2011 – يىلى 4 – ئاينىڭ 10 كۈنى ( يەكشەنبە ) ئەتتىگەن سائەت 8 دىن 9 غىچە ( ئۈرۈمچى ۋاقتى ) ئاڭلىتىلىدىغان شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ ئۇيغۇرچە ئاڭلىتىش پروگىراممىسى ‹‹ يەكشەنبىلىك سۆھبەت ›› تە، شىنجاڭ ئۇيغۇرسوفىت شىركىتىنىڭ دېرىكتورى ئالىم ئەھەد ئەپەندى، شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى بىلەن قىسمەت بلوگىدىن قىسمەت ئەپەندى ۋە يۈكسەل بلوگىدىن پېقىر يۈكسەلنىڭ ئىشتراك ئېتىشىدىكى ‹‹ مەخسۇس Blog ھەققىدە سۆھبەت ›› ئۇيۇشتۇرۇلغان ئىدى. ئۆز ۋاقتىدا تىڭشىيالىمىغان دوستلار ئۈچۈن ئۇشبۇ رادىئو سۆھبىتىنىڭ ئاۋاز ھۆججىتى يوللاندى. كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسى
شىنجاڭ ئۇيغۇرسوفىت شىركىتى
شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تور بېكىتى
قىسمەت بلوگى
يۈكسەل بلوگى
2011 – يىلى 4 – ئاينىڭ 10 – كۈنى
مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : رادىئو دولقۇنلىرىدا بلوگ ھەققىدە سۆھبەت
مۇبارەك بولسۇن! يەنە قانداق بلوگ بار دېسە، ‹‹ئۇيغۇربەگ››دېگەن بىر بالىمۇ بلوگ دەمدۇ پىلوگ دەمدۇ بىر نېمىلەرنى قىپ يۈرۈيدۇ دەپ قويارلا!
سىزنىڭ ئىسمىڭىزنىمۇ چىقاردى، لاستىنلا نەق مەيدان زىيارىتىكەن جۇمۇ، ئاخشام دىگەن پىكىرنى ئەتىگەندىلە تىلغا ئالدى دىسە…
ھەجەپ ياخشى سۆھبەتلەر بولىۋاتىدۇ -ھە؟ تۈنۈگۈندىن بۇيان مەركىزى خەلق رادىيو ئىستانىسىنىڭ قۇدرەت ياقۇپ بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاپ ھاياجانلىنىپ يۈرەتتىم، ئەمدى يۈكسەلكامنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلايدىكەنمىزدە؟ قۇتلۇق بولسۇن. ما يەردە كروران دەپ بىر قىزچاقمۇ بىلوگ يازىدۇ دەپ قويارسىز-ھە؟ (چاقچاق)
لىكىن يۈكسەلكا، ماۋۇ «بىلوگ» دىگەن خەتنىڭ ئىملاسى ھەققىدە بىلىكتە بىر تىما يوللانغانتى، لۇغەتنى ئاختۇرۇپ قائىدىگە سېلىپ قارىسام راستلا «بىلوگ» دەپ يازساق توغرا بولىدىغان ئوخشايدۇ. قېنى سىزمۇ بىر ئويلىنىپ كۆرەرسىز. يەنە بىرى ماۋۇ «رادىئو» سۆزىنىڭ ئىملاسىمۇ ئۆزگىرىپ «رادىيو» بولغىلى خېلى بولدى. سىزمۇ ئۆزگەرتىۋالامسىزكىن.
ئۇيغۇرسوفت 2088 لوغىتىدىكى بلوك دەيدىغان سۆز ئەزەلدىنلا باركەن، مۇشۇنداق بولغاندا ھەم ئەسلىسىگە ھۆرمەت قىلغاندىمۇ بلوگ دىسەك توغرا بولار.
مۇبارەك بولسۇن!: يۈكسەل ئەپەندىم. مەن چوقۇم ئاڭلايمەن…..
بۇ بىر ياخشى باشلىنىش.
ئاجايىپ ئېسىل ئىشلار بۇلىۋاتىدۇ جۇمۇ! ئىزتىلمۇ – «ئىزتىل بىلوگ»ئارقىلىق ئۇيغۇر بىلوگ دۇنياسىدا پىسىخلوگىيە ، جەمئىيەتشۇناسلىق،تارىخ،تەرمىلەر ،شەخىسنىڭ ئۆز يازمىلىرى بويىچە ئىزنالىرىنى قالدۇرۇپ ماڭىدۇ دەپ ئەسكەرتىپ قويارسىز !(ھىجايغان چىراي ئىپادىسى). ئۇتۇق تىلەيمەن !
مەن كۆرۈپ باقاي…..
ئادىرىسىنى تاپالمايۋاتىمەن…
ناھايتى ياخشى ئىش بوپتۇ..ئۇيغۇر بىلوگچىلىقى يەنە بىر قەدەم ئالغا سىلجىيدىغان بوپتۇدە!…
ئالدىراشچىلىقتا پروگرامما ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىپتىمەن ئەمەسمۇ،……
ئاپلا، 10-چىسلامىدى؟ خاتا كۆرۈپ قاپتىمەن ۋاقىتنى، ئەتە چوقۇم ئاڭلايمەن
پروگرامما ھەقىقەتەن ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپتۇ، ئەمما دېكتورنىڭ بىر قانچە قېتىم گەپ تارتىۋېلىشى قىسمەن پىكىرلارنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلاشقا توسالغۇ قىلىپ قويغاندەك تەسىر بېرىپ قاپتۇ، بەلكىم ۋاقىتنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ئامالسىز شۇنداق قىلغان بولىشىمۇ مۇمكىن
ۋاقىتنى بېيجىڭ ۋاقتى بولۇپ قالمىسۇن دەپ سائەت 6 دىلا رادىيونى ئېچىۋاپتىكەنمەن، مانا بايىلا سۆھبىتىڭلارنى تەپسىلى ئاڭلىدىم، ئالىم ئەھەت مۇئەللىممۇ بۇ ساھەگە كىرىپتۇ، بۇمۇ ياخشى بولغىنى، سۆھبەتتە يۈكسەل ئەپەندىنىڭ سۆزىنى تولۇق دىگىلى ۋاقىت يار بەرمىدى بولغاي، شۇنداقتىمۇ بۇ سۆھبەت تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بولدى دەپ قارايمەن.
تورغا چىقالمايدىغان ئاممىمۇ ھېچ بولمىسا بلوگ دەپ بىر نىمە بارلىقىنى بىلىپ قالىدىغان بولدى، مەنمۇ مۇشۇ زىيارەتنىڭ تۈرتكىسىدە تاشلاپ قويغان بلوگىمنى داۋاملاشتۇرۇشنى قارار قىلدىم.
ئاڭلىغانلار تاشلاپ قويمامسىلەر؟ بىزدەك رادىيو ئاڭلاش ئىمكانىيىتى يوقلار ئەمدى ئاڭلىۋالايلى!
كېچىكىپ خەۋەر تېپىپ قاپتىمەن.
بلوگقا يوللىۋەتكەن بولسىڭىز بىزمۇ بىرگە ئاڭلىغان بولساق.
يۈكسەل ئەپەندىنىڭ بلوگ ھەققىدىكى سۆزلىرى يەنە باردەك قىلىدۇ، مۇشۇ تېمىدا نەشر قىلىۋېرىڭ.
سىلەرگە زىيارەت خاتىرىسىنى ئېلىپ كەلدىم، يۈكسەلكام ما ئىنكاسىمدىكى ئۈن ھۆججىتىنى ئاپتوماتىك قويۇلىدىغان قىلىپ قويغاي.
mms://124.117.229.21/vod1/蒙语节目/周末访谈/201104/周末访谈_20110410_321.wmv
مۇشۇ ئادېرىستىن ئاڭلاڭلار
نەچچە قېتىم سۆھبەت ئۆتكۈزۇپ بولدۇڭلار، بىر مۇنچە بلوگنى ساناپسىلەر، قارىسام بىر قېتىممۇ مىنىڭ بلوگىم تىلغا ئېلىنماپتۇ. پېقىرنىڭ بلوگى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدىغان بلوگ بولۇپ قاپتۇدە.
‹‹ چەتئەلدىكى مۇھاجىر ئۇيغۇرلىرىمىز نەشىر قىلىۋاتقان مۇنەۋۋەر بلوگلاردىن …. ›› دەي دەپ بولغۇچە گەپ باشقا ياققا بۇرۇلۇپ كېتىپ قالدى ئەمەسمۇ ؟! گەرچە تىلغا ئېلىشقا ئۈلگۈرمىگەن بولساقمۇ، ئەمما، كۆڭلىمىزدە ھامان زىكىر قىلىپ تۇردۇق ، بۇنىسى سۆزسىزدۇر!
ما گەپ سىزگە پەقەت ماس كەلمىدى جۇمۇ، قېيدىغاندەك، باتنىغاندەك گەپ قىپسىز، ئالتۇن نەدە بولسا ئالتۇن، تىلغا ئالمىساقمۇ بولىۋېرىدىغۇ.
يۈكسەل ما بىلوگىڭىز بولمامتۇ جۇمۇ، تىمىنى شۇنداق ئاچسىلا ئاۋازلىق ھۆججەت ئاپتوماتىك قويۇلۇپ كىتىدىكەن، بىزدە ماۋۇ تور ئېقىمىنى زەھەردەك قىممەت سېتىۋېلىپ تورغا چىقىدىغانلارغا چوڭ زىيان سالدىڭىز جۇمۇ؟ ئادەتتە مەن ئاۋازلىق،سۈرەتلىك ھۆججەتلەرنى پەقەت ياتاقتىكى توردىلا كۆرىمەن. شۇنداق قىلىپ مۇشۇ ئاينىڭ كىيىنكى 15 كۈنىدە ئىشخاندا تورغا چىقماي ئولتۇردىغان بولدۇم.
بۇ ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدىكى خۇشاللىنارلىق ئىش بوپتۇ. كەڭ خەلق ئاممىسىغا بىلوگ ھەققىدە چۈشەنچە بېرىشمۇ ناھايىتى زۆرۈر ئىدى. مانا بۇ قېتىم رادىيو ئىستانىسى بالدۇر تۇتۇش قىلىپتۇ.
بولسا، « كۆڭۈلدىكى سۆز»، «مەدەنىيەت بوستانى» دېگەن پىروگگراممىلاردا مەخسۇس فىلىم ئىشلەنگەن بولسا، تېخىمۇ ياخشى بولاتتى-دە!
نەچچە كۈنلۈك ھەلەكچىلىكتە ماۋۇنىڭدىن كېيىنرەك خەۋەر تېپىپتىمەن. ماۋۇ بلوگچىلارغا نىسبەتەن بەلگىلىك تەشۋىقات رولىنى ئۆتەپتۇ. مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئاخبارات ۋاستىلىرىدا كۆپرەك ئېلىپ بېرىلسا تولىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
ئىسمى ئېيتىلمىغان بلوگچىلار توغرا چۈشەنىشى كېرەكمىكىن دەيمەن. يۈكسەلبەي پەقەت بىر قانچىسىنى مىسالغا ئېلىپ ئۆتۈپ كەتتى خالاس. ئېيتىش توغرا كەلسە مېنىڭچە ئۇزبلوگدىكى ھەممىنى ياغدۇرىۋېتەتتىغۇ دەيمەن
ۋاقىت قىس بولغاچقىمىكىن دېكتور گەپنى نەچچە بۆلۈپتۇ
شىنجاڭ خەلق رادىيو ئىستانسىسىنىڭ «يەكشەنبىلىك سۆھبەت» پروگراممىسىنىڭ ئىخلاسمەن ئاڭلىغۇچىسى بولغانلىقىم ئۈچۈن، ھەر قېتىملىق سۆھبەت پروگراممىلىرىنى قالدۇرماي ئاڭلاپ كېلىۋاتىمەن. بۇ پروگراممىدا ئىزچىل ھالدا ئىقتىساد ساھەسىدىكى قىزىق نوقتىلار سۆزلىنىدۇ. تېمىلىرى ئاكتىۋال، يېتەكلەش كۈچى كۈچلۈك. بۇ قېىتم ئۆتكۈزۈلگەن بىلوگ ھەققىدىكى سۆھبەت ھەقىقەتەنمۇ دەل ۋاقتىدا ئۆتكۈزۈلگەن، قىممىتى بار سۆھبەت دېيىشكە بولىدۇ. بۇ پروگرامما نەق مەيداندا ئۆتكۈزىلىدىغان بولغاچقا، رىياسەتچى قابىلىيىتىنى تولۇق ئىشقا سېلىپ، ۋاقىتتىن ناھايىتى ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، باش تېمىنى تولۇق يورۇتۇپ بېرىپتۇ. بىلىشىمچە، تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرى (ئۇيغۇرچە) دا نەق مەيدان تۈسى يوق دىيەرلىك، ئالدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ، ھەپتىلەپ تەھرىرلىنىپ، ئاندىن تاماشىبىنلارغا تەغدىم ئېتىلىدۇ. دېمەك، شىنجاڭ خەلق رادىئو ئىستانسىسىنىڭ پروگراممىلىرى خېلى يىللار بولدى، بىۋاستە ئاڭلىتىلىدۇ. بۇ رىياسەتچى، دىكتورلاردىن يۇقىرى ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. مېنىڭچە، بىلوگ توغرىسىدىكى سۆھبەتتە رىياسەتچى تېمىنى يورۇتۇپ بېرىش، سۆھبەت قاتناشچىلىرىنى يېتەكلەش، ۋاقىتنى كونتورۇل قىلىش جەھەتتە قابىلىيىتىنى تولۇق نامايەن قىپتۇ، دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
سۆھبەتكە قاتناشقان يۈكسەل ئەپەندى، قىسمەت ئەپەندى ۋە دوتسىنت ئالىم ئەپەندىلەر ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن قىممەتلىك پىكىرلەرنى بېرىپتۇ. شۇنىڭدەك بىلوگلارنىڭ تەرەققىيات يولىدا ئېتىبار بېرىشكە تېگىشلىك نوقتىلار ھەم بىلوگدىكى ئېچىلمىغان «بوز»لار توغرىسىدا كۆرسەتمىلەر بېرىپتۇ. قارىشىمچە، بىلوگ قانداقتۇر خالىغانچە پىكىر قىلىدىغان، ئويلىغاننىلا يازىدىغان مۇنبەر ئەمەس. بىلوگگېرلار بىلوگلىرىنىڭ ئاۋامغا ھەقىقىي نەپ يەتكۈزۈش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشى، ئەڭ مۇھىمى ئۆزلىرىنىڭ كەسپىي بىلىمى ۋە جەمئىيەت بىلىمىنى تىرىشىپ ئاشۇرۇپ بېرىشى، ۋەزىيەتتىن توغرا خەۋەردار بولۇشى ، ئاندىن كېيىن پىكىر بايان قىلىشى تولىمۇ زۆرۈرغۇ – دەيمەن. ھەر بىر بىلوگگېر «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە» دېگەن ھېكمەتنى يادىدىن ھەرگىز چىقارمىسىكەن، دېگەن ئۈمۈدتىمەن. ئىلمىي دەلىللەر ۋە مەنتىقىلىق پىكىرلەر ئارقىلىق يورۇتۇپ بېرىلگەن تېما تورداشلارغا نەپ بېرەلەيدۇ. يەنە بىرى، بۈگۈنكى يازمىڭىز ئەتىكى تارىخ بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.
ئاۋازلىق ھۆججەتنى ئاڭلىيالمىدىم. باشقا يەرگە چىقىرىپ قويساڭلار قانداق
بۇ بىر ناھايىتى ياخشى باشلىنىش بۇ باشلىنىش پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇشىمىز كىرەك دەپ ئويلايمەن
بۇ سۆھبەت بلوگگىر سېپىدىكىلەرگە تېخىمۇ ئىلھام بوپتۇ.
بلوگىچلىقىمىز كۈنسېرى تەرەققىي قىلغۇسى!
ۋاي، ماۋۇ بلوگ ھەققىدىكى خوش خەۋەردىن ئەمدى خەۋەردار بولۇپتىمەن دېسە!
ھەر ھالدا شاھ ئۇيغۇر بلوگىنىڭ قۇرغۇچىسى ئەسكەرتمىگەن بولسا بىلمەيلا قالغۇدەكمىكەن. بۇ يىل رايۇنىمىزدا بلوگىرلارغا خوش خەۋەر خېلى بولىۋاتىدۇ دېسە!
تور دۇنياسى تەررەققىي قىلىپ بىلوگ(تورخاتىرىسى)ئۇمۇملىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە مۇشۇنداق بىر ياخشى ئاڭلىتىشنىڭ دىيارىمىزدا بەلگىلىك تەسىر قوزغىيالغىنىدىن بەك خۇرسەن بولدۇم،بىلوگ ھازىر مىللىتىمىز ئىچىدە ھەم، دىيارىمىزدا بارغانسىرى كېڭىيىپ ھەرقايسى بىلوگىر دوسلارنىڭ بەلگىلىك ئىقتىدارىنى تۇنۇتىۋاتىدۇ.ئۈزۈممۇ بىر بىلوگ ھەۋەسكارى،مەنمۇ ئەلۋەتتە مۇشۇنداق تىمىلارنى كۆرسەم ئۈزۈممۇ ھاياجانلىنمەن.بۇقېتىم ئېلىپ بارغان شىنجاڭ خەلىق رادىئو ئىستانسى بىلەن بىرلىشىپ ئېلىپ بېرىلغان «بىلوگ توغرىسداسۆھبەت»پىروگىراممىسى مىنىڭچە ناھايتى ياخشى بوپتۇ،بولسا بۇنىڭدىن كىيىنمۇ مۇشۇنداق تىمىلارمەخسۇس سەھىپە قاتارىدا ئەل ئىچىدە باش كۈتۈرۈپ چىقىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.بىلوگ توغرىسدا ئۈزلۈكسىز ئىشتىياق باغلاپ،ئىجتىھات بىلەن توھپە قۇشۇپ كىلىۋاتقان بىلوگگىرلارنىڭ جاپاسىنىڭ تىگى ئالتۇن بولغاي!!!…
ئىنتايىن بەلەن، مەنىلىك سۆھبەت بوپتۇ!
سوھبەت ياخشى بۇپتۇ. بولسا دائىم بوپتۇرسا