نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

قىرغىزستان كوسوۋۇغا ئايلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستاننىڭ ئوش ۋە جالالئاباد شەھەرلىرىدە يۈز بەرگەن توقۇنۇشلاردا قازا قىلغانلارنىڭ سانى 117 كە، يارىلانغانلارنىڭ سانى 1500 گە يەتتى. 100 مىڭغا يېقىن ئۆزبېك پۇقرالىرى ئۆزبېكىستان چىگىرىسىغا كېلىپ، ئۆزبېكىستانغا كىرىپ پاناھلىنىشنى ئىستىمەكتە ئىكەن. توقۇنۇشقۇچىلارنىڭ قوللىرىدا قورال بار بولۇپ، قىرغىزستان ھۆكۈمەت ئارمىيىسى بۇ رايوننى تېزگىنلەشكە چارىسىز قالماقتا. قىرغىزستان ھۆكۈمىتى روسىيە، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ۋە باشقا خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردىن ئەسكەرىي قۇۋۋەت سورىدى. روسىيە قىرزغىستانغا ئەسكەر ئېۋەرتىشكە پەيلى يوقلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، خەۋەرلەرگە قارىغاندا، تۈنۈگۈن قىرغىزستاندىكى روسىيە مەنپەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن 150 روس پاراشوتچى ئەسكەر قىرغىزغا يېتىپ كەلگەن. ئەڭ يېڭى خەۋەرگە كۆرە، قىرغىزستان ھۆكۈمىتى بۈگۈن يەنە ئامېرىكىدىن ئەسكىرىي ياردەم تەلەپ قىلغان. سابىق ھاكىمىيەتنىڭ قىرغىز تەرەپدارلىرىنىڭ، يېڭى ھاكىمىيەتنى قوللىغان ئاز سانلىق ئۆزبېكلەرگە قاراتقان ھۇجۇملىرى ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىۋاتقان بولغاچقا، مۇداپىئە مىنىستىرلىكى زاپاس ئەسكەرلەرنى ئۇرۇشقا تەييار تۇرۇشقا چاقىردى.
يىرىق قالپاقلىق قېرىنداشلىرىمىز بىلەن بادام دوپپلىق قېرىنداشلىرىمىز ئارىسىدا يانغان بۇ ئوتقا تىل مەسىلىسى تۈرتكە بولغان بولۇپ، ئۆزبېك ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرىشىچە، قىرزغىستاندا 1 مىليۇنغا يېقىن ئۆزبېك بولۇپ تۇرسىمۇ، ھۆكۈمەت ئۆزبېك تىلىدىكى تېلۋىزىيە قاناللىرىنى تاقىۋەتكەن. ئومۇمىي خەلقنىڭ %14 نى تەشكىل ئەتكۈچى ئۆزبېكلەرنىڭ تىلى ھەققىدە دۆلەت قانۇنىدا ھېچنىمە پۈتۈلمىگەن. ھەممىگە مەشھۇر ئوش رايونىدا ئۆزبېكلەرنىڭ سانى قىرزغىزلارنىڭ سانىدىن ئارتۇق. شىنخۇا تورىنىڭ بەرگەن خەۋرىدە، بۇ قېتىملىق قىرغىز ئۆزبېك توقۇنۇشىنىڭ ئوت پىلتىسى 6 – ئاينىڭ 10 – كۈنى كەچتە ئوش شەھرىدىكى بىر قىمارخانىدا قىرغىز ۋە ئۆزبېك ياشلىرىنىڭ ئوپچە مۇشتىلىشىشى ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
بۇ توقۇنۇشقا ئۆزبېكستان ئەلباشى ئۆز نارازىلىقىنى بلدۈرگەن. ھازىر كۆپچىلىك 1990 – يىلى يۈز بەرگەن ئوش ۋەقەسىنىڭ قايتا تەكرار بولۇشىدىن ئەندىشە قىلماقتا.
بەزى قىرغىز سىياسەتشۇناسلار مۇنداق بىلدۈرۈشمەكتە. قىرزغىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن ئۆزبېك كۆچمەنلىرىنى باشقۇرۇش چارىسى قوللانمىغان بولۇپ، ھازىر يۇقىرىقى رايونلاردا كۆچمەن ئۆزبېكلەرنىڭ سانى يەرلىك قىرزغىزلارنىڭ سانىدىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن. ئەمدى بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش قىيىن.
يەرلىك بىر مۇخبىرنىڭ ئېيتىشىچە، قىرغىزستان ئىككىنچى كوسۇۋغا ئايلانغىلى تۇرغان بولۇپ، ئاقىۋىتى نامەلۇم.
كوسۇۋۇ توقۇنۇشلىرىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن يەنە بىر مۇخبىرمۇ : مەلۇم جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، قىرزغىستان ھەقىقەتەن كوسۇۋۇغا ئايلىنىپ قالدى، دېمەكتە.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: قىرغىزستان كوسوۋۇغا ئايلاندى

خەتكۈچ: ، ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!13 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Yuksel مۇنداق يازغان:

    شىنخۇا تورىنىڭ بەرگەن خەۋرىگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان بۈگۈن ئۆزبېكىستان قىرغىزستان چىگرىسىنى تاقىغان . ئۆزبېكىستان ئورۇنباسار ئىشباشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان ھازرىغىچە تىزىمغا ئېلىنغان 45 مىڭ قىرغىزستان مۇساپىرى ( ئەمەلىيەتتە ئۆزبېكىستاندىن پاناھلىق تىلىگەن ئۆزبېكلەر ) نى قوبۇل قىلغان بولۇپ، مۇساپىرلار لاگىرىنىڭ تولۇپ كەتكەنلىكى سەۋەبلىك داۋاملىق مۇساپىر قوبۇل قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. ئەمما، چىگرا تاقالغان مەزگىلدە يارىلانغان، كېسەللەنگەن مۇساپىرلارنى داۋاملىق قوبۇل قىلىدىكەن.

  2. Yuksel مۇنداق يازغان:

    بۈگۈنكى رەسمىي مەلۇماتلارغا كۆرە، ئوشتا ۋەزىيەت نىسبەتەن تېنچ، ۋاقىتلىق قىرغىز ھۆكۈمىتى قوراللىق كۈچلىرى تەرتىپ ساقلاشقا ھەرىكەت قىلماقتا. لېكىن ئايرىم جايلاردا ئېتىشىشلارنىڭ يۈز بەرگىنى ھەققىدە خەۋەرلەر بار. شەھەرگە تۇتىشىپ كەتكەن قاراسۇ نارىمان قىشلاغىغا ھوجۇم قىلىنىپ، ئوت قويۇلغانلىقى ئېيتىلماقتا.
    رەسمىي خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئوش ، جالالئاباد ۋە قاراسۇدىكى توقۇنۇشتا ھازىرغىچە 200 گە يېقىن كىشى ئۆلۈپ، 2000 پۇقرا يارىلانغان.

  3. Yuksel مۇنداق يازغان:

    جۇڭگولۇق 111 نەپەر مۇھاجىرنىڭ بۈگۈن ئۈرۈمچىگە ئايرۇپلان بىلەن يېتىپ كەلگەنلىكى تەڭرىتاغ تورىدا خەۋەر قىلىنغان. ھۆكۈمەت يەنە داۋاملىق ئايرۇپلان ئېۋەرتىپ قىرغىزستاندىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىدىكەن. شىنخۇا تورىنىڭ خەۋرىگە قارىغاندا جۇڭگونىڭ قىرغىزستانغا ئېۋەرتكەن مۇھاجىرلارنى قۇتقۇزۇش – قايتۇرۇپ كېلىش خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ماشىنىسىمۇ ئوققا تۇتۇشقا ئۇچرىغان بولۇپ، بەخىتكە يارىشا ئۆلۈش – يارىلىنىش بولمىغان.
    سۇمرۇغ تورىدا ئېيتىلغان بايانلاردا قىرغىزستاندا 100 مىڭ ئەتراپىدا جۇڭگولۇق كۆچمەن بار بولۇپ، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسى شىنجاڭلىق ئۇيغۇرلار ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان. باشقا مەلۇماتلاردىمۇ ئوش شەھرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ خېلى ساندا ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئەمما، بۇ قېتىملىق قىرغىز ۋە ئۆزبېك ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن بۇ توقۇنۇشتا ئۇيغۇرلارنىڭ تالاپەتكە ئۇچرىغان ياكى ئۇچرىمىغانلىقى ھەققىدە خەۋەرلەر يوق. پەقەت بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردا بۇ توقۇنۇشتا جۇڭگولۇق مۇھاجىرلاردا ئۆلۈش – يارىلىنىش مەلۇماتىنىڭ يوقلۇقى خەۋەر قىلىنغان.

  4. Yuksel مۇنداق يازغان:

    115 نەپەر جۇڭگولۇق مۇھاجىرنى ئېلىپ ئۇچقان 6 – قېتىملىق ئايرۇپىلان بۈگۈن ئەتىگەن ئۈرۈمچى ئايرىدۇرمىغا قونغانلىقى شىنخۇا تورىدا خەۋەر قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن ھازىرغىچە جەمئىي 869 نەپەر جۇڭگولۇق مۇھاجىرنىڭ قايتۇرۇپ كېلىنگەنلىكى بىلدۈرۈلگەن. بۇندىن باشقا يەنە داۋاملىق مەخسۇس ئايرۇپىلان ئېۋەرتىپ قىرغىزستاندىكى جۇڭگولۇق مۇھاجىرلارنى قايتۇرۇپ كېلىنىدىغانلىقى قەيت قىلىنغان. بىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا كۆرە، قايتۇرۇپ كېلىنىۋاتقان جۇڭگولۇق مۇھاجىرلار ئىچىدە ئۇيغۇر مۇھاجىرلار ھەم بار.

  5. يەرشارىلىق مۇنداق يازغان:

    ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ -ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ

    ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺋﺎﮔﯧﻨﺘﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﯞﯨﻴﯧﻨﺎﺩﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ 'ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ' ﺩﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻳﺎﯞﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ -ﻫﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺟﯩﺪﺩﯨﻴﻠﯩﻜﻨﻰ ﭘﻪﺳﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ.
    ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ

    ﺏ ﺏ ﺱ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ 5 ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ، ﺋﯘﻧﯩﯔ 15% ﻯ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ. ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺟﺎﻻﻟﺌﺎﺑﺎﺩ، ﺋﻮﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ. ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺩﻩﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ.

    ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮﯞﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ 1990 ‏ – ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭ ‏ – ﻣﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻓﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﯞﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ، ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﯞﻩ ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜﭺ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺳﻮﺩﺍ -ﺗﯩﺠﺎﺭﻩﺕ ﺗﯧﺰ ﺋﻪﯞﺝ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺯﻩﻫﻪﺭﻟﯩﻚ ﭼﯧﻜﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﻪﺗﻜﻪﺳﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ.

    ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﺍﯞﺍﻟﻐﯘﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ، ﺑﯘ ﻳﯩﻞ 4‏ – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 7‏ – ﻛﯜﻧﻰ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﺗﻪﺧﺘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﯞﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﻧﭽﻰ ﻫﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﭼﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺑﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﺍﯞﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺶ 6‏ – ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ 13 ‏ – ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺵ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ. ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ. ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﯞﻩﻗﻪﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ جۇڭگو، ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ، ﻗﺎﺯﺍﻗﺴﺘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭ.
    ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺟﺎﯞﺍﺑﺴﯩﺰ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ

    ﺑﯜﮔﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻯ ﭘﯩﺘﯧﺮ ﻓﯧﺪﻧﯩﺴﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻦ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ، ﺋﻮﺷﺘﺎ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻫﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻫﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ، ﯞﻩﻗﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯ. ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﻩﻗﻪﻧﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺑﯩﺘﻪﺭﻩﭖ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺗﯜﺭﯛﭖ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﯞﻩﻗﻪ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ، ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﻮﻳﻼﯞﺍﺗﯩﺪﯗ؟ ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ، ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺟﺎﯞﺍﺑﺴﯩﺰ ﺗﯘﺭﻣﺎﻗﺘﺎ.

    ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﯘﺧﺒﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﭙﻪﺭﯞﻩﺭﻟﯩﻚ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ، ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ. ﻫﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﻫﯟﺍﻝ، ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻫﺎﺯﯨﺮ ﺋﻮﺵ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﮔﯜﺯﻩﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺗﯘﺭﯗﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺒﺎﻱ ﺳﯘﻟﯩﻴﻤﺎﻧﻮﻑ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ، ﺋﻮﺷﺘﺎ ﻗﺎﻥ ﺗﯚﻛﯜﻟﯜﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺭﻩﻗﯩﺐ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ، ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ، ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯩﺮﻛﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻨﯩﯔ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﻨﯩﯖﻤﯘ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﻳﻮﻕ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻫﯧﭽﻜﯩﻢ ﻫﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻳﺪﯗ.

    مەنبەسى تور دۇنياسى.

  6. dolkun731 مۇنداق يازغان:

    تۆۋە مائىشنى كۆرۈڭ ئەمدى . سىياسىي ئۆزگۈرۈش مىللەتلەر توقۇنىشىغا ئۆزگۈرۈپ كېتىپتا ئەمدى . ھەممىسى ئاشۇ ھىلىگەر لېيلىنننىڭ پىشكا ئۇيىنىنىڭ نەتىجىسى مانا…………….

  7. birzat مۇنداق يازغان:

    قىرغىزىستاننىڭ ۋاقىتلىق زۇڭتۇڭى ئوتۇنبايىۋا ئالدىنقى كۈنى رۇسىيەدىن جەنۇبتىكى توقۇنۇش يۈز بەرگەن رايونغا قوشۇن ئەۋەتىپ ، توقۇنۇشقان ھەر قايسى تەرەپنى ئايرىۋېتىشنى تەلەپ قىلغان . ئوتۇنبايىۋا مۇنداق دېگە : قىرغىزىستان تەرەپ رۇسىيە تەرەپنىڭ قوراللىق ياردىمىگە ئىنتايىن مۇھتاج . ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ، ئوش بىلەن جەلالئابادتىكى رايونلارنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداۋاتقان قىرغىزىستان ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىيەتنى كونترول قىلىشى يېتەرلىك ئەمەس ، شۇ يەرلىك ساقچى ئورۇنلىرى پالەچ ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ . ئوتۇنبايىۋا يەنە مۇنداق دېگەن : ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتتىكى بىر قىسىم ئەمەلدارلارنىڭ كۆڭلى بىر يەردە بولماسلىقى ، سىياسەتنى ئىجرا قىلىشقا تىرىشماسلىقى دۆلەت ۋەزىيىتىنىڭ ئۇزۇنغىچە ئەسلىگە كەلمىگەنلىكىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرى .
    قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئىساكوۋ 16–ئىيۇن مۇنداق دېدى : 15–ئىيۇندىن باشلاپ ، ئوش بىلەن جەلالئابادتىكى كۈندىلىك تۇرمۇش ۋە قاتناش ، ئالاقە پەيدىنپەي ئەسلىگە كەلدى ، بىر قىسىم تىجارەت سورۇنلىرىمۇ تىجارەت باشلىدى . ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت بىر قىسىم كىچىك كۆلەملىك بۇزغۇنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قارىتا ، بارلىق ۋاستىلەرنى قوللىنىپ ئۈزۈل–كېسىل زەربە بېرىدۇ .
    فىنلاندىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى 16–ئىيۇن خېلسىنكىدا ، خەلقئارا جەمئىيەت ، بولۇپمۇ ب د ت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمدە قىزىل كرېست خەلقئارا كومىتېتىدىن تەدبىر قوللىنىپ ، قىرغىزىستاندىكى خەلقنى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردىمى بىلەن تەمىنلەشنى مۇراجىئەت قىلدى .
    شۇ كۈنى ، رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى قالايمىقانچىلىق يۈز بەرگەن قىرغىزىستانغا ئۈچ دانە ترانسپورت ئايروپىلانى ئەۋەتكەن بولۇپ ، ئايروپىلانغا تەخمىنەن 130 توننا ئىنسانپەرۋەرلىك ماددىي بۇيۇمى قاچىلانغان بولۇپ ، بۇنىڭ ئىچىدە 30 توننا شېكەر ، 69 توننا گۆش كونسېرۋاسى ۋە 10 مىڭدىن ئارتۇق يوتقان–كۆرپە قاتارلىقلار بار ئىكەن.
    قىرغىزىستاننىڭ جەلالئابادتىكى گارنىزوننىڭ قوماندانى بايبولۇۋ 16–ئىيۇن مۇنداق دېدى : قولغا ئېلىغان سابىق زۇڭتۇڭ باقىيېۋنىڭ قوللىغۇچىسى ، داڭلىق سىياسەتۋاز راخمانوۋ جەنۇبتىكى قالايمىقانچىلىقنى پىلانلاشقا قاتناشقانلىقىنى ئېتراپ قىلدى .

    بايبولۇۋ مۇنداق دېدى : نۆۋەتتە ، قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى راخمانوۋنى سوراق قىلىۋاتقان بولۇپ ، كۆپچىلىك ناھايىتى تېزلا باقىيېۋنىڭ راخمانوۋ قاتارلىق ئىشەنچلىك ئادەملىرىنى كۈشكۈرتۈپ جەنۇبتىكى قانلىق توقۇنۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىق توغرىسىدىكى ھەقىقىي ئىسپاتىغا ئېرىشەلەيدۇ .

    قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمەتنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى بېكنازاروۋ مۇنداق دېدى : قىرغىزىستان داۋاملىق بېلورۇسىيەدىن سابىق زۇڭتۇڭ باقىيېۋنى دۆلەتكە ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان بولسىمۇ ، بېلورۇسىيە باقىيېۋنى چىقىرىپ بېرىشنى رەت قىلدى ، بىراق قىرغىزىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ ، داۋاملىك خەلقئارا ئاپپاراتقا ئەرز قىلىپ ، بىلورۇسىيەنى باقىيېۋنى قىرغىزىستانغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن قانۇنىي سوتقا تارتىشنى تەلەپ قىلىدۇ .
    مەنبە: تور دۇنياسى

  8. koktash مۇنداق يازغان:

    نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا، خەنزۇچە مەنبەلەردىن كۆرۈپ كۆڭلۈم يېرىم بولغان ئىدى.
    ھەممە تۈركىي مىللەتلەر بۇرۇنقى ئورتاق تىل- يېزىقى بولغان چاغاتاي يېزىقىنى قوللىنىۋەرگەن بولسا، تاراتقۇلاردىكى تىل ئىشلىتىش مەسىلىسىمۇ كۆرۈلمىگەن، ھەم مۇشۇ سەۋەبلىك سۈركۈلۈشلەرمۇ بولمىغان بولاتتى ….
    سىتالىن ئورتا ئاسىيادىكى تۈركىي مىللەتلەرنى مەجبۇرىي ھالدا ئاتالمىش "مىللەتلەر" گە بۆلىۋەتمىگەن بولسا، ھازىرقىدە "مىللىي توقۇنۇش تۈگۈن"، ئۇنداق ئۇقۇممۇ بولمايتتى …
    بىرلىككە كەلگەن ئىتتىپاق جەمئىيەت نېمە دېگەن ياخشى -ھە!

  9. Yuksel مۇنداق يازغان:

    مېنىڭ قارىشىمچە، قىرغىزىستان سىياسىي ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇپ توختىماسلىقىدا مۇنداق 3 سەۋەب بولۇشى مۇمكىن:
    1. ‹‹ غەيرى دېموكراتىيە ›› بىلەن سەھنىگە چىققان ھۆكۈمەتنىڭ ‹‹ قانۇنىيلىقى ›› تۇغما كەمچىل بولۇش ۋە زوراۋانلىققا چوقۇنۇش. زوراۋانلىق بىلەن ھاكىمىيەت تىكلىگۈچىلەر زوراۋانلىق بىلەن ئۆز ھاياتىنى خۇلاسە قىلىدۇ. زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ دۇنيانى ئالغىلى بولغان بىلەن، زورلۇق كۈچىگە تايىنىپ جاھان سورىغىلى بولمايدۇ. قىرغىزىستان ئالدىنقى نۆۋەتلىك ئەلباشى باقىيېۋ ‹‹ كۈركۈم گۈلى ئىنقىلابى ›› ، كوچا دېموكراتىيىسى، زوراۋانلىق ۋاسىتىسى بىلەن قارشىلىشىشقا تايىنىپ قانۇنلۇق ھۆكۈمەتنى تەختىگاھدىن پەگاھقا قوغلاپ، ھاكىمىيەتنى ئۆز قولىغا ئالغان ئىدى. بۇ يىل 4 – ئايدا ئاتامبايېۋ باشچىلىقىدىكى ئۆكتىچىلەر ئوخشاش ۋاسىتە، ئوخشاش زوراۋانلىق كۈچىگە تايىنىپ، ئەلباش مەھكىمىسىنى ئىگىلەپ، ھۆكۈمەت بىناسىنى پايمال قىلىپ، ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى قوغلاپ سۈر – توقاي قىلىپ، زور ئۆلۈش يارىلىنىشنى پەيدا قىلىپ، سابىق ئەلباش باقىيىېۋنى تەختتىن ھەيدەپ، ئۆزلىرى ھاكىمىيەت تاجىنى باشلىرىغا كىيىشتى. ئۇزاق ئۆتىمەي ، دەل ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئومۇمىي سايلام ئېلىپ بېرىش پەيتىدە، ئۆكتىچىلەر ( بەلكىم باقىيېۋنىڭ قوللىغۇچىلىرى ) مىللىي زىددىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزبېك – قىرغىز ئىككى قېرىنداش مىللەت ئارىسىدا ئالا – توپىلاڭ كۆتۈرۈپ، سۇنى لېيىتىپ بېلىق تۇتماقچى بولۇشتى. ئەسلىدىلا قانۇنىيلىقى نائېنىق بولغان ھاكىمىيەت ئاستىدا توپىلاڭنى تىنجىتىشنىڭ ئۆزى زىددىيەتلىك ئىش بولۇپ، توپىلاڭ بىلەن تىنجىتىش ئوتتۇرىسىدىكى چىگرا ئارىلىشىپ كەتكەن بولىدۇ. ھازىرقى قىرغىز ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىدەك قوراللىق باستۇرۇش ئېلىپ بېرىپ، زوراۋانلىققا زوراۋانلىق بىلەن تاقابىل تۇرسا، ئىشنىڭ ئاقىۋىتى تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كېتىشى ، قىسقا مۇددەت تىنچلىق قولغا كەلگەن بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇقىمسىزلىق ۋە مىللىي خۇسۇمەتنىڭ ئۇرۇقى كەڭ چېچىۋېتىلىشى مۇمكىن.
    2. ھاكىمىيەت بېشىدىكىلەرنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشى مىللىي ماجرالار تەرىپىدىن ئىسكەنجىگە ئېلىنسا، سىياسى ئەخلاق كرىزىسى كېلىپ چىقىپ، ئىچكى قىسمدىكى ھاڭ تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ كېتىدۇ. قىرغىزىستاننىڭ ئىچكى ۋەزىيىتى ئېغىر مىللىي زىددىيەت تەرىپىدىن تەڭلىكتە قالغان بولۇپ، كۆپ سانلىق قىرغىزلار بىلەن ئازسانلىق ئۆزبېكلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئۇزاقتىن بېرى جىددىي. مىللەتلەر يارىشىشىدا ئۈنۈملۈك مېخانىزم يوق. شۇڭا، ھاكىمىيەت تالاشقۇچى پارتىيە – گۇرۇھلار ئارىسىدا زىددىيەت ئۆتكۈرلەشكەن ھامان ، مىللەتلەر ئارىسىدىكى زىددىيەت ھەرقايسى گۇرۇھلار تەرىپىدىن غەرەزلىك پايدىلىنىپ كېتىلىدۇ. ئۆز مىللىتىنىڭ قوللىشىغا تايىنىپ باش كۆتۈرگەن ھاكىمىيەت بېشىدىكى پارتىيە گۇرۇھلار نەزەر دائىرىسى چەكلىك بولۇش، مەيدانى بىرتەرەپلىمە – بىئادىل بولۇش، سىياسەت يۈرگۈزۈشتە ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ئۆزى تايانغان مىللەتكە يانتىيىش قاتارلىقلاردىن خالىي بولالمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدە بار بولغان مىللىي زىددىيەت تېخىمۇ ئۇلغىيىدۇ. پۇرسەت پىشىپ يېتىلسىلا ئوش ۋە جالالئاباد ۋەقەسىدەك مىللەتلەر ئارا توقۇنۇش ، قىر – چاپ كېلىپ چىقىدۇ.
    3. چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشىدەك ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا ئۆز مەملىكىتىگە بولغان تونۇشنىڭ سۇسلىشىشى، سىياسەتۋازلارنىڭ مەنىۋىي ئاساسىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئەلباش دېگەن ئومۇمىي خەلق ئىتتىپاقلىقىنىڭ سىمۋولى، مەملىكەت ئۇيۇشۇشچانلىقىنىڭ يادروسى . ئەلباشنىڭ نوپۇزى دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىغا چېتىلىدىغان مۇھىم ئامىل. ھالبۇكى، قىرغىزستاندا سىياسەتۋازلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا چوڭ دۆلەتلەرنىڭ سايىسى بار ، تۇنجى ئەلباشى ئاقايېۋ روسپەرەس بولسا، كېيىنكى باقىيېۋ ئامېرىكاپەرەس سانالدى. ئاتامبايېۋنىڭمۇ ۋەزىيەتنى تېزگىنلىيەلمەي ئالدى بىلەن رۇسىيىدىن ياردەم سورىغانلىقىدىن ئۇنىڭمۇ سىياسىي مايىللىقىنى بىلىپ يېتىش تەس ئەمەس. ئوتتۇرا ئاسىيا ستراتېگىيىلىك ئورنىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىدىن دۇنيادىكى چوڭ دۆلەتلەر ئۆز – ئارا كۈچ سىنىشىدىغان ، مەنپەت تالىشىدىغان جەڭگاھقا ئايلىنىپ قالدى. قىرغىزستاندىلا ئامېرىكا ۋە رۇسىيىنىڭ ھەربىي بازىلىرى مەۋجۇد بولۇپ، بۇ ئىككى چوڭام قىرغىزستاندىكى ئۈستۈنلۈكنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن كەسكىن توقۇنۇشتى. چوڭ دۆلەت كۈچلىرىنىڭ سىڭىپ كىرىشى نەتىجىسىدە ئاۋام پۇقرادا ھۆكۈمەتكە ئىشەنمەسلىك، سىياسەتۋازلارنى دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلالمايدۇ ، ئۇلارنىڭ تاشقى كۈچلەرنىڭ قورچىقى دەپ تونۇشتەك ۋەزىيەت شەكىللىنىپ، سىياسىيدىكى تېڭىرقاش كۈچىيىپ كەتتى. ئاۋام كۆڭلى چېچىلغاندىن كېيىن ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇقىملىقنىڭ ئىشقا ئاشمىقى تەسكە توختىشى تۇرغانلا گەپ ئەلۋەتتە.

  10. Yuksel مۇنداق يازغان:

    تەخمىنەن 400 مىڭ كىشىنىڭ قىرغىزستاندىكى مىللىي توقۇنۇشتىن قېچىپ سەرسان – سەرگەردان مۇساپىرلارغا ئايلانغانلىقى مۇشۇ ئاينىڭ 17 – كۈنى ب د ت تەرىپىدىن بىلدۈرۈلدى، دەپ خەۋەر قىلىدۇ جۇڭگو خەۋەرلەر تورى.
    بۇندىن باشقا، رۇسىيە خەۋەر تورىنىڭ خەۋرىگە كۆرە، مۇستەقىل دۆلەتلەر بىرلەشمىسىگە ئەزا بىر دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇق تەشكىلاتىدىكى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق مىللىي توقۇنۇشتا تەخمىنەن 1800 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان.
    تاراتقۇلار ئۆزبېكىستاننىڭ ھازىرغىچە 75 مىڭ مۇساپىرنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئاڭلاتىماقتا.
    سۇمرۇغ تورىدىكى كۆرۈنۈشلۈك خەۋەرنى مۇنۇ مەنزىلدىن كۆرۈشىڭىز مۇمكىن:
    http://news.ifeng.com/world/special/jierjisixinsaoluan/content-2/detail_2010_06/17/1634015_0.shtml

  11. Yuksel مۇنداق يازغان:

    ئەمەلىي ئۆلگەنلەرنىڭ سانى قىرغىز ھۆكۈمىتى رەسمىيلىرى ئېلان قىلغان ساندىن 10 ھەسسە ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ، 18 – چىسىلا ئوشنى كۆزدىن كەچۈرۈشكە كەلگەن ۋاقىتلىق ھۆكۈمەت ئەلباشى ئاتامبايېۋ.
    ئىلگىرىكى رەسمىي مەلۇماتلاردا بۇ قېتىملىق توقۇنۇشتا ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 187 ئىكەنلىكى، يارىلانغۇچىلارنىڭ 1918 كىشى ئىكەنلىكى خەۋەر قىلىنغان ئىدى. قارىغاندا، ئاتامبايېۋنىڭ بۈگۈنكى سۆزى تۈنۈگۈنكى مۇستەقىل بىرلەشمىسىگە ئەزا مەلۇم دۆلەتنىڭ جاسۇسلۇق ئىدارىسىدىكى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابنىڭ ئۆلگۈچىلەرنىڭ سانى 2000 دىن كەم ئەمەس ، دېگەن سۆزنى قۇۋۋەتلىگەندەك قىلىدۇ .

  12. Yuksel مۇنداق يازغان:

    بۇ قېتىملىق توقۇنۇش 1 مىليۇن ئادەمگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن، دېگەن قاراش دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە ب د ت تىكى باشقا تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى سۇمرۇغ تورىدىكى سۈرەتلىك باياندىن كۆرگەيسىز !

    قىرعىزىستاندىكى ئېچىنىشلىق توپىلاڭ

  13. tumurkala مۇنداق يازغان:

    بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان قىرغىزىستان ۋەزىيتى پەقەت تىنىچلانمىدى!

Yuksel 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟