىن بولۇپ قالغاچقا، ئۇنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا سازاۋەر بولغان. 1360- يىلى 8- ئايدا قوچو بېگى دېگەن نام تارتۇق قىلىنغان. ئۇزۇن ئۆتمەي فۇيۈەن بېگى نامى بېرىلگەن ھەم ئاشلىق بىلەن تەمىنلەش ئىمتىيازىغا ئېرىشكەن. شۇ يىلى 11- ئايدا سوڭجىڭ松京) ) شەھىرىدىكى دىيەنمۇدوڭ ئىبادەتخانىسىدا 42 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. ئايالىنىڭ ئىسمى جاۋشى بولۇپ، ئۇلاردىن چاڭ شوۋ، يەن شوۋ، فوشوۋ،چىڭ شوۋ، جىئەن شوۋ دېگەن 5 ئوغۇل، 3 قىزى قالغان.
شې سۈن ئىستېداتلىق مۇئەللىپ ئىدى. ئۇنىڭ ئەسەرلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى چاڭ شوۋ (شې چاڭشوۋ)، لى سىلارنىڭ «چىڭ جوۋلۇق شې جەمەتىدىكى دانىشمەنلەرنىڭ خاتىرىسى» («床州契氏诸贤实记») دىن ئېلىپ رەتلىگەن. شېسۈن جۇڭگودىكى چېغىدىلا يازغان شېئىرلىرىنى 13 جىلد، يەتتە دەپتەر(توپلام) قىلىپ تەييارلاپ قويغان. بۇ شېئىرلار توپلىمى 1358- يىلى دانىڭداتۇتقۇنلۇقتا تۇرغان ۋاقتىدا، قىزىل ياغلىقلارنىڭ مالىمانچىلىقى بىلەنيوقىلىپ كەتكەن. كورېيىنىڭ سوڭجىڭ شەھىرىگە بارغاندىن كېيىن ساقلىنىپقالغان ئەسەرلىرى ئاساسىدا يېڭىۋاشتىن بىر پارچە ئەسەرلەر توپلىمىنىئىشلەپ چىققان ھەم ئۇنىڭغا «يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى»近思斋逸稿» » دەپ ئىسىم قويغان. بۇ ئىككى جىلد ئىككى قىسىم بولۇپ، 700 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر كىرگۈزۈلگەن.
شېڭ چاڭشوۋنىڭ كىرىش سۆزىدە ئېيتىلىشىچە «يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى» نىڭ ئىككى قىسمىنى شې سۈننىڭ ساقلىنىپ قالغان ئەسەرلىرى ئاساسىدا رەتلەپ چىققان. ئەمما، شېئىرىي ئەسەرلەرنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن شېئىرلار 700پارچىدىن ئاشقان. بۇنىڭدىن شې سۈننىڭ ئۆزىنىڭلا ئەمگىكىگە تايىنىپ مۇنداقبىر توپلامنى تۈزۈپ بولغىلى بولمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.لى سىنىڭ خاتىرىسىدىكى ئۇسلۇبقا ئاساسەن ئالىملار شې سۈن چوقۇم شې سى، شېگوڭسۇ قاتارلىق ئىنىلىرىنىڭ مۇئەييەن ياردىمىگە ئېرىشكەن، دەپ ھېسابلىغان.
كورېيە ئالىمى پۇ شەنگۈي «ئۇيغۇر شې سۈننىڭ ‹يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى›نىڭ بايقىلىشى، تەھلىلى» ناملىق ماقالىسىدە شې سۈننىڭ تارىخىي ئورنى توغرۇلۇق توختىلىپ مۇنداق يازغان:
شې سۈننىڭ «يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى» ئۇنىڭ يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە يازغان شېئىرلىرى ئاساسىدا تۈزۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭغا يەنە گاۋلى(كورېيە) نى ئوبيېكت قىلغان ئەسەرلىرى ۋە يالۇجياڭ دەرياسىدىن ئۆتكەندىن كېيىنكى ئەسەرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. شۇنداقلا بۇ ئەسەرلەر توپلىمى پۈتۈنلەي چاۋشيەن يېرىم ئارىلىدا تۈزۈلۈپ ئاندىن تارقالغان. مۇبادا بىز شېسۈن گاۋلى شېئىرىيەت مۇنبىرىنىڭ بىر ئەزاسى ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت ئەمەلىي ئەھۋال بويىچە ئويلىنىپ سۆزلىسەك، «يېڭى زىكىرنامە خاتىرىلىرى» نى گاۋلى ھۆججەتلىرى كاتېگورىيىسىگە مەنسۇپ قىلساق مەنتىقىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان ھېچ يېرى يوق. «گاۋلى تارىخى»高丽史 نىڭ 120- جىلدىغا «شې سۈننىڭ تەرجىمىھالى» تاللاپ كىرگۈزۈلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە گاۋلىلىق،چاۋشيەنلىك ئالىملار ئۇنىڭ ئەسەرلىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ، تەقرىزلەر يېزىشقان. «شەرق ئەسەرلىرىدىن تاللانما» 东文选، «چىڭ چيۇ مەنزىرىلىرى نەزمىسى» 青丘风雅، «جى نەزمىلىرى»箕雅 قاتارلىق كىتابلارغا شې سۈننىڭ ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. شائىر جۇيىزۇن «مىڭ سۇلالىسى شېئىرلىرى»明诗综 نى تۈزگەن چاغدا، 95- جىلددىكى «گاۋلى» ماۋزۇسى ئاستىدا شې سۈننى جىڭ مىڭجۇۋ،لى سى قاتارلىق گاۋلىلىق ئەدىبلەر بىلەن بىرلىكتە تۈزگەن ئەسەرلىرىنى تاللاپ كىرگۈزگەن[100].
شې سۈن چەت ئەلدە مۇساپىر بولۇپ تۇرغان يىللاردا ۋەتىنىنى چەكسىز سېغىنغانھەم ھېكمەت-پاساھەتكە تولغان بىر قاتار نەزمىلىرىدە ئۆزىنىڭ چوڭقۇرسېغىنىش ھېسسىياتىنى ئىپادىلىگەن. شې سۈن كورېيە ئەدەبىياتىدىلا بىركىشىلىك ئورۇنغا ئىگە بولۇپ قالماستىن، بەلكى جۇڭگو ئەدەبىياتىدىمۇتېگىشلىك ئورنى بولغان[102]. ئۇيغۇر مىللىتىدىن يېتىشىپ چىققان بۇمەدەنىيەت ۋە دوستلۇق ئەلچىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخىدا مۇناسىپئورۇندا تۇرۇشى ئەجدادلىرىنىڭ ھەققانىي ئارزۇسىنىڭ رېئاللىققا ئايلىنىشىبولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شې چاڭشوۋ (1340 — 1399) شې سۈننىڭ چوڭ ئوغلى بولۇپ، تەخەللۇسى تيەن مىڭ.1358- يىلى دادىسىغا ئەگىشىپ، گاۋلىغا بېرىپ، چىڭ شۈن مەھكىمىسىدە تىلماچ بولۇپ ئىشلىگەن. ئىككى يىلدىن كېيىن دادىسى قازا قىلغاندا غەم-قايغۇئىچىدە قالغان. گاۋلى پادىشاھى ئالاھىدە يارلىق چۈشۈرۈپ، روھى ئازابتىن خالاس قىلىش ئۈچۈن گاۋلى ئىمتىھانىغا قاتناشتۇرغان. ئىمتىھاندىن ئۆتكەندىنكېيىن جىن ياڭ ئايمىقىنىڭ قاراۋۇل ۋەزىرى بولغان، دېھقانچىلىق ئىشلىرىنىمۇ باشقۇرغۇچى ئەمەلدار بولغان. گاۋلى پادىشاھى شىن يۈ تەختتە ئولتۇرغان مەزگىل (1375 — 1388) دە جىمىغا كۆچۈپ بېرىپ تىرىكچىلىك قىلغان ھەم ئۆيدىن ئايرىلىپ، جىڭتاڭ سارىيىغا بېرىپ ئەدەبىيات ئۆگەنگەن ۋە ۋەزىر بولغان. 1388 – يىلى گاۋلى گېنېرالى لى چىڭگۈي ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغىغاندا پادىشاھشىن يۈ ئورنىنى ئوغلى شىن جاڭغا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇر قىلغان؛ ئۇزۇن ئۆتمەي، شىن جاڭ بىكار قىلىنىپ، ۋاڭ ياۋ تەختكە چىققان، شې چاڭشوۋ ۋەزىر بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، بۇ قېتىمقى ئىشتا كېلىشتۈرگۈچى بولغان، شۇنىڭ بىلەن مەشھۇر «جوڭشىڭنىڭ توققۇز تۆھپىكار ۋەزىرى» نىڭ بىرى بولۇپ قالغان.گوڭراڭ پادىشاھنىڭ تەختكە ئولتۇرغانلىقىنى تەبرىكلەپ يېزىلغان مەكتۇپتا ئېيتىلغاندەك «ئۇنىڭ تۆھپىسى دۆلەت ئاتىسى (گاۋلى دۆلىتىنى قۇرغۇچى ۋاڭجيەن كۆزدە تۇتۇلغان — نەقىلچىدىن) نىڭ دۆلەت قۇرۇش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىسىدىن قېلىشمايدۇ» دەپ باھالانغان. پادىشاھ گوڭراڭ «توققۇز تۆھپىكار ۋەزىر» نى قايتا-قايتا تولۇقلىغان. شې چاڭشوۋ دەسلەپتە «ساداقەتمەن تۆرە»دېگەن نامغا، ئاندىن «غەلياننى بېسىقتۇرغۇچى تۆھپىكار ۋەزىر» لىككەمۇشەررەپ بولغان. 1390- يىلى چاڭشۇ تۈتۈنلەرنى تەڭشىگۈچى بەگ (ۋەزىر) لىككە ئۆستۈرۈلگەن؛ تۆت يىلدىن كېيىن جازا پىرقىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك زالىم ھەكەم (ۋەزىر) لىككە ئۆستۈرۈلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي گاۋلى پادىشاھلىقىنىڭ يۇقىرى قاتلىمىدا نىزا چىقىپ، ئەمەلدارلار ئازارلىشىپ قالغان، بۇ چاغدا چاڭشۇ خىزمىتىنى تاشلاپ كېتىپ قالغان. لى چىڭگۈي ۋاڭ جەمەتىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ لى جەمەتى پادىشاھلىقىنى تىكلىگەندىن كېيىن،چاڭشۇ يېڭىۋاشتىن ئىشقا قويۇلغان. 1394- يىلى ئۇ تىلماچلار مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى بولۇپ تەيىنلەنگەن، كېيىن جازا پىرقىسىنىڭ ئۈچىنچى دەرىجىلىك زالىم ھەكەمى بولغان. ئەمەلدارلىقتىن چۈشۈپ ئىشىك تۈۋىدە شىغاۋۇلمۇ بولغان، يەنەيەنشەن مەھكىمىسىنىڭ تۆرىلىكىگە تەيىنلەنگەن. 1399- يىلى 10- ئايدا 59يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. بۇنىڭدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، شې چاڭشۇۋگاۋلىنىڭ ئاخىرقى يىللىرىدىن لى سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىللىرىدىكى كورېيە تارىخىدىكى مۇھىم بىر سىياسىي پائالىيەتچى. ئۇنىڭ شەخسى ئارقاكۆرۈنۈشى ۋە ئالاھىدە سەرگۈزەشتى ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك، ئالاھىدەتەتقىقات قىممىتىگە ئىگە[103].
شې چاڭشوۋ سىياسىيون، ئىجتىمائىي پائالىيەتچى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى شائىر ۋە دىپلومات.
شې چاڭشۇۋ شېئىرىي ئىجادىيەتكە پىششىق ئىدى. كورېيىدە خەنزۇ تىلىدايېزىلغان قەدىمكى شېئىرلار توپلىمى «چى نەزمىلىرى» 箕雅، «چىڭچيۇ مەنزىرىلىرى نەزمىسى» (青丘风雅)قاتارلىق شېئىرلار توپلىمىدا ئۇنىڭ 10كۇپلېتقا يېقىن شېئىرى كىرگۈزۈلگەن. شائىر «سۆگەت تاللىرى»، «باھارتەسىراتلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرىدا ئۆز ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىگەن. «ھادىسىلەر»، «بېلىقچى بوۋاي»، «باھار تەشۋىشلىرى» قاتارلىق شېئىرلىرىدا يوشۇرۇن ھېسسىياتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. بۇ ئەلۋەتتە، ئۇنىڭ لى سۇلالىسىنىڭ گۈللىنىش جەريانىدىكى ئەھۋالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك.
شې چاڭشوۋنىڭ دىپلوماتىيە ساھەسىدە ئىشلىگەن ئىشلىرى زور بولغان. كورېيىنىڭ تارىخىي ماتېرىياللىرىغا ئاساسلانغاندا، شې چاڭشوۋ «ئۆزىنى دۆلەتكە بېغىشلىغان، ئاستانە (دۆلەت) دىن ئايرىلىپ سەككىز قېتىم سەپەرقىلغان» (ۋۇخەن تۈزگەن «لى سۇلالىسىنىڭ خاتىرىلىرىدىكى جۇڭگو تارىخىيماتېرىياللىرى»، بىرىنچى توپلامنىڭ بىرىنچى قىسىم «تەيزۇڭ پادىشاھ گوڭدىڭ خاتىرىلىرى»)، شې چاڭشوۋ سەككىز قېتىم بارغان ئەلچىلىكنىڭ يەتتە قېتىمقىسى توغرىسىدا جۇڭگو-كورېيە تارىخىي ماتېرىياللىرىدا كونكرېت خاتىرىلەرقالدۇرۇلغان. ئۇنىڭ ئەلچىلىك خىزمىتىنىڭ ھەممىسى كورېيە دۆلىتىگە ۋاكالىتەن جۇڭگونىڭ مىڭ سۇلالىسىگە كېلىپ دىپلوماتىيە ئىشلىرىنى بېجىرىشكەقارىتىلغان. شې چاڭشوۋ 1370-، 1387-، 1388، 1391-، 1396-، 1398- يىللىرى جۇڭگوغا ئەلچى بولۇپ كەلگەن.
كورېيە تەرەپتىن كۆپ قېتىم چاڭ شوۋنى ئەلچى قىلىپ، مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەۋەتىشكە تاللىغانلىقى، تەبىئىي يوسۇندا ئۇنىڭ ئائىلە كېلىپ چىقىشى،شەخسىي سالاھىيىتى ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەربىيىلىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، چاڭ شوۋ گاۋلى ۋە لى خانىدانلىقىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدىكى مۇھىم دىپلوماتىيە پائالىيەتچىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى، كورېيىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان جۇڭگولۇق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ مەشھۇر ئەربابى. ئۇ قوچولۇق شې (سېلىنگالىق) جەمەتىدىن كېلىپ چىققان جۇڭگو مەدەنىيىتى بىلەن تەربىيىلەنگەن زات. گاۋلى تەشرىپدارلىق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپلا قالماستىن، بەلكى لى خانىدانلىقىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىدا كورېيىنىڭ خەنزۇ ۋە موڭغۇل تىللىرى بويىچە تەربىيىلەيدىغان تىلماچلار مەھكىمىسىنىڭ تۆرىسى بولغان. بۇنىڭدىن، ئۇنىڭ مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا ئەلچى بولۇپ كېلىشكە تېگىشلىك ئەڭ مۇۋاپىق نامزات ئىكەنلىكىنى چۈشىنىۋالغىلى بولىدۇ. ئۇ جۇڭگو-كورېيەمۇناسىۋەت تارىخىدا ئەھمىيەتلىك سەھىپە قالدۇرغان. 1397- يىلى 4- ئايدا،جۇيۈەنجاڭ مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىدا شې چاڭوۋ بىلەن كۆرۈشكەندە، پادىشاھ لىچىڭگۈينىڭ مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا نىسبەتەن سەمىمىيىتى يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان، چاڭشوۋ چۈشەنچە بېرىپ: «ۋەزىر ئەزەم (ئۆزىنىدېمەكچى — نەقىلچىدىن) نىڭ گاۋلىغا بارغىنىغا بۇ يىل 40 يىل بولدى، پادىشاھ گوڭ مىن بۇ ئىشنى تىلغىمۇ ئېلىپ قويمىغان. ئوتتۇرىدا ئىككى، ئۈچ پادىشاھ ئۆتتى، ۋەزىرلىرى ساداقەتمەنلىكنى ساقلىماسلىققا پېتىنالمايمەن، بۈگۈنكى كۈندە پادىشاھنىڭ قەلبىدە ھۆرمەتلىنىپ تۇرۇپتىمەن. بىھۆرمەتلىك قىلىشقا ھەددىم يوق» دەپ بۇ قېتىمقى سۆھبەت ئارقىلىق، مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىرىنىڭ گۇمانى قاراشلىرىنى تۈگىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ نورمال مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا پايدىلىق ئىمكانىيەت ياراتقان.
يەنە بىر تەرەپتىن، شې چاڭشوۋنىڭ مىڭ سۇلالىسىگە ئەلچىلىككە كېلىشى،ئوبيېكتىپ جەھەتتە جۇڭگو بىلەن كورېيىنىڭ ماددىي مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چاڭشوۋ ئەلچىلىككە چىققان چاغدا، ئولپان نامى بىلەن ئۆزدۆلىتىنىڭ ماللىرىنى ئېلى كېلىپ، مىڭ سۇلالىسى ئوردىسىغا تاپشۇرغان. بۇلارئالتۇن، كۈمۈش، قاچا-قۇچا ۋە گەزماللار بولۇپ، مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى گاۋلى ئەلچىلىرىگە «يىپەك-شايىلەر، كىيىم –كېچەك ھەم پۇل» بەرگەن. بۇ خىل«ئولپان» ۋە «شەپقەت كۆرسىتىش» ئىككى دۆلەتنىڭ ئىززەت-ئىكراملىق باردى–كەلدىسىنى بىلدۈرسىمۇ، سودا خاراكتېرىدىكى مال ئالماشتۇرۇش مۇناسىۋىتى ئەمەس، بەلكى ئەينى چاغدىكى دىپلوماتىيىدىكى بىر خىل ئەدەپ-قائىدە ئىدى،بۇ خىل پائالىيەت جۇڭگو –كورېيە دۆلەتلىرىنىڭ دوستلۇق ۋە باردى-كەلدىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرغان.
شې سى偰斯 تەخەللۇسى گوڭۋېن، مىڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە ياشىغان مۇھىم تارىخىي شەخش. ئۇ قوچولۇق شې جەمەتىنىڭ ئىچىدە يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىدىكى مالىمانچىلىق يىللىرىدا جياڭنەندە ئاۋۋالقىدەكلا ئولتۇراقلىشىپ قالغان قەۋملەر ئىچىدىكى ئەڭ پائالىيەتچان كىشى، خەنزۇ تىلىدا يۇقىرى سەۋىيىلىك شېئىر يازالايدىغان بىر شائىر.
شې سى ئۆز ۋاقتىدىكى رېئال ۋەزىيەتنى نەزەرگە ئېلىپ ئاتا-بوۋىلىرىدىن تارتىپ ئەتىۋارلىنىپ، خىزمەت قىلغان يۈەن سۇلالىسىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنى تونۇپ يەتكەندىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن مىڭ سۇلالىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قوبۇل قىلغان. ئۇ بىلىمىنىڭ چوڭقۇرلۇقى بىلەن مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىنىڭ ئەتىۋارلىشىغا سازاۋەر بولغان. ئۇ دەرىجىمۇدەرىجە يۇقىرى ئۆرلەپ، مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئەڭ ئىشەنچلىك رەڭدار كۆزلۈكلەردىن بولۇپ قالغان.
شې سى ئىشلىگەن ئىجتىمائىي، مەمۇرىي ۋە سىياسىي ئىشلار ئىچىدە 1368- ۋە1369- يىلى ئىككى قېتىم مىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتىگە ۋاكالىتەن گاۋلىغا ئەلچى بولۇپ بارغانلىقى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك ۋەقە بولغان.
جۇيۈەنجاڭ يۈەن سۇلالىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، دېگەندەك خاتىرجەم بولالمىغان. بۇنىڭدىكى سەۋەب، بىرىنچىدىن ئۆزىنىڭ گەدەنكەش ئەمەلدارلىرىنىڭ بېسىمى ئېغىر؛ ئىككىنچىدىن شىمالغا قېچىپ كەتكەن يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئاساسىي كۈچىنىڭ تەھدىتى؛ ئۈچىنچىدىن گاۋلى بىلەن ياپونىيىنىڭمەۋجۇدلۇقى، بۇ ئەمدىلا پۇت دەسسەپ تۇرغانلىقى ئۈچۈن مۇقىملىق ئامىللىرى ئاساسىي ئورۇنغا ئۆتمىگەن ئەھۋالدا ئارقا-ئارقىدىن گاۋلىغا ئەلچىلىككەئەۋەتىشى، شۇنداقلا ئەلچىلىككە چىقارغىنىنىڭ ھەممىسى يۈەن سۇلالىسى بىلەن ئالاھىدە سەۋەب-نەتىجىلىك مۇناسىۋىتى بولغان رەڭدار كۆزلۈك ۋەزىر-ۋۇزرالاردىن تاللىغانلىقىنىڭ ئەھمىيىتى تولىمۇ يۇقىرى، بۇ شې سىنىڭ كىشىلەرگە قالدۇرغان چوڭقۇر تەسىرىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
ئومۇمەن، شې سى مىڭ سۇلالىسىنىڭ گاۋلىغا ئەڭ دەسلەپتە ئەۋەتكەن ئەلچىسى.ئۇ ھەر قېتىم گاۋلىغا بارغىنىدا بۈيۈك مىڭ سۇلالىسى پادىشاھىنىڭ مەكتۇپىنى گاۋلى پادىشاھىغا تاپشۇرغان ھەم پادىشاھ يوللىغان سوۋغاتلارنى بىللە ئېلىپ بارغان. شې سى گاۋلىغا يېتىپ بارغاندىن كېيىن گاۋلى ھۆكۈمىتىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇ گاۋلىدىن قايتىشىدا گاۋلى پادىشاھى ۋەزىرلەرگە مەسنەۋى يازدۇرۇپ ھەدىيە قىلغان. شې سىنىڭ تۇنجى قېتىم گاۋلىغا ئەلچىلىككە بېرىشىدىكى مەقسىتى، ھەقىقىي مەنىسى جەھەتتىن، گاۋلىغا جۇيۇەنجاڭنىڭ يۈەن سۇلالىسىنىڭ ئورنىغا چىققانلىقىنى ئۇقتۇرۇش ئىدى. ئەمەلىيەتتە بۇ مىڭ سۇلالىسى بىلەن گاۋلىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش رولىنى ئوينىغان. شې سىنىڭ ئەلچىلىككە چىقىشىدىكى مۇددىئاسى كۆزلىگەن نىشانغا يەتكەن. شۇنىڭدىن كېيىن مىڭ سۇلالىسى بىلەن گاۋلى خانىدانلىقىنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋىتى رەسمىي تىكلەنگەن.
ئۇيغۇر مىللىتىدىن چىققان شې سۈن، شې چاڭشوۋ ۋە شې سىدىن ئىبارەت بۇ مەدەنىيەت ۋە دىپلوماتىيە ئەربابلىرىنىڭ جۇڭگو-كورېيە خەلقلىرىنىڭ ئالاقە تارىخىنى كۈچەيتىشتە ئوينىغان كارامەت رولى تارىخ بېتىدە جۇلالىنىپ كەلمەكتە. ئۇلارنى ياد ئېتىش، ئىش-ئىزلىرىنى ئەسلەش، خاتىرىلەشپائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزۈش تارىخىي ۋە رېئال ئەھمىيەتكە ئىگە. ئۇيغۇر خەلقى ئۆز تارىخىدا مۇشۇنداق ئالىيجاناب روھقا ۋە پىداكار خىسلەتكە ئىگە دوستلۇق ئەلچىلىرىنىڭ بولغانلىقىدىن چەكسىز ئىپتىخارلىنىدۇ، ئۇلارنى مەڭگۈ ئەسلەپ تۇرىدۇ.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : بىلگە تۇنيۇقۇق ئەۋلادلىرى كورىيىدە

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. TuranTekin مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەدى، سىز تەگئات توغرىسىدا كۆپ ئىزدەنگەن ھەم كۆپ يازما يازغانلارنىڭ بىرى. بۇ ھەقتىكى يازمىلىرىڭىزنى كۆپ ئوقۇغانمەن. لىكىن ھازىرقى شارائىتتا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تەگئات قوللۇنۇش ۋە ئۇنى داۋاملاشتۇرۇشنى قانداق ئومۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا ئۈنۈملىك، كىشىلەر قۇبۇل قىلالىغىدەك بىرەر ئۇسۇلنىڭ مەيدانغا كەلگىنىنى كۆرمىدىم. سىزنىڭچە يەنە قانداق قىلىش كىرەك؟

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئىمكان بولسا، تەگئات قوللىنىش ھەققىدىكى تەكلىپلەر رەھبەرلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈلگەن، ئۇلارنىڭ دىققىتىنى ئۇشبۇ ئىشقا جەلب قىلالىغان بولساق، شۇلارنىڭ سىياسەت ۋە ئىمكان بېرىشى نەتىجىسىدە قانۇنلاشتۇرۇش كۈنتەرتىپىگە كىرگۈزۈلگەن ۋەياكى قۇرۇلتاي ۋەكىللىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلۇش يولى بىلەن قانۇنىي كۈچكە ئىگە بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلىگەن بولساق ئەڭ ياخشى بولار ئىدى. ھالبۇكى ، تەگئات قوللىنىش ئىشى تىلغا ئېلىنىۋاتقانغا 10 – 20 يىل بولغان بۈگۈنكى كۈندىمۇ يۇقىرىقىدەك بىر ئىشنىڭ روياپقا چىقماسلىقى كۆڭۈلنى غەش قىلىدۇ.
      ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قانۇنىي تون پىچىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا ، قەغەز ۋە تور تاراتقۇلىرىدا ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تەگئات قوللىنىشنىڭ تەخىرسىزلىكى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتىنى كۈچەپ تەشۋىق قىلىش. ئۇنىڭ ئاممىۋىي ئاساسىنى زورايتىشقا ھەرىكەت قىلىش كېرەك. مەلۇم نۇقتىن بۇ يەنىلا قانۇن تەرىپىدىن ئېتىراپقا ئېرىشىش ئۈچۈن ئىشلىنىۋاتقان خىزمەتلەردىن ھېسابلىنىدۇ.
      تەگئاتلارنى كىملىككە كىرگۈزۈش مۇمكىن بولمىغاندا، ئۇنى ئەمەلىي تۇرمۇشلىرىمىزدا ئۆز – ئارا چاقىرىشلىرىمىزدا ئىشلىتىشكە تىرىشىشىمىز، يازما – ئەسەرلىرىمىزدا ئۆز تەگئاتلىرىمىزنى قوللىنىشىمىز ، نەسەبنامىلىرىمىزنى يېزىپ قالدۇرۇشىمىز. پەرزەنتلىرىمىزگە ئۆز تەگئاتىمىز ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشىمىز، ئۇلارنىمۇ مەزكۇر تەگئاتنى قوللىنىشقا دەۋەت قىلىشىمىز، نەسەبنامىنى ئۈزۈپ قويماسلىقنى جېكىلىشىمىز لازىم.
      ئەمما، مەيۈسلەنمەك لازىمكى، تارىختىن بېرى تەگئات قوللىنىش مىللىتىمىز ئىچىدىكى مەلۇم بىر توپ كىشىلەر ( ئوقۇمۇشلۇق ، يۇقىرى قاتلام كىشىلىرى ) ئىچىدە ساقلىنىپ ماڭغان. ھەرگىزمۇ ئومۇميۈزلۈك ، بارچە كىشىلەردە قوللىنىش ئەھۋالى بولمىغان. شۇڭا، ھازىرقى ئەھۋالدىنمۇ بەك مەيۈسلىنىپ كېتىش بىھاجەت. ئەھمىيىتى ۋە زۆرۈرىيىتىنى چۈشەنگەنلەر قوللانساق، چۈشەنمىگەنلەرگە چۈشەندۇرسەك ، دەۋەت قىلساق بولىدۇ. ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرىمىز دېسەك يەنىلا قانۇن ۋاسىتىسىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. ياپونىيە ، تۈركىيە، تايلاند قاتارلىق ئەللەرمۇ قانۇن ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئۆز خەلقلىرىدە تەگئات قوللىنىشنى ئومۇملاشتۇرغان. بۇندىن باشقا يول يوق.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟