نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

رۇسىيەنىڭ ۋيېتنامغا سۇئاستى كېمە قىسىمى قۇرۇشۇپ بېرىشتىكى غەرىزى نېمە؟

رۇسىيىنىڭ ۋيېتنامغا سۇئاستى كېمە قىسىمى قۇرۇشۇپ بېرىشتىكى غەرىزى نېمە؟

يېقىندا رۇسىيە بىلەن ۋيېتنام بىر تۈرلۈك كېلىشىمنامە ئىمزالىغان بولۇپ، بۇنىڭدا رۇسىيە ۋيېتنامغا << قۇدرەتلىك سۇ ئاستى كېمە قىسىمى >> قۇرۇشۇپ بېرىدىغان ۋە دەسلەپكى قەدەمدە بىر قېتىمدىلا 6 دانە <<Палтус / Варшавянка ، Kilo ، 基洛 >>  دەرىجىلىك سۇ ئاستى كېمىسى سېتىپ بەرمەكچى بولغان. Kilo دەرىجىلىك سۇ ئاستى كېمىسى رۇسىيە دېڭىز ئارمىيىسىنىڭ ئاساسىي كۈچ سۇ ئاستى كېمىسى بولۇپ، سەنەركىنى يېقىلغۇ قىلىدۇ، شاۋقۇنى كىچىك، ئوت كۈچى چوڭ بولۇشتەك ئارتۇقچىلىقى بىلەن دۇنياغا مەشھۇر بولغان بىر قەدەر ئىلغار سۇ ئاستى كېمىسىدۇر. روسىيە Kilo دەرىجىلىك سۇ ئاستى كېمىسىنى 90 – يىللاردىن باشلاپ جۇڭگوغىمۇ سېتىپ بەرگەن بولۇپ، ئەمدىلىكتە ئاتالمىش << ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش >> مۇددىئاسىدا ۋيېتنامغىمۇ سېتىپ بەرمەكچى بولغان. ئۇنداقتا، رۇسىيىنىڭ بۇرۇنمۇ ئەمەس كېيىنمۇ ئەمەس ، جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئاراللارنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق داۋرىڭى ئەدەپ قالغان، ۋيېتنام، فىلىپپىن، مالايسىيىگە ئوخشاش ئۇششاق دۆلەتلەر ھە دەپ جۇڭگونىڭ بۇ دېڭىزدىكى مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىگىلىك ھوقۇقىنى كۆزگە ئىلماي شىلتىڭ ئېتىۋاتقان، تېخى ئۆز ئالدىغا قانۇن – لايىھە تۈزۈشۇپ، ب د ت لارغىچە تەكلىپ سۇنۇشىۋاتقان مۇشۇنداق بىر  پەيتتە ۋيېتنامغا << قۇدرەتلىك سۇ ئاستى كېمە قىسىمى >> قۇرۇشۇپ بەرمەكچى بولغانلىقى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ رۇسىيە راستىنلا رايونلار ئارا ھەربىي تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنى مەقسەت قىلامدۇ ياكى باشقا غەرىزى بارمۇ؟

تارىختىن مەلۇمكى، << سىبىرىيە ئېيىقى >> دەپ نام ئالغان رۇسىيە ئەزەلدىن ئىمكان بولسىلا جۇڭگوغا زىيانكەشلىك قىلىش، ئاۋارىچىلىق تېپىپ بېرىش پۇرسىتىنى قولدىن بېرىپ قويغان ئەمەس. ھېلىھەم شۇنداق. قارايدىغان بولسا ئۇ رايونلار ئارا ھەربىي كۈچلەر تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش باھانىسىدە جۇڭگوغا سېتىپ بەرگەن قوراللىرىدىنمۇ ئىلغار ، ۋەھشىي قوراللارنى ھىندىستانغا سېتىپ بېرىدۇ. پۇرسەت تاپسىلا جۇڭگو بىلەن قاش – قاپاق تۈرۈشۈپ قالغان قوشنا دۆلەتلەرگە ھەرخىل ناملاردا قورال – ياراق سېتىپ بېرىپ تۇرىدۇ. شۇ ئارقىلىق بۇ دۆلەتلەرنىڭ خورىكىنى ئۆرلىتىپ، جۇڭگوغا تېخىمۇ بەكرەك ھۆركىرىشىگە، شىلتىڭ ئېتىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدۇ. كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، رۇسىيە جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى كۈچلەندۈرۈپ، ئۇلار ئارقىلىق جۇڭگونى قىسماققا ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ستراتېگىيىلىك مەنپەتنى كاپالەتكە ئىگە قىلماقچى خالاس.
روسىيە مەنچىڭ خانىدانلىقى دەۋرىدىن باشلاپ جۇڭگونىڭ زېمىنلىرىنى خالىغانچە ئىشغال قىلىپ، ئۆزىنىڭ تېروتورىيسىگە قوشۇۋېلىپ كەلگەن. نەتىجىدە جۇڭگو 588 تۈمەن كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان زېمىندىن ئايرىلىپ قالغان. بۇ ھازىرقى ياپونىيىنىڭ 16 ھەسسىگە، تەيۋەن ئارىلىنىڭ  163 ھەسسىسىگە باراۋەر زېمىندۇر. بۇندىن باشقا ، روسىيە يېقىنقى زامان تارىخىدا شەرقىي شىمال ( ئاتالمىش مانجۇرىيە ) ، تاشقى موڭغۇل، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردا ئاجايىپ سىياسىي سۈيقەستلەرنى ئوينىغان بولۇپ، تارىختىن ئاز – تولا خەۋرى بار ئادەم رۇسىيىنىڭ ھىيلە – مىكىرلىك رەزىل ئەپتى بەشىرىسىگە قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. موڭغۇلىيىنىڭ جۇڭگودىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇشى، تەيۋەننىڭ كومپارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئازادلىق ئارمىيە تەرىپىدىن ئازاد قىلىنماي، ھازىرقىدەك يا مۇستەقىل بولالمايدىغان، ياكى چوڭ قۇرۇقلۇققا قوشۇلۇپ كەتمەيدىغان << قاندىغاي >> ھالەتنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ ھەممىسىدە رۇسىيىنىڭ سۈيقەستلىك قولى بار.
ئىككى – ئۈچيۈز يىللىق تارىخنى يەكۈنلەپ قارىغاندا، روسىيە ۋە ياپونىيىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى قوشنا دۆلەتنىڭ قىلغان ئەسكىلىكلىرى ئەڭ كۆپ بولۇپ، باشقا ھەرقانداق جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ قىلغان – ئەتكەنلىرىنى بېسىپ چۈشىدۇ. ئەمما، قىزىق يېرى شۇ جايدىكى، كۆپ قىسىم جۇڭگو پۇقرالىرى رۇسىيىگە ئالاھىدە مۇھەببەت باغلىغان. ئۇلار روسىيەنى خەتەرلىك دۆلەت دەپ قارىمايدۇ. ھەتتا بىر مەزگىل جۇڭگولۇقلار ئارىسدىن ‹‹ سېرىق رۇسلار  ( ئۆڭى سېرىق، ئۆزى رۇسلارغا مايىل ) ›› يېتىشىپ چىقىپ، ھەممە ئىشتا رۇسلاردىن ئۆرنەك ئېلىشتى. ھېلىھەم بەزىلەر تېخىچە تارىخىي ئاچچىق رېئاللىقا كۆز يۇمۇپ، رۇسىيەنى ئەڭ يېقىن ستراتېگىيىلىك ھەمراھىمىز دەپ تونۇشماقتا.
سوۋېتلەر ئىتتىپاقى پارچىلانغاندىن كېيىن، رۇسىيە ئىچكى – تاشقى زىددىيەتلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاندىن جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش كويىغا چۈشكەن. رۇسىيىنىڭ پەقەت ئېنېرگىيە – مەدەنلىرى ۋە قوراللىرىلا جۇڭگونىڭ سېتىۋېلىشىغا ئەرزىيدىغان بولۇپ، روسىيە جۇڭگوغا قورال سېتىپ بەردىمۇ دېگەندىمۇ بىر بولسا ئاسمان – پەلەك باھادا ساتسا، بىر بولسا ساتقان قوراللىرىنىڭ ئۇيەر – بۇ يەرلىرىنى كام قىلىپ بېرىپ، جۇڭگونىڭ بېشىنى ئاغرىتىپ كەلگەن. ئەدناسى، جۇڭگو - رۇسىيە ئارىسىغا ياتقۇزۇلىدىغان نېفىت تۇرۇبىسىنىڭ قۇرۇلۇشىمۇ كېلىشىم ئىمزالىنىپ، ئارقىدىنلا روسىيە تەرىپىدىن بىكار قىلىنىپ، ئوننەچچە يىل تاشلاپ قويۇلغان، يېقىندا قايتىدىن كېلىشىمنامە ئىمزالىنىپ، 2009 – يىلى 4 – ئايغا كەلگەندىلا روسىيە تەرەپ قۇرۇلۇش باشلىغان. نەق گەپنى دېگەندە، دۇنيادا جۇڭگونىڭ تەرەققىي قىلىشى ، قەد كۆتۈرۈشىنى، قۇدرەتلىك ھەربىي كۈچكە ئىگە دۆلەت بولۇشىنى ئەڭ خالىمايدىغان دۆلەت دەل روسىيەدۇر. شۇنداق بولغاچقا رۇسىيە ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى دۆلەتلەرنى كۈچلەندۈرۈش ئارقىلىق جۇڭگونى ‹‹ بۇرنىدىن يېتلەش ›› قەستىدە بولۇپ كەلگەن.
رۇسىيىنىڭ تەپەككۇرى شۇكى، ھىندىستان، ۋېتنام ئارقىلىق جۇڭگونى ستراتېگىيىلىك قىسماققا ئېلىش. ھىندىستان سېتىۋېلىشىنى خالىسىلا روسىيە ئەزەلدىن ئەڭ ئىلغار قوراللىرىنى سېتىپ بېرىۋاتىدۇ. مانا ئەمدى جەنۇبىي دېڭىزدىكى غەۋغا ئاينىپ، ۋيېتنامنىڭ سۇ ئاستى كېمە قىسىمى قۇرۇش ئارزۇسى تۇغۇلۇپتى، ئامېرىكا بەرمىسە، روسىيە ئۇنىڭغا ياردەملىشىپ ‹‹ قۇدرەتلىك سۇ ئاستى كېمە قىسىمى ›› قۇرۇشۇپ بېرىدىغان بولدى. ۋيېتنام قانداق دۆلەت ؟ ۋيېتنام ئاش يەپ تۇزلۇقنى چاققان، ئاش بەرگەنگە مۇش بەرگەن ( ئۆزىنى ئەزەلدىن يۆلەپ كېلىۋاتقان ، ئۆزى ھەم تەرەققىياتتا ئۆرنەك قىلىۋاتقان جۇڭگوغا ئۇرۇش ئېلان قىلغان )، ئامېرىكا، جۇڭگوغا ئوخشاش دۇنيادىكى ئىككى چوڭ دۆلەت بىلەن ئۇرۇشۇپ باققان دۆلەت، شۇنچە ئۇرۇشۇپمۇ  ئۇرۇش خۇمارى بېسىقمىغان ، ئۇرۇشىمەن دەپلا تۇرىدىغان دۆلەت، يەنە تېخى جەنۇبىي دېڭىزدىكى جۇڭگونىڭ ئاراللىرىنى ئەڭ كۆپ ئىگىلىۋالغان دۆلەت. مۇشۇنداق بىر دۆلەتنى دۇنيادىكى ئىلغار سۇئاستى كېمىسى بىلەن تەمىنلەش ، ھەتتا قۇدرەتلىك سۇ ئاستى كېمە قىسىمى قۇرۇپ بېرىش، ئاقىۋىتى تولىمۇ قورقۇنچلۇق ئىش ئەمەسمۇ ؟! …
ئەمما، جۇڭگونى ئوي خىيالى يەنە 30 يىللىق تېنچ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىدى. ئەمما، رۇسىيىنىڭ شاھمات تاختىسىدىكى بۇ يۈرۈشى، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە مۇداپىئە خاراكتېرلىك قۇرال سېتىپ بەرگىنىدىنمۇ خەتەرلىك يۈرۈش بولۇشى مۇمكىن.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: رۇسىيەنىڭ ۋيېتنامغا سۇئاستى كېمە قىسىمى قۇرۇشۇپ بېرىشتىكى غەرىزى نېمە؟

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. Nursel مۇنداق يازغان:

    ئەڭ يېڭى خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيە يەنە ۋيېتنامغا K300P تىپلىق پاراخۇتقا قارشى قىرغاقتا ئىشلىتىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سېستىمىسىنى سېتىپ بەرگەن. 2005 – يىلىمۇ ۋيېتنام رۇسىيەدىن K300P نىڭ كونا تىپلىقىدىن 1 ياكى 2 يۈرۈش سېتىۋالغان ئىكەن.
    K300P خېلى ئىلغار سېستىما بولۇپ، ئۈنۈملۈك زەربە بېرىش مۇساپىسى 300 كلومىتېر ئىكەن.
    [reply=Yuksel,2009-05-20 06:37 PM]بۇندىن سەل ئىلگىرى، يەنى 5 – ئاينىڭ 15 – كۈنى جۇڭگونىڭ شۇنچە توسقىنىغا ، رۇسىيىگە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىللەر ئۆمىكى ئېۋەرتىپ ۋەزخاھلىق قىلغىنىغا قارىماي، رۇسىيە يەنە ۋيېتنامغا 12 دانە SU30MK2 تىپلىق كۆرەشچى ئايرۇپلان سېتىپ بېرىش كېلىشىمى ئىمزالىغان بولۇپ، SU30MK2 تىپلىق كۆرەشچى ئايرۇپلانمۇ دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كۆرەشچى ئايرۇپلان. ئۇچۇرلارغا كۆرە، جۇڭگومۇ ئىلگىرى – كېيىن بولۇپ بۇ ئايرۇپلاندىن 70 نى سېتىۋالغان ئىكەن. ئەگەر ۋيېتنام ھاۋا ئارمىيىسىمۇ مۇشۇ خىل ئىلغار كۆرەشچى ئايرۇپلان بىلەن قوراللانسا، جۇڭگونىڭ جەنۇبىي دېڭىز رايونىدىكى ھاۋادىكى ئۈستۈنلىكى خىرسقا ئۇچرايدىكەن.[/reply]

  2. infitar مۇنداق يازغان:

    بۇرۇنلاردا بىر چالمىدا ئىككى پاختەك چوڭ ئىش دەپ بىلەتتۇق ، ھازىر ئۇنداق بولماي قالدى ، كاللا ئوينىتىدىغان بۇ زاماندا بىر چالمىدا ئۈچ – تۆت پاختەك سوقالمىساق ھىچكىم ھەيران قالمايدىغان بولدى ، ئەلۋەتتە ، روسيەدەك ئىبلىس دۆلەتمۇ بىرلا ۋاقىتتا بىر قانچە مەقسەتكە بىراقلا يىتشنى ئويلايدۇ- دە ،

  3. مۇۋەھھىد مۇنداق يازغان:

    شۇنداق، ئۇرۇسلار بىلەن جوڭگۇلۇقلار ئەزەلدىن ئېغىزىدا ئاكا- ئۇكا، لېكىن ئۆزلىرى كۆڭلىدە بىر- بىرىنى دۈشمەن بىلىدۇ. جۇڭگۇنىڭمۇ تاكتىكىسى كۆپ. مەسىلەن، تۈركىيە ۋە ئۇنى ھىمايە قىلىدىغان دۆلەتلەر جوڭگۇنىڭ دۈشمەنلىرىنى قوللىسا، جوڭگۇ دەرھال كوردلارغا ياردەم قىلىپ، قۇرال- ياراق سېتىپ بېرىپ تۈركلەرنىڭ بېشىغا پىت سالىدۇ- ئەمەسمۇ؟ ! دىپلوماتىيەدىمۇ « دۈشمىنىمنىڭ دۈشمىنى مېنىڭ دوستۇم » دېگەن پرىنسىپ بۇيىچە ئىش قىلىشقا تامامەن بولىدۇ.

مۇۋەھھىد 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟