نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > نەزمىي ئەسەرلەر
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

مۇشەققەت گۈزەللىكى

م . ئا . يۈكسەل

 

جاپانىڭ تېگى ئالتۇن _  ئۇيغۇر خەلق ماقالى

 

كۈيلەيمەن مۇشەققەت گۈزەللىكىنى،
بار ئۇندا تەڭداشسىز ھاياتىي قۇدرەت.
كۈيلەيمەن يېڭىلىق ئەۋزەللىكىنى،
بار ئۇندا يېڭىلمەس تارىخىي نۇسرەت. 

 

كارۋاننىڭ چۆلدە يول ئىزدەش ئازابى،
پەرۋانىنىڭ يورۇقلۇق كۆزلەش ئازابى،
چۈجىنىڭ قۇزغۇننى ئالداش ئازابى،
لاچىننىڭ شامالدا ئۆرلەش ئازابى.

قىسقىسى، ھەممىگە ئەكىلەر ئازاب،
يېڭىلىق، گۈزەللىك، يېڭى باشلىنىش.
شادلىققا يەتكۈزەر ئازابتىن ئۇزاپ،
يېڭىچە كۈرەشكە دادىل ئاتلىنىش.

مۇشەققەت، خۇشاللىق مەڭگۈ قوشكېزەك،
كۈندۈزمۇ كېچىگە تۇتاش بولغاندەك.
بەختمۇ مېھنەتتىن ئاچىدۇ چېچەك،
گۈل – غۇنچە نۇر ئىچرە ئوتقاش بولغاندەك.

مۇشەققەت، ئىنتىلىش، يېڭىلاش بىلەن،
تاۋلىنار پولاتتەك ئىرادە مەھكەم.
كونىنى يېڭىغا بېغىشلاش بىلەن،
ئېچىلار ھۆرىيەت گۈللىرى كۆركەم.

يوللارنى ئادەملەر قىلسىمۇ بىنا،
ۋاقىتنىڭ توزانى كۆمۈپ تاشلايدۇ.
ئادەملەر ھارماستىن قىلىپ جان پىدا،
يېڭى يول، تۇرمۇشچۈن كۈرەش باشلايدۇ.

مۇشەققەت قوينىدا كۈلەر ئىستىقبال،
نۇرلىنىپ مىسلىسىز يورۇق مەشئەلدەك.
مۇقەددەس ئارمانلار تاپىدۇ كامال،
توسقۇننى غولىتىپ ئۆتكۈچى سەلدەك.

مۇشەققەت قوينىدا گۈزەللىك چاقنار،
ئىنسانغا ئەزەلدىن بېغىشلاپ ئىلھام.
ئەجدادلار ئۈمىدىن ئەۋلادلار ئاقلار،
گۈزەللىك ئىشقىدا يول ئېچىپ داغدام.

ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: مۇشەققەت گۈزەللىكى

خەتكۈچ: ،

يازما مەنزىلى: 

ئالدىنقى يازما: كېيىنكى يازما:

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. ئالىپ مۇنداق يازغان:

    يوللارنى ئادەملەر قىلسىمۇ بىنا،
    ۋاقىتنىڭ توزانى كۆمۈپ تاشلايدۇ.
    ئادەملەر ھارماستىن قىلىپ جان پىدا،
    يېڭى يول، تۇرمۇشچۈن كۈرەش باشلايدۇ.
    ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق ئىزچىل داۋاملىشىدۇ ،شۇنداق بولغاندىلا ئۇنىڭ مەنىسىمۇ ئايدىڭلىشىدۇ.
    ھە،ياش يۈكسەل بالىنى زاكىلاپ ئولتۇرىۋەرمەي ، مۇشۇنداق مۇنازىرە تەلەپ قىلىدىغان ئەسەرلەرنى كۆپرەك سورۇنغا تاشلايلى !

ئالىپ 添加回复باھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟