2012 – يىلى 1– ئاينىڭ 22- كۈنى ( يەكشەنبە ) ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر سائەت 8 دىن 9 غىچە ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ نادىر ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگراممىسى ‹‹ يەكشەنبىلىك سۆھبەت ›› تە، ئەلداۋا ساغلاملىق تورى ۋە يۈكسەل بلوگىنىڭ مەسئۇلى ھېسابلانغان كەمىنە يۈكسەلنىڭ ئىشتىراك ئېتىشىدىكى ‹‹ ئۇيغۇرلاردا ئىسىم-تەگئات ›› نەقمەيدان سۆھبىتى ئاڭلىتىلغان ئىدى. مەزكۇر سۆھبەتنى ئۆز ۋاقتىدا رادىئودىن ئاڭلىيالمىغان تورداشلارنىڭ ئاڭلىشى ئۈچۈن مەزكۇر سۆھبەتنىڭ ئۈن ھۆججىتىنى ئېلان قىلدۇق. ئۇيغۇر ئىسىم-تەگئاتشۇناسلىقىغا قىزىققۇچى تورداشلارنىڭ ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانىسىسى
يۈكسەل بلوگى
2012- يىلى 1- ئاينىڭ 24- كۈنى
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئىسىم-تەگئات ھەققىدە رادىئو سۆھبىتى
ياخشى سۆھبەتلەر بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ جۇمۇ. ئەمدى بولسا مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويسىلا، ئاڭلىيالمىغانلار مۇشۇ يەردىنلا ئاڭلايلى.
رىياسەتچىنىڭ تەگئاتى،ئابدۇقەييۇمنىڭ تەگئاتى يوق ئىكەن.\الدى بىلەن مۇشۇ ئىككى كىشى تەگئات قوللىنىپ ئاندىن سۆھبەت ئۇيۇشتۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولىدىكەن.ئۆزى قىلماي تۇرۇپ خەقنى ئۇنى – بۇنى قىل دەپ يۈرسە بولماس!!!