نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نەزمىي ئەسەرلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

تۈمەن ساداسى

م ئا يۈكسەل

گۈزەللىك قوينىدا تەۋرىنەر لەرزان،
شوخ تۈمەن كۈۋەجەپ توختىماي بىردەم.
مۇڭداشتىم ھەر دولقۇن، ھەر بۇژغۇن بىلەن،
ھاياجان قاينىمى ۋۇجۇدۇم شۇ دەم.
تەپەككۇر دۇلدۇلۇم ئۈندەيدۇ ئالغا،
دىلىمدا ئالەمچە سۆيگۈ مۇجەسسەم.

ئەي تۈمەن، ئىلھامىم جور بولار مەڭگۈ،
سېنىڭ ھەر دولقۇنۇڭ – ئۆركەشلىرىڭىگە.
ئاقىمەن سەن بىلەن ئۇپقۇنلار يېرىپ،
قوشۇلۇپ ھەيۋەتلىك ئۆرلەشلىرىڭىگە.
ئاقىمەن سەن بىلەن، قاتىمەن ئاۋاز،
ئەۋلادنى يۈكسەككە ئۈندەشلىرىڭىگە.

 

ئەي تۈمەن، ھەر شاۋقۇن، ھەربىر تىنىقىڭ،
ئەسىرلىك كەچمىشتىن بېرىدۇ دېرەك.
پەھلىۋان ئەجدادلار ساداسى سەندە،
تەلپۈنەر ھۆسنىڭگە شۇڭا ھەر يۈرەك.
يالقۇنلۇق، پەخىرلىك سانسىز قىسسەلەر،
نامىڭنى ئالەمگە قىلىدۇ كۆرەك.

 

ئەي تۈمەن، ئاقىسەن بەزىدە ئوقچۇپ،
بۇژغۇنلار چاچرىتىپ، كۆتۈرۈپ چوقان.
ئاقىسەن بەزىدە كۈۋەجەپ توختاپ،
دىلىڭدا بار قانداق شادلىق ۋە پىغان؟!
مەن شۇنداق جاراڭلىق قىلسام سۆز – خىتاب،
ئاخىرى جاۋابقا سۈردۈڭسەن زۇۋان:

 

‹‹ كۆردۈم تالاي يىللار كارۋىنى،
مېنىڭ بىلەن ئۆتتى سىردىشىپ.
ئەل كەچمىشى، كۈرمىڭ ۋەقەلەر،
شەپىسىزلا ئۆتتى سوڭدىشىپ.
سانسىز ئەجداد، ئوت يۈرەك ئوغلان،
مېنىڭ بىلەن ئۆتتى مۇڭدىشىپ.

 

نەچچە مىڭ يىل بۇرۇن بۇ يەردە،
ئۇيغۇر ھەيۋەت شەھەرلەر قۇرغان.
قەشقەر، ئاتۇش، بارچۇق ، يەكەنلەر،
روناق تېپىپ قەد كېرىپ تۇرغان.
ھاياتلىقنىڭ قۇۋناق ئېقىمى،
بۇ ۋادىدا ئەركىن جۇش ئۇرۇپ تۇرغان.

 

ئوغۇزخاننىڭ ئۇچقۇر ئارغىمىقى،
ئىچكەن مېنىڭ زۇمرەت سۈيۈمنى.
فارابىمۇ ئاڭلىغان كېلىپ،
مېنىڭ ئوتلۇق، ياڭراق كۈيۈمنى.
گۈل – چېچەككە ئورىغان تامام،
باتۇر ئەۋلاد چەكسىز بويۇمنى.

 

دۇلدۇل مىنىپ كۆكۈل ۋادامدىن،
ئۆتكەن ئۇلۇغ خاقان تۈمەنخان.
سۈرۈپ قوغلاپ ۋەھشىي ياۋلارنى،
ئىستىقبالغا داغدام يول ئاچقان.
شۇندىن بۇيان مېنىڭ نامىممۇ،
خان نامىدا تۈمەن ئاتالغان.

 

مەھمۇد، يۈسۈپ ئىككى ئۇلۇغ زات،
ماڭا ئىدى مەھلىيا – تەشنا.
قىسمىتىمگە ، تەقدرىمگە ھەم،
چىن ھەمنەپەس ئايرىلماس ئاشنا.
ئېيتىشاتتى ماڭا بېغىشلاپ،
مىسلى ھېكمەت يالقۇنلۇق ناخشا.

 

ناۋايىدەك نۇرلۇق يۇلتۇزلار،
قالدۇرغانتى مەندە ئىزلارنى.
شۇڭا مەنمۇ دولقۇنلاپ خۇشال،
بېسىپ چۈشكەن ھەر دېڭىزلارنى.
بەزى سالغان غەزەبلىك شاۋقۇن،
قوللاپ مۆلجەر تاغلىق قىزلارنى.

 

بىر چاغ كېلىپ باتۇر ئەخمەتجان،
مەغرۇر مېڭىپ ساھىلىم كەزگەن.
قۇلاق سېلىپ مۇڭلۇق كۈيۈمگە،
يېڭى ھايات كۈيىنى سەزگەن.
( يېڭى ناخشا ئېيتماي قانداقمۇ،
تۇرسام زۇلمەت تۈنىدىن بەزگەن ؟! )

 

ئاڭلانغاندا چاڭجىياڭ ساداسى ،
شۇئان ئاڭا مەنمۇ دوست تارتقان.
پارلىغاندا ئۆكتەبىر تېڭى،
شاۋقۇن سېلىپ قوشاقلار قاتقان.
شادلىقىمدىن ۋۇجۇدۇم قايناپ،
ھەر تەرەپكە دولقۇنلاپ ئاققان.

 

شۇندىن بۇيان قۇياشلىق تاڭدىن،
ئۆتتى ئونى ھەمدە ئوتتۇزى،
گۈللەندۈردى كەڭرى ۋادامنى،
سانسىز ئوغلان – بەخت يۇلتۇزى.
مەن ئېرىشكەن شان – شەرەپلەرگە،
زوقلىنىشتى پۈتكۈل يەر – يۈزى.

 

مەن تەقەززار مەڭگۈ نۇسرەتكە،
نۇر دەۋرىگە ، جۇشقۇن سۈرئەتكە.
مەن چوڭ دەۋر سىمفونىيىسى،
كۈيۈم تۇتاش ھامان جۈرئەتكە.
مەندە پىغان تۇغۇلار ئەمما،
بىغەم، كۆرەڭ، قاششاق ئادەتكە ! ››

 

ئەي تۈمەن ، سەن بۈيۈك ناخشا بۇلىقى،
شاۋقۇنلۇق كۈيۈڭدىن مۇقام تۇغۇلغان.
يۇلتۇزدەك نۇرلىنىپ ھەربىر بۇژغىنىڭ،
كۈمۈشرەڭ لېنتىدەك لەرزان سوزۇلغان.
جاھالەت تۇمانى قۇترىسا يولدا،
بۇژغۇنۇڭ سەل بولۇپ ئاڭا ئۇرۇلغان.

 

ئەي تۈمەن، ھەر تامچەڭ بىباھا گۈھەر،
سەن بىلەن بوستانلار گۈللەپ ياشنايدۇ.
يېڭى يەر، يېڭى بىخ كۈچ ئېلىپ سەندىن،
ھاياتلىق مارشىنى خۇشال باشلايدۇ.
بۇ دېمەك، ھەرمىللەت ، پۈتكۈل تەبىئەت،
سەن بىلەن زەپەرگە قەدەم تاشلايدۇ.

 

ئەي تۈمەن، سەن جانلىق تارىخسەن مەڭگۈ،
ھاياتلىق كۈيلىرى سەندىن تارايدۇ.
ئەزىز ئەل، ئەزىز يۇرت، مېھنەتكەش خەلقىڭ،
سەن بىلەن جانلىنىپ ئەركىن يايرايدۇ.
سەن بىلەن ھەمنەپەس تەڭرىتېغىمۇ،
كۈمۈشرەڭ چوقىدا ئەكسىڭ چاقنايدۇ.

 

تۈمەن دەپ نامىڭنى قىلغاندا زىكرى،
دىلىمغا يالقۇنلۇق ئوتلار تۇتىشار.
ئاڭلىسام ھەر قېتىم شاۋقۇنلىرىڭىنى،
ئىلھامىم قۇشلىرى كۆككە ئۇچىشار.
ئارزۇيۇم، ئەقىدەم، جۈرئىتىم ھەم
سېنىڭدىن روھلىنىپ نۇسرەت قۇچىشار.

 

بۇ شېئىر شائىر مۇھەممەتتۇرسۇن ئابدۇلكەرىم يۈكسەلنىڭ 1998 – يىلى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان << تارىمدىن سادا >> ناملىق شېئىرلار توپلىمىدىن ئېلىندى.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : تۈمەن ساداسى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!2 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. چەۋەندازلار بلوگى مۇنداق يازغان:

    بۇ شېئىرنى يۈكسەل بلوگىدىن كۆرگىنىمدىن ئىنتايىن خۇرسەنمەن.

  2. جامى مۇنداق يازغان:

    ھازىرقى تۇمەن دەريادىن يەنە شۇنداق ئىلھاملار كىلەرمۇ ؟!!!!

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟