torhumar.com torhumar.com aldost.com yuksel.me

پەرزەنتلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيلى !

ئابدۇكېرىم راخمان ئالىپ
( يۈكسەل بلوگ تەكلىپلىك يازارى )

جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشى ، نوپۇسنىڭ ئۈزلۈكسىز كۆپىيىشى ، ماددىي بايلىقلارنىڭ كۈنسايىن ئازىيىپ بېرىشى ، ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىپ بېرىشى ، ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەت ئېڭىنى كەسكىنلەشتۈرىۋەتتى . ئاددىيسى ئۇششاق ھۈنەرۋەندىن كاتتا پايچىك شىركەتلىرىنىڭ لىدېرلىرىغىچە ، دېھقاندىن دۆلەت باشلىقلىرىغىچە ماددىي ۋە مەنىۋىي ئېھتىياجنىڭ ھاسىلاتى -ئەركىن رىقابەتنىڭ ئىسكەنجىسىدىن قېچىپمۇ قۇتۇلالمايدىغان دەرىجىگە يىتىپ قالدى . مانا مۇشۇنداق ئالدىراش تۇرمۇش رېتىمىنىڭ بىر بۈرجىكىدە غۇبارسىز پەرزەنتلىرىمىز  بويۇن قىسىشىپ تۇرماقتا…
ئاز بىر قىسىم ئاتا-ئانىلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ، كۆپلىگەن ئاتا -ئانىلار پەرزەنتلەرنىڭ ماددىي ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ قۇيۇپلا ، ‹‹ مېنىڭ بالامنىڭ بوينى قىسىلىپ قالغىنى يوققۇ ›› دەپ ئويلىشى مۈمكىن ، ئەمىلىيەتتە بۇنداق قاراش خاتا .
بىز بۇ يەردە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ناچار تەبىئەتلىك ئىنسانلار ( شەھۋەتكە ، ئىچىملىككە ، چىكىملىككە بېرىلىپ پەرزەنىتلىرىنى پايدا -مەنپەئەتنىڭ قۇربانى قىلىۋەتكەن ، بالىلىرىنى خورلىغان ) نى ، مەسئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىلار ( خوتۇن يولدا ، بالا بەلدە ، دەپ قۇيۇپ تۇلا ئاجرىشىپ ، كۆپ قېتىم توي قىلىۋالىدىغان ، تاپقان بالىلىرى بىلەن كارى بولمايدىغان ) نى تىلغا ئېلىپ ئولتۇرمىساقمۇ بۇلىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىلىق سالاھىيتىنى ئاشۇ پەرزەنتلىرى بەلگىلىسۇن ، ئۇلارنىڭ قىلمىش -ئەتمىشلىرىگە قارىتا تەقدىرنىڭ ھەر قىسىم ئۇرۇنلاشتۇرۇشلىرى تەييار ، ھەرگىزمۇ قېچىپ قۇتۇلغىلى بولمايدۇ .
دۇنياغا ھەرگىز ناچار پەرزەنت تۆرەلمەيدۇ !
لېكىن ،ئائىلە «مۇھىتى» نىڭ ناچارلىقىدىن نامۇۋاپىق تەربىيە ، ناچار ئادەت سىڭگەن ، پىسخىك ساپاسى تۆۋەن پەرزەنتلەر مەيدانغا كېلىدۇ ، بۇنى ھەرگىز جەمئىيەتتىن ، مىللەتتىن، تۈزۈلمىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ ، چۈنكى ئائىلىمۇ مەسئۇلىيەتكە تۇيۇنغان ئىللىق جەمئىيەت ، ئىتتىپاقلىققا تولغان كىچىك بىر دۆلەت بۇلالىسىلا ، ھەرقانداق تۈزۈم، مىللەت ، جەمئىيەت شارائىتىدىمۇ ، شۇ ماكان -زامان شارائىتىغا ماسلاشقان يۇقىرى ساپالىق پەرزەنت مەيدانغا كېلىۋېرىدۇ . بۇ يەنىلا ئاتا -ئانىلارنىڭ مەنىۋىيتى ۋە پسىخىك ساپاسىغا باغلىق .
ئۆزىمىزنىڭ گېپىگە كەلسەك ، نورمال تۇرمۇش شارائىتىدا ياشاۋاتقان ئاتا-ئانىلار ھەممەيلەن ئۆزىمىزدىن شۇنچە ئالدىراش ۋاقتىمىزدىن پەرزەنتلىرىمىزگە قانچىلىك ئاجرىتىپ بېرەلىدۇق، دەپ سوراپ كۆرەيلى . كۈنلەرنىڭ بەرىكىتى قالمايۋاتقان ، ھەرقانچە تىركىشىپمۇ ۋاقىتنى ھېچنىمىگە يەتكۈزەلمەيۋاتقان ، تۇرمۇش رېتىمى ناھايىتى تېز بۇنداق رىقابەتكە تولغان جەمىئييەتتە ، ئالتۇندەك ۋاقتىمىزنى گىراملاپ ئەمەس ، مىسقاللاپ پارچىلاپ پەرزەنتلىرىمىزگىمۇ تەقدىم قىلالىدۇقمۇ ؟
‹‹ يالغۇز بالا دەپ ياۋا ئۈگىنىپ قالدى ، ئەركە ئۈگىنىپ قالدى ، بالا بەك شوخ ، چوڭلار بېقىپ ئاشۇنداق بۇلۇپ قالدى … ›› دىگەندەك بىر قاتار باھانە – سەۋەبلەر بىلەن ئۆزىمىزگە ياسالما تەسەللىي بېرىپ ئولتۇرىشىمىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق ! بەدەل تۆلىمەي تۇرۇپ ئېرشكىلى بولمايدۇ، زېھنىمىزنى ، ۋاقتىمىزنى پەرزەنتلىرىمىزگە قانچىلىك دەسمايە قىلساق ، ئۇلاردىن ئالىدىغان ھۇسۇلىمىزمۇ شۇنچە مول بۇلىدۇ ، ئۆزىمىزنى تاختا بېشىغا ئېلىپ قۇيۇپ ، بار مەسئۇلىيەتنى بالىلارغا دۆڭگەپ قويساق، ئاخىرىسىدا پەرزەنتلەرگە يۈز كىلەلمەي قالىمز .
ئۇنداقتا نورمال شارائىتتىكى ئائىلىلەردە پەرزەنتلەرگە ئاجرىتىلىشقا تىگىشلىك ۋاقىت نىمىلەرنىڭ قۇربانى بۇلۇپ كىتىۋاتىدۇ ؟
1.تۈگىمەس قاتار چايلار ، توي-تۆكۈنلار (ئەلۋەتتە ئادەمگەرچىلىكمۇ مۇھىم ). ئىسمىنى ئاتاپ ئولتۇرمىساممۇ ، بىزدىكى قاتار چايلارنىڭ تۈرى ئون نەچچىگە بېرىپ قالىدىكەن (بەزى چاكىنا چايلارمۇ يوق ئەمەس) ، ھەتتا چاي ئوينايدىغانلارنىڭ ئالدىنىڭ بەش-ئالتە ، كەينىنىڭ بىر-ئىككىدىن ئولتۇرۇشى بار ، بۇنىڭغا ئەگىشىپ مەيدانغا كەلگەن بەس تالىشىپ كىيىم -كېچەك سېتىۋېلىش ، گىرىم قىلىش… دىگەندەك بىر قاتار ۋاقىت ئىسراپچىلىقلىرى …
2.شان-شەرەپ ، ئۇتۇق قازىنىشنىڭ قۇربانى . ئۆزىنڭلا شان-شەرىپى ۋە ئۇتۇق قازىنىشى بىلەن بۇلۇپ كېتىپ ئائىلىنى ئۇنتۇپ قالغاننى ئازدەپ ، پەرزەنتلىرىنى بىراقلا بىر چەتكە تاشلاپ قۇيۇش ياكى پەقەتلا ئۇنتۇلۇپ قېلىش .
3.ئۇششاق ھەۋەسلەر . ئايىقى چىقمايدىغان تۈگىمەس سورۇنلار ، قىمار ئويناش …
4. شەخسىي ئىنقىلاب . ئائىلىدە ئەر-ئايال ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى جاھىللارچە ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇپ ، ئۆز پىكىرىنى يورغىلىتىپ ماجرا قىلىش ، ئائىلىدىكى تېنچلىقنى بۇزۇپ ئاچچىقىنى بالىلىرىدىن چىقىرىش ياكى پەرزەنتلەرنىڭ ھىسياتى بىلەن ئويلاشماسلىق . ئەلۋەتتە قازان -چۆمۈچ تىگىشمەي ئاش پىشمىغاندەك ، ئائىلىدە ئۇقۇشماسلىقتىن كىلىپ چىقىدىغان كۆڭۈلسىزلىكلەردىن ساقلانغىلى بولمايدۇ . لېكىن ، ۋاقتى ، ئورنىىغا ، گەپ -سۆزگە دىققەت قىلماي ، پەرزەنتلەرگە يامان تەسىر بەرگەننى ئاز دەپ ، ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلەر قەلبىدىكى ئوبرازىنى خۈنۈكلەشتۈرۈش .
5.چوڭلار ئارىلىشىۋېلىش . قېينئاتا ، قېينئانا ، كۈيئوغۇل ، كېلىن ئوتتۇرىسىدىكى نازۈك مۇناسىۋەتنىڭ توغرا بىر تەرەپ قىلىنماسلىقتىن كىلىپ چىققان نىزالار تۈپەيلى ، پەرزەنتلەرنىڭ ئىدىيسىدە خاتا ھالدا شەكىللىنىپ قالىدىغان يەككە ھالدىكى تەرەببازلىق بۆلۈنمە كەيپىيات . چوڭلار باققان سەۋەبلىك ئاتا -ئانىنىڭ رولى بولماسلىق .
6.ئېغىر خىزمەت بېسىمى ، زىيادە چارچاش سەۋەبلىك ۋاقىتنى ئەتىگە ئارانلا ئۇلاشتۇرۋېلىش .

ئائىلە تەربىيسى توغرىسىدا سىتونا خانىمنىڭ بالا تەربىيسى ، كارل ۋېنتېرنىڭ پەرزەنت تەربىيسى ، ئامېرىكىلىقلارنىڭ ، ياپۇنلارنىڭ ، چەتئەللىكلەرنىڭ ، كۇڭزىچىلارنىڭ …ۋاھاكازالار ، دىگەندەك بىر قاتار تەربىيە ئۇسۇللىرى توغرىسىدا مۇنازىرە قىلىپ ئىزدەندۇق . مېغىزىنى قوبۇل قىلىپ ، شاكىلىنى تاشلايمىز ، دېسەك ، بىزنىڭ ماكان ، زامان ، تۈزۈلمە ، ئادەت ، مىللەت ، ئىقلىم ، دىن ، ئائىلىۋى مۇھىت … قەتئىي ئوخشاش بولمىسا ، يەنە كىلىپ بىز سىتونا خانىم ، كارل ۋىنتېر ياكى چەتئەللىك بولمىساق بۇنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرىمىز ؟! ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارتۇقچىلىقمنى قۇبۇل قىلش ئۈچۈن ، بەزى نامۇۋاپىق نەرسىلەرنىمۇ كۈچۈرۈپ كىلىشتىن ساقلانغىلى بولمايدۇ. بۇ تۇغرۇلۇق مىسال ئالمىساممۇ ، بىزدىكى كىنو-تېلىۋوزورىيە مەدەنىيتى ۋە ئېلانچىلىققا نەزەر سالىدىغان بولساق ھەممە نەرسە مانا مەن دەپ چىقىپلا تۇرىدۇ .
چوقۇم باشقىلاردىن ئۈگنىشىمىز كېرەكمۇ ؟!
ئەجىبا ، بىزدە باشقىلار ئۈگەنگىدەك ، ئۆزىمىزمۇ قەدىرلىگۈدەك نەرسىلەر يوقمىدۇ ؟! بۇ گۇمانلىق نوقتا .مەن يۈزدە-يۈز كېپىللىك قىلالايمەن ، بىزدىمۇ ئۈگىنىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپ ، تۇتىيا بىلىپ ئۈگىنىشنى خالىساقلا … ئاتا- ئانىنى ، ئىلىم ئىگىلىرىنى ، ياشقا چوڭلارنى ھۆرمەتلەش ياكى چوڭ كۆرۈش ، نەس- ھارامدىن يىراق تۇرۇش ، ئىلىم -مەرىپەتنى سۆيۈش ، دوستلىققا ئەھمىيەت بېرىش ، مېھماننى چوڭ كۆرۈش ، مەرتلىكنى ئەلا بىلىش ، ئىپپەت – غورۇرىنى ساقلاش …ئۈگىنىدىغىنىمىز بۇنىڭدىنمۇ كۆپ .
ئۇنى قىلما ، بۇنى قىلما يامان بۇلىدۇ ، مەكتەپكە بار ، ياخشى ئۇقۇ ، تاپشۇرۇق ئىشلە ، نەتىجەڭ قېنى ؟ مۇشۇ سۇئاللارنى بالىلىرىمىزدىن سوراشتىن بۇرۇن ئۆزىمىز دىن سوراپ جاۋاپ تاپالىغاندا ئاندىن بالىلاردىن سوراپ كۆرەيلى . ئۆزىمىز ياخشى قىلالىدۇقمۇ -يوق ؟ بىزنىڭ نەتىجىمىز قېنى ؟! ئۆزىمىز قىلالمىغان ئىشنى پەرزەنتلەرنى قىلىشقا مەجبۇرلىساق ، قىلالمىسا ئۇلاردىن ئاغرىنغىلى تۇرساق توغرا بولماس . پەرزەنتلەرنىڭ مەنىۋى ئېھتىياجىنى تۇلۇق قاندۇرماي تۇرۇپ ئۇلارغا يۈك ئارتمايلى ، بېسىم قىلمايلى . ئىللىق ئائىلە مۇھىتى ، ئەركىن تەسەۋۇر ، قايناق بەختىيارلىققا چۈمگەن ھىسيات ، دادىل قەدەم ئېلىش ، جۇشقۇن روھ، قورقماس يۈرەك ، سەممىمىي، ساپ كۆڭۈل … مۇشۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاتا-ئانا بۇلۇش سۈپىتىمىز بىلەن پەرزەنىتلىرىمىزدە ھازىرلىيالىشىمىز كېرەك ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئىشنى ئۆزىمىزدىن باشلاپ ئۈلگە بۇلۇشىمىز ، پەرزەنتلىرىمىزگە كۆپلەپ ۋاقىت ئاجرىتىشىمىز ، ئۇلار بىلەن توختىماي پىكىر ئالماشتۇرۇپ تۇرشىمىز، ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجىنىلا ئويلاشماي ، بالىلارنىڭمۇ ئارزۇسىنىمۇ ئويلشىشىمىز ھەمدە ئۇلارنىڭ يۈرەك سىرلىرىنى تىڭشىشمىز لازىم .
شۇنداق بولغاندا ئائىلە دۆلىتىمىزنىڭ ياخشى بولغان بىر ئەندىزىسىنى قۇرۇپ چىقساق ئەجەب ئەمەس . ھەر كىشىنىڭ ئائىلە شارائىتى ئوخشاش بولمىغان سەۋەبلىك ، ئەلۋەتتە ئوخشاش بولمىغان ئەندىزىنىڭ شەكىللىنىشى تۇرغانلا گەپ . لېكىن ، پەرزەنىتلىرىمىزگە ئاجرىتىلغان ۋاقتىمىزنىڭ ئۈنۈمى ھەممىمىزگە ئەڭ مول غەلبە مىۋىسىنى ئېلىپ كەلگۈسى !
پەرزەنتلىرىمىزنى ھەرگىز تاشلاپ قويمايلى ، ئۇلار چوڭلارنىڭ بالىسى ئەمەس ، يەسلىنىڭ ، مەكتەپنىڭ بالىسى ئەمەس ، ئۇلاردا مۇستەھكەم پىسخىك ساپا ھازىرلاش ئۈچۈن يەنىلا بىز بولمىساق بولمايدۇ . مۇشۇنداق جەمىئييەتتە ئۇلار پىسخك ئۆتكۈلىدىن ئۆتەلمىسە ھىچقانداق روھى زەربىنى كۆتۈرەلمەيدۇ ، كەلسە -كەلمەس يوللارغا كىرىپ كېتىپ بىز خالىمايدىغان ئىشلارنى سادىر قىلسا ياكى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالسا ئەڭ ئاخىرىدا ئۆزىمىزنىڭ يۈرىكى پۇچىلىنىدۇ، ئەلۋەتتە .

مەنبە: يۈكسەل بلوگى ، يازما : پەرزەنتلىرىمىزنى تاشلىۋەتمەيلى !

خەتكۈچ: ، ، ،

يازما مەنزىلى: 

بۇ يازمىنى ئوقىغان تورداشلار ماۋۇ يازمىلارنىمۇ ئوقىۋاتىدۇ :

يازغىن باھا، ياڭرات سادا!6 نەپەر تورداش باھا يوللىدى

  1. دولقۇن731 مۇنداق يازغان:

    ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلغىنى ئۆز پەرزەنتلىرى ئۈچۈن، ئەمما «پەرزەنتىم ئۈچۈن»دەپ قىلىش جەريانىدا «جاپانى ئۆزۈم تارتاي، باللىرىم جاپا تارتىپ قالمىسۇن»دىگەن ئىدىيە ئاز بولمىغان پەرزەنتلەرنى «خاتا » يتەكلەپ قۇيىۋاتىدۇ. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئېرىشكىنىمۇ ئەكسىچە بولۇپ قېلىۋاتىدۇ.

    ئۇزۇن بىر مەزگىل ئىنكاس يازالماي يۈرگەن ئىدىم، بۈگۈن دىۋان ئىگەللەيدىغاندەك قىلىمەن. ئەمدى ئىنكاس دىگەننى ياغدۇرۋېتىمىزغۇ.

  2. ۋەتەن مۇنداق يازغان:

    6.ئېغىر خىزمەت بېسىمى ، زىيادە چارچاش سەۋەبلىك ۋاقىتنى ئەتىگە ئارانلا ئۇلاشتۇرۋېلىش،…
    مانا بۇ مېنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىم ،بىراق ئامالىنىڭ بارىچە تىرىشىۋاتىمەن.

  3. ئىدىقۇت مۇنداق يازغان:

    1.پەرزەنتلەرنى تەربىيىلەشتە مۇھىم ئورۇن تۇرىدىغان ئائىلە مۇھىتىدا، ئاتا-ئانا بالىغا ئوخشاش بىر پىكىر نۇقتىسىدا تەربىيە قىلىش كېرەك. كۆز-قاراشنىڭ ئوخشىماسلىقى تۈپەيلىدىن، ئاتىسى بالىسىغا تېرىكىپ تەنقىدلىگەندە، ئاپىسى بالىغا چاپان ياپماسلىقى،يولدىشىنىڭ تەنقىد گېپىنى بالا ئالدىدىلا قايرىۋەتمەسلىك لازىم. بولمىسا، بالىغا تەنقىد-تەربىيەنىڭ قىلىشنىڭ ئۈنۈمى بولماي، بەلكى ئاتام مېنى خاتا تەنقىدلەۋاتىدۇ،دەيدىغان كۆز-قاراش بالىدا شەكىللىنىپ قېلىپ، كېلەر قېتىم ئاتا بولغۇچى تەنقىدلىسە،بالاپەرۋايىغا ئالمايدىغان بۇلۇپ قالىدۇ.
    2. بالا چوقۇم يا ئاتىسىدىن ياكى بولمىسا ئانىسىدىن ھۆرمەتلىگەن ئاساستا «قورقۇش» كېرەك. بۇنداق بۇلۇش ئۈچۈن، ئاتا-ئانا بولغۇچى بالىسىنىڭ يوللۇق تەلەپلىرىنى قاندۇرۇپ، چەكتىن ئاشقان تەرەپلىرىنى رەتلەپ مېڭىشى، 365 كۈن « ۋاي ئاپپاق بالام، جىنىم بالام مانى ياۋال، مانى كىيىۋال، مانى خەجلە» دەپ ئارقىدىن پايپېتەك بۇلۇۋەرسە، بالا بولغۇچىدا « نېمە قىلسام بۇلىدىكەنغۇ» دەپ ئاق-قارىنى ئىلغىمايدىغان ناچار ئادەت شەكىللىنىپ قېلىشى مۇمكىن. شۇڭا، بالىدا ئاتا-ئانىنى ھۆرمەتلەش ئاساسىدىكى ئاز-پاز ئەيمىنىش خاراكتېرىنى شەكىللەندۈرۈش لازىم.
    3. ئاتا-ئانا بالىنىڭ ئالدىدا ھەرگىز قىلىقسىز گەپ-سۆز، ھەرىكەتلەرنى قىلماسلىقى لازىم. ئەر-ئايال ئۆزلىرىنىڭ نازۇك كىيملىرىنى خالىي جايغا قۇيۇشى، گەپ-سۆز، ھەرىكەتلەردە ئالاھىدە دېققەت قىلىشى كېرەك. قايسى بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ دەپ بېرىشىچە، ئەمدى نەچچە ياشقا كىرگەن بىر بالىسى ئۆيگە بوۋىسى ۋە مومىسى كەلگەندە، « خېجىل» بولماي، ئاتىسىنىڭ يىنىغا كېلىۋېلىپ چۈچۈك تىللىرى بىلەن :« دادا، ئاپامنى سۈيە!، بايام ئاپامنى سۆيدۇڭغۇ!» -دەپتىكەن، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى چوڭلارنىڭ ئالدىدا ئاسمان يىراق، يەر قاتتىق بۇلۇپ، خېجىللىقتىن ئۆلەي دەپتۇ. يەنە بىر كۈنى چوڭلار يەنە كەپتۇ. بۇ بالا نېمە ئىش قىلىپتۇ، دېمەمسىلەر….. ئاپىسى ئىچ كىيىملىرىنى خالىغان جايغىلا قۇيۇپ قۇيۇپتىكەن، بۇ مەسۇم بالا ئاپىسىنىڭ باغىردىقىنى بېشىغا چىگىپ، جەڭچى بولدۇم دەپ چوڭلارنىڭ ئالدىغا يۈگرەپ چىققان گەپ… ۋاي، نومۇس، ۋاي ئۆلەي…. شۇنىڭدىن كىيىن، چوڭلار ئالدىراپ بالىلىرىنىڭ ئۆيىگە بارمايدىغان بوپتۇ…
    4. ھازىر كۆپىنچە ئائىلىلەردە يالغۇز پەرزەنت ياكى ئېىشىپ كەتسە ئىككى پەرزەنت بار. ماددىي شارائىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، بالىلاردا جاپالىق چىنىقىش ئەمەلىيىتى يوق دىيەرلىك. ھېچقانداق ئاتا-ئانا بالىسىنىڭ جاپا تارتىشىنى خالىمايدۇ، ئەلۋەتتە. ئەمما، بالىدا ئازدۇر-كۆپتۇر جاپا تەربىيىىسى ئېلىپ بارمىسا، باشقىلارغا تايىنىش پىسخىكىسى شەكىللىنىپ، پاراغەتنىلا كۆزلەيدىغان، ئۆز كۈچىگە تايانمايدىغان، مۇستەقىل پىكىر قىلالمايدىغان خاراكتىرى شەكىللىنىپ قالىدۇ. شۇڭا، ياخشى شارائىت يارىتىپ بېرىش بىلەن بىرگە، ئۇشبۇ شارائىتلارنىڭ جاپالىق ئارقا-كۆرۈنۈشلىرىنى ھېس قىلدۇرۇشى، بېشىدىن كەچۈرۈشكە پۇرسەت يارىتىشى ھەم جاپادىن كىيىنكى ھالاۋەتنىڭ تاتلىقلىقىنى تېتىتقۇزۇشى لازىم.
    5. بالىنى ئەركىن تەپەككۈر قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم. مەسىلەن، قىزىقىشىغا ھۆرمەت قىلىش، زىيادە بېسىم قىلماسلىق، روھىي-جىسمانىي جەھەتتىن تەڭشەشنى ئۆگىتىش قاتارلىقلار…

  4. ئايچىۋەر مۇنداق يازغان:

    ‹‹پەرزەنىتلىرىمىزگە ئاجرىتىلغان ۋاقتىمىزنىڭ ئۈنۈمى›› —-ئەڭ مۇھىم ھالقا مۇشۇ يەردە ھازىر . بالىلارنىڭ دۇنياسى شۇنچە قىزىقارلىق ، مۇرەككەپ ( تېز ئۆزگىرىدىغان ، دوراش ماھارىتىنىڭ يۇقۇرىلىقى ، ئىنكاسىنىڭ تېزلىكى ، چىرايىدىكى ئىپادە ….) بولىدىكەنكى ، دىققەت قىلمىساق ، بالا ئاتا- ئانىدىكى ئارتۇقچىلىقتىن بەكىرەك يېتەرسىزلىكنى ئاسان قوبۇل قىلىۋالىدىكەن . 27 ئايدىن بېرى ئوغلۇمدىن بىر كۈنمۇ ئايرىلىپ باقماي، ئۆزۈم مۇستەقىل بېقىپ كېلىۋاتىمەن (خىزمەتتىن ۋاقتىنچە توختاپ) بۇ جەرياندا ھېس قىلغانلىرىم بەك كۆپ بولدى . مەن بالىنى ئەمەس بالا مېنى بېقىۋاتقاندەكمۇ تۇيغۇدا بولۇپ قالىمەن بەزىدە . دېمەك ، بالىنى بېقىشتىن بەكىرەك قانداق تەربىيلەش تەس ئىشكەن . بالىنىڭ كىچىكىدە ئۆگەنگەن خۇيى – ئادىتىنى تاشلىمىقى تەس ، بىر ئىش قايتا تەكرارلىنىۋەرسە ئادەتكە ئايلىنىدۇ . يامان ئادەت بالىنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ، كېيىنچە مىجەز – خاراكتېرىگىچە سىڭىپ كىرىدۇ . ….. بۇ توغرىلىق يەنىمۇ تىرىشىۋاتىمەن ، بالىغا ئاجرىتىلغان ۋاقتىمنىڭ ئۈنۈمىنى كۆرۈش ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ بەدەللەرنى تۆلەيدىغاندەك قىلىمەن …..

  5. پاسىبان مۇنداق يازغان:

    بۇ تېمىنى كۆرۈپ تېخىمۇ تەشۋىشلەندىم. ئوغلۇم ئاللاھ خالىسا بۇ يىل 5 كە كىرىپ قالدى. لېكىن مۇشۇ 5 يىلنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمىدا مەن بىلەن بىرگە ياشىيالمىدى. خىزمەت سەۋەبىدىن ئايرىلىپ تۇرۇشقا مەجبۇر ئىدۇق. يېقىندىن بۇيان نېمىلا بولمىسۇن مەن بىلەن بىللە تۇرۇش لازىملىقىنى، ئائىلە كىشىلىرى قەيەردە بولسۇن بىللە بولۇش كېرەكلىكىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يەتتىم. بۇ تېمىلىرى ماڭا يەنە تۈرتكە بولدى… شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە يۇرتقا قايتىپ ئائىلەم بىلەن جەم بولغىلى بولغان بولسا …

  6. نۇھ مۇنداق يازغان:

    ئاتا – ئانىلارنى خىزمەت، ئۇنۋان ۋە ياكى قانداقتۇر ئۆزىمىز ياسىۋالغان قېلىپلار چۈشىۋالدى، بۇ چۈشەكلەردىن قانچە قۇتۇلىمىز دىسەك شۇنچە چىڭىپ كېتىۋاتىدۇ…شۇڭا ھاياتىمىزدا قايسى نەرسىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېقىمغا ئەمەس، يۈرىكىمىزگە قاراپ بەلگىلىسەك بولغۇدەك.

سەندىن باھا ، ئەلگە ساداباھالارنى كۆرۈپ بېقىش



باش سۈرەتنى قانداق تەڭشەيمەن؟