torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالاش سىياسىتى دېھقانلارغا نىمە ئېلىپ كەلدى؟

مەزكۇر تېما بوھران بلوگىدىن ئېلىندى، ئاپتورى قىزىل كىرېست جەمئىيىتىدىن ياسىن ئابدۇللا ئەپەندى.
مەنزىل: http://bohran.blogbus.com/logs/66308779.html

قىزىل كرېست جەمئىيتىدە ئىشلىگەچكە، ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن ئىشخانىمىزغا كېلىپ ھالىنى ئېيتىپ ياردەم سورايدىغان كىشىلەر، بولۇپمۇ جەنۇبى شىنجاڭدىن كەلگەن دېھقانلار ئىنتايىن كۆپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئونىنىڭ توققۇزى كېسەل داۋالىتىش جەريانىدا قىيىنچىلىققا ئۇچىراپ، دوختۇرخانا، خەلق ئىشلار ئىدارىسى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خادىملارنىڭ ياكى ئاقكۆڭۈل كىشىلەرنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن بىزنى ئىزلەپ كېلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىلىرىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان ياردەم تۈرلىرى بولسا، مەسىلەن توشقان كالپۇك بالىلارنى ھەقسىز ئوپراتسىيە قىلىش، تۇغما يۈرەك كېسەل بالىلارنى داۋالىنىش ياردىمى بىلەن داۋالاش قاتارلىقلارغا ماس كېلىدىغان ھاجەتمەنلەر بولسا، بىز شۇ زامات ياردەم قىلىپ مۇناسىۋەتلىك داۋالاش ئورۇنلىرىغا يۆتكەپ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىمىز، ئەمما كۆپىنچىسى يەنىلا كۆپ ئۇچىرايدىغان، ئوپېراتسىيە قىلمىسا بولمايدىغان كېسەللەر، يەنە بەزىلىرى ئۆسمە قاتارلىق ئېغىر، خەتەرلىك ھەم چىقىمى كۆپ كېسەللەر. بۇنداقلارغا بىزدە ماس كېلىدىغان ياردەم تۈرى ياكى مەخسۇس مەبلەغ بولمىغاچقا، ئەھۋالنى چۈشەندۈرىمىز، بىلگىنىمىزچە يول كۆرسىتىمىز،بەزىلىرىگە بىر نەچچە خىزمەتداش ئانچە مۇنچە تاماق ۋە كىرا پۇلى يىغىش قىلىپ يولغا سالىمىز، يەنە بەزىلىرى بولسا قۇرۇق گەپ بىلەن قايتىدۇ، مىڭبىر ئېچىنىش ۋە ئۇھسىنىشلار بىلەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويىمىز. چۈنكى بۇنداق ھاجەتمەنلەر ھەپتىدە 2-3 نۆۋەت ئىشخانىمىزغا تۇرىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئارىمىزدا مۇشۇ ھەقتە نۇرغۇن مۇزاكىرىلەر بولۇندى، « مۇشۇ دېھقانلار يېزا ھەمكارلىق داۋالاشقا قاتناشمىغانمىدۇ؟» دىگەن سۇئال تۇغۇلدى ۋە ئارىدا بىر نەچچە قېتىم ھال ئېيتىپ كەلگەنلەردىن بۇ سۇئالنى سوراپمۇ باقتۇق، جاۋاپ ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ، كۆپ قىسىم كىشىلەر بۇ سىياسەتتىن خەۋەردار ھەم ئۆزىمۇ قاتناشقان، ئەمما دوختۇرخانىغا كەلگەندە ئالدىن تاپشۇرىدىغان نەچچە تۈمەن ئۇلارنىڭ ئالدىنى توسۇپ تۇرغان بىر تاغ بولۇپ، مۇشۇ تاغ نۇرغۇن بىمارلارنىڭ داۋالىنىشىغا دەخلى يەتكۈزۈپ، ھاياتىغا خەۋپلەرنى ئېلىپ كەلمەكتە.

ئۇنداقتا مەسىلە زادى نەدە؟

بۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى تېپىپ چىقىش ئۈچۈن، بىز يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالاش تۈزۈمىنى چۈشىنىپ ئۆتۈشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.
يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالاش دېگىنىمىز، ھۆكۈمەت تەشكىللەپ، يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە ياردەم بېرىدىغان، دېھقانلار ئىختىيارى ئاساستا قاتنىشىدىغان، شەخس، كوللىكتىپ ۋە ھۆكۈمەت ئۈچ تەرەپ مەبلەغ جۇغلاش شەكلى ئارقىلىق، چوڭ ئېغىر كېسەللەرنى داۋالاشنى ئاساس قىلغان دېھقانلار داۋالىنىش ياردەم تۈزۈمى، بۇنىڭدا مەبلەغ شەخىس پۇل تاپشۇرۇش، كوللىكتىپ ۋە ھۆكۈمەت ياردەم بېرىش ئۇسۇلى ئارقىلىق جۇغلىنىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزنىڭ ھاللىق جەمئىيەت
بەرپا قىلىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدىكى دېھقانلارنىڭ كېسەل سەۋەبلىك نامراتلىقتىن قۇتۇلالماسلىق، كېسەل سەۋەبلىك نامراتلىشىپ كېتىشتەك مۇھىم مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن يولغا قويغان تۈپ سىياسەتلىرىنىڭ بىرسى، بۇ سىياسەت خەلقئارادىمۇ ئېتىراپ قىلىشقا ۋە ئالقىشقا ئېرىشكەن بولۇپ، نۇرغۇن تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن دېھقانلارنىڭ داۋالىنىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ەندىزە بىلەن تەمىنلىدى.

ئاپتونوم رايونىمىزدا 2003-يىلى يېڭى تىپتىكى يېزا ھەمكارلىق داۋالاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ 2009-يىلىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى 89 ناھىيە (رايون)دىكى 10 مىليوندىن ئارتۇق ئادەمنى قاپلاپ، پۈتكۈل رايونىمىزدىكى دېھقان چارۋىچىنىڭ % 94 تىن كۆپرەكىنى ئىگەللىگەن. بۇ سىياسەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، يىلدا كىشى بېشىغا يىغىلىدىغان مەبلەغ 100 يۈەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە شەخسى 20 يۈەن تاپشۇرىدۇ، ئاپتونوم رايون 40 يۈەن، مەركەز مالىيەسى 40 يۈەن تولۇقلىما بېرىدۇ، ئائىلە بويىچە تاپشۇرىدۇ، جەنۇبى شىنجاڭدىكى قەشقەر، خوتەن ۋە قىزىلسۇ ئۈچ ۋىلايەت ئوبلاستنىڭ شەخسى تاپشۇرىدىغان قىسىمى تېخىمۇ ئاز بولۇپ، ئارانلا 10 يۈەن.

بۇ يىل 4-ئايدا ئاپتونوم رايونىمىز دېھقان چارۋىچىلارنىڭ يېزا ھەمكارلىق داۋالاش تۇلۇقلىما بېرىش چارىسى( سىناق نۇسخا) نى ئېلان قىلدى. بۇچارەدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سىياسەتتىن بەھرىمان بولىدىغانلار ئاپتونوم رايونىمىز تەۋەلىكىدىكى دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، ئورمانچىلىق ۋە بېلىقچىلىق ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئىجتىمائى ئاساسى داۋالىنىش كاپالىتى دائىرىسىگە كىرمىگەن يېزا نۇپۇسىدىكىلەر ياكى شىنجاڭدا تۇرىۋاتقىنىغا 5 يىلدىن ئاشقان سىرتتىن كەلگەن خادىملار، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى. بۇنىڭدا يەنە كىشى بېشىغا يىغىلىدىغان مەبلەغمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن بولۇپ، 150 يۈەندىن كەم بولماسلىق، دۆلەت مالىيىسى، يەرلىك مالىيە ۋە شەخىس ئۆزى تاپشۇرىدىغان مەبلەغنىڭ نىسبىتى 6:6:3 نىسبىتى بويىچە بولۇش( مەسىلەن كىشى بېشىغا تاپشۇرىدىغان مەبلەغ 150 يۈەن بولسا، مەركەز مالىيىسى 60 يۈەن، يەرلىك مالىيە 60 يۈەن، شەخس 30 يۈەن تاپشۇرىدۇ) دەپ بەلگىلەندى.

بۇ چارە دە يەنە دېھقانلار دوختۇرخانىدا ياتقاندا دەسلەپتەتاپشۇرۇشقا تېگىشلىك ئەڭ تۆۋەن پۇل سوممىسى ئېنىق بەلگىلەنگەن بولۇپ، يېزا دەرىجىلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا داۋالانغاندا دەسلەپتە تاپشۇرىدىغان پۇل 80 يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ، ناھىيە دەرىجىلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا 200يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ (بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن باشقا دوختۇرخانىدا داۋالانسا 500 يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ)، ۋىلايەت(ئوبلاست) دەرىجىلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 350 يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 500 يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ( بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن باشقا دوختۇرخانىدا داۋالانسا 500 يۈەندىن يۇقىرى بولمايدۇ) دەپ بەلگىلەندى. تەكىتلەپ ئۆتۈشكە تېگىشلىكى شۇكى، ھەر قايسى جايلاردىكى خەلق ئىشلار تارماقلىرى تارقاتقان بەشتە كاپالەتلىك ئائىلە، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىنىدىغان ئائىلە كېنىشكىسى بارلار ۋە نۇقتىلىق يۆلەيدىغان ئائىلىلەر ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن دوختۇرخانىلاردا داۋالانغاندا دەسلەپتەتاپشۇرۇشقا تېگىشلىك پۇلنى تاپشۇرمىسىمۇ بولىدۇ.

بۇ چارە دە ھەر دەرىجىلىك داۋالاش سەھىيە بايلىقىدىن تەكشى پايدىلىنىش، بىمارلارنىڭ قارىغۇلارچە يۇقىرى دەرىجىلىك دوختۇرخانىلارنى قوغلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش،بىمارلارنى ئىمكانقەدەر ئۆزى تۇرۇشلۇق جايدىكى دوختۇرخانىلاردا داۋالىنشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن يەنە داۋالىنىش چىقىمىغا بېرىلىدىغان تولۇقلىمىنىڭ نىسبىتىمۇ ئېنىق بېكىتىلدى. يەنى يېزا دەرىجىلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدا داۋالانغاندا تولۇقلىما بېرىش نىسبىتى 75پىرسەنتتىن تۆۋەن بولماسلىق، ناھىيە دەرىجىلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 60 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولماسلىق، ۋىلايەت(ئوبلاست) دەرىجىلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ 50پىرسەنتتىن تۆۋەن بولماسلىق، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ بولسا 40 پىرسەنتتىن تۆۋەن بولماسلىق كېرەك، ئەگەر بېكىتىلگەن دوختۇرخانىدىن باشقا دوختۇرخانىدا داۋالانسا، تولۇقلىما بېرىش نىسبىتى تەڭ دەرىجىلىك بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ تولۇقلىما بېرىش نىسبىتىدىن 15 پىرسەنت كېمەيتىش دەپ بەلگىلەندى.
(داۋامى بار)

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : يېڭىچە يېزا ھەمكارلىق داۋالاش سىياسىتى دېھقانلارغا نىمە ئېلىپ كەلدى؟

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟