نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > 2010 - يىللىق 10 چوڭ بلوگ
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش تەييارلىقى

Blog دىن ئىبارەت بۇ يېڭى شەيئى ئارىمىزدا قانچىلىك تېز پەيدا بولغان بولسا، شۇنچىلىك تېز تەرەققىي قىلدى. ھەش – پەش دېگۈچە ئۇيغۇر بلوگگىر ( Blogger، بلوگ نەشىر قىلغۇچى، بلوگ يازغۇچى ) لار قوشۇنىمۇ تېز زورايدى. كۆركەم لايىھىلەنگەن، مەزمۇنى رەڭدار، پايدىلىقلىقى يۇقىرى بلوگلار ئارقا – ئارقىدىن بارلىققا كەلدى. Blog بىزگە يېڭىچە ياشاش، ئۆگىنىش، خىزمەت قىلىش ئۇسۇلى ئاتا قىلىپ،بلوگ بىزنىڭ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيدىغان، ئۆز – ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، ھەمكارلىشىدىغان يېڭىچە سورۇنىمىز بولۇپ قالدى. Blog بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، ھاياتىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتمەكتە. قىسقىسى، Blog ھاياتىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ سىڭىپ كىرمەكتە.
كۆپچىلىكنىڭ ئېسىدە بولغىنىدەك، يۈكسەل بلوگى 2008 – يىلى تارىختا تۇنجى قېتىم ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 10 – چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش پائالىيىتى ›› مۇۋەپپەقىيەتلىك تەشكىللەپ، كەڭ تورداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز بېرىشى نەتىجىسىدە ‹‹ 2008 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› نى باھالاپ چىققان ئىدى. بۇ قېتىملىق باھالاش پائالىيىتى Blog نى ئۇيغۇر تورداشلارغا تونۇشتۇرۇش، تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەننى ئۇيغۇر Blog لىرىغا جەلپ قىلىش، ئۇيغۇر Blog لىرىنىڭ ئۆزىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولۇشقا ئوخشاش بىر قاتار ئىجابىي تەسىرلەرنى ئېلىپ كەلگەن ئىدى.
ئۆتكەن يىلى دىيارىمىزدىكى بلوگگىرلار ‹‹ ئۇزۇن مۇددەتلىك دەم ئېلىش ›› قا قويۇپ بېرىلگەن بولغاچقا، تارىختىكى ‹‹ 2009 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› بېتى ئاق قېلىشقا توغرا كەلدى. 2010 – يىللىق تور مۇساپىمىز 5 – ئاينىڭ ئاخىرلىرىدا ئاندىن باشلانغان بولسىمۇ ، ‹‹ 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› ۋاراقلىرىنى يەنىلا ئاق قويۇشقا كۆڭلىمىز ئۇنىمىدى. شۇڭا بىز ‹‹ ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ باھالاش ›› پائالىيىتىنى تەشكىللەشنى قارار قىلدۇق.
مەزكۇر تېما ئېتىبارىدا بىز كەڭ بلوگگىر دوستلار، كەڭ ئوقۇرمەن تورداشلاردىن مەزكۇر پائالىيەت ھەققىدە تەكلىپ – پىكىر قوبۇل قىلماقچىمىز.

بۇ پائالىيەت ھەققىدە بىزنىڭ دەسلەپكى ئويمىز:

1. يۈكسەل بلوگ 2008 – يىلى ھەم تەشكىللىگۈچى ھەم پائالىيەتكە قاتناشقۇچى بولغان ئىدى. بۇ يىلدىن باشلاپ، مەزكۇر پائالىيەتنىڭ ھەقىقى ئادىل ۋە نوپۇزلۇق بولۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، يۈكسەل بلوگ ھەر يىللىق ‹‹ 10 چوڭ بلوگنى باھالاش ›› نى تەشكىللەيدۇ. ئەمما، ئۆزى بۇ پائالىيەتكە قاتناشمايدۇ.
2. بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ پائالىيەتنى ھەرقايسى كارخانا – شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا ‹‹ 10 چوڭ بلوگ ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن بلوگلارنى ماددىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش ئويمىز بار. شۇڭا، مۇشۇ خىل پائالىيەتكە ھەمكارلىشىش ئىستىكى بار شىركەت – كارخانىلارنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.
3. پائالىيەت 3 باسقۇچ بويىچە ، ئۇدا 3 ئاي ئېلىپ بېرىلىپ، نەتىجە كېلەر يىلنىڭ يېڭى يىل كۈنى رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: بلوگ نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش باسقۇچى بولۇپ، بلوگگىرلار ئۆز بلوگىنى كۆرسەتسىمۇ ياكى ئوقۇرمەنلەر ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان بلوگلارنى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. بۇ باسقۇچ 11 – ئاينىڭ بېشىدىن ئاخىرغىچە داۋاملىشىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ: نامزات بلوگلارنى ئاۋازغا قويۇش باسقۇچى . بۇ باسقۇچ 12 – ئاينىڭ بېشىدىن 25 – كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.
ئۈچىنچى باسقۇچ: 12 – ئاينىڭ 25 – كۈنىگىچە بولغان باھالاش بېلەت – ئاۋازلىرى ستاتىستىكا قىلىنىپ ، 2011 – يىلى 1 – ئاينىڭ 1 – كۈنى ‹‹ 982.html”>ئۇيغۇرلاردىكى 2010 – يىللىق 10 چوڭ بلوگ ›› رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشقا تەكلىپ – پىكىر قوبۇل قىلىمىز

1. يىللىق 10 چوڭ بلوگنى باھالاشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟
2. 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنىڭ قەدەم باسقۇچلىرى قانداق بولسا مۇۋاپىق؟
3. مەزكۇر پائالىيەتنىڭ باھالاش نەتىجىسى قانداق بولغاندا تېخىمۇ نوپۇزلۇق ۋە قايىل قىلارلىق بولىدۇ ؟
4. باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى قانداق بولۇشى كېرەك ؟
… … …
مانا يۇقىرىقى سۇئاللارغا ئائىت ۋە ياكى مەزكۇر پائالىيەتكە ئالاقىدار ھەرقانداق تەكلىپ – پىكىرىڭىز بولسا دادىل ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز. چۈنكى سىزنىڭ يول كۆرسىتىشىڭىز ۋە قاتنىشىشىڭىز بولغاندىلا بۇ پائالىيەت تېخىمۇ ئادىل ، تېخى مۇۋاپپەقىيەتلىك تەشكىللەنگۈسى!

مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا كۈچ قوشۇشنى خالىغۇچىلار ئۈچۈن تەشۋىقات رەسىملىرى

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 2010 – يىللىق 10 چوڭ Blog نى باھالاش تەييارلىقى

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!91 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    ئاۋال دىۋاندا ئولتۇرۇپ ئاندىن يازمىنى كۆرەي ھە

    • تەدبىركار مۇنداق يازغان:

      مېنىڭ نەزەرىمدە 10 چوڭ بلوگنى باھالاشنىڭ ئەڭ چوڭ ئەھمىيىتى كۆپ بلوگلار ئارىسىدىن نادىر بلوگلاردىن 10 نى تاللاپ باشقىلارغا سۈزۈپ ئېلىپ بەرگىلى بولىدۇ(ئەلۋەتتە باھالاش نەتىجىسى ئادىل بولغان شەرت ئاستىدا)، شۇ بلوگگېرلارغا مەنىۋى جەھەتتىن مەلۇم جەھەتتە ئىلھام ۋە مەدەت بولىدۇ.
      قەدەم باسقۇچلىرىنى مەنچە بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈپ باققان ۋە تەجرىبىسى مول بولغان يۈكسەل ئەپەندى ئۆزى مانا دەپ ئوتتۇرىغا تاشلاپ، ئاندىن باشقىلارنىڭ پىكرى بويىچە تۈزەتكۈلۈك
      باھالاش نەتىجىسىنىڭ قايىل قىلارلىق ۋە نوپۇزلۇق بولۇشى ئىككى مەسىلە ئىكەن. قايىل قىلارلىق بولۇشى ئۈچۈن بۇ باھالاش ئادىل ئېلىپ بېرىلىشى كېرەك، بلوگگېرلار پائالىيەت باشلانغاندا بلوگ يۈزىدە ۋە باشقا تور بېكەتلەردە ئاشكارە بېلەت چاقىرماسلىقى كېرەك(بۇ ئىش ئالدىنقى قېتىم تەكرارلانغان، ھەقىقەتەن ئۈنىمىمۇ كۆرۈلگەن، بىراق بۇنىڭ سايلام نەتىجىسىنىڭ ئادىل بولۇشىغا بولغان تەسىرى خېلى بار، سىزمۇ چاقىرىڭ، مەنمۇ چاقىراي، ھەممىمىز ھەممە تور بەتكە كىرىۋېلىپ مېنىڭكىگە بېلەت تاشلاڭلار دەپ تېما يوللىغىلى تۇرساق، 50 بلوگگېر 50 تېما بىلەن باشقا تور بەتنى پاخال قىلىپ قويىمىز، ئۆز بلوگىمىزنىڭ مۇۋاپىق يېرىدە بىرەر جۈملە سۆز ئارقىلىق ئوقۇرمەننى بۇ پائالىيەتتىن قىسقىچە خەۋەردار قىلىپ قويساق ۋە ناۋادا خالىسا بىز ئۈچۈن بىر بېلەت تاشلاپ قويۇشىنى ئىستەيدىغانلىقىمىزنى بىلدۈرۈپ قويساق كۇپايە) نوپۇزلۇق بولۇشى ئۈچۈن بلوگ ساھەسى ۋە بلوگنى چۈشىنىدىغان، بلوگلاردىن يازما ئوقۇيدىغان ۋە يازىدىغان مەلۇم دائىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشىش كېرەك.
      باھالاش كۆرسەتكۈچلىرى مەنچە بىر قانچە تۈرگە بۆلۈنۈپ ھەرقايسى تۈرلەردە باھالاش ھەيئىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن نومۇرلار قوشۇلۇپ ئومۇمىي نومۇر بويىچە باھالانسا قانداق بولاركىن؟
      قالغىنىنى ئېسىمگە كەلگەندە يەنە يازارمەن

  2. ئۆزقان مۇنداق يازغان:

    بۇ ناھايىتى خاسىيەتلىك ئىش بوپتۇ. بىلوگلارنى تېخىمۇ كەڭ، ئەتراپلىق تونۇشتۇرۇشتا تاشلانغان قەدەملەرنىڭ مۇۋەپەقىيەتلىك بولۇشىنى تىلەيمەن. يەنە بىلوگلارنى كەسپلىشىش، خاسلىشىش يۆنۈلۈشىگە قارىتا رىغبەتلەندۈرۈش ھەققىدىمۇ ئويلىشىپ بېقىش كېرەك! ________ http://ozkani.blogbus.com

  3. شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل ئەپەندىم ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ناھايىتى كوپ ئەجىر سىڭدۇرىۋاتىسىز جۇمۇ، رەھمەت سىزگە

  4. شىنجاڭ كۆكيال بلوگى مۇنداق يازغان:

    ئەسسىلام كەڭ بلوگىر دوستلار
    بۇناھايتىمۇ ياخشى بوپتۇ….. بۇخىل پالىيەت ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ قىزىقىشىنى قوزغىغىلى بۇلىدۇ
    بۇپالىيەت ئارقىلىق دىيارىمىز شىنجاڭدا تېخمۇ كۆپلىگەن نادىربلوگ مەيدانغا كىلىشى مۇمكىن …………
    بلوگ گەرچە ئونۋېرسال توربەتلەردەك بۇلالمىسىمۇ بارغانسېرى كۆپ كىشىلەرنىڭ قوبۇل قىلىشى ۋە ئالقىشىغا ئېرىشىپ، تۇرمۇشىمىزغا ئۈزلۈكسىز تەسىر كۆرسەتىپ سىڭىپ كىرمەكتە. شۇڭا كەڭ بلوگىرلار يەنىمۇ كۈچ چىرىپ
    دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تىگىشلىك توھپە قوشساق………..

    شىنجاڭ كۆكــــــــــــيال بلوگ تەھرىرلەش ئىشخانىسى

  5. ئەركىن قۇش مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بلوگىنىڭ بۇ پائالىيەتگە قاتناشمىغانلىقى پەقەت بولماپتۇ، ئۇيغۇرلاردا بلوگنىڭ سەركىسى يۈكسەل بلوگى ئىدى.

    • شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

      توغرا، سىز پەقەت بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇپ بەردىڭىز، تاللاشنى كەڭ تورداشلار تاللايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن سىزنڭمۇ قاتنىشىشىڭىز كېرەك

      • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

        دەرۋەقە تاللاش تورداشلارنىڭ ئىلكىدىكى ئىش. نەتىجە پەقەت كۆپچىلىكنىڭ بېلەت – ئاۋازىغا ئاساسەن بېكىتىلىدۇ. ئەمما، يۈكسەل بلوگى بىر ياقتىن تەشكىللەپ يەنە بىر ياقتىن باھالىنىشقا قاتناشسا، تورداشلارنىڭ بېلەت تاشلاش مايىللىقىغا تەبىئىيلا ئېرىشىپ قالىدىكەن. بۇنداق بولغاندا، نەتىجىنىڭ كۆپچىلىك تەرىپىدىن ئېتراپ قىلىنىشى ۋە نوپۇزغا ئىگە بولۇشىغا تەسىر يېتىدىكەن. شۇڭا، يۈكسەل بلوگنىڭ يەنىلا باھالاشقا قاتناشمىغىنى خوپ تۇرىدۇ.
        ھەرقايسىڭلارنىڭ يۈكسەل بلوگقا بەرگەن يۇقىرى باھايىڭلارغا تەشەككۈر! :oops:

        • ئىلقۇت بلوگى مۇنداق يازغان:

          ھە، چۈشەندىم، دېمەكچى ئۆز نۇپۇسىمنى ساقلاي دەپسىزدە يۈكسەل قارى؟؟؟؟؟
          بوپتۇ، بۇمۇ بىر ھېساپتا ياخشى بولغىنى، لېكىن سىز بۇنداق قىلغان بىلەن يۈكسەل بلوگىنىڭ كەڭ تورداشلارنىڭ ئېڭىدىكى 10 چوڭ بلوگنىڭ ئەڭ ياخشىسى (نامدا بار، قاتاردا يوق) بولۇشى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. گەرچە سىز يۈكسەل بلوگىنى قاتناشتۇرمىغان بىلەن، سىزنىڭ 10 بلوگنى رەتكە تىزىشىڭىز 1-، 2-، 3-… دەپ باشلانسا، يۈكسەل بلوگىنىڭ 0-، 1-، 2-… دېگەن تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرۇشى ئىنىق. تورداشلارنىڭ ئېڭىدىكى بۇ تەرتىپنى سىز ئۆزگەرتەلمەيسىز. قانداق دېدىم يۈكسەل قارى؟؟؟؟؟؟؟؟

  6. قاينام مۇنداق يازغان:

    بلوگگېر دېگەننى بىلوگچى دېسەكمۇ بولغۇدەك . ئىنگىلىزچىدىكى er قوشۇمچىسى شۇخىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىنى كۆرسىتىدۇ ، بىزدىمۇ چى قوشۇمچىسى بولغانكەن ، مۇشۇنداق ئىشلەتسەك بولامدىكىن دەيمەن . يۈكسەل بلوگى ئالدىنقى قاتاردىكى بىلوگلار بولغانكەن ، بۇ يەردە ئىشلىتىلىدىغان ئەكىرىلمە سۆزلەرنىڭ ئوموملىشىشىمۇ تىز بولىدۇ ئەلۋەتتە ، شۇڭا بۇ نوقتىلارغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈكسە !

    بۇ خ

    • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

      ئەينى چاغ مەنمۇ بلوگچى دەپ ئىشلەتكەنىدىم،كېيىن بايقىسام يۈكسەل،تەدبىركار،جېك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى بلوگگېر دەپ ئىشلىتىۋېتىپتۇ،مەنمۇشۇئان بلوگگېر دىگەن ئاتالغۇنى ئىشلىتىشكە باشلىغانىدىم…

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ﺳﯩﻠﻰ ﺩﻩﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﯞﯗ ﺑﻠﻮﮒ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﻰ ( blogger ) ﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﯩﺪﺍ < < ﮔﯩﺮ >> ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺳﯩﻐﯘﭼﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺑﺎﺭ. ﺷﯘﯕﺎ، ﺑﻠﻮﮒ + ﮔﯩﺮ = ﺑﻠﻮﮔﯩﺮ ، ﺩﻩﭘﻼ ﺋﺎﺗﯩﺴﺎﻕ ﺩﻩﻝ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ ھەم خەلقئارالىق ئاتىلىشىغا يېقىن كېلىدۇ.
      ﺑﯘ ﺳﯚﺯﯨﻤﯩﺰﮔﻪ باجگىر، ﺟﺎﮬﺎﻧﮕﯩﺮ ، ﻻﺧﺸﯩﮕﯩﺮ… ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺩﻩﻟﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ.

  7. قاينام مۇنداق يازغان:

    بۇ خىلدىكى باھالاشلارنىڭ كەڭ قىزىققۇچىلار ۋە ئاۋانگارتلارغا كۆرسىتىدىغان تۈرتكىسى تېخىمۇ چوڭ بولىدۇ ، ھەم بۇ ساھادىكى يۈكسىلىشكە ياردىمى بولىدۇ دەپ قارايمەن .

  8. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    مەن سىزنىڭ بۇندىن خېلى بۇرۇن قۇرۇپ قويغان 10 چوڭ بلوگقا ئاجىرىتىلغان سەھىپىڭىزدىن 2010-يىلىمۇ ئالدىنقى قېتىمقىدەكلا 10-ئايدا باشلانسا كېرەك دەپ ئويلىغانىدىم. يۇقارقى تېمىنى باشقا مۇنبەرلەردە بۇرۇنقىدەكلا تەشۋىق قىلىنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ قېتىملىق بۇران-چاپقۇندىن كېيىن ئۇيغۇر بلوگلىرى مۇنبەر يوق شارائىتتا ئەڭ زور ماتېرىيال مەنبەسى ۋە ئاۋانگارت قىسىمغا ئايلاندى. كېيىن ھەرقايسى مۇنبەرلەردە ماتېرىيال ئامبىرىنى بېيىتىش مەقسىتىدە تېما يوللىنىلغاندا‹‹ پالانى بلوگدىن ئېلىندى›› ياكى ‹‹مەنبە:XX بلوگى›› دىگەندەك سۆزلەر كۆرۈنۈشكە باشلاپ ئۆزىنىڭ رولىنى قىممىتىنى تېخىمۇ ئاشۇردى ۋە ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭمۇ زور كۈچ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. دەرۋەقە تور تىزگىنلىنىشتىن ئىلگىرىكى نۇرغۇنلىغان نادىر تېمىلار ئۇيغۇر بلوگلىرىدا ساقلىنىپ قالغانىدى. بۇنى خۇددى مەن تۇنجى ئېچىلغان مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولغان ‹‹داڭلىق مۇنبىرى››دە ‹‹ئۇيغۇر مۇنبەرلىرىنىڭ ۋارىسى ئۇيغۇر بلوگلىرى›› دىگەن تېمىنى يوللاش ئارقىلىق ھازىرقى ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ رولى ۋە بۇ قېتىمقى سىناقتا ئۆزىنى تاۋلىغانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتكەنىدىم. ئىشىنىمىزكى ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ پارلاق بولغۇسى!

  9. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    كەمىنە ئۇيغۇربەگ مەزكۇر پائالىيەتنى قوللايدۇ…

  10. ئىزباسار مۇنداق يازغان:

    كەمىنە ئىزباسارمۇ قوللايدۇ . :lol:

  11. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ قوللايمەن، قۇرۇق گەپتىن ئەمەلى ھەرىكەت ئەلا!

  12. يۈكسەل مۇنداق يازغان:

    مەزكۇر 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيىتىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ ياخشى تەشكىللىگىلى بولىدۇ ؟ مۇشۇ ھەقتە ئىجادىي پىكىرلەر بولسا بەرسەڭلار بولاتتى !

  13. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    ئۇلىنىش تورى (www.ulinix.cn) دىن كىچىككىنە ئورۇن ئېلىپ باقساق قانداق. بولمىسا ئۇلنىش تورى (ulnix.com) دىن بولسىمۇ بولىدۇ. بولمىسا كىچىككىنە كۆركەم ئېلان رەسىمى ئىشلەپ شۇنى ھەرقايسى بلوگلار ئۆزىنىڭ بلوگنىڭ باشقىسمىغا چىقارساق. بولمىسا ئىزدىنىش تورىدا سەل قاخشاپ قويساق بىرەر ئورۇن بىرەرمىكىن دەيمىنا. ئىزدىنىشتىكىلەرمۇ قوللايدۇ. مۇنبەرنىڭ ئۈستىدىكى ئېىقىپپ تۇرىدىغان يازمىنىڭ بىرسىنىڭ ئىسمىگە مۇشۇ پائالىيەتنىڭ ئەھۋالىنى چىقارسا. بۇندىن باشقا بلىك تورىدىمۇ سەل قاخشاپ باقساق دەپ قارايمەن. بۇنىڭغا سىز قانداق قارايسىزكىن؟

    • ئىلقۇت بلوگى مۇنداق يازغان:

      بۇ پىكىر جايىدا بوپتۇ، مەنمۇ قوللايمەن. چەۋەندازلارنىڭ پىكىرىنى ئويلىشىپ باقساق بولىدۇ. ھېچكىم قويمىسا مانا ئىلقۇت بلوگىغا مەن قويىمەن. ئاۋال ئاۋۇ ھەرىكەتچان رەسىمنى كۆركەم قىلىپ لايىھەلەيدىغان ئىشنى قىلىڭلار بالىلار، بۇنى چوقۇم قىلىش كېرەك.

      • شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

        مەن گەرچە ئانچە چىرايلىق بولمىسىمۇ ئاددى قىلىپلا شاھ ئۇيغۇر بلوگىغا تەشۋىق ئورنىنى قويۇپ قويدۇم، ھەم مەزمۇنىنىمۇ ئېلان قىلىپ قويدۇم (ئەلۋەتتە ئىنكاس قوبۇل قىلىنمايدىغان ھالەتتە، چۈنكى ئىنكاسنى يەنىلا مەزكۈر بلوگقا قالدۇرغىنى مۇۋاپىق) بولسا دوستلار كۆركەم قىلىپ بىر قانچە تەشۋىق رەسىمى لايىھلەپ قويسا. ئالدى بىلەن ھەرقايسى بىلوگلاردا تەشۋىق رەسىمى ئارقىلىق بۇ پائالىيەتنى تەشۋىق ئېلپ بارساق ، كېيىن يەنە مۇنبەر ۋە ئۇلىنىش تورلىرىدىمۇ مۇۋاپىق تەشۋىق قىلساق بولارمىكىن

  14. سالام مۇنداق يازغان:

    باھالاشنىڭ تېخىمۇ ئىلمىي ۋە قايىل قىلارلىق چىقىشى ئۈچۈن ھەر قايسى بلوگلارنىڭ زىيارەت سانى قاتارلىق ALEXA دىكى بەزى ئىستاتىستىكىلىرىنىمۇ باھالاش شەرتىگە قوشقان بولساق ياخشى بولاتتى.يەنە بىر پىكرىم بولسا تۈرلەرگە بۆلۈپ ئايرىم-ئايرىم 10چوڭ ۋە بىر ئۇنىۋىرسال10چوڭنى باھالاپ چىققان بولساق،مەسىلەن:ئەڭ كۆركەم 10بلوگ،ئەڭ كەسپى10بلوگ دېگەنگە ئوخشاش.

    • ئىلقۇت بلوگى مۇنداق يازغان:

      بۇنداق بولسا باھالاش بەك تەسكە توختاپ قالىدۇ. سىز دېگەندەك قىلىش كېرەك بولسا ھەر بىر تۈردىن 10 بلوگ ئەمەس بلەكى 3 ياكى 5 نى باھالاپ چىقساق بولىدۇ.
      بەزى تۈرلەردە بۇ 10 دېگەن ساننى توشقۇزۇپ بولغىلى بولمايدۇ. بۇنداق بولغاندا بىز ئىلاجسىز مەجبۇرى ھالدا بەزى تەلەپكە چۈشمەيدىغان بلوگلارنىمۇ قوشۇپ قويۇشىمىزغا توغرا كېلىپ قالىدۇ.

  15. پادىشاھ مۇنداق يازغان:

    پادىشاھ تور خاتىرىسى بۇ ئىشلارنى قوللايدۇ

  16. ئىلقۇت بلوگى مۇنداق يازغان:

    ئۇفففففففففف،
    توۋا، ماۋۇ جايدىن ئاخىرى بىزگىمۇ ئورۇن تەگدى ھە؟ تاس قاپتىمەن، دىۋاندىكى ئورنۇمنى باشقىلارغا ئۆتكۈزۈپ بەرگىلى.
    ياخشى بوپتۇ، ئىلقۇت بلوگمۇ مەزكۇر پائالىيەتنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.

  17. ئىلقۇت بلوگى مۇنداق يازغان:

    بۇ يىلدىن باشلاپ بۇ پائالىيەتنى ھەرقايسى كارخانا – شىركەتلەر بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆتكۈزۈپ، ئاخىرىدا ‹‹ 10 چوڭ بلوگ ›› شەرىپىگە ئېرىشكەن بلوگلارنى ماددىي جەھەتتىن رىغبەتلەندۈرۈش ئويمىز بار. شۇڭا، مۇشۇ خىل پائالىيەتكە ھەمكارلىشىش ئىستىكى بار شىركەت – كارخانىلارنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىشىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

    بۇ پىكىر بەك ياخشى بوپتۇ، چوقۇم شۇنداق قىلىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا، ھازىرقىدەك كۆڭۈلدىكىدەك مۇنبەر بولماسلىقتەك شارائىتتا نادىر مەزمۇنلۇق بلوگلارنىڭ بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكىلىك رول ئوينىغىلى بولىدۇ.

  18. ئايشەم بىلوگى مۇنداق يازغان:

    ياخشى سەۋەب بىلەن ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشۈڭلارغا تىلەكداشمەن !

  19. 0102 مۇنداق يازغان:

    بولىدىكەن مەن بىلوگ نى ئەمدى يېڭىلاۋاتىمەن 2011يىللىق بىلوگ پالىيىتى گە قاتنىشىمەن ،قوللايمەن

  20. ئەزىز مۇنداق يازغان:

    مۇشۇ سەۋەپ بىلەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلوگقا قىزىقىپ قېلىشى مۇمكىن

  21. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ تېما چۆلدەرەپ قاپتۇغۇ؟

  22. مۇئەللىم تورپۈتۈكلىرى مۇنداق يازغان:

    :cool:
    ئوھوي ..مەن بۇ پائالىيەتنى قىزغىن قوللايمەن . قېنى بۇ ھەقتە ئۇبدان بىر ئويلىنىپ ئاندىن پىكىر بىرەي .

  23. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ”2010-يىللىق 10 چوڭ بلوگ “ پائالىيتىگە تەكلىپ
    ھۆرمەتلىك يۈكسەل ئەپەندىم ، ھۆرمەتلىك تور (بلوگ)داشلار .
    ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭلاغا سالام يوللايمەن .
    2008-يىلى يۈكسەل ئەپەندىنىڭ تەشكىنلىشى بىلەن باشلانغان ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى 10 چوڭ بلوگنى باھالاش پائالىيتى مانا ئەمدى ئىككىنجى قېتىملىقنى ئۆتكۈزۈش ئالدىدا تۇرماقتا . ئالدىنقى قېتىملىق پائالىيەتنىڭ نەتىجىسى ۋە ياراتقان تەسىرى زور بولدى . ئېتىراپ قىلماي تۇرالمايمىز ئۇ قېتىملىق ”10 چوڭ بلوگ“لار ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تورخۇمارلىرى تەرىپىدىن ئادىل باھالانغان ، ھەقىقەتەن زور ئوقۇرمەنلەر تەرىپىدىن ئىناۋەت تىكلىگەن ئىدى . بۇنى قۇرۇق سۆز ، شەكىلۋازلىق بىلەن ئەمەس ئەمىلىي ھەركەت بىلەن قولغا كەلتۈرگەن ئىدى .
    ئۇ قېملىق پائالىيەت ئۇيغۇرلارنىڭ بلوگ يېزش دولقۇنى يۇقرى كۆتۈرۈلگەن ، ئۆز-ئارا قاتتىق بەسلىشىش شەكىلىنىۋاتقان ۋاقىتتا بولغاچ يۈكسەلنىڭ پائالىيەت تەشكىنلىشىدىن بەزى بىر كىشىلەر گۇمانلىنىپ : ئۇ مۇشۇنداق پائالىيەت تەشكىنلەش ئارقىلىق يۈز تاپماقچى ، ئۆزىچە بلوگگىرلارغا باشچىقىق قىلامدىكەن ؟! ….دىگەندەك سۆز چۆچەكلەر تارقالغان ئۇنىڭغا قۇشۇلۇپ 10 چوڭ بلوگ قاتارىغا قاتارىغا كىرەلمىگەن بەزىبىر قىزغانچۇقلار كىرەلمەسلىكنىڭ سەۋەبىنى ئۆزىدىن ئىزدىمەي يۈكسەلنى قارلىغان ، يۈكسەل بلوگىنىڭ 10 چوڭنىڭ ئىچىگە كىرگەنلىكىدىن گۇمانلانغان . مانا مۇشۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ يىل يۈكسەل بلوگى ئۆزىنىڭ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى پەقەت تەشكىنلەشكە قاتنىشىدىغانلىقى ئەمما ئۆزى نامزات سۈپىتىدە قاتناشمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى . مېنىڭچە بۇ ئانچە ئاقىلانىلىك ئەمەس . ھەر قېتىم يۈكسەل بلوگى مۇشۇنداق قاتنىشىشتىن باش تارتسا بولمايدۇ بۇ ھەم كۆپلىگەن (ماڭا ئوخشاش ) يۈكسەل بلوگىنىڭ سادىق ئوقۇرمەنلىرى قولىغۇچىلىرىغا نىسبەتەن ئادالەتسىزلىك .
    مېنىڭ بۇ پائالىيەتكە قارتا بىر قانچە تەكلىپىم بار بەلكىم بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ ئۇتۇقلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا ياردىمى تېگىپ قالار .
    تەكلىپ :
    پائالىيەتتە ھەر بىر قېتىمنىڭ ئالدىنقى قېتىمىدا 10 چوڭ بلوگ نامزاتىغا ئېرىشكەنلەر نامزاتلىققا قاتناشتۇرۇلمىسا ئۇلار كىيىنكى قېتىملىق پائالىيەتنىڭ باھالىغۇچلىرى سۈپىتى بىلەن قاتناشسا .
    نامزاتلارنى يۈكسەل بلوگى + ئىناۋەتكە ئېرىشكەن ، مەلۇم تەسىرگە ئىگە ئىككى تور بېكەتنىڭ مەخسۇس ”نامزات كۆرسۈتۈش سالونى“دا تەۋسىيە قىلسا . كۆرسۈتۈلدىغان بلوگلارنىڭ مەزمۇنىغا قارتا قاتتىق تەلەپ قۇيۇلسا . كۆچۈرۈلگەن يازمىلار بىلەن تولغان ئىجادىيلىقى تۆۋەن يىغىپ ساقلاش تىپىدىكى بلوگلارنى كۆرسۈتۈش چەكلەنسە . باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەت قىلماي كۆچۈرۈپ ئىشلىتىشتە لۈكچەكلىك قىلىپ مەنبە ئەسكەتمىسى بېرىلمىگەن ياكى ئاپتورلۇق ھوقوقى ئۆزگەرتىۋېتىلگەن يازمىلار بولغان بلوگلارنىڭ بىر قېتىملىق مۇسابىقىگە قاتنىشىش ھوقوقى ئېلىپ تاشلانسا .بۇ ئارقىلىق ئىجادىي بلوگ يېزىشقا ئىلھام بېرىلسە ، كۆچۈرمىچىلىك تۇسۇلسا .
    كۆرسۈتۈلگەن نامزاتلىرىدىن تاللاش-شاللاش ئېلىپ بېرىلىپ “ مۇسابىقىگە قاتنىنىش ھوقوقىغا ئېرىشكەن بلوگلار “ تاللانسا . ئاخىرىدا ”10 چوڭ بلوگ“ پائالىيەت باھالاش ھەيئىتى ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ۋۇجۇتقا كەلسە . چەتئەلدە بلوگلاردى ”ئەڭ“لەر مەلۇم بىر گوروھ ياكى تەشكىلات تەرىپىدىن باھالىنىدىكەن . مېنىڭچە بىزمۇ مۇشۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقساق بۇلىدۇ .
    پائالىيەتنىڭ قائىدە تۈزۈملىرى تۈزۈپ چىقىلسا ھەم ھەر قېتىملىق پائالىيەتكە تەدبىقلانسا .
    ھۆرمەت بىلەن : دولقۇن731

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      دولقۇن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك پىكىر – تەكلىپلىرىگە تەشەككۈرلەر بولسۇن. ئەھلى تورداش – بلوگگىر دوستلارنى دولقۇن ئەپەندىنىڭ پىكىر – تەكلىپلىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
      مېنىڭ قارىشىم :
      بىرىنچى، يۈكسەل بلوگىنىڭ يەنىلا بۇ پائالىيەتكە نامزات سۈپىتىدە قاتناشمىغىنى تۈزۈك ( قاتناشسا تەشكىللىمەسلىكى ، تەشكىللىسە قاتناشماسلىقى كېرەك ).
      ئىككىنچى، نامزات بلوگلارنى يەنىلا بىر جايدا تەشكىللىگۈچى ئورۇن يۈكسەل بلوگىدا كۆرسەتكەن تۈزۈك . بولمىسا تورداشلارنىڭ دىققەت – ئىتىبارى ۋە تەشكىللىگۈچىلەرنىڭ زېھنى چېچىلىپ كېتىدۇ. بەلكىم ئوتتۇرىدا كۈتمىگەن پاراڭلارمۇ چىقىپ قېلىشى مۇمكىن.
      ئۈچىنچى، دولقۇن ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان نامزات بلوگلارنى تاللاش ئۆلچىمىگە تامامەن قوشۇلىمەن. نەشىر ھوقۇقىنى نەزەرگە ئىلمىغان، باشقىلارنىڭ ئەمگىكىنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدىغان، ئىجادىيلىقى يوق بلوگلار تورداشلار تەرىپىدىن نامزاتلىققا كۆرسىتىلگەن تەقدىرىدىمۇ باھالاش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇلماسلىقى لازىم.
      تۆتىنچى، باھالاش ھەيئىتىنى تەشكىللەش ئىشى باشنى سەل قاتۇرىۋاتىدۇ. بولسا كۆپچىلىك مۇشۇ ھەقتە تېخىمۇ ياخشى تەكلىپ پىكىرلەر بولسا بەرگەن بولسا.
      بەشىنچى ، پائالىيەتنىڭ قائىدە – تۈزۈملىرىنى تۈزەشتە، ئازراق تەجرىبە توپلاشقا توغرا كېلىدىغاندەك. بۇ ھەقتىمۇ كۆپچىلىك ئويلىغانلىرىنى دەپ باقسا.
      ئالتىنچى، بلوگلار مەيلى ئالدىنقى يىلى 10 چوڭ بلوگ بولۇپ باھالانغان بولسۇن ياكى بولمىسۇن ، ھەممىسىنىڭ بىردەك مەزكۇر پائالىيەتكە قاتنىشىش ھوقۇقى بولۇشى كېرەك. ئالدىنقى نۆۋەتتە نەتىجىگە ئېرىشىشى بۇ يىلىقى ئەھۋالىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ.
      قېنى كۆپچىلىك يەنىمۇ ئىجادىي پىكىرلەر بولسا ئوتتۇرىغا تاشلاڭلار !

      • سالام مۇنداق يازغان:

        يۈكسەل بلوگى تەشكىللىگۈچى بولۇش سۈپىتى بىلەن بۇ تاللاشقا قاتناشمىسا ئوبدانراق بولىدۇ.ئىلگىرى گۇگول دۇنيادىكى كۈچلۈك بىكەتلەرنى باھالىغاندا ئۆزى قاتناشمىغان.

    • شاھ ئۇيغۇر مۇنداق يازغان:

      دولقۇن ئەپەندىم ھەقىقەتەن ناھايىتى جايىدا مەسلىھەت كۆرسىتىپسىز، دېگەنلىرىڭىزنىڭ كۆپىنچىسگە ئاساسى جەھەتتىن قوشۇلىمىز ئەمما مېنىڭچە بولغاندا ئالدىنقى يىللىق نادىر بىلوگلارنىڭمۇ بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىشى زۆرۈر دەپ ئويلايمەن، چۈنكى ئارىلىقتا ئىككى يىل ئۆتۈپ كەتتى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا بىلوگ يېزىشتىن توختىغانلارمۇ داۋاملىق بلوگ يېزىپ ئۇيغۇر بلوگچىلىقىغا ئاكىتىپ تۆھپە قوشۇپ كېلىۋاتقانلارمۇ بار شۈڭلاشقا ئۇلارنىمۇ بۇ خىل پائالىيەتتىن چەتكە قويساق بولماسمىكىن دەپ قارايمەن، ئەلۋەتتە بۇنى يۈكسەل ئەپەندىممۇ ھەم باشقىلارمۇ ئويلىشىپ كۆرسە

  24. پادىشاھ تور مۇنداق يازغان:

    قايسى كۈنى تۈزۈكرەك ئىنكاس يازالمىغانتىم
    تەكلىپ
    1 . 10 چوڭ بلوگنى باھالاپ چىقىش ئۈچۈم ئۇيغۇرچە يېزىلغان بارلىق بلوگېرلارنى ئۆز بلوگىنى مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشنى خالايدىغانلىرى بلوگىنى بىر تىمىغا تىزىملاتسۇن ياكى مەخسۇس تىزىملىتىش ئورنىدىن بىرسى ئېچىلسا
    2. تىزىملىتىلغان بلوگلارنى بىر قاتار رەتلەپ چىقىلغاندىن كېيىن ئالدىنقى قېتىمدىكىدەك تاللاش ئېلىپ بېرىلسا
    3 . بىر ئىفى نۇمۇردا پەقەت بىرلا بىلەت تاشلىغىلى بولىدىغان بەزى ئالدامچىلىقلارنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان يىڭى ھۈنەرلەر بىلەن تەڭشەلسە
    4. بىلەت سانىغا قاراپ رەت تەرتىپ بۇيىچە ئېلان قىلىنسا بۇنىڭغا چۇقۇپ گەپ كەتمەيدۇ .

    قارىسام بۇقېتىملىق بالاشقا بلوگېرلار تازا ئەكتىپ ئەمەستەك قىلىدۇ

  25. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    باھالاش ھەيئىتىنى داڭلىق بلوگچىلاردىن تەشكىل قىلساق بولىدۇ. مەسىلەن جېك، يۈكسەل، ئەرتۈرك دېگەندەك. بۇ يەردە يەنە بىر مەسىلە بلوگنىڭ تېخنىكىلىق جەھەتتىكى (كۆركەم، پاكىزلىقى قاتارلىقلار)نىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق كېرەك دەپ قارايمەن.
    مەن بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ چوقۇم ئوڭۈشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداشمەن.
    ھە راست، بلوگ باھالاشتا يەنە داڭلىق تور بەت پروگراممىرلىرىنى تەكلىپ قىلساق بولىدۇ، بۇنداقلا نۇرقۇت، شىنجاڭ كومپىيوتىر ھەۋەسكارلىرى قاتارلىق كەسپىي تور بەتتىكىلەردىن چىقىدىغۇ دەيمەن. بلوگنىڭ تېخنىكىلىق گۈزەللىكىگە شۇلار باھا بېرەلەيدۇ.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      باھالاش ھەيئىتىگە قاتناشقۇچىلار داڭلىق بلوگگىرلاردىن تەشكىل قىلىنسا ، مەسىلەن جېك ، ئەرتۈرك دېگەندەك. بۇلارنىڭ بلوگىمۇ مەزكۇر پائالىيەتكە نامزات سۈپىتىدە قاتنىشىشى مۇمكىن. ئۇ ھالدا نەتىجىنىڭ ئادىللىقىغا قانداق ھۆكۈم قىلىمىز ؟! …
      مېنىڭ پىكرىم ، باھالاش ھەيئىتى بلوگگىرلاردىن تەشكىللەنمەسلىكى لازىم. نۇرقۇت ۋە شىنجاڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى تورى قاتارلىقلارنى ئويلىشىشقا بولىدۇ.

  26. ئەنقا مۇنداق يازغان:

    ئۆزى تىزىملىتىش، تورداشلارمۇ تەۋسىيە قىلىش شەكلىنى قوللىنايلى.
    بىزنىڭ بلوگ تەشۋىقاتنى باشلىۋەتتى: http://bizning.blogbus.com/logs/76622893.html

  27. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    گەرچە پىقىرنىڭ بلوگى ئانچە ئىسىل بلوگلاردىن بولمىسىمۇ، مەن يەنىلا بلوگۇمنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش بىلەن بىرگە تەشۋىق قىلىشنى خالايمەن.
    ھىللىققا بلوگدا مەخسۇس يازما ئىلان قىلماقچىمەن.

  28. ھەۋەسكار مۇنداق يازغان:

    گەرچە مەن بۇ تىزىملىككە كىرەلمىسەممۇ ، بۇ پائالىيەتنى پۇتۇن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن . بولسا تىزىملىككە چۈشدىغان بلوگلارغا ئايرىم بىر تىما يىزىپ رەتلەپ قۇيۇلسا .

  29. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    چەۋەندازلار بلوگى يۈكسەل بلوگى ياسىغان تەشۋىق رەسىمىنى بلوگقا رەسمى قويدى. چەۋەندالار بلوگى پائالىيەتنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا تىلەكداش!

  30. ئىزتۈرك مۇنداق يازغان:

    يۈكسەل بىلوگى خىلى ئادىللىق بىلەن ئۇيۇشتۇرۇپتۇ ، مەنمۇ ۋاقتى كەلگەندە بىلەن تاشلاش ئادىرىسىنى ئولىنىش قىلپ ئورۇن بىرىمەن ! مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاي !

  31. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    كاللامغا مۇنداق بىر ئوي كىلىپ قالدى،ئالدى بىلەن بلوگلارنى رەتكە تۇرغۇزساق، يەنى مۇستەققىل بلوگ سۇپىسىدىكىلەرنى
    ۋە ھەقسىز بلوگ سۇپىسىدىكىلەرنى ئايرىپ ئىلىپ،ئاندىن كىيىن بىر -بىرلەپ باھالاپ چىقساق، ئىزدەش ماتورى چىقىرىپ بەرگەن تەييار نەتىجىگىلا قاراپ ئولتۇرماي، زادى بلوگگىرنىڭ تەمەچلىرى خەققە يارىدىمۇ يوق؟ ئۇ يازغان بلوگدا ئۆزگىچىلىك بارمۇ يوق؟دىگەنلەرنى تەپسىلى سىلىشتۇرساق تىخىمۇ ئادىل بولاتتى.
    خەنلەردىمۇ مۇشنداق بىر ئىشلار باركەن، ۋوردپىرەس بلوگ سۇپىسىدا كىمنىڭ بلوگى ئەڭ ياخشى دىگەندەك… ھازىر بىز قىلماقچى بولغان بۇ پائالىيەت گەرچە مۇتلەق سېستىمىلىق بولمىسىمۇ ھەر ھالدا سېستىمىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن.

  32. Jeck مۇنداق يازغان:

    مىنىڭ پىكرىمچە، 3 تىن 5 كىچە بولغان بلوگىرلار بىرلىشىپ بىر كومىتىت ياكى گۇرۇپپا دىگەندەك بىر نىمە قىلىڭلار. گەرچە يۈكسەلگە 100% ئىشەنسەكمۇ لېكىن بىر نەچچە ئادەم قاراپ تۇرۇپ قىلغان ئىشنىڭ ئىشەنچلىك ۋە قايىل قىلارلىق دەرىجىسى يۇقىرى بۇلىدۇ. ئۇندىن قالسا مىنىڭچە تور بەتنىڭ زىيارەت مىقدارىنى ئويلاشقان تۈزۈك، چۇنكى زىيارەت مىقدارى ئوزۇن ۋاقىتتىن بۇيان شەكىللەنگەن نەرسىدۇر. تورداشلار كىمنىڭ بلوگىنى ياقتۇرۇپ كۆرۈۋاتىدۇ كىمنىڭ يىقىندىن بۇيان ئالقىشقا ئىرىشىۋاتىدۇ دىگەنلەرنى زىيارەت مىقدارى، چۈشكەن ئىنكاس قاتارلىقلارغا قاراپ تۇرۇپلا ئەمىلىيەتتە پەرەز قىلغىلى بۇلىدۇ. بۇنىڭغا بىلەت تاشلاشمۇ كەتمەيدۇ. مەن ئۆتكەن قېتىمقى باھالاشتا ئالدىنقى 5 نىڭ كەينىدىكى بلوگلارنىڭ راستىنلا توردا ئۇنداق تەسىرى بار ئىكەنلىگىنى كىيىن گۇمان قىلدىم. چۇنكى قارىسام ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدىن ياخشى ۋە تەسىرگە ئىگە بلوگلارمۇ بار ئىكەندۇق ( مىنىڭ نەزىرىمدە). باشقا چاغدا كارى يوق، بىلەت تاشلىغاندا بارلىق كۈچىنى يىغىپ تۇنۇش بىلىشلىرىنى يىغىپ بىلەت تاشلىسىلا ئالدىنقى نۇمۇر ئالغىلى بۇلىدىكەن مىنىڭچە.

    يۈكسەل بىلوگىمۇ چوقۇم قاتنىشىشى كىرەك. بۇ يىل بەلكىم بىرىنچى بۇلۇپ قالىسىز. ئويۇشتۇرغۇچى بولدۇم دەپ چەتكە چىقىشقا مەجبۇر بولۇنۇپ قالماي 3-4 ئادەم بىر گۇرۇپپا بۇلۇپ تەشكىللەڭلار. شۇ چاغدا ئۈزىنى چەتكە ئېلىشنىڭمۇ ھاجىتى قالمايدۇ.

    ئەگەر بىر پروگرامما تۈزۈپ بىرىدىغان تورداشلار بولسا، ھەر قايسى بلوگلار گوگىل ئانالىزىدىكى نۇمۇرىىنى بەرسە، شۇنىڭغا ئاساسەن ئايدا بىر قېتىم بلوگلارنى رەتكە تىزىپ بۇ ئايدا كىمنىڭ بلوگى ياخشى مېڭىۋاتىدۇ دىگەندەك سىتاتىسكىنى چىقىرىپ ئىلان قىلساق، يىلدا بىر قېتىم رەتكە تىزىپ چىقساق مىنىڭچە شۇ ئەڭ ئادىل ئىدى. مەن توردىن شۇنداق پروگرامما ئىزدەپ يۈرۈپ تاپالمىدىم.

    • دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

      قوللايمەن .

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      جېكنىڭ تەكلىپى بويىچە 3 – 5 كىچە بلوگگىردىن باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەش توغرا كەلسە، بۇ گۇرۇپپىغا ئەزا بلوگلارنى قانداق تاللاش كېرەك ؟ بۇ بلوگلار باھالاشقا قاتنىشامدۇ يوق ؟ ئەگەر ھازرقى نوپۇزلۇقراق بلوگلاردىن گۇرۇپپا تەشكىللەنسە، بۇلار ھەم باھالاشقا قاتناشسا، ئاقىۋەتتە ھەم شۇلار ئۈزۈپ چىقىپ ( نوپۇزلۇق بولغىنى ئۈچۈن شۇ خىل ئىھتىماللىق بار دەپ قارىدىم ) 10 چوڭ بلوگنىڭ ئىچىگە كىرسە ، كۆپچىلىكنىڭ ئىتراپىغا ئېرىشەلەمدۇ ؟ ئۆزى باھالاپ ، ئۆزى نەتىجىگە ئېرىشسە جامائەت ئارىسىدا گەپ بولماسمۇ ؟ … يۇقىرىقىدەك مەسىلىلەر باشنى قاتۇرىۋاتىدۇ.
      بلوگلارنى نامزاتلىققا تاللاش كۆرسەتكۈچلىرى ھەققىدىمۇ پىكىر بايان قىلىپ كۆرسەڭلار بولاتتى ؟!
      Alexa.com نىڭ كۆرسىتىپ بەرگەن نەتىجىسى ئىشەنچىلىك ، ھەقىقىمۇ ؟ بۇنىڭ تىزىپ بەرگەن خەلقئارالىق ۋە جۇڭگودىكى دەرىجىسىنى بۇ قېتىمقى باھالىشىمىزغا بىر تۈرلۈك كۆرسەتكۈچ سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە بولامدۇ ؟!

      • Jeck مۇنداق يازغان:

        مىنىڭچە بارلىق بلوگلار قاتنىشىشى كىرەك، تەسىرى بار بلوگلارنى قايرىپ قويۇپ باشقىلارنى دەرىجىگە تىزىپ قويساق ئۇ يەنە تازا ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس. باھالاش گۇرۇپپىسىدىكىلەر بلوگېرلار بولسىمۇ بۇلىدۇ، بلوگ يازمايدىغان لېكىن تورنى ياخشى چۈشىنىدىغانلار بولسىمۇ بۇلىدۇ. شۇنداقلارنى تەكلىپ قىلساق ئۇلارمۇ ياق دىمەس دەپ ئويلايمەن. ئۇندىن باشقا ھەممە سانلىق مەلۇماتلار ئوچۇق ئاشكارا ئىلان قىلىنسا، ھەممەيلەن كۆرۈپ قاراپ تۇرساق، مەيلى باھالاش گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ بلوگى بولسىمۇ يەنە ئىتراپ قىلىشقا ئىرىشىۋىرىدۇ.

        • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

          باھالاش گۇرۇپپىسىنى يەنىلا بلوگگىر ئەمەسلەردىن ( جېك دېگەندەك بلوگ يازمايدىغانلاردىن ) ، ئەمما بلوگلارنى زىيارەت قىلىپ تۇرىدىغان، تور دۇنياسىدا بەلگىلىك تەسىرى بار تورداشلاردىن تەشكىللىگەن تۈزۈك. سانلىق مەلۇماتلار چوقۇم ئاشكارا ئىلان قىلىنىدۇ.

        • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

          شۇنداق، بىز شىنجاڭ كومپىيوتىر ھەۋەسكارلىرى تورى، بىلىك تورى، ئىزدىنىش تورى قاتارلىق كەسپىي تور بىكەتلەردىن باھالىغۇچى تەكلىپ قالساق تامامەن بولىدۇ. ئۇلارمۇ قوللايدۇ.
          بلوگ ھەققىدە ئىز تورىنىڭ تېخنىكىلىق باشقۇرۇغۇچىسىنىڭمۇ خېلى يۇقىرى بىلىمى بار. ئۇ بلوگنى ياخشى چۈشىنىدۇ بىز ئۇنىمۇ بلوگ باھالاشقا تەكلىپ قىلساق مېنىڭچە ئۇ ياق دېمەيدۇ.

        • bagwan مۇنداق يازغان:

          جېك ئەپەندىم توغرا دەيدۇ ، يۈكسەل ئەپەندىم دىگەندەك ئاۋال باھالاش لايھىسى ۋە كونكىرت تەلەپنى (باھالاشقا قاتنىشىش شەرتى ) قاتارلىقلارنى تۇرغۇزىۋېلىپ ، شەرت بۇيىچە باھالاش گۇرۇپىسىدىكىلەر سۈزۈپ چىقسا ئوبدان بۇلارمىكىن . بېلەت تاشلاش نەتىجىسىگە ياكى Alexa دەرىجىسىگە ، زىيارەت مېقدارىغىلا قارىساق ياخشى بولماسمىكىن .

    • ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

      ئۇيغۇربەگ تور تۇرايى تەشۋىق ھالىتىگە ئۆتتى!…

  33. ئوبۇلقاسىمجان مۇنداق يازغان:

    پىقىر يىڭى ئۈگەنگۇچى بىلوگىر بولساممۇ مەنمۇ ئۆز كۆز قارشىمنى دەپ ئۆتەي
    1.ئالدىنقى نۆۋەتلىك 10چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە نەتىجىگە ئىرىشكەن ۋە ھازىرمۇ داۋاملىق يىزىشتىن توختىمىغان بىلوگلار ئەليۇل ئەلا نامى بىلەن بۇ قىتىمقى بىلوگلارنى باھالاش ھەيىتى بولسا
    2.بىلوگلارنى باھالاشتا ئون چوڭ بىلوگ ، كەسپى بىلوگ ، ئىستىقباللىق بىلوگ ، قاتارلىق ئۇچ تۇرگە بۆلۇنسە بىزدەك يىڭى ئۇگەنگۇچى بىلوگىرلارنىمۇ يىتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۇرۇش ئۇچۇن بىلوگنىڭ ئومومى ipسىغا ئەمەس باشقىلارغا بەرگەن تەسىر باشقىلارنىڭ بۇ بىلوگدىن ئالغان پايدىلىق قىممىتى دىگەننى نەزەردىن ساقىت قىلمىسا چۇنكى ip نى ھىساپقا ئالغاندا بىلوگنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ۋە ھازىرقى ساپاسى جەھەتتىن تەڭپۇڭسىزلىق كۆرىلدۇ باشقاجەھەتتىن دولقۇن 731نىڭ پىكىرىگە تامامەن قوشۇلىمەن ۋە يۇكسەل ئەپەندىنىڭ ھەققانى روھىغا ئالاھىدە رەھمىتىمنى بىلدۇرمەن .

    • پەنگىيار مۇنداق يازغان:

      ھازىر شۇ 10 چوڭ بلوگدىن زادى قانچىسى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ؟ پىكىرىڭىزمۇ ئورۇنلۇق. ئەلۋەتتە باھالاش ئەيئىتىدىكىلەرنىڭ ئادىللىقى ئەڭ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

    • bagwan مۇنداق يازغان:

      بۇمۇ دېققەت قىلىدىغان نوقتىكەن … بېلەت تاشلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا نۇپۇزلۇق باھالاش گۇرۇپىسى ھەر تەرەپتىن ئۇنۋىرسال باھالاش ئېلىپ بارمىسا ، نۇقۇل بېلەت نەتىجىسى ياكى زىيارەت مېقدارى دىگەندەكلەرگە ئاساسەن باھالانسا تازا ياخشى بولمىغۇدەك ..

  34. روھلان مۇنداق يازغان:

    مۇبارەك بولسۇن
    گەرچە مەن ھازىر تور بىكەتىڭ ئىشلىرى بىلەن بلوگ نەشىر قىلىشتىن توختاپ قالغان بولساممۇ، بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى قوللايمەن .
    بلوگنى alexa دىكى دەرىجىسىگە قاراپ تىزغاندا بىر قىسىم خاتالىقلار چىقىشىمۇ مۇمكىن، مەسىلەن: مەن بلوگىمنى داڭلىق ئۇلىنىش تور بېكىتىنىڭ كۆرۈنەرلىك يېرىگە 15 كۈنلا چىقىرىپ قويسام، بېكىتىمدە مەزمۇن بولامدۇ يوق alexa ئۇنىڭ دەرىجىسىنى نەچچە ئايغىچە ئىزچىل يۇقىرى كۆتۈرۈپ بېرىدۇ .
    باھالاش ھەيئىتىگە مېنىڭچە بلوگگىرلاردىن تەشكىللىگەندە يۈكسەلنىڭ دېگىنىدەك ئۆزى باھالاپ ئۆزى نەتىجىگە ئېرىشىش مەسىلىسى چىقىپ قېلىشى مۇمكىن، شۇڭا بىر قىسىم كومپيۇتېر، تور بىكەت ساھەسىدىكى داڭلىق تور بىكەتلەر ۋە ئۇنىڭدىكى ئەزالارنى تەكلىپ قىلىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن .
    ئاخىرىدا ئىشلىرىىڭلارنىڭ ئۇتۇغلۇق بولۇشىنى تىلەيمەن .

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      Alexa نىڭ نەتىجىسى ئىشەنچىلىك بولمىسا، ئۇنداقتا بلوگلارنىڭ زىيارەت ئېقىمىغا قانداق ھۆكۈم قىلىش كېرەك ؟ ھەر بىر بلوگنىڭ ئىشلەتكەن زىيارەت ئېقىمىنى سانىغۇچنىڭ ئارقا سۇپىسىغا كىرىپ تەكشۈرۈش قولايسىزمۇ قانداق ؟ ئۆزىنى نامزاتلىققا كۆرسەتكەن بلوگلار ئۆزلىرىنىڭ ستاتىستىكىلىق ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بەرسە، بۇ يەنە كۆپچىلىكنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشەلەمدۇ يوق ؟ ساختا ئۇچۇر تەمىنلەيدىغانلارنى چىقمايدۇ دېگىلى بولامدۇ ؟ …
      بۇمۇ بىر باش قاتۇرۇدىغان ئىش ئىكەن. تورداشلارنىڭ تېخىمۇ ياخشىراق پەمى بولسا ، تەلىم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز!

      • چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

        مەن ئالدىنقى قېتىملىق باھالاش پائالىيىتىگە چۈشكەن بارلىق ئىنكاسلارنى ۋە بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈش جەريانىدا يولۇققان بىرقانچە مەسىلىلەرنى كۆرۈپ چىقتىم. ئالدىنقى قېتىملىق پائالىيەتتە بىلەت تاشلاش باسقۇچىدا سەل ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان.بۇنىڭغا چوقۇم دىققەت قىلىش كېرەك. بىلەت تاشلاش سېستىمىسىنى تېخىمۇ ئىلغار قىلىش كېرەك. بولمايدىكەن ئادىللىققا تەسىر يېتىدۇ دەپ قارايمەن. بۇ جەھەتتە يەنە ئۇيغۇر تور ساھەسىدىكى تەسىرى بار كىشىلەردىن مەسلەھەت ئېلىپ بۇ قېتىمقى پائالىيەتنىڭ نورمال ۋە سۈپەتلىك،ئىشەنچلىك ئۆتكۈزىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

        بۇ قېتىمقى باھالاش پائالىيتىنى ئويۇشتۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ئۆزىنىڭ قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلىتىشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۇيغۇر بلوگگىرلىرى ھەر قېتىملىق بلوگ باھالاش پائالىيىتىدە كېلەركى يىللىق ئۇيغۇر بلوگگىرلىرىنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنى تۈزۈپ چىقىشى كېرەك. كېلەركى قېتىمدىكى ئۇيغۇر بلوگلىرىنىڭ تەرەققىيات خەرىتىسىنى ئالدىن پەرەز قىلىپ شۇ نىشان ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك.ھەمدە ھەر يىللىق بلوگگىرلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈپ بۇنى ئۇيغۇر تور ئەھلىگە بىلدۈرۈش كېرەك. بۇ قېتىملىق پائالىيەتنى بىز چوقۇم ئىلگىرىكى قېتىمقىدىن نەچچە ھەسسە كۆلەملىك ھالدا ئۆتكۈزىشىمىز كېرەك.بۇنىڭ ئۈچۈن مەن تۆۋەندىكىدەك تەكلىپنى بېرىمەن.
        11.ئۇلىنىش تورلىرى (ulinix.cn ulinix.com)،ياخشى تورى، تورلار تورى قاتارلىق تور بىكەتلەرنىڭ يۈزىدىكى بىر قانچە قىززىق نوقتا خەۋەرلىرى ئورنىدىن چوقۇم ئامال قىلىپ ئورۇن ئېلىپ ئۇلارنىڭ قايىللىقىنى ۋە قوللىشىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز كېرەك(بۇ ئەگەر مۇشۇ تورلارغا مەزكۇر پائالىيەتنىڭ تەشۋىق رەسىمىنى چىقىرىش مۇمكىن بولمىسا قوللىنىدىغان ئۇسۇل ئەلۋەتتە).
        2.بىزنىڭ بۇ قېتىمقى پائالىيەتتىكى ئەڭ چوڭ مەقسىتىمىز ‹‹بلوگ›› دىسە ئىلگىرىكى 1638888.net (فېنبېي ۋە ھازىرقى شۇنى دورىغان بىر قانچە بلوگ سۇپىسى)نى كۆز ئالدىغا كەلتۈرىدىغان ئەھۋالنى بۇزۇپ تاشلىشىمىز كېرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن يەنىلا تەشۋىقاتقا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
        3.ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ بۇ ساھەگە بولغان قىززىقىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ۋە تونىتىش ئۈچۈن ئىچكىرىدىكى ۋە دىيارىمىزدىكى ھەتتا چەتئەلدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن دىگۈدەك چىقىدىغان تور مەكتەپداشلار تورى(人人网)دا بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى ئىنتايىن جەلىپ قىلارلىق ئىبارىلەر ئارقىلىق تەشۋىق قىلىپ كەلگۈسى زىيالىيلار قاتلىمىنى شەكىللەندۈرىدىغان ئەۋلادلارنىڭ بلوگقا ۋە ئۇيغۇرچە تور بىكەتكە بولغان قىززىقىشىنى توغرىسى تونىشىنى يۇقىرى كۆتۈرىشىمىز بۇ ئارقىلىق تور خانىغا كىرىپ تور ئويۇنلىرى ئويناشتىن ۋە چ چ دا پاراڭلىشىشتىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان بىلىملەرگە ئېرىشكىلى بولىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ مەنىسىز تور ھاياتىنى بېيىتىشىمىز كېرەك.
        4. بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تونۇشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش ئۈچۈن ھەر بىر بلوگگىرنىڭ تەشۋىق رەسىمىنى چىقىرىپ بۇ پائالىيەتنىڭ تەرەققياتىنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك(چەۋەندازلار بلوگىغا تەشۋىق رەسىمىنى چىقىرىش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرغاندىن كېيىن ئاتەش گۈزەل سەنئەت بلوگى، ھونزادە بلوگى قاتارلىق بلوگلار بۇ تەشۋىق رەسىمىنى چىقارغانلىقىنى بايان قىلدى.يەنە قانچە بلوگگىرلارنىڭ چىقارغانلىقى نامەلۇم).
        باشقا تورداشلارنىڭ ۋە بلوگگىرلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىنى دادىل ئوتتۇرىغا قويۇپ بۇ قېتىملىق پائالىيەتنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن تەكلىپ-پېكىر بېرىپ باقسا بولىدۇ

  35. كۆكيال مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، قۇت بولسۇن بۇرادەر .
    بۇ پائالىيەتتىن كېچىكىپ خەۋەر تېپىپتىمەن . يۇقىرىدا بلوگگىرلار ياخشى پىكىرلەرنى بېرىپتۇ .بولۇپمۇ دولقۇن 731 ، جەك ، قاتارلىقلارنىڭ پىكرى ، يەنە ئۇبۇلقاسىمجاننىڭ پىكرىنىمۇ ئويلىشىپ باقساڭلار بولغۇدەك.
    مەن بۇ پائالىيەتنىڭ رەسىمىنى بلوگىمغا چىقىراي دېگەن ، بۇنى قانداق چىقىرىمەن ؟ مۇشۇنى دەپ بەرسەڭلار . چەۋەندازلار بلوگىدىكى ئۇسۇلنى قوللانسام مەغلۇپ بولغان ئوخشايمەن ، ئىككى قېتىم چۈشۈردۈم ئىككىلىسى تور كۆرگۈچ بولۇپ چىقتى .

  36. كۆكيال مۇنداق يازغان:

    ئەمدى چۈشۈرەلىدىم بۇرادەر.

  37. پەنگىيار مۇنداق يازغان:

    ھە راسىت، تەشىۋىقات توغى ئىلقۇت بلوگىغىمۇ ئېسىلدى.

  38. ئىزباسار مۇنداق يازغان:

    مېنڭچە سانىغۇچ نىڭ تولۇق ھوقۇقلۇق پارولنى تەمىنلىسە بولىدۇ .ساختىمۇ راسمۇ ۇنى بىر قاراپلا بىلۋالغىلى بولىدۇ . ساختا IP يىغقانلارنى بۇندىن كىيىنكى باھالاشلارغا قاتناشتۇرمىساقلا بولىدۇ ….. قانداق دىمدىم ……

  39. bagwan مۇنداق يازغان:

    ناھايتى ياخشى بوپتۇ ، نادىر بىلوگلارنى باھالاش ناھايتى ئەھمىيەتلىك ئىش ، بۇ ئىشنى باشلىغان ئىكەنمىز ئەلۋەتتە ئاخىرغىچە قىلىشىمىز كېرەك . مەنمۇ تەشۋىقات تۇغىنى چىقىرىپ قوياي .

  40. ئابرال ئېلكىتاپ بىلوگى مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ ياخشى ئىشتىن خەۋەرسىز قالغىنىمنى قارىمامدىغان. پېقىرمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدۇ.
    ھەمدە بۈگۈنلا تەشۋىقاتنى باشلىۋىتىمەن.

  41. ئەزىزتۈرك مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ بۇ پائالىيەتنى قوللايمەن. بېراق تەكلىۋىم، بۇ پائالىيەت ئون چوڭ قىزىق نۇقتا بلوگى بوپ قالماي، ئۇيغۇر جەمئىيىتىگە، ئۇيغۇر تور دۇنياسىغا پايدىلىق ئون چوڭ بلوگ بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. بولسا ئۇيغۇر بلوگلىرىدىكى ئون ئېسىل تىمىنى تاللاپ چىقساق تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. ئاندىن يەنە ئۆزگىچە بولغان بلوگدىن 3دىن 5كىچە تاللاپ باقسامۇ بولىدۇ.

  42. ئوبۇلقاسىمجان مۇنداق يازغان:

    بىلوگىمدا بۇ پااليەتنىڭ تەشۋىقات ئىشلىرنى باشلىۋەتتىم مەن يەنىلا بلوگگىر دوسلارنىڭ ئالدىنقى ئىنكاستا يازەان (1.ئالدىنقى نۆۋەتلىك 10چوڭ بىلوگنى باھالاش پائالىيىتىدە نەتىجىگە ئىرىشكەن ۋە ھازىرمۇ داۋاملىق يىزىشتىن توختىمىغان بىلوگلار ئەليۇل ئەلا نامى بىلەن بۇ قىتىمقى بىلوگلارنى باھالاش ھەيىتى بولسا
    2.بىلوگلارنى باھالاشتا ئون چوڭ بىلوگ ، كەسپى بىلوگ ، ئىستىقباللىق بىلوگ ، قاتارلىق ئۇچ تۇرگە بۆلۇنسە بىزدەك يىڭى ئۇگەنگۇچى بىلوگىرلارنىمۇ يىتەكلەش ۋە رىغبەتلەندۇرۇش ئۇچۇن بىلوگنىڭ ئومومى ipسىغا ئەمەس باشقىلارغا بەرگەن تەسىر باشقىلارنىڭ بۇ بىلوگدىن ئالغان پايدىلىق قىممىتى دىگەننى نەزەردىن ساقىت قىلمىسا چۇنكى ip نى ھىساپقا ئالغاندا بىلوگنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى ۋە ھازىرقى ساپاسى جەھەتتىن تەڭپۇڭسىزلىق كۆرىلدۇ
    ) دىگەن تەكلىۋىمنى ئويلىشىپ كورشىنى سەمىمى ئۇمىت كىلمەن

  43. باي دادام مۇنداق يازغان:

    ياخشى ئىشلارغا تۇتۇش قىلېۋېتىپسىز ؟ كۆز تەگمىسۇن ، تىل تەگمىسۇن ، ئىشلىرىڭىز ئادىل ۋە ئۇڭۇشلۇق بولغاي.
    يۇقىردا ياخشى تەكلىپلەر بۇلىنىۋېتىپتۇ، مەنمۇ ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي.
    1. تور ۋە كومپىيوتىرغا پىششىق بىر تۈركۈم باھالاش گۇرپىسى قۇرۇلسا . بۇنىڭدا ئادىل بۇلۇش ئەمەلگە ئاشىدۇ، قۇرۇق گەپ سەل ئاز بۇلىدۇ. بۇ باھالىغۇچىلار مۇمكىن بولسا داڭلىق توربەتلەردىن تەكلىپ قىلىنسا بىلوگ يازغۇچىللىرى ئامال بار قاتناشمىسا.
    2. 10 داڭلىق بىلوگدىن سىرىت يېڭىدىن يىتىشىپ چىقىۋاتقان نوتا بىلوگلارغىمۇ ئىلھاملار ئۈچۈن 3دىن 5كىچە بىلوگنى باھالاپ چىقىلسا .
    3. نەتىجىگە ئىرىشكەن بىلوگلارغا ماددى مۇكاپات بىرىلسە . ئەلۋەتتە بۇ مۇكاپاتنى يۈكسەل ئەپەندى دىگىنىدەك بۇ ئىشنى قوللىغۇچى شىركەتلەر،ۋەشەخىسلەرنىڭ ياردىمى بېلەن ياكى ئۇمۇ ئەپلەشمىسە بىلوگىرلار ئۆزئارا يىغىش قىلساقمۇ ياكى شىركەتلەر ئۈچۈن ھەقلىق ئېلان مۇلازىمىتى تەمىنلەش ئىلىپ بېرىپ ھەل قىلساقمۇ بۇلىدۇ.
    باي دادام تورخاتىرىسى
    http://baydadam.blogbus.com/

  44. بىرزات مۇنداق يازغان:

    مەن تېخى بۇ يىل بۇ باھالاشلارنى قىلىپ بولالماسمىزمىكىن دەپتىم. تورداشلارنىڭ بۇ ھەقتىكى قىزغىنلىقى بوش ئەمەسكەن. مەنمۇ بۇ ھەقتىكى تەشۋىقاتنى ئالتۇن ئىلان ئورنىغا قىستۇرۇپ قويدۇم. بۇ قېتىمقى نادىر بلوگلارنى باھالاش پائالىيتىنىڭ مۇۋەپىقيەتلىك بولىشىغا تىلەكداشمەن. :smile:

  45. ياخشى بۇپتۇ . مەنمۇ قوللايمەن . يىلدا بىر مۇشۇ خىل پائالىيەتنى ئوتكۇزۇپ ، بلوگىرلارغا ئازراق بولسىمۇ قىززىقىش ۋە ئىنتىلىش تۇيغۇسى بىرەيلى !

  46. Dreamcatcher مۇنداق يازغان:

    كەمىنە بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن!ھەمدە ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنىڭ تېخىمۇ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  47. بېلەت مۇنداق يازغان:

    تەكلىپ: تاشلانغان بېلەتنىڭ ip ئادرىس بۆلىكىگە دىققەت قىلىنسا دېمەكچى….
    مەكتەپ ئىدارە ئورگاندىن بولۇپمۇ مەكتەپتىن چېكىلسە، بىر بلوگ ئۈچۈن ئون نەچچە بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ بېلەت تاشلىنىشى مۇمكىن….

  48. bagwan مۇنداق يازغان:

    ۋاھ ! نىمىدىگەن قىززىق مۇنازىرە بۇ ھە ، مەن بىلوگىمدا ئانا تىمىنى نەقىل قىلىپ تەشۋىقات رەسىمىنىمۇ ئەڭ ئۈستى قىسىمىغا چىقىرىپ قۇيۇپلا بۇ مۇنازىرىگە قاتناشماي قاپتىمەن ھە …. مىنىڭچىمۇ باشقا توربەتلەردە ، مۇنبەرلەردە تەشۋىق قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق ، پەقەت كۆرىنەرلىك جايغىلا پائالىيەت توغرىسىدا ئۇلانما بېرىپ قويساق ، تورداشلار شۇ ئۇلانمىدىن بىۋاستە بېلەت تاشلاش ئورنىغىلا كىرىپ بېلەت تاشلىسا ياخشى بولغۇدەك …تەدبىركار ئەپەندى دىگەندەك ھەممەيلەن ئۆز كۆمىچىمىزگە چوغ تارتساق ، ئاقىۋىتى ئويلىغۇسىز بۇلىدۇ . شۇڭا خالىغۇچىلار ئۆز بىلوگى ، تور بەتلىرىدە ، مۇنبەرلەردە بېلەت تاشلاش ئادرىسىنى بېلەت تاشلاشقا قاتنىشىڭ دىگەندەك ئاددى سۆزلەر بىلەنلا ئۇلىنىش قىلىپ قويساق ….

  49. بايلىق مۇنداق يازغان:

    ئاخىرى باشلىنىپتۇ دە بۇ پائالىيەت ناھايتى ياخشى ئىش بولدى بۇنداق قىلىش ئارقىلىق بلوگ يازىدىغان دوسلارنىڭ بلوگ يىزىش قىزغىنلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ بلوگنىڭ تىخىمۇ راۋاجلىنىشىغا تىخىمۇ گۈللەپ ياشنىشىغا تۆھپىسى زور بولىدۇ

  50. بايلىق مۇنداق يازغان:

    تەشۋىقات بايلىق بلوگىغىمۇ قويۇلدى

评论分页 1 2

پادىشاھ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟