نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > ماقالە - ئوبزورلار
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

‹‹قانۇن بويىچە باشقۇرۇش›› ھۆكۈمەتنىڭ 400 مىليۇن تورداشقا بەرگەن ۋەدىسى

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ( گوۋۇيۈەن ) ئاخبارات ئىشخانىسى 6 – ئاينىڭ 8 – كۈنى ‹‹ جۇڭگونىڭ تور ئەھۋالى ، 中国互联网状况 ، Internet situation in China ›› ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلدى. ئاق تاشلىق كىتابتا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە جۇڭگودىكى تور ئاممىسى 400 مىليون كىشىگە ، تور بېكەت 3 مىليون 230 مىڭغا، بلوگ (Blog) ئىشلەتكۈچى 220 مىليونغا يەتكەن بولۇپ، تورنىڭ مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملىشىش نىسبىتى %28.9 گە يېتىپ، دۇنياۋى ئوتتۇرىچە سەۋىيىدىن ئېشىپ كەتكەن. جۇڭگونىڭ يەنە 5 يىل ئىچىدە تورنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتىنى %45 گە تىرىشىپ يەتكۈزىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئاق تاشلىق كىتاب شۇنى ئالاھىدە قەيت قىلغانكى، ‹‹ پۇقرالار ئەركىنلىك ۋە ئۆز ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولۇش جەريانىدا دۆلەت ۋە جەمئىيەت ، كوللېكتىپنىڭ مەنپەتىنى زىيانغا ئۇچراتماسلىقى ۋە باشقا پۇقرالارنىڭ ھوقۇق – مەنپەتىگە، ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىغا دەخىلە – تەرز قىلماسلىقى لازىم . ھەرقانداق ئورۇن ياكى شەخسنىڭ توردىن پايدىلىنىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە جامائەتنىڭ مەنپەتىگە ، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىگە زىيان سالىدىغان ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشىغا بولمايدۇ .››
يوشۇرۇش بىھاجەتكى، ‹‹ قانۇن بىلەن باشقۇرۇش ، Management according to law ›› ئىسلاھات – ئېچىۋېتىشتىن كېيىنكى دەۋرنىڭ ئاچقۇچلۇق سۆزىگە ئايلىنىپ قالدى. مۇشۇنداق چوڭ ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدىكى تور باشقۇرۇشمۇ ‹‹ قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ›› مۇساپىسىنى باسماي مۇمكىن ئەمەس. مەيلى تورداشلار تەرىپىدىن پاش قىلىنىپ قولغا چۈشكەن چىرىك ئەمەلدارلار بولسۇن، ياكى تور زوراۋانلىقى تۈپەيلى ئەيىبلەنگەن تور ئاممىسى بولسۇن، ھەممىسى توردىن چۈشۈرۈلۈپ، ئەدلىيىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتىدۇ ۋە ئەدلىيىلىك بىرتەرەپ قىلىنىدۇ.
بىزنىڭ كۆزىتىش دائىرىمىز ئىچىدە، كۆپ قىسىم تور ئاممىسى تورنىڭ قانۇن بويىچە باشقۇرۇلۇشىنى يەكلىمەيدۇ. تور گەرچە ‹‹ مەۋھۇم ›› لۇق خاراكتېرىگە ئىگە بولسىمۇ، تور دۇنياسى ھېچقاچان ئىنسانلارنىڭ رېئال دۇنياسىدىن ئايرىلىپ مەۋجۇد بولۇپ باققان ئەمەس. تور ئاممىسى مەيلى قانداق سالاھىيەت بىلەن تورغا چىقمىسۇن، ئۇ يەنىلا رېئال تۇرمۇشتىن ، نەق ئەمەلىيەتتىن تورغا كىرىدۇ ھەمدە توردىن ئەمەلىيەتكە، رېئاللىققا قايتىدۇ. توردىكى قىلمىش – ئەتمىشلىرى يەنىلا ئۇنىڭ رېئال پائالىيەتلىرىنىڭ بىر قىسىمىدۇر.
ئەمما، بىر قىسىم يەرلىك ئورۇنلار ، جامائەت خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنى دەستەك قىلىپ، توردىكى يوللۇق جامائەت پىكرىنى ئىسكەنجىگە ئېلىشكە ئورۇنماقتا . ئۇلار قانۇندىن خاتا ھالدا پايدىلانماقتا، ھەتتا مەقسەتلىك ھالدا خاتا پايدىلانماقتا. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ‹‹ قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ›› ‹‹ قانۇندىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى جايلاش ›› بولۇپ قالماقتا. تورداشلارغا مەلۇملۇق بولغان ‹‹ ۋاڭ شۈەي ئەنزىسى ، 王帅案 ›› يۇقىرىقىدەك قىسمى ئەھۋاللارنىڭ تىپىك دەلىلىدۇر. ئەگەر تور قاتارلىق تاراتقۇلارنىڭ كۈچلۈك مەدىتى بولمىغان بولسا، بەلكىم بۇ ئەنزىنىڭ ئاقلىنىپ چىقىلىشى ئىنتايىن تەسكە توختىشى مۇمكىن ئىدى. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش مۇمكىنكى، توردىكى جامائەت پىكرى، توردىكى ئىنكاسلارنىڭ قانۇننىڭ ئەسلى نوپۇزىنى قوغداشتىكى ئىجابىي رولى مىسلىسىزدۇر.
ئەمەلىيەتتە، ‹‹ تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ›› مۇنداق 2 مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بىرى، باشقۇرۇش تارماقلىرى چوقۇم قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشى، ئەدلىيىدە ئادىل بولۇشى كېرەك . يەنە بىرى، تور پۇقرالىرى قانۇن بويىچە ئۆز ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشى، باشقىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق – مەنپەتىگە دەخىلە قىلماسلىقى لازىم. جۇڭگو ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا، ‹‹ ئومۇمىي ھوقۇق ›› نى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش بىلەن ‹‹ شەخسنىڭ ھوقۇقىنى ›› قانۇن ئارقىلىق كاپالەتلەندۈرۈش ئوخشاش مۇھىم ئورۇنغا قويۇلۇشى كېرەك. ھوقۇق دېگەن تەبىئىي كېڭىيىشچانلىققا ئىگە. شۇڭا، پۇقرالارنىڭ ھوقۇقنى نازارەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلغاندىلا ، ئاندىن ھوقۇقنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈش يولىغا قايتۇرۇپ كەلگىلى بولىدۇ. ئۇنداق بولمايدىكەن، ھوقۇق ئۆز قېلىپىدىن چىقىپ، ھوقۇقدارلار ( رىۋايەتلەردىكى خەلقنىڭ چاكارلىرى ) تېرىسىگە پاتماي، ئۆتمۈشتىكى خان – پادىشاھلاردىن پەرقى قالمايدۇ.
ئالايلۇق، تورداشلار دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىدىغان ‹‹ تېما ئۆچۈرۈش ›› ، ‹‹ تور بېكەتنى تاقاش ›› قا ئوخشاش ‹‹ باشقۇرۇش قىلمىشلىرى ›› مۇناسىۋەتلىك تارماقلار تەرىپىدىن قانۇن بويىچە باشقۇرۇش پرىنسىپىغا رىئايە قىلغان ئاساستا ئېلىپ بېرىلامدۇ؟ بۇ خىل باشقۇرۇش ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن تەدبىقلىنىدىغان ياكى ئاساسلىنىدىغان كونكرېت قانۇنىي ماددىلار بارمۇ يوق ؟ توردىكى گەپ – سۆز، پىكىر – بايانلار ۋە توردىكى قىلمىشلارنىڭ ‹‹ دۆلەت بىخەتەرلىكى ۋە ئىجتىمائىي ئومۇمىيەتنىڭ مەنپەتى ، شەخسنىڭ ھوقۇق – مەنپەتىگە زىيان يەتكۈزۈش ›› كە تەۋە ياكى ئەمەسلىكىنى بېكىتىشتە، تېخىمۇ كۆپ مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك بولغان ئىنچىكە – تەپسىلىي تەرتىپ – قائىدىلەر بىلەن باشقۇرۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈش كېرەككى، ھەرگىزمۇ ھوقۇق كىمنىڭ قولىدا بولسا شۇ تەرىپىدىن خالىغانچە شەرھىي بېرىلمەسلىكى لازىم.
تېخىمۇ مۇھىمى ، تايىنىشقا بولىدىغان ياخشى قانۇن بولۇش قانۇن بويىچە باشقۇرۇشنىڭ ئالدىنقى شەرتى بولۇپ، ھالبۇكى، ياخشى قانۇن كۆپ ھاللاردا زور كۆپچىلىك ئاۋامنىڭ رايىنى ئۆزىگە مەنبە قىلىدۇ. شۇڭا، تور باشقۇرۇش قانۇنىنى بارلىققا كەلتۈرۈشمۇ تور ئاممىسىغا ئېچىۋېتىلىشى، ئىمكانىيەتنىڭ بېرىچە تور ئاممىسىنىڭ پىكىر ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، لايىقلىرىنى قوبۇل قىلىش كېرەك.
‹‹ جۇڭگونىڭ تور ئەھۋالى ›› ئاق تاشلىق كىتابىدا ‹‹ جۇڭگو قانۇن بويىچە تور باشقۇرۇش، ئىلمىي ۋە ئۈنۈملۈك تور باشقۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇن – تۈزۈملەرنى ، مەمۇرىي تەپتىشلىكى، ساھە تەلەپچانلىقى، تېخنىكا كاپالىتى، جامائەتچىلىكنىڭ نازارەت قىلىشى ۋە ئىجتىمائىي مائارىپ زىچ بىرىككەن تور باشقۇرۇش سىستېمىسىنى تىرىشىپ مۇكەممەللەشتۈرىدۇ. ›› دەپ ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنى ئاددىي ھالدىكى شەرھىي بايان دەپ قارىماستىن، بەلكى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۇنياغا، مۇھىمى جۇڭگودىكى 400 مىليون تور ئاممىسىغا بەرگەن ۋەدىسى دەپ، تونۇش كېرەك.
جۇڭگودا تورنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇش ھەقىقى تۈردە ئىشقا ئاشتىمۇ يوق؟ بۇنىڭ جاۋابى ھۆكۈمەتنىڭ ئەمەس بەلكى تور ئاممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كەڭ ئاۋام – خەلقنىڭ قولىدا بولۇشى كېرەك .

‹‹ ۋاڭ شۈەي ئەنزىسى ، 王帅案 ›› گە ئالاقىدار مەزمۇنلار :
http://politics.people.com.cn/GB/1025/9132055.html

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ‹‹قانۇن بويىچە باشقۇرۇش›› ھۆكۈمەتنىڭ 400 مىليۇن تورداشقا بەرگەن ۋەدىسى

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. تارىمى مۇنداق يازغان:

    قانۇن ئارقىلىق باشقۇرۇش دىگەن سۆز بىلەن قانۇن بويىچە باشقۇرۇش دىگەن سۆزنىڭ پەرقى بار ،تورداشلار سۆز ئىشلەتكەندە دېققەت قىلايلى .

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟