نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز:

باش بەت > تارىخ - مەدەنىيەت
torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

ئالياسكانىڭ ئامېرىكىغا سېتىلىشىدىكى ھەقىقىي سىر نېمە؟

كۆكتاش
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىغا جايلاشقا ئالياسكا يېرىم ئارىلى ( State of Alaska ) ئامېرىكىنىڭ كۆلىمى ئەڭ چوڭ شىتاتىدۇر. ئالياسكا ( Alaska رۇسچە Аляска دېگەن سۆز بولۇپ، بۈيۈك زېمىن دېگەن مەناسى بار ) ئەسلىدە چار رۇسىيەنىڭ زېمىنى بولۇپ، 1863-يىلىدىن كېيىنكى ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشىدىن كېيىن، چار رۇسىيە ئامېرىكىغا سېتىۋەتكەن ئىدى. ئۇنداقتا چار روسىيەنىڭ شۇنچە كەڭ زېمىنىنى ئامېرىكىغا سېتىپ بېرىشىدە نېمە سىر يوشۇرۇنغان؟!
 

بۇ قېتىملىق زېمىن سېتىش سودىسىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى

 

1861-يىلى، ئامېرىكا ئىچكى ئۇرۇشى باشلىنىشىنىڭ ھارپىسى بولۇپ، ياۋرۇپا دۆلەتلىرى ئامېرىكىغا تۈركۈم- تۈركۈملەپ ئەسكەر ئەۋەتىپ، ئامېرىكىنى پارچىلىماقچى بولۇۋاتاتتى. ئەينى ۋاقىتتىكى ئامېرىكا ئەلباشى ئابراھام لىنكولىن (  Abraham Lincoln ) دەرھال ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ئەشەددىي دۈشمىنى بولغان چاررۇسىيە پادىشاھى ئالېكساندىر2 نى ئېسىگە ئېلىپ، ھەربىي جەھەتتىن ياردەم سوراشنى ئويلايدۇ، ھەمدە ئالېكساندىر2 گە خەت يېزىپ، ئەلچىلەر بىلەن ئەۋەتىدۇ.
ئۇزۇندىن بۇيان ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان چارپادىشاھ ئالېكساندىر2، خەتنى كۆرمەستىنلا، ئەلباش لىنكولىننىڭ ھەر قانداق تەلىۋىگە قوشىلىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
چارپادىشاھىنىڭ ئامېرىكا ئىچكى ئىشلىرىغا ھەربىي جەھەتتىن ئارىلىشىشىدا مۇنداق بىر قانچە سەۋەب بار ئىدى:
ئەينى چاغدىكى يەھۇدىيلاردىن بولغان روسچىلىد جەمەتى باشچىلىقىدىكى خەلقئارالىق پۇل-مۇئامىلە بانكىرلىرى ياۋرۇپانى تولۇق ئىگىلىگەن بولۇپ، چاررۇسىيەنىڭ ئىشىكىنىمۇ چېكىشكە باشلىغان ئىدى. يىراقنى كۆرەر ئالېكساندىر2 بۇ بانكىرلارنىڭ ھەقىقىي نىيىتىنى تولۇق بىلگەچكە، ئۇلارنىڭ چاررۇسىيەدە شەخسىي مەركىزى بانكا قۇرۇش پىلانىغا قوشۇلماي كېلىۋاتاتتى. لىنكولىنمۇ خەلقئارالىق بانكىرلارنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا شەخسىي مەركىزى بانكا قۇرۇشىغا قوشۇلماي كېلىۋاتاتتى. سەۋەبى، بانكىرلار بىر دۆلەتنىڭ پۇل- مۇئامىلە ساھەسىنى، جۈملىدىن پۇل تارقىتىش ھۇقۇقىنى ئىگىلىۋالسا، شۇ دۆلەتنىڭ بارلىق ھۇقۇقلىرىنى تەڭلا ئىگىلىۋالاتتى، ھەمدە دۆلەت رەھبەرلىرىمۇ بانكىرلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش تۇتمىسا بولمايتتى. ئەگەر لىنكولىنغا ياردەم بەرمىسە، كېلەر قېتىملىق بانكىرلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى چاررۇسىيە بولۇپ قالىدىغانلىقى ئالېكساندىر2 گە ئايدىڭ ئىدى؛ 1861-يىلى 3-ئاينىڭ 3-كۈنى، چار پادىشاھ ئالېكساندىر2 «يانچىلىق تۈزۈمى»نى بىكار قىلىش قانۇننى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ سىياسەت لىنكولىننىڭ قۇللۇق تۈزۈمنى بىكار قىلىشغا ئوخشاپ كەتكەچكە، بۇ ئىككى دۆلەت مەلۇم جەھەتتە ئورتاق نىيەت ۋە ئورتاق تەغدىردە ئىدى؛ ئۇنىڭ ئۈستىگە، 1856-يىلى ئاياقلاشقان قىرىمىيە ئۇرۇشىدا، چاررۇسىيە ئارمىيىسى ئەنگلىيە- فرانسىيەلەرگە يېڭىلىپ قالغانلىقى ئالېكساندىر2 نىڭ كۆڭلىگە ئاداۋەت ئۇرۇقىنى تېرىپ قويغان ئىدى.
1863-يىلى 9-ئاينىڭ 12 كۈنى، گېنىرال لىۋىسكى باشچىلىقىدىكى چاررۇسىيە ھەربىي فلوتى جەڭ ئېلان قىلماستىنلا، نيۇ-يورك پورتىغا كىرىپ كەلدى. 10-ئاينىڭ 12-كۈنى، پوپوف باشچىلىقىدىكى چاررۇسىيە تېنچ ئوكيان فلوتى سان فرانسىسىكوغا كىردى.
چاررۇسىيە قوشۇنلىرىنىڭ ئامېرىكا تۇپرىقىدا پەيدا بولۇشى، جەڭگە تەييارلىنىۋاتقان ئەنگلىيە بىلەن فرانسىيەنى ئىككىلەندۈرۈپ قويۇپ، ئاقىۋەتتە لىنكولىننىڭ ئومومىي ۋەزىيەتنى ئوڭشىۋېلىشىغا ۋاقىت يارىتىپ بەردى.
ئىچكى ئۇرۇش ئاياقلاشقاندىن كېيىن، چاررۇسىيە فلوتىنىڭ 7 مىليون 200 مىڭ دوللارلىق ھەربىي چىقىمىنى تۆلەش، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسىمىنى تالاش- تارتىشقا سېلىپ قويدى. چۈنكى، ئاساسىي قانۇندا، ئەلباشنىڭ چەتئەل ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي چىقىمىنى تۆلەشكە بۇيرۇق بېرىش ھوقۇقى يوق ئىدى. ئەينى چاغدىكى ئامېرىكا ئەلباشى جونسۇن چاررۇسىيەنىڭ شىمالىي ئامېرىكىدىكى ئالياسكا زېمىنىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق، ھەربىي چىقىمىنى تۆلەشكە كېلىشتى.
بۇ سودا ئەينى ۋاقىتتا، «سېۋاردنىڭ ئەخمەقلىقى» (Seward’s Folly) دەپ ئاتالدى، چۈنكى ئىقتىساد جىددى قىس بولىۋاتقان ئەھۋالدا، 7 مىليون 200 مىڭ دوللار خەجلەپ قاقاس بىر زېمىننى سېتىۋېلىش ھەقىقەتەن بىر ئەخمىقانە ئىش ئىدى.

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : ئالياسكانىڭ ئامېرىكىغا سېتىلىشىدىكى ھەقىقىي سىر نېمە؟

خەتكۈچ: ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!17 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    دىۋان مىنڭ بولدى

  2. 4تادۇ مۇنداق يازغان:

    ئەسلى مۇنداق دەيلى.

  3. ۋىروس مۇنداق يازغان:

    «سېۋاردنىڭ ئەخمەقلىقى» (Seward’s Folly) بۈگۈنكى كۈندە «سېۋاردنىڭ چىچەنلىكى» گە ئايلاندى .

    ئالىياسكا زىمىنى بۈگۈن ئالتۇنغا تىگىشكۈسىز زىمىن بوپ قالدى .

    • قىسمەت مۇنداق يازغان:

      بەرھەق، شۇ يىللارغا نىسبەتەن «ئەخمەقلىق» سانالغان بۇ ئىشقا بۈگۈن نەزەر سالغىنىمىزدا، ئامېرىكىنىڭ تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئۇتۇغلۇق سودىسىنىڭ دەل مۇشۇ «ئالياسكا سودىسى» ئىكەنلىكىنى بايقايمىز.
      «ئىزىڭدىن تىكەن ئۈنسە، ئەۋلادىڭنىڭ پۇتىغا سانچىلىدۇ» دەپ، رۇسلارنىڭ يىراقنى كۆرمەيدىغان، قول ئاستىدىكى قەۋىملەرگە ياۋۇزلۇق بىلەن مۇئامىلە قىلىدىغان بۇ مىجەزى بۈگۈنكى رۇسىيەلىكلەرنىڭ زىيىنىغا سەۋەب بولماقتا.
      يەھۇدىيلارنىڭ «رۇس پاھىشىلىرى ئىسرائىلىيەدىن يوقالسۇن» دەپ جار سېلىشى، رۇسلارنىڭ ھاراققا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىشى بىلەن رۇس ياشلىرىنىڭ بەدەن ساپاسى، ئەقلىي قۇۋۋىتى ئاجىزلىشىشى، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى ئەۋلاد قالدۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك خىرىسقا ئۇچرىشى ئەنە شۇنىڭ نەتىجىسى ئەمەسمۇ!؟

  4. نەزەرى مۇنداق يازغان:

    ئەسكەرتىش:
    ئالياسكا دىگەن شىمالىي ئامىركا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىدا.

  5. سەيفۇللا مۇنداق يازغان:

    ئالياسكا دىگەن بۇ زىمىندىن سوغوقتىن باشقا نىمە چىقىدىكىنا ؟؟؟ شۇنچە تالاشقۇدەك ؟؟؟

    • ئابدۇلقادىر بەزمەس مۇنداق يازغان:

      نېفېت ، ئالتۇن ، پۇتمەس تۆگمىەس بايلىق چقىدۇ ، نېمە چقىدقىكى دەپ ئويلاپ قالغان ؟!؟ مىليۇنلغان بوغىلار ، مارللار ، ساپ ھاۋا ، پاكىزە سۇ ، كەڭرى زىمىن ، دۇنيادىكى ئەڭ ئاخىرقى ساىلىنىپ قالغان جەننەتنڭ بىرى ئۇ …بۇلغانمىغان ماكان !!!!

    • دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

      كىرورەننىڭ ئىرى چىقىدۇ.

  6. ئۇيغۇربەگ مۇنداق يازغان:

    ھازىر رۇسلار قاتتىق ئازاب ئىچىدىكەندە ئەمىسە!

  7. مۇرشىدى مۇنداق يازغان:

    «بىئوخىمىيە كىرىزىسى» كىنوسىدىمۇ دۇنيادا بىردىنبىر بۇلغانمىغان ماكان دەپ چىقاتتى.

  8. ھونزادە مۇنداق يازغان:

    ئەسلى مۇنداق دەيلى،مەنمۇ بىلىپ كەتمەيتىم بۇ تارىخنى،ئاپتۇرغا رەھمەت.ئالياسكىنىڭ ئىستىراتىخيىلىك ئورنى ئۇ يەردىن چىقىۋاتقان بايلىقتىنمۇ مۇھىم.

  9. ئەسىر مۇنداق يازغان:

    سوغۇق ئۇرۇشتا ئالياسكىدىكى ھەربىي بازىغا ئورنىتىلغان يىراق مۇساپىلىك قوراللار سوۋېت ئىتتىپاقىنى خېلى تەمتىرەتكەن.

  10. رىتا1028 مۇنداق يازغان:

    مەنمۇ نېمىدەپ سېتىۋەتكەندۇ دېسەم .
    ئاۋۇ ئالىكساندىر ئىككى دېگىنى كۆچ- كۆچ قوشىقىدىكى تارىخى قىسمەتنى پەيدا قىلغان زوراۋان شۇ جۇمۇ باللا . ئۆز دۆلىتىدىكى يانچىلىق تۈزۈمىنى بىكار قىلىپ پۇقرالىرىنى خۇش قىلغان بىلەن ،سىرتقا نىسبەتەن كېڭەيمىچىلىكنى ھەر قانداق چار پادىشاھتىنمۇ بەكرەك ئاشۇرۋەتكەن تاجاۋۇزچى جۇمۇ ئۇ .

  11. رىتا1028 مۇنداق يازغان:

    رۇسىيە تارىخىنى تازا ئوقۇدۇق بولمىسا . لىكىن قېرىشقاندەك دائىم مۇشۇنداق يەرلىرىگە كەلگەندە ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ دېسە . :evil:

  12. سەيياھ مۇنداق يازغان:

    ئالياسكىنى ئامېركىغا بېرپ قۇيۇپ چىدىماي ئوتتۇرا ئاسىياغا قوشۇن تارتىپتىكەندە . ئىلى سۇلتانلىقىنى شۇ مۇنقەرىز قىلغان گەپكەندە .

  13. ئاقىل مۇنداق يازغان:

    بۇ خۇددى ب د ت نىڭ قۇرۇلۇش ھېكايىسگە ئوخشۇشۇپ قالدىكەن.

  14. كۆكنۇر29 مۇنداق يازغان:

    بۇ سىياسىي ئۇيۇن،سىياسىي سودا بۇگۇنكى دۇنيا تەرتىۋىگە زور تەسىر كۆرسىتىپتىكەن.كاللىسى ئىشلىمەي ئالياسكىنى سېتىپ قۇيۇپ ئۆچىنى ئوتتۇرا ئاسىياۋە جوڭگۇدىن ئالغانكەن-دە قوتۇر ئېيىقلار.خەپ سېنى!

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟