خەلق تورى (人民网) نىڭ 26 – دېكابېر بەرگەن خەۋرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىشباش ۋېن جىياباۋ مەركىزى خەلق رادېئو ئىستانسىسى ‹‹ جۇڭگو ئاۋازى ›› پروگراممىسى ئارقىلىق تورداشلار سورىغان بىرقانچە سۇئالغا جاۋاب بەرگەن. – ‹‹ ئىشباش جانابلىرى، سىلى بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ، خەلقنى تېخىمۇ بەختلىك ، تېخىمۇ شەرىفى بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئېرىشتۈرۈش كېرەك، دېگەن ئىدىلە. مېنىڭ سىلىنىڭ نەزەرلىرىدىكى شەرەفلىك ھاياتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بەكمۇ بىلگۈم بار ئىدى ؟ … سىلىچە ئەلنى تېخىمۇ بەخىتلىك ، تېخىمۇ شەرىفى بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈن يەنە قايسى جەھەتلەردە تىرىشىش زۆرۈر ؟ ›› دەپ سۇئال تاشلىغان بىر تورداشقا ئىشباش ۋېن جىياباۋ مۇنداق جاۋاب بەرگەن:
ۋېن جىياباۋ: خەلقنى ئۆز شەرىفى بىلەن ياشاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتا، ئالدى بىلەن ھەر بىر كىشىنىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلار بەرگەن ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش؛ ئاندىن، مەيلى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسىپ – كارى، ئىگە بولغان مال – دۇنياسى ، تەۋە بولغان مىللىتى، ئىتىقاد قىلغان دىنى ئوخشاش بولمىسىمۇ ، ھەر بىر ئادەم مۇتلەق باراۋەر بولۇشى كېرەك. بولۇپمۇ قانۇن ئالدىدا مۇتلەق باراۋەر بولۇشى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئادىل بولسۇن دېسەك، چوقۇم ئاجىز توپلارغا ، مېيىپلارغا، ئەيدىز بىمارلىرىغا ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشىمىز، ئۇلارنى ئۆز قەدىر – قىممىتى بىلەن ياشاش ئىمكانىغا ئېرىشتۈرۈشىمىز لازىم؛ تۆتىنچىدىن، ھەر بىر ئادەمنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز كېرەك. مەيلى خاتالىق ئۆتكۈزگەن، جىنايەت سادىر قىلغان ئادەملەر بولسىمۇ ئۇلارنىڭ كىشىلىك قەدىر – قىممىتىگە ھۆرمەت قىلىشىمىز، ئۇلارنى تەربىيەلەش ۋە ياردەم بېرىش ئارقىلىق يېڭى ھاياتقا ئۇلاشتۇرۇشىمىز لازىم. مانا بۇلار مېنىڭ شەرەفلىك ھايات ھەققىدىكى قاراشلىرىم.
ئەسلى مەنبە يۈكسەل بلوگى: يازما مەنزىلى: خەلق قانچە شەرىفى بىلەن ياشىسا، جەمئىيەت شۇنچە ئادىل بولۇر
ئۆزلىرىنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى بىر قىستۇرىۋەتكەن بولسىلا، تېخىمۇ ياخشى بولاتتىكەن.
دۆلىتىمىزنىڭ «ئاساسى قانۇن»غا 2004-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن «دۆلەت ئىنسانىي ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىدۇ ۋە كاپالەتلىك قىلىدۇ» دېگەن گەپ كىرگۇزۇلگەن .
دېمەك بىزنىڭ ئەلدە قانۇنچىلىق قۇرۇلىشىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۆر .ئەل قانۇن بىلسە ،قانۇن ئىجراچىلىرى ئەلنىڭ قانۇنى ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت قىلسا ئاندىن ئىشباشىمىز دېگەن گەپلەر ئەمەلگە ئىشىشى مۈمكىن .
كىرگۈزۈشكە شۇنچە زامان كېتىپتۇ،ئەمەلىيلىشىشكە…