torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

2010-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 4399 ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالدى

جۇڭگو كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش مەركىزى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 2010-يىلى بىر يىل ئىچىدە يېڭىدىن بايقالغان ئەيدىز يۇقۇمدارى 4399 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 1925 ئادەمدە ئاللىقاچان كېسەللىك قوزغالغان، يەنە 1242 نەپىرى ئۆلۈپ كەتكەن. شۇنىڭ بىلەن 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تىزىمغا ئېلىنغان جەمئى ئەيدىز يۇقۇمدارىنىڭ سانى 33149 غا يېتىپ، مەملىكىتىمىزدىكى ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ئېغىر بولغان 5 ئۆلكە( ئاپتونوم رايون) نىڭ بىرسى بولۇپ قالدى.

 2010-يىلى 4-پەسىلدە، ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىملانغان يۇقۇملانغۇچى 1002 نەپەر بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرلەر 587 نەپەر، ئاياللار 415 نەپەر، ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ نىسبىتى 1.4:1 بولغان.

ياش قاتلىمى جەھەتتىن، بۇ پەسىلدىكى يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىچىدىكى 20 ياشتىن 49 ياشقىچە ئارىلىقتىكىلەر 88.7% نى ئىگىلىگەن.

 كېسەللىكنى يۇقتۇرىۋېلىش سەۋەبى جەھەتتىن تەھلىل قىلغاندا، بۇ 1002 نەپەر يۇقۇملانغۇچىنىڭ ئىچىدە ئەر-ئاياللىق جىنسى مۇناسىۋەتتىن يۇقۇش ئاساسلىق بولۇپ، 48.5% نى ئىگىلىگەن، زەھەرلىك چېكىملىكنى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇشتىن يۇقۇملانغانلار بولسا 31.4%نى ئىگەللىگەن، بۇلاردىن سىرت يەنە ھەمجىنىسلار ئارىسىدىكى تارقىلىشىمۇ كۆپىيىپ، 2.1% كە يەتكەن. يەنە 11.5% يۇقۇملانغۇچى يۇقۇملىنىش سەۋەبىنى ئېنىق ئېيتىپ بېرەلمەيدىكەن.

بۇ پەسىلدە بايقالغان يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ رايونلار ئارا تارقىلىشىغا قارىساق، يۇقۇملانغۇچى كۆپ بايقالغان رايونلار تەرتىپ بويىچە ئىلى ئوبلاستى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئاقسۇ ۋىلايىتى، قەشقەر ۋىلايىتى، بايىنغۇلىن ئوبلاستى ۋە خوتەن ۋىلايىتى ئىكەن.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : 2010-يىلى ئاپتونوم رايونىمىزدا 4399 ئەيدىز يۇقۇمدارى بايقالدى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!3 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئىزتىل مۇنداق يازغان:

    نىجىس كېسەل كۆزۈمىزدىن قاچانمۇ يۇقىلار ؟ ئۇيغۇرلارنىڭ جېنىنى قىرقىيدىغان مەلئۇن ، ھەر بىر ئۇيغۇر ياشلىرىمىزنىڭ ( جۈملىدىن ئۆزەممۇ بار) بۇ نىجىستىن يىراق تۇرىشىنى ئەسكەرتىمەن ، توغرا بولغان تۇرمۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك .

  2. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ئادەمنى تىترەك بېسىپ كېتىدىكەن ما ماقالىنى ئوقۇسا… ئاللاھ ساقلىسۇن…

  3. جۇلالىق مۇنداق يازغان:

    2010-يىلى بۇنچە كۆپ بولسا 2011-يىلى قانداق بولۇپ كېتەر؟
    ئاللاھ ئىگەم، داۋاسى يوق ۋابالاردىن ساقىلغايسەن!

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟