نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > بلوگ بىلدۈرگىسى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بلوگگىر [ Bloggers ] لار سەمىگە

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، مۆھتەرەم بلوگگىر [ Bloggers ] دوستلار ! پېقىر يۈكسەلدىن ھەرقايسىلىرىغا خۇدا سالاملىرى بولسۇن، ھەممەيلەننىڭ بلوگىلىرى يەنىمۇ گۈللەنسۇن، يۈكسەلسۇن، ئۇيغۇر تور گۈلستانىدىكى ئۆزگىچە سورۇن بۇ بلوگزارلىق تېخىمۇ ياشنىسۇن ، كۆكلىسۇن!
مەقسەت، يۈكسەل بلوگى [ www.yuksel.me ] ئۇزۇندىن بېرى ھەرقايسى بلوگگىر دوستلار بىلەن ئۆز ئارا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى. بۇ ھەقتە تېخىمۇ كۆپ دوستلارنىڭ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ئارزۇسىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن مەخسۇس ‹‹ يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش توپلىمى ›› بېتىنى ياساپ ئېلان قىلدى. مەزكۇر بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنىڭ ياسىلىشى ئازادە، ئۇلىنىش قىلىنغان بلوگ سانىنىڭ كۆپلۈكى ۋە مۇئەييەن نوپۇزغا ئىگە ئىكەنلىكى بىلەن كەڭ ئۇيغۇر تورداشلار ئارىسىدا بەلگىلىك تەسىر ۋە زىيارەت ئېقىمىغا ئېرىشتى. خوش، تور قايتا ئېچىلغان بۇ 2 ئايدىن بېرى كۆزىتىشىمىزدىن شۇ مەلۇم بولدىكى، بەزى بىر قىسىم بلوگگىر دوستلار بلوگچىلىق بىلەن خوشلاشقان ياكى ئۆز بلوگلىرىنى ئۇنتۇپ كېتىشكەن. يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىگە قويۇلغان خېلى بىر قىسىم بلوگلار بۈگۈنكى كۈندە ئېچىلماس بولغان، بەزىلىرى ئۆتكەنكى يىلدىكى ھالىتىدە قالغان.
بۇندىن باشقا بىز يەنە شۇ مەسىلىنىمۇ بايقىدۇقكى، يۈكسەل بلوگىنىڭ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش كېلىشىنامىسىنى شۇنچە ئېنىق بېكىتىپ ئېلان قىلغان بولساقمۇ، بەزى ئايرىم بلوگلار يۈكسەل بلوگى ياكى يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنى ئۆزىدە ئۇلىنىش قىلمىغان ياكى ئەسلىدىكى ئۇلىنىشنى ئەمەلدىن قالدۇرغان . يېڭىدىن ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىۋاتقان خېلى كۆپ قىسىم بلوگلارمۇ يۈكسەل بلوگى ۋە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنى ئۆزىدە ئۇلىنىش قىلمىغان، ھالبۇكى يۈكسەل بلوگدىن ئۆزلىرىنى ئۇلىنىشقا قېتىپ قويۇشى كېرەكلىكىنى تەكرار تەلەپ قىلغان…
يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتۇپ، مۇشۇ ھەپتە ئاخىرى يەنى 6 – ئاينىڭ 26 – ۋە 27 – كۈنلىرى يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنى كەڭ دائىرىلىك تەڭشەشنى قارار قىلدۇق ( كۆپرەك بلوگگىر دوستلارنىڭ ۋاقىپلىنىشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئەسلىدىكى ۋاقىت سۈرۈكىدىن 1 ھەپتە كېيىنگە سۈرۈلدى ) .
تەڭشەشتە:
1. يۈكسەل بلوگى ۋە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنى ئۆزىدە ئۇلىنىش قىلمىغان بلوگلار ئۇلىنىشتىن چىقىرىلىدۇ.
2. ئەسلىدە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشىدا بار بولغان ، ئەمما ھازىر ئېچىلمايدىغان ، ئېچىلسىمۇ مەزمۇن 1 يىلدىن بېرى يېڭىلانمىغان بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ.
3. يېڭىدىن ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغان بلوگلارنىڭ ئىجادىي ۋە ئۆزىگە خاس خاراكتېرىنىڭ بار يوقلۇقىغا ۋە يۈكسەل بلوگى ۋە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنى ئۆز بەتلىرىدە ئۇلىنىش قىلغان قىلمىغانلىقىغا قاراپ ئۇلىنىش بېرىشنى قارار قىلىمىز.
4. يۈكسەل بلوگى ئالاھىدە ستراتىگىيىلىك ھەمكارلىقى بولمغان بارلىق بلوگلارنى يۈكسەل بلوگ باش بېتىدە ئۇلىنىش بەرمەيدۇ. بلوگلارنىڭ بارلىق ئۇلىنىشى يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىدە بولىدۇ.
5. يۈكسەل بلوگى بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرغۇچى بارلىق بلوگلار يۈكسەل بلوگ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش كېلىشىمنامىسىنى ( Blog link exchange agreement ) ئوقۇپ چىققان بولۇشى ۋە شۇنىڭغا ماقۇل كەلگەن بولۇشى كېرەك. كېلىشىمنامىگە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەر نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەزمۇن:

article/bildurgu/bloglar-ulinishi.htm

ئاخىرىدا، يۈكسەل بلوگى بىلەن دوستانە ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش ئىستىكىدىكى بلوگگىر [ Bloggers ] دوستلارنىڭ ئاۋۋال يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش (bloglar/) بېتىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، مەزكۇر ئۇلىنىش بېتىدە ئۆز بلوگىنىڭ ئۇلىنىشى بولمىسا، مەزكۇر تېما ئاستىغا ئىنكاس شەكلىدە ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بلوگگىر [ Bloggers ] لار سەمىگە

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!20 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. tarimi مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
    ياخشىمۇسىز
    بىلوگىمنى ئۇلىنشقا ئىلتىماس سۇندۇم . كۆرۈپ بېقىپ تەستىقتىن ئۆتۈپ قالسا قوشۇپ قويارسىز.
    بىلوگىم تۈركچە ئۆگىنش ۋە ئۆز يازمىلىرىمنى ئاساس قىلىدۇ .
    http://tarimi.blogbus.com/
    [reply=Yuksel,2010-06-21 07:18 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، تارىمى بلوگى كۆركەم ۋە مەزمۇنلۇق بلوگ ئىكەن. ئۆزگىچە خاسلىقىمۇ كۈچلۈك ئىكەن. مۇشۇنداق بلوگلارنىڭ ئۇيغۇرلاردا كۆپرەك بارلىققا كېلىشى بىز كەبىي تورداش ئوقۇرمەنلەرنىڭ بەختى، ئەلۋەتتە!
    تارىمى بلوگىنى بۇ قېتىملىق ئۇلىنىش تەڭشەشتە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىدە ئۇلىنىش قىلىپ قوياي. يەنە بىر گەپ، مۇمكىن بولسا تارىمى بلوگى < < يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتى ، (bloglar/) >> نىمۇ ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويغان بولسا، مەزكۇر ئۇلىنىش بېتى سىز ۋە زىيارەتچىلىرىڭىزنىڭ ئۇيغۇرچە بلوگلارنى زىيارەت قىلىشىغا زور قولايلىق يارىتىدۇ، دەپ ئىشىنىمىز![/reply]

  2. pristan مۇنداق يازغان:

    بلوگىمغا باش بېتىڭىزدىن ئورۇن بېرەر سىزمۇ. پرىستان بلوگى قايتىدىن رەتكە سېلىنىپ ئەسلىدىكى ئۇنۋېرسال بلوگدىن مەخسۇس بلوگ ياساش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بلوگغا ئۆزگەرتىلدى. ھازىرقى يازمىلىرى كۆپ بولمىسىمۇ ئۇزۇنغا قالماي ئىستىقباللىق بلوگ بولۇپ چىقىشىغا ئىشىنىمەن.
    پرىستان بلوگ
    http://pristan.blogbus.com
    [reply=Yuksel,2010-06-26 03:11 PM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك بلوگگىر دوستۇم پىرستان، پىرستان بلوگى تولىمۇ كۆركەم ۋە مەزمۇنلۇق بلوگ ئىكەن. بلوگباس سۇپىسىدا بۇنچە ئۇز بلوگ قۇرۇپ چىققانلىقىڭىزغا قايىلمەن. پىرستان بلوگىنىڭ بۇندىن كېيىنكى تەرەققىياتىغا ئەزگۈ تىلەكلەرنى تىلەش بىلەن بىرگە، سىزنىڭ يۈكسەل بلوگ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش كېلىشمنامىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىشىڭىزنى سەمىڭىزگە سالىمەن. سىزنىڭ پېقىردىن قلىغان تەلەپنىڭ جاۋابى ھەم شۇ كېلىشمنامىدە بار ئىدى. پىرستان بلوگى ھازىرچە يۈكسەل بلوگ كېلىشمنامىسىنى ئىجرا قىلمىغانلىقى سەۋەبلىك يۈكسەل بلوگمۇ مۇناسىپ ئۇلىنىش بېرىشكە ئىمكانسىز . تولىمۇ خېجىلمەن![/reply]

  3. Yuksel مۇنداق يازغان:

    42 بلوگىنىڭ ئۇلىنىشىنى قولىمىز بارمىغان ھالدا < < يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى >> بېتىدىن چىقىرىپ تاشلاشنى قارار قىلدۇق. بۇ بلوگلارنىڭ كۆپىنچىلىرى يېڭىلىنىشتىن توختاپ قالغان بولۇپ، يېڭىلانمىغان ۋاقتى 1.5 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن. يەنە بىر قىسىم بلوگلار < < بلوگلار ئارا ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش كېلىشىمى >> نى رەت قىلغان، يەنى يۈكسەل بلوگى ياكى يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىگە ئۇلار تەتۈر قاراپ تۇرىۋالغان. ئاز بىر قىسىم بلوگلارنىڭ ئادرېسى ئۆزگىرىپ كەتكەن ۋە ياكى بوشلۇقىنىڭ ۋاقتى توشقانلىقى سەۋەبلىك ئېچىلماس بولۇپ قالغان.
    بىز مۇشۇ 3 كۈن ئىچىدە يۇقارقى بلوگلارنى ئۇلىنىشتىن چىقرىۋېتىپ، يېڭى ھاياتى كۈچكە باي بلوگلارنى، يۈكسەل بلوگىغا ھەمكارلىق قولىنى سوزىغان بلوگلارنىڭ ئۇلىنىشىنى قوشۇشنى نىيەت قىلدۇق.

  4. gheyret مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم يۈكسەل ئەپەندى ، قانداق ئەھۋالىڭىز ؟ ياخشىتۇردىڭىزمۇ ؟ تىنڭىز سالامەت ، ئىشلىرىڭىز ئۇتۇقلۇقمۇ ؟…
    تور ئەسلىگە كېلىپ بىلوگىڭىزنى نورمال ئىشقا كىرىشتۈرۈۋاپسىز ، مۇبارەك بولسۇن ! بىلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .
    مەن بىلوگىمنى قايتىدىن بوشلۇققا قۇيىۋالدىم. ھازىرقى ئادىرىسى : http://www.ilimpen.com
    بولسا ئۇلىنىشقا قوشۇپ قويغان بولىسڭىز.
    [reply=Yuksel,2010-06-29 03:15 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، قايسى كۈنى تېخى بلوگلىرىنى ئېچىپ باقسام ئېچىلمىغان ئىدى. بۈگۈن مانا يېڭى بوشلۇققا قويۇۋاپلا، مۇبارەك بولسۇن!
    مۇشۇ بىر قانچە كۈن ئىچىدە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنى رەتلىمەكچى ئىدۇق. بلوگ ئۇلىنىشلىرىنى شۇ چاغدا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قوياي.[/reply]

  5. چەۋەندازلار مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
    ھۆرمەتلىك يۈكسەل ئەپەندى، چەۋەندازلار بلوگى ئۆزىنىڭ بلوگ قۇرۇلغاندىن بويانقى تۇنجى قېتىملىق بلوگ ئۇقتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى. ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇنجى قېتىم سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى شەبنەم مۇنبىرىدە ئۇچراتقان ۋاقتىمدا سىزگە ئۇچۇر يوللاپ بلوگنى قانداق ئۇيغۇرچىلاشتۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا سىزدىن مەسلىھەت سورىغان ئىدىم. سىز شۇ چاغدا ئۆزىڭىزنىڭمۇ ئۆگەنگۈچى ئىكەنلىكىڭىزنى ئۈگىنىش بىلوگىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش ئۇسۇللۇرىنى قوللىنىپ بېقىشىمنى تەۋسىيە قىلغان ئىدىڭىز. شۇ تىرىشقىنىم بويىچە سىزنىڭ تۈرىتكىڭىزدە بلوگ سۇپىسى بىلەن تونۇشۇپ چىققان ئىدىم. سىزنىڭ بلوگىڭىز ئۇيغۇر بلوگلىرى ئىچىدىكى باشلامچى بلوگلارنىڭ بىرى. شۇڭا سىزگە چوڭقۇر ھۆرمىتىم بار.

    مەن مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزگە ئۆزۈمنىڭ رەھمىتنى بىلدۈرىمەن،ھەمدە بلوگىمغا ئۆزىڭىزنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن.
    http://qawandazlar.blogbus.com/logs/67498422.html
    -چەۋەنداز

    [reply=Yuksel,2010-06-29 10:22 PM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!
    چەۋەندازلار بلوگى ئىزچىل ھالدا دىققەت مەركىزىمىزدە تۇرىۋاتقان بلوگلارنىڭ بىرى. ئۇيغۇر بلوگگىرلارنى گوياكى بىر توپ چەۋەندازغا ئوخشاتساق، سىزنى ئەشۇ چەۋەندازلار ئارىسىدىكى ئۆزىگە خاس خاراكتېرى ۋە نىشانى بار ، ماھىر چەۋەندازلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ.
    تېخى يېقىنقى يازمىڭىزدىن چەۋەنداز بلوگىنىڭ ئۆزىنى بىر رەتلەپ چىققانلىقىنى، ئۇسلۇب ئالماشتۇرغانلىقىنى ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتىن زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەنلىكىنى بايقىغان ۋە سىزگە بولغان قايىل ۋە مايىللىقىمىز ئاشقان ئىدى. بۇ قېتىم ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشسىمان بلوگ باسقۇچلۇق خۇلاسىڭىزدىن كۆرۈۋالدۇقكى، بېسىپ ئۆتكەن مەنزىلىڭىز ئەگرى- توقاي بولسىمۇ، قولغا كەلتۈرگەن نەتىجە ۋە تەجرىبە – ساۋاق مول ئىكەن. گەرچە سىز بۇ خۇلاسىڭىزدە يۈكسەل بلوگىنى تىلغا ئالمىغان ۋە ھەمكارلاشقۇچى بلوگلار قاتارىغا تىزمىغان بولسىڭىزمۇ، سىز خۇلاسىگە قىستۇرغان سانلىق مەلۇماتلاردىن شۇنى كۆرۈۋالدۇقكى، بلوگىڭىزغا ئۇلىنىش باشلاپ كىرگەن ئالدىنقى 10 ئۇلىنىش مەنبەسىنىڭ 3 – ۋە 4 – قاتارىدا يۈكسەل بلوگى ۋە يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشى باركەن. بىز بۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۇق.
    ئاخىرىدا چەۋەندازلار بلوگىنىڭ تېخىمۇ يۈكسەك مەنىزللەرنى كۆزلەپ، تېخىمۇ دادىل تەرەققىي قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز![/reply]

  6. Yuksel مۇنداق يازغان:

    يەنە 40 تىن ئارتۇق بلوگ(Blog) نىڭ ئۇلىنىشىنى تەستىقلاشقا ئىمكانسىزلىقىمىزنى تولىمۇ خېجىللىق ئىلكىدە بايان ئەيلەپ ئولتۇرۇپتىمىز.
    مەزكۇر بىلدۈرگۈ ئېلان قىلىنغاندىن بېرى جەمئىي 66 بلوگ (Blog) يۈكسەل بلوگىدىن ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە يۈكسەل بلوگ ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇش كېلىشىمىنى ھەقىقىي چۈشەنگەن ۋە ئىجرا قىلغان، بىز بىلەن چىن دىلدىن ھەمكارلىشىشنى نىيەت قىلغان بلوگلار 20 مىگىمۇ يەتمەيدۇ. يۇقىرىدا تىلغا ئالغان 40 تىن ئارتۇق بلوگ (Blog) يۈكسەل بلوگدىن ئۇلىنىش ئىلتىماس قىلغانۇ، ئەمما ئۆزلىرى ھەمكارلىق ئىشىكىنى ئېچىشمىغان. بەزى بلوگلارنىڭ قۇرۇلمىسى چۇۋالچاق، مەزمۇنىنىڭ تايىنى يوق.
    مەيلى قانداقلا بولمىسۇن، تۆۋەندىكى سانى ئاز ، ئەمما ئۆزى ساز بلوگلار بىلەن ئۇلىنىش ئالماشتۇرۇپ ھەمكارلىشىدىغانلىقىمىزدىن خۇشالمىز!

  7. qawandazlar مۇنداق يازغان:

    سىزنىڭ چەۋەندازلار بلوگىغا يۇقىرى باھا بەرگىنىڭىزگە رەھمەت. سىز تىلغا ئالغان ھەمكارلاشقان بلوگلار پەقەت2010يىلى 6-ئاي ئىچى ھەمكارلاشقان بلوگلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.سىزنىڭ يۈكسەل بلوگىڭىزنى بلوگنى قۇرغان دەسلەپكى ۋاقتىمدىلا دوستانە ئۇلىنىشقا قوشۇۋالغان ئىدىم.سىزنىڭ بلوگىڭىزنى ئۆزۈمنىڭ بلوگىدىكى سىز يازغان ئىنكاسقا جاۋاب قايتۇرۇش ئارقىلىق يۈكسەل بلوگىنىڭ چەۋەندازلار بلوگىغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە رولىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتۈم. ئاخىرىدا سىزنىڭ ھەربىر ئىشىڭىزغا ئۇتۇق ئائىلىڭىزگە بەخىت تىلەيمەن!
    ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم،چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    http://qawandazlar.blogbus.com/
    [reply=Yuksel,2010-07-01 00:39 AM]پېقىر ۋە يۈكسەل بلوگى ھەققىدە ئېيتقان گۈزەل تېلەكلىرىڭىز سىزگىمۇ بولسۇن بۇرادەر! رەھمەت.[/reply]

  8. shah مۇنداق يازغان:

    ياخشىمۇسىز تور ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن بىلوگنى رەتلەش جەريانىدا بىلوگ ئۇلىنىشىدا بىلوگىڭىزنىڭ چۈشۈپ قالغانلىقىنى سەزمەي يۈرۈپتىمەن، ئالدىڭىزدا خىجىلمەن، قايتىدىن ئۇلىنىش قىلىپ قويدۇم، رەھمەت
    [reply=Yuksel,2010-07-03 04:07 PM]ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
    ئۇلىنىش قىلىپ قويغانلىقىڭىزغا كۆپ تەشەككۈر! شاھ ئۇيغۇر بلوگى كەڭ تورداشلارغا خالىس خىزمەت قىلىۋاتقان، ئۇيغۇر تىل – يېزىقىنىڭ شەرىپىنى كۆتۈرىۋاتقان بلوگ، پېقىر مانا مۇشۇنداق ئەمەلىي قوللىنىشچان، ئەلگە خىزمەت قىلىشتىن باش تارتمايدىغان بلوگلارنىڭ كۆپرەك مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بلوگىڭىز تېخىمۇ يۈكسەلگەي …[/reply]

  9. dolkun731 مۇنداق يازغان:

    ئۇلىنىشلار بېتىدىكى تەۋسىيەلىك ئورۇندىن بىرنى تۆۋەنچىلىك بىلەن ئىلتىماس قىلىمەن

  10. julalik مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يۈكسەلنىڭ جۇلالىق مەھەللىسىنى بلوگلار ئۇلىنىش بېتىگە قوشۇپ قويغىنىغا كۆپلەپ تەشەككۈر.
    بلوگىڭىزنىڭ تېخىمۇ تەرەققى قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
    يۈكسەل بلوگىنى ئۇلىنىش قىلىۋالدىم. يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنى ئۇلىنىش قىلىۋالاي دىسەم تۇغ رەسىمى بەكلا چوڭ ئىكەن.
    سىزگە ئاددىغىنە تەكلىپ شۇ رەسىمنى سەل كىچىكلىتىپ بىرەر يەرگە يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن.
    بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭىزغا ئۇتۇق تىلەيمەن.
    [reply=Yuksel,2010-07-06 00:58 AM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام !
    سەمىمىي تېلەكلەرگە تەشەككۈر! يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنىڭ تۇغى ئانچە چوڭمۇ ئەمەس ئىدى. بلوگىڭىزغا چوقۇم يارىشىدۇ … ھى ھى
    ئەگەر بولمىسا، تۇغنىڭ كىچىكى ھازىر بولغۇچە خەتلىك ئۇلىنىش قىلىپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.[/reply]

  11. bilimlar مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى، بىلىملەر تورىنىڭ ئۇلىنىشقا قېتىۋېلىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمەن. http://www.bilimlar.com

  12. julalik مۇنداق يازغان:

    ئەمىسە بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنىڭ رەسىمىنى بىلوگىمغا ياراشتۇرۇپ قوشۇۋالاي.ھاھاھا……….[face49]
    ھەمكارلىشىپ بىرلىكتە ئالغا ئىلگىرىلەيلى.
    بلوگىمغا نىسبەتەن تەنقىدىي پىكىرلىرىڭىزنى ئايىمىغايسىز.
    بىلوگىمدا ئىجادىي تېمىلار يوق بولسىمۇ، بۇندىن كېيىن چوقۇم بار بولىدۇ. بلوگىمدىكى تېمىلار ئاساسلىقى ئۆزۈم ژۇرناللاردىن بېسىپ يوللىغان تېىمىلاربولۇپ، تورداشلارغا نەپ يېتىدىغان تېمىلارنى يوللاشقا تىرىشىمەن.

  13. uyghurbeg مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ كەمدە تۆردىن ئۇرۇن قالمىدىغۇ دەيمەن،پەگاھدىن بولسىمۇ بىر كىشىلىك ئورۇن ئىلتىماس قىلىپ قۇياي…
    بلوگىم ئەمدى ئۆز ئويلىرىم ئاساسىدا تېخنىكا خاراكتىرىدە ماڭىدۇ…

  14. qawandazlar مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بلوگىڭىزغا كەلگىنىمدىن خۇشالمەن يۈكسەل ئەپەندى. سىزنىڭ بلوگلار ئۇلىنىشى بېتىدىكى < <ئالاھىدە تەۋسىيە>> دېگەن ئورۇنغا مەنمۇ بلوگىمنى تەۋسىيە قىلىپ قويسام بولامدۇ؟ ئاشۇ ئورۇنغا چىقىرىدىغان قانداق شەرتى بار؟ئەگەر شەرتى بولسا بايان قىلسىڭىز مەنمۇ سىزنىڭ تەلىپىڭىزنى ئورۇنداپ رازى قىلسام دېگەن ئۈمۈدتىمەن. چەۋەندازلار سىزگە ھەمراھ!
    http://qawandazlar.blogbus.com/
    [reply=Yuksel,2010-07-16 00:44 AM]ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام، بەك چوڭ ئالاھىدە شەرتىمۇ يوق. چەۋەندازلار بلوگى ئەگەر يۈكسەل بلوگلار توپلىمىنىڭ كۆك رەڭلىك تۇغىنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايغا قويۇپ ئۇلىنىش بەرسە، يۈكسەل بلوگ ئۇلىنىشلار بېتىمۇ مۇناسىپ جاۋاب قايتۇرغىسى ![/reply]

  15. qawandazlar مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىشىنىڭ رەسىملىك ئۇلىنىشى چەۋەندازلار بلوگىدىكى ئەسلىدىكى خەتلىك ئۇلىنىشنىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرۇلدى. ھەمكارلىقىمىز راۋاجلانسۇن! ئامان بولۇڭ قېرىندىشىم. چەۋەندازلار سىزنى قوللايدۇ!
    http://qawandazlar.blogbus.com/

  16. izturk مۇنداق يازغان:

    دوستۇم ، سىزنى ئۇلىنىشقا قىتىپ قويدۇم ، بىرلىكتە تەرەققىي قىلايلى ! مىنى قۇشۇپ قويسىڭىز . رەھمەت !
    تۇغ ئادىرىسى :
    http://filer.blogbus.com/5063659/5063659_12792896767.gif

  17. uyker مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ – ئەلايكۇم يۈكسەل ئەپەندى . مۇمكىن بولسا ئۆزىڭىزنىڭ بىلوگگىرلار ئۇلىنىشىدىن ئورۇن بېرەسىزمۇ .
    بىلوگ نامى : دوقمۇشتىكى پاراڭلار
    بىلوگ مەنزىل : http://dokmuxta.blogbus.com/
    تۇغ مەنزىلى :http://filer.blogbus.com/4224940/4224940_1279296496g.gif

  18. alptegin مۇنداق يازغان:

    مېنىڭ ماۋۇ بلوگىمنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭز..
    http://alptegin.blogbus.com/

  19. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم . بلوگىم تۆۋەنچىلىك بىلەن بېتىڭزدى نئۇلىنىش ئورنى ئىلتىماس قىلىدۇ .
    http://www.orkax.net/logo.gif

  20. قەدىمىي دولان مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم:
    مىنىڭ بلوگىمنىمۇ ئۇلىنىشقا قوشىۋالغان بولسىڭىز. رەھمەت.
    بلوگ نامى: قەدىمى دولان
    ئادرىسى: http://kadimidolan.blogbus.com/

قەدىمىي دولان 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟