نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

مۇستەقىل Blog ۋە ئۇنىڭ تور نامى ھەققىدە

يېقىنقى ۋەزىيەتتىن قارىغاندا ئۇيغۇر بلوگچىلىقى يېڭى بىر تەرەققىيات مۇساپىسىگە قەدەم قويغاندەك ، بلوگ ساھەسىدە ‹‹ يېڭى شامال ›› چىقىۋاتقاندەك تۇرىدۇ. يەنى، BlogBus سۇپىسىنىڭ تەڭشىكىدە 200 خەتتىن ئارتۇق ئىنكاسنى يازغىلى بولمايدىغان، ئىنكاسلارمۇ مەخسۇس تەكشۈرۈشتىن ئۆتكۈزىلىدىغان ئۆزگىرىش بولغاندىن كېيىن ، BlogBus سۇپىسىدا قۇرۇلغان 100 لىگەن ئۇيغۇر بلوگلىرى ئۆزىنىڭ كېيىنكى تەرەققىيات مەنزىلىنى قايتىدىن ئويلىشىشقا توغرا كەلگەن. ئۇيغۇربەگ، ئىلقۇت، جېك بلوگلىرى ئارقا – ئارقىدىن مۇستەقىل تور نام ۋە بوشلۇققا كۆچۈپ، دۇنياۋىي ئىلغار بلوگ پروگراممىسى بولغان WordPress تە ئۆز بلوگلىرىنىڭ يېڭى نەشىرىنى ئېلان قىلىشتى ( بۇنىڭدىن سەل ئىلگىرى تەدبىركار، تورخۇمار، يۈكسەل بلوگلىرى PJBLOG دىن WordPress كە كۆچۈپ بولغان ئىدى ) . دېمەك ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى BlogBus ، Blogger لارغا ئوخشاش BSP بلوگ سۇپىلىرىغا تايىنىپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامدا بلوگ نەشىر قىلىشتىن ، مۇستەقىل بوشلۇق ۋە مۇستەقىل تور نامدا ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىغا قاراپ قەدەم تاشلىماقتا. مۇشۇ پەيتلەردە  مۇستەقىل بلوگ ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى، مۇستەقىل بلوگقا تور نامىنى قانداق تاللاش كېرەك ؟ دېگەن مەسىلىلەردە سۆھبەتلىشىش مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە بولسا كېرەك.

مۇستەقىل بلوگ ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى

1. مۇستەقىل بلوگ دېگەن نېمە ؟

بەزىلەر مۇستەقىل تور نامىغا ئىگە بولسىلا مۇستەقىل بلوگ ھېسابلىنىدۇ، دەپ قارىشىدۇ. بەزىلەر BSP بلوگ سۇپلىرىغا تاياندىمۇ – يوق ؟ دېگەننى مۇستەقىل بلوگنىڭ پاسىلى قىلىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ مۇستەقىللىققا بولغان تەلىپى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزىلەر تورنامىغا ئەھمىيەت بەرسە، بەزىلەر بلوگ ئۇسلۇبى ياكى بلوگ پروگىراممىسىغا ئەھمىيەت بېرىدۇ. شۇڭا، بۇ جايدا قايسى شەرتنى ھازىرلىغاندا ئاندىن مۇستەقىل بلوگ بولۇپ ھېسابلىنىدىغانلىقى ھەققىدە ئېنىق شەرھىي بەرگىلى بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما، مەيلى قايسى خىل شەرت بولسۇن ھازىرقى بلوگچىلىقتا ئىشقا ئاشۇرۇش تامامەن مۇمكىن.
خۇسۇسەن مېنىڭ قارىشىمدا مۇستەقىل تور نامى بولغان، مۇستەقىل تور بوشلۇقىغا قويۇلغان، WordPress ياكى PJBLOG لارغا ئوخشاش بلوگ پروگراممىلىرىنى قاچىلاپ نەشىر قىلىنغان بلوگلار مۇستەقىل بلوگ ھېسابلىنىدۇ.

2. مۇستەقىل بلوگنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

- ئەڭ ئەۋزەل تەرىپى شۇكى ، مۇستەقىل بلوگلارنىڭ بارلىق ھوقۇقى ئۆزىڭىزنىڭ ئىلكىدە بولىدۇ. خالىغاندا نەشىر قىلىسىز ، خالىغاندا نەشىردىن توختىتىسىز. پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىڭىزنىڭ بلوگىغا مەسئۇل بولىسىز. ھەرگىزمۇ BSP بلوگ سۇپىسىدىكى بىر بلوگدىن مەسىلە چىقسا، مەزكۇر سۇپىدىكى ھەممە بلوگ تەڭ ‹‹ دەم ئالىدىغان ›› ئىش بولمايدۇ، BSP بلوگ سۇپىلىرىدىكى ئىنكاسقا چەك قويۇش، رەسىم ياكى ھۆججەت يوللاشقا چەك قويۇشقا ئوخشاش تۈرلۈك چەكلىمىلەر تۈپەيلى بوغۇلۇپ يۈرمەيسىز.

- BSP بلوگ سۇپىسىدا بلوگ نەشىر قىلسىڭىز، بلوگىڭىزدىكى ئەسەر ھوقۇقى ئۆزىڭىزگە ئەمەس ، BSP بلوگ سۇپىسىغا تەۋە بولىدۇ. بۇ بىر ‹‹ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىك ›› . چۈنكى دۆلەت ئىچىدىكى BlogBus قا ئوخشاش BSP بلوگ سۇپىلىرىنىڭ كېلىشىمىدە، ئۇلار سىزگە پەقەت بىر بلوگ يېزىش سۇپىسى ھازىرلاپ بېرىدىغانلىقى، ئەسەر ھوقۇقىنىڭ شۇ سۇپىغا تەئەللۇق بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن، ئۇلار خالىسا يازمىڭىزنى ئىشلىتىدۇ، خالىسا ئۆچۈرىدۇ. ئاددىي ئېيتقاندا، سىز پەقەت شۇ سۇپىنىڭ زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىشلىگەن بولىسىز، خالاس.

- BSP بلوگ سۇپىلىرنىڭ بىر ئەجەللىك ئاجىزلىقى شۇكى، بلوگ ماتېرىياللىرىنى زاپاسلىۋېلىش قولايسىز. مۇستەقىل بوشلۇقتا بولسا سىز خالىغان ۋاقىتتا ماتېرىياللىرىڭىزنى زاپاسلىۋالايسىز ياكى قەرەللىك ئاپتوماتىك زاپاسلاشقا توغرىلاپ قويسىڭىزمۇ بولىدۇ.

مۇستەقىل بلوگ تور نامى ۋە ئۇنى تاللاش

مۇستەقىل تور نامى ئىشلەتكەننىڭ پايدىسى نېمە ؟

- مۇستەقىل تور نامنى ئەستە تۇتۇش ئوڭاي، تور كۆرگۈ ئادرېس رامكىسىغا كىرگۈزۈش قولاي. ئىككىنچى دەرىجىلىك تورناملار ئۇزۇنراق، ئەستە تۇتۇش بىرقەدەر تەس، ئادرېس رامكىسىغا كىرگۈزۈش قولايسىزراق.

- مۇستەقىل تور نامى بلوگىڭىزنىڭ نوپۇز – ئىناۋىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. yuksel.blogbus.com ( ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نام ) دېگەنگە قارىغاندا yuksel.me كۆپ ‹‹ سالاپەتلىك ››.

- مۇستەقىل تور نامىنى قانۇنلۇق رويخەتكە ئالدۇرۇپ ، بلوگنى قانۇنلۇق نەشىر قىلالايسىز ۋە ئۆز مەنپەتىڭىزنى قوغداشنى قانۇنىي كاپالەتكە ئىگە قىلالايسىز. ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامدىكى بلوگلارنى ئەنگە ئالدۇرۇشقا بولمايدۇ.

- مۇستەقىل تور نامغا ئىگە بلوگلارنىڭ Google ، Baidu غا ئوخشاش ئىزدەش ماتۇرلىرىدىكى ۋەزىنى ئېغىر بولىدۇ. دېمەك نۇرغۇن كىشىلەر دەل مۇشۇ ئىزدەش ماتۇرلىرىنىڭ يول باشلىشى بىلەن ناھايىتى ئوڭايلا بلوگىڭىزنى زىيارەت قىلالايدۇ. شۈبھىسىزكى بۇ بلوگنىڭ زىيارەت ئېقىمىنى ئاشۇرۇشتا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.

مۇستەقىل بلوگ تور نامىنى قانداق تاللاش كېرەك ؟

1. بلوگ تور نامى ئاڭلاشقا يېقىملىق ، مەنسى ئۇز، ئەستە تۇتۇشقا قولاي بولۇشى كېرەك.
بۇ يېقىملىق، ئۇز مەنلىك، ئەستە ئوڭاي تۇرىدىغان تور نام چوقۇم بلوگنىڭ ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولۇشى كېرەك. مەسىلەن ، 80 خالتا بلوگى ( 80halta.com ) تورخۇمارلار كۇلۇبى ( torhumar.com ) ، جېك بلوگى ( jeckblog.com )، يۈكسەل بلوگى ( yuksel.me ) … دېگەندەك. تور نام بلوگ ئىسمى بىلەن ئوخشاش بولمىسا ، تورداشلارنىڭ ئېسىدە ساقلىۋېلىشىغا پايدىسىز تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ. باغ بلوگى دەپ بلوگ نەشىر قىلىپ ، ئۇنىڭغا (www.tagh.com) دەپ تورنام ئىشلەتسىڭىز قاملاشمايدۇ – دە؟! …

2. تور نام قۇيرۇقىنىڭ قايسى خىل بولۇش مەسىلىسى

ئەگەر com ، net دەك خەلقئارالىق تور نام قۇيرۇقلىرى بولسىغۇ ئەڭ ياخشى ، بۇلار بولمىسا cn دەك جۇڭگوچە قۇيرۇق بولسىمۇ بولىدۇ. ئەمما، كۆز ئالدىمىزدىكى رېئاللىق شۇكى بلوگ ناملىرىمىزغا ماس كېلىدىغان يۇقىرىقىدەك ئەلا سۈپەتلىك قۇيرۇقلىرى بار تور ناملىرى ئاللىقاچان باشقىلار تەرىپىدىن ئىلتىماس قىلىنىپ بولۇنغان. بۇ ئەھۋال نۇرغۇنلىغان بلوگىگىرلارنىڭ مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىش يولىنى توسۇپ ياتقان شىر بولۇپ قالغان.

يۈكسەل سىزگە يەنە بىر ئېسىل قۇيرۇقلۇق تور نامىنى تەۋسىيە قىلىدۇ. ئۇ بولسىمۇ نۆۋەتتە خەلقئارا بىردەك ئېتراپقا ئېرىشكەن، شەخسىي بلوگلار مۇستەقىل بلوگ نەشىر قىلىشتا بەس – بەستە قوللىنىۋاتقان me تور نامىدۇر. me ( مى ) بولسا ئىنگلىزچىدىكى ( مەن ) دېگەنلىك بولۇپ، ‹‹ مېنىڭ بلوگىم ، مېنىڭ تۇرايىم ›› دېگەندەك مەنالارغا بىشارەت. تور ئېچىلغاندىن كېيىن يۈكسەل بلوگىنى كونا ئۇزۇن تور نامى ( www.yukselblog.com) نى تاشلىۋېتىپ، يېڭىچە تور نامى ( www.yuksel.me ) بىلەن نەشىر قىلدۇق. تارىم ،دۇنيا، جاھان ، بىلىم ، بىلىك ، ھايات، قەشقەر، لوپنۇر، كروران … دېگەندەك بلوگلار ئۈچۈن com ، net ، cn قۇيرۇقلۇق تور ناملار قالمىغان بولسىمۇ ، me قۇيرۇقلۇق تور ناملار تېزراق تىزىملىتىشنى ساقلاپ يېتىپتۇ. سەمىڭىزدە بولسۇن، بازار چاققاننىڭ ئەلۋەتتە.

قىسقىسى ، بلوگ نەشىر قىلىشتا بلوگقا كۆڭۈلدىكىدەك ئىسىم قويۇش بىلەن كۆڭۈلدىكىدەك تور نام تاللاش ئىنتايىن مۇھىم.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : مۇستەقىل Blog ۋە ئۇنىڭ تور نامى ھەققىدە

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!18 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بلوگىنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا قوشىۋاتقان تۆھپىسىنى بۇ يازما ئارقىلىق يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە ھەقلىقمەن.

  2. مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى مۇنداق يازغان:

    مەندە بۇرۇن ئىشلەتكەن بىر تورنامى بار ئىدى .قاراق(كۆزقارچۇقى) دەپ ،بۇلتۇر تور قامال قىلىنغاندىن بۇيان ساندۇقتا ياتتى ، قايسى كۈنى تەكشۇرۇپ باقسام پ ئېر قېممىتى 4 ئىكەن .ئىشلەتمەكچى بولساڭلار ئالاقىلىشىڭلار ،مەن يىقىندا يېڭى نام ئېلىپ ۋورد پېرەسسكە كۆچمەكچى ،شۇڭا بۇ نامنى سىتىۋىتىمەن.
    ھاھا ..يۈكسەلدە قورقماي ئېلان بىرىۋالدىمغۇ :lol:
    يېزىلىشى :http://Qaraq.com

    • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

      ھە، ئەسلى قاراق تور بېتىنى مەن قۇرغان دەڭ!
      خېلى تىرىشقان ئىدىڭىز بۇ تور بەتتە!
      ھەي، بەك ئەپسۇس!
      قاچانراق سېپىمىزگە قوشۇلاي دەيسىز؟

  3. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    شۇنداق، يېقىندىن بېرى نۇرغۇن دوستلار مەندىن مۇشۇ بلوگ ھەققىدە خېلى سۇئاللارنى سوراپ كەتتى، گەرچە كەمىنە ئىلگىرى «داڭلىق بلوگ قانداق تاۋلانغان؟»ناملىق بلوگ ھەققىدە يېزىلغان كەسپىي كىتابنى تەرجىمە قىلغان بولساممۇ تا ھازىرغىچە تېخى نۇرغۇن تورداشلارنىڭ بلوگنىڭ نېمىلىكىنى بىلمەي يۈرگەنلىكىدىن بەك ئەپسۇسلىنىمەن.
    «داڭلىق بلوگ قانداق تاۋلانغان؟» ناملىق كىتابنىڭ خەنزۇچىسى نەشىردىن چىققاندىن كىيىن بۇ كىتاب خەنزۇچە تور بەتلەردە ناھايىتى زور تەسىر قوزغاپ نەچچە يۈزمىڭلىغان تورداشلارنىڭ (خەنزۇ تورداشلار) بلوگ يېزىش قىزغىنلىقىنى قوزغىغان، ئەمما بۇ كىتاب بىزنىڭ ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدا دېگەندەك تەسىر قوزغىيالمىدى. شۇنداق بولسىمۇ يۈكسەل ئەپەندىنىڭ داۋاملىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە تورداشلىرىمىزنىڭ بلوگقا بولغان تۇنۇشىمۇ بارغانچە ئېشىۋاتىدۇ. بۇ بىر ياخشى يۈزلىنىش.

  4. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    Blog*spot تاقىلىپ مانا مەنمۇ بوشلۇق ۋە مۇستەقىل تور نامى ئېلىپ تەدبىركارنىڭ ياردىمىدە PJ بلوگ سېستىمىسىنى ئىشلىتىپ كەلمەكتىمەن . ھېس قىلىشىمچە بەزىلىرىمىز ئۈچۈن ئايرىم بوشلۇق ئېلىپ بلوگ يېزىش ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس . مەسلەن :
    باشقىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى توپلاشنى مەقسەت قىلغان «موزىي »خارەكتىرلىك بلوگ يازغۇچىلىرى . مېنىڭچە بۇلار ئىشەنچىلىكراپ BSPلىق بلوگ سۇپىلىرىدىن بلوگ ئېلىپلا توپلاش ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ . ئايرىم بوشلۇق ئېلىپ بلوگ يېزىش بۇلارغا نىسبەتەن پۇلنى بىكار خەجلىگەنلىك خالاس .
    تور بەت تەھرىرلەش ئىقتىدارى يوقلار . مېنىڭچە بۇلارغا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ . مېنىڭچە بۇلار ئاۋال blog*spot ياكى blogbus قا ئوخشاش يېرىم ئۇچۇق كودلۇق بلوگ سۇپىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەھرىرلەش ئۆگۈنۈپ باشقۇرۇش بويىچە «بىلىم ئاشۇرۇش»قا قاتنىشىش كېرەك . ياكى يۈكسەل بلوگى ، 80خالتا بلوگى ئېلقۇت بلوگىدەك تېخنىكا ياردەمچىسى تېپىپ چىقىشى .
    ھېسقىلىشىمچە بلوگ تەھرىرلەش ۋە باشقۇرۇش ئەڭ قولايلىق ئەڭ ئىشەنچىلىك بولغان BSPلىق بلوگ سۇپىسى يەنىلا BLOG*SPOTجۇمۇ . ئەپسۇس تاقىلىپ قالدىدە .

    • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

      باشقىلارنىڭ نادىر ئەسەرلىرىنى توپلاشنى مەقسەت قىلغان «موزىي »خارەكتىرلىك بلوگ يازغۇچىلىرى . مېنىڭچە بۇلار ئىشەنچىلىكراپ BSPلىق بلوگ سۇپىلىرىدىن بلوگ ئېلىپلا توپلاش ئېلىپ بارسا بۇلىدۇ . ئايرىم بوشلۇق ئېلىپ بلوگ يېزىش بۇلارغا نىسبەتەن پۇلنى بىكار خەجلىگەنلىك خالاس .
      تور بەت تەھرىرلەش ئىقتىدارى يوقلار . مېنىڭچە بۇلارغا ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىش سەل بالدۇرلۇق قىلىدۇ . مېنىڭچە بۇلار ئاۋال blog*spot ياكى blogbus قا ئوخشاش يېرىم ئۇچۇق كودلۇق بلوگ سۇپىلىرىنى باشقۇرۇش ۋە تەھرىرلەش ئۆگۈنۈپ باشقۇرۇش بويىچە «بىلىم ئاشۇرۇش»قا قاتنىشىش كېرەك .

      بۇ پىكىرگە مەن قوشۇلىمەن. چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك.

  5. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    تېمىدىن چەتنىگەن پىكىر .
    مەن قاراڭغۇ ئۆڭكۈرنى بايقىدىم ئۇ دەل يۈكسەل بلوگىنىڭ ئىنكاس يېزىش راملىسىدا ئىكەن . يازغان پىكىرلىرىم ئوڭ تەرەپكە كىرىپ كېتىۋاتىدۇ

  6. ئۇزخىيال مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ يىڭى بلوگگىر ، مەنمۇ مۇستەققىل بلوە يازاي دىگەن ئىدىم لىكىن سەۋەيەممنىڭ يەتمەسلىكلىدىن سەل قۇرقىۋاتىمەن ، مۇشۇ جەھەتتە يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چۈشەندۈرگەن بولسىڭىز.

  7. ئاماندار مۇنداق يازغان:

    ئئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ماقالىڭىزنى ئوقۇپ خىلى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولدۇم، سىز ھازىر wordpress نى ئىشلىتىۋىتىپسىز، ئۇنداقتا توربەتنىڭ نامى ئارىسىدا wordpress دىگەن خەت بولمايدىكەن، ئۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز؟ تەپسىلىيرەك مەلۇمات بەرسىڭىز…….

  8. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ھەققىقەتەن ئسىل ، مەركىزى تىلۋىزىيە ئىستانسسى ،شىنجاڭ تىلۋىزىيە ئىستانسسنىڭ ئالتۇن ۋاقىتلىرىدا ،نوپۇزلۇق گىزىت-ژۇرناللارنىڭ باش بىتىدە ئىلان قىلغۇدەك تىما ئىكەن ،ئىسىل مەر-مەر تاشقا ئويدۇرۇپ ئۆيدە ساقلاپ قويغۇدەك تىما ئىكەن. زامانىمىزدىكى داڭلىق شەخىسلەرنى يىغىپ ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئاچقۇدەك ئىسىل يازما ئىكەن
    ~

  9. كۆكيال مۇنداق يازغان:

    ھازىرقى ئىككىنچى دەرىجىلىك ئۆيۈمدىن سىلەرگە ئوخشاش ئۆيگە كۆچەيمۇ كۆچمەيمۇ دەپ ئىڭەك يۆلەپ ئولتۇرۇپتىمەن .

  10. خىيالىي مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بىلوگى بىزدەك يېڭىياچىلارنىڭلا ئەمەس، كوناياچىلارنىڭمۇ بىلىم ئالىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇنى ئىكەن ئەمەسمۇ! مېنىڭچە بىزدەكلەر يەنىلا سىڭگەن نېنىمىزنى يەپ تۇرايلى…
    http://nurzat.blogbus.com/

  11. قاپلان مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلكا ، مۇستەقىل بىلوگ نامى ئىشلىتىمەن دىسە ئۇلارنىڭ ھەممىسى ھەقلىق بوشلۇقمۇ يا ؟ ھەقسىز بوشلۇقمۇ بارمۇ؟ ھەقلقىق بولسا نەچچە پۇل بولىدۇ؟ مۇشۇ ئقساد مەسىلىسى ئادەمنى ئويلاندۇرۇپ قويدىدىكەن.

  12. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈكسەل ئەپەندى سىزنى چەۋەندازلار بلوگى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلاش مۇناسىۋېتى بىلەن چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 3 يىللىق مەرىكىسىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىمەن. بۇ تېمىدا چەۋەندازلار بلوگىنىڭ 3 يىللىق مۇساپىسى تونۇشتۇرۇپ ئۆتۈلدى. كەڭ تورداشلارنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرى قوبۇل قىلىنماقچى. ئىشىنىمىزكى چەۋەندازلار تېخىمۇ زور تىرىشچانلىقلار بىلەن گۈزەل كەلگۈسىنى كۈتىۋالغۇسى! چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    -چەۋەنداز

    چەۋەندازلار بلوگىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 3 يىللىقىنى قۇتلۇقلايمىز!
    http://qawandazlar.blogbus.com/logs/81206269.html

  13. جالزات مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم!
    مەنمۇ بىربلوگ ھەۋەسكارى، جانابىڭىزنىڭ ‹‹me›› ناملىق قۇيرۇق تور نامىغا بەكلا قىزىققان ئىدىم . لېكىن قانداق ئېرىشىشنى بىلەلمىدىم . مۇمكىن بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر تەلىم بەرگەن بولسىڭىز. بۇ ئەجىرىڭىز ئۈچۈن كۆپ تەشەككۈر ئېيتىمەن .

جالزات 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟