نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > BLOG تەرمەچلىرى
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بلوگگىر (Blogger ) لار مۇناسىۋىتىدىكى 7 ئەپ

بلوگچىلىقتا باشقا بلوگگىر (Blogger ) لار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش تولىمۇ مۇھىم. بلوگگىرلار ئارا مۇناسىۋەت باغلاش ۋە ئۇنى ياخشىلاش بلوگ ( Blog ) تەرەققىياتىدا نېمە ئۈچۈن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ دېگەندە ، تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە سەۋەبنى كۆرسىتىش مۇمكىن:

بلوگگىر (Blogger ) لار ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ ئوقۇرمەن زىيارەتچىلەرنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن.
بلوگگىر (Blogger ) لار ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى بولۇپمۇ بلوگچىلىققا ئائىت بىلىم – تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىۋېلىش مۇمكىن.
بلوگگىر (Blogger ) لار ئارا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق بلوگىمىز ھەققىدە تېخىمۇ قىممەتلىك ۋە ئەھمىيەتلىك تەكلىپ – پىكىرلەرنى قولغا كەلتۈرۈش مۇمكىن. چۈنكى بلوگ ( Blog ) شەخسكە تەۋە بولغان تور تاراتقۇسى بولۇش سۈپىتى بىلەن كۆپ ھاللاردا شەخسنىڭ خاھىش – ئىستىكى بويىچىلا يۈرۈشۈشتىن ساقلىنالمايدۇ. بۇنداق بولغاندا، ئۆز ئەيىبىمىزنى ئۆزىمىز ھېس قىلىپ يېتەلمەيمىز، بۇ جەھەتتە يەنىلا باشقا بلوگگىرلار بىلەن سەمىمىي دوستلۇق مۇناسىۋىتى ئورنىتىپ ، ئۇلارنىڭ تەكلىپ – پىكىرلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە بولىدۇ.
بلوگگىر (Blogger ) لار ا مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر بىلەن دوستلاشقىنى بولىدۇ. بلوگچىلىقتا جىمجىت، ئۆز – ئۆزمىز باش چۆكۈرۈپ يېزىش بىلەنلا بولساقمۇ بولىدۇ، ئەمما، ئانچە – مۇنچە باشقا بلوگگىرلار بىلەن دوستلىشىپ، پىكىرلىشىپ، ھەمكارلىشىپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىشقىمۇ بولىدۇ. ئاۋۋالقى ئۇسلۇب بېسىم ۋە جىمىغۇرلۇق ئېلىپ كەلسە، كېيىنكىسى خۇشاللىق ۋە ئازادىلىك ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. گەپ بىزنىڭ قايسى يولنى تاللىشىمىزدا.
بلوگگىر (Blogger ) لار مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئارقىلىق يېڭى بىلىم – ماھارەت – تېخنىكىلاردىن ئورتاق بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ. ھەممىمىزگە ئايانكى ھەممىدە تولغان ئادەم يوق. ھەممىمىزنىڭ بىلىشىمىزدە ئازدۇر – كۆپتۇر پەرق بار. ئەمما، بىز باشقا بلوگگىرلار بىلەن مۇناسىۋەت باغلاش ئارقىلىق ھەممىزنىڭ كاللىسىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاق بايلىققا ئايلاندۇرۇپ، ھەممەيلەن ئورتاق پايدىلىنالايمىز. شۇ ئارقىلىق ئۆز – ئارا تولۇقلىشىپ، ئۆز – ئارا ئۆگىنىپ ئورتاق تەرەققىي قىلالايمىز.
خوش، ئومۇمەن بلوگگىر (Blogger ) لار مۇناسىۋىتمۇ خۇددى رېئال تۇرمۇشىمىزدىكى ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتەكلا مۇھىم . شۇنداقكەن بۇ خىل مۇناسىۋەتنى ياخشىلىماق ئۈچۈن ھەرىكەت قىلماق زۆرۈر. ئەمما، بلوگگىرلار ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ئۈچۈن قوي سويۇپ مېھمان قىلغىنى بولمايدۇ. ئۇنداقتا قانداق قىلىش كېرەك؟

[align=center]بلوگگىرلار مۇناسىۋىتىدىكى ئەپ
Skills to Build Blogger Relationship[/align]

1. باشقا بلوگگىرلار نىڭ بلوگىنى زىيارەت قىلىپ، يازمىلىرىغا ئىنكاس يېزىش. ئەمما، مەن دېگەن ئىنكاس يېزىش ھەرگىزمۇ ئاللاھ قولىڭىزغا دەرد بەرمىسۇن … ياخشى يېزىپسىز ، رەھمەت … ، دېگەندەك ئىنكاسلارنى كۆرسەتمەيدۇ. ئىنكاسلىرىڭىز چوقۇم يازمىغا ئالاقىدار مەزمۇنلۇق ۋە قايىل قىلارلىق بولۇشى كېرەك.
2. ئېلخەت ۋە باشقا تور ئالاقە قوراللىرى ( مەسىلەن، MSN، QQ ،GTalk ، Skype دىگەندەك ) ئارقىلىق پىكىرلىشىش، باشقىلارنىڭ بلوگى ھەققىدە سەمىمىي تەكلىپ بېرىش، مەلۇم يازمىسى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىمىزنى بايان قىلىش دېگەندەك . ھەرگىزمۇ ‹‹ ياخشىمۇ سىز … ›› ‹‹ دوست بولۇپ قالايلى ›› دېگەندەك قۇرۇق گەپ سۆزلەر بولۇپ قالمىسۇن.
3. باشقا بلوگگىرلار ياردەمگە موھتاج بولغاندا، قىزغىنلىق بىلەن چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىش.
4. باشقا بلوگگىرلار نىڭ بلوگىنى ئۇلانما قىلىش. ئەگەر سىز بىلەن كەسكىن رىقابەتلىشىۋاتقان بىر بلوگ ( Blog ) بار دېيىسلە، سىز ئۇنى كۆزگە كۆرۈنەرلىك جايغا ئۇلىنىش قىلىپ قويسىڭىز، جەزمەنكى ئۇ بلوگىر ھەيران قېلىشى ، سىزگە بولغان مۇئامىلىسى ئۆزگىرىشى مۇمكىن.
5. تېلېفون تۇرۇپكىسىنى قولغا ئېلىپ تېلېفون قىلىش. بىۋاسىتە سۆزلىشىش تور ئارقىلىق ئالاقە قىلغانغا قارىغاندا تېخىمۇ يېقىنلىق – بىۋاسىتىلىق تۇيغۇسى بېرىدۇ. مەسىلىلەردە تېخىمۇ ئوچۇق پىكىرلەشكىلى بولىدۇ.
6. مۇنبەر ئارقىلىق دائىم پىكىرىي ئەسرارلىشىپ تۇرۇش. ئوخشىمىغان تېمىلاردىكى بەھس – مۇنازىرىلەرگە قاتنىشىپ، تېخىمۇ كۆپ باشقا بلوگگىر (Blogger ) لار بىلەن بىرگە پىكىرلىشىش ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ پىكىرداش دوستلارنى تېپىش مۇمكىن.
7. يۈز تۇرانە سۆھبەتلىشىش. بىزدە مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا ، دەيدىغان ئاتىلار سۆزى بار. بلوگگىر (Blogger ) لار ئارا مۇناسىۋەتتىمۇ يۈز تۇرانە كۆرۈشۈش – سۆھبەتلىشىش، بىرگە پائالىيەت قىلىش مۇناسىۋەتنى يەنىمۇ بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇللاردىن بىرىدۇر.
بۇ بىزنىڭ بلوگگىر (Blogger ) لار مۇناسىۋەتنى ياخشىلاش ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىمىز. بەلكىم باشقىلارنىڭ بۇلاردىنمۇ ياخشى بولغان ئەپ – ئۇسۇللىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە بىزمۇ شۇنداق ئەپ – ماھارەتلەرنى ئاڭلىساق، ئۆگەنسەك دېگەن ئۈمىدتىمىز!

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: بلوگگىر (Blogger ) لار مۇناسىۋىتىدىكى 7 ئەپ

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!5 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. birzat مۇنداق يازغان:

    ياخشى يېزىپسىز، سۆزلىرىڭىز تولىمۇ ئورۇنلۇق، رەھمەت [face36]

    راسىت، رېقابەتلىشىۋاتقان بلوگنى ئۇلىنىش قىلىپ قويسا < < يېگەن ئېغىز ئۇيۇلار>> دېگەندەك ئىجابىي تەسىر بىرىدىكەن.
    مەندىن تارتىپ ھەممىمىزدە مۇشۇ ئىنكاس يېزىشقا خوشياقمايدىغان بىر يامان ئادەت بار ئىكەن. ئەمەلىيەتتە بلوگىرلار ئۆز بىر-بىرىنىڭ تېمىلىرىغا ئىنكاس يېزىشسا ئۆز بلوگنىڭ تەشۋىقات، تەرەققىياتى ئۈچۈن ھەم تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئالماشتۇرۇشقىمۇ پايدىسى كۆپ بولاتتى.
    [reply=Yuksel,2010-07-09 09:37 PM]ئەمما، بىزنىڭ ئۇيغۇر بلوگگىرلاردا يەنىلا تار مەنىدىكى مەھەللىۋازلىق خاھىشى ئېغىر، پجى بلوگ ئىشلەتكەنلەر ئۆز ئارا پەتە قىلىشىپ، ئىنكاسلىشىپ يۈرسە، بلوگباس سۇپىسىدىكىلەر پەقەت ۋە پەقەت بلوگباس سۇپىسىدىكى بلوگگىرلار بىلەن باردى كەلدى قىلىپ ئاۋارە. خۇسۇسەن، يۈكسەل بلوگىمۇ بلوگباس سۇپىسىدىن خوشلىشىپ پجى بلوگقا كۆچكەندىن كېيىن كۆپلىگەن بلوگباستىكى دوستلارنىڭ قوللىشىدىن ۋە قىزغىنلىقىدىن مەھرۇم قالدۇق. ئەمما، بۇ ئەھۋاللارغا يۈزلەنمەي ئىلاجىمىز يوق ….
    يەنە بىر جەھەتتىن ئۆزەممۇ تا ھازىرغىچە كۈندە بلوگباستىكى ئۆزەم ياخشى كۆرىدىغان بلوگلارنى ئارىلاپ تۇرساممۇ ، تۈزۈكرەك ئىنكاس يېزىشقا ھورۇنلۇق قىلدىم. قارىغاندا بلوگگىرلار ئارا مۇناسىۋەتنى ياخشىلاشتا ئۆزەمدىن باشلاپ دىققەت قىلسام بولغۇدەك.
    بولدىلا ھەممە گەپنى ئۆز بلوگىمدا ئۆزەمگە سۆزلەۋەرمەي ئاۋۋال 80 خالتا بلوگىدىن باشلاپ بىر پەتىلەپ، ئەھۋال سوراپ چىقاي … نەدە بولاپ كەتتى ماۋۇ يۈكسەل بلوگلار ئۇلىنىش بېتىنىڭ تۇغى ؟! …[/reply]

  2. shah مۇنداق يازغان:

    ھەقىقەتەن جايىدا گەپ بولۇپتۇ، ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىنى تەرەققى قىلدۇرىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم ئۆز ئارا ھەمكارلىق كەم بولسا بولمايدۇ، يالغۇز ئاتنىڭ چىڭى چىقماس دېگەن سۆز بىكار چىقمىغاندە، ئۆز ئارا ھەمكارلىشىش ئۆز ئارا پىكىرلىشىش ئارقىلىقلا ئاندىن ئۇيغۇر بىلوگچىلىقىدا رەڭگارەڭ ئۆزگىچىلىككى ئىگە بىلوگلارنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ

  3. uyghurbeg مۇنداق يازغان:

    مەن كۈندە كىرىپ كېلىۋاتىمەنغۇ ~~[face25]

  4. uyradiofan مۇنداق يازغان:

    لىكىنزە قوي سويۇپ مىھمان قىلىمەن دېسىڭىز ھىچكىم ياق دىمەسمىكى .
    مىنىڭچىمىۇ بىر لەشكەن ئوزار ،بىرلەشمىگەن توزار .

  5. بەخىت مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ شۇنى تەۋسىيە قىلماقچىمەن! قېرىنداشلارمىنىڭچىمىۇ بىر لەشكەن ئوزار ،بىرلەشمىگەن توزار ! :smile:

uyghurbeg 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟