نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

يۈكسەلنىڭ بازار چۆرگىلەش خاتىرىسى

توي مۇناسىۋىتى بىلەن يۇرتۇم مارالبېشىدىن بىرقانچە ئانا بۇيان تاغىلىرىم ئۈرۈمچىگە كېلىشكەن بولۇپ، قايسى كۈنى ئۇلارغا ھەمراھ بولۇپ بازار چۆرگىلىشىپ بەرگەن ئىدىم. بازار چۆرگىلىش جەريانىدا سادىر بولغان مۇنۇ 2 ئىشنى بۈگۈن ئوقۇرمەنلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم. بەلكىم ، گەرچە ئىش – ۋەقەلەر تولىمۇ ئاددىي بولسىمۇ، ھەممىسى رېئال تۇرمۇشنىڭ ئەينى بايانى بولغاچ، ھەرقايسمىزنىڭ كاللىسىدا ئوخشىمىغان ئۇي – پىكىرلەرنى ھاسىل قىلسا كېرەك.

كەمەك ھەييار _ گېزىتچى ئۆسمۈر

بۇلاق بېشى ( سەنشىخاڭزا ) دىن خەلقئارا بازار ( دابازا ) غا قاراپ كېتىۋاتقان ئىدۇق. تۇساتتىن قېشىمىزدا 7 – 8 ياشلاردىكى گېزىت ساتقۇچى بالا پەيدا بولۇپ قالدى. بىز ئۇنىڭغا تازا دىققەت قىلماپتۇق.
- ئاكا سىلەر گېزىت ئوقۇمامسىلەر؟
گېزىت ئوقۇش نىيىتىمىز بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بىز ئۇنىڭ سۇئالىغا جاۋاب بەرمەي ئالدىمىزغا قاراپ مېڭىۋەردۇق.
- مۇشۇ سۆلىتىڭلارغا بىرەر پارچە گېزىت كۆتۈرىۋالغان بولساڭلارمۇ يارىشاتتى …
بۇ گەپنى ئاڭلام ئىختىيارسىز قەدەملىرىمىز توختاپ، ئۇنىڭغا قارىدۇق. ئۇ ھېچ ئىش بولمىغاندىكىدەك،
- ئەپەندىملەردەك يامان سالاپەتلىك ئىكەنسىلەر شۇڭا …
- بىر يۈرۈش گېزىتىڭ نەچچە پۇل ، تاغىلىرىمدىن بىرى سورىدى.
- ئاران 2 كوي ئاكا ( گېزىت سېتىۋېلىش نىيىتىگە كەلگەنلىكىمىزنى كۆرۈپ ئۇ 1 يۈەن باھا قوشىۋالغان ئىدى )
- بىر يۈرۈش بەرگىن ئەمسە
ئۇ بىر يۈرۈش ئەمەس پەقەتلا ‹‹ قانۇنچىلىق گېزىتى ›› نى تەڭلەپ قاراپ تۇردى.
- ۋوي ئاران بىرلا گېزىتكەنغۇ، كەچلىك گېزىتچۇ ؟ دېدىم مەن.
- باشقا گېزىتلار چاغاندا دەم ئاپتۇ ئاكا
- مۇشۇ بىر پارچە گېزىتىڭنى 2 كويغا ساتامسەن ؟
- ئەمسە 1 كويغۇ بولار ؟!
دەل شۇ چاغدا تاغىلىرىمدىن بىرىسى گېزىتكە كۆز يۈگۈرۈتكەچ:
- قاچاننىڭ گېزىتى بۇ ئۇكام
- بۈگۈننىڭ ئاكا
- بۈگۈن چىسىلاغا قانچە؟
- گېزىتتە قانچە دەپ يېزىپتۇ ئاكا ؟
- 19 دەپ تۇرىدىغۇ ؟
- دەل شۇ ، بۈگۈن چىسىلاغا 19
- ھەي ، بايا تېخى چاغاننىڭ گېپنى قىلىۋاتاتتىڭغۇ ؟
- شۇ بۈگۈنمۇ چاغانغۇ …..
بۇ بالىدىكى ھازىر جاۋابلىك ، گېزىت سېتىشتىكى ھەييارلىققا قايىل بولغاچ، بىز ئۇنىڭدىن بىر قانچە پارچە گېزىت سېتىۋالدۇق. ئۇ شۇ كۈن كەچ كىرگىچە بىزنىڭ پاراڭلىرىمىزغا ئوبدانلا خۇرچ بولدى. تاغىلىرىمدىن بىرى ئۇنىڭدىكى سوغۇققا قارىماي گېزىت سېتىش روھىنى ماختىسا، يەنە بىرى ئۇنىڭدىكى چېچەنلىكنى ماختايتتى، مېنىڭ خىيالىمدىن : ‹‹ جاھاندىكى باشقا ئۆسمۈرلەرگە ئوخشاش ئۇمۇ يۈكسەلنىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكىدەك ‹‹ ئالتۇنرەڭ بالىلىق ›› ىغا قېنىپ ئوينىشى ، قىشلىق تەتىلىنى خۇشال – خورام ئۆتكۈزۈشى ، ھېچ بولمىغاندا تەتىل تاپشۇرۇقى ئىشلىگەچ تېلېۋۇزور كۆرۈشى كېرەك ئىدى . بۇنچە بالدۇر تۇرمۇشنىڭ ئاچچىق – چۈچۈكىنى تېتىماسلىقى لازىمتى … ›› دېگەندەك ئويلار كېچەتتى…

نائىنساپ سودىگەر – قەشقەرچە سېسسىق گەپ

ئاكىلىرىمدىن بىرى ئۇچامدىكى مايكىنىڭ ئوخشىشىنى سېتىۋالماقچى بولدى. بۇ مايكىنى تېخى ھەپتە بۇرۇن مەلۇم داڭلىق مىللىيچە كېيىم – كىچەك مەخسۇس سېتىش دۇكىنىدىن سېىتىۋالغان ئىدىم، مەن ئۇلارنىڭ دائىملىق خېرىدارى ئىدىم. ئاكىلىرىمنى ئۇدۇل شۇ دۇكانغا باشلاپ كىردىم – دە، ئېسىغلىق مايكىلارغا بىرەر قۇر كۆز يۈگرىتىۋەتكەندىن كېيىن ئۇچامدىكى مايكا بىلەن ئوخشاش پاسوندىكى ئەمما باشقا رەڭدىكى بىر مايكىنى تاللىدۇق، بۇ دۇكان مۇقىم باھالىق دۇكان بولغانلىقى ئۈچۈن ، باھا سوراشنى بىھۇدە بىلىپ، پۇل تۆلىمەكچى بولۇپ ئىناۋەت كارتىسىنى خوجاينىغا بەردىم. كۈتمىگەندە، ئۆتكەنكىگە قارىغاندا 20 يۈەن ئارتۇق پۇل ئاپتۇ. بۇ ئىنساپسىزلىقنى كۆرۈپ ئوغام قاينىدى. ئۇدۇللا بىر نېمە دەي دېدىمۇ ئۆزەمنى تۇتىۋېلىپ، يانچۇقۇمدىن پورتمالنى چىقىرىپ، 20 يۈەننى ئېلىپ خوجاينىغا تەڭلىدىم.
نېمە ئىش بولغىنىنى ئاڭقىرىپ بولالمىغان خوجايىن تەئەججۈپلىنپ كۆزلىرىمگە قارىدى. مەن ئۈستۈمدىكى مايكىنى ئىشارە قىلىپ: ‹‹ ماۋۇ مايكىنى تېخى ھەپتە بۇرۇن مۇشۇ دۇكاندىن ئالغان ئىدىم، ئەينى چاغدا ھازىرقىدىن 20 يۈەن تۆۋەن باھادا ئەپ قاپتىمەن. بۇ 20 يۈەن سىلەرگە ئوخشاش سودىگەرلەرگە سىڭگەن بىلەن ماڭا ئوخشاش ھالال يەيدىغان كىشىگە سىڭمەيدۇ. شۇڭا، بۇنى قوبۇل قىلسىلا … ›› دىدىمۇ ، پۇلنى پۇكەيگە قويۇپ، ئاكىلىرىمنى باشلاپ دۇكاندىن ئالدى – كەينىمىزگە قارىماي يېنىپ چىقتۇق. ئارقىمىزدىن كىملەردۇر ‹‹ ھوي ، ماۋۇ پۇلنى … ›› دەپ توۋلىغاندەك قىلدى. ئەمما، بىز پەرۋايمىزغا ئالماي يۈرۈپ كەتتۇق.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : يۈكسەلنىڭ بازار چۆرگىلەش خاتىرىسى

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!17 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تەدبىركار مۇنداق يازغان:

    بۇدا بازارغا چىقسام، ناۋادا ئاۋۇ گېزىتچى بالىنى ئۇچرىتىپ قالسام، چوقۇم بىر پاراڭلىشىپ ئۆتسەم بولغۇدەك.

  2. سەھرالىق مۇنداق يازغان:

    ياۋ پاناھ…يۈكسەلبايمۇ تورپاقنى چىمداپ ئۆلتۈرىدىغىنىدىنكەن مانا…جىڭ قاشقالىقتەك گەپ قىپسىزغۇ… بىچچارە سودىگەرنىڭ نەچچە كۈنگىچە يىگىنى چىرايىغا چىقمايدىغان بولدى….

  3. FinalFantasy مۇنداق يازغان:

    يۈكسەلمۇ قەشقەردىن ئىكەندە ئەسلى… :smile:

  4. ئەرچىن مۇنداق يازغان:

    قاتناش چىرىقى ۋە گېزىت ساتقۇچى بالا

    (داستان)
    بېلىقىز مۇھەممەد

    (1)

    كۆيگەن يۈرەك

    ئايلانغاندا ۋۇجۇدۇمنىڭ تېڭىغا

    پەرۋاز قىلدىم

    ھېكمەتلەر ئارا.

    توزغاق كەبى توزار خىيالىم

    خېرىدارنى چىللاپ ھەر زامان

    گېزىت ساتسا سەرگەردان بالا….

    بىراق ئۇ

    تۇتىيادەك شۇنچە قەدىردان-

    ئانىسى ئۈچۈنلا ئەمەس سەرگەردان

    رېئاللىققا غالىب ئارسلان…

    (2)

    ئالتۇن كۈزدە

    ياپراقلار كۈلەر

    ئايلانسىمۇ خازانغا،

    چۈنكى قارلار

    يالقۇن بولۇپ گۈرۈلدەپ

    قۇچاقلايدۇ جىسمىنى

    ئارمانلار

    تىپىرلايدۇ،چىللايدۇ

    قويۇپ بىرىپ

    شۇنچە ياڭراق ئۈنىنى..

    ۋاقىت

    تەلۋىلەرچە يۈگۈرەر

    ئادەملەر كېلىپ كېتەر بۇ ئۇزۇن يولدا

    سائەت ئىسترېلكىسى ئەمەس ھەم جىمجىت

    لېكىن

    يەر شارىدا مۇنداق ئورتاقلىق

    قىزىل

    يېشىل

    سېرىق قاتناش چىرىقى

    دائىم ئۆچۈپ- يانار

    كۆكتە ئىسىقلىق…

    ئەمما

    گېزىت ساتقۇچى بالا

    دوقمۇشلارغا دائىملىق نوپۇس…

    (3)

    رىۋايەتلەر –مەۋھۇم ھەقىقەت

    ئائىلىنى ئۇنتار جۇۋانلار

    دېڭىزدىكى پەرىزات قىزدەك

    يالىڭاچلىنار

    ئۈنى ئۆچكەن

    كۈيى كۆچكەن

    ئىزگۈ ناخشىلار

    ھەم

    يالىڭاچلىنار

    قۇرۇغان ياشلار…

    سەرسان ياش تامچىسى

    گويا

    خاتا ئۇرۇلغان بىليارت تېشىدەك

    دومىلىسا نۇمۇسچان يۈزدە

    غال-غال تىترەر ئەركەك پالۋانلار…

    گېزىت ساتقۇچى بالا ۋە لېكىن

    توساتتىن ئايلىنىپ

    باھادىر شاھقا

    شۇ مېھرىبان ئانا باغرىدا

    قىلار جەۋلانلار

    گېزىت ساتقۇچى بالا

    سانسىزلىغان ئارمانلار ئارا

    گېزىت يۈزىدە يارىتار

    كىچىككىنە جىسمىنى شۇ دەم…

    (4)

    ئۆمۈچۈك

    چۈمۈلە

    رەڭدار كېپىنەك

    قۇرىغاچ ئېقىن

    تارايغاچ بوستانلار

    ساقلاش ئۈچۈن زېمىن گۈزەللىكىنى

    كۆتۈرەر غەۋغا

    قەلبى يارا يەرشارى ئانا

    ئۇزاق-ئۇزاق چۆكەر خىيالغا

    بىراق

    ئۈمىد نۇرىغا تولغان قارچۇقلار

    توقماق بولار

    خۇددى ئۇر توقماق

    ئۆزى ئۈچۈن

    ئەڭ ئاخىرقى كاتتا ئەپسانە

    يېشىل چىراغ يېقىلغان مەھەل

    بالا قايتار

    ئاندىن ئۆزىگە…

    ئورۇق پۇتلار چاپار ھەر تەرەپ

    كۈلۈمسىرەپ ئۈمىد ئىچىدە

    ماشىنا كۆزنىكىنى چېكەر بىرمۇ-بىر

    ئايرىماستىن شاھ ۋە پۇقرانى

    -گېزىت!

    -گېزىت!

    -يېڭى گېزىت!

    -يېڭى خەۋەرلەر!

    -ئاجايىپ خەۋەرلەر!

    -ئاكا گېزىت ئالامسىز؟

    -ھەدە گېزىت ئالامسىز؟

    -تاغا…

    گېزىت ساتقۇچى بالا

    چاقىرار يەنە ئاللىكىملەرنى

    پەرۋايى پەلەك

    باشقىلار

    ئويلار نېمىلەرنى؟…

    گۆدەك ئاۋازى سېلىپ زىلزىلىگە

    ئەتراپىنى

    ھەتتا ئالەمنى

    ئوت ياقماق بولۇپ قاراڭغۇ دىلغا

    چېكىپ ئۆتتى ھەر بىر ئىنساننى…

    (5)

    بىر-بىرىگە ئوخشىماس چىراي

    خۇددى گېزىت بېتىدەك

    ئاق ۋە قارا

    يەنە بار سېرىق

    بەكمۇ رەڭگارەڭ

    ئېچىلار ئىستەك

    بالا ياراتقان ھەسەن-ھۈسەندەك.

    ھەر خىل تېما

    ھەر خىل ئىپادە

    جىلۋە قىلار ھەر تۈرلۈك چىراي

    بالا گېزىت قولىدا

    ھۆكۈم سۈرەر شاھتەك خىرامان

    قاناتلىنىپ گۈزەل بىر ئارمان

    ئۇنتۇلدۇردى ھەممە چۈشلەرنى

    ھەتتا بايا سۈرگەن خىيالنى

    گويا مىليونېر بولۇپ كەتكەندەك

    ئانا ئاڭا قۇچاق ئاچقاندەك

    رېئاللىق بىر چۈپ قانات بەرگەندەك

    پەقەتلا بىر پارچە…

    بىر پارچە گېزىت ساتقاندا بالا

    ساھزادىگە ئايلاندى شۇئان

    قۇم دانچىسى گويا ئاق ئوردا

    دانىشمەنلەر قەلەم ئوينىتار

    زەپەر قۇچۇپ كېلەر بەختلەر

    ئاقباش ئانا قولىدا بۆشۈك

    ئەللەيلىتىپ، ئۇنى ئۇخلىتار…

    قىزىل چىراغ ئويغاتتى ئۇنى

    تەن بىلەن روھ بارىدۇ قايان؟

    چالا ئۇيقىدا قالغان تۇيغۇلار

    تىپچەكلىدى ئەسەبى بىر ھال

    ئەپسۇس…

    قارا كۆزلەر رەت قىلىپ ئۇنى

    شادلىق بىلەن سۆيۈشتى ئۆزھال…

    توۋلايدۇ بالا

    سان-ساناقسىز ماشىنا

    قىرى-ياش ئادەملەر ئارا

    -گېزىت!

    -گېزىت!

    -گېزىت ئالامسىز؟

    (6)

    گۆكىرەيدۇ نەدە بورانلار

    لەيلەر قايسى كۆلدە نىلۇپەر

    ئۈمىدلەرنىڭ كۆزىدە قۇدرەت

    مۇھەببەتتىن تۇغۇلسا نەپرەت

    ئىشەنچ يۈرەر نەدە تەمتىرەپ؟…

    ئۈمىدسىز بىر كەچكى شىۋىرغان

    تېپىش ئۈچۈن ياپيېشىل ئاسمان

    بالا بىلەن ئوخشاش خىيالچان

    خان كۆرپىسى شېرىن چۈش كەبى

    قۇچاقلىسا سەيياھ ۋۇجۇدنى

    گادايلىقتىن تا شاھلىققىچە

    تۆكۈپ بىرەر ئايغا سىرىنى…

    يېشىل چىراغ

    قىزىل چىراغ

    ساناپ باقار بالا گېزىتنى

    ۋە چاقماق تېزلىكىدە

    ئەسكە ئالار

    تاپقان تەرگەنلىرىنى

    ئەسكە ئالار

    دەردمەن ئانىنى

    ئانىسىنى يوقاتقان بالا

    يامىيالماي يىرتىق قەلبىنى

    بارماقلىرىنى تۈگۈپلا يۈرەر

    تۈگۈپ قويغاندەك ئارزۇلىرىنى…

    يېشىل چىراغ

    قىزىل چىراغ

    ئانىسىنىڭ يېشىل كۆينىكى

    بار ئىدى ھەم قىزىل كۆينىگى

    ياش ھەم چىرايلىق ئانا

    ئۇنىڭ ھەر چاغ بولغان يۆلىكى

    ئۇ تەم-تەم ماڭغان ئاشۇ يىللىرى

    ئېسىلغاندا شۇ كۆينەكلەرگە

    ئانا باغرى ئايلىناتتى

    قىزىل گۈللۈك يېشىل يايلاققا…

    (7)

    يېشىل چىراغ يېقىلدى شۇدەم

    ماشىنىلار تىزىلدى رەت-رەت

    گويا جەڭگە تەييار ئەسكەردەك

    گويا بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغاندەك

    ئارىسىدا پەيدا بولۇپ بىر تال كېپىنەك

    گويا گۈلدىن-گۈلگە قونغاندەك

    ئىشقا چۈشتى ئىشچان ھەرىدەك…

    -گېزىت!…

    -گېزىت!…

    -گېزىت ئالامسىز؟

    «ئاكا»، «ئاچا»، «ئەپەندىم»، «خانىم»

    تىلى شۇنچە تاتلىق ۋە راۋان

    خىلۋەتتىكى دانىش كاھىندەك

    جاھان ئارا يىتۈك مەدداھتەك…

    بالا توختىماستىن چاپار ھەر تەرەپ

    بىرسى لىڭشىتار ئاڭا بېشىنى

    بىرسى ئىشارە قىلار قولىنى

    ۋە لېكىن بەزىلەر تۇرار بىپەرۋا

    ئەمما

    گېزىت ساتقۇچى بالا

    ئۆز كەسپى ئۈچۈن بولۇپ ئاۋارە

    كۈلۈمسىرەر ھەر خىل چىرايغا

    (8)

    ئۈمىد دەرياسى ئۆركەشلەر ئۈنسىز

    مەكتىپىگە ماڭغان بالىلار

    قاراپ سالسا ناۋادا ئاڭا

    بىر دەقىقە تۇرار جىلمىيىپ

    خرۇستالغا ئايلانغان كۆز ياش

    ئېرىيدۇ سۇ بولۇپ زېمىن، تاغۇ-تاش…

    ۋاقىت قارىمايدۇ ئارقىغا

    يىللارنى ئۇلاپ ئەسىرگە

    گېزىت ساتقۇچى بالىمۇ بىر كۈن

    ئايلانغۇسى كونا تارىخقا

    لېكىن

    مۆجىزىگە ۋاقىت شەرت ئەمەس

    دەقىقىمۇ يارىتار نۇسىرەت

    گېزىت ئايلىنىپ ئۇچار گىلەمگە

    چىقتى بالا ئۇزاق تەلمۈرگەن

    ئاسماندىكى يۇلتۇزغا ئايغا…

    شۇ ئەسنادا ئېسىگە كەلدى بالىنىڭ

    بىرىنچى سىنىپتا ئوقوغان «ئېلىپبە» كىتابى

    ئۇنىڭدىن ئوقوغان مۇنداق قۇرلارنى:

    »ئورغاق ئايدا ئولتۇردۇم

    ئاي بولدى كىچىك كېمەم

    كۆردۈم سانسىز يۇلتۇزنى

    كۆك ئارا كېزىپ ھەردەم«①

    رىۋايەتلەر يالغان ئەمەس

    بولۇپمۇ مومىسى سۆزلىگەن رىۋايەت…

    ئورغاق ئايدا ئولتۇردى بالا

    گېزىتلەرنى تامام قۇچاقلاپ

    سانسىز چاقناپ تۇرغان يۇلتۇزلار

    سېتىۋالدى بەس-بەستە گېزىت

    مىليونېرغا ئايلاندى بالا

    (9)

    ئانىسىنى سېغىنغان بالا

    قاراپ قالار كۆككە- يۇلتۇزغا

    ئاي- يۇلتۇزمۇ غەمناك-بىچارە

    شېرىن چۈشكە بەنت بولغان بالا

    خىيالىدا ئۇچار ساماغا

    قىزىل، يېشىل قاتناش چىرىغى

    توختىماستىن كۆز قىسار كىمگە؟

    گويا، ئادەمسىز قۇرۇق شەھەردەك

    غېرىبسىنار قەدىناس دوقمۇش

    گويا، بالىسىدىن جۇدا بولغان

    غېرىب ئانىدەك…

    تونۇش ئۈنلەرگە كۆنۈك ماشىنا

    قۇماندانسىز قالغان ئەسكەردەك

    مېڭىپ يۈرەر ئالدى-كەينىگە

    (10)

    سىقىلغان خىياللار ياتار

    قاناتسىز سۇنۇق

    كەپتەر ئۈنلەر ئادەمسىز چۆلدە

    ئادەملەردىن بىزار بولغاندەك

    كۆك تامان ئارزۇلار قىلىدۇ جەۋلان

    ئۆچۈپ يانغان قاتناش چىرىغىدەك

    گېزىت ساتقۇچى بالا

    ئايلاندى ساماۋى شاھقا

    گېزىتلەر،ئانا ۋە قۇتلۇق كۈن-ئايەم

    قەلبىدە كۈلمەكتە يوپيۇرۇق ئالەم

    ئاق كېچە يوقلايدۇ ئۇنى ئاق قارلار

    ئانىنىڭ لېچىكىنى ئەسلىتەر قارلار

    بۇ دۇنيا

    رەڭلەر دۇنياسى

    قىزىل، يېشىل، ئاق…

    بالىنىڭ قەلبىدىكى رەڭلەردەك

    قىسمەتلەرمۇ خىلمۇ-خىل رەڭدە

    بىراق

    بۇلار ئەمەس رىۋايەت

    ئورغاق ئايدا ئولتۇرار بالا

    ئۇنىڭ ئەتراپى

    قىزىل، يېشىل رەڭلەرگە تولغان كەڭ دالا

    گېزىت ساتقۇچى بالا

    ئايلانغاندا يەرشارى ئايغا

    ئوت يېقىش ئۈچۈن نادان دىللارغا

    قايتىپ كېلەر

    گېزىت ساتقان كونا دوقمۇشقا

    ۋە ئوقۇتار مەرىپەت بىلەن

    گېزىت ساتقۇچى تالاي بالىنى…

    ـــــــــــــــــــــــــــــــــــ

    ئىزاھات: ①بىرىنجى يىللىقلار ئۈچۈن ئۆتۈلىدىغان ئىلگىرىكى «ئىلىپبە» كىتابىدىن ئىلىندى.

    2010-يىلى دېكابر،ئۈرۈمچى

    (ئاپتور: شىنجاڭ رادىيو-كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىدا)

  5. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ھېلىقى بىر ئەما ئادەم بارتىغۇ،دۆڭكۆۋرۈكدە گېزىت ساتىدىغان:‹‹ئېران ئامېرىكىغا گۇمپىسىنى كۆرسەتتى!››دېگەندەك ھەيۋەتلىك سۆزلەر بىلەن كىشىلەرنى جەلىب قىلىدىغان…

  6. ئۇيغۇرتېكىن مۇنداق يازغان:

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، يۈكسەل ئەپەندىم!
    مەزكۇر تېمىلىرىنى ئوقۇپ، بۇ كۆرۈنۈشلەرمۇ پېقىرنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۆتۈشكە باشلىدى. بۇ تېمىلرىغا كۆپ تەشەككۈرلەر بولسۇن!
    ئەمما مەزكۇر تېمىلىرىدا مۇنداق نۇقسانلار ساقلانغان:
    1. ئۇيغۇر يازما تىلىدا ئادەتتە 10 دىن تۆۋەن سانلار كونتېكىست ئىچدە يېزىقچە يېزىلىدۇ) بۇ ئادەتتە، كىچىك ماۋزۇ، دەرىجىسنى بىلدۈرىغان سانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ). ئەمما سىلىنىڭ بۇ يازمىلىرىدا سان-مىقدار بىرىكمىسدىمۇ سان يەنەىلا رەقەم پىتى كېتىپ قالغان.
    2. ‹‹بۇلاقبېشى›› دېگەن سۆزنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇشال بولۇپ كەتتىم، مۇشۇنداق دېسەك بەك چىرايلىق ئاڭلىنىدىكەن. ئەمما ‹‹خەلقئارا چوڭ بازار ( دابازا )›› بۇ گەپكە كەلگەندە، سىلىمۇ سۆز تەرجىمىسىنى ئېلىپ قويۇپتىلا، بىز بۇ يەردىكى چوڭنى چىقىۋېتىپلا ‹‹خەلقئارا بازار›› دېسەك، ‹‹چوڭ›› دېگەن سۈپەتمۇ مۇشۇ كونتېكىستتە ئۆز مەنىسىنى تاپىدۇ،-دە، بىز مەنە تەكرارلىقىدىن ساقلىنىمىز.

    • يۈكسەل مۇنداق يازغان:

      ئۇيغۇرتېكىن ئەپەندىنىڭ قىممەتلىك تەكلىپ – پىكىرلىرىگە ھەشقاللا! 2 – تۈرلۈك تەكلىبلىرى قوبۇل قىلىندى. 1 – تۈرلۈك تەكلىبكە قارىتا ئۆز قارىشمنى ساقلاپ قېلىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم.

  7. جامى مۇنداق يازغان:

    مەكتەپتە ماڭا ئۇنداق دەپ سالماڭ جۇمۇ …ئۇستاز

  8. كوك تۇرك مۇنداق يازغان:

    ئاجايىپ -غارايىپ ئادەملەر بار ھە ، شۇكۇنى بازار چۆگىلىگەندە مەنمۇ قېشىڭىزدا بولسامچۇ …..

  9. ي. م. ئىلقۇت مۇنداق يازغان:

    ماۋۇ يۈكسەلنىڭ سېسىق پاراڭ قىلىغىنى تۇنجى قېتىم كۆرۈپتىمەن جىما!!!!!!

  10. ئارغۇ مۇنداق يازغان:

    بۇ يازمىنى ئوقۇپ، گېزىت ساتىمەن دەيدىغان بىر يۇمۇرلۇق قىسقا ئاۋاز ھۆججىتى ئېسىمگە كەپ قالدى:
    گېزىت كۆرىلى گېزىت! گېزىت! يېڭى گېزت ماۋۇ! ماركو ئاپىسىنى ئىزدەپ كۇچاغا كەپتۇ. رونالدونىڭ سوناي مۇزىكىسى پاقىلارنىڭ قەلبىنى لەرزىگە ساپتۇ.يېڭى خەۋەر، شارۇلخان چىش ئامبۇلاتورىيىسىدە قوغۇشۇندىن 3 تال چىش قويدۇرۇپتۇ. خېنەننىڭ خىپ-خوپ مۇقاقمى رەسمىي نوتىغا ئېلىنىپتۇ. ئاجايىپ خەۋەر يېڭى خەۋەر! يىشيۇ شەيخ ھەزرەتنىڭ كاساياسىغا چىچىپ قويغانلىقى ئۈچۈن سەدىقە تىلىگىلى قۇمۇلغا پالىنىپتۇ.ئاجايىپ خەۋەر يېڭى خەۋەر! ئامېرىكىلىق 3 تال قارا تەنلىك نېگىر تېنچ ئوكياندىن توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ ۋەتەنگە شان-شەرەپ كەلتۈرۈپتۇ. گېزىت كۆرەيلى، گېزىت! گېتلېر كىچىكىدىنلار راۋابقا دەھشەت ئىشتىياق باغلاپتىكەن. ئاجايىپ خەۋەركەن ماۋۇ، ئاجايىپ خەۋەركەن ماۋۇ!

  11. ئۆچمەس مۇنداق يازغان:

    شۇنداق قىلىپ 40كوي بەدىلىگە ھېلىقى جازانىخور سودىگەرنىڭ قۇرسىقىنى پىجۇ قىلىۋالدىم دېسىلە يۈكسەل ئۇستام

  12. بارخان بلوگ مۇنداق يازغان:

    مىنىڭچە يۈكسەل ئەپەندى ھېلىقى جازانىخور سودىگەرگە تازا ئوبدان گەپ قىپتۇ،ئۇنداقلارغا شۇ گەپ لايىق.

  13. بىلىمدان مۇنداق يازغان:

    ئۆرۈمچىدىكى چاغلىرىمدا تولا كۆرەتتىم بۇنداق ئىشلەرنى مىنىڭمۇ شۇنداق كۈنلىرىم بولغان، گىزىت سىتىپ، دۆڭكۈۋرۈك ئەلشىر يانفۇن بازىرى ، زەپەر يانفۇن بازىرى ، چوڭ بازارنىڭ ئالدىلىرىدا ، يوغان لىگەننى بىشىمنىڭ ئۈستىگە قويىۋىلىپ توۋلاپ يۈرگەن كۈنلىرىم بولغان، سىزغۇ بىزدىن نەچچە ھەسسە ياخشى يۈكسەلكە ، داڭلىق دۇكانلاردىن نەرسە كىرەك سىتىۋالىسىز، تىخى كارتا ئارقىلىق دەڭە، زامان تەرەققى قىلدى ئەمەسمۇ، بىزمۇ يىتەرمىز شۇ كۈنلەردە ئۇنداق دىسەم كەمبەغەل دىمەڭ، مىنىڭ تۇرىۋاتقان يىرىم تىخى تەرققى قىلىش باسقۇچىدا، تورغا چىقىش بىرخىل قىزقىش ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى تەرەققى قىلدۇرۇش

  14. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    ئاۋۇ بالىمۇ قەشقەرلىك بولغىيمىدى؟ ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ھېلىقى ئىتوتتىكى دېئالوگى ئېسىمگە كەپقالدى

  15. باچكا مۇنداق يازغان:

    مەن 12 ياش ۋاقتىمدا، 2- دوختۇرخانا ئالدىدىن ئاپتوبوس ماڭاتتىكەن، بىر كىچىك بالا گازىر- پۇرچاق سودىلىقى قىلىپ چىقىپ كەلدى، ئالسام نىمە دەپ بېرىسەن، دىگەن خېنىملارغا: «ئاپپاق ئاچا دەيمەن»، «ئاسمانغا پىچاق ئاتىدىغان پەرى ئاچا» دەيمەن…. دەپ ھەممىمىزنى بىر كۈلدۈرگەنتى..

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟