نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ كەلگۈسى

يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس، چېڭى چىقسىمۇ دېڭى چىقماس. – ئاتىلار سۆزى

بىرىنچى، يالغۇز كىشىلىك Blog دۇچ كېلىۋاتقان 81 مۈشكۈلات

‹‹ گەپ قىلماق ئوڭاي ، ئىش باشلىماق تەس ››، ‹‹ ھەممە ئىشنىڭ بېشى تەس ››، ‹‹ تۇنجى قەدەمنى باسماق مۈشكۈل ›› … دېگەندەك گەپلەر بەلكىم توغرا ئېيتىلغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇ گەپلەر Blog نەشىر قىلىش ھەققىدە ئېيتىلغاندا پۇت تېرەپ تۇرالمايدۇ. چۈنكى Blog نەشىر قىلىش شۇ دەرىجىدە ئوڭايكى، سىز پەقەت Blogbus , Blogger , WordPress قا ئوخشاش Blog تەمىنلەش BSP سۇپىلىرىدىن بوشلۇق ۋە ئىككىنچى دەرىجىلىك تور نامى ئىلتىماس قىلىپلا ۋە ياكى يۈكسەل بلوگىمىزدەك مۇستەقىل تور نام ۋە بوشلۇق ئېلىپ، WordPress  تەك ئىلغار Blog سىستېمىلىرىنى قاچىلاپ ، ئۇ يەر – بۇ يەرلىرىنى تەڭشىۋېتىپ، Blog نەشىر قىلىشقا كىرىشىپ كەتسىڭىز، زىيارەتچىلەرنى ئېچىق بېشىدا ئولتۇرۇپ ئېتىزغا سۇ باشلىغاندەك باشلىسىڭىز، Google AdSense تىن كىرىم قىلىپ دوللار كېكىرىپ يۈرۈشنى باشلىسىڭىز  تامامەن بولىدۇ…
مانا بۇلار سىزنىڭ Blog نەشىر قىلىش پەيتىدىكى شېرىن ئارزۇلىرىڭىز بولۇپ، سىز بۇ ئارمانلرىڭىزغا يېتىش ئۈچۈن دەسلەپتە يېگەن – ئىچكەننى، يارۇ – قاياشنىمۇ ئۇنتۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن Blog يېزىشقا كىرىشىپ كېتىشىڭىز مۇمكىن.
ھالبۇكى، Blog يېزىشتا بىردەملىك قىزغىنلىق ئەمەس بەلكى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش روھى ۋە ئۇزاق داۋاملىشىدىغان ئىزچىللىق ئىنتايىن مۇھىم. مانا بۇ ، دەل نۇرغۇنلىغان Blog لارنىڭ بۈگۈنى دۇنياغا كېلىپ ، ئەتىسى كۆزىمىزدىن يىتۈپ كېتىشى ( يېڭىلانماي تاشلىنىپ قېلىشى ) دىكى مۇھىم سەۋەب. چۈنكى، بۇ خىل Blog لار قەتئىي داۋاملىشىش ئېنېرگىيىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.

بۇنىڭ سەۋەبلىرى مۇنداق بولۇشى مۇمكىن:

1. ۋاقىت مەسىلىسى
بلوگ يېڭىلاشقا ۋاقىت چىقىرالماسلىق بۇ نۇرغۇن Blog لارنىڭ توختاپ قېلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب. بۇندىن باشقا ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالماسلىق. ئەگەر بىر blogger ھەر دائىم كىتاب ياكى مۇناسىۋەتلىك تور ماتېرىياللىرىنى ئوقۇپ ئۆزىگە توك قاچىلاپ تۇرمىسا، Blog نى داۋاملاشتۇرۇش ئېنېرگىيىسى 4 كۈنىدە خوراپ تۈگەيدۇ – دە، Blog ئوخشاشلا ئىشتىن توختاشقا مەجبۇر بولىدۇ.
2. خىزمەت بىلەن توقۇنۇشۇپ قېلىش
خىزمەت تۈپەيلى تورغا چىقىشقا ئىمكان بولماسلىق ياكى خىزمەت تۈپەيلى تورغا چىقالىسىمۇ راۋۇرۇس ئولتۇرۇپ Blog يازغۇدەك ۋاقىت ۋە زېھىن بولماسلىق.
3. تېما قەھەتچىلىكى
Blog نى دەسلەپ نەشىر قىلغاندا ئۇنىڭ مەزمۇن تەرەققىيات نىشانىنى زىيادە كونكېرىتلاشتۇرىۋەتكەن ياكى تولىمۇ تار دائىرە ئىچىدە چەكلەپ قويغان ئەھۋال ئاستىدا، بار گەپنىڭ ھەممىسى بىرقانچە ، ئېشىپ كەتسە نەچچە ئون پارچە Blog يازمىسىدا دېيىلىپ بولغاندىن كېيىن ، يەنە دېگۈدەك يېڭى گەپ قالماسلىق ، يازغۇدەك يېڭى ئىش قالماسلىقتەك تېما قەھەتچىلىكى يۈز بېرىدۇ. شۇڭا، Blog نىڭ خاراكتېرى ۋە مەزمۇن دائىرىسىنى بېكىتكەندە، نىسبەتەن كەڭ تەرەققىيات بوشلۇقى بېرىش تولىمۇ مۇھىم.
4. زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىش
شۇنداق بىر قىسىم تورداشلار باركى Blog يازغاندا ھېلى ماۋۇ تېما تازا ياخشى ئەمەس دېسە، ھېلى ماۋۇ پىكىر تازا چوڭقۇر  ئىپادىلەنمەپتۇ ، ما گەپنى يازايمۇ يازمايمۇ؟ … دەپ،  زىيادە مۇكەممەللىكنى قوغلىشىپ تۇرىۋالىدۇ. بۇنداق بولغاندا، كۆپ ئەھۋاللاردا ئۆزىنىڭ يازمىسى ئۆزىگە يارىماي بۇلارنىڭ Blog يېڭىلىمىقى تېخىمۇ تەسكە چۈشىدۇ.

يۇقىرىقى سەۋەبلەرگە كۆرە، يالغۇز كىشىلىك Blog مۇنداق 3 خىل تۇيۇق يولغا كىرىپ قېلىشى مۇمكىن :

1. يېڭىلاشنى توختىتىش ياكى يېڭىلاش چاستوتىسىنى تۆۋەنلىتىش
2.  Blog يازما سۈپىتى تۆۋەنلەپ كېتىش
3. ئىجادىي يېزىشنى تاشلاپ، ‹‹ ئۇماق ئوغرىلاش ›› نى باشلاپ، باشقا Blog ۋە تورلاردىن يازما كۆچۈرۈپ ئېلان قىلىش

ئىككىنچى، كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ ئەۋزەللىكى

يالغۇز كىشىلىك  Blog نىڭ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان يېتەرسىزلىكلىرىدىنلا، كۆپ كىشىلىك بلوگنىڭ يۇقىرىقىلارنى تامامەن ھەل قىلىپ كېتەلەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتمەك ئانچە تەس ئەمەس.
1. يېڭىلاش چاستوتاسى يۇقىرى
كۆپ ( N ) كىشى بىرلىكتە يازىدىغان Blog نىڭ يېڭىلىنىش چاستوتاسى يالغۇز كىشىلىك Blog قا قارىغاندا كۆپ ( N ) ھەسسە يۇقىرى بولىدۇ. Blog نىڭ ھەرقايسى يازارلىرى بەس – بەستە يازما يېڭىلايدۇ ياكى بولمىسا يازما يېڭىلاشقا بىر يازارىنىڭ ۋاقتى يەتمىسە ، يەنە بىرىنىڭ ۋاقتى چىقىدۇ، Blog يېڭىلىنىشتىن توختاپ قالمايدۇ.
2. تېما دائىرىسى كەڭرى
ھەر بىر كىشىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسى ۋە ئىزدىنىش يۆنىلىشى ئوخشاش بولمىغانلىقى سەۋەبلىك ، كۆپ كىشىدىن تەركىبلەنگەن Blog نىڭ تېما دائىرىسى يالغۇز كىشىلىك Blog نىڭكىدىن كۆپ كەڭرى بولىدۇ. ئالايلۇق ، يۈكسەل بلوگىدا پېقىر ( يۈكسەل ) نىڭ دىققەت نۇقتىسى كۆپرەك ئۇيغۇرلاردا تەگئات، ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى ۋە ئىجتىمائىي مەسىلىلەرگە مەركەزلەشكەن بولسا،  بۇرادىرىمىز بوھراننىڭ دىققەت ئېتىبارى كۆپرەك ئەيدىز – سەھىيە ئۇچۇرلىرى ۋە ساغلاملىق ، ساخاۋەت مەسىلىلىرىگە كۆپرەك مەركەزلەشكەن.
3. پىكىر ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ قايناق
كۆپ كىشىلىك Blog دا پىكىر ئالماشتۇرۇش تېخىمۇ مول مەزمۇن بىلەن تويۇنغان بولۇپ، ئوخشىمىغان Blog مەسئۇللىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش زىيارەتچىلەرگە يېڭى تۇيغۇ ئاتا قىلىشى ، ئوخشىمىغان پىكىر ، ئوخشىمىغان ئىدىيىدىكى كىشىلەرنىڭ بەھس – مۇنازىرىسى تېخىمۇ قايناق بولۇشى مۇمكىن.
4. تەسىر كۈچى زور
كۆپنىڭ كۈچى زور بولغىنىدەك، كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ تەسىر كۈچىمۇ يالغۇز كىشىلىك Blog دىن زور بولۇشى ئېنىق.

ئۈچىنچى، كۆپ كىشىلىك Blog نى باشقۇرۇش

كۆپ كىشىلىك Blog ھەرگىزمۇ BBS كە ئوخشىمايدۇ. BBS بىرقەدەر مۇرەككەپ ۋە قالايمىقان بولۇپ ، كۆپ كىشىلىك Blog ئۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا كۆپ ئېدىتلىق ۋە قاراتمىلىققا ئىگە. BBS تە ھەركىم ئۆز كاللىسىغا كەلگەننى يازىدۇ. شۇڭا، BBS دىكى يازمىلارنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ تايىنى چاغلىق بولىدۇ. ئەمما، ماۋۇ كۆپ كىشىلىك Blog دا بىرقانچە كىشى مۇئەييەن ‹‹Blog ئاساسىي نىشانى›› نى چۆرىدەپ ، مۇئەييەن يازما ئۆلچىمى بويىچە  يازىدۇ. شۇڭا، بۇ خىل Blog لاردىكى يازمىلارنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيىسى بىرقەدەر يۇقىرى بولىدۇ. مەسىلەن، يۈكسەل بلوگىنىڭ  ‹‹ Blog ئاساسىي نىشانى ›› بىز ئىلگىرى كۆپ قېتىم تىلغا ئالغىنىمىزدەك: ‹‹ ئۇيغۇر ئىسىم – تەگئاتشۇناسلىقىغا بېغىشلانغان ئىلمىي ئەسەرلەر؛ ئۇيغۇر تارىخ – مەدەنىيىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، ئۇيغۇر مەنىۋىىتىنى سۇغۇرۇش نىشانلانغان نەسرى – نەزمىي ئەسەرلەر ؛ ئۇيغۇر جىسمانىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان ساغلاملىق، سەھىيە – ئەيدىز، ساخاۋەت ئۇچۇرلىرىنى ئېلان  قىلىش ئارقىلىق تور مۇھىتىدا چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئەلگە خىزمەت قىلىش ›› بولۇپ، يۈكسەل بلوگ يازمىلىرىمۇ ھازىرغىچە يۇقىرىقى 3 ئاساسىي ئوقنى چۆرىدەپ ئېلان قىلىنىپ كېلىنىۋاتىدۇ.

خۇلاسە

بىزنىڭ قارىشىمىزدا بلوگچىلىق ئۇيغۇرلاردا يەنىمۇ ياشنايدۇ. بەلكى ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى ھاياتىي كۈچى ئەڭ كۈچلۈك ساھە بولۇپ قالىدۇ. شۇڭا، كەڭ بلوگگىر (Blogger) دوستلار ئۆز Blog تەرەققىياتى ھەققىدە تىنىمسىز ئىزدىنىشى، يېڭى تەرەققىيات يوللىرىنى ئېچىشى ۋە شۇ ئارقىلىق Blog نى يېڭى تەرەققىيات يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈشى لازىم. شۇ ئىزدىنىشلەردىن بىرسى دەل بىز باياتىن بېرى گېپىنى قىلغان ‹‹ كۆپ كىشىلىك Blog ›› دۇر.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ كەلگۈسى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!16 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    ھەي…سىلەر بىر بلوگنى ئىككى ئادەم ماڭدۇرىۋاتىسىلەر، مەن ئۆزۈم يالغۇز ئىككى بلوگ ماڭدۇرىۋاتىمەن. يازمىنىڭ ئومۇمى قاراتمىسى بويىچە بولغاندا سىلەر تاغنىڭ چوققىسىغا يامىشىپ ماڭغاندا، مەن يەرنى كولاپ كىرىپ كېتىۋاتىمەنمۇ نېمە؟

  2. سەركەردە مۇنداق يازغان:

    توغرا دەيسىز، يىراق بولمىغان كەلگۈسىدە بىلوگچىلىق ئۇيغۇر تورچىلىقىنىڭ ئاساسى قىسىمىغا ئايلىندىغاندەكل قىلىدۇ.

  3. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    شۇنداق، بلوگدىن ئىبارەت بۇ نەرسە ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدىغان، بەلكى بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىنتىرنتنىڭ ئاساسى يۆنىلىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن (چەتئەللەردە ۋە ئىچكىرى ئۆلكىلەردە بۇ ئاللىقاچان ئەمەلگە ئېشىپ بولغان.) شۇڭا بىز چوقۇم بلوگ سەۋىيىمىزنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
    بلوگ يازار دەپ بەل باغلىغانلارغا بلوگدا يازغىلى تېما دېگەن كۆپ، ھېچ بولمىسا بىرەر داڭلىق خەنزۇچە بلوگنى تاللاپ شۇ بلوگنىڭ يازمىلىرىنى كۈندە تەرجىمە قىلىپ تەڭ يېڭىلاش (بولسا ئاپتۇر بىلەن ھەر ھالدا ئالاقىلىشپ قويغان ياخشى، ئەمما ئالاقىلاشمىسىڭىزمۇ بولىۋېرىدۇ، بىراق ئالاقىلشقان ئەڭ مۇۋاپىق.) ئېلىپ بارغاندا، بىزنىڭ بلوگ يېزىش سەۋىيىمىز ئاستا-ئاستا يىتىشىپ قالىدۇ. ھەمدە شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ توردىكى ئۇيغۇرچە ماتىرىيال مەنبەسيىمىزمۇ كۈندىن كۈنگە ئېشىپ بارىدۇ.
    شۇڭا بلوگ يېزىشقا ھەرگىز سەل قاراشقا بولمايدۇ….

    • bilimlar مۇنداق يازغان:

      مەسلەن قانداق بلوگلارنى دەيسىز؟ IT ئۇچۇر يازىدىغان بلوگما ؟

      • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

        بۇنى ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشىغا قاراپ تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئىقتىسادقا ئائىت بولامدۇ، سىز دېگەندەك IT بولامدۇ ئۆزىڭىزنىڭ قىزىقىشى قانداق بولسا شۇ بويىچە تاللىسىڭىز نۇرغۇن نادىر بلوگلار بار ئەمەسمۇ…

  4. بىرزات مۇنداق يازغان:

    دېمىسىمۇ يالغۇز ئادەمگە تەس ئىكەن. كۆنۈپ قالغان ئادەمگە «بلوگ بېسىمى» قان بېسىمى، خوتۇن بېسىمى دېگەنلەردىن قىلىشمايدىكەن. «خوتۇن بېسىمى» دەپ تۇرۇپ خوتۇننى تاشلىغىلى بولمىغاندەك يا پەشنى قېقىپ تاشلاپ كەتكىلى بولمايدىغان مۇشۇنداق ئوتى بار ئىش ئىكەن بۇ. :lol: بىر، ئىككى، ئۈچ ئىتتىپاقلىق كۈچ دەپ كىچىكىمىزدە بەك ئۈگەنگەن بولمىسا. بلوگىمغا سەمىمى ھەمكارچىدىن بىرەرنى كۆندۈرۈپ بولالمايۋاتىمەن.

  5. بىلىملەر بلوگ مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندى، سىزدىن بىر سۇئالنى سوراي دىۋېدىم. سىزنىڭچە مانىڭدەك مۇقىم بوشلۇققا blog سېستىمىسى يوللاپ تېما يازسا ياخشىمۇ ياكى blogbus ئىشلىتىۋېرسە ياخشىمۇ؟ بۇ ئىككىسىنىڭ قانداق ئەۋزەللىكى بار؟
    بولسا مۇشۇ ھەقتە بىر تېما يېزىلىشىنى بەكمۇ ئۈمۈد قىلىمەن.

    • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

      يۈكسەل ئەپەندىمدىن سورىغان سۇئالىڭىزغا ئاتىكاچىلىق قىلىپ ئاۋۋال جاۋاب بىرىدىغان بولۇپ قالدىم…
      بلوگباس-ھەقسىز،بىر قەدەر ئىشەنچلىك،چىقىمىڭىز ئاز،تېخنىكىغا بولغان تەلىپىمۇ يۇقىرى ئەمەس.
      ئايرىم بلوگ قۇرۇش-سىزدىن بەلگىلىك سەۋىيە،ئىقتىساد تەلەپ قىلىدۇ.
      ئايرىم بوشلۇق ئېلىپ يازما يازغاننىڭ بلوگبۇسنى ئىشلىتىپ يازغاننىڭ پەرقى نىمە؟مېنىڭچە،ھىچقانداق پەرقى يوق.پەقەت،كۆپلىگەن بلوگگېرلىرىمىز بلوگباسنى ئىشلىتىپ تۇنجى قەدەمدىكى بلوگ ئۇقىمىنى شەكىللەندۈرگەندىن كىيىن،يەنى،يازما يېزىش،بلوگ ئىشلىتىشنىڭ ئاددىي پرىنسىپلىرى،بلوگنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان پلان قاتارلىق بىر قىسىم تەجرىبىلەرنى توپلىغاندىن كىيىن،ئاندىن بلوگنى مۇقىم بوشلۇققا شۇنداقلا ئايرىم ئىسىم ئاستىغا يۆتكەپ يېڭىدىن ياكى ئەسلىدىكى تەجرىبىلەر ئاساسدا داۋاملاشتۇرۇپ يازسا ئۈنۈمى بەكرەك ياخشى بولىدۇ.
      يۇقىرىدا ئىنكاس يازغان تورداشلاردىن تەدبىركار،ئىلقۇت شۇنداقلا كەمىنە ئۇيغۇربەگ(يۈكسەل بلوگىمۇ ھەم) قاتارلىقلارنىڭ ASPلىق Pjblog سېستىمىسىدا بىرمەزگىل تەرەققىي قىلىپ،كىيىن ئارقا-ئارقىدىن WordPressكە كۆچۈپ كېلىشىنى مۇشۇ تەرەققىياتلارنىڭ بىر قىسمى دەپ ئويلايمەن…

    • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

      ئۇيغۇربەگ ئىنىمىزمۇ ئازراق سۆزلەپتۇ، مەنمۇ ئىككى ئېغىز گەپ قاتاي.
      سىز بۇنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاۋال بلوگ ئۇقۇمى ھەققىدە ئىنىق چۈشەنچىگە ئىگە بولۇڭ، سىزگە دېسەم بلوگباس ئىلگىرى ياخشى ئىدى، بىراق ھازىر بەك ناچار بولۇپ قالدى (ئىنكاس چەكلىمىسى بەك ئېغىر) بلوگگىرلارغا نىسبەتەن ئەڭ چوڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ دەل تورداشلارنىڭ ئىنكاسىدۇر. لېكىن ھازىر بلوگباسقا ئىككى جۈملە ئىنكاسنى خاتىرجەم يازغىلى بولمايدۇ.مانا بۇ بلوگ يازغۇچى ھەم بلوگنى زىيارەت قىلغۇچىغا نىسبەتەن چوڭ پايدىسىز ئەھۋال.
      ئەمدى شەخسي تور نامىدا بلوگ يازغاندا، بىرىنچىدىن ئۆزىڭىزنىڭ «ئارامگاھى»نى قۇرۇپ چىقالايسىز. ئۆزگىچە بلوگ قۇرۇپ كۆپچىلىكنىڭ كۆزىدىن «ئوت» چىقىرىۋېتەلەيسىز. باشقىلار ىبلەن ئەركىن ئازادە پىكىرلىشەلەيسىز، ئىنكاس چەكلىمىسى ئۆز ئىختىيارلىقىڭىزدا بولىدۇ.

      ئەمما شەخسى بلوگ قۇرۇش سىزدىن يۇقىرى سەۋىيە تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا سىز بلوگ يېزىشتىن بۇرۇن ئالۋال ھازىر بار بولغان بىر قەدەر سەركىلىك رول ئويناۋاتقان بلوگلارنى كۆپرەك كۆرۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ بلوگ ھەققىدىڭىز ئېڭىڭىزنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە يۇقىرى كۆتۈرۈشىڭىز تولىمۇ زۆرۈر….

  6. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    بىزدەك ئوتتەك ئىشتىياقلىق كەنجىلەر ئۈچۈن بلوگ يىزىشدىن ئارتۇق ھۇزۇر يوق جۇمۇ! بىر تەرەپدىن بلوگنىڭ ئۇ يېرى بۇ يېرىنى چۇقچىلاپ،كۆپلىگەن تاشلارنىڭ ئىچىدىن ئاق ئالتۇن،كېپەك ئالتۇنلارنى تاسقاپ چىقىپ،ئۇھ دەپ ئارام ئالغاچ بايا ئۆگەنگەن بىلىمنى ئىشلىتىپ تۇرغاچ بىر نىمە يازسام…بەزىدە،يېزىۋاتقان نەرسەمنىڭ تۇنجى نۇسخىسىنى پۈتتۈرۈپ ئالدىن كۆرۈش بېتىگە يوللىغىنىمدا،خۇددىي ب د ت مەلۇم ئالاھىدە يىغىنىغا قاتناشقان دۆلەت رەئىسىدەك ھىسسىياتتا تۇرۇپ تەپسىلىي بىرقۇر تەكشۈرۈپ چىققاندىن كىيىن ‹‹يوللانسۇن!››دىگەن بۇيرۇقنى بىرىۋېتىپ يامان ئىپتىخارلىنىمەن.
    يالغۇز كىشىلىك بلوگنىڭ يادرولۇق مەسىلىسى-سىز دىگەندەك تىما قەھەتچىلىكى دەپ ئويلايمەن،ئامال بار،ئۆزى قىزىققان ھەمدە يېزىشقا كۆزى يىتىدىغان بىر تېمىنى تاللاپ شۇ تېما ئىچىگە شۇڭغۇسا بەلكىم تىما قەھەتچىلىكىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بۇلىشى مۇمكىن.

  7. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    بلوگ بەزىدە ماڭا قاتتىق بېسىم بۇلۇپ قالىدۇ جۇمۇ . يازماي دىسەم چىدىمايمەن ،يازاي دىسەم ۋاقىت زادىلا چىقمايدىغان ،كالىدا ھېچنىمە بولماسلىق ئەھۋالى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ . كەلگەننى يېزىۋېرەيدىسەم خاسلىق تەكىتلىنىۋاتىدۇ …….

    • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

      Pjblogنى تاشلاپ كېتىپ(ھەتتا تەدبىركار ئەپەندىمۇ) يامان قىلمىدۇق،مېنىڭچە،سىز مۇشۇ Pjblog ھەققىدە كۆپرەك ئىزدەنسىڭىز ياخشىمىكىن دەيمەن…

  8. [...] بلوگىدىكى ‹‹كۆپ كىشىلىك Blog نىڭ كەلگۈسى›› نامىدىكى سەرلەۋھەلىك يازما [...]

  9. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    يېقىندا تور ئارىلاۋېتىپ بىلىم بايلىق بلوگىدىكى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر بلوگگېرلارغا مەسلىھەت دېگەن تېمىنى كۆرۈپ قالدىم، ئادىرىسى http://bayliq.blogbus.com/logs/71156562.html
    يۈكسەل ئەپەندىمنىڭ بۇ يازمىغا كۆز يۈگۈرتۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن

  10. تەكلىماكان مۇنداق يازغان:

    ئۇبدان تۇرۇپسىلەر ! بۇ ماقالىمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ ! «ئوپچە بلوگ» ….ئېسىمدە قېلىشىچە Blogger نى شۇنداق ئىشلەتكىلى بولاتتى. بۇرۇنقى تەكلىماكان بلوگدا 3 ئادەم يېزىپ باققان. ئەمەليەتتە كۆپ كىشىلىك بلوگ دىگەن بۇ نەرسە مەلۇم شىركەتتىكى خادىملار ئورتاق ئاچقان ياكى مەلۇم تېمىنى تەتقىق قىلغۇچىلار بىرلىكتە يازىدىغان بلوگ بولسا توختاپ قالماس،،،، توردا بېكارچىلىقتا ئۇنى-بۇنى يازىدىغان ئادەملەر يەنىلا يالغۇز كىشلىكنى يازسا ياخشى.بومىسا ئاقىۋىتى ئوبدان بولمايدۇ.

تەكلىماكان 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟