بۇ دوختۇرخانا ئاپتونوم رايون تەرىپىدىن بېكىتىلگەن ئەيدىز بىمارلىرىنى داۋالايدىغان مەخسۇس دوختۇرخانا بولۇپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ۋىرۇسقا قارشى داۋالاش ۋە تىپىك پۇرسەتلىك يۇقۇملىنىشلارنى داۋالاش مۇلازىمىتىدىن سىرت يەنە تۆۋەندىكىدەك مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەيدۇ.
- يۇقۇملانغۇچىلارغا مەسلىھەت بېرىش قىزىق لىنىيە مۇلازىمىتى (24 سائەت)
- يۇقۇملانغۇچىلار ۋە بىمارلارغا قەرەللىك ئەيدىز ساۋاتلىرى، ئائىلىدە كۈتۈنۈش بىلىملىرى ۋە تۇرمۇش تەجىرىبىلىرى ئۆگىتىلىدۇ.
- يۇقۇملانغۇچىلارغا يۈز تۇرانە بىرمۇ بىر مەسلىھەت بېرىش ۋە بۇ ئارقىلىق پىسىخىكا تەرەپتىكى يۈكىنى يەڭگىللىتىش.
- ھەر ئايدا يۇقۇملانغۇچىلارغا ۋە بىمارلارغا كۆڭۈل ئېچىش پائالىيتى ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق يۇقۇملانغۇچىلار ئۆز- ئارا تونۇشىدىغان ۋە پىكىر ئالماشتۇرىدىغان سورۇن ھازىرلاپ بېرىش.
- مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ، يۇقۇملانغۇچىلانىڭ ئائىلىسىگە ياردەم بېرىش
- ھەر قايسى داۋالاش ئورگانلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، دوختۇرلار بىلەن بىمارلارنىڭ پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە داۋالىنىشىغا ياردەم بېرىش.
- يۇقۇملانغۇچىلار ۋە ئائىلىسىگە قانۇن تەرەپتىن مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش.
- ھەر خىل تەشۋىقات ماتېرىياللىرى، كوندوم(بىخەتەرلىك قاپچۇقى) ۋە شپېرىس بىلەن ھەقسىز تەمىنلەش.
ئالاقىلاشقۇچى: دىلبەر
مەسلىھەت سوراش تېلېفونى: 2659456-0991، 2623453-0991
ئادرېسى: ئۈرۈمچى شوربۇلاق 1-كوچا 141- قورو ئاپتونوم رايونلۇق يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى