نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > يەتتە ئىقلىمدا
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش جۇڭگوغا قارىتىلغان

لادىننىڭ ئامېرىكا ھەربىي كۈچلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرلگەنلىك خەۋرىنى ئاڭلاپلا ، كاللامغا كەلگەن بىرىنچى ئوي ‹‹ ئامېرىكا چوڭ ستراتىگىيىلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىشقا چۈشۈپتۇ … ›› دېگەندىن ئىبارەت بولغان ئىدى ھەمدە بۇ ئويۇمنى ‹‹ بىن لادىن ئۆلدىمۇ ، ئامېرىكا ئۆچىنى ئالدىمۇ ؟›› دېگەن يازمامدا ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتكەن ئىدىم. ئوبامانىڭ ئىلگىرىمۇ ئەمەس ياكى كېيىنمۇ ئەمەس دەل مۇشۇ ۋاقىتتا بىن لادىنىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى جاكارلىشى ھەرگىزمۇ ئادەتتىكى ئىش ئەمەس. ئۇنىڭ ئارقىسىغا ئىنتايىن چوڭ سىياسىي ئويۇن يوشۇرۇنغان. ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئىزچىل تۈردە جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى تېنچ – بىخەتەر مۇھىتنى بۇزۇشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە. بۇنىڭ ئۈچۈن ئامېرىكىنىڭ قوللانغان ۋاسىتىلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. تەيۋەنگە قورال سېتىپ بېرىش ئارقىلىق ئىككى قىرغاق مۇناسىۋېتىنى ناچارلاشتۇرۇش؛
2. ‹‹ 天安号 ›› پاراخوت ۋەقەسىنى پەيدا قىلىپ كورىيە – چاۋشىيەننىڭ ھەربىي قارشىلىشىشىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، ئامېرىكا – ياپونىيە – كورىيە دىن تەركىبلەنگەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ ‹‹ شەرقچە نەشىرى ›› نى پەيدا قىلىپ، شەرقى شىمالى ئاسىيا ئىقتىسادىنىڭ تەرتىپلىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلىش؛
3. ياپونىيە دۆلەت ئىچى سىياسى ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىدىن پايدىلىنىپ، جۇڭگو – ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى يىرىكلەشتۈرۈش، بولۇپمۇ ھېلارى كېلىنتوننىڭ دىياۋيۈ ئارىلىنىڭ ‹‹ ئامېرىكا – ياپونىيە ئورتاق قوغدىنىش ›› دائىرىسىگە كىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلىشى قاتارلىقلار ؛
4. جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئۇششاق دۆلەتلەرنى كۈشكۈرتۈپ جەنۇبىي دېڭىزدا ئىش تېرىپ، جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىنى خەلقئارالاشتۇرۇشقا ئورۇنۇش، ئۆتكەن يىلى ۋېيتنام بەكرەك ئەدىگەن بولسا، بۇ يىل فېلىپپىن قىنىدا تۇرالماي قالدى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارقىسىدا ئامېرىكا ئوتقۇيرۇقلۇق قىلىۋاتقىنى ئېنىق؛
5. ھىندىستان – پاكىستان ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى داۋاملىق ئۇلغايتىپ، ھىندسىتان – پاكىستان ئۇرۇشىنى قوزغاپ ، جۇڭگونى مەزكۇر ئۇرۇشقا سۆرەپ كىرىش؛
6. شىمالىي ئافېرىقا، ئوتتۇرا شەرقتىكى مەملىكەتلەردە ھۆكۈمەتكە قارشى ئالا – توپىلاڭنى قوزغاپ، جۇڭگونىڭ مەزكۇر رايونلاردىكى ستىراتىگىيىلىك مەنپەتى ۋە نېفېتكە ئېرىشىش ئىمكانىغا زەخمەت ئۇرۇش قاتارلىقلار.

ئومۇمەن، ئامېرىكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قىلغان – ئەتكەنلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك جۇڭگونىڭ ئەتراپىدىكى نىسبەتەن تېنچ – بىخەتەر بولغان مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتىن باشقا ئىش ئەمەس. چۈنكى جۇڭگو ۋە ئۇنىڭ ئەتراپى مۇقىم بولمىغاندا زور مىقدادىكى مەبلەغ جۇڭگودىن چىقىپ ئامېرىكىغا يۈزلىنەتتى – دە، ئىقتىسادىي كىرزسنىڭ زىيىنىنى ئوڭايلا ئۆزىنىڭ يەلكىسىدىن جۇڭگونىڭ يەلكىسىگە ئىتتۈرۈپ قويغىلى بولاتتى؛ جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە كىرگۈزۈش يولىنى ئۈزىۋەتكەندە، جۇڭگونىڭ تەرەققىيات كېكىردىكىدىن بوغىۋالغىلى، جۇڭگونى ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان ئامېرىكا ۋە جۇڭگودىن تەشكىللەنگەن ‹‹ G2 تەشەببۇسى ›› غا قوشۇلۇشقا مەجبۇرلىغىلى، شۇ ئارقىلىق جۇڭگونى ئامېرىكىنىڭ سايىسىغا ئايلاندۇرۇپ، ‹‹ ھالۋىنى ھېكىم يېدى، تاياقنى يېتىم ›› دېگەندەك بار بەدەلنى جۇڭگوغا تۆلەتكۈزۈپ، پايدىنى ئامېرىكا ئالىدىغان ۋەزىيەتنى ياراتقىلى بولاتتى…

ئۇنداقتا، لادىننىڭ ئۆلۈشى قانداقسىگە جۇڭگوغا قارىتىلغان بولۇپ قالىدۇ؟

لادىننىڭ ئۆلۈمىگە ئائىت ئۇچۇرلارنى رەتلىسەك، مۇنداق بىرقانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلىغىلى بولىدۇ:
1. لادىننىڭ قاچان قەيەردە ئۆلۈشى سىياسىي رېژوسسورلار تەرىپىدىن ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2. لادىننى ئۆلتۈرۈش ئىنتايىن ئاز ساندىكى ئادەملەر بىلىدىغان، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يۈكسەك تەدبىر بەلگىلىگۈچىلىرى بىر قوللۇق پىلانلىغان ‹‹ قەستلەپ ئۆلتۈرۈش ››.
3. ئامېرىكا پاكىستان تەۋەلىكىگە كىرىپ لادىننى نۇقتىلىق تازىلاشتا ، ئىشتىن ئاۋۋال مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇققا ئىگە پاكىستان دائىرلىرىگە ئالدىن ئۇقتۇرۇش قىلمىغان. پەقەت قاسقاندا مانتا پىشىپ تەييار بولغاندىن كېيىن، ھورىنى پاكىستان ئەلباشى زەردارىغا پۇرىتىپ قويغان خالاس.
4. ئامېرىكا ئەلباشى باراك ئوباما نۇتىقىدا ئامېرىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسى بىلەن دۈشمەنلەشمەيدىغانلىقىنى قەيت قىلىدۇ. ( ئەمما، شۇ پەيتنىڭ ئۆزىدە ئىسلام دۇنياسىنىڭ بىر بۆلىكى بولغان لىۋىيىگە زەربە بېرىۋاتاتتى، ئافغانىستان، ئىراقتا ئامېرىكا ئەسكەرلىرى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنى داۋام قىلماقتا ئىدى… )
5. ئامېرىكا بىر تەرەپتىن پاكىستان بىلەن تېرورلۇققا قارشى ياخشى ھەمكارلاشتۇق دېسە، يەنە بىر تەرەپتىن لادىننى ئۆزىنىڭ تۇمشۇقى ئاستىدا ھىمايىگە ئالغان دەپ تەنقىدىلەيدۇ. بىر قىسىم كىشىلەر زەردارىنىڭ نەچچە قېتىملاپ ‹‹ ئۇقماي قاپتۇقەي، بىلمەي قاپتۇقەي، بىز ئارىلاشمىغان … ›› دېگەنلىكىگە قارىماي، بۇ ئىشنى يەنىلا ئامېرىكا – پاكىستان ھەمكارلىشىپ ئىشقا ئاشۇرغان دەپ قارىماقتا.

لادىن ئۆلۈمىنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى شۇكى، ئەلقائىدە ( بازا ) تەشكىلاتى بىلەن پاكىستان ھۆكۈمىتى ۋە ئافغانسىتان ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەتنى كەسكىنلەشتۈرۋېتىدۇ. بولۇپمۇ، پاكىستان خەلقىنىڭ نۆۋەتتىكى ھۆكۈمەتتىن تازا رازى ئەمەسلىكى، پاكىستاندا ئەلقائىدە تەشكىلاتىنىڭ بولۇشىدەك ئەھۋال ئاستىدا، ئەلقائىدىنىڭ ‹‹ ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە ئۇر توقۇمنى ›› دېگەندەك لادىننىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن پاكىستاندىن تەلۋىلەرچە ئۆچ ئېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، پاكىستان ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ مالىمان بولۇشىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ھەقتە، ئەلقائىدە تەشكىلاتى ئاللىقاچان پاكىستاننىڭ بىرىنچى ئۆچ ئېلىش نىشانى، ئامېرىكىنىڭ ئىككىنچى نىشان ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلىپمۇ ئۈلگۈردى.

پاكىستان ۋەزىيىتى قالايمىقان بولسا ياكى پاكىستان تېرورچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىسا، ئامېرىكا بىر ياقتىن يەل بېرىپ ئوتنى ئۇلغايتىپ پاكىستان بىلەن ھىندىستاننىڭ بىۋاسىتە تۇتىشىشىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن ( ئامېرىكىلىقلارنىڭ تەپەككۇرى بويىچە لادىننى ئۆز پاناھىغا ئالغان پاكىستان چوقۇم 2008 – يىلىدىكى بومباي تېرورلۇق ۋەقەسىنى پەيدا قىلغان تېرورچىلارنىمۇ قانات ئاستىغا ئالغان ھېسابلىنىدۇ ). پاكىستاندا ئوتتۇرا شەرق، شىمالىي ئافىرقىغا ئوخشاش ھۆكۈمەتكە قارشى كۈچلەرنىڭ نامايىش قىلىشىنى ، توپلاڭ كۆتۈرۈشىنى پەيدا قىلىپ پاكىستان ھۆكۈمىتى تاقابىل تۇرالمىغۇدەك قالايمىقانچىلىقنى پەيدا قىلىپ، ئاخىرقى ھېسابتا، ئامېرىكىپەرەس كۈچلەرنى يۆلەپ چىقىرىشى ۋە ياكى تېرورچىلارنىڭ يادور قورالغا ئىگە بولىۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باھانە قىلىپ پاكىستاننىڭ يادرو ئەسلىھەلىرىنى ئالاھىدە قىسىم ئەۋەتىپ كونترول قىلىۋېلىشىمۇ مۇمكىن. ئېھتىمال پاكىستاندىكى تېرورلۇقنى يوقىتىشىپ بېرىمىز دەپ ئافغانسىتانىكى ئەسكەرلىرىنىڭ بىر قىسىمنى پاكىستانغا كىرگۈزۈپ جۇڭگو بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىنى ئۈزۈشىمۇ مۇمكىن. مەيلى قايسى خىل ئىھتىماللىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ئامېرىكا زور نەپكە ئېرىشىدۇ، زىيان جۇڭگوغا بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە لادىن ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكى ئۈچۈن ئەمدى ئافغانىستاندىكى ھەربىي كۈچىنى بىمالال ھالدا باشقا جايلارغا قارىتالايدۇ. مەسىلەن ، ئىران ۋە ياكى سۈرىيە.

قايسى خىل مۇمكىنچىلىك بولۇشىدىن قەتئىينەزەر شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، لادىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن باشلانغان بۇ خىل چوڭ ستراتىگىيىلىك تەڭشەش جۇڭگوغا قارىتىلغان، ھېچبولمىغاندا جۇڭگونىڭ ستراتىگىيىلىك خەۋپسىزلىكىگە خىرس قىلىدۇ. پاكىستاندىن ئىبارەت جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا شەرقنى تۇتاشتۇرۇپ تۇرىدىغان تونېل ئامېرىكا تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنسا، ئامېرىكا ھېچ ئىككىلەنمەستىن ئىرانغا تېگىش قىلالايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا ئىراننى ئوڭۇشلۇق يۇغۇشتۇرىۋالالىسا ، جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيەگە ئېرىشىش يولى ئامېرىكنىڭ قولىغا چۈشۈپ قېلىپ، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى بوغۇلۇپ قالىدۇ. ئامېرىكا پەقەت مەزكۇر ستراتىگىيە ئۈچۈن لادىندىن ئىبارەت ئاللىقاچان ماڭار يولى قالمىغان پىچكىنى قۇربان قىلىپ، پاكىستاندا ئامېرىكا ستراتىگىيىسىگە پايدىلىق ۋەزىيەت ياراتماقچى بولغان. ئوبامانىڭ لادىننىڭ ئۆلۈمى ئۈچۈن شۇنچىۋالا ھاياجانلىنىپ كېتىشىنىڭ يەنە بىر سەۋەبى دەل مۇشۇ جايدا بولسا كېرەك.

ئەمەلىيەتتە، بۇنىڭغا قارىتا ئېلىمىز جۇڭگمۇ يۈكسەك ھۇشىيار بولۇپ، بۇ خىل ھۇشىيارلىقنى دېپلوماتىيە مىنىستېرلىقىنىڭ باياناتىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. 5 – ئاينىڭ 2 – كۈنىدىكى باياناتتا باياناتچىمىز ئامېرىكىنى تىلغا ئالغان بىلەن لادىننى تىلغا ئالمىدى، پەقەت جۇڭگومۇ تېرورلۇققا قارشى تۇرىۋاتىدۇ، بۇمۇ تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ بىر نەتىجىسى، دېيىلدى. 5- ئاينىڭ 3 – كۈنىدىكى 姜瑜 ئېلان قىلغان باياناتتا : ‹‹ پاكىستان خەلقئارالىق تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىۋاتىدۇ، پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي، ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك بولۇپ، پاكىستان خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سېپىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى ياراتتى. بىز پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستېرلىقىنىڭ بۇ ئىشتىن كېيىن ئۆز تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلغان تېرورلۇقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭ خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بىز پاكىستاننىڭ مەيدانىنى ھۆرمەت قىلىمىز ، چۈشىنىمىز ۋە قوللايمىز. جۇڭگو داۋاملىق پاكىستاننىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا قاراپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ستراتىگىيىسىنى بېكىتىشى ۋە يولغا قويۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ . پاكىستان ، ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ مەزكۇر رايوننىڭ تېنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ. ››

ئەمدى بۇ باياناتىنى تەھلىل قىلىپ باقساق:
‹‹ پاكىستان خەلقئارالىق تېرورلۇققا قارشى كۈرەشنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرىۋاتىدۇ ›› بۇ قوش بىسلىق گەپ بولۇپ، بىر تەرەپتىن خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشتىكى ئالدىنقى سەپلىك ئورنىنى مۇئەييەنلەشتۈرلگەن بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن جۇڭگو – ئامېرىكىنىڭ كۈچ سىنىشىشىنىڭ ئالدىنقى سېپى دېگەنلىكتىنمۇ ئىشارە. جۇڭگو پاكىستان ئارقىلىق ئىرانغا تۇتىشىپ ئاندىن ئوتتۇرا شەرىققە سوزۇلغان ئېنىرگىيە كىرگۈزۈش يولىغا كاپالەتلىك قىلالايدۇ. شۇنداقلا پاكىستان ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئافغانسىتاندىكى ئەسكەرلىرىنىڭ ئارقا سەپ تەمىنات يولىغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. جۇڭگونىڭ سىتراتىگىيسى پاكىستان ئارقىلىق ئىرانغا ، ئىران ئارقىلىق ئوتتۇرا شەرق ، ياۋرۇپاغا تۇتىشىش بولسا، ئامېرىكىنىڭ قەستى دەل بۇ خىل زەنجىرنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىرانغا تېگىش قىلىپ، ئوتتۇرا شەرقنى ھەقىقى تۈردە كونترول قىلىش، ئاندىن دۇنيا ئېنىرگىيە يۈرۈشىشىنى چاڭگالغا كىرگۈزۈش.

‹‹ پاكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش ئىرادىسى قەتئىي، ھەرىكىتى ئۈنۈملۈك بولۇپ، پاكىستان خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش سېپىدە مۇھىم تۆھپىلەرنى ياراتتى. ›› بۇ گەپلەر ئارقىلىق پاكىستاننىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بولسا ماھىيەتتە ئامېرىكىنىڭ پاكىستاننىڭ تېرورلۇققا قارشى تۇرۇشى يېتەرسىز دەپ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ پاكىستانغا تېرورچىلارغا زەربە بېرىش قالپىقىدا ئەركىن كىرىپ چىقىشىغا قارشى تۇرۇش ھەمدە پاكىستانغا ئۆزىنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى ئەسكەرتىپ مەدەت بېرىش، ئامېرىكىغا تىز پۈكمەسلىككە ئۈندەش.

‹‹ بىز پاكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستېرلىقىنىڭ بۇ ئىشتىن كېيىن ئۆز تۇپرىقىدىن پايدىلىنىپ ھەرقانداق بىر دۆلەتكە قارىتىلغان تېرورلۇقنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويمايدىغانلىقىنى، پاكىستاننىڭ خەلقئارا تېرورلۇققا قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا دىققەت قىلدۇق. بىز پاكىستاننىڭ مەيدانىنى ھۆرمەت قىلىمىز ، چۈشىنىمىز ۋە قوللايمىز. ›› بۇ گەپلەر پاكىستانغا تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېرىلگەن روھىي مەدەتلەر ھەمدە ئامېرىكىنىڭ يەڭگىللىك قىلماسلىقىغا بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش سېگنالى.

‹‹ جۇڭگو داۋاملىق پاكىستاننىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا قاراپ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ستراتىگىيىسىنى بېكىتىشى ۋە يولغا قويۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ . پاكىستان ، ھىندىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا مەملىكەتلىرى بىلەن دەرقەمدە تۇرۇپ مەزكۇر رايوننىڭ تېنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغدايدۇ. ›› بۇ جۈملە ئەڭ مۇھىم بولۇپ، جۇڭگونىڭ مەيدانى ئوچۇقلانغاندىن كېيىنمۇ يەنە بىر نۆۋەت پاكىستانى قەتئىي قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، ئەمەلىيەتتە بۇ تېرورلۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقانداق مەنىدىكى قوللاشلارغا ئىشارەت. ئامېرىكا ئەگەر پاكىستاندا ھەرىكەت قوللانماقچى بولسا چوقۇم جۇڭگونىڭ پاكىستاندىكى مەۋجۇدلۇقىنى تولۇق نەزەرگە ئېلىشى كېرەكلىكىگە بېرىلگەن كۈچلۈك سېگىنال. ئاخىرقى يېرىم جۈملە پاكىستان ۋە ھىندستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىگە قارىتىلغان بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ھىندىستاننى ئاڭلىسۇن دەپ ئېيتىلغان گەپلەر، يەنى، پەقەت جۇڭگو بولغاندىلا ئاندىن رايون مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدىغانلىقى، جۇڭگونىڭ ئۆزى تەۋە بولغان رايوننىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ، ھەرقانداق تاشقى كۈچلەرنىڭ ئىغۋاگەرچىلىك قىلىشىغا قەتتىي يول قويمايدىغانلىق مەيدانىنى قەيت قىلغان.

خۇلاسە

ئامېرىكانىڭ بىن لادىننى ئۆلتۈرۈشى ‹‹ جۇڭگونىڭ جەنۇبىي ئاسىيا ستراتىگىيىسىنى قالايمىقان قىلىش، جۇڭگو – پاكىستان – ئىراندىن ئىبارەت مۇھىم سىتراتىگىيىلىك ھەمكارلىق زەنجىرنى ئۈزۈش، جۇڭگونىڭ ئېنىرگىيە كىرگۈزۈش يولىنى تارايتىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى چەكلەش ›› تەڭ چوڭ ستراتىگىيىسىنىڭ ئاددىي قەدەملىرىدىن بىرى بولۇشى مۇمكىن. ئەمما كۆڭۈللەر خاتىرىجەم بولسۇنكى، ئامېرىكانىڭ بۇ خىل چوڭ ستراتىگىيىلىك تەڭشەش ئېلىپ بېرىشىغا قارىتا ئېلىمىز جۇڭگونىڭمۇ كۆڭلىدە تېگىشلىك سان بارلىقى ئېنىق…

يۇقرىىقلار يۈكسەلنىڭ لادىننىڭ ئۆلۈمى ھەققىدىكى چولتا ئويلىرى خالاس. بىز يەنىلا ۋەتىنىمىز جۇڭگونى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيانىڭ تېنچ بولۇشىنى، بارچە ئەللەرنىڭ ئۆز ئارا سىغىشىپ، ئۆز ئارا ئىناق چىقىشىپ ئۆتۈشىنى، ئۇرۇش ۋە تېرورلۇقتىن خالىي ھالدا ئاسايىشلىق تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى چوڭقۇر ئۈمىد قىلىمىز!

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : بىن لادىننى ئۆلتۈرۈش جۇڭگوغا قارىتىلغان

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!1نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. نەزەرى مۇنداق يازغان:

    ئوبدان تەھلىل قىلىنىپتۇ.
    «كۆرگىنىڭدىن كۆپتۇر كۆرمىگىنىڭ، كۆرمىگەننى كۆرىسەن ئۆلمىگىنىڭ» دەپ توغرا ئېيتىلغانكەن.
    سىياسىي ئويۇنلارنىڭ مەقسىتىنى ئاشۇ ئويۇننى ئويناۋاتقۇچىمۇ ئاڭقىرىپ بولالمايدۇ. قاراپ باقىلى قىنى …