نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھەققىدە 4 خىيال

مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھەققىدە 4 خىيال

ھېكايەت: 10 نەچچە ياشلىق 30 چە ئوقۇغۇچى بالىغا تولغان سىنىپ. ئوقۇتقۇچى بالىلاردىن  مەكتەپكە كەلگۈچە بولغان يولدا دۇچ كەلگەن تۈرلۈك قاتناش مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشتا قانداق ئوي خىياللىرى بارلىقىنى سورايدۇ. نۇرغۇنلىغان ئوقۇغۇچىلار قاتناشنى راۋانلاشتۇرغۇچى مۇئەسسەسەلەرنى ئورنىتىش ، ئاسما كۆۋرۈك ياكى يەر ئاستى ئۆتۈشمىسى ئورۇنلاشتۇرۇش، فوسفور سىزىقلىق چاپان كىيىش ، ماشىنىلارنىڭ يۈرۈش سۈرئىتىگە چەك قويۇش قاتارلىق چارە – ئاماللارنى ئويلاپ چىققانلىقىنى ئېيتىشىدۇ. بۇ ئاماللار قارىماققا ناھايىتى ئورۇنلۇق ۋە ئوقۇتقۇچىنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان جاۋابلار بولۇپ، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولىنى ھەممە كىشى شۇنداق ئويلايتتى.
ئىمران ئەمما ئۇنداق ئويلىمىدى، ئىمران ساۋاقداشلىرىنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئاڭلىۋەتكەندىن كېيىن ئەڭ ئاخىرىدا ئۆز پىكرىنى مۇنداق بايان ئەيلىدى، – مەكتەپ رەھبەرلىكى ھە دېگەندە قاتناش مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىش ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈستىدە باش قاشلىماي،  نېمە ئۈچۈن مەكتەپنى سېتىۋېتىپ، مەكتەپنى توردا قۇرۇش ، ئوقۇغۇچىلارنى بوسۇغىسىدىن ئاتلىمايلا ئوقۇش پۇرسىتىگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۇرۇنۇپ كۆرمەيدۇ ؟! …. ، – ئەلۋەتتە بۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ كۈتكەن جاۋابىغا قەتئىي ئوخشىمايتتى.
بۇ پىكىر بەلكىم تولىمۇ خىيالىي، غەيرىي بولۇشى ، ھەتتا ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىنچىلىكى يوق پىكىر بولۇشى مۇمكىن. ئۇنىڭ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرى ، ئوقۇتقۇچىسى تەرىپىدىن مەسخىرە قىلىنىشى سۆزسىز بولىسىمۇ،  ئەمما، ئۇنىڭ ئۆزگىچە پىكىرى ۋە  پىكىر قىلىش ئۇسۇلى كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتماي قالمايدۇ.

ھەممىلا ئادەم مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولمايدۇ، مۇستەقىل پىكىر قىلىدىغانلارنىڭ سانى ھامان ئازساندا بولسىمۇ، ئۇلار تەرىپىدىن ئىشلەپ چىقىلغان ئۆزگىچە پىكىر ۋە ھۆكۈملەر كۆپۈنچە بىباھا بولىدۇ. بىزنىڭ رادىئو – تېلېۋىزور، گېزىت – ژۇرنال قاتارلىق تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېرىشكەن ئۇچۇرلىرىمىزنىڭ ھەممىسى مۇستەقىل پىكىرنىڭ مەھسۇلى بولماستىن، قېلىپلاشقان ، ئادەت خاراكتېرلىك بىلىملەرنىڭ قايتا كۆشىلىشىدۇر. ئەتراپىمىزدىكى كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى مۇستەقىل پىكىر قىلىش ئىقتىدارى يوق ياكى تولىمۇ ئاجىز بولغان كىشىلەردۇر. شۇڭا، كۆپ قىسىم كىشىلەر دائىم باشقىلارنىڭ پىكىرى خاھىشى ۋە پىكرى يېتەكلىشى بويىچە ئۆز ھاياتلىرىنى رەئىسلىشىدۇ. ھەتتا، بەزىلەر باشقىلار << ما پوق ئەمەس ، بەتتە  پولۇ قېنى يە ! >> دېسىمۇ يەڭ شىمايلاپ يالماپ يۇتۇشقا ئاران تۇرۇشىدۇ. كاللا تۇرۇپ پىكىر قىلماسلىق، ئۆزىنىڭ مۇستەقىل قارىشى بولماسلىق بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋالدۇر. بىز ئۆز ئەھۋالىمىزنى ياخشىلايمىز ۋە ئۆزگەرتىمىز دەيدىكەنمىز چوقۇم مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىشىمىز ۋە شۇنداق قىلىشىمىز لازىم.
بۇنداق چاغدا مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى تەشەببۇس قىلىش ۋە مۇستەقىل پىكىر قىلىشنى ئۆگىنىش ھەققىدە ئىككى كەلىمە سۆزلەش ھەرگىزمۇ ئارتۇقلۇق قىلمىسا كېرەك. تۆۋەندە مەن ئۆزەمنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھەققىدە ھېس قىلغانلىرىمدىن ئازراق سۆزلەپ باقسام ، قالغىنىغا تورداشلارمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ باقسا، شۇ باھانىدە مۇستەقىل پىكىر قىلىشنىڭ يولى ياكى ئېپىنى ئاز تولا بولسىمۇ بىلىپ قالساق، ئەڭ بولمىغاندا مۇستەقىل پىكىر قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە بىر خىيال سۈرۈپ قالساق ئەجەب ئەمەسقۇ !؟ …

1 . ئادەت خاراكتېرلىك تەپەككۇرنىڭ مەنبەسىنى ئۈزۈش

بىر ئىش ھەققىدە ئويلانغاندا ئاۋۋال كومپيۇتېرنىڭ چاتقۇسىنى توكقا چېتىپ ، تورغا چىقىشقا  ياكى مۇناسىۋەتلىك كىتاب – ماتېرىيالنى ۋاراقلاشقا ئالدىرىماي، ئالدى بىلەن ئۆزىمىز شۇ ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ ئامال – چارىلىرى ھەققىدە ئويلىنىپ كۆرەيلى. بۇنداق قىلغاندا باشقىلارنىڭ ئادەت خاراكتېرلىك تەپەككۇرىنىڭ نەتىجىلىرىنىڭ كاللىمىزغا كىرىۋېلىپ ، بىزنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىشىمىزغا بولغان دەخلىسىنى ئازايتقىلى بولۇشى مۇمكىن. بىز ئىشلار توغرىلىق پىكىر قىلغاندا، داۋاملىق باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتە نېمە دېيىشكەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلىشىمىز، ئۆزىمىز تۇيۇپ تۇيماي باشقىلارنىڭ پىكىر رامكىسى ئىچىگە كىرىپ قېلىپ مۇستەقىل پىكىر قىلىشتىن مەھرۇم قالىمىز. شۇڭا، باشقىلارنىڭ بۇ ھەقتە نېمە دېگەنلىكىگە زەڭ سالماي ، ئۆزىمىزنىڭ بۇ ھەقتە قانداق، نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىمىزغا زەڭ سېلىشنى ئۆگىنىش كېرەك.

2.  قاشتا تۇرۇپ پىكىر قىلىش

مەلۇم بىر ئىش ئۈستىدە پىكىر قىلغاندا،  مەزكۇر ئىش ئۈسىتىدە پىكىر قىلىۋاتقانلارنىڭ پىكىر ئېقىمىغا ھاپلا – شاپلا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتمەسلىك، ھە دېگەندە ئومۇمىي ئېقىمغا ئەگىشىپ كەتمەسلىك، كاللىنى تېخىمۇ سەگەك تۇتۇپ، قاشتا تۇرۇپ ئېقىمنى كۆزىتىش، ئۇنى ئىمتىھانلاش زۆرۈر. سەللا ئۆزىمىزنى توختىتىۋېلىپ، تەمكىنلىك بىلەن ئوبدان كۆزەتسەك، باشقىلارنىڭ كۈچەپ بازارغا سېلىۋاتقان پىكرىنىڭ ئانچە ۋاي دېگۈچىلىكى يوق پىكىر ئىكەنلىكىنى، ئەكسىچە كاللىمىزدا زاھىر بولىۋاتقان پىكىرنىڭ ھەقىقىي قەدىرلەشكە تېگىشلىك ئۆزگىچە پىكىر ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

3. تەتۈر تەپەككۇر قىلىش

مەزكۇر ئىش ئۈستىدە باشقىلارنىڭ كۆپرەك نېمە دەۋاتقانلىقىغا ئېرەنشىمەي، مەزكۇر ئىشنىڭ باشقىلار تېخى تىلغا ئېلىشمىغان، باشقىلارنىڭ خىيالىغا كەلمىگەن تەرەپلىرىنى كۆزىتىش ۋە باشقىلار بىلەن ئوخشىمىغان نۇقتىدىن، ھەتتاكى تەتۈرىدىن چىقىپ پىكىر قىلىش. كۆزىتىش نۇقتىسىنىڭ ئوخشىماسلىقى  بىزنى ئۆزگىچە پىكىر قىلىش سۇپىسى بىلەن تەمىن  ئېتىشى مۇمكىن. ئوڭ ئويلاپ ھەل بولمىغان مەسىلە، تەتۈر ئويلاپ ھەل بولۇشى تامامەن مۇمكىن.

4. گۇمانىي قاراشنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا ماھىر بولۇش

ئەتراپىمىزدىكى شەيئى ۋە تۈرلۈك پىكىرى – قاراشلاردىن مۇۋاپىق دەرىجىدە گۇمانلىنىشنى  ۋە گۇمانىي قاراشلىرىمىزنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئۆگىنىپ قويۇش كېرەك. مۇتلەق ھەقىقەت بولغان نەرسىلەر بەكمۇ ئاز، پەقەت گۇمانىي پىكىر قىلىشقا ماھىر بولغاندىلا، تۈرلۈك – تۈمەن پىكىرى – قاراش  ياكى شەيئىلەر ئارىسىدىن ھەقىقىي ۋە دۇرۇسلىرىغا يېقىنلىشىش مۇمكىن.

مېنىڭ ئېيتقانلىرىم تولىمۇ ئاددىي ۋە يۈزە بولۇپ قالغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما، بۇمۇ كۆپچىلىكىنىڭ مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھەققىدە ئىزدىنىشىنىڭ زۇۋۇلىسى بولۇپ قالسا ئەجەب ئەمەس.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : مۇستەقىل پىكىر قىلىش ھەققىدە 4 خىيال

خەتكۈچ:

يازما مەنزىلى: 

تورداشلار شۇ تاپتا ئوقىۋاتقان يازمىلار :

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟