نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

2011 – يىل _ ئۇيغۇر بلوگ يىلى

شۇنداق، بۇ يىل ( 2011 – يىل ) ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر.
بلوگ ( Blog ) دىن ئىبارەت بۇ خۇسۇسىي تور نەشىر قۇرالى ئەڭ دەسلەپ 1997 – يىلى ئامېرىكىدا بارلىققا كېلىپ، 2002 – يىلى جۇڭگوغا كىرگەن، 2005 – يىلىغا كەلگەندە مودا بولۇشقا باشلىغان. بلوگ ئۇقۇمى ئۇيغۇرلاردىمۇ 2005 – يىلىدىلا بارلىققا كەلگەن. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى 2008 – يىلىغا كەلگەندە رەسمىي باش كۆتۈرگەن بولۇپ، تازا تەرەققىي قىلىش پەيتىدە 2009  – يىلى 7 – ئايدا بارلىق بلوگگىر ( Blogger ) لار ‹‹ يىللىق دەم ئېلىش ›› قا قويۇپ بېرىلگەن. 2010 – يىلى 5 – ئايدا ھەممەيلەننىڭ دەم ئېلىشى توشۇپ ، كونا – يېڭى بلوگگىرلار تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن قايتىدىن بلوگچىلىققا كىرىشكەن.
ئەلقىسە ، دىيارىمىزنىڭ تور سىمى قايتىدىن خەلقئارالىق تورغا ئۇلانغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىمۇ  زىمىستان قىشتىن كېيىنكى باھاردەك ئويغىنىش، ياشناش، بەستە – بەستە گۈللەش مەنزىرىسى بارلىققا كەلدى. يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگەن ‹‹ 2010 – يىللىق ئۇيغۇرلاردىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتى ›› ناھايىتى ئۇتۇقلۇق تەشكىللەندى. 2011 – يىلى 3 – ئاي ‹‹ ئىككى يىغىن ›› پەيتىدە، شۇجى جاڭ چۈنشىيەننىڭ مىكروبلوگ ئېچىشى ۋە تورداشلار بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇرۇشى، تورداشلارنىڭ پىكىر – ئىنكاسلىرىنى مۇھاكىمە قىلىپ مەخسۇس يىغىن چاقىرىشى رايونىمىزدىكى نوپۇزلۇق تاراتقۇلارنىڭ دىققەتنى بىردىنلا بلوگچىلىققا قارىتىشىغا بىۋاسىتە ئىلھام بولدى. شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى ئالىم ئەھەت مۇئەللىمنى تەكلىپ قىلىپ مەخسۇس ‹‹ بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ›› پروگراممىسىنى ئىشلىدى، پەن ۋە تۇرمۇش پروگراممىسىمۇ ئالىم مۇئەللىم، بايراقدار بلوگگىر تەدبىركار ئەپەندىنى ۋە شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى قىسمەت ئەپەندىنى تەكلىپ قىلىپ  بلوگ ۋە ئۇنى ئىشلىتىش توغرىسىدا زىيارەت فىلىمى ئىشلىدى. شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسمۇ يەكشەنبىلىك سۆھبەت پروگىراممىسىدا ئالىم ئەھەت، قىسمەت ئەپەندى ۋە كەمىنە يۈكسەلنى تەكلىپ قىلىپ ‹‹ رادىئو دولقۇنلىرىدا بلوگ ھەققىدە سۆھبەت ›› ئاڭلاتتى. ئارقىدىنلا مەركىزى خەلق رادىئو ئىستانسىسىمۇ پېقىر يۈكسەل ۋە تەدبىركار ئەپەندىنىڭ ئىشتراكلىقىدا بلوگ ھەققىدە زىيارەت سۆھبىتى ئۇيۇشتۇردى. گېزىت – ژۇرناللىرىمىزدا بلوگ ( Blog ) دېگەن بۇ ئاتالما كۆزگە چېلىقىشقا باشلىدى.
دۇنيا بلوگچىلىق تارىخىنى بىخلىنىش دەۋرى ( 90 – يىللار )، باشلانغۇچ تەرەققىيات دەۋرى ( 2000 -  2006 )، يۈكسىلىش دەۋرى ( 2006 – يىلىدىن ھازىرغىچە )  دېگەندەك 3 دەۋرگە ئايرىش مۇمكىن. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى باشقىلار 10 يىللاپ سەرپ قىلىپ تاماملىغان ئاۋالقى 2 باسقۇچنى تېز سۈرئەتتە ئوڭۇشلۇق تاماملاپ، شۇ تاپتا يۈكسىلىش دەۋرىگە قەدەم قويدى. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە، نادىر ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ خاس ئۇلىنىش بېتى بولغان ‹‹ ئۇز بلوگ ئۇلىنىشلىرى ›› غا قوشۇلغان مەزمۇنى رەڭدار، ئۆزى جەلبكار ، بىر – بىرىدىن ئۇز بولغان  يۈزدىن ئارتۇق بلوگنى كۆرسىتىمىز. بۇ بلوگلارنىڭ ئىچىدە تور دۇنياسىدا بەلگىلىك نوپۇز ۋە تەسىرگە ئىگە بلوگلار 20 ئەتراپىدا بولۇپ، مەزمۇنى ئىزچىل يېڭىلىنىۋاتقان ، سۈپىتى يۇقىرى، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازاۋەر بولۇپ كېلىۋاتقان بلوگلار 50 دىن ئاشىدۇ. ‹‹ ياخشى تورى ›› ستاتىستېكىلىغان ئۇيغۇرلاردىكى 100 چوڭ تور بېكەتنىڭ ئىچىدە تورخۇمار، يۈكسەل ، 80 خالتا ، ئىلقۇت قاتارلىق بلوگلار بار. كىشىنى تېخىمۇ سۈيۈندۈرگىنى شۇكى، ئالىم ئەھەت مۇئەللىم ۋە شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىنىڭ تالانتلىق دىكتورى ئابدۇرېشىت ئەپەندى قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن بلوگگىرلار سېپىمىزگە قوشۇلدى.
2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئاجايىپ تېز سۈرئەتتە يۈكسەلدى. بلوگلارنىڭ سانى ۋە سۈپىتى زور دەرىجىدە ئاشتى. بولۇپمۇ، مۇستەقىل تور نام ، مۇستەقىل بوشلۇقتا  ، WordPress كە ئوخشاش دۇنياۋىي ئىلغار بلوگ نەشىر قىلىش سىستېمىسىدا بلوگ نەشىر قىلىدىغانلار تېز سۈرئەتتە كۆپەيدى. بلوگلار بارغانسېرى كەسپلىشىشكە، سەرخىللىشىشىقا قاراپ يۈزلەندى. ھازىر ئۇيغۇر بلوگلىرى ئىچىدىن ئەدەبىي يېزىقچىلىق، مەدەنىيەت- مائارىپ، ئىقتىساد ، سەھىيە – ساقلىقنى ساقلاش، تور – تېخنىكا، تىل – تەرجىمە، كۆڭۈل ئېچىش، سوغۇرتا ، قانۇن، تەنتەربىيە … دېگەندەك تۈرلۈك ساھەلەرگە ئالاقىدار بلوگلارنى ئىزدەپ تېپىش مۇمكىن.
ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى ئۆزگىچە بىر توپ بولۇپ، بۇلاردىكى ئۆز – ئارا ھەمكارلىشىش ، ئۆز – ئارا ئۆگىنىش، ئۆز – ئارا ياردەملىشىش ئېڭى كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ. بۇ خىل ئۇيغۇرغا خاس ئۇيۇشقاقلىق روھى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ جۇش راۋاجلىنىشىدىكى يەنە بىر تۈپ سەۋەبلەردىن ئىكەنلىكى سۆزسىز! جۈملىدىن، 2011 – يىلى ئىلگىرى ئاخىرى بولۇپ، قىسمەت، تەدبىركار، يۈكسەل ، ئىلقۇت، شاھ ئۇيغۇر، كۆك كەپتەر، ئۆركەش ، پرېستان ، ئۇيغۇر بەگ، ۋەتەن … قاتارلىق بلوگگىرلار ئوخشىمىغان جايلاردا بىر قانچە قېتىم باش قوشۇپ، ئۆز – ئارا تەجرىبە ئالماشتۇردى، ئۆگەندى. ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ھەققىدە قىزغىن پىكىرلەشتى. سۆھبەتلەردە كۆپرەك ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ 2011 – يىلىدىكى تەرەققىياتى تىلغا ئېلىندى ۋە مۇشۇ يىلغا ‹‹ ئۇيغۇر بلوگ يىلى ›› دەپ نام بېرىش كېرەكلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ھەممە بىردەك بۇ پىكىرنى ياقىلاشتى.
دېمىسىمۇ، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگچىلىقى ئاجايىپ تېز تەرەققىي قىلدى. ئۇيغۇر بلوگ گۈلستانلىقىدا بىر – بىرىدىن ئۇز بلوگلار پورەكلەپ ئېچىلدى،بۇ گۈللەرنىڭ كۆڭۈللەرگە ھوزۇر بېغىشلىغۇچى خۇشپۇراق ھىدى جاھاننى بىر ئالدى، نامى ئەلگە يېيىلدى. خۇددىي ھەممە تىللار بلوگ دەپ سايراۋاتقاندەك، گويا بارچە تورداش بلوگ ئارىلاپ كېتەلمەيۋاتقاندەك!…
ئاڭلا جاھان، 2011 – يىلى ئۇيغۇر بلوگ يىلىدۇر !

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!47 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئەركىن مۇنداق يازغان:

    بەك ھاياجان سۆزلەپسىز ، يېشىڭىزغا ماس كەلمىگەن بىرخل ھىسياتچانلىق باركەن،ئۇيغۇر بلوگ يىلى دەپ قورقماي قويغىنىڭىزدىن چۆچىدىم.

    • چەۋەندازلار بىلوگى مۇنداق يازغان:

      ‹‹ئۇيغۇر بىلوگ يىلى›› دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ. ئۇيغۇر بىلوگلىرىنىڭ تەرەققىياتى بۇنى بىزگە كۆرسىتىپ تۇرىدۇ.

      مەنچە مۇشۇ تېمىغا بارلىق بىلوگگىرلار بىر باشتىقىپ بولسىمۇ چىقىپ كېتىشى كېرەققۇ دەيمەن. ئەقەللىي ساۋاتنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى كېرەققۇ دەيمەن. مۇشۇ تېما ئارقىلىق زادى قانچىلىك بىلوگ بارلىقىنى ۋە خەلقىمىزنىڭ بۇنىڭغا قانچىلىك قىززىقىشى بارلىقىنى ئۇقۇپ باقىدىغان ۋاقىتى يېتىپ كەلدى.

      مەن مۇشۇ ‹‹ئۇيغۇر بىلوگ يىلى›› ئارقىلىق ئەسلىدىن ئېلىپ كېلىۋاتقان ‹‹بلوگ›› سۆزىنى ئۇيغۇر تىلىنىڭ گىرامماتىكىسى ۋە قائىدىسىگە چۈشىدىغان قىلىپ رەسمىي ھالدا ‹‹بىلوگ›› دەپ ئۆزگەرتىلسە دىگەن تەكلىپنى بېرىمەن. مەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق تىل-يېزىق كومىتىتىغا بېرىش جەريانىدا مەسئۇل خادىمدىن مۇشۇ ئاتالغۇ ھەققىدە سورىغان سوئالىمغا ئۇيغۇر تىلىدا ھەرقانداق سۆزنىڭ بېشىدا ئىككى ئۈزۈك تاۋۇش ئارقىمۇ-ئارقا كەلمەيدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ چەتتىن كىرگەن سۆزلەردە مۇشۇنداق ئەھۋال بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسىگە چۈشۈرۈپ سۆزنىڭ بېشىدىكى ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر ‹‹ئى›› ھەرىپى قوشۇلۇپ يېزىلىپ ئۇيغۇر تىلىنىڭ قائىدىسىگە بويسۇندۇرۇلۇپ يېزىلىدىغانلىقىنى ئېيىتتى ھەمدە بىز ئىلگىرى ئېلىپ كەلگەن ‹‹بلوگ›› سۆزىنىڭ ئىككى ‹‹ب›› ۋە ‹‹ل›› دىن ئىبارەت ئىككى ئۈزۈك تاۋۇشنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر سوزۇق تاۋۇش ھەرىپى ‹‹ئى››نى قوشۇپ ‹‹بىلوگ›› دەپ يېزىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ۋە توغرىلىقىنى ئېيىتتى.

      بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى ئۇيغۇر بىلوگلىرى ئەمدى ‹‹بلوگ›› سۆزىنى ئەمەس ‹‹بىلوگ›› سۆزىنى ئىشلىتىشى كېرەك دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. ۋە مۇشۇ يازمىدىن كېيىن مۇشۇنداق ئېلىنىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

      بىلىك تورىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ ‹BLOG ›نى ئۇيغۇرچە ‹بىلوگ› دەيدىكەنمىز›› دېگەن تېمىغا نەزەر تاشلىغايسىز.

      http://bbs.bilik.biz/thread-23884-1-1.html

  2. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن، 2011-يىلىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بلوگ يىلى دەپ تەرپلىسەك ئارتۇق كەتمەيدۇ دەپ قارايمەن. 2007-يىلى 2-ئايدا تەدبىركارنى ماڭدۇرغان چېغىمدا، مۇستەققىل بلوگ سۇپىسىدا مېڭىۋاتقان بلوگدىن بىرنىمۇ بىلمەيتىم. بۇ سان تاكى 2009-يىلىغىچە ئىزچىل مەلۇم چەك ئىچىدە بولىۋاتاتتى. بۇ چاغ مەندە بلوگقا نىسبەتەن بىلىنەر-بىلىنمەس سۇسلۇق ئالامەتلىرى كۆرۈلىۋاتقان مەزگىللەر ئىدى، 2011-يىلىغا كەلگەندىلا تۇيۇقسىز كۆتۈرۈلگەن بلوگ بورىنى ئارىسىدا قالغاندەك بولۇپ قالدىم، خۇددى بىر توپ يۈگۈرۈشۈپ كېتىۋاتقان ئادەملەر ئارىسىدا قىستىلىپ كېتىۋاتقاندەك، گاھ بەزىلەرگە سوقۇلۇپ ئالغا سەنتۈرۈلۈپ كېتىۋاتقاندەك تۇيغۇمۇ بولدى. كۆپچىلىكنىڭ قىزغىنلىقىغا قاراپ، مەندىمۇ يېڭى بلوگ ھېسلىرى ئويغىنىشقا باشلىدى. گەرچە نەچچە يىل ئاۋالقىدەك قىزغىنلىقنى ھازىر بار دەپ ئېيتالمىساممۇ، بىراق يەنىلا ئۆزۈمنىڭ ئاز-تولا توپلىغان تەجرىبىلىرى ئارقىلىق بىر قىسىم كەسىپداش دوستلارغا ئىدىيە جەھەتتىنمۇ بولسىمۇ تەسىر كۆرسىتەلىسەم دەپ ئۇرۇنۇپ كەلدىم. ئەلۋەتتە، بۇ نەتىجىلەر يەنىلا كۆپچىلىكنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىدىن، قىزغىنلىقىدىن ۋە بوشاشماس روھىدىن بولدى. ھېلىھەم كۆپچىلىكنىڭ بۇ سەپكە داۋاملىق قوشۇلىشىنى، بلوگ يېزىش ئارقىلىق بولسىمۇ، ئۆزىنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىشىنى، تەپەككۇرىنى تاۋلىشىنى ۋە ئۆز ئىدىيەسى ئارقىلىق باشقىلارغا، جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىپ، بىزدە داۋاملىشىۋاتقان بلوگ ئەنئەنىسى ۋە مەدەنىيىتىنى بىرلىكتە گۈللەندۈرسەككەن دېگەن غايىنى ئىستەپ ئولتۇرۇپتىمەن.

  3. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    توغرا، بۇ يىلنى ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇر بلوگ يىلى قىلىپ بېكىتىشكە بولىدۇ، چۈنكى دەسلەپكى يىللاردا ئۇيغۇرلاردا بلوگ سۆزى يېڭى ئورۇن ئېلىپ ئۇيغۇرچە بلوگلار يېڭى مەيدانغا كەلگەن چاغدا بلوگ ئېڭى تېخى تۇلۇق يىتىلمىگەچكە، بلوگباس سۇپىسىدىن بلوگ نامىدا ھەر خىل تور بەتلەر چېچىۋېتىلدى، بەلكىم بۇمۇ بىزنىڭ ھەقىقى بلوگ بىلەن تۇنۇشىمىزغا دەسلەپكى ئاساس بولسا كېرەك، كېيىن مۇشۇ ھەر خىل سابىق بلوگلار ئارقىلىق كەڭ بلوگقا قىززىققۇچىلاردا ھەقىقى بلوگ ئېڭى بارا-بارا شەكىللىنىپ بۇ يىلغا كەلگەندە گەرچە باشقا مىللەتلەردەك تۇلۇق بولۇپ كەتمىسىمۇ لېكىن ھەقىقى ئۇيغۇر بلوگلىرى دېيىشكە لايىق كەلگۈدەك ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا ۋەكىللىك قىلالىغۇدەك نادىر بلوگلار كەينى كەينىدىن مەيدانفا كېلىشكە باشلىدى، مەيلى تور بىلىملىرىگە قىززىققۇچىلار بولسۇن، مەيلى ئېلېكتىرۇنلۇق ئەسۋابلارغا قىززىققۇچىلار بولسۇن، مەيلى ماشىنا ۋە ياكى ئايفون قاتارلىق زامانىۋى ئۈسكۈنىلەرگە قىززىققۇچىلار بولسۇن ۋە مەيلى ئەدەبىياتقا قىززىققۇچى دوستلار بولسۇن ھازىر ئۇيغۇر بلوگلىرى ئارىسىدىن ئۆزى خالىغان مەزمۇندىكى بلوگنى قىينالمايلا ئىزدەپ تېپىپ ئۆزىگە كېرەكلىك مەزمۇنلارنى قىينالمايلا تېپىپ بەھىرلىنەلەيدۇ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى بۇ يىلى ھەقىقەتەنمۇ كىشى ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە تېز راۋاجلاندى، شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ يىلنى ئۇيغۇر بلوگ يىلى دېيىشكە تامامەن ھەقلىقمىز

  4. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    ھەقىيقەتەنمۇ 2011-يىلىنى ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغان بىر يىل دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ. 2010-يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان تورداشلاردا بىلوگقا بولغان قىززىقىش ۋە ئىشتىياق زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. نۇرغۇنلىغان مۇستەقىل نامدىكى بىلوگلار قۇرۇلۇپ ئۆزگىچە مەزمۇن ۋە يۇقىرى سۈپەت بىلەن كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولدى. شەكشۈبھىسىزكى بۇ يىللىق 10 نادىر بىلوگنى باھالاش ئالدىنقى قېتىمقىغا قارىغاندا تېخىمۇ قېيىن ۋە تېخىمۇ كەسكىن دەپ ئېيتىشقا تامامەن بولىدۇ. ئالدىنقى 10 نادىر بىلوگنىڭ تارىخىغا قارىساق بۇنىڭ ئىچىدىكى 4 بىلوگ بىلوگباس سۇپىسىدىكى بىلوگ ئىدى. قالغان 6سى مۇستەقىل بىلوگ نامىدىكى بىلوگ ئىدى. ھازىر قارايدىغان بولساق چەۋەندازلار بىلوگى ۋە ئابرال بىلوگى ئىزچىل مۇشۇ سۇپىدا ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىنى ئېلىپ بارماقتا. چەۋەندازلار بىلوگى ئەسلى بىلوگباس سۇپىسىغا بىر پارچە خەت يېزىپ بىلوگباس سۇپىسىدىن 200 خەتلىكتىن ئارتۇق ئىنكاس يازالايدىغان قىلىش تەكلىپىنى بېرىشنى ئويلاشقان ئىدى. دېمىسىمۇ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قانداق ئەھۋالىڭىز دىگەنگە ئاران پايلايدىغان بۇ ئىنكاس چەكلىمىسى نۇرغۇنلىغان بىلوگگىرلارنى قىيناپ كەلمەكتە ئىدى. يەنە بىر ئويلاپ مۇستەقىل بىلوگ قۇرۇشنىڭ كۆپ ئارتۇقچىلىقى بارلىقىنى ئويلاپ ۋە ئەگەر بۇ تەكلىپنى سۇنسام تەكلىپنىڭ جاۋابىنى كۈتۈش ۋە ئەمەلىيلەشكەن تەقدىردىمۇ بىلوگباس سۇپىسىدىن ئايرىلىش مۇۋاپىق ئەمەس دەپ ئويلىغان ئىدىم. ھازىر چەۋەندازلار بىلوگى مۇستەقىل بىلوگ قۇرۇش يلىغا كىرگىلى 2 ئايدىن ئاشقان بولسىمۇ ئۇسلۇپ ۋە كېيىنكى تەرەققىياتى جەھەتتە كۆپ ئىزدىنىنىپ ئۆزىنىڭ قەدىمىنى بىردىن-بىردىن ئېلىپ ماڭماقتا. پات ئارىدا مۇستەقىل بىلوگقا كۆچۈپ يۇقىرى سۈپەت ۋە ئەمىلىي ھەركىتى ئارقىلىق خەلقىمىزنىڭ ئالدىدا نامايەن بولغىسىدۇر!

    قېرىنداشلارنىڭ 2011-يىلى ئۇيغۇر بىلوگ يىلىنى مەنىلىك ئۆتكۈزىشىنى ۋە مۇشۇ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ بىز ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر بىلوگلىرىدىكى سەرخىل يازمىلارنى ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭ توربەتلىرىنىڭ باش بېتىدىن ‹‹ئۇيغۇر بىلوگلىرىدىكى قىززىق نوقتىلار›› سەھىپىسىنى قۇرۇپ چىقىشىغا تۈرتكە بولىشىمىزنى ۋە ئۇيغۇر بىلوگىچىلىقىنىڭ دادىل قەدىمىنى ئۇيغۇر توربەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تېخىمۇ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندۇرۇپ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىمىزنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمۈد قىلىمىز. ھەمدە بۇ جەرياندا بىلوگ توغرىسىدىكى ئاتالغۇنىڭ مىدىئا ۋاستىلىرىدا داۋاملىق تەشۋىق قىلىنىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز. ھەممىڭلارنىڭ ‹‹ئۇيغۇر بىلوگ يىلى›› لارغا مۇبارەك بولسۇن!

  5. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    مەن جىق يازالماسلىقىم مۇمكىن، ئەڭ ئاۋال مۇشۇنداق بىر نامنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىققۇچىلارغا ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن جاپا چەككەن بلوگ باشلىرىغا رەھمەت. بۇ (2011)يىلىنىڭ ئۇيغۇر بىلوگ يىلىغا مۇبارەك. مۇشۇ سەۋەبلىك ئۇيغۇر بىلوگلىرى ئارىسىغا يېڭى دولقۇن، ئارزۇ-ئۈمىد، ئىشەنچ ۋە قوللاش سادالىرىنىڭ قوشۇلىشىنى ئىستەيمەن.
    قۇت بولسۇن ئۇيغۇر بىلوگ يىلى!!!

  6. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    تولۇقسىز يىللىقتا ئوقۇۋاتقان ۋاقلىرىم بولسا كېرەك ! تۇنجى قېتىم بلوگ دىگەن ئۇقۇمنى بىلىپ سادىق بلوگ ئوقۇرمىنى بولغان ئىدىم . شۇ باشلىغانچە ئۇدا 3-4 يىل بلوگ ئوقۇرمىنى بولۇپ تاكى 2010 يىلىغا كەلگەندە ئۆزۈم شەخسى بلوگ يېزىش قارارىغا كەلدىم . تۇنجى قېتىم بلوگباس سۇپىسىدا تەجىربە يۈزىسىدىن بلوگ يېزىشنى باشلاپ ئىككى ئايدىن كېيىن رەسمى يۇسۇندا ۋوردپرېسس سۇپىسىغا كۆچتۈم ھەم رەسمى يۇسۇندا يېزىشقا باشلىدىم . بۇرۇندىنلا ئۇزۇن مەزگىللىك بلوگ ئوقۇرمىنى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بلوگ دىگەن بۇ ئۇقۇم ماڭا ئانچە يات ئەمەسىتى ھەم بلوگنى زادى قانداق يېزىش ۋە نىمە يىزىش ھەققىدە خېلى مەلۇماتلىق ھەم تەجىربىلىك ئىدىم ، شۇڭا بلوگ يېزىشنى باشلاپ قىسقىغىنە نەچچە ئاي ئىچىدىلا بلوگۇم ھەقىقى ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتى (ئۆزۈمچە شۇنداق ئويلايمەن) .

    بلوگ يېزىش مېنىڭ مەنىۋىيىتىمنى بېيىتتى . بلوگ يېزىش جەريانىدا باشقىلارغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى بىلدۈرۈش بلەن تەڭ ئۆزۈممۇ يەنە نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۈگەندىم . بەزىدە تېخى بىر يازما يېزىش ئۈچۈن كېچىلەپ كېچىلەپ ماتىرىيال كۆرگەن ۋاقلىرىممۇ بولغان ، ئەلۋەتتە بۇ بارلىق بلوگگېرلارغا خاس . مانا مۇشۇ بلوگ مېنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن ئوقۇش ھاياتىمنى قايتۇرۇپ بەردى .

  7. باي دادام مۇنداق يازغان:

    باھارلىق بىلوگىرلارنى بۇ بىلوگ يىلى مۇناسىۋىتى بېلەن قۇتلۇقلايمەن ! ئەلگە تېخىمۇ كۆپ نەپ ئېلىپ كىلىشىڭلارنى ، ئۇيغۇر تور دۇنياسىنى تېخىمۇ بېيىتىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن . ھەممىمىز قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە ئاشۇ ئارزۇلىرىمىز ئۈچۈن تىرىشقايمىز . ھەممەيلەننىڭ بىلوگ يىلىغا مۇبارەك بولسۇن !

  8. ئىزدەن مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ بىلوگنىڭ چىققىنى ئاجايىپ ياخشى ئىش بولدى. ھەممەيلەن ئىچىمىزدە ئويلاۋاتقان تۈگۈنلەرنى ھېچ چەكلىمىسىز ئېلان قىلىپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشالايدىكەنمىز ۋە پىكىر ئالماشتۇرالايدىكەنمىز. بىلوگ يېزىشقا باشلىغاندىن باشلاپ شەخسەن ئۆزەمنى ئېيتسام كۈنلىرىم تېخمۇ مەنىلىك ئۆتىۋاتقاندەك ،ياخشى يازمىلارنى كۆرۈپ ئۆزەمنى روھى جەھەتتىن تېخمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ كېتىۋاتقاندەك ھېس قىلىدىغان بولدۇم. ئىشقىلىپ ۋاقتىم بۇرۇنقىدەك بېكارغا ئۆتمەيدىغان بولدى. نەزەر دائىرەم بارغانسىرى كېڭىيىپ بېرىۋاتىدۇ. كۈندىن كۈنگە يېڭى شەيئىلەر بىلەن ئۇچىرىشىپ كۆرمىگەن نەرسىلەرنى كۆرۈپ ئاڭلىمىغان نەرسىلەرنى ئاڭلاپ مېڭىۋاتىمەن. ئەڭ مۇھىمى ئۆزىمىزدە بار بولغان ئارتۇقچىلىقلارنى تور يۈزىدە ئۆز ۋاقتىدا كۆرسىتىپ، ئاز بولسىمۇ باشقىلارغا پايدىلىق ئىش قىلىغىلى بولىدىكەن ئەمەسمۇ!
    دەسلەپ مەنمۇ ئىزدىنىپ يۈرۈپ wordpress سۇپىسىدا بىر بىلوگ قۇرغان. كېيىن بىلوگداشلار بىلەن ئۇچىرىشىش جەريانىدا يەنە ئىككى ھەمكارلاشقۇچى قوشۇلۇپ ھازىر ئۈچىمىز بىرلىكتە بىر بىلوگ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىۋاتىمىز. ھەر ھالدا چوڭ بىلوگ بولمىسىمۇ ئازدۇر كۆپتۇر تەبىئىي پەن ساھەسىدە مەخسۇسلاشقان بىلوگ ياكى مۇنبەر بولماسلىققا خاتىمە بېرىپ بۇ جەھەتتە ئورتاق ئىزدىنىپ يازما يېزىپ ئولتۇرۇپتىمىز.
    ئاخىرىدا مەنمۇ ھەممەيلەننىڭ بىلوگ يىلىنى چىن كۆڭلۈمدىن قۇتلۇقلايمەن! ئۇيغۇرلاردا بىلوگنىڭ ئومۇملىشىشىغا كۈچ قوشۇپ كېلىۋاتقان مۇرشىدى ئەپەندىم، تەدبىركار ، قىسمەت،ئۇيغۇر بەگ، پېرىستان ، يۈكسەل ئەپەندىم ئۇلانما تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ۋە باشقا ئۇيغۇر پىروگىرامما ھەۋەسكارلىرى كۇلۇبىدىكى مېھنەتكەش ئەزىمەتلەر ۋە مەن نامىنى ئاتىيالمىغان لېكىن چەكىسىز ھۆرمەتلەيدىغان بىلوگچى ئەزىمەتلەرنىڭ تېنىنىڭ سالامەت بولۇشىنى چىن كۆڭلۈمدىن تىلەيمەن!

  9. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ئېسىمدە قېلىشىچە، 2009-يىلى 10-ئايدا، يەنى دىيارىمىزدا تور ئېچىلمىغان ۋاقتى، ئىچكىرىدە ‹‹خاقانىيە››دېگەن مۇنبەردە ياشناپ يۈرگەن ۋاقىتلىرىم، كىيىن سەبۇرى تورىنىڭ قۇرغۇچىسى ئاچقان ‹‹ئانا تىل››بلوگى ئارقىلىق، ئاندىن بلوگ دېگەن ئۇقۇم بىلەن تونۇشقانىدىم. كېيىن، مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ھەۋەسلىرىنى يازىدىغان بىر بلوگ قۇرۇش ئۈچۈن بلوگبۇستىن بىر بلوگ ئىلتىماس قىلدىم ھەمدە دۇنياقارا، تارىم68، ئارامگاھ بلوگلىرىنى ئارىلاپ يۈرۈپ دەسلەپكى قەدەمدىكى بلوگ ھۈنەرلىرىنى ئۆگەندىم. ھەقىقەتەن، بۇ چاغلاردا بلوگ يازىدىغانلارنىڭ كۆپىنچىسى دىيارىمىز ئىچىدە بولغاچقىمۇ، تاكى تور ئېچىلغىچە نۇرغۇن بلوگلار بىر ئىزىدا توختاپ قالغان ئىدى. شۇ زامانلاردا مەن يەنە Pjblogنىمۇ ھەم تەتقىق قىلىپ ئۈلگۈردۈم. كېيىن تور ئېچىلدى، تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ،كونا بلوگگېرلار داۋاملىق خىزمىتىگە قايتقان بولسا بىر قىسىم بلوگگېرلار يېڭىدىن سەپكە قوشۇلدى، ئەمما 2010-يىلى بلوگگېرلارنىڭ قوشۇنى ھەقىقەتەنمۇ بۇ يىلقىدەك زور ئەمەس ئىدى.
    يېڭى يىل كىرگەندىن كېيىن، بولۇپمۇ مۇشۇ ئۈچۈنچى ئايلاردىن كىيىن، قارايدىغان بولساق نۇرغۇن بلوگگېرلارنىڭ ئىلغار بلوگ سېستىمىسى بولغان WordPressدە مۇستەقىل بوشلۇق ھەمدە نام ئېلىپ بلوگ يېزىۋاتقانلىقىنى بايقايمىز. WordPressنىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان بېتىدىكى كۆرگەزمە قىلىنغان بلوگلارنىڭ سەرخىللىقى، بىزدىن ياردەم سورايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپىيىشى ھەمدە بۇ نۇقتىنى ئېنىق ئىپادىلەيدۇ. قىسقىسى، بۇ يىل ئۇيغۇر بلوگگېرلىرى جۇشقۇن ھاياتقا تولغان بىر يىلدۇر! ئۇيغۇر بلوگچىلىق ھاياتىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىگە تىلەكداشمىز!

  10. ئالغا مۇنداق يازغان:

    مەن دەسلەپتە ھەقىقى بلوگ ئۇقىمىنى شىنجاڭ كومپىيوتىر ھەۋەسكارلىرى تور بىكىتىدىكى بىر بلوگباس ئىشلەتكۈچىنىڭ يازمىسىدىن چۈشەنگەن ، ھەمدە شۇ ۋاقىتتا بلوگ بولغان قىزىقىشىم شۇنداق قوزغالغانىدى ، لىكىن بلوگباسنى قانداق ئىشلىتىشنى پەقەت بىلمەيتتىم ، ئۇ ۋاقىتلاردا تور بەت ياساشقا تۇنجى قىزىققان ۋاقىتلىرىم ئىدى ، بلوگباسنىڭ css لىرىنى ئازراق چۈشەنگەندىن كىيىن wordpress قا كۆچتۈم ، ھەمدە ئۇنىمۇ بىر مەزگىل تەتقىق قىلىش ئارقىلىق wordpress نىڭ ئۇسلۇبلىرىنى تەرجىمە قىلىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىققۇدەك بولدۇم ، ھەمدە شۇنىڭ بىلەن php ئۈگىنىشكە كىرىپ كەتتىم ، ماڭا بلوگ نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئاتا قىلدى ، يەنە نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۈگەتتى … بلوگ مىھرى ھەقىقەتەن يامانكەن …

  11. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    بۇ يىل ھەقىقەتەن « ئۇيغۇر بىلوگ يىلى» بۇلۇشقا مۇناسىپ . مەنمۇ بۇرۇن ئۇنۋېرسال تور بەت ساھەسىدە تېڭىرقاپ يۈرگەن مەزگىللىرىمدە ، ھەممە بىردەك بىر يىللىق دەم ئېلىشقا چىقتۇق ، ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىنكى كۈنلەردە مەن بىر مەزگىل كونا خاماندا چۆرگىلەپ يۈردۈم ، ئەلقىسسە يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كېتىش ئالدىدا ئىدى ، مەن بىر كۈنى تورغا چىقىپ تۇرغان ۋاقتىمدا تەدبىركارنىڭ بىلوگىنى زىيارەت قىلىپ قالدىم ، ئۇنىڭدىكى يازمىلار ئىختىيارسىزلا مېنى ئۆزىگە تارتىۋالدى ، مەندە بىلوگ دېگەن ئۇقۇم ئەنە شۇ ۋاقتتىن باشلانغان ئىدى . شۇنىڭ بىلەن مەن دەرھال بىلوگباس سۇپىسىدىن بىر بىوگ ئاچتىم ، بىر قانچە يازما يوللاپ باقتىم بىراق ، ئارىدا بىلوگباس سۇپىسىدىن چاتاق چىقتىمۇ ، بىر نەچچە كۈن نورمال ئېچىلماي قالدى ، ئاخىرى بولماي مۇستەققىل ئىسىم ۋە بوشلۇق ئېلىپ مۇستەققىل بىلوگ سۇپىسى قۇرۇپ چىقتىم ، دەسلەپتە يەنە شۇ تەدبىركار ھەقسىز تارقاتقان PJBLOG سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ يۈردۈم ، كېيىنچە ئىلغار بلوگ سېستىمىسى بولغان WordPress دە بىلوگ يېزىش ھاياتىمنى باشلىدىم ، بۇ چاغدىكى بوشلۇق چەتئەلنىڭ بولغاچقا بىر نەچچە قېتىم چاتاق چىقىپ ھېچبىر ئىلگىرلەش بولمىدى ، ئالدىنقى ئايغا كەلگەندە دۆلىتىمىزنىڭ مۇقىم بولغان مەخسۇس WordPress بوشلىقىنى سېتىۋېلىپ بېكەتنى ئەنگە ئالدۇرۇپ ،« ئىزتىل » نامىدا بىلوگ يېزىپ كېلىۋاتىمەن ، مانا مەن بۇيەردە ئەركىن ھالدا نېمىنى ئويلىسام شۇنى يازالايمەن ، كىشلىك تۇرمۇشىمدا يېڭى بىر مەنا پەيدا بولدى ، ئۆز كۆڭلىمدىكى تۈگۈنلەرنى ، يېڭى پىرىكلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشالايمەن . شۇڭا ئاخىردىكى سۆزۈم « مۇبارەك ئۇيغۇر- ئۇيغۇر بلوگ يىلىڭغا !» بارلىق بلوگگىر دوستلارنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەنزىلىنىڭ تېخىمۇ پارلاق بۇلىشىنى تىلەيمەن !

  12. شەمىس مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر بلوگگېرلار كۈندىن كۈنگە كۆپىيىۋاتىدۇ، مەنمۇ بىلوگ دېگەن ئۇقۇمنى ھەقىقى چۈشەنگىلى بىر يېرىم يىلغا يېقىن بوپ قاپتۇ، ئەمما ئەمدى بلوگ ئارىلاۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا تور قامال قىلىندى، ئەمما شۇ چاغدىمۇ ئېلتەبىر بلوگىنى نورمال زىيارەت قىلغىلى بولاتتى، مېنىڭچە مېنىڭ بلوگ دېگەن مۇنداق نەرسىكەن دېگەن دەسلەپكى چۈشەنچەم شۇ ئېلتەبىر بلوگىدىن كەلگەن بولسا كېرەك. كېيىن تورمۇ ئېچىلدى، بلوگلارمۇ بىر-بىرى بىلەن بەيگىگە چۈشكەندەك ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى. مەنمۇ قىزىقىشىمغا ئاساسەن بلوگ يېزىشنى باشلىدىم، بلوگ يېزىش داۋامىدا شۇنى ھېس قىلدىمكى، بلوگ ئارقىلىق باشقىلارغا ئۆزى بىلگەننى باشقىلارغا تەقدىم قىلىشلا ئەمەس بەلكى ئۆزى بىلگەننى تېخىمۇ تولۇقلاش ۋە بىلمىگەننى ئۆگىنىشكە بولىدىكەن.
    مانا بۈگۈن قارايدىغان بولساق ئۇيغۇر بلوگلىرىمىز كۈندىن-كۈنگە تەرەققىي قىلىۋاتىدۇ، مۇكەممەللىشىۋاتىدۇ، ئالدىدا ماڭغانلار كەينىدىكىلەرنى يېتەكلەپ بىرلىكتە يۇقىرى ئۆرلەۋاتىدۇ، مۇشۇنداقلا داۋاملاشسا ئۇيغۇر بلوگگېرلىرىنىڭ كەلگۈسى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى…

  13. قىسمەت مۇنداق يازغان:

    ئەركىن مۇنداق يازغان:
    2011-يىل 25-ماي 01:53
    بەك ھاياجان سۆزلەپسىز ، يېشىڭىزغا ماس كەلمىگەن بىرخل ھىسياتچانلىق باركەن،ئۇيغۇر بلوگ يىلى دەپ قورقماي قويغىنىڭىزدىن چۆچىدىم.
    _______________________________________________________________
    دەرۋەقە، بۇ يازما ھاياجان بىلەن يېزىلىپتۇ. لېكىن، بۈگۈنگە قەدەر بلوگ ھەققىدە تېلېۋىزىيە، رادىئو، قەغەز ۋە تور مەتبۇئاتىدىكى بىر نەچچە قېتىملىق زىيارەت، سۆھبەتنىڭ بىۋاسىتە ئىشتىراكچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئېيتىمەنكى، بۇ ھەقىقەتەن ھاياجان بىلەن سۆزلىگۈدەك ئىش.
    2011–يىلى 3–ئايدىكى «ئىككى يىغىن» مەزگىلىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشىيەن مىكروبلوگ ئېچىپ، تورداشلار بىلەن بىۋاسىتە پىكىر ئالماشتۇردى. يىغىندىن كېيىن مۇشۇ ھەقتە رايونىمىزدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلەرگە يىغىن ئاچتى.
    بۈگۈنكى قەدەر دۆلىتىمىزنىڭ بولۇپمۇ رايونىمىزنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى تورغا، بلوگقا بۇ دەرىجىدە كۆڭۈلشىمىگەن ئىدى.
    راست ، 2011-يىلى كىرگەندىن بۇيان، يۇقىرىسى جاڭ چۈنشيەندىن تۆۋىنى كەمىنە قىسمەتكىچە بلوگ، مىكرو بلوگ ھەققىدە سۆزلەپ كەپتىمىز. بۇ سەۋەبسىز ئەمەس: جاڭ شۇجى مىكرو بلوگدىن پايدىلىنىپ ئۆزى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش ئىمكانىيىتى يوق ئاممىنىڭ ئاھۇ-دەردىنى ئاڭلىدى، قولىدىن كەلگىنىنى ھەل قىلدى، ھەل قىلالمىغىنى مەركەزگە سۇنۇپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقىي «چاكار» ئىكەنلىكىنى نامايىش قىلدى؛ بىز كەبى ئاددىي بلوگگىرلار بلوگ ۋە مىكرو بلوگدىن پايدىلىنىپ، مەۋجۇتلۇقىمىزنى ئىپادىلەپ كېلىۋاتىمىز.
    بلوگگىرلار تور جامائىتىنىڭ كۈچلۈك قوشۇنلىرىدىن بىرى بولۇش سالاھىيىتى بىلەن، ئۇيغۇر تور مەدەنىيىتىگە كۆز يۇمغۇسىز تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ. ستاتىستىكا قىلىشىمچە، تور يازمىلىرىنىڭ تەخمىنەن %70 دىن كۆپرەكى بلوگگىرلارنىڭ قولىدىن چىقىۋاتىدۇ، بۇ كىچىك نەتىجە ئەمەس.
    بۇ يەردە يۈكسەل ئىنىمىز 2011-يىلىنى «بلوگ يىلى» دەپ جاكارلاپتۇ. كۆپچىلىككە مەلۇمكى، ب د ت پەن-مائارىپ تەشكىلاتى «2008-يىلى مەھمۇد كاشغەرىي يىلى» دېگەندەك جاكارلارنى بېرىپ تۇرىدۇ. بۇ جاكار ب د ت نىڭ سالاھىيىتىگە، ئورنىغا ماس كېلىدۇ. خۇددى شۇنىڭدەك، بىزدىكى يۈكسەل بلوگى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان جاكارنى چىقىرىش سالاھىيىتىگە ئىگە. سەۋەبىنى ئىستىگەنلەر مۇشۇ بلوگنى ۋە يۈكسەلنىڭ ھەر قايسى تارقىتىش ۋاستىلىرىدىكى سۆزلىرىنى قايتا بىر ئاڭلاپ، دەڭسەپ باقسا بولىدۇ.
    بۇ ئىشنى پرىنسىپقا كۆتۈرۈپ، «ھەي يۈكسەل، سەن نېمىدەپ 2011-يىلىنى ‹بلوگ يىلى› دەپ جاكارلايسەن، بۇ ھوقۇقنى ساڭا كىم بەردى؟» دېيىشنىڭ ئەھمىيىتى يوق، چۆچۈشنىڭ تېخىمۇ زۆرۈرىيىتى يوق.
    ئىشلار مۇشۇ بويىچە ماڭسا، رايونىمىز ئىنتېرنېت باشقۇرۇش تارماقلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولۇش ھەم مۇمكىن.

  14. ئانا تىل مۇنداق يازغان:

    توغرا بۇ ھەقىقەتەن ھاياجان بىلەن سۆزلىگۈدەك ئىش.

  15. ئۆزقان مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر بىلوگگېرلار ئۇيغۇر تورچىلىقىغا ئۈن-تىنسىز خالىس تۆھپە قوشۇۋاتقان، ئەمەلىي كۈچى ۋە تەرەققىيات ئىستىقبالىنى تۆۋەن مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان بىر قوشۇن ئىكەنلىكى يۇقۇرىدىمۇ ئازدۇر-كۆپتۇر قەيت قىلىنىپتۇ. مېنىڭچە ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى يەنىلا جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ ياردىمىگە، قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە مۇھتاج. شۇندىلا ئۇ ئۆزىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى تېخىمۇ ياخشى نامايەن قىلالايدۇ!

  16. بىرزات مۇنداق يازغان:

    ھەپتە بۇرۇن 80خالتا بلوگى ھەققىدىمۇ شىنجاڭ گېزىتىدە ماقالە يېزىلىپتۇ. قەشقەر خەلق رادىيو ئىستانسىدىمۇ ئاڭلىتىش بەردى. پارتىيە-ھۆكۈمەت، مۇناسىۋەتلىك ئاخبارات ئورۇنلىرىمۇ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلىۋاتقاندەك قىلىدۇ. مۇشۇنداق چوڭ ياخشى پۇرسەت، شارائىتتا ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇپ رايۇنىمىز ئېنتىرنىت ئىشلىرىغا بىر كىشىلىك ھەسسىمىزنى قوشايلى!!!

  17. تۇران تېكىن مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بۇ بىر يازمىسى بىلەن ئىسمىنى ئاڭلىغان، يازمىلىرىنى كۆرگەن، ئەمما ئىنكاسلىرىنى كۈرۈپ باقمىغان «ئۇستاز» لارمۇ ئۆزىنى ئاشكارلاپتۇ. دىيىشكە تىگىشلىك گەپلەرنىڭ ھەممىنى يۇقىرىدىكىلەر كۆرسىتىپ ئۆتۈپتۇ. ئۈمۈدۈم: ئىلگىرى تور دۇنياسى قاينام تاشقىنلىققا چۈمگەن ئەشۇ يىللاردا تور ئەخلاقى تەشەببۇس قىلىنغان ئىدى. مۇشۇ تەشەببۇس ئارقىلىق نۇرۈۇنلىغان تورداشلىرىمىز ئىلمى بولغان تورچىلىق يولىغا قەدەم قويۇپ، مەنىۋىيىتىمىزدە بىر گۈزەل مەنزىرە ھەزىرلىغان ئىدى. دەرۋەقە بۈگۈنكى كۈندە، يۇقىرىدا كۆرسىتىلگەن تۈرلۈك سەۋەپلەر تۈپەيلى، ئۇيغۇر بلوگچىلىقى گۈللىنىش باسقۇچىغا كىردى دىيىشكە بۇلىدۇ. ئەمما ساقلانغان ۋە كۆرۈلگەن مەسىللەرمۇ ئاز ئەمەس.يەنى ئۇيغۇر بلوگچىلىقىمىزدا كەسپى ئەخلاق مۇكەممەل ئەمەس. كونا بلوگگىرلارنىڭ مۇشۇ ھەقتە ئەتراپلىق توختۇلۇپ ئۆتۈشىنى، بۇنىڭ بلوگچىلىقىمىزنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىنىڭ يەنىمۇ گۈللىنىشى ئۈچۈن بىر ئاساس ۋە يۈنۈلۈش بۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!

  18. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    بۇ يىل بلوگ دەپ ئاڭلاپ باقمىغانلار ئاڭلىدى، ئاڭلاپ باققانلار يېزىشقا باشلىدى. قوشۇن زورايغىلى، تەسىرى چوڭايغىلى تۇردى. قايسى كۈنى بىرىدىن بالدۇر كەلگەندىن دەل ۋاقتىدا كەلگەن ئەۋزەل دېگىنىنى ئاڭلىۋېدىم … ياخشى ئىشلار بولىۋاتىدۇ.

  19. Bakhtiyar مۇنداق يازغان:

    تولۇقسىزنىڭ بىرىنچى يىللىقىدىن باشلاپ ئۇيغۇرچە تور بېكەتلەرنى زىيارەت قىلىشىنى باشلىغان. شۇ ۋاقىتلاردىكى سەلكىن تور بېكىتىنىڭ چايخانىسى بەزلەرنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك.
    كېيىنچە ئۇيغۇرچە بېكەتلەرگە جىق دەسسىمەس بولۇپ كەتتىم. چۈنكى بىزنىڭ قېرىنداشلىرىمىزنى خەۋەردار قىلىشقا تېگىشلىك شۇنچە جىق نەرسىلەر تۇرسىمۇ، كىرسىلا ناخشا قويۇلىدىغان، بەت ئۈستى ئۇيغۇرچە ناخشا، ئۆزبېكچە ناخشا، ئىسلامچە ناخشا… دېگەنلەر بىلەن تولغان، ھىندىستاننىڭ كىنوسىدىن باشقىنى تاپقىلى بولمايدىغان بېكەتلەرنىڭ جىقلىقى مېنى زېرىكتۈرگەن ئىدى. چۈنكى مەن خەنچە، شۇنداقلا چەتئەلنىڭ خاسلىقى بار، ھەممە نەرسىلەرگە ئېسىلىۋالماي، بىر نەرسىنى تۇتۇپ تونۇشتۇرىدىغان شۇ بېكەتلىرىگە ناھايىتى ئامراق ئىدىم. شۇڭا تەدبىركار ئەپەندى تەرجىمە قىلغان PJblog ئىشلىتىپ،2010-يىلى 1-ئايدا Linux بىلىملىرىنى تونۇشتۇرىدىغان بىلوگ يازدىم، ھازىر wordpress ئىشلىتىپ بىلوگنى داۋاملىق يېڭىلاۋاتىمەن.
    دەرۋەقە ھازىر كىشىلەرنىڭ ئىدىيىسى كۆپ ئۆزگەردى، بەزى ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى بۇرۇنقى چاكىنىلىقنى
    تاشلىدى. ئۇيغۇرلاردا پايدىلىنىش قىممىتىگە ئېگە تور بېكەت، بىلوگلار كۆپىيىشكە باشلىدى.google ئاقتۇرىدىغان بولساق ئۇيغۇرچە يېزىقتىكى ماتېرىياللار بىر يىل بۇرۇنقىدىن نەچچە ھەسسە كۆپەيدى. دەرۋەقە 2011-يىلىنى ئۇيغۇر بىلوگ يىلى دېسەك ھەرگىز چوڭدىن چۈشكەن بولمايمىز.

  20. كۆكتاش مۇنداق يازغان:

    ئالدى بىلەن ئۇيغۇر بلوگ يىلىغا مۇبارەك بولسۇن!
    2009-يىلى مەنمۇ بلوگىر بولۇپ كەتكىلى تاس قالغان ئىدىم.
    شۇ يىلى 3-ئايدا، خىزمەتدىشىم بوھراننىڭ ياردىمى بىلەن، خىزمەت (ئىزدەش) بلوگىنى ئاچتىم، دەسلەپكى خېرىدارلار ئانچە كۆپ بولمىسىمۇ، كېيىن ئۇلغىيىشقا باشلىغان ئىدى. بۇ بلوگقا كۈندە بىر قانچە پارچە خىزمەت ئۇچۇر يېزىپ تۇرمىسام بولمايتتى. لېكىن، ئۆزەم قىزىققان بولغاچقا، ھېرىكىپ كېتىشنىڭ ئورنىغا، ھاردۇقۇم چىقىدىغان بولۇپ قالدى.
    5-ئايدا، خىزمىتىمنى يۇرتۇمغا يۆتكەش سەۋەبلىك، بىر مەزگىل ئارىلاپ تاشلىنىپ قالدى. ئۇ چاغلاردا بىر قولۇمنى ئىككى قىلالماي تۇرىۋاتقاچقا، ماڭا ھاردۇق چىقىرىش تۈگۈل، ئارتۇقچە بېسىم بولۇپ قالدى. 7-ئايدا بىزمۇ تەڭ «يىللىق دەپ ئېلىش» قا چىقىپ كەتتۇق. شۇنىڭ بىلەن، بۇ ئىش ماڭا «قېرى كالىغا پىچاق خۇشياققاندەك» خۇش ياقتى.
    دەم ئېلىش تۈگىگەندىن كېيىن، بىرسى بىلەن ھەمكارلىشىپ، چوڭىراق قىلىپ، خىزمەت ئىزدەش توربېتى ئاچتۇق. بۇ توربەتمۇ بىر مەزگىل ماڭغاندىن كېيىن، ئىككىلىمىزنىڭ خىزمەت ئالدىراشلىقىمىز تۈپەيلىدىن، يەنە بىر مەزگىل تاشلىنىپ قالدى.
    مانا ھازىر، كۆڭلىمدە ئويلىغان ۋە بايقىغان «خىياللىرىم»نى يۈكسەل بلوگىغا تۆكۈپ تۇرىۋاتىمەن.

  21. مەيلى مۇنداق يازغان:

    پەقەت يارىماس گەپلەرنى بەك تولا قىلىدىغان بولۇپ كىتىپسلەر.سەل ئەمەلىيراق،ھۆددىسدىن چىققىلى بولىدىغان،باشقا يەردىمۇ دىگىلى بولىدىغان گەپ قىلمامسلەر؟ھە دسىە مۇشۇنداق قۇرۇق پو ئاتىدىغان بىلوگچى پەقەت سىللە جۇما.

  22. مۇرشىدى مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن بۇ يىلنى «ئۇيغۇر بىلوگ يىلى» دەپ ئاتاشقا مۇناسىپ. يېقىندىن بېرى يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان بىلوگلارنىڭ كۆپلۈكىدىن ئۇلارنى بىر- بىرلەپ ئارىلاپ، ۋوردپرەستە قۇرۇلغان نادىر بىلوگلارنى ۋوردپرەس ئورگان تورىنىڭ ئۇيغۇرچە بېتىدە مىسال سۈپىتىدە قوشۇپ مېڭىشقا زادىلا ئۈلگۈرەلمەيۋاتىمەن. بۇرۇن ۋوردپرەسنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسىنى خالىغان ۋاقتىمدا تەييارلاپ، ئىنگىلىزچە نەشرىدىن بىرەر- ئىككى ھەپتە كېچىكتۈرۈپ تارقىتىپ كەلگەن ئىدىم. ئەمدى بولسا رەسمىي نەشرىنىلا ئەمەس، سىناق نەشرىدىن تارتىپ «ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى قاچان چىقىدۇ» دەپ تۆت كۆزى بىلەن كۈتۈپ، مېنى ئالدىرىتىپ تۇرىدىغانلار كۆپىيىۋاتىدۇ. يۈكسەل بىلوگى، ئۇيغۇربەگ تور تۇراسى قاتارلىق سەركە بىلوگلار يېڭىدىن يېتىشىپ چىقىۋاتقان بىلوگگىرلارغا يول باشلاپ ماڭسا، 80 خالتا بىلوگى، تەدبىركار بىلوگى، جېك بىلوگى قاتارلىق بىلوگلار بولسا بىر قەدەر كەسپلەشكەن ھالدا بىلوگلارنىڭ ئۈلگىسى بولۇپ ساغلام تەرەققىي قىلىپ مېڭىۋاتىدۇ. يەنە مەن نامىنى ئاتىيالماي قالغان، ھەر ساھە كىشىلىرى ئۈچۈن ئۈن- تىنسىز خىزمەت قىلىۋاتقان نادىر بىلوگلارمۇ ئاز ئەمەس. مىكرو بىلوگچىلىق بولسا تېخىمۇ زور ھاياتىي كۈچ بىلەن جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانماقتا. تورداشلار ئېيتقاندەك، بىلوگچىلىق ھەر قايسى تاراتقۇلار ۋە ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىنىڭمۇ دىققىتىگە ۋە يېقىندىن قوللىشىغا ئېرىشمەكتە. بىلوگچىلىق ساھەسىدە مۇشۇنىڭغا ئوخشاش خوشاللىنارلىق ئەھۋاللار بارغانچە كۆپىيىۋاتىدۇ. بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا، ھەر قايسى بىلوگگىرلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق ۋە ئۇتۇقلۇق بولۇشىغا چىن كۆڭلۈمدىن تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ۋوردپرەسنىڭ ئۇيغۇرچە ئورگان تور بېكىتىدىن مۇرشىدى ئەپەندىنىڭ بەرگەن مۇئەييەنلەشتۈرمە باھاسىغا ۋە ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىن كۈتىۋاتقان ئۈمىدلىرى ، ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا تېلىگەن ئەزگۈ تېلەكلىرىگە چىن كۆڭلۈمىزدىن تەشەككۈر ئېيتىمىز!
      ئورگان تور بېكىتىنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدىكى يېڭى تەرەققىيات يېڭى ۋەزىيەتنى كۆزدە تۇتۇپ ، ئۇيغۇر بلوگگىرلارنى تېخىمۇ سۈپەتلىك مۇلازىمەت بىلەن تەمىن ئېتىشىنى، ئىمكان بولسا بلوگگىرلار ساھەسىدىكى ياراملىق تورداشلارنى تاللاپ ئورگان قوشۇنىنى بېيىتىپ، خىزمەت ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرسە دەيدىغان ئۈمىدىمىز بار. ھەممەيلەنگە يېڭى نەتىجە ، يېڭى مەنىزللەر نىسىپ بولغاي!
      بارلىق بلوگگىر دوستلارنىڭ ‹‹ بلوگ يىلى ›› غا مۇبارەك بولسۇن ! يەنىمۇ جۇشقۇنلۇق بىلەن بلوگ مەدەنىيىتىمىزنى ئەۋج ئالدۇرايلى!

  23. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇربلوگ يىلىغا مۇبارەك بولسۇن . بۇ خاتىرە يىلنىڭ باش تېمىسى نېمە بولسا بولىدۇ؟ بۇ ھەقتىمۇ تورداشلاردىن تېز ئارىدا پىكىر ئېلىپ بىقىش كېرەك.
    مەسىلەن : « بلوگ -ھەممىىمىزنىڭ خاس مەتبۇئاتى بولسۇن» دېگەندەك،…

  24. ئەلشات بلوگى مۇنداق يازغان:

    دىمىسىمۇ بۇ يىلنى 2011 يىلى ئۇيغۇر بلوگ يىلى دەپ ئاتاشقا مۇناسىب بىر يىل بولدى . كەمىنە بايلىق بلوگى مۇ بۇيىل بلوگبۇس تىن ۋاز كىچىپ Wordperss بلوگ سىستىمىسىغا كۆچۈپ چىقتىم شۇنداقلا باشقىلارنىڭمۇ بۇ Wordperss تەك ياخشى بىر بلوگ سىستىمىسىغا كۆچۈپ چىقىشنى تەۋسىيە قىلدىم . ماڭىمۇ بۇ Wordperss سىستىمىسىغا كۆچۈپ چىققىلى 2 ئايچە بوپتۇ، مۇشۇ 2 ئاي ئىچىدىلا كەمىنىنىڭ قوللىغۇچىلىرىدىن ئاز دىگەندىمۇ ئۆز قولۇم بىلەن بوشلۇق ۋە باشقا ئىشلىرىنى قىلىپ بىرىپ 15 بلوگگىرنى مۇشۇ ساھەگە باشلاپ كىرىپتىمەن يەنە كۈندىن كۈنگە كۆپىيۋاتىدۇ، دىمەك بۇنىڭدىن كۆرۈۋىلىشقا بولىدۇكى بلوگ ساھەسى كۈندىن كۈنگە زور قوشۇنغا ئايلىنىۋاتىدۇ ۋە ئايلانماقتا. ئەمدى ئاخىردا چوڭ بلوگگىرلارغا بىرىدىغان بىر تەكلىپىم بار: مۇشۇ يىڭى بلوگگىرلارنى يىتەكلەيدىغان بىر سەھنە ھازىرلىساق ، يەنى توردا مۇنازىرخانا ئىچىپ ھەپتىدە بىر قىتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ بلوگنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن باشلاپ يىڭى بلوگگىرلارنىڭ يىڭى بلوگ ئاچقاندا نىمىلەرگە دىققەت قىلىشىغىچە ۋە تىخنىك ئىشلىرىنمۇ ئانچە مۇنچە بىلىم بىرىپ شۇلارنى يىتەكلىسەك دىگەن ئۈمىدتە مەن بولسا ئويلىشىپ باققايسىلەر

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدۇق. كۆڭلىمىزدە ھەم سان بار.

      • ئەلشات بلوگى مۇنداق يازغان:

        ئۇيغۇر بەگ دىدىمۇ ياكى قىسمەت ئەپەندىممۇ ؟ ھەر ئىككىلىسىگە دىگەن ئىدىم بۇ مەسلىھەتنى ھى ھى! ئاتىكاچىلىق قىلىپ قويغان بولسام كەچۈرشەلا!

    • ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

      يڭى بلوگگىرلار نېمىلەرگە دىققەت قىلىشى كېرەك؟ دېگەن بۇ سۇئالغا مېنىڭچە بۇرۇنلا خېلى ئەتراپلىق جاۋاب بېرىلگەنغۇ دەيمەن!!!
      ئىلقۇت بلوگىمۇ مەخسۇس مۇشۇ ھەقتە ئاز بولمىغان يازمىلارنى تەييارلاپ يوللىغان، مۇنبەر دېسەك ھازىر مۇنبەر كۆپ، لېكىن ئۇنى ئۈنۈملۈك باشقۇرۇپ ماڭىدىغانغا ئادەم يوق. شۇڭا قانداق مەسىلە بولسا مەسىلەن بىر قەدەر نوپۇزى بار بلوگلاردا ئىنكاس قالدۇرسا، بۇ نوپۇزلۇق بلوگگىرلارمۇ قولىدىن كېلىشچە ئۆز تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلىگەن ئاساستا جفۋاب بېرىشى مۇمكىن.

  25. ئىستىقبال مۇنداق يازغان:

    2011-يىلنىڭ ئۇيغۇر بىلوگچىلىكىدىكى باشلىنىش نوقتىسى بۇلۇشىنى، بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر بىلوگچىلىكىنىڭ گۈللىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
    داڭدار بىلوگلارنىڭ چىقىشى ئۈچۈن، بىلوگگىرلارنىڭ قەلىمى يېزىشتىن، كاللىسى تەپەككۇردىن توختاپ قالمىغاي!

    ============بولسا يۈكسەل ئەپەندى، بىلوگ توغرۇلۇق نۇرغۇن تىما يېزىلدى، سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى. بىلوگنىڭ كارخانا تەرەققىياتى توغرىسىدا يېزىلغان ياخشى بىر يازمىغا نۇرغۇن تورداشلار تەشنا دەپ ئويلايمەن.

    • ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

      بلوگنىڭ كارخانا ھەققىدە ئوينىغان رولى ھەققىدە گەپ بولۇپ قاپتۇ، بلوگنىڭ كارخانا ھەققىدە ئوينايدىغان رولىمۇ ناھايىتى زور، بۇ ھەقتە كەمىنە بۇرۇنلا بىر بلوگنىڭ كارخانا ساھەسىدە ئوينايدىغان رولى ھەققىدە توختالغان بىر كىتاب ئوقۇغان ئىدىم. ھەمدە ئەينى ۋاقىتتا تەرجىمە قىلىپ چىقىشنى ئويلاشقان بولساممۇ پۇرسەت بولمىغان ئىدى. ئۇ كىتابنى ئوقۇپ چىقىدىغان بولساق بلوگنىڭ كارخانا ساھەسىدە ئوينايدىغان رولىنىڭ ھەقىقەتەن زور ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قالىمىز.

  26. تورباجىن مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر بلوگچىلقى تەرەققىياتى ھەقىقەتەن تىز بولدى. لىكىن سەرخىل بلوگلار يەنىلا ئاز ساندا.

  27. سەھرالىق بالا مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى بىلوگ چىلىقى راس ھەقىقەتەن تىمىدا ئىيتىلغاندەك بولىۋاتىدۇ. بىراق ما تىما ماڭا پارتىكوم نىڭ يىللىق خىزمەت دوكىلاتىدەكلا تۇيغۇ بىرىۋاتىدۇ

    • ۋەتەن مۇنداق يازغان:

      ھىلىمۇ شۇ ، يۈكسەل ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق بلوگېرلار ئىلمىي جەمئىيىتىنىڭ پارتكوم شۇجىسى ھاھاھاھا…

  28. گۈلىستان مۇنداق يازغان:

    بىلوگگىرلار كۈندىن كۈنگە باي بولۇپ ،ۋوردپىرەسكە كۆچۈۋاپلا ئادەتتىكى بىلوگباستا ئولتۇرۋاتقانلارنى يوقلىماس بولىۋالدىڭلار.

    • شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

      ئۇنداق ئەمەس، ھەممىمىز يوقلاپ تۇرىۋاتىمىز، ئۇزبلوگ ئۇلىنىشىدىمۇ كەڭ بلوگباستىكى دوستلارغا كەڭ كۇشادە ئورۇن بېرىلىپ كېلىۋاتىدۇ، ھەممىمىز مۇشۇ ئۇلىنىش سۇپىسىدىن مەيلى بلوگباس سۇپىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان دوستلار بولسۇن ۋە ياكى مۇستەقىل تور نامى ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان دوستلارنىڭ بولسۇن ھەممىسىنىڭ بلوگلىرىنى ئوخشاش زىيارەت قىلىپ يېڭىلىقلارنى كۆرۈپ تۇرىۋاتىمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر يىللىق نادىر بلوگ باھالاش پائالىيىتىدىمۇ بلوگباس سۇپىسىدىكى بلوگگېر دوستلارنى ئالدىن ئويلىشىۋاتىدۇ، ھېچقايسىمىز ھەرگىز بۇ يەرگە كۆچىۋېلىپلا بلوگباستا دائىملىق يېڭىلىنىپ كېلىۋاتقان جاپاكەش بلوگگېر دوستلىرىمىزنى ئۇنتۇپ قالمىدۇق، مەيلى قايسى يەردە يازمايلى پەقەت ياخشى يېزىلىۋاتقان بلوگ بولسىلا ئۇ يەنىلا نادىر بلوگ

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمىغاندەك ، ئۇيغۇر بلوگچىلىقىدا بلوگباس سۇپىسىنىڭ ئوينىغان رولىغا كۆز يۇمۇشقا زىنھار مۇمكىن ئەمەس. ھېلىھەم بلوگباس سۇپىسى نۇرغۇنلىغان بلوگگىر دوستلىرىمىزنىڭ كۆڭۈلدىكىدەك بلوگ نەشىرى قىلىش سۇپىسى بولۇپ تۇرماقتا.
      قىسقىسى، گەپ لىباستا ئەمەس بەلكى ئىنساندا بولغىنىدەك. ئىشلەتكەن بلوگ نەشىر قۇرالىنىڭ قانداق بولۇشى، ئۇسلۇبىنىڭ قانداق – قانداق بولۇپ كېتىشى ھالقىلىق مەسىلە ئەمەس. بەلكى ئۇنىڭ مەزمۇنىنىڭ جەلبكارلىقى، ئوقۇرمەنلەرگە زوق بېرەلىشى، ئەمەلىي نەپ يەتكۈزەلىشى مانا بۇ بىر بلوگنىڭ ئەڭ مۇھىم يادروسىدۇر.

  29. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    بىر قانچە ۋاقىتتىن بېرى تورغا چىقىش ئىمانىيىتىم بولماي ماۋۇ توردىكى يېڭىلىقلاردىن مەھرۇملا قاپتىمەن دېسە….
    مەن ماۋۇ تېمىنى سەل كېچىكىپ كۆرگەندەك قىلىمەن، يۇقىرىدا كۆپچىلىكنىڭ پىكىر ئىنكاسلىرىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىقتىم. بەزىلەر ھاياجانلىنىپسەن دېگەن پىكىرلەرنىمۇ ئوتتۇرىغا تاشلاپتۇ، بەزىلەر بىردەك يازما مەزمۇنىنى قوللاپ پىكىر بايان قىپتۇ. مەيلى ھاياجانلانغان بولايلى ياكى ئۇنداق بولمىسۇن، 2011-يىلىدا بلوگ ھەققىدە ئەڭ كۆپ پاراڭ بولدى دېيىشكە بولىدۇ. يۇقىرىدا ئېيتىپ ئۆتۈلگەندەك ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىمۇ بلوگدىن ئىبارەت بۇ شەيئىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، مۇۋاپىق ئورۇن، مۇۋاپىق ۋاستىدە مەلۇم دەرىجىدە قوللاش ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ھۆكىمەت تەرەپتىن ياخشى قوللاپ بېرىۋاتقان ئىكەن، بىزنىڭ ساغلام بولغان ئۆزگىچە، نادىر بلوگلارنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈشىمىز ھەم بۇرچىمىزدۇر!
    بلوگدىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئىي مەيلى شۇ بلوگنى يېزىۋاتقان بلوگگىرغا بولسۇن ياكى سىرتتىن كۆرىۋاتقان كۆرۈرمەنگە بولسۇن ئىجابىي تەرىپى زور. ھېچ بولمىغاندا بلوگ يازغۇچى بىلىمنىڭ زاكىتىنى بېرىش بۇرچىنى ئادا قىلىش بىلەن بىرگە تور دۇنياسىدا بەلگىلىك تەسىرىنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرۈپ، باشقىلارغا مۇشۇنداق بىر ئادەممۇ بار ئىكەن (ھېچ بولمىغاندا باشقىلار ئۈچۈن خالىسانە ئەمگەك قىلىدىغان) دېگەن تۇنۇشقا كېلىشىگە ھەم ئۆزىنىڭ كىشىلىك قىممىتىنى ئاشۇرۇپ، باشقىلارنىڭ مەنىۋىي ئېھىتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن ئۆزىدە كۈچلۈك بولغان ئىزدىنىش روھى (دېسەم دېمىسەم ھازىر ئەڭ زور ئىزدىنىش روھىغا ئىگە بولغانلار ئاۋانگارتلار قوشۇنى بلوگگىرلار ئىچىدە ئەڭ زور سالماقنى ئىگەللەيدىغۇ دەيمەن) يىتىلدۈرۈپ، ئۆز قىممىتىنى ئاشۇرۇپ ھەم جەمئىيەتنىڭ تىز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ….
    يازمىغا قانداق باھا بېرىش شۇ باھا يازغۇچىنىڭ قىممەت قارىشى، كىشىلىك قارىشى ۋە دۇنيا قارىشىغا باغلىق. قىممەت قاراشنىڭ ئوخشاش بولماسلىقى ئوخشاش شەيئىگە ئوخشاش بولمىغان قاراشنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ. مەيلى قانداق بولمىسۇن ھاياجانلانغانلار ئۆزىمىزنى بېسىۋېلىشنى، بەك دەۋرگە ماسلىشىپ بولالمىغانلىرىمىزنىڭ ئەتراپىمىزغا ئانچە-مۇنچە دىققەت قىلىپ قويۇشىمىزنى شۇنداقلا دەۋرگە ماسلىشىش قەدىمىمىزنى ئازراق تىزلىتىشىمىزنى، نېمىلا بولمىسۇن دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، ھەر ۋاقىت ھېسسىياتقا بېرىلىشتىن ساقلىنىپ، ئەتراپلىق تەپەككۇر قىلىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

  30. غىرىپجان مۇنداق يازغان:

    ئەڭ دەسلەپ بلوگ سۇپىسى تارقاتقىنى سابىق شىنجاڭ لىنىيەسى تورىغۇ دەيمەن .

  31. د.ئا.ئوغلان مۇنداق يازغان:

    ئەڭ دەسلەپكى بىلوگچىلاردىن جېك ، ئارامگاھ ، دۇنياقارا ، تارىم68 قاتارلىقلارمۇ بلوگباستا بىلوگ يازغۇچىلار قوشۇنىنىڭ كۆپىيىشىگە كۆرۈنەرلىك كۈچ قوشقان ، شۇلارغىمۇ ئالىي ئىھتىرام !

  32. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    2011-يىلىنى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن بلوگ يىلى دەپ ئاتاش ئورۇنلۇق. چۈنكى بىز «جۇڭگۇچە تەرەقىيات» ئۇسۇلى بويىچە تىز تەرەققىي قىلىپ «شىنجاڭچە ئۈنۈم» ياراتتۇق. تەرەقىياتىمىز ئۇچقاندەك بولدى، سان جەھەتتىنلا ئەمەس سۈپەت جەھەتتىمۇ تولىمۇ نادىرلاشتى ۋە كەسپىيلەشتى. 2012-يىلنىڭ «مىكرو بلوگ» يىلى بۇلۇپ قېلىشىنى تىلەيمەن.

  33. ئاجايىپ مۇنداق يازغان:

    ئۇيغۇرنىڭ مۇشۇ خىل قىزغىنلىقى دۇنيادا خېلى خېلى مىللەتلەردە يوق، مەسىلەن تۇنجى قېتىملىق قارلۇق پەسلىمۇ ئاجايىپ كاتتا ئۆتكۈزۈلگەن، ئۇيغۇر بالىلاردىكى كومپيۇتېرغا بولغان ئەشەددىي قىزغىنلىق…
    شۇنىڭ بىلەن پېقىرنىڭ ئاجايىپ بلوگىمۇ تاشتىن-تاشقا ئۇرۇلۇپ يۈرۈپ ئاخىرى 2011-يىلى بالىلار بايرىمىدا تورغا چىقىۋالدى. كېيىنكى يېرىم يىلدا ئاجايىپ بلوگىدا ئاجايىپ يازمىلار دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
    بىرلىكتە تىرىشايلى.

  34. ئاقتۇر مۇنداق يازغان:

    جاڭ چۈنشەن قاراماشىنا ھەيدىگۈچىلەر بىلەنمۇ ئالاقە قىپتىكەن ،ئۇنداقتا قاراماشىنا ھەيدىگۈچىلەر ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندابۇيىل ،ئۇيغۇر قاراماشىنا يىلى بوپقالىدىغان ئوخشايدۇ…. ;-)

  35. سەھرادىل مۇنداق يازغان:

    بىلوگ،بىلوگ،بىلوگ،دەۋىرىپسىلەر،بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە مەنىسى نىمە ؟بىرسىڭلارمۇ چۈشەندۇرمەپسىلەرغۇ؟

  36. [...] ئارقا-ئارقىدىن يېتىشىپ چىقتى. يۈكسەل بىلوگىدا <<2011-يىلى ئۇيغۇر بىلوگ يىلى>> ناملىق تېما 2011-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى رەسمىي ئېلان [...]